• 2008-12-14

    ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شىنجاڭ مەدەنيىتى ژۇرنىلىدىكى«يېڭى ئىدىيە جۆيلىمىسى»نى كۆرگەندىن كېيىن

    ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شىنجاڭ مەدەنيىتى ژۇرنىلىدىكى«يېڭى ئىدىيە جۆيلىمىسى»نى كۆرگەندىن كېيىن يېڭى مۇنبەر جۆيلىمىسى؛ خۇتۇنپۇرۇش ئەركەكلەر جىق بولغاچ،مۇلاھىزە خاراكتىردىكى تېمىلار بىر چەتتە يىتىرقاپ قالغان،قۇشاقچى،زۇۋاندار قىز-چوكانلارنىڭ مۇنبەردىكى بازىرى ئىتتىك. شېئىرنىڭ نىمىلىكىنى ئوقمايدىغان.پەقەت ۋە پەقەت قاپىيە كەلسىلا،بۇغۇم سانىغا بارماق تۇشسىلا شېئىر دەپ چۈشىندىغان بىچارىلەرنىڭ كۆپلىكى سەۋەپلىك توردىكى ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ سەۋىيىسى پۈچەك. گۇپپاڭچىلىق،ئىناقلىق گۈلزارىنى چەيلەشكە خۇمار ئەقلى مىيىپ زامانداشلېرىمىزنىڭ كۆپلىكىدىن يېڭى ئىدىيە-پىكىرلەر،ئۆزگىچە قاراشلارنى بۇغۇپ تاشلايدىغانلار قەدەمدە بىر ئۈچىراپ،ئادەمنى مەيۈسلۈك دېڭىزىغا غەرىق ئىتىۋىتىدۇ. زەردار ئەرلەر سىرتتا سودسى ۋە ئاشنىللىرى بىلەن ئالدىراش ، ئايلىقچى ئەرلەرنىڭ مۇئاشى سىرتتىكى رەڭلىك سورىنى بىلەن ،قىمارغا سالغان دەسمايىسىدىن ئاشمىغاچ ، ئۇلارنىڭ قاغجىرغان بىچارە ئاياللىرى توردىن ئۈزىگە تەسەللى ئىزدەپ كوت-كوت ئارقىلىق روھى بېسمىنى ئازايتىشقا ،ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ رەڭلىك تۇيغۇلارغا خۇمار بۇلۇپ قالغان.شۇ سەۋەپتىن ئەسەبىي ئىستەكلېرى غالجىرلىشىشقا يۈزلەنگەن. ئىسلام دىنىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان،ھەقىقى ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان بىر تۈركۈم بىچارىلەر توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيادا پو ئېتىپ يۇرگەن بىلەن،توردىن ئايرىلسىلا 10 زىخ كاۋاپ بىلەن بىر پوتۇلكا ھاراقنى تىكلەپ مەنىۋىيىتىنى بىيىتىشقا خۇشتار. ئەركەكلېرىمىزنىڭ بىچارىلىكى شۇ قەدەر ئىچىنىشلىقكى،ئائىلىسىدە ئاتا-ئانىسى،خۇتۇن-سىڭلىسىغا توڭ تىگەلسىمۇ،دادام كۆرمىگەن مەۋھوم دۇنيادىكى خۇتۇنلار ئالدىغا تىزلىنىشقا كۈنۈپ كەتكەن. قۇلچىلىق ئىدىيىسى مىڭىسىدە تامغىدەك قىتىپ قالغان بىر تۈركۈم ھاماقەتلەر ئىدارىسىدە خوش-خوشتىن باشقىغا يارىمىسىمۇ،تور دۇنياسىدا كىچىككىنە«ئەمەل»گە ئېرىشۋىلىپ،ئۆزىگە تەمەننا ئەيلەپ گىدىيىپ يۇرىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ قانداق ھالەتتىكى مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىنىق ھېس قىلالمىغان بەزى نائەھلىلەر،ئاففاق خۇجىدىن قالغان يۇرتۋازلىق ئىللەتلېرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ«مۇنبەرۋاز»لىق ھالىتىگە ئۆتتى. ھەقىقى مەنىدىكى دېمۇگىراتىيىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغانلار كۆپ بولغاچ،مۇنبەرلەردە شەخىسنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە خالىغانچە تاجاۋۇز قىلىش ئوموملۇشۇپ قالغان. ئۇيۇشۇش،ئىناقلىق كەيپىياتنى جانلاندۇرۇشنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن رەزگىلار كۆپ بولغاچ،نەچچە قۇتۇپقا بۆلىنىپ بىر-بىرىنى ئەيىپلەپ تىل-ھاقارەت،دەشنام ئارقىلىق روھى لەززەت ھېس قىلماقتا. مۇنبەرلەردە مېڭىسى قاسماقلىشىپ كەتكەن«ئاپتور»لار كۆپ بولغاچ،ئىنكاس سەدىقىسى تەمە قىلغاچ ئۆزىنىڭ تېمىسىغا ئۆزى توختىماي ئىنكاس يېزىپ كۈنۈپ كەتكەن. ئىلمى مۇنازىرىنى چۈشەنمەيدىغان«كىچىك بالىلار»كۆپ بولغاچ،ئۆزگىچە قاراشلارغا ھۇدۇقۇپ كېتىدىغان بىچارىلەر سامان نەرىقىدە كۆپ بولماقتا. جۇغراپىيىلىك بىكىنمىچىلىك ھالىتىمىز مەۋھوم تۇر دۇنياسىمۇ ئۆز رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرماقتا. ئەقىدە-ئېتىقادنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنمەيدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بىر كۈن داڭ ئۇرسا،بىر كۈن راھىپ بۇلۇپ دۇمىلاپ يۈرمەكتە. چوخچۇلغۇچنى قولىغا ئىلىۋالغان ئەقلى دەلدۇشلەرنىڭ كاساپىتىدىن،تور دۇنياسىدا غەيۋەت قىلمىغان مەشھورلېرىمىز قالمىدى. جەمئىيەتتىكى«تۇنۇش ئادەملەر جەمئىيىتى»مۇنبەرلەردىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپماقتا. ئۇيغۇرلاردىن تەبىئىي پەنگە قىزىقىدىغانلار يوق دىيەرلىك بولغاچ،بىر تال يىڭنە چاغلىق نەرسىنى مۇستەقىل ياسىيالمايمىز.ئەمما ئېغىزدا شەھەر ئالدىغان نوچىلار قەدەمدە بىر ئۇچىرايدۇ. مۇنبەرلەردە«ھەقىقەتچى»لەر كۆپ بولسىمۇ،تورداشلار يىغىلىشلېرىدا كەيىپ-ساپالىق سورۇنلار كۆپ،لىكىن بىر سوم پىلانىدەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى قوللايدىغانلار بەكمۇ ئاز. تەپەككۈرمىزنىڭ قاتماللىقىدىن ئىجادى ئەسەرلەر ئاز،ئەمما كۆچۈرۈلمە تېمىلار كۆچىدىكى دورا ئېلانلېرىدەك مۇنبەرلەرنى قاپلاپ كەتكەن. مۇنبەرلەرگە قاراپ ئەدەبىياتچلارنى خېلى كۆپمىكىن دىسەم،كىتاپخانا ۋە كۈتۈپخانىلار چۈلدەرەپ قالغان.شۇ سەۋەپتىن ئىسىل كىتاپلارنىڭمۇ تىراژى 3000(ئۈچ مىڭ)دىن ئاشمايدۇ. ئۆزىنى كۆرسىتىشكە خۇشتار كىشىلەر كۆپ بولغاچ،ئۆزگىنى ياراتمايدۇ،شۇ سەۋەپتىن ئىدىيىسى قىر ئاشالماس ھالەتتە. مۇنبەرلەردە كىشىنىڭ ئىدىيىسىگە ئەمەس،تەرجىمھالى ۋە خۇسوسى تۇرمۇشىغا قىزىقىدىغانلار كۆپ. ئەركەكلەرنىڭ شاللاقلىقى بىلەن ئاياللارنىڭ غالجىرلىقى تور دۇنياسىدىمۇ تەرەققى قىلماقتا. پىلانسىز،نىشانسىز تورغا كىردىغانلارنىڭ كۆپلىكىگە ئوڭ تاناسىپ ھالەتتە،«تور»غا چۈشۈپ قالدىغانلارنىڭمۇ سانى ئاشماقتا. تور خۇراپاتلىقى بىزدە ئېغىر بولغاچ،ھەممە ئىشلېرىمىزنى توردا بىجىرىشكە كۈنۈپ كەتتۇق.ھەتتا بەزىلەر تور دۇنياسىدا ياتاق،تاماق بولمىغانلىقىدىن ئەپسوسلىنىپمۇ قۇيىدۇ.