• 2009-01-01

    ئەنۋەر جۇلا)ئەركەكنىڭ خىسلىتى - [تور ئەدەبىياتى]

       ئەركەكنىڭ خىسلىتى

     

    (ئەنۋەر جۇلا)

    / g4 j- s( u9 d
    " ^( J" R- E# M9 ]1 J# [
         بۇندىن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرىكى تولىمۇ دېمىق،لېكىن ئاسماندا 15كۈنلۈك تولۇنئاي پارلاپ، سانساناقسىز يۇلتۇزلار جىمىرلاپ چىققان گۈزەل بىر ئايدىڭ كېچىدە، مەن ئۇيقۇم كەلمەي يوتقاندىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقتىم-دە، بۇ شەھەرنىڭ تىمتاسلىقىغا يالغۇزغىنە ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن كوچىغا چىقتىم. بۇ ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئۇيقۇم كەلمەسلىك سەۋەبىدىن يېرىم كېچىدە كوچىغا چىقىۋېلىپ سەيلى قىلىشىم ئىدى. چوڭ كوچىنىڭ چىراقلىرى تامام يورۇق بولۇپ، چىراق نۇرى يېتىپ بارالمايدىغان جايلارمۇ سۈتتەك ئايدىڭ بولغاچقا مېنى ئانچە سۈر بېسىپ كەتمىدى. پەقەت يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېگىز ئۆسكەن ئاپتاپپەرەسلەر ماڭا ئادەمدەك كۆرۈنۈپ كېتىپ پات-پات خۈدۈكسىرەپ، ئارقامغا قاراپ قوياتتىم. ئاسماندىكى چىرايلىق ئاي، تولىمۇ ئاستا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان بۇلۇت توپلىرى، ئاسماننىڭ ھەممە يېرىگە جاۋاھىراتتەك چېچىلغان يۇلتۇزلار گويا ئۇستا رەسسامنىڭ قولىدىن چىققان ماي بوياق رەسىمدەك گۈزەل ئىدى. ئۆي ئىچى دېمىق بولغان بىلەن بۇ يەردە كىچىككىنەبولسىمۇ شامال سوقۇپ تۇراتتى، بۇ قىزىپ كەتكەن تېنىمگە بىر خىل راھەت ئاتا قىلدى. مەن ئالدىمغا، ئىككى يېنىمغا پارچىلىنىپ چۈشكەن ۋىجىككىنە سايەمگە قاراپ قويۇپ  چوڭ يولنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ مېڭىپ كېتىۋەردىم. مەن مۇشۇنداق مېڭىپ سەلھارغانلىقىمنى ھىس قىلغاندا ئاندىن قايتىپ كەلمەكچى ئىدىم. ماڭە...ماڭە...خېلى ئۇزۇن ماڭغان بولساممۇ،قىلچە ھارغانلىقىمنى ھىس قىلمىدىم، ماڭغانچە كەيپىياتىم شۇنچە كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتاتتى. مەن كۆڭلۈمدە« ئادەم ئۇيقۇسى كەلمىگەندە يوتقاننىڭ بۈرجىكىنى چىشلەپ، يوتقاننى قۇچاقلاپ ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ قىينالغۇچە، مۇشۇنداق كوچىغا چىقىپ سەيلى قىلغانمۇ ياخشىكەنغۇ» دەپ ئويلاپ قېلىۋاتاتتىم .شۇنداق مېڭىپ مەن «بەخت يولى»،«دوستلۇق يولى»،« غالىبىيەت يولى»نى مېڭىپ بولۇپ،« ئۈمۈت يولى»غا قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە بىردىنلا جىمجىتلىق بۇزۇلدى، ئالاھىزەل بىر چاقىرىم يىراقلىقتىن بىر ئايالنىڭ «قۇتقۇزۇڭلار!» دەپ بىرلا چىرقىراپ ئۈنىنىڭ ئۆچكەنلىكىنى خېلى ئوچۇق ئاڭلاپ قالدىم. بۇ چاغدا يۈرىكىم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك ئەنسىز سوقۇپ، پۇت-قولۇمدا جان دېگەن نەرسە قالماي لاغىلداپ تىترەپ كەتتىم ...  مەن بىر تال تاماكا چېكىپ  ئۆزەمنى سەل بېسىۋالغاندىن كېيىن ئاۋاز چىققان ئەشۇ تەرەپكە بېرىپ بېقىش ياكى بارماي ئىشىمنى قىلىش ھەققىدە ئازراق ئويلاندىم. راستىنى دېگەندە، مەن خېلىلا قورقتۇم. چۈنكى، بىر ئايالنىڭ تولىمۇ ئەنسىز ھالدا قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىرىشى مەن ئۇ يەرگە بارسام ناھىيىتى خەتەرلىك نامەلۇم بىر ياكى بىرنەچچە يامان نىيەتلىك ئەبلەخ بىلەن ئېلىشىپ قېلىشىمدىن،ياكى خوتۇنىنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپ يەنە پۇخادىن چىقماي تالادا دۇمبالاپ ئۇرۇۋاتقان ھاراقكەش بىرسىگە يولۇقۇپ قېلىشىمدىن دېرەك بېرەتتى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، تىغدەك يالغۇز جېنىمغا ئۇ يەرگە يۈگرەپ بېرىش ماڭا ئامالسىز بىر ئىشتەك تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى، بىراق...بىراق مەن بەستلىك،بىر ئەركەكقۇ!ناۋادا ئۇ يەرگە بارمىسام، ئەتىسى بىر ئايال باشقىلار تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ جەسىتى چوڭ يولغا تاشلىۋېتىلىپتۇ،دېگەن گەپنى ئاڭلىسام بۇ ماڭا ئۆمۈر بويى پۇشايمان ئېلىپ كەلمەسمۇ؟! دېگەننىمۇ ئويلىدىم-دە، ئىچىمدىكى جىددىلىك ۋە ئىككىلىنىشلىنىشلەرنى غايەت زور كۈچ بىلەن بېسىۋېلىپ ئۇ تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم . مەن ھايال بولماي ئاۋاز مۇشۇ جايدىن چىققان دەپ پەرەز قىلغان بىر نۇقتىغا كېلىپ يۈگرەشتىن توختىدىم-دە، ئەتراپقا جىددىيلىك بىلەن نەزەر تاشلىدىم، لېكىن ئەتراپتا ئادەمنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. مەن ئورمان بەلۋىقىغا كىرىپ قويۇق ئۆسكەن سۈپۈرگىلەرنىڭ قېتىنى مالتىلىدىم، بىنالار ئارىسىدىكى يوچۇقلارغىمۇ سەپسالدىم،ئەمما ھېچنىمىنى بايقىمىدىم. مەن ئۆز سېزىمىمگە بەك ئىشىنەتتىم، بايا ئاۋاز مۇشۇ جايدىن چىققانلىقى بەك ئېنىق ئىدى. ئادەمدە بەزىدە خاتا سېزىم پەيدا بولۇپ قالىدۇ،بولۇپمۇ كېچىدە. ئۇ ئاۋاز مېنىڭ خاتا سېزىمىممىدۇ-يە؟ ياكى ئۇ ئايالنى نامەلۇم بىر ئەبلەخ ئاغزىنى لاتا بىلەن يۆگەپ يىراققا ئېلىپ كەتكەنمىدۇ؟،دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتىم . نىمىلا بولمىسۇن، بۇ يەردە ۋەقە چىققانلىقنىڭ بىرەر ئىزناسىنى بايقىيالمىدىم-دە،  50مېتىر دائىرىدىكى يەرنى بىر قۇر ئاختۇرۇۋېتىپ،ئاندىن بۇ يەردىن كەتمەكچى بولدۇم، ئارقامغا بۇيرۇلۇپ ماڭاي دەپ تۇرسام يەنە ئۇ ئاۋاز تولىمۇ زەئىپ ھالدا يېقىنلا بىرجايدىن ئاڭلاندى:  -قۇت....قۇزۇڭ....لار ! شۇ چاغدىلا مەن ئاۋاز چىققان تەرەپنىڭ ئېنىق جايىنى بىلدىم. ئۇ بىر ئىدارىنىڭ كىچىككىنە تارچۇقتىن كىرىدىغان ئائىلە قوروسى ئىدى. لېكىن قورونىڭ دەرۋازىسى قۇلپا بىلەن ئېتىۋېتىلگەن ئىدى . مەن  زەن سېلىپ يەردە قانغا  مىلىنىپ  ياتقان بىر  ئايالنى كۆردۈم ،قان جىق  چىققاچقىمىكىن ئايالنىڭ  بايام  مىنى  چۈچۈتۈپ  ،قاراڭغۇلۇق باغرىنى يارغان ئاۋازىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى .  پەرەزلىرىم يەنە  قاناتلانغىلى تۇردى -  بۇ ئايال بۇلاڭچىغا  ئۇچرىغان بۇلارمىدى ، ياق ئۇنداقمۇ  ئەمەس ، دەرۋازىسى  قۇلۇپلانغان  ئائىلىكلەر  قوراسى ئىچىگە  كىرىپ  بۇلاڭچىلىق قىلىدىغان قاپيۈرەكنىڭ بولۇشى  ناتايىن ، ئېرى بىلەن .... دېگەننى پەرەز قىلدىم. مەن پەرەزلىرىمنىڭ داۋامىنى قىلىشقا  ئۈلگۈرمەستىن  قورونىڭ دەرۋازىسىدىن سەكرەپ  چۈشتۈم-دە ،ئۇ ئايالنى يۈلىمەكچى بولدۇم . يول  چىراقلىرىنىڭ  يۇرىقىدىن تۇمۇر دەرۋازىغا  يۈلەنگىنىچە  زەئىپ ئىڭراپ  بىچارىلەرچە  تۇرغان ئايالنىڭ  يۇتا قىسمىنىڭ  زەخمىلەنگىنى  ئېنىق  بىلىندى . ئايالنىڭ  ئۈمۈت ھەم ئەنسىزچىلىك  قاپلىغان ئاۋازىدىن    <<مىنى قۇتقۇزۋىلىڭ ،  ئۇ مىنى  ئۆلتۈرۋىتىدۇ ...>>  دىگەن  نالە تىترەپ   تۇراتتى   ،ئايالنى يۆلۈدۈم . ئەمما  بۇ دەرۋازىنى  قانداق ئېچىش كېرەك ؟ بۇ دەرۋازىنىڭ ئاچقۇچى كىمدە بۇلىشى مۈمكىن ؟  دىگەندەك  قانداق قىلىشنىڭ  ئامالىنى ئويلاپ بولغۇچە  ،ئارقىمدىن  نەق كاسسامغا  تەككەن بىر  تىپىكتىن دەرۋازىغىلا يۆلىنىپ  قالدىم ،  چاققانلىق بىلەن تېز ئۆرىلگىنىم ئۈچۈن ھېلىقى  ئادەمنىڭ  ئىككىنچى قېتىم ئاتقان  پەشۋاسى  تۈمۈر  دەرۋازىغا   تىگىپ  ،پۇتى رىشاتكاغا  قىسىلىپ قالدى  ، ئۇ دەرۋازىغا  قىسىلىپ  قالغان پۇتىنى تەستە ئاجراتتى-دە ،  ئۆزىنى ئوڭشاپلا
    8 t- f% ~% P1 d5 `; b  ]4 X) Zwww.berqi.comماڭا  يەنە ئېتىلدى -ئاناڭنى، يەنە  ماراپ  كەلگەنمۇ  بۇ يەرگە ،  مانا تۇيە...تۇيۇقسىز  مەيدەمگە  قاتتىق تەگكەن تېپىكتىن  ئارقامغا   قاڭقىپ  كەتتىم.  دىمەك،  دەسلەپكى پەرىزىم توغرا  بولغاندەك قىلاتتى .  بۇ ئادەم  ھازىرقى ئەپتىدە  چۈشەندۈرۈشۈمگىمۇ قۇلاق سالىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ،  شۇڭا  ئارتۇق گەپنى قۇيۇپ ،قانسىراپ،  بارغانچە   ھالىدىن كەتكىلىۋاتقان ئايالنى قۇتقۇزۋىلاي دەپ ئويلىدىم-دە ، ئەرگە قاراپ:-سىز خاتا  چۈشەندىڭىز  ئاكا ، بۇ ئايال كىم،  سىز كىم مەن بىلمەيمەن ،  ھازىر  جىق  گەپمۇ قىلىشمايلى بۇ ئايال قانسىراپ  ئۈلۈپ كەتمىسۇن ، دوختۇرغا  ئاپى ....  سۆزۈمنىڭ ئاخىرى چىقماستىن  تەككەن بىر كاچات بىلەن  دەلدەڭشىپ تامغا يۆلۈنۈپ قالدىم ،  ئاڭغىچە  ئايالنىڭ   «ئاچقۇچ ...ئاچقۇچ ...»دەپ ئەرگە  نالە قىلىپ  قول ئۇزاتقانلىغىنى  بايقىدىم دە  ،بۇ دەرۋازىنىڭ  ئاچقۇچى بۇ ئەردە  باركەن دەپ  پەرەز قىلىپ بولغۇچە ،ئاچچىقى يېنىش تۈگۈل  تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ كەتكەن ئەر ئايالنىڭ چېچىنى  قاماللاپ تۇتۇپ دەھشەتلىك  ئاۋازدا :-ۋۇ ،پاسكىنا  رەسۋا ،نىمە ئاچقۇچ ،ھەي ئىپلاس  مەن كىم ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن ،كۈندۈزى ئىدارىدە  ئىشلەپ  ئاخشىمى  بۇ قورونىڭ دەرۋازىسىنى  بېقىشىم كىم ئۈچۈن ،  سۈمەييەنى  مەكتەپتە بويۇن قىسىپ  قالمىسۇن دېمىسەم ،بۇنچە جاپانى ماڭا نىمە قويدى ،  ئىپلاس پەسەندى ، سەن  پاسكىنا  قوينۇڭغا بۇ  نىجىسنى سۇلاپ  ياتقاندا  نىمىنى ئويلىغان ؟ ھەي خۇدا،  مەن پۇل ئۈچۈن بۇ دەرۋازىنى بېقىپتىمەن ، بۇ قورودىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپتىمەن ،ئاقىۋەت ئوغرى مىنىڭ ئۈيۈمگە چۈشتىمۇ  ؟ --ئەر  ئىڭراپ، ھۇشسىزلىناي دەپ  قالغان ئايالنى  تېپىپ ،كاچاتلىرىغا  رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇراتتى ، دېمەك ئىش ئەمدى پۈتۈنلەي ئايدىڭلاشقان ئىدى .  مەن بايامقى تىپىكتىن تېخىچە ئەسلىنى  تېپىپ بۇلالمىغان مەيدەمنى قاماللىغانچە ،  قان سىرغىپ چۈشىۋاتقان جاۋغىيىمنى سۈرتۈپ  ئۇ ئەرگە يېلىنىش ئۈچۈن  يىقىنلاشتىم :-ئاكا  قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرايلى،ئايالىڭىز ئۈلۈپ قالسا  سىزگىمۇ ياخشى كۈن يوق ،  تېز  دەرۋازىنى ئېچىۋىتىڭ،-سۆزلىرىمنىڭ ئاخىرى  ئۇنىڭ   ئاھانەتلىك ھاقارەتلىرى بىلەن  غايىپ بولدى:-نىمە ئاچقۇچ ھەي زىناخور ئىپلاس!  بۇ يەردىن قاچىمەن   دەپ ئويلاپ قالدىڭما؟  ئەمدى  ئەجىلىڭ توشتى، زىناخورنىڭ   قانداق ئاقىۋەتكە  قالىدىغىننى ھېلى  كۆرىسەن. دەل شۇ چاغدا  يولدا بىر ماشىنا توختىدى -دە،  4ئەر  ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشتى ،مەن ئۇلارغا  ئۈمۈت  بىلەن  قارىدىم ،لىكىن ئويلىمىغاندا  ئايال  ئازراق ئورنىدىن قىمىرلاپ  ئېرىنىڭ  پاچىقىغا  ئېسىلدى-دە:- تۇرسۇن خوش بۇلاي ،ئۇنداق قىلما ، ئىشنى چوڭايتىۋەتمە ،  قىزىمىزنىڭ يۈزىنى قىل ،ئۇكىلىرىڭنى  بۇ ئىشقا چېتىۋالما  ،بۇ بالىنى مەن راسلا تۇنىمايمەن .... چېچىدىن قاماللاپ ئەسكى چاپاننى تاشلىغاندەك  تام تەرەپكە  تاشلانغان ئايالنىڭ  كېيىنكى سۆزى ئاغزىدىلا  قالدى ،  ھېلىقىلار   دەرۋازىنىڭ  تۈۋىگە  كېلىشىگە  ، ئەر دەرۋازىنى ئاچقۇچ بىلەن شاراقشىتىپ ئېچىۋەتتى،  شۇ چاغدىلا  بۇ  كىشىلەرنىڭ  زىناخورلارنى تۇتقان ئاكىسىغا   ياردەم قىلغىلى كەلگەن ئىنىلىرى  ئىكەنلىكىنى   بىلدىم.  دىمەك ئەمدى مىنىڭ تەغدىرىممۇ  بۇ ئايالدىنمۇ  بەتتەر  بۇلىدىغىنىدىن گۇمان قىلمىدىم ، ئۇلار دەرۋازىدىن  كىرگەن پېتى  مىنى  ئۇرۇپ دەسسەپ ئىنتىقام ئېلىشنى باشلىۋەتتى .  مېنىڭ  ھازىر  قىلالايدىغىنىم ھىچ بولمىسا  ئۇلارنى بۇ ئايالغا  ئازراق رەھىم قىلىپ  دوختۇرخانىغا  ئاپىرىشىنى  تىلىۋىلىش ئىدى .  كىم بىلدى  بۇلارنىڭ ئەلپازى يامان، قوللىرى ئۇزاقنىڭ ياقى بىكار مۇش ئاتىدىغان يەرنى تاپالماي  قالغانلاردەك  ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىمگە  تېپىپ دەسەپ ،ھەتتا  مۇش پەشۋالىرى قاڭقىپ كىتىپ ئۆزلىرىگىمۇ تىگىپ كېتىۋاتاتتى ،  مەن    بېشىم ساق قالسۇن  ،قالغان يىرىمگە ئۇرساڭلار  مەيلى ،دەپ ، كىرپىچىلاپ  تۈگۈلۈپ  قېلىشنىلا بىلدىم.  <<مۇش يامغۇر>>  <<  پەشۋا يامغۇر>>  دەپ  ئاڭلىغان ،ئەممە  كۈرۈپ  باقماپتىكەنمەن ،  خەقنى ئۇرۇپ  يىقىتقان  ۋاقلىرىم بولغان ئەمما  بۇنداق<<ئوپچى مۇش>>  يەپ  باقماپتىكەنمەن .  ھەي، ئۈيۈمدىكى  كارۋىتىم  ،ھۇزۇرلۇق  يوتقىنىم ، ئۇيقۇ كەلمىسە خىيالنىڭ پەپىلەشلىرى يەتمىگەندەك ،  ھاۋا يەيمەن ، ئايلىنىمەن دەپ  چىقاندىكىن ماڭا ئاز ،  يىگەن  ھاۋارىمدىن جىقراق مۇش پەشۋا يىدىم دىسە ،   يېرىم كېچىدە  يىگەن ھاۋاغا  كەلگەن باجمۇ يا بۇ ، تاياقتىن قۇتۇلالمىغاندىكىن مۇشۇنداق جىم تۇرۇپ بەرمەي  نىمە  ئامال؟ ئوغول بالا ئەركەك ۋايجان ۋاييەي ،  قۇتقۇزۇڭلار دەپ يېلىنسا نۇمۇس.. ...مىنىڭ  تاياق ئۆتمىگەندەك ۋايسىماي تۇرۇشۇم ئۇلارنىڭ  ئوغىسىنى تېخىمۇ قاينىتىۋەتكەن چېغى، دېمىسىمۇ،  تۆت  ئەر  ،بىر ئادەمنى ئۇرۇپ دەسسەپ  ۋايجان دېگۈزەلمىسە نۇمۇس-تە!    4 y2 j6 s: q' }( G/ D8 M
    بەرقى مۇنبىرى0 g; v8 u8 e/ ~8 J( b
    تۇيۇقسىز  ئۇلار   ئۇرۇشتىن توختىدى- دە  ئارىسىدىن بىرى:-سالە بۇ گۇينىڭ ئىشتىىننى  ،جىم ياتقۇزمىغان بىرنېمىسنى  كىسىپلىۋېتەيلى،-دەپ قالدى .
    6 E& U8 z( T1 U" p) ]/ x! twww.berqi.com' H4 u  I# M- p* _% s* Y" L( C
    «  ئاھ  خۇدا! ئالە شەرىڭنى ،  ئەمدى قانداق  قىلىش كېرەك؟ »مەن شۇ زامات  نىجاتلىق تىلەپ  ئىككى يېنىمغا ھەم ئۇ ئايالغا ئىلتىجا بىلەن قارىدىم. ھازىر  ئۇ ئايالنىڭ جىڭغا  باسقىدەك بىر  گۇۋالىق سۆزى بىلەن مىنىڭ ئاشنىسىنىڭ  مەن ئەمەسلىكىمنى ئىسپاتلاپ  بەرسە دىگەن ئۈمۈتتە ئىدىم . باياتىندىن بېرى ئۆز تايىقىمنىڭ  تەمى بىلەن بوپ كېتىپ  ئۇ ئايالغىمۇ  قاراشقا  پېتىنالمىغان ئىدىم ، ئايال  بەك قانسىراپ كېتىپتۇ ، ئۇمۇ يەتمىگەندەك يېگەن تاياقتا ئۇمۇ تەييارلا بولۇپ قالغان ئىدى . شۇڭا  ئۇنىڭدىن  باشقا  ئۈمۈت  كۈتۈشتىن ئۈمۈتنىمۇ ئۈزدۈمدە  ، مېنى كومباڭشىتىپ ئۇرۇۋاتقانلارغا  يالۋۇرۇشقا باشلىدىم . ئەمما  ئۇلار سۆزۈمگە قۇلاق سالىدىغاندەك ئەلپازى يوق ئىدى. مەن ئاخىرى بۇلالماي ئەسەبىيلەرچە ۋاقىراپ  كەتتىم ،  ئويلاپ باقسام بۇ  ھاياتىمدا   تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق  قورقۇش ھەم  ئەنسىزچىلىك ئىچىدە ۋارقىرىشىم ئىكەن . مىڭ تىركەشكىنىم بىلەن  ئىشتىنىم سېلىندى ،  توۋا  شۇنچە  ۋاراڭ چۇرۇڭ  بوپ كەتسىمۇ  بۇ قورادا  بىرەر خەق چىقىپ  قويمىدى دىسە...قانداق ئىدارە،قانداق كىشىلەر بۇ...  ئەمدى جان يېرىم كېسىلىپ  كېتەرمۇ ؟  ياققققققق ،مەن يۇلقۇنۇپ ۋارقىرايتتىم ،  ئىچىمدە   بىردەم مەن  تاياقنى  ئۆتنە ئېلىپ  يەۋاتقان ئاشناخۇننى  تىللىسام، بىردەم  ھويلىسىنى بۇ قاتىل چىرايغا  باققلى بىرىپ  ،جاھان ئۆڭتۈرلۈپ  كەتسىمۇ بىرسى چىقىپ  قويمىغان ، ئىنساپسىز ، توخۇ يۈرەكلەرگە غەزەپلىنەتتى.  يالت - يۇلت  قىلىپ پارقىرىغان پىچاق تۇتقان  ئەر  ،  بۇلار   كېسىپ  تاشلاشقا  تەييار  قىلىپ  تۇتۇپ  تۇرغان يېرىمگە  قول ئۇزاتتى .....  پۈتكۈل  جاھان  ئاستىن- ئۈستۈن بولغاندەك  ،  پىنھانىمدا   ئامالسىزلىقتا تىپىرلاپ  قالغان ئاھىم  غەزەپ  بىلەن  يۇلقاندى ،   ئاھ! خۇدا  ....  مەن توختىماي  نالە  قىلاتتىم -توختا ، قۇلۇڭنى تارت ! !!    تۇيۇقسىز  ئاڭلانغان  ئاۋازدىن  ھەمىسى  جىم بۇلۇشتى ، بايىدىن بېرى  جان تالاشقاندەك ياتقان ھېلىقى ئايال مادارىنى  يىغىپ دەرۋازىغا  يۈلەنگىنىچە  تۇراتتى ، قالغانلار بۇنىڭدىن چۆچۈش ۋە ھەيرانلىق ھىس قىلىپ،  ئۇ ئايالنىڭ يەنە نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باققۇسى  باردەك ، ھەرىكىتىنى توختۇتۇپ ئۇنىڭغا قارىدى -توختى ،ئۇ ئەمەس،  ماڭا ئىشەن ، بايام  بالىكۇندىن قېچىپ  كەتكەن ، سېنىڭ ئىدارەڭدىكى  ئەركىن ..  ئەمما توختى ماڭا  ئىشەن ،  مەن  پاك   ...سەن يەنە ئەخماقلىق قىلساڭ  ئۆمۈرلۈك  پۇشايماندا قالىسەن ....ئايال بۇ قېتىم  راستلا يىقىلدى ..گويا مەڭگۈ  قوپالمايدىغاندەك ..ئاڭغىچە  دەرۋازا تۈۋىدە  پەيدا  بولغان  شەھەرنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرىنى كۈزۈم خىرە  ئىلغا  قىلدى -دە، دەرۋازىنىڭ تۆمۈرىنى تۇتقىنىمچە يەرگە سىيرىلىپ چۈشتۈم .دوختۇرخانىدا  3كۈن ياتتىم،  ياتاققا  مېنى ئۇرغان ھېلىقى كىشىلەر يوقلاپ كىرىپ تۇردى، چىرايىدا شۇنچە خىجىللىق. مەن ئىدارەمدىكىلەرگە موتوسىكىلىتتىن يىقىلىپ چۈشتۈم دەپ يالغان سۆزلەپ رۇخسەت سورىدىم. ئۇلار شۇنچە خىجىللىق ئىچىدە ئۇ كۈنىدىكى جېدەلنىڭ سەۋەبىنى ماڭا مۇنداق سۆزلەپ بەردى. ئەسلىدە بۇ ئىشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا دەرۋازىۋەن تۇرسۇننىڭ يېقىن ئاغىينىسى، خىزمەتدىشى ئەركىن سەۋەپچى بولغان ئىكەن، ئۇ شۇ كۈنى ئازراق مەسچىلىكتە تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە كىرىپ تۇرسۇننىڭ ئايالىغا پوخۇرلۇق قىلىدۇ، تۇرسۇننىڭ ئايالى ئەركىننىڭ پوخۇرلۇق قىلىشىغا تىغمۇ-تىغ قارشى تۇرىدۇ-يۇ، بۇ ئىشنى داۋراڭ قىلىپ ۋارقىراشتىن نومۇس قىلىپ ئۇنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ تاقابىل تۇرۇۋاتقاندا تۇرسۇن ئىشىكنى ئېچىش  ئۈچۈن سىرتىدىن مۇشتلايدۇ...بۇ چاغدا ئەركىن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ ياتاق ئۆينىڭ بالكۇنىدىن سەكرەپ قاچىدۇ. تۇرسۇن ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئايالىنىڭ ئۈزۈلگەن تۈگمىسى ۋە قىزىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ بىنورماللىق ھىس قىلىدۇ-دە، ئۇنى سوراپ تۇرىشىغا بالكۇندىن «گۈپ» قىلىپ سەكرىگەن ئاۋازنى ئاڭلايدۇ...شۇنىڭ بىلەن تۇرسۇن تالاغا چىقىپ ئۇ ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن قوغلايمەن دەپ بولغۇچە،ئۇ نامەلۇم ئادەم ئاللىقاچان كۆزدىن غايىپ بولغان...بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن تۇرسۇن ئەركىننىڭ ئۆز ئاغزىدىن بۇ ئىشنىڭ جەريانىنى ئۇنىڭ تازا ۋايجىنىنى چىقىرىپ تۇرۇپ ئالىدۇ ھەمدە ئايالىدىن كەچۈرۈم سوراپ ئەپلىشىپ قالىدۇ . ئۇنىڭ ئايالىمۇ مەن ياتقان ياتاقنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ياتاقتا ئىكەن، ئەمما مەن ئۇنىڭ ماڭا مىننەتدارلىق بىلەن قارىشىدىن خىجىل بولۇپ ئۇنى يوقلاپ كىرمىدىم .  مەن ئۆمرۈمدە تاياق يىيىشنىڭ ئازاپلىق ئىشلا ئەمەس،ۋاقتى كەلگەندە تولىمۇ ھوزۇرلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ھىس قىلدىم، ياتاقتىن چىقىدىغان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ رەسمىيەتنى بىز ئۆتەيلى دەپ ئۆتۈنىشىگە قۇلاق سالماي شۇنداق ھوزۇرلۇق بىر كەيپىياتتا دوختۇر پۇلىنى تۆلەپ چىقىپ كەتتىم. مەن ماڭىدىغان چاغدا  ئالەمچە خىجىللىق،ھۆرمەت ۋەمىننەتدارلىق سەۋەبىدىن ياش لىغىرلاپ قالغان بىرنەچچە جۈپ كۆز مېنى ئۇزۇتۇپ قويدى- q* M9 X( r( D( @3 S