• 2008-11-20

    ئايالنىڭ « ئاشنىسى »

    ئايالنىڭ « ئاشنىسى » ئۇنىڭ ئېرى يەنە بۇتلۇنۇپ قالدى.قاپىقىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ، بۇرۇنقى ئادىتىگە ئوخشاش بىر ئىغىزمۇ سۆز قىلماي چاترىقىغا قاراپلا يۈرەتتى.تاماق يەيدىغان چاغدىمۇ ئۇ تۇرماق ئامراق قىزىغىمۇ گەپ قىلمايتى.تىلىۋۇزۇر ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇراتتى.ئانا بالا ئىككىسى كۆرۋاتقان قېسىملىق كىنوسىنى كۆرەلمەي باشقا ئۆيگە كىرىپ غۇدۇرشاتتى.ئايالنىڭ تەلىيىگە بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزى ئالى مەكتەپكە ئۇقۇشقا كەتكەن ئىدى. بولمىسا ئەقىل –ئىدراك كىرىپ قالغان بالا بۇنداق ئىشلارنى ھار ئالاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بالىنى تاكى ئالى مەكتەپكە بارغۇچە ئۇنىڭ ئاپىسى بىقىپ چوڭ قىلغانىدى .ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا ئۇ قىزنى بۇ ئۆيگە ياندۇرۇپ ئەكەلگەندى.شۇڭىمىكىن چوڭ قىزى بۇرۇنقىدىنمۇ ئۆتە كەمسۆز ۋە جىمغۇرلۈشۈپ كەتتى.ياتاق ئۆيۇگە بىكىنىپ ئولتۇرۋالاتتى.ياكى ئۆينىڭ ئىشلىرى بىلەن بىشىنىمۇ كۆتۈرمەي مەشغۇل بولاتتى.يىشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي تاماققا شۇنداق ئۇستا ئىدى.ئۇنىڭ ئاپىسى بۇ نەۋرىسىگە ئائىلىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى سېستىمىلىق ئۈگەتكەن ۋە ھايالىق قىز قىلىپ تەربىيىلىگەن ئىدى.قىز ماۋۇ ئۆگەي دادىسىغا تىكىلىپ قارالمايتى.ناھايىتى زۆرۈر تىپىلغاندا چىشىنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىپ بوش ئاۋازدا بىر ئىككى ئىغىز گەپ قىلغان بولاتتى.لىكىن بۇ دادا ئۇنىمۇ ئۆز قىزىدەك كۆرگەندەكمۇ قىلاتتى.ھىچقاچان ئۆگەيلەپ،يات كۆرۇپقۇ باقمىدى.شۇنداقتىمۇ ئايال ئىرىنىڭ چىرايىدىكى بۇلۇتلارنىڭ تېزراق تارقىلىپ كېتىشىگە بەكمۇ تىلەكداش ئىدى.چۈنكى چوڭ قىزىنىڭ دېلى ئەنە شۇنداق بەكمۇ نازۇك ئىدى.قىزىنىڭ تاساتتىپى ئازار يەپ قىلىشىدىن بەكمۇ ۋايىم يەيتى. لىكىن،ئايال ئىرىنىڭ سۈت بىلەن كىرگەن بۇ خۇينى ئۆزگەرتىشكە، ئۇنىڭ چىرايىدىكى بۇدنىغاقلىق تۇمانلىرىنى خالىغان چاغدا تارقىتىۋىتىشكە ئۇنىڭدا ئامال يوق ئىدى. ئايال گەرچە ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولغان بولسىمۇ يەنىلا نازلىق ھەم سالاپەتلىك ئىدى.ئۇنىڭ كۆكۈش كۆزلىرى بەكمۇ گۈزەل ھەم يېقىملىق ئىدى.ئۇنىڭغا قارىغان ھەرقانداق ئەر كىشى ئۇنىڭغا قايرىلىپ بىر قارىماي قويمايتى.لىكىن ،ئايال قانائەتچان ھەم نومۇسلۇق ئىدى.نومۇسلۇق بولمىسىمۇ بولمايتى.چۈنكى ئۇچۇقراقىنى ئېيىتقاندا ھازىرقى بۇ بۇتنىغاق ئىرى- ئۇنىڭ ئىككىنچى ئىرى ياق، خىيالىدىكى «ئاشنىسى» بىلەن ھېساپلىغاندا ئۈچىنجى ئىرى ئىدى.بىرىنجى ئىرى ئۇ مەكتەپ پۈتۈرۇپ كىلىپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولغان شۇپور يىگىت ئىدى.ئۇ ئۇنىڭغا كۈيۈپ يۈرۈپ ئىككى ئاي ئارىلىشا-ئارلاشمايلا توي قىلغان ،كىلىشكەن ئەر ئىدى.شۇنىسى ئەرمۇ،ئايالمۇ ئوخشاشلا تويدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ نىكاھتا خاتا قىلغىننى سەزدى.ئىككىسىنىڭ ئوتۇرىدا ھەقىقى مۇھابەت يوق ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايال باشقا شەھەردە خىزمەت قىلاتتى.ئىككىسى داۋاملىق بىرگە بولالمايتى. ئايالمۇ بۇرۇن ئالى مەكتەپتە يۈرگەن يىگىتىنى تولا ئەسلەيتى.كىلىشكەن ئەرلەرگە خاس بوي-بەسىت،قاڭشارلىق، قاپ-قارا چوڭ كۆزلىرىدىن مۇھابەت ۋە شۇخلۇق ئوخچۇپ تۇرىدىغان،بۇدرە چاچلىرى ئۆزىگە تولىمۇ ياراشقان يوغانباش شۇ يىگىتنىڭ سىماسى ئۇنىڭ خىيالىدىن بىرمۇ مىنىۇت نېرىغا كەتمەيتى.ئەرنىڭ زادى كىمنى ئويلايدىغىنى ئىنىق ئەمەس ئىدى.قارىغاندا ئۇمۇ بىرىنى خىيال قىلاتتى.قىلدىغىنى ئىنقلا ئىدى.نەچچە قېتىم قۇيۇق لەۋ سۇرۇخ چاپلاشقان كۆڭلەكلەرنى ئايال بايقىغان ھەم چىش يېرىپ ئۇنىڭ يۈزىگە سالمىغان ئىدى.چۈنكى ئۇنىڭ ئىرى داۋاملىق يېنىدا يۈرەلمەيتى.ئۇ باشقۇرۇمەن –دەپ باشقۇرۇپمۇ بولالمايتى.ئاخىرى ئۇلار ئاجىرشىپ كەتتى.بۇ چاغدا ئايالنىڭ قوسۇغۇدا قالغان ئىدى.ئۇ بالىسىنى ئىلىۋەتمەكچى بولدى.ھەتتا ئىرىغا بالىنى تۇغۇپ بىرىۋەتمەكچىمۇ بولدى.لىكىن،ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇنماي تۇرۋالدى.چۈنكى بىر جانغا زامىن بولۇش گونا ھىساپلىناتتى.دادىسىغا بىرىۋەتسە بالىنىڭ ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا ئۆگەيلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتى.ئاخىرى ئۇ ئىرىغا ھەم ئۆزىگە ئوخشايدىغان چىرايلىق بىر قىز يەڭگىدى. *;!p#qL _fmOTz G ئۇنىڭ ئاپىسى تولىمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى.نەۋرىسىنى باغرىغا بىسىپ ،قانماي پۇراپ كېتەتتى.نەۋرىسى ئۇنىڭغا قىزنىڭ مۇشۇنداق ئەللەي چاغلىرىنى ۋە ئۆزى بىلەن بىر ئۆمۇر موھابەت قاينىمىدا ئۆتكەن خۇش –چاقچاق مەرھۇم يولدىشىنى قايتا ئەسلىتىۋاتقان ئىدى.ئەشۇ بىر چاغلاردا ئۇلارمۇ مۇشۇنداق بوۋاقلاردىن بەشنى ئارقا-ئارقىدىن تىپىپ قاتارغا قاتقان ئەمەسمىدى؟.... f J$ >VN ^oH!FN`;{ -بۇ بالىنى مەن باقىمەن.سىنى ھەدە دىسۇن.مىنى ئاپا دىسۇن.سەن ياش يەنە توي قىلىسەن.دۇنيادا يالغۇز ئۆتكىلى بولمايدۇ.-دىدى ئانا قىزىغا.بۇئۇنىڭ دەم ئىلىشىمۇ توشۇپ ئىشقا چىققان چاغنىڭ بىر كۈنى ئىدى. m14OPZ<3?- LPK[ ^ ئۇ گەپ قىلمىدى.چۈنكى ئۇنىڭ يۈرىكىگە يەنە بىر كىلىشكەن يىگىت تاش ئىتىپ مۇھابەتكە تەشنا يۈرەكنى قايتىدىن چالغىتقان ئىدى.قىزىق ئىش ئۇمۇ شوپۇر ئىدى.ئىگىز بويلىرى،قەددى-قامىتى،يۈرۈش-تۇرۇشلىرى بۇ ياش چوكاننى ئۆزىگە مەھلىيا قىلۋالغاندەك ئىدى.ئۇ بۇ يىگىتنى بىر قېتىم گۆش بازىرىنى تەكشۈرۋاتقاندا كۆردى. يىگىتمۇ ئۇ يەرگە بايراملىق يۇقۇردىكىلەرگە سۈڭگۈتىدىغانغا بىرنەچچە قوينىڭ گۆشىنى ئالغىلى بارغان ئىدى.ئىككى ئوتلۇق كۆز ياق،مۇھابەتكە تەشنا بولىۋاتقان ئىككى كۆز بىر-بىرىگە تۇيۇقسىز ئۇچراشقاندا ئۇلارنىڭ تەنلىرىدە ئاجايىپ بىر سىزىم تومۇرلىرىدا مەۋىج ئۇرغاندەك بولدى. ئەر سەزگۈر ئىدى.ئۇنىڭ كېيىۋالغان كىيمىگە قاراپلا ئۇنىڭ ئىشلەيدىغان يەرىنى بىلىۋالدى.كىچىككىنە شەھەردە بۇنداق بىر گۈزەلنى بۇرۇنراق زادىلا ئۇچراتمىغىنىغا ھەيران قالدى.چوكان ئۇنىڭغا پات-پات قاراپ قوياتتى.ئەر ئاخىرى غەيرەتكە كەلدىدە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى: whb,2=gIE S<=|i -ياخشىمۇسىز؟سىز سىز بازار باشقۇرۇشتا ئىشلەيدىكەنسىزدە؟ سورىدى ئۇ. ,.-85isco vI1UFD D -ھەئە. e,I{+ ^P b _%W*Q ئايالغا ئۇنىڭ ئاۋزىمۇ يېقىملىق تۇيۇلۇپ كەتتى.«ئايالى بارمىدۇ؟ بوپ قالسا....»ئايال چاقماق تىزلىكىدە شۇنى كۆڭلۇدىن ئۆتكۇزدى.ئەرمۇ ئويلاۋاتقان ئىدى«ئىرى بار نىمىمىدۇ بۇ؟كاساپەتنىڭ ئەجەپ پەيزى باركەن؟ ئىرى بوپ قالسا....يوقتۇ-ھە؟ ئۇ ئىچىدە ئۆز –ئۆزىگە شۇنداق پىچىرلىدى. ئۇ شۇ تاپتا ئىچىدە ئۇنىڭ ئىرى بولماسلىقىنى ياراتقۇچىسىدىن تىلەپمۇ ئۈلگۈردى، ئەشۇ ئۇچۇرشۇشتىن كېيىن ئۇلار نەچچە قېتىم ئۇچراشتى. M F_VMAq 6" PwOEt قىززىق تەغدىرنىڭ سېخى ئەلچىسى ئۇلارنى قەستەنگە ئۇچراشتۇرغاندەك قىلاتتى.ئەرمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشلا جورىسىدىن ئاجراشقان ئىدى. ئەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئايالى بىلىق قۇرۇشنىمۇ بىلمەيدىكەن.بىر قېتىم ئۆيىگە مېھمان كىلىپ:« بىلىق قورۇغىن»-دىسە بىلىقنىڭ قاسرىقىنىمۇ ،ئىچىنىمۇ تازلىماي،شۇ پىتىلا قۇرۇپ مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپتۇ. بۇ تارتقۇلۇقى بار ئەر ئۆيدە ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلىدىكەن.ئەقىلىسى بۇ سۆيۈملۈك خوتۇن لەڭمەن ئىتىشنىمۇ بىلمەيدىكەن. شۇندىن كېيىن ئەر ئۇ بولۇمسىز خۇتۇننى قۇيۋىتىپتۇ... u8sK~1CPf [>xGynU0 ئۇ – ئەر ئۆزىگە دەپ بەرگەن شۇلارنى ئويلىدىدە، نەۋرىسىنى ئەكىلتىپ، بۈشۇككە بۆلەۋاتقان ئاپىسىغا قارىدى.ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ دوستىغا ئوخشاشلا سىرداش ھەم كۆيۇمچان ئىدى.ئۇ ھېچقانداق ئىشنى ئاپىسىدىن سىر تۇتمايتى.ئۇنىڭ ئاپىسىمۇ قىزىغا ئامراق بولۇپلا قالماي،بەزىدە قىزىنىڭ ياخشى دىلدىشى،سىردىشى ۋە كۆيۇمچان مېھىردىشى ئىدى.ئۇ ئاپىسىنى بەك ئۇلۇغلايتى. ئۇنىڭغا بەكمۇ ئامراق دادىسى خىلى يىللار ئىلگىرىلا ئالەمدىن ئۆتكەن.بەش بالىنى مانا مۇشۇ جاپاكەش ئانا قاتارغا قاتقان.بىرتال قىزىم –دەپ قىزغا باشقىچە مېھرىدە قارايتى.شۇنچە ئەتىۋارلىغىنىغا قىزىنىڭ تەلىيى كەلمەي، ئىرىدىن بىمەھەل ئاجىرشىپ بالىلق بولۇپ ئۇلتۇردى.«-ھىلەممۇ شۇكرى ئىگەم دەيتى ئانا كېچىلىرى قىزىنى ئويلاپ ئىچى ئاچچىق بولغاندا.قىزىمنىڭ نىمىلا بولسا ياخشى ئۇرۇندا خىزمىتى باركەن.بولمىسا تۈگىشىپ كېتەر بولغۇيتى. نىكاھتا تەلىيى ئەجەپ كاژ بوپ قالدى .بۇ يالغۇز قىزىمنىڭ...»دەپ ئۇھ سىناتتى.ئاللادىن نامىزىدا قېزىغا بەخت –ئامەت،خاتىرجەملىك تىلەپ دۇئا قىلىپ ئۇزاق-ئۇزاق جاينىمازدا ئولتۇراتتى.ئەمدى مۇنۇ كىچىك پەرىشتە تۇغۇلدى .بۇنى ئانا ئۆزى باقىدۇ.ھاياتلا بولسا بۇنىمۇ قېزىدەك ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىدۇ.قىزى توي قىلسۇن،تۇرمۇشىنى ئۇرۇنلاشتۇرۋالسۇن.كەلگۈسىگە ئۇل سىلىۋالسۇن.ئانا كېتىپ قالسىمۇ كۆزلىرى خاتىرجەم يۇمۇلسۇندە؟نەۋرىسىنىڭ بارلىق ئۇقۇش-تويلۇق پۇللىرىنى ئۇ ئۆزى راستلاپ بىرىدۇ.ئاللا ئانغىچە ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۇر بىرە.ھەر ئايلىق پىنسىيە پۇلىدىن ئەمدى نەۋرىسىگە غول-غۇل قۇيۇشنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردى .تىخى ئاجايىپ تاتلىق پىلانلارنى تۈزدى... ئۇ ئۆزى ئىككىنجى قېتىم ياخشى كۆرگەن شوپۇر ئەر بىلەن توي قىلدى.ئانا ئويلايتى.« قېزىم ئۆزى سۆيگەن ئادىمىگە ياتلىق بولسۇن.بەخت شۇندىلا ئۇنىڭ كۆزىگە ماكان ئېتىدۇ.»-دەپ.ئاننىڭ ھازىرقى بارلىق ئوي-يادى قىزى بىلەن نەۋرىسىدە ئىدى.ئۇ نەۋرىسىگە «نىگارە» دەپ چىرايلىق ئىسىم قويدى. 1 ئۇنىڭ تۇرمۇشى ھەرھالدا ئىزىغا چۈشتى.كۈنلەر مۇھبەتلىك ئۆتۈشكە باشلىدى.كىلىشكەن ئەر،ياسىداق ئۆي.كۆڭۈللۈك،باياشەت ئائىلە... دەسلىۋىدە مانا بۇلار تۇرمۇشتىن دېلى سۇ ئىچمىگەن چوكاننى لەرزىگە سالدى.ئۇ خىيالىدا ئۆزى ئىزلەۋاتقان ئەرگە ئېرىشكەندەك قىلاتتى.توي قىلىپ ئىككى ئايدىن كېين ئۇنىڭ قوسۇغۇدا قالدى.ئۇنىڭ ئىرىمۇ ئۆزىمۇ بۇ ئىشتىن ناھايىتى خۇشال ئىدى.راستىنى دىگەندە ئۇ بۇرۇنقى ئىرىدىن بولغان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالالغاندەك،ئۇنى ئۆزى ئەمەس ئاپىسى تۇققاندەك ھېسياتتا ئىدى.ئۇ بۇرۇن توي قىلغىنىغا ۋە بىر قىز تۇققىنىغىمۇ ئىشەنمىگەندەك قىلاتتى.بەزىدە ئاپىسىنىڭ قۇچۇغىدىكى ئوماق قىزنى كۆرگۈنىدە ئۇنى ئۆزى ئەمەس ئاپىسى تۇققاندەك ھېسياتتا بولاتتى.دىمەك،بۇ قېتىمقى تۇرمۇش،قايتا ئىرىشكەن نىكاھ،باغرىدىكى كىلىشكەن ئەر ئۇنى ئۆتكەننى ئۇنتۇلدۇرۋەتكەندەك،ئۇنى ئىتراپ قىلماسلىقنى بىلدۈرگەندەك قىلاتتى.ئەمىليەتتە ئۇ قىزنى قولىغا تۈزۈك ئىلىپ ئەركىلىتىپمۇ قويمايتى.ئۇ ھەتتا قىزنى تۈزۈكمۇ ئىمىتمىدى.بالا تۆت ئاي بولغاندىلا ئەمچەكتىن ئايرىدى.مانا ئەمدى يەنە بىر بالىغا ئانا بولىۋاتىدۇ.لىكىن ئۇ بۇ بالىسىغا باشقىچە مېھرىبانلىقتا ئىدى.چۈنكى،ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەردىن بولغان بالا ئىدى.ئىرىمۇ بالىسىنى يەھۇدىلاردەك ئىككى يىل تولۇق ئىمىتىسەن –دىگەن ئىدى.يەھۇدىلارنىڭ ئەقىللىق بولۇشى ئانىنىڭ قاندۇرۇپ ئىمىتكەن سۈتى ھەم ساپالىق ئانىنىڭ تەربىيىسىدە مىش.تۇرۇپلا ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ قۇچۇغىدىكى بالىسىغا ئىچى ئاغرىپ قالدى.نىمىلا بولمىسۇن بۇ بالىنىمۇ ئۇ تۇققۇز ئاي قوساق كۆتۇرۇپ .ئاچچىق تولغاق يەپ تۇغقان ئىدىغۇ؟بىچارە بالا ئانا سۈتىگىمۇ قانماي، بوۋاقلار سۈت پارشۈكى ئىچىپ چوڭ بولدى.«-ئەجەپ ياشلىق قىپتىكەنمەن؟ نىمىشقا يوق دېگەندى ئون ئاي بولسىمۇ ئىمىتمىگەندىمەن؟...» ئۇ ئاپىسىنىڭ قۇچۇغىدىن بالىنى ئالدى .چىرايلىق بوۋاق ئۇنىڭغا قاراپ ۋىلىقلاپ كۈلدى.يۇمران قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ تولغان ئەمچەكلىرىنى كيىمىنىڭ ئۈستىدىن مىجىقلىۋالدى.بەلكى ئۇ مۇشۇ مەمەقلەرنى قانغۇدەك ئىمەلمىگىنىدىن ئاچىقلىنىۋاتقاندۇ ياكى نارازى بوپ شۇنداق كېچىك قوللىرى بىلەن موجۇۋاتقاندۇ.ئۆزىنىڭ رېسقىنىڭ بىۋاق تاش باغىرلىق بىلەن توختۇتۇلغىنىدىن نارازى بولىۋاتقاندۇ؟...ياش ئانا نىمىشقىكىن ئۆزى تازا مېھرىنى بەرمىگەن قىزىغا قاراپ، كۆزلىرىگە ياش ئالدىدە قىزنى باغرىغا تۇنجى قېتىم ئانىلىق مېھرى بىلەن مەككەم باستى.ئۇنىڭ ياش دانچىلىرى بوۋاقنىڭ يۇمران يۈزلىرىگە چۈشۈپ بۇۋاقنى ئەندۇكتۇرۋەتتى.ئانا قىزىنىڭ كۆڭلىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغىنىدىن ئوخشاشلا ئازاپ تارتى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ياشلار دومۇلاشقا باشلىدى.ئۇ قىزنى باغرىغا باستى.قىزىمۇ ئانىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئىتىپ مىچىلداپ يىغلاشقا باشلىدى. ئانا دېگەن مېھرىبانلىقنىڭ قاينىمى.ئۇنىڭ باغرىدىن سەۋىرئالىمىنىڭ ھېدى چىچىلىپ تۇرۇدۇ.ئۇنىڭدا چەكسىز مېھرىبانلىق،تەسەللى ۋە ئىشەنىچ- ئۈمۈت ،غەم-غۇزارلىق بار. شۇڭا ئانىسى بارلار يېتىم ئەمەس.ئانىسى بارلار باشقىلارغا بوزەك ئەمەس.ئانىسى بارلار يول تاپالمىغان ئەمەس. 7. ئۇ يەنە بىر ئوماق قىز تۇغدى.قىزى تولىمۇ ئوماق ھەم تاتلىق ئىدى.بۇ بالىسىنى ئۇ ئۆزى باقتى.شۇ چاغدىلا بىر ئانىنىڭ ھەقىقى ئۇرنىنى چۈشۈنۈپ يەتتى.ئۇ تۇنجى بالىسىغا مېھرىنى بىرەلمىگىنىدىن ئۆكۇندى.ئەمدى ۋاقتى بولسىلا ئانىسىنىڭ يېنىغا ،كىچىك قىزنى كۆتۇرۇپ چوڭ بالىسىنى كۆرگىلى باراتتى.يىللار ئاجايىپ سېخىغۇ؟ بىردەمدىلا بالا ئىككى ياشقا كىردى.بالا بىلە تەڭ ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئىرىنىڭ مىجەز –خۇلقىمۇ ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى.ئۇنىڭ ئىرى يوقىلاڭ ئىشلار توغۇرلۇق بۇتناپ قالاتتى.نەچچە نەچچە كۈنگىچە گاھىدا ھەپتىگىچە گەپ قىلمايتى.بۇنى ئاز –دەپ پورتىمىلىنى ياستۇقىنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ ئۇخلايتى.ئايال بۇ ئىشلارنى ھار ئالاتتى.ئەر ئۆزىنىڭ ئىرى تۇرسا نىمىشقا ئۇنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلىۋالغۇدەك؟ ئەر نىمىشقا ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ؟ئۇ قاچان ئەرنىڭ سورۇغىسىز بىر پۇڭ خەجلەپ باققان ؟توۋا ،مۇشۇمۇ ئىشەنىچمۇ؟ نىكاھتا بىر-بىرىگە ئىشەنمىسە،بۇنداق ئائىلىدە بەرىكەت،خاتىرجەملەك بولامدۇ؟ بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ ئىچى پۇشۇپ،ئۆزىنىڭ قەدرى يوقالغاندەك ھېس قىلاتتى. ئۆزىنى- ئىرىنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلايدىغان ئوغرىدەك پەس كۆرۇۋاتقىنىدىن خورلۇق ھېس قىلاتتى.بولۇپمۇ چوڭ قىزى بۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ تىخىمۇ ئۆز نەرسىلىرىنى تېقىشتۇرۇپ يۈرەتتى.ئايالنىڭ يۈرىكىمۇ قاناشقا،غۇرۇرى دەپسەندە بولۇشقا، ئۆز قىزىنىڭ غايىبانە ئوغۇردەك مۇئامىلىگە ئۈچراۋاتقىنىغا چىشىنى زورىغا چىشلەپ يۈرەتتى.ئۇ ئىچ-ئىچىدىن تىتىلىپ كەتكەندەك بولاتتى.ئۇ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتمەكچىمۇ بولدى.لىكىن ئۇ ئەمدى ئاجراشسا بولمايتى.چۈنكى ئىككى ئەردىن ئىككى بالا يېتىم بولاتتى.«بولدى-دەپ ئويلىدى ئۇ بىرىنىڭ يېتىم قالغىنىمۇ يىتەر.يەنە ئاجراشسام جامائەت ئالدىدىمۇ ، ئىدارىدىمۇ يۈز-ئابرۇيۇم قالمايدۇ. ئاپاممۇ ئارتۇقچە دەرت تارتىۋالىدۇ.ھازىر سالامەتلىكى ياخشى بولمىسا يا؟ چىشىمنى –چىشلەي ،ۋاقىت ئۆتسە تۈزۈلۈپ قالار....» ئارىدىن« تۈزۈلۈپ قالار» دەپ توپ-توغرا ئون تۇققۇز يىل ئۆتۇپ كەتتى.ئۇ چىشىنى –چىشلىدى.چىشلىگەندىمۇ غەيرەت بىلەن چىشلىدى.قىزلىرى چوڭ بولۇپ بىرى ئالى مەكتەپكە ، بىرى تۇلۇق ئورتىغا چىقتى.سۆيۈملۈك ئاپىسىمۇ ئىككى يىل ئاۋال قان بېسىم كىسىلى بىلەن تۇيۇقسىزلا ۋاپات بولدى.ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۈزەل چېھرىگە قۇرۇقلار يول سالدى.ھاياتنىڭ قېسمەتلىرى ئۇنى ئىقتىساتتىن قىسمىغان بىلەن مۇھابەتتىن، ئائىلىدىكى خاتىرجەملىكتىن،كۆڭۈل ئازادىلىكىدىن ئۇنى قىستى.ئۇ ئۆز ئۆيىدىمۇ يۈرەك ئالدى بولۇپ ياشىدى. ئىرىنىڭ پات-پات قوزغۇلىدىغان بۇتنىغاقلىق كېسىلى ئەزۋەيلەپ ھازىر ئايلاپ ئۇنىڭغا قارىمايدىغان، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتمايدىغان بولدى.تاماقنىمۇ بەزىدە باشقا ئۆيگە ئىلىپ كىرىپ يەيتى.ھەتتا ئۆيگە كەلمەيدىغانمۇ بولدى.ئايال باشتا ئىرىغا بۇنداق قىلماسلىقنى،ئۆزىنى قېينىماسلىقنى،بالىلارنىڭ مەسۇم دېلىغا ئازار بەرمەسلىكنى –دەپ نەچچە يىل ئۇدا ئىرىغا يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇردى.ئەر پىسەنىت قىلمىدى.تۈزۈلۇپ قالغاندا بولسا بۇ گەپلەرنى ئۆرۇسىلا شۇ زامان تۇتۇلاتتىدە نەچچە ئون كۈنگىچە بۇتنام قالاتتى.ئايالنىڭ يۈرىكى قۇرۇت ياغاچنى يىگەندەك ئاز-ئازدىن ئۇۋۇلىنىپ دەرت بىلەن تۈگىمەكتە ئىدى.شەھلا كۆزلىرىدىكى بۇرۇنقى مۇھبەت تويۇندىلىرىنىڭ ئورنىنى مانا ئەمدى خۇنۈك دەرت-ھەسرەتلەر ئىگەللەشكە باشلىدى.ئۇنىڭ نەزىرىدە ھايات ئۇنىڭغا كەلگەندە كۈلۈپ باقمىغان ئىدى.ئائىلە - نىكاھ ئۇنى بىۋاق سۇلدۇرۇپ، ھەر بىر كۈنلىرىگە دەرت- ھەسرەت ئىلىپ كېلىۋاتماقتا ئىدى...... ئايال شۇنداقتىمۇ ھايالىق ھەم جەزىبىدار ئىدى.ئىرىنى سەسكەندۇرۇپ قويۇدىغان خوتۇنلاردىن ئەمستى. ئۇنىڭمۇ تاتلىق-تاتلىق خىياللىرى، پەۋەس ئارزۇ - ئارمانلىرى بار ئىدى. { ئۇنىڭغىمۇ شەيتان ھەمرا ئىدى.ئىشىق-مۇھابەتمۇ ئۇنىڭ تېنىدىمۇ پات-پات غەليان كۆتۈرۇپ تۇراتتى. قانلىرى گاھى كېچىلىرى ياۋايلىلارچە تومۇرلىرىدا ئۇرغۇپ كېتەتتى. قىرىق ياشلىق ئايالدە؟ بۇنداق ئەسەبى قۇتراتقۇلۇقلارنىڭ بۇلۇشى تەبىئىلا ئىشقۇ؟ ئۇ بۇنداق زارىقىش كىچىلىردىن ئۆز كارۋىتىدا ئەرنى سېغىنىپ تالاينى ئۆتكۈزگەن ئىدى.ئۇنىڭ ئىرى بۇنداق كىچىلەرگە ئۇنى كۆندۇرۋەتكەن ئىدى. ئۇ تاتلىق ھەم ھېسياتلىق سۆيگۈ ئالىمىدىن بارغانسىرى يېراقلاپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.ھازىر ئۇنىڭ سۆيگۈسى ئىككى قىزى ئىدى.ئۇنىڭ ھازىر بۇرۇنقىدەك دەردىنى تۆكۈدىغان ئاپىسى يوق ئىدى.ئۆزى يالغۇز خىيال سۈرەتتى.كىتاپ ئوقۇيتى.ئاپىسىنى تولا خىيال قىلاتتى.كۆز ياشلىرى دومۇلاپ چۈشەتتى.ئۇنىڭغا تەسەللى بولۇدىغىنى ھېلىقى خىيالىدىكى «ئاشنىسى»لا ئىدى.توۋا قىزىق،ئۇمۇ باشقىلارنىڭ ئاشنا تۇتۇدىغىنى كۆرگەن،ئاڭلىغان ئىدى. لىكىن،ئۇ ئۇنداق قىلمىدى . بۇنداق ئىشنى نومۇس –دەپ قارايتى.پەقەت كۆڭۈل دەردىنى ئۆز كۆڭلۇدە شۇنداق بىر ئەرگە تۈكمەكتە ئىدى.شۇڭا ئۇ قەلبىدە بىرسى بىلەن خىيالەن مۇڭدىشاتتى.ئۇ ئۆزىچە ھەممە دەردىنى ئۇنىڭغا دەيتى.ئۇمۇ جىممىدە، تىل-تاۋۇشسىز ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بارلىق دەردىنى ئاڭلايتى.لىكىن، ھەرقانداق چاغدا ئۇنىڭ گىپىگە زادىلا لوقما سالمايتى.يولمۇ كۆرسەتمەيتى،تەسەللىمۇ بەرمەيتى.لىكىن،ئايال ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىكە ئامراق ئىدى.باشقا دوستلىرىغا دىسە ،سۆز –چۆچەك بولاتتى.بۇ قەلبىدىكى ھېچكىم بىلمەيدىغان ھەتتا ئۆزىمۇ كۆرۇپ باقمىغان «ئاشنىسى» ئۇنىڭ پېنھاندىكى سىرلىرىنىمۇ ساقلاشتا ئەڭ ئىشەنىچلىك ئىدى.باشقىلار ئۇنى ئىپەتلىك ئايال-دەپ بەك ھۆرمەت قىلاتتى.لىكىن، بۇ غەيرى خىيال، يەنى ئۇنىڭ خىيالىدىكى «ئاشنىسى» ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىۋاتقىنى خىلى بولدى.ئۇ بۇ خىيالىدىكىدىن خىلىلا رازى ئىدى.چۈنكى، ئۇ ئىشىق –مۇھابەت تەنگە ئۇلاشقان، ھېسياتلار قۇترىغان ئاتەش كېچىلەردە خىيالىدا بولسىمۇ ئۇنىڭغا ھەمرا،ئۇنىڭغا خىيالەن جىنسى سەۋدالىقنىڭ تىنىتىش دورىلىرنى بىرىدۇ. ئانىسى ۋاپات بولۇپ قىرىقىدىن كېيىنلا ئۇ دەرتلىرىنى بىرىگە تۆكمەكچى بولدى.ئاخىرى ئۇ ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلەشتى.قانداقلارچە بولغان بىر كۈنى كېچىسى ئۇ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ بىرىگە يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ دەردىنى تۆكۈۋاتقان ئىدى.ئۇ چۆچۈپ يېنىغا قارىدى.ئادەم يوق.ئۆزى يالغۇز ئىدى.بۇ ئۇنىڭ خىيالى ئىدى.شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سىلىپ كەتتى.ئۇ ئەر ئۇنىڭ يېنىدا ،ئۇنىڭغا قاراپ ،ئۇنى كۈزۈتۈپ تۇرۋاتقاندەك، كۈچلۈك قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ نازۇك بارماقلىرىنى تۇتۇپ تۇرغاندەك قىلاتتى.شۇندىن بىرى ئۇ ئىككىسى ئايرىلماس بۇلۇپ قالدى.ئايال باشتا ئۆز خىيالىدىن چۆچۈپ يۈردى.كېيىن بۇ سايىسىدىكى ئەرگە ئۈگۈنۈپ، كۆنۇپمۇ قالدى.چۈنكى ئۇ نەگە بارسا ئايال بىلەن بىرگە ئىدى.ئۇنىڭغا قاراپلا،كۈزۈتۈپ تۇراتتى.قارىغاندا ئۇنىڭ روھى بۇ ئەرگە باغلىنىپ قالغان ئىدى.ئەرمۇ ئۇنى يامان يوللاردىن توسۇپ، ئۇنى يامان يوللاردىن.ناشايىن ئىشلاردىن قوغداۋاتقاندەك قىلاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەر ئىرىدەك بۇتناپ قالمايتى.ئۇنىڭغا قوپاللىقمۇ قىلمايتى.ئۇ نىمە يىسە ئۇمۇ شۇنى يەيتى.ماڭسا-ماڭاتتى.ياتسا بىللە ياتاتتى.لىكىن،ئۇنىڭدا تېنىق يوق ئىدى.گۈپۈلدەپ سىلىپ تۇرۇدىغان يۈرەك بولمىغىنى بىلەن ئۇنىڭدا سەۋىر بىلەن تاقەت بار ئىدى.ئۇ ئايالغا كۆيۈنەتتى.كۈيۈنگىنى ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۇنمەسلىكى، ئارتۇق گەپ-سۆز قىلماسلىقلىقى ۋە بۇتنىماسلىقى ئىدى.ئۇ ئەر بۇ ئايالنى سۆيەتتى.سۆيۈشى ئۇنى يامان كۆزلەردىن ساقلايتى.ئۇنى ھايالىق،پاك بولۇشقا باشلايتى.لىكىن،شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ ئەرنى بىرەر قېتىممۇ چۈشەپمۇ باقمىدى. ئايال خىيالىدىكى بۇ ئەرنى خىيال قىلىپ باقتى.بويلىرى ئىگىز،قاڭشارلىق،بۇرۇتلىرى ئۆزىگە ياراشقان،ئارتۇق گىپى يۇق ھەم يوغانباش كۆڭۈلنى ئۇتالايدىغان،خۈش –خۇي ئەر. ئۇ بۇ ئەرنى ئەزەلدىن تونۇيدىغاندەك، ئۇنىڭ بىلەن موڭدۇشۇپ باققاندەكمۇ قىلاتتى.قەيەرلەردىدۇ بىللە بولغاندەكمۇ قىلاتتى..... 5 بىر كۈنى ئۇ خىيالىدىكى ئەرگە ئۆزىنىڭ بەك بۇرۇقتۇم بولۇپ كەتكىنىنى ، يۈرىكىنىڭ ئاغرىۋاتقىننى، ئىرىنىڭ ھازىر زادىلا ئۆزى بىلەن كارى بولمايدىغىنى، تاماققىمۇ خالىمىسا كەلمەيۋاتقىننى ،چوڭ قىزىغا ئانچە ياخشى پوزۇتسىيەدە بولمايۋاتقىننى –دەپ يېغلاپ بەردى.قىزىق،مانا ئاخىرى بۇ تىنى يوق، روھى بار ئەر ئۇنىڭ قولىغىغا پىچىرلاشقا باشلىدى.« ئاجىرشىپ كەت.سەن دۇنياغا بىر ئۆمۇر دەرت تارتقىلكى كەلمىگەن.جان كۈندە چىچەكلىمەيدۇ.ئۆزۇڭنى قىينىما.جىنىم!».ئايال مۈگدەپ ئۇلتۇرۇپ خىيالىدىكى ئاشنىسىغا دەرت تۆكۈۋاتقىنىدا قولىغى تۈۋىدە بىرسى شۇنداق –دەپ شىۋىرلىدى.ئايال يەنە بىر قېتىم چۆچۈپ ئەتراپقا قارىدى.ئۆيدە ئۇ يالغۇز ئولتۇراتتى.يېنىدا ئۇنىڭغا پىچىرلىغان ئەر يوق ئىدى.لىكىن، ئۇ پىچىرلىغان ئاۋازنى«ئاجىرشىپ كەت.سەن دۇنياغا بىر ئۆمۇر دەرت تارتقىلى كەلمىگەن!جان كۈندە چىچەكلىمەيدۇ.ئۆزۇڭنى قېينىما جىنىم!»دېگەن ئاۋازنى ئېنىق ئاڭلىدى.دىمەك ئۇنىڭ روھىدىكى «ئاشنىسى»ئۇنىڭغا پىچىرلىغان ئىدى.ئۇ روھ ئاخىرى تىرىلىشكە باشلىغان ئىدى. " راست ئەمەسمۇ،قاچانغىچە دەرت تارتىمەن؟ يۈرەك كېسىلى بولايلا دىدىم؟ئاپاممۇ «ئۆزۇڭنى قېينىما بالام.جان -كۈندە چىچەكلىمەيدۇ.»دەپ ياش تۆككەن چاغلىرىمدا ئاجىرشىپ كېتىشىمنى تولا دېگەنتى.بالىلارمۇ چوڭ بولۇپ قالدى.بۇلارغىمۇ جاپاكەن.بىچارە بالىلىرىم ...قىزلار تۇرسا ؟ نىمە تاتقۇلۇق بۇ ، ئۆز ئۆيدىمۇ چاچقاندەك تۇگۇلۇپ،مۆكۈپ ياشاپ؟!ئۇمۇ مېنى «ئاجراش»دەۋاتىدىغۇ ئەنە؟ ئايال« ئۇمۇ»دېگەن سۆزىدىن ئەندىكىپ كەتتى.بىرەرسى ئاڭلاپ قالدىمۇ دىگەندەك ئەتراپىغا قارىدى.تەلىيىگە يېنىدىمۇ ھېچكىم يوق ھەم خىيالىدىكى سۆزلىرىنى ئۆزىدىن باشقىسى ئاڭلالمايتى.شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ يۈرىكى سىلىپ كەتتى.ئۇ بۇرۇن ئۇنى «ئاشنام» دەپ تاتلىق ئاتاپ ئۆز كۆڭلۈدە ئۆزىنى ئالدىغان، تەسەللى تاپقۇزغان ئەمەسمىدى؟ «-ئاجايىپ بىر ئىش-ھە؟خىيالىمدىكى ئۇ- ماڭا پىچىرلاشقا باشلىدى؟ مەن چارچاپ كەتتىممۇيا؟ بۇ مېنىڭ تۇيغۇممىدۇ...خىيالىمنىڭ ئەكسىچە بۇنداق ئادەم يېنىمدا رىئال بولسا ئۆزۇمنى كەچۇرمەيتىم.لىكىن مەن ھازىر ئۇنىڭغا ئامراق بوپ قىلىۋاتىمەنغۇ؟ زادى نىمە ئىش بۇ؟ مەندەك غەم –ئازاپلاردا قالغان ئەرلەرگىغۇ «پەرىزات يولۇقۇپتۇ.ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتىۋىتىپتۇ...»دېگەندەك پەتىۋالار بارتى.ئاياللارغىمۇ «ئەر پەرىزات»ئۇچۇرشارمۇ؟.. ».. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاپقاچتى خىياللىرىدىن ئەندىكتىدە شەيتاننىڭ قايمۇقتۇرۇشلىرىدىن خاتا سۆزلەپ قويغىنى ئۈچۈن ياقىسىنى تۇتۇپ توۋا قىلدى.لىكىن ئۇ شۇ كۈندىن كېيىن يېنىدا بىر تىۋېشنىڭ ئۆزىگە تولىمۇ تونۇش بىر تېۋىشنىڭ پەيدا بولغىننى سەزدى.بەزىدە ئۇنىڭ تېنىقىنىمۇ ئىنىق ئاڭلايتى.گاھىدا بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ چاچلىرىنى،لەۋلىرىنى، توقاچتەك قېزىلىقى تەپچىپ تۇرغان مەڭىزلىرىنى قانماي پۇراۋاتقىننى بۇلۇتتەك يەڭگىل لىكىن قېنىپ-قىنىپ سۆيۈۋاتقىنىنى سىزىپ تۇراتتى.... 5 ئۇ ئاخىرى بىر يازلىق تەتىلدە قىزلىرىغا ئۆز قارارىنى ئىيتى.قىزلار بىردەك ئاپىسىنى قوللىدى.لىكىن شەرتى -ھەر ئىككىلىسى ئاپىسىنىڭ يېنىدا قالىدىغىنى بىلدۇردى. ئايالنىڭمۇ مەقسىدى شۇ ئىدى.ئۇ پۇرسەت تىپىپ ئىرىغا «ئاجىرشىپ كېتەيلى.سەنمۇ،مەنمۇ بەك قېينىلىپ كەتتۇق.ئەمدى بالىلارنىمۇ قېينىغىم يوق!»دېدى.ئەر بۇرۇنلا تەييارلىقى باردەك«بولۇدۇ!»دېدى كەسكىنلا قىلىپ.ئۇلار ئاجراشتى.ئايالنىڭ تۇرۇپلا كۆڭلى بۇزۇلدى نىمىلا بولمىسۇن ئۇلار ئون توققۇز يىل بىرگە ياشىغان ئىدى.ئىرى ئالىدىغىنى ئىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.قىزىق يېرى ئۇنىڭ ئىرى خۇشال كۆرۇنەتتى.چىرايى نۇرلۇنۇپ كەتكەن ئىدى.بۇرۇنقى سۆرۈن تەلەتىدىن ئەسەرمۇ كۆرۇنمەيتى.ئۇ باغلاقتىكى ئەركىنلىككە ئىرىشكەن قۇشتەك يايراپ كەتكەندى. ئۇنىڭ ئازراقمۇ ئازاپ تارتمىغىنى ئايالغا ئازاپ ئىلىپ كەلدى....8 ئۇ ئاجراشقان كۈنى يېرىم كېچىدە ئۇ ئۆزىنىڭ يېنىدا بىر ئەرنىڭ يەنى بويلىرى ئىگىز، قاڭشارلىق ،بۇرۇتلىرى ئۆزىگە خوپ ياراشقان، يوغانباش،ئارتۇق گىپى يۇق،كۆڭۈلنى ئۇتالايدىغان،خۈش –خۇي...بىر ئەرنىڭ،يەنى ھېلىقى خىيالىدىكى ئۆزىگە بەكمۇ تونۇش «ئاشنىسى»نىڭ تاتلىق ئۇخلاپ ياتقىننى سەزدى.يۈرىكىنىڭ سوقۇشىنىمۇ ئىنىق ئاڭلىدى.تىنىقلىرىمۇ ھارارەتلىك ئىدى.ئۇ ئەر تەرەپكە قايرىلىپ قاراشقا پېتىنالمىدى.ئەر تاتلىق ۋە مۇھابەت قاينىمىدا ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. ئەر ئۆزى زارىققان شىرىن مىنۇتلارنىڭ پەيزىدە مەس بولغاندەكمۇ قىلاتتى.قارىغاندا ئۇ نىمىدىندۇر بەك چارچاپ كەتكەندەك ئىدى.بوش خورەك رېتىملىرىغا قارىغاندا ئۇ تولىمۇ خاتىرجەم ھەم بەخىتلىك ئىدى. ئايال تېخىچە گۈزەللىكىنى يوقاتمىغان ۋە بۇگۈن بۆلەكچىلا نۇرلۇنۇپ گۈزەللىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى مەككەم يۇمۇۋالدى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بەخىت ھەم مۇھابەتنىڭ قانائەت ئۈچقۇنلىرى نۇر بولۇپ تۇراتتى.لىكىن، ئايال تەشۋىشلىك ئىدى. ئۇچۇقراقىنى ئېيىتقاندا ئۇ تاڭنىڭ ئىتىشىدىن قۇرقۇپ كېتىۋاتماقتا ئىدى.تاڭ ئاتسا قىزلىرىغا كارۋىتىدىكى بۇ ئەرنى قانداق چۈشەندۇرۇشنى بىلەلمەي قىلىۋاتاتتى.لىكىن،ئەر شۇنداق خاتىرجەم ،بەخىت ھەم مۇھابەتنىڭ بۆشۈكىدە دۇنيادىن بىغەم تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.تاڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى... l!



    评论

  • ئۇقۇپ خىچىل بۇلۇپ كەتتىم . مە ن تېخى بويتاق . .
  • ھى ھىھ