• 2008-11-27

    سىنى ئۇنتالمغۇدەكمەن

    سىنى ئۇنتالمغۇدەكمەن

    تەنھالىق ئىچىدە ئازاپلىق خىيال سۈرىۋاتقان بىچارە ،
    مىسكىن ھالىتىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە ئۆز - ئۆزۈمگە
    ئىچ -ئىچىمدىن ئېچىنساممۇ ، ئەمما سېنىڭ ماڭا بولغان پەرۋاسىز
    ھالىتىڭنى ئويلىغىنىمدا سەندىن ئۈمۈدۈمنى ئۈزمەكچى،
    سېنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى، بىز تۇنۇشقان ،
    شىرىن خىياللار بۆشۈكىدە تەۋرىنىپ غەمسىز ئۆتكەن ئاشۇ قىسقا ،
    ئەمما ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتكەن ئىزگۈ چاغلارنى
    مەڭگۈلۈك ئېسىمدىن چىقىرۋەتمەكچى بولدۇم..

    بىراق مەن،،،،،،،،،نىمىشقا ئۇنداق قىلالمايدىغاندىمەن،،،،
    قانچە قىلساممۇ سېنى ئۇنتۇيالمىدىم .
    ئۇزۇن ھەم دولقۇنلۇق خىياللىرىم روھىمنى تېنىمدىن
    يىپنى سۇغارغاندەكلا سۇغىرۋېلىپ ، سېنى ئەسەبىيلەرچە سۆيگەن ،
    ئاشۇ ھېچنىمىگە تەڭ قىلغۇسىز قىسقا ، ئەمما ئيىتقۇسىز شېرىن دەملەردىكى
    يۈرەك سۇقۇشلىرىمنى ئۈن- تىنسىز تىڭشاشقا ،
    ئايدىڭ كېچىلەردە يانمۇ- يان مېڭىپ گۈزەل ئارزۇلار ھەققىدە
    سىرداشقان يېشىل دالىلاردىكى چېغىر يوللارغا يۈزلەندۈرىدۇ .
    قۇياش شىرىن ئۇيقىسىنى باشلىغان چاغدا
    بېشىمنى ياستۇققا قويغان ھامان چۈشلىرىمدە سۇس پىچىرلاپ ئۇيقۇمنى بۇزىسەن .
    تىپتىنىچ كېچە خۇددى ئايىغى چىقماس خىيالىمدەكلا ئۇزۇن بىلىنىدۇ !
    ياستۇقلار يامغۇردا قالغاندەكلا ھۆل بۇلىدۇ !

    ئەسلىدە مەن تېگى يوق خام- خىياللار بۆشىكىدە ئەللەيلەنگەن ئىكەنمەن...
    قانچە قىلساممۇ سېنى ئۇنتۇيالمىدىم .
    ۋۇجۇدۇمدىكى كەسكىن تۇقۇنۇشلارنىڭ توختاۋسىز ئازاپ دولقۇنلىرى ئىچىدە
    شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىمكى ،
    مېنىڭ مىسكىن ، بىچارە قەلبىم ئاللىبۇرۇنلا
    سېنىڭ يۈرىكىڭنىڭ ئەڭ پىنھان جايىدىكى كۆرۈنمەس << تۈرمە>> سىگە مەڭگۈلۈك قامالغان ئىكەن ئەمەسمۇ!

    قەلبىم قەلبىڭنىڭ مەڭگۈلۈك مەھبۇسىغا ئايلانغانلىقىنى
    ھېس قىلغان چېغىمدىلا ئېزىتقۇ خىياللارنىڭ ئاچكۆز چاڭگىلىدا
    بىھۇدە ئازاپلانغانلىقىمدىن ئېچىندىم. ئويلاپ كۆرسەم ئۆزۈمنىڭ بولمىغۇر خىياللىرى
    ئۆزۈم ئۈچۈن ۋەيلۇن دوزاخ ئىكەن ئەمەسمۇ!
    ئۆزۈمنىڭ ساددا ، ھاماقەتلىكىمدىن چەكسىز نەپرەتلەندىم ،
    ئىشەنسەڭ جېنىم، رېئاللىق ھەرگىزمۇ خام -خىيالغا باقمايدىكەن ،
    مەن سېنى مەڭگۈ ، مەڭگۈ ئۇنتۇپ كېتەلمىگۈدەكمەن !
    كىم نىمە دېسە پەرۋايىم پەلەك، سېنى بىر ئۆمۈر كۈتۈشكە رازىمەن جېنىم !