• 2008-12-30

    ئەڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋەت - [تەرمىلەر]

    ئەڭ  مۇرەككەپ مۇناسىۋەت

    بىر يىگىت روھى كىسەللىك دوختۇرىغا كۆرۈنۈپتۇ، دوختۇر ئۇيىگىتتىن نىمە ئەھۋاللىقىنى سوراپتۇ،يىگىت:
    -قاراڭ،مەن بىر چوڭ قىزى بار بىر ئايالنى خوتۇنلۇققا ئالدىم ، دادام بولسا مەن ئالغان ئايالنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالدى،شۇنداق قىلىپ مەن دادامنىڭ قېينئاتسى بولۇپ قالدىم.مىنىڭ ئايالىم دادامنىڭ قىينانسى بولۇپ قالدى،دادامنىڭ ئايالى بولسا مىنىڭ قىزىم ھەم مىنىڭ ئۆگەي ئاپام بولۇپ قالدى، ئۆگەي ئاپام بىر ئوغۇل تۇغدى،مەن بالىنىڭ ئاتا بىر ئانا بۆلەك ئاكىسى بولۇپ قالدىم،مىنىڭ ئايالىم بولسا ئىنىمنىڭ مومىسى بولۇپ قالدى،كىيىن مەنمۇ بىر بالىلىق بولدۇم،ئۇ دادامنىڭ ئايالىنىڭ ئاپا بىر ئاتا باشقا ئىنىسى بولۇپ قالدى، ھەم دادامنىڭ ئاتا بۆلەك ئانا باشقا ئىنىسى بولۇپ قالدى، ھەم شۇنداقلا دادامنىڭ نەۋرىسى بولۇپ قالدى، دادام ھەرقېتىم مىنىڭ بالام توغرۇلۇق سۆزلىگەن چاغدا ئۇنى ئۇكام دەيدۇ(ئەسىلىدە نەۋرىسىدە)،مىنىڭ بالام ئۆزىنىڭ ئاپا بىر ئاتا باشقا ھەدىسىنى موما دەپ چاقىرىدۇ، مەن ھازىر ئۆگەي ئاپامنىڭ ئۆگەي دادىسى، ھەم نەۋرەمنىڭ ئاتا بىر ئاتا باشقا ئاكىسى، مىنىڭ ئاپام ئۆزىنىڭ كۈ يئوغلىنىڭ كىلىنى،نەۋرىسىنىڭ ھەدىسى،شۇڭا مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ زادى ئۆزۈمنىڭ بوۋىسىمۇ ياكى ئىنىمنىڭ دادىسىمۇ ۋەياكى بالامنىڭ جىيەنىمۇ بىلەلمەي قالدىم، چۈنكى مىنىڭ بالام مىنىڭ ئۆگەي قىزىم يەنى مىنىڭ ئۆگەي ئاپامىنىڭ ئىنىسى ئەمەسمۇ، ئۆي ئىچى مۇشۇنداق قالايمىقان تۇرسا  ،مەن ساراڭ بولماي نىمە بولىمەن!!!!
    دوختۇر ئىلىشىپ قالغىلى ئاز قاپتۇ!!!!!