• 2008-11-22

    ئۇيغۇرلاردا كىملىك كرىزىسى ( زۇلپىقار بارات ئۆزباش

    – شەھەر ئۇيغۇرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىملىك كرىزىسى ئۈستىدە سوتسىئولوگىيىلىك تەھلىل

    زۇلپىقار بارات ئۆزباش

    ئاپتوردىن:
    كىملىك كىرزىسىنى ئىلمي ماقالە يېزىشنىڭ ئۆلچىمى بويىچە يېزىشقا تىرىشتىم: تەتقىقات مېتودى، تەتقىقات سوئالى ۋە سىتاتا مەنبەلىرىنى ئېنىق ئەسكەرتتىم(بۇ خەلقئارالىق تەتقىقات ساھەسىدە ئەقەللى تەلەپ).جەمئىيەتشۇناسلىقتا نەزەرىيە تەدبىقلاش ۋە ئەمەلىي پاكىت تەتقىقاتنىڭ جېنى ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ جەھەتتە نەزەرىيە بىلەن ئۇيغۇرشەھەر تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەرنى تەھلىل قىلشقا كۈچىدىم؛ جەمئىيەتشۇناسلىق بىزدە يېڭى پەن بولغانلىقى ئۈچۈن قىزققۇچىلارنىڭ كېيىن ئىزدىشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا ئاچقۇچۇلۇق ئاتالغۇلارنى قوش تىلدا، ھەتتا ئۈچ تىلدا ئىزاھلاپ قويدۇم.ماقالىنى يېزىش جەريانىدا ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى، بىزنىڭ زىيالىلىرىمىز ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىسى ۋە خەلقئارادا ئېقىۋاتقان ئىلمىي ماقالە يېزىش قائىدىسىنى جىددي ئۆگىنىشى كېرەككەن.ئجقتىمائىي پەندە دېيىشكە تېگىشلىك گەپلەر دېيىلىپ بولدى. بىز يېڭىدىن بايقىدىم دەپ قارىغان نۇرغۇن نۇقتىنەزەرلەرنى باشقىلار ئاللىبۇرۇن دەپ بولغان بولىدىكەن، يەنە كېلىپ پىكىرنىڭ ئىلمىيلىكىگە شۇ كىشى ياشاۋاتقان تۇپراق تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا،ئۆزىمىزنىڭ تار ئىمكانىيەت ئىچىدە بىلىۋالغانلىرىمىز ئاخىرقى ھەقىقەت بولالمايدىكەن. شۇڭا ھەر بىر گېپىمگە ستاتا ئالدىم، ئۆزۈمنىڭ سۇبيېكتىپ قارشىمنى ماقالىنىڭ يادروسى قىلىۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلىدىم.


    تېمىنىڭ ئارقا  كۆرۈنۈشى:
    «مەن كىم؟» دېگەن سوئالدىن باشلانغان تېڭىرقاش
        
    1. شەھەرلىشىش ۋە كىملىك ئۇقۇمى
      شەھەرلىشىش، كىملىك دېگەن تېرمىنلار ھازىر ئوقۇرمەنلەرگە ئۇنچىلىك ناتۇنۇش تۇيۇلمايدۇ. ئەمما، شەھەرلىشىش ۋە كىملىك ئۇقۇملىرىنى كەڭ ئىجتىمائىي كارتىنىغا ۋە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي مەۋجۇدلۇقىدا دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس، پۇرسەتلەر بىلەن باغلاپ چۈشىنىش ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدىكى شانلىق، يۈكسەك مەدەنىيەتلىرى قاتارىدا شەھەر–قەلئە مەدەنىيىتى بىلەن ناھايىتى بۇرۇن ئۇچراشقان، شەھەرلىشىش داۋامىدا ئۆزىگە خاس ئەنئەنە ياراتقان. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 1–ئەسىردىن باشلاپلا شەھەر ھاياتىغا قەدەم قويغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار مەدەنىيلىشىش، شەھەرلىشىش داۋامىدا ۋە تارىخنىڭ بوران–چاپقۇنلىرىدا ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قالغان، بېيىتقان، تاكاممۇللاشتۇرۇپ ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە شەھەرلىشىش مۇساپىسىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر كىملىكىگە قويۇلغان سوئال ۋەزمىنلىكى ۋە ئىجتىمائىي يىلتىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن ھېچقانداق دەۋردىكىگە ئوخشىمايدۇ. بەرھەقكى، بۈگۈنكىدەك يەر شارىلىشىش، شەھەرلىشىش قەدىمى تېزلەشكەن دەۋردە «مەن كىم؟» دېگەن سوئال يالغۇز ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلە ئەمەس. «بىز ھەر ماڭدامدا كىملىك ھەققىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ۋەھالەنكى، كىشىلەرنىڭ مۇلاھىزە قىلىۋاتقىنى يالغۇز كىملىك مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن ، يەنە ئۆزگىرىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئۆزگىرىش يېڭى كىملىكنىڭ پەيدا بولۇشى، كونا كىملىكنىڭ تىرىلىشى، ھازىر بار بولغان كىملىكنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .» [1] شەھەرلىشىش – ئەنگلىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئانتونى گىددىنىسنىڭ ئاددىي تىلى بىلەن ئېيتقاندا «شەھەر – بازارلارنىڭ تەرەققىياتى» [2] نى كۆرسەتسە؛ بىلەكۋېل نەشرىياتى (Blackwell Publishing) نەشر قىلغان «جەمئىيەتشۇناسلىق لۇغىتى» دىكى ئىزاھات بويىچە «كىشىلەرنىڭ يىرىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن مۇستەسنا شەھەر بازارلارغا كىرىپ، مۇلازىمەت ۋە تاۋاردىن ئايرىلالمايدىغان چوڭ كۆلەمدىكى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى يارىتىش جەريانى» [3] دىن ئىبارەت. ئوكسىفورد ئۇنىۋېرىستېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان «جەمئىيەتشۇناسلىق لۇغىتى» دە شەھەرلىشىشكە ئاددىلاشتۇرۇلۇپ : «شەھەرنىڭ بەرپا بولۇش جەريانى» دەپ تەبىر بېرىلىدۇ. شەھەرلىشىش داۋامىدا كىشىلەر يېزا–قىشلاقلاردىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان، خاسلىق تېز يوقۇلىدىغان، تاۋار، ئىجتىمائىي ئالاقە، مۇلازىمەت قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بىلەن كۆپرەك خاراكتېرلىنىدىغان يېڭىچە بىر ھاياتقا قەدەم قويىدۇ. بۇ ھايات گەرچە قايناق، رەڭگارەڭ، جەلپكاردەك كۆرۈنسىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شەھەرلىكلەرنىڭ نېرۋىسىنى ھەرخىل ئۇچۇر، ھېلىدىن – ھېلىغا يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان تۇرمۇش كارتىنلىرى بىلەن غىدىقلاپ ئالدىغا يېڭى – يېڭى مەسىلىلەرنى تاشلايدۇ. ئاشۇ سوئاللار ئىچىدىكى ئاڭلىماققا ئاددىي تۇيۇلىدىغان، ئەمما ۋەزنى ئېغىر بولغان سوئال «مەن كىم؟» دېگەن سوئالدۇر، يەنى كىملىك مەسىلىسىدۇر.
       كىملىك تەتقىقاتى 20–ئەسىرنىڭ 60–، 70–يىللىرىدىن باشلاپ خەلقئارا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە بىر قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى ۋە چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، شەخس بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنىڭ مەركىزىدە تۇرغانلىقى سەۋەبلىك پەلسەپە، جەمئىيەتشۇناسلىق، پسىخولوگىيە، ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدا ئەڭ كۆپ دەتالاش قىلىنىدىغان بىر ساھە بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە كىملىك مەسىلىسىگە مۇناسىۋىتى ئەڭ يېقىن بولغان جەمئىيەتشۇناسلىق، پسىخولوگىيە ساھەسىدە ھەممىدىن جىق ئىلمىي ئەمگەكلەر ئىشلەندى. جەمئىيەتشۇناسلار كىملىك مەسىلىسىنى شەخس ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي قۇرۇلما، مۇھىت نۇقتىسىدىن كۆزەتسە، پسىخولوگلار كىملىك ئۇقۇمىنىڭ مېغىزىنى شەخسنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. پسىخولوگلار كىملىك مەسىلىسىنى «يەككىنىڭ مەسىلىسى» دەپ ئىزاھلىسا، جەمئىيەتشۇناسلار ئۇنى نورمال، ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا شەخسنى ئوراپ تۇرىدىغان مۇھىت تەرىپىدىن پىلانلىق، تاكتىكىلىق، ستراتېگىيىلىك يوسۇندا لايىھىلىنىدىغان، شەخسنىڭ ئۆزىنى سىرت بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان ئۇقۇمدۇر» [4] دەپ ئىزاھلايدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن بىر ئاز ئېنىقراق قىلىپ تەبىر بەرگەندە ، كىملىك : « شەخس – يەككە ئادەم بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ئىچىدە رول ئېلىش ، ئىجتىمائىي ئالاقىگە قاتنىشىش داۋامىدا يۇغۇرۇپ چىققان ئۆزلۈكنى ھەم ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئاساسىدا ياراتقان ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان تەسىراتىغا بەلگە ۋە نىشان بولىدىغان جەملىمە خاراكتېر » [5] ئېلېمېنتىنى كۆرسىتىدۇ . پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن « كىملىك – بىر ئادەمگە ئۆزى ۋە باشقىلار يۈكلىگەن ھەر خىل مەنەلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر . » [6]جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قىلىنىدىغان كىملىك تەتقىقاتى كۆپرەك ئامېرىكىلىق مەشھۇر پسىخولوگ ۋىليام جامېس (William James) ياراتقان «ئۆزلۈكنىڭ پراگماتىكىلىق نەزەرىيىسى» ۋە ئامېرىكىلىق مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس جورج خېربېر مېد (George H.Mead) نەزەرىيىۋى ئۇسۇلىنى سېلىپ بەرگەن سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيىسىنى ئۆزىگە مەنبەئە ۋە يېتەكچى قىلىدۇ. پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئىشلەنگەن كىملىك تەتقىقاتى بولسا فروئىدىنىڭ روھىي ئانالىز تەلىماتى ئاساسىدا يەنە بىر داڭلىق كىملىك تەتقىقاتچىسى ئېرىك ئېرىكسون (Erik Erikson)  نىڭ نەزەرىيىلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. مەيلى قايسى نۇقتىدىن چىقىپ قىلىنغان تەتقىقات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىملىك تەتقىقاتىدا «مەن» (I,我)، «ئۆزلۈك» (Self,自身)، «ئۆزمەن» ego, 自我 ( دىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئۇقۇمنى چۈشىنىش زۆرۈر ئەھمىيەتكە ئىگە. پسىخولوگ ئېرىك ئېرىكسوننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، «مەن» – يەككىنىڭ بارلىق كەچۈرمىشلىرىدىكى تۇيغۇ مەركىزى؛ «ئۆزلۈك(自身,Self)بولسا – «مەن» نىڭ ئوبيېكتى، ئۇ يەككىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل تەجرىبىلىرىدىن يۇغۇرۇلغان ھەمدە ئۆزىگە تالىق تۇيغۇلىرىنىڭ بىرىكىشى، ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشىدىن پۈتكەن بولىدۇ. ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، «ئۆزلۈك –يەككىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك سۇبيېكتىپ تەجرىبىسى بولۇپ ، ئادەتتە كىملىك تۇيغۇسى ھالىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. »[7] «ئۆزمەن»(自我,ego) بولسا – روھىي ئانالىز تەلىماتچىسى فروئىدىنىڭ نەزەرىيىسىدىن كەڭ  دائىرىدە قوبۇل قىلىنغان ئۇقۇم بولۇپ، شەخسنىڭ ئىستەك–تەلەپلىرى بىلەن جەمئىيەتنىڭ شەخستىن كۈتىدىغان  تەلەپلىرى  ئوتتۇرىسىدىكى  مۇرەسسە داۋامىدا بارلىققا كېلىدىغان ئەقلىي مەنبەدۇر. ئۇ «ھالقىما مەن» (超我,superego)ۋە «ئۆگلۈك» (本我,ID)گە نىسبەتەن ئېيتىلغان. [8] جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە ۋە بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتىمىزدا كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى ئۆزلۈك (自身,self) ئۇقۇمىدۇر. جەمئىيەت نۇقتىسىدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشەنگەندە، ئۆزلۈك – بىزنىڭ ئىجتىمائىي سىستېما ئىچىدە باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش داۋامىدا ئۆزىمىزگە ۋە كىشىلەرگە قالدۇرغان، بىر قەدەر مۇقىم   بولغان يىغىندا تەسىرات ۋە تۇيغۇدۇر. ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا ئادەملەر بىر–بىرى ئۈچۈن ئەينەك. كىشىلەر بۇ ئەينەكتىن ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى كۆرۈپ بايقايدۇ. مەسىلەن، ئەگەردە سىز ئۆزىڭىزنى «چىقىشقاق» دەپ قارىسىڭىز، ئۇ ھالدا بۇ تەسىراتىڭىز باشقىلارنىڭ سىز بىلەن ئالاقە قىلىش داۋامىدا سىزگە بەرگەن  باھاسى. سىز شۇ باھانىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى خاراكتېرىڭىز ھەققىدە ئۆز سېزىمىڭىزنى يۇغۇرۇپ ئەنە شۇنداق يەكۈنگە كەلگەن. بىر گۈزەل قىزنىڭ ئۆز چىرايىغا بولغان تەمەننالىق ھېسسىياتىنى، تەكەببۇرلۇقىنى يىگىتلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىجابىي باھاسى، مەدھىيە سۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قىزنىڭ ئۆزلۈكى ئاشۇ مەدھىيە، ماختاشلار داۋامىدا ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئادەمدىكى قەدىرلىنىش، ئېتىراپ قىلىنىش تۇيغۇسى ئۈچۈن شۇنىڭغا تۇشلۇق مۇھىت ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى خالايدىغان ئادەملەرنىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. ئۆزلۈكنى يۆلەيدىغان ساغلام ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئادەملەر توپى بولمىسا، ئۆزلۈك قىسىلىدۇ. ئۆزلۈك ئۇزۇن مۇددەت قىسىلىش، يىتىمسىراش، ۋەسۋەسە ۋە ئەندىشە ئىچىدە تۇرىۋەرگەندە ئىنساندا ئوڭايلا كىملىك كىرىزىسى كۆرۈلىدۇ.
    2. كىملىك كرىزىسى ئۇقۇمى (认同危机,Identity crisis)
    كىملىك كىرىزىسى دېگەن نېمە؟ كىملىك كىرىزىسى بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە «ئادەمدىكى ئۆزلۈك تۇيغۇسىنىڭ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئۆزىنىڭ قىممىتى ھەققىدىكى رازىمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ، ئەھمىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈشىدۇر.» [9]  كىملىك نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى، ئامېرىكىلىق مەشھۇر پسىخولوگ ئېرىك ئېرىكسوننىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، «ئۆزىگە ۋە ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان توپقا تەۋە بولغان تارىخىي ئوخشاشلىق، بىردەكلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈشىدۇر.» بىز بۇ ئۇقۇمنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى، مەنە قاتلاملىرىنى ئىنچىكىلەپ چۈشەندۈرۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە، شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىدىن بىر قانچە كۆرۈنۈش ئېلىشقا مەجبۇرمىز.


    ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش Ⅰ
    بۈگۈن جۈمە
    (شېئىر)
    (دىلمۇرات ئاپتورلۇقىدىكى شۇ ماۋزۇلۇق شېئىردىن ئۈزۈندە)
    بۈگۈن جۈمە
    مەن ئازابلىنىدىغان كۈن.
    بىر توپ جامائەت يانار مەسچىتتىن،
    مەن يوشۇرۇنىمەن ئۆزۈمگە بىردىن.
    ...
    ۋاقتى ئۆتتى
    ۋاقتى ئۆتتى سېغىنىشنىڭ.
    بۈگۈن جۈمە دەيمەن پىچىرلاپ،
    نازۇك تېنىنى يۇيار كۆز يېشىم.
    ...
    (ئىجادىيەت تورى، شېئىرىيەت سەھىپىسى، 2007–يىل 5–نويابىردىكى بەت، قىسقارتىلدى)

    بۈگۈن جۈمە
    (ئوخشاش ماۋزۇدىكى يەنە بىر شېئىردىن ئۈزۈندە، ئاپتورى ئەسكەرتىلمىگەن)
    بۈگۈن جۈمەگە بارمىدىم.
    بارماسلىقىم بارالماسلىقتىن ئەمەس،
    جۈمە مېنى ماگنىتتەك تارتىپ تۇرىدۇ.
    لېكىن  بارمايمەن،
    خۇددى تۆمۈرلۈك خۇسۇسىيىتىدىن ئايرىلىپ  قېلىپ،
    ماگنىتقا چاپلىشالمىغان
    بىر تۆمۈر كەبى.
    چوشقا گۆشى يىمەي ھاراق ئىچكەن كىشىلەرمۇ،
    ئۆزىنى دەيدۇ مۇسۇلمان.
    جۈمەگە بارمىدىم،
    باردىم جۈمە دېگەن ئاغىينەمنىڭكىگە.
    قېنىمىزدىن ھاراق ياساپ.
    جېنىمىزدىن كوزا ياساپ،
    ئۆزىمىزگە سېلىپ ئازاب.
    ئىچىپ – ئىچىپ مەي بولغىلى،
    شەيتان ئۈچۈن سەي بولغىلى
    ياندۇرغاندا قەي بولغىلى.
    ...
    ئاغىينەم جۈمە،
    ئىسمى جۈمە بولسىمۇ
    جۈمەنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ.
    ئىسىمى ئىسلام تۇرۇپ ئىسلامنى بىلمىگەن،
    ئىسمى ئىمام تۇرۇپ بوتكىدا ھاراق ساتىدىغان،
    ئىسمى قەھرىمان تۇرۇپ قەھرىمانلىق قىلىپ باقمىغان،
    بىر لالما ئىت كۆرسىمۇ قېچىپ كېتىدىغان
    ئادەملەر كەبى.
    ...
    جۈمە كۈنى جۈمەگە بارماي
    ھاراق ئىچتىم جۈمە بىلەن.
    ھەقىقەت ھەققىدە سۆزلىمىدىم،
    ھەقىقەت سۆزلىدى مەن ھەققىدە .
    ...
    (ئىجادىيەت تورىغا شۇ كۈنى گۈلىستان تورىدىن چاپلانغان، ئاپتورى نامەلۇم)
    شېئىر تۇيغۇ ئىپادىلەش جەريانى، ئەمما يۇقىرىقى ئوخشاش ماۋزۇلۇق ئىككى شېئىر يەنە بىر نۇقتىدىن شەيئىلەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىملىك كىرىزىسىنى ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. مەننىڭ «يۈكسەك مەن» بىلەن «ماھىيەتتىكى مەن» مۇرەسسە قىلغاندا قىسىلغان، ئىككىلەنگەن ئۆزلۈكىنى، جۈملىدىن شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدە شەھەرلىشىش داۋامىدا ئۇچرايدىغان كرىزىسلىك روھىي ھالىتىنى بىز يۇقىرىقى شېئىردا ناھايىتى ئېنىق كۆرەلەيمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ئىسلام ئىدىئولوگىيىسى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلار «چوشقا گۆشى» نى ھارام دەپ يېمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ بىر تارمىقى بولغان دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان. لېكىن، شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ھاراق ئىچىدۇ. بىز گەرچە ھاراق – شاراپ ئىچىش، تاماكا چېكىشنى ھەممە ئۇيغۇرلارغا ئورتاق دەپ قارىمىساقمۇ ۋە بۇنى شەھەرلىشىش داۋامىدا ئۇيغۇرلارغا يۇققان ھادىسە دەپ كېسىپ ئېيتالمىساقمۇ، ئەمما بۇ ھادىسىنىڭ شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ «مەدەنىيەت كىملىكى» گە سايە تاشلاپ تۇرغان سوئال بەلگىسى ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ئامالسىزمىز. يۇقىرىقى شېئىردىكى «مەن» نىڭ روھىي دۇنياسىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئۇ جۈمەگە بارمايدۇ، جۈمە كۈنى ھاراق ئىچىدۇ، ئەمما بۇ قىلمىشى ئۈچۈن يەنە ئازابلىنىدۇ. بىز بۇ خىل روھىي ھالەتنى، كىملىك تاللىشى ئالدىدىكى ئازاب تۇيغۇسىنى، شەھەر ياشلىرىدىكى ھەتتا خېلى جىق ئوتتۇرا ياش، پىشقەدەم كىشىلەرنىڭ روھىدىكى كىملىك كىرىزىسىنى ھېس قىلالايمىز. ئېرىك ئېرىكسوننىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا ، « تارىخىي جەريانلاردا بارلىققا كەلتۈرگەن مىللىي بىردەكلىكنى، بىر توپقا ئورتاق بولغان كىملىكنى ساقلىيالمىغانلىقى، ئۆزلۈك تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقى» دەل شەھەر ئۇيغۇرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىملىك كىرىزىسىنىڭ ئالامىتى.
    «كىملىك كرىزىسى» ئاتالغۇسى ئەڭ دەسلەپتە، 1960–يىللارنىڭ باشلىرىدا يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مەشھۇر ئامېرىكىلىق پسىخولوگ ئېرىك ئېرىكسون تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئېرىك ئېرىكسون ئۆزىنىڭ «كىملىك، ياشلىق ۋە كىرىزىس» دېگەن  كىتابىدا «كىملىك كىرىزىسى دېگەن ئاتالغۇنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ روھى يىمىرىلگەن، پسىخىكىلىق جاراھىتى ئېغىر روھىي بىمارلارغا ئىشلەتكەنلىكى» [10] نى قەيت قىلىدۇ ۋە «كىملىك كىرىزىسىگە گىرىپتار بولغانلاردا ئۆزلۈك تۇيغۇسى ئېغىر دىشۋارچىلىققا ئۇچرىغان بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ. ئېرىك ئېرىكسون داۋالىغان بىمارلار ئىچىدە بۇ خىل روھىي ھالەتتىكى ياشلار كۆپرەك سالماقنى ئىگىلىگەنىدى. ئېرىك ئېرىكسون ياشلاردىكى كىملىك كىرىزىسىنىڭ بىر ئايرىم تەرىپىنى «بۇنداقلارنىڭ ئەسلى كىملىكى ئۆزىگە يۈك بولۇپ قالىدۇ، يېڭى كىملىكى بولسا تېخى بارلىققا كەلمىگەن بولىدۇ» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. كىملىك كىرىزىسى ئىچىدە قالغان كىشىلەر ئۆزلۈك تۇيغۇسى بىلەن كىملىك ۋەسۋەسىسى ئارىسىدا تىپىرلاپ، ئىككىلىنىپ ، بىر خىل پسىخىكىلىق ئاسارەتتىن، روھىي يۈكتىن قۇتۇلالمايدۇ. «بىر ئادەمنىڭ خاس، مۇستەقىل كىملىكى تېخى  مۇكەممەل قۇرۇلۇپ بولالمىغاندا، كىرىزىس ئۆزلۈكىدىن مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ كىرىزىس ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز روھىي ھالەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، كىملىك ۋەسۋەسىسى بىلەن باراۋەر ئۇقۇمدۇر.» [11]

    3 . كىملىك ۋە كىملىك كىرىزىسىدىن چىقىرىلغان سوئاللار
    ئادەمنىڭ ئىجتىمائىيلىقى مەلۇم نۇقتىدىن كىملىك تۇيغۇسى ھالىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. ماركسنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا : « ئادەم ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئىجتىمائىي ھايۋاندۇر . »  شىكىسپىرنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا ، « ئادەم – ئىجتىمائىي ئارتىستۇر . » [12] بۇ تەبىرلەر ئادەمنىڭ يەر شارىدىكى بىر خىل ئىجتىمائىيلىققا ئىگە مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ، تەبىئىي ھالدا بىر توپقا تەۋە بولۇپ ياشايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئادەم جەمئىيەت ئىچىدە تۇغۇلىدۇ ، تەرەققىي قىلىدۇ ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ . بۇ ئادەمنىڭ ئىجتىمائىيلىق خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلىگەن . ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا ئادەم تەبىئىي يوسۇندا بىر خىل تەۋەلىك تۇيغۇسى (归属感,sense of belonging)غا ئىگە بولىدۇ ۋە مۇشۇ خىل تۇيغۇنىڭ ئېھتىياجىدىن مۇئەييەن تەبىقە، پارتىيە، كەسپ ياكى ئىجتىمائىي توپقا تەۋە بولۇپ ياشايدۇ. تەۋەلىك تۇيغۇسى ھەققىدە جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ پىشۋاسى، فرانسىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئېمىل دۇركىم (Emile Durkheim)مۇنداق دەيدۇ : « مۇئەييەن توپ ئىچىدە يىغىلىپ ياشاش ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بىر خىل تۈرتكىلىك كۈچ. كىشىلەر ئورتاق ھەۋەس ۋە قىممەت قارىشى ئاساسىدا بىر يەرگە كەتكەندە، ئۇلارنىڭ يېقىنلىقىدىن ئاجايىپ كۈچلۈك بىر ئېقىم پەيدا بولىدۇ–دە، تېزلىك بىلەن ئۇلارنى چەكسىز شادلىق قاينىمىغا غەرق قىلىدۇ .» [13] ئۇيغۇرلار ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن مۇئەييەن كۆلەمدە توپ ھاسىل قىلىپ بىر يەرگە ياشاشقا ئادەتلەنگەن خەلق، ئورتاقلىق تۇيغۇسىنى ئاسان تېپىشالايدۇ. بۇنى بەلكىم نوپۇسى دېھقاننى ئاساس قىلغان . يىلتىزى يېزا–قىشلاق تۇپرىقىدىن كەلگەن شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى بەلگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما كىشىلەر رېئال تۇرمۇشتا مىللىي كىملىكىدىن كۆرە ئۆزىنىڭ شەخسىي كىملىكى (个人身份,Personal Identity) ۋە ئىجتىمائىي كىملىك(社会身份,Social Identity)ىنى روشەنرەك ھېس قىلىدۇ. « بۇلغانغان كىملىك »  تەتقىقاتى  بىلەن  جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىدە يېڭى بىر ساھەگە يول ئاچقان ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس ئېرۋېڭ گوفمان (1922-1982, Erving Goffman)ئۆزىنىڭ «كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆزلۈك ئىپادىسى» ناملىق ئەسىرىدە كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا ھېس قىلىدىغان كىملىك تۇيغۇسىنى ئىجتىمائىي كىملىك، شەخسىي كىملىك ۋە ئۆزلۈك كىملىكى دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىدۇ [14]. ئىجتىمائىي كىملىك ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ ئېيتقاندا ، باشقىلارنىڭ ئۆزىمىز ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەن «ھېكايە» سىدىن ئىبارەت. ئۇ مۇئەييەن ئەھۋالدا شەخسكە ئۆزىنىڭ ئۆزلۈكى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن تالىق قىلىنغان ئىجتىمائىي كاتىگورىيىدىن تەشكىل تاپىدۇ. بارلىق ئىنسانلارنىڭ كىملىكى ئەمەلىيەتتە مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي كىملىكنى كۆرسىتىدۇ. بىز ھەممىمىز بىر قانچىلىغان، ھەتتا بەكمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كىملىككە ئىگە. مەسىلەن، مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن بىر ماگىستىر ئاسپىرانتى، بىر دادا، ئەدەبىيەت ھەۋەسكارى، جەمئىيەت تەتقىقاتىغا قىزىققۇچى. مەن دەرس بەرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ نەزەرىدە بىر ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى، تەرجىمە كىتابلىرىمنى ئوقۇغانلىرىمنىڭ نەزەرىدە ئەدەبىي تەرجىمان. شەخسىي كىملىك بىلەن ئىجتىمائىي كىملىكنىڭ بىر پەرقى شۇ يەردىكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىزنىڭ بىرەر ئىجتىمائىي كىملىكىمىز ئۆزگىرىشى ياكى يوقۇلۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» ژۇرنىلى چىقىۋاتقان چاغدا، مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دۆلەت باج سىستېمىسىدا ئىشلەۋاتقان مىللىي باج كادىرلىرىنىڭ نەزەرىدە تەھرىر ھېسابلىناتتىم. بۇ مېنىڭ بەش – ئالتە يىل بۇرۇنقى ئىجتىمائىي كىملىكىمنىڭ بىرى ئىدى. كېيىن ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بارلىق مەمۇرىي ئىدارىلارنىڭ نەشر ئەپكارلىرى نەشر قىلىنىشتىن توختىغاندا، مەنمۇ باشقا باشقارمىغا يۆتكەلدىم. دېمەك، مېنىڭ «تەھرىرلىك» تىن ئىبارەت بىر ئىجتىمائىي كىملىكىم يوقالدى. ئەمما، ئەمدى ماڭا ئاسپىرانتلىقتىن ئىبارەت يېڭى بىر ئىجتىمائىي كىملىك يۈكلەندى. ئىجتىمائىي كىملىك ئەنە شۇنداق ئۆزگىرىپ تۇرسا ، شەخسىي كىملىكىمىز ئۆزگەرمەيدۇ . شەخسىي كىملىكىمىز بولسا بىزگە يېقىن تۇرغان كىشىلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق. ئۇلار بىزنى ئۇزۇندىن بىلىدىغان، بىر قانچىلىغان سورۇندا ياكى ئىجتىمائىي ئالاقىدە بىز بىلەن كۆرۈشكەن كىشىلەردۇر. بىز ئۇلارغا ئۆزىمىزنى قانداق ئادەم كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. شەخسىي كىملىكتە بىر ئادەمگە خاس بولغان، بىر قاتار ھايات كەچۈرمىشلىرى داۋامىدا سىڭىپ قالغان خۇي ۋە مىجەزلەر ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ. بۇ خىل كىملىك تۇيغۇسى ئادەتتە ئىجتىمائىي سورۇنلاردا شەخسكە نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ، باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىشنى نىشان قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۆزىنىڭ شەخسىي تەسىراتىنى باشقۇرۇشقا، باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىشكە كۈچەيدۇ. ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدىكى ئۆزلۈك كىملىكى بولسا شەخس ئۆزى قۇرۇپ چىققان، روھىي دۇنياسىدا ئۆزىگە باھا بېرىپ يەكۈن چىقارغان كىملىكىدۇر. بۇ خىل كىملىكنى شەخس مۇئەييەن ئەھۋالدا بىرەر ئىشنى قىلغاندىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن ھېس قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۆزلۈك كىملىكى – بىزنىڭ ھېسسىيات جەھەتتە مايىللىشىپ قالغان ئۆزلۈكىمىز ھەققىدە ئۆزىمىز ئېيتقان ھېكايىدىن ئىبارەت[15].
    بۈگۈنكى دۇنيادا جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشى بىلەن، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر، ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا يېڭىدىن يېڭى ھادىسىلەر بارلىققا كەلدى. بۇ ئۆزگىرىش داۋامىدا كىشىلەر ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئېرىشتى. ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولمايدىغان بۈگۈنكى رىتىمى تېز شەھەر جەمئىيىتىدە «كىملىك – ئەمەلىيەتتە بىر خىل زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى پەيدا قىلغان ھادىسىدۇر.» [16] زامانىۋىلىققا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان جەمئىيەتتە ئىنساننىڭ تۇرمۇشىدا مەنە ۋە تەم ئاز قالغىلى تۇردى، ئىنساننىڭ كىملىكى مىسلىسىز دەرىجىدە كىرىزىسقا يولۇقتى. دەل زامانىۋىلىققا يۈرۈش قىلىش مەسىلىسى كىملىكنى چوقۇم ئەستايىدىل ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. كانادالىق داڭلىق ئالىم چارلىز تايلېر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « زامانىۋىلىققا يۈرۈش قىلىشتىن ئىلگىرى كىشىلەر بىردەكلىك، كىملىك مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىشمايتتى. بۇنىڭدىكى سەۋەب - ئۇ چاغدىكى كىشىلەردە بىردەكلىك بولمىغانلىقىدا ئەمەس، بىردەكلىك بولۇپ كىملىككە ھاجىتى چۈشمىگەنلىكىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ چاغلاردا كىملىكنىڭ مەسىلە ھېسابلانمايدىغانلىقىدا ئىدى . » [17]
    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، شەھەر جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي تۈرتكە مىخانىزمى مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغان، « توغرىراقى بۇزغۇنچى خاراكتېردىكى مىخانىزمدۇر . بۇ مېخانىزم كىشىلەر ئىلگىرى ئېرىشكەن مەنە ، ئەھمىيەت تۇيغۇسىنى بەربات قىلىۋەتتى . » [18] شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تىنىمسىز ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا رېئاللىقنىڭ مۇقىمسىز بولۇشى سەۋەبلىك بىر خىل كىملىك ئەمدى پەيدا بولۇپ ھەش–پەش دېگۈچە يوقاپ كېتىدىغان بولدى. بۇ جەرياندا مۇئەييەن كىملىكنىڭ چەك–چېگرىسى قىممەت قارىشىنى يادرو قىلىپ تۇرۇپ ئايرىلىدۇ. تېخىمۇ ئۇدۇل قىلىپ ئېيتقاندا، كىملىك تۇيغۇسى ئەسلىدىنلا بىر خىل قىممەت كىملىكى مەسىلىسىدۇر. «مەن كىم؟»، «مەن نەدە؟» «مەن نېمە قىلالايمەن؟» دېگەن سوئاللار داۋامىدا كىشىلەر ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ، قىممىتىنى قايتىدىن تونۇيدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ، بۈگۈنكى زاماندىكى كىملىك ئەھمىيەت تۇيغۇسى بىلەن زىچ باغلانغان.
    كىملىك كرىزىسى بولسا كىملىك تەرەققىي قىلىپ ياكى ئۆزگىرىپ مەلۇم بىر باسقۇچقا يەتكەندە مۇقەررەر يوسۇندا دۇچ كېلىدىغان ئىنكارچىلىق خاراكتېرىدىكى بۇرۇقتۇرمىچىلىق ھالىتىدىن ئىبارەت. كىملىك كىرىزىسىنى ئادەتتىكى يىمىرىلىش دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. ئۇ كىملىكنىڭ يېڭى بىر تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنىڭ ۋە تاللاش، سىناق ئالدىدا قايمۇققانلىقىنىڭ نەتىجىسى. كىملىكتە يوشۇرۇن كرىزىس ئالامىتى بولغان بولىدۇ، ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرالمىغان ياكى ئاجىز كېلىپ قالغان شەخسنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ قىممىتىگە نىسبەتەن ئىشەنچ يوقىغاندا، روھىي دۇنياسىدا «ئىنكارچىلىق ئۇرۇقى» بىخلايدۇ – دە ، كىملىك كرىزىسى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
    ئادەم «مەن» دېيەلەيدىغان ھايۋاندۇر. يەنى ئادەمدە ئاڭ بار، شۇڭا، ئادەم كىملىك ۋەھىمىسىگە دۇچ كەلگەندە ئوخشاشلا «مەن» دېيەلىسىمۇ، ئەمما ۋەسۋەسىدە تۇرغان چاغدا شۇ گەپنى قىلغاندىكى ئاۋازى ئۇنچە ياڭراق، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئۇنچە كۈچلۈك بولمايدۇ. كىملىك تۇيغۇسىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئىنساننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى باھاسىغا، ئۆزلۈك تەرەققىياتىغا ئەجەللىك زىيانلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئىجتىمائىي جاراھىتى چوڭقۇر بولغان، ئازابلىرىنىڭ يىلتىزى كەڭ تارىخىي جەريانلارغا ۋە سىياسىي ئەپسۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كىشىلەردە مەنىسىزلىك تۇيغۇسى بارلىق مەنىۋى تەڭپۇڭسىزلىقلارنىڭ يادروسىدۇر. بۇنىڭغا كىملىك كرىزىسىنىڭ قوش قاتلاملىق مەسىلە ئىكەنلىكىمۇ بىر سەۋەب بولىدۇ. يەنى كىملىك شەخسنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ ، ئۆزى ياشاۋاتقان توپ تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغاندا، مەرتىۋە تۇيغۇسى، قىممەت قارىشى بىراقلا ئىگىسىنى ۋەھىمىگە سېلىپ ئازابلاشقا باشلايدۇ.
    بىز بۇ ماقالىدە شەھەرلىشىش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك كىرىزىسىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ مۇھاكىمىمىزنى قانات يايدۇرىمىز. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى ، كىملىك كىرىزىسى ماكرو جەھەتتىن ئېيتقاندا ، سىياسىي تۈزۈلمە، تارىخىي دەۋرىيلىك، ئىجتىمائىي قۇرۇلما، جەمئىيەتنىڭ سىستېمىسى قاتارلىق چوڭ تېمىلارغا تاقىشىدۇ. ئەمما بىز بۇ تەتقىقاتىمىزدا كىملىك كرىزىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىشى داۋامىدىكى ئىپادىلىرىنى، سەۋەبلىرىنى، ئاقىۋەتلىرىنى تەھلىل قىلىمىز. شۇ ۋەجىدىن ، بايا تىلغا ئېلىنغان چوڭ تېمىلار ۋاقتىنچە بۇ ماقالىمىزنىڭ مۇلاھىزە ئوبيېكتى بولمايدۇ. بىز بۇ ماقالىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىش داۋامىدىكى كىملىك كرىزىسى قانداق شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ؟ ئۇنىڭ شەھەرلىشىش، ئىستېمال، مىدىيە، ئاۋام مەدەنىيىتى قاتارلىقلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ كىملىك كرىزىسى شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ كىملىك كرىزىسىنى قانداق تونۇش كېرەك؟ نېمە قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز. تەتقىقات مېتودى جەھەتتە پاكىت تەھلىلى، پاراڭ ئانالىزى، ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرىمىز.

    شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا كىملىك كرىزىسى

    شەھەرلىشىش بىزنى نۇرغۇن پۇرسەتلەرگە ئېرىشتۈردى، يەنە نۇرغۇن نەرسىلىرىمىزدىن مەھرۇم قالدۇردى. شەھەرلىشىش داۋامىدا بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسكەن بولدى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئويلاپمۇ باقمىغان يېڭى مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى. ئالدىراش تۇرمۇش رېتىمى ئىچىدە خۇشال بولالمايدىغان ياكى خۇشال بولۇشقا ئىمكانىيىتى يار بەرمەيۋاتقان، خاتىرجەم، تىنچ چاغلىرىنى ئەسلەيدىغان كىشىلەر ئاۋۇدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ھېسسىيات يالغۇز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىش بولماستىن، شەھەرلىشىشنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى ئىدى. بۇ ھەقتە قەدىمكى گرىك پەيلاسوپ ئەپلاتون : «ياخشىلار ئازلاپ ئۇنىڭ ئورنىغا نوپۇس كۆپەيسە، بىنالار ئېگىزلىسە شەھەر خۇشال بولالمايدۇ» دەپ خۇشال بولالماسلىقنىڭ تۈگۈنىنى شەھەرنى تۇيغۇ ئىگىسى سۈپىتىدە چۈشىنىپ چۈشەندۈرسە، فرانسىيە يازغۇچىسى ۋىكتور ھيوگو: «شەھەر تەلۋە ئادەملەرنى ئاۋۇتىدۇ. چۈنكى شەھەر ئاۋۋال چىرىكلىك پەيدا قىلىدۇ» دەپ ئېيتىدۇ. «ئۆز نۆۋىتىدە شەھەرلىشىش مۇنداق ئىككى خىل مەنىگە ئىگە: بىرى، ئۇ كىشىلەر ياشاۋاتقان بىر جايدا نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن ئاۋۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇ شەھەردە ئومۇملاشقان قىممەت قارىشى، يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىش–ھەرىكەت، تۈزۈم ۋە ماددىي نەرسىلەرنىڭ كىشىلەر قەلبىگە سىڭىپ كىرىش جەريانى.» [19]  شەھەرلىشىش داۋامىدا ئەنئەنىنى چۆرىدىگەن ئاساستا كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىدا، ئۆرپ–ئادىتىدە، پوزىتسىيىسىدە ۋە كونا ھېس–تۇيغۇلىرىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش روشەن ئىپادىلىگىنى ئادەمنىڭ كىملىكىدۇر. كىملىك كرىزىسىنىڭ شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئالامەتلىرىنى بىز بىر قانچە نۇقتىدىن كۆزىتىپ تەھلىل قىلىمىز.
    1.    ئۇيغۇر توي مۇراسىملىرىدا كىملىك كرىزىسى
    كىملىك كرىزىسى – شەخسنىڭ ئىستىكى، ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدىكى رولى ۋە ئويلىرىدا زىددىيەت كۆرۈلگەن چاغدىكى ئۆزلۈك ئوبرازىدۇر. ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا ، شەخسنىڭ ئۆزىگە ئوخشىماي قېلىشىدۇر. ئۆزىگە خاس بولغان بىردەكلىك تۇيغۇسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسەك، بىز بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توي – تۆكۈنلىرىدە ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلالايمىز. ئادەمنىڭ ھاياتى سىمۋوللۇق مەنىلەر بىلەن ئورۇلۇپ تۇرىدۇ، ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا سىمۋوللۇق مەنە ئادەمنىڭ ھەرىكىتى، پوزىتسىيىسى ۋە ئۆرپ–ئادىتىدە ئەكس ئېتىدۇ. فرانسىيە شائىرى چارلېز بودلېر: «ئادەم – سىمۋول ئورمىنى» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. ئادەم كىملىكىدە دەل ئاشۇ سىمۋوللۇق مەنىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئۆرپ–ئادەت، ئېتىقاد ئېلمېنتلىرى نامايەن بولىدۇ. بىز 12 مۇقام بىلەن دوپپىنى ئۇيغۇرنىڭ، قېيزا بىلەن جىرنى قازاقنىڭ، راڭپىزىنى توڭگاننىڭ، پوچاڭزا ئېتىشنى خەنزۇنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە باغلاپ چۈشىنىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە كىملىك سىمۋوللۇق مەنىلەر بىلەن گىرەلەشكەن ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتىدۇ. ئادەم ئىجتىمائىيلىشىشنىڭ مەھسۇلى بولغىنى ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا «سىمۋوللاردىن پايدىلىنىپ مەنىلىك ئىجتىمائىي كارتىنا ھاسىل قىلىدۇ» (20)  ھېچقانداق بىر ھايۋان ئادەمدەك سىمۋوللۇق مەنە بىلەن تويۇنغان مەدەنىيەتنى ئۆز ھاياتىدا كۆرسىتەلمەيدۇ. ئادەملا بۇنىڭغا قادىر. ئۇيغۇر توي مۇراسىملىرىدىن ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە سىمۋول بولالايدىغان نۇقتىلارنى ئەسلىگىنىمىزدە ، نىكاھ ئوقۇش، تۇزلۇق نان يېيىش، پولو، يۈز ئېچىش، كۆچۈرۈلۈش ئالدىدا قىزنىڭ بېشىدىن نان ئۆرۈش قاتارلىق سىمۋوللۇق ھەرىكەتلەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئەمما، كىملىككە ئىگە بولۇش نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر دېمەك ئېنگلىز ئەمەس ياكى تۇڭگان ئەمەس دېگەنلىكتۇر. مەن ئەر، شۇڭا ئايال ئەمەس. بۇ يەردە كىملىكنى روشەنلەشتۈرۈۋاتقىنى باشقا ئۇقۇملاردىن پەرقلەندۈرۈۋاتقان بىردەكلىك. بىز ماقالىنىڭ بېشىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ، مۇشۇ بىردەكلىك ۋە تارىخىي ئىزچىللىق يوقالغاندا كىملىك كرىزىسى كۆرۈلىدۇ.
    ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش Ⅱ
    قادىرنىڭ ئىچ پۇشۇقى نىكاھ كۈنى ئەتىگىنىمۇ بېسىقمىدى. ئۇ تويىدا ھاراق قۇيماسلىقنى ئويلىشىۋىدى، دوستلىرى: «تويۇڭ قىزىمايدۇ» دەپ قايتا – قايتا جىكىلەشنى ئۇنتۇمىدى. ئۈرۈمچىدىكى مۇھىم بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان ئابرويلۇق بولغۇسى قېينىئاكىسى تېخى تۈنۈگۈنلا تېلېفون قىلىپ: «ئۇكام، ئاڭلىسام تويدا ھاراق قۇيمايمەن دەپسىز، پۇلىڭىز يېتىشمىسە مەن بېرىمەن، خەق ھاراققا چىقىنالماپتۇ دېمەمدۇ؟ ھاراق قۇيمىساق بولمايدۇ» دەپ گەپنى كېسىۋەتتى. تويدا ئۆزى دوپپا كىيىپ ئايالىغا ئەتلەس كۆينەك كىيدۈرۈشنى ئويلىشىۋىدى، ئەڭ ئاۋۋال ئايالى، ئاندىن قېينىئانىسى قارشى چىقتى. قېينى سىڭلىسى زاڭلىق قىلغاندەك: «قادىركا، مەتۇلۇق قىلماڭ، بۇ قايسى زامان؟» دېدى. ئەنە نىكاھمۇ ئوقۇلۇپ بولدى. ئۇ«ئالدىم» دېگەن گەپنى قاچانلاردا دېگىنىنى، تۇزلۇق ناننى قاچانلاردا يەپ بولغىنىنى ئۇقمىدى. قادىر جەنۇپتىكى ئۆرپ–ئادەتكە ئېتىبار بېرىدىغان بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان، ئۇزۇندىن بېرى تويىنى ئۆزىگە خاس بىر يوسۇندا قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ قىلالمىدى. چۈشتىن كېيىن قىز كۆچۈرۈش ئالدىدا، مەستلىكىدىن يۈزى ئۆپكىدەك قىزىرىپ كەتكەن بىر سالاپەتلىك ئادەم دەلدەڭشىپ تۇرۇپ نۇتۇق سۆزلىدى ۋە ئاللادىن بۇ بىر جۈپكە بەخت تىلەپ كۆپچىلىكنى دۇئاغا چاقىردى. قېينىئانىسى يىغلاپ تۇرۇپ قىزىنىڭ بېشىدىن نان ئۆرىدى. توي يەتتە مېتىرلىق كادىلاك ماركىلىق ماشىنىدا كۆچۈرۈلدى. كەچلىك ۋىچىركىدا قادىر يەنىلا مەڭدەپ ئولتۇردى، ئۇسسۇل،دېسكو، تانسىلار ئوينالدى. ئۇسسۇل ئوينىغان ئوغۇللارغا دوپپا، قىزلارغا شارپا تارقىتىلدى. ئاپئاق توي كۆينىكى كىيگەن ئايالى خۇشالدەك قىلاتتى. ئەمما، قادىر خۇشال بولۇشقا تىرىشسىمۇ خىيالىنىڭ ئاخىرى چىقمايتتى. ئۇ ئاخىرى تويىدا بىر ئىشنى بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە قىلدى. يەنى رىياسەتچى قىز–يىگىت، يىگىت قولداش، قىز قولداشنى بىر مەيدان تانسىغا تەكلىپ قىلغاندا، ئۇ دوستلىرىنىڭ ئايالى بىلەن ئىككىسىنى قىزىل پوتىدا باغلاپ قويۇشىغا ئۇنىمىدى. ئەتراپتىكىلەر «گوركى!» دەپ توۋلىدى، ھەتتا بەزى قىزىقچى دوستلىرى قادىرنىڭ بېشىنى ئايالى تەرەپكە ئىتتىردى. ئەمما ئۇ يەنىلا ئايالىنى سۆيمىدى... ئەڭ ئاخىرقى مۇزىكىدا ئاتلاشكا ئوينالدى. ئەمما ئۇ ئايالىنىڭ زورلاشلىرىغا ئۇنىماي ئوتتۇرىغا چىقمىدى.
    قادىرنىڭ روھىي ھالىتىدىن ئۇيغۇر توي مۇراسىملىرىدىكى كىملىك كرىزىسىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىچ پۇشۇقى كىملىك ۋەسۋەسىسىدە قالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئادەم ئىجتىمائىيلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ كىملىكىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەلۇم بىر خىل يېڭىچە قىممەت قارىشى ياكى ئادەت شەكلى جەمئىيەتتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئادەملەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندا، شەخسىي توپقا ئەگىشىپ شۇنىڭغا ماس ھالدا ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. شەخسنىڭ خاسلىقى، قىممەت قارىشى ئومۇملاشقان، بازار تاپقان قىممەت قاراشلار بىلەن توقۇنۇشقاندا ئۆزلۈك قىسىلىدۇ. بۇ ھالەت ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا كىملىك كرىزىسى كېلىپ چىقىدۇ. «قىممەت قارىشى ۋە قائىدە – يوسۇن بىر خىل مەدەنىيەتتىكى جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى لايىھىلەيدۇ. ھەتتا ئوخشاش جەمئىيەت ئەزالىرى ئىچىدە قىممەت قارىشى توقۇنۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ .» (21) بۇ يەردە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي مۇراسىمىدىكى كىملىكىگە سايە تاشلاپ تۇرىدىغان مۇنداق بىر نۇقتا ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. نىكاھ ئوقۇش، تۇزلۇق نان يېيىش – ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ئىدىئولوگىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىنى تەكىتلىگىنىدۇر. ئەمما، تويدا ھاراق قويۇپ، ھاراق ئىچىۋېلىپ دۇئا قىلىش يەنە ئۆز نۆۋىتىدە نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئۇنتۇپ قالغانلىق بولۇپ، كىملىكنى قۇربان قىلىشنى خالىمايدىغانلار ئۈچۈن بىر كرىزىس. بۇ يەردە مۇرەسسەگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان سىمۋوللۇق بەلگىلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇشى تويلاردىكى كىملىك كىرىزىسىنى روشەنلەشتۈرىدۇ. قادىرنىڭ روھىي دۇنياسىدا كۆرۈلگەن ۋەسۋەسە ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كىملىك ئىزچىللىقىنى ساقلاشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئەمما بۇ تىرىشچانلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغان قىممەت قاراشلىرى تەرەپلىرى مەغلۇپ قىلىنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. قادىرنىڭ تويىدىكى سىمۋوللۇق بەلگىلەر، مەسىلەن «تويدا ھاراق قويۇش» دېگەنلەر ھەممە شەھەر ئۇيغۇرلىرىغا ئورتاق بولغان بەلگىلەر بولمىسىمۇ ، ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل  قىلىنغان. شەھەر توي–مۇراسىملىرىدىكى ئىسلام ئىدىئولوگىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك سىمۋوللۇق بەلگىلەردىن نىكاھ ئوقۇش، دۇئا قىلىش، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە خاس سىمۋوللۇق بەلگىلەردىن يۈز ئېچىش، قىزنىڭ بېشىدىن نان ئۆرۈش، قازاققا خاس مەدەنىيەت بەلگىلىرىدىن جىرلاش، تاتارغا خاس بەلگىلەردىن ئاتلاشكا ئويناش، غەرب مەدەنىيىتىگە تەۋە بەلگىلەردىن ئىجارىگە ئېلىنغان توي كۆينىكى كىيىش؛ خەنزۇغا خاس بەلگىلەردىن سەپ – سەپ ماشىنىلاردا توي كۆچۈرۈش قاتارلىقلار توي مۇراسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىش داۋامىدا كۆپ خىل مەدەنىيەت، ھەرخىل مىللەت بىلەن ئۇچرىشىپ قوبۇل قىلغان «ئەبجەش مەدەنىيەت» نى ۋە «زىددىيەتلىك كىملىك» ىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يەردە مۇنداق ئىجتىمائىي پاكىتقا دىققەت قىلىش كېرەك: شەھەر ئۇيغۇرلىرىمۇ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدۇ. ئەمما، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمى ئىسلامدا ھارام دېيىلگەن يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك بىلەنلا چەكلىنىدۇ. مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ ئۆلچەملىرىدىن بولغان بەش پەرھىز ۋە سۈننەتلەر شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى تەرىپىدىن ئادا قىلىنسا ، يەنە بەزىلەر تەرىپىدىن ئادا قىلىنمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا نۇرغۇن شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋېلىشىغا گۇمان تۇغۇلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر ئىجتىمائىي پاكىتتۇر. جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ ئاساسچىسى، مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئېمىل دۇركىم  (Emile Durkheim (1858-1917)ئىجتىمائىي پاكىتقا مۇنداق تەبىر بېرىدۇ: «ئىجتىمائىي پاكىت – شەخسنىڭ تۇرمۇشى ۋە خاس سېزىملىرىنىڭ سۇبيېكتىنىڭ سىرتىدا مەۋجۇت بولىدىغان رېئاللىقتۇر. بۇ خىل رېئاللىقتا شەخسنىڭ ھەرىكەت، پىكىر ۋە تۇيغۇ ئەندىزىسى ئەكس ئېتىدۇ. ئىجتىمائىي پاكىتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ئالاھىدىلىكى - ئۇنىڭدا شەخسكە نىسبەتەن مەجبۇرلاش كۈچىنىڭ بولغانلىقىدا. كىشىلەر ئىجتىمائىي پاكىتنى قوبۇل قىلغاندا، سىتىخېيىلىك ھالدا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئەندىزىلەرگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىجتىمائىي  پاكىت  ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن شەخسنىڭ ھەركىتىنى چەكلەپ قويىدۇ.» (22) ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىش، ئارىلاشما مەۋجۇدلۇق داۋامىدا باشقىلاردىن مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت ساقىندىلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىمۇ بىر پاكىت. قادىرغا ئوخشاش شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىملىك ۋەسۋەسىسى ئەمەلىيەتتە مۇشۇ خىل ئىجتىمائىي پاكىت ئۇلارنىڭ ئىسلام ئىدىئولوگىيىسىگە، خاس ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە ئىزچىللىقى بىلەن مۇخالىپ كەلگەندە كۈچىيىدۇ.
    خوش، ئۇنداقتا قادىر تويىدا نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلالمىدى؟ بىرى ، ئۇ ئىجتىمائىي پاكىتنىڭ، ئېتىراپ قىلىنغان قىممەت قارىشىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ ، ئۆزىنىڭ كىملىك ئېھتىياجىنى قۇربان قىلدى. يەنە بىرى ، باشقىلارنىڭ «ئۆزىنى چۈپەي، مەتۇ» دەپ قېلىشىدىن قورقۇپ ، ئۆز تۇيغۇلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ھادىسە مىكرو جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە «تەسىرات باشقۇرۇش» ئاتالغۇسىدا مۇنداق چۈشەندۈرۈلىدۇ: «كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنى نېمىدەپ قالىدىغانلىقىغا، باشقىلارنىڭ باھاسىغا جىددىي قارايدۇ. باشقىلارنىڭ ئۆزىگە كۆڭلىدىكى سان بويىچە باھا بېرىشى ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللاردا تەسىراتلىرىنى، چىراي ئىپادىسىنى كونترول قىلىدۇ.» [23]  ئادەمنىڭ  ئاممىۋى سورۇنلاردىكى  ئىجتىمائىي  ھەركىتىدىن  كەڭ  ئىجتىمائىي ئارقا  كۆرۈنۈشنى تەھلىل  قىلىشتا  داڭق  چىقارغان  ئامېرىكىلىق  مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس  ئېرۋىڭ گوفمان  (Erving Goffman)«تەسىرات باشقۇرۇش» (印象管理,impression management) ئاتالغۇسىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، «باشقىلاردا قالدۇرىدىغان تەسىرىمىزنى لايىھىلەش، كونترول قىلىش ئۈچۈن سېزىم، چىراي ئىپادىلىرىمىزنى باشقۇرۇش جەريانى، دەپ چۈشەندۈرىدۇ.» [24]   توي مۇراسىملىرىدا كىشىلەر قادىرغا ئوخشاش چىراي ئىپادىسىنى، تۇيغۇلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ. باشقىلارغا ياخشى تەسىرات بېرىش ياكى جەلپكار كۆرۈنۈش ئۈچۈن رول ئالىدۇ. بۇ يەردە شەخسنىڭ نامايەن قىلىۋاتقىنى ھەقىقىي ئۆزلۈك بولۇشى ناتايىن. ئۇيغۇر توي مۇراسىملىرىدا ئاجايىپ چىرايلىق، يارىشىملىق كىيىنگەن، چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان نازاكەتلىك ئاياللارنى ئۇچرىتىمىز. بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئائىلىسىدە تازا كوت–كوت خوتۇنلاردىن بولۇشى مۇمكىن. تويدا يەنە قىممەت پۇللۇق كىيىم كىيگەن، سالاپەتلىك ئەرلەرنى ئۇچرىتىمىز. بەلكىم ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئائىلىسىدە تازا زوراۋان ئەرلەر ياكى تېشىدا ھېيت ئويناپ ئىچىدە ھازا ئېچىۋاتقانلاردىن بولۇشى مۇمكىن. توي مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئەمەلىيەتتە رول ئېلىشتۇر. «سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيىسى» نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقان بىلۇمېر (1900-1987, Herbert Blumer)ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى «رول ئېلىش» توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «رول ئېلىش–ئۆزىمىزنىڭ ئۆزلۈكى ۋە ئىش–ھەرىكىتىنى باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ نامايەن قىلىش جەريانى»؛ جورج مېدىنىڭ (1863-1931, George H.Mead) نىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، «باشقىلارنىڭ كۈتكىنى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ ئۆزىنى ياخشى  كۆرسىتىشكە تىرىشىشتۇر. رول ئېلىش خەۋەرلىشىش ۋە سىمۋوللۇق ئالاقىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىدۇر .» [25] بۇ جەرياندا بىزنىڭ ئۆزلۈكىمىز ئۆزىمىز ئىپادە قىلغان، ئاشكارىلىغان شەكىلدىلا نامايەن بولىدۇ. ئاممىۋى سورۇنلاردا بىر كىشى ئىپادە قىلغان ئۆزلۈكنىڭ چىن ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى ئاجرىتىش تەس. چۈنكى بۇنداق سورۇندا ھەممە ئادەم ئۆزلۈكىنى بېزەپ ئىپادە قىلىدۇ. قادىر باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۈپەي، مەتۇ دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن رول ئالدى؛ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ھاراق قۇيدى، قىممەت پۇللۇق ماشىنا ۋە ئايالىنىڭ توي كۆينىكىنى ئىجارىگە ئالدى، توينى ياۋرۇپا پاسونىدا قىلىشقا كۈچىدى. بۇنىڭ  بىلەن ئۇنىڭ چىن ئۆزلۈكى قىسىلىپ، باشقىلارغا سۈنئىي ئۆزلۈكى ئاشكارىلاندى. قىسىلغان ئۆزلۈك ئۇنى  كىملىك ھە