• 2008-12-30

    بىر قىز بىلەن يىگىتنىڭ مۇھەببەت تارىخى

    مەن بۇ ھېكايىنى ئىككىمىزنىڭ تونۇشقان ۋاقتىدىن باشلاپ سۆزلىمەكچىمەن. مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا3-يىللىقتا ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىم بولۇپ(2004-يىلى10-ئايدا) ،ئادەتتە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلادا تىك-تاك توپ ئويناشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم،شۇ جەرياندا ماڭا ئوخشاش تىك-تاك توپقا قىزىقىدىغان،مەندىن بىر قارار تۆۋەن يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم.ئۇنىڭ ئىسمى ئالىيە بولۇپ ئۇمۇ تىك-تاك توپنى ناھايىتى ياخشى ئوينايتتى.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىز بارابارا چىقىشىپ قالدۇق.كۈندە دېگۈدەك بىللە توپ ئوينايتتۇق.شۇ تەرىقىدە بىر يىل ۋاقىت ئۆتتى،بىز ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتتۇق.2005-يىلى6-ئايدا مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى لاياقەتلىك بېرىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتىغا قۇبۇل قىلىندىم.بىز تاكى مەن ئۈرۈمچىگە ماڭغان كۈنگىچە ئالاقىلىشىپ تۇردۇق.ئۇ مەندىن بىر قارار تۆۋەن ئوقۇيدىغان بولغاچقا،مەن ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان يىلى ئالىيە ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىغا چىققان ئىدى.مەن ئۈرۈمچىگە(شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتىغا)كەلگەندىن كېيىن ئالىيە بىلەن بولغان ئالاقەم پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى.چۈنكى ئالىيەنىڭ ئۆيىدە تېلىفۇن يوق ئىدى،يۇرتتىكى ۋاقتىمىزدا ئالىيە ۋاقىت چىقىرىپ ماڭا تېلفۇن قىلاتتى.ئالىي مەكتەپكە يېڭى قەدەم باسقان بۇ چاغلىرىمدا مەن ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى ئويلىغان بولساممۇ،بىرىنچىدىن مېنىڭ خەت يازغىدەك ۋاقتىم ئىنتايىن ئاز ئىدى،ئىككىنچىدىن ئالىيەمۇ تۇلۇق 3-يىللىققا چىقىپ قالغان بولغاچقا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلمىسا بولايدۇ.مېنىڭ خېتىم ئۇنىڭغا تەگسەئۇمۇ ماڭا چوقۇم جاۋاب خەت يازىدۇ ،شۇندىلا ئۇنىڭمۇ بىرمۇنچە ۋاقتى ئىسراپ بولىدۇ،دېگەنلىك.شۇنىڭ بىلەن مەن خەت يازمىدىم.تورداشلار بىلەمسىلەنكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئۈچ مەكتەپ رايونىغا بۆلۈنگەن ،مەركىزى مەكتەپ رايونى ،شىمالى مەكتەپ رايونى ۋە جەنۇبىي مەكتەپ رايونى قاتارلىق.يېڭى كەلگەن ساۋاقداشلار شىمالىي مەكتەپ رايونىدا(ئۈرۈمچى شىمالىي دوستلۇق يولىدا) بىر يىل تەييارلىقتا ئوقۇيدۇ.جۈملىدىن مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.شۇنداق قىلىپ ئالاقىمىز توپتوغرا بىر يىل ئۈزۈلۈپ قالدى.بىريىلدىن كېيىن بىز مەركىزى مەكتەپ رايونىغا (غالبىيەت يولى)يۆتكەلدۇق،تەتىلگىمۇ قايتتۇق،ئەمما تەتىلدە ئالىيە ماڭا بىر قېتىممۇ تېلفۇن قىلمىدى ياكى كوچىدا بىرەر قېتىممۇ ئۇچرىمىدى،مەنمۇ ئۇنى ئىزدەپ يۈرمىدىم،تەتىلدىن قايتىپ مەكتەپكىمۇ يىغىلدۇق(مەركىزى مەكتەپ رايونىغا) . مەن بىر شەنبە كۈنى(2006-يىلى 9-ئايدا) دوستلىرىم بىلەن بىللە ،شىمالىي مەكتەپ رايونىدا قېلىپ ئوقۇۋاتقان دوستلىرىمىزنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن،ئۇ يەرگە باردۇق. خۇدايا توۋا!!!!!!!!!!! دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قېلىش بولامدۇ؟؟؟؟؟؟ مەكتەپكە قايتاشىمىزدا شىمالىي مەكتەپ رايونىنىڭ ئاشخانىسى ئالدىدا ئويلىمىغان يەردىن .......................................................