• 2008-11-18

    مەڭگۈلۈك مۇھەببەت

    مەڭگۈلۈك مۇھەببەت
    مەڭگۈلۈك مۇھەببەت

    مۇھەببەت بەدەل تۆلەشتۇر، مۇھەببەتكە جاۋاپ قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
    مۇھەببەت سەمىمىي، راستچىل، ئەپۇچان، سەۋرىچان دېگەنلىكتىن ئىبارەت.مۇھەببەت قەتئي ئۆزگەرمەيدىغان مەڭگۈلۈكتۇر.
    مۇھەببەتنىڭ چىن مەنىسى شۇكى، ئۇ بىر مەنزىل، ئۇ ھەممىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئۇ ئەڭ قەدىرلىكتۇر.
    مۇھەببەت بىر خىل مەسئۇلىيەت، مۇھەببەتكە ئېرىشكەندە، ئاندىن ئۇنىڭغا مەسئۇل بولغىلى بولىدۇ.
    تۆۋەندىكى مۇھەببەت توغرىسىدىكى ھېكايە، بىزگە ئىلھام بەرگۈسى!
    بىر كۆزى قارىغۇ بولۇپ قالغان بىر ئەر، ئەما خوتۇنىنى يۆلۈگىنىچە يول بويىدىكى كىچىك ئاشپۇزۇلغا كەچلىك تاماق يىگىلى كىردى. ئۇ مۇلازىمەتچى خادىمغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئىككى چىنە گۆش سېلىنغان سۇيۇقئاشنى بۇيرۇتتى.ئۇ پۇل تۆلەيدىغان ۋاقىتتا مۇلازىمەتچى خادىمغا تۆۋەن ئاۋاز بىلەن چوڭ چىنىلىك گۆش سېلىنغان سۇيۇقئاشتىن بىر ۋە كىچىك چىنىلىك گۆش سېلىنمىغان سۇيۇقئاشتىن بىر، دېدى. تاماق ئەكەلگەن چاغدا، ئەر كىشى گۆش سېلىنغان چوڭ چىنىلىك سۇيۇقئاشنى خوتۇنىنىڭ ئالدىغان قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئالدىغا يەنە بىر كىچىك چىنىدىكى ئاشنى قويدى ھەم خوتۇنىغا:
    «ئىككىمىزنىڭ ئوخشاشلا چوڭ چىنىلىك گۆش سېلىنغان سۇيۇقئاش»دېدى. ئۇلارنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرغان بىر كىچىك قىزچاق بۇ ئەر كىشىنىڭ كۆڭۈل قويماي ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەر ئەنسىزلىك ئىچىدە جىممىدە ئولتۇردى ھەم خوتۇنىغا چۈشەندۈرۈشمۇ بەرمەي، بېشىنى تۆۋەن قىلغىنىچە غىزالاندى. بىراق خوتۇنى ھەممىنى چۈشەنگەن ئىدى، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى توختىماي تۆكۈلەتتى.
    كىممۇ بۇ خىل مۇھەببەتتىن تەسىرلەنمەيدۇ ھەم ھاياجانلانمايدۇ؟ بەزى مۇھەببەت قاينام - تاشقىنلىق بولغاندىلا ئاندىن ئاشىقلار ئوتتۇرىسىدىكى قىزغىن ھېسسىياتنى ئىپادىلىيەلەيدۇ، بىراق بەزى مۇھەببەت كىچىك ئېقىن توختاپ قالمىغۇدەك، خۇددى باھار پەسلىدىكى سىم -سىم يامغۇدەك كىشى قەلبىگە سىڭىپ كىرىدۇ.
    بىر ئۆمۈر بىر- بىرىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆتۈش كېرەكمۇ؟ ياكى بىر - بىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئالدىراش يولۇچىدىن بولۇش كېرەكمۇ؟ مۇھەببەت سىزنىڭ يۈرەك قېتىڭىزدا، ئۇنى چىن دىلىڭىز بىلەن ئىپادىلىشىڭىز كېرەك.
    مۇھەببەتنىڭ چىن مەنىسى بىر -بىرىگە ئۆمۈرلۈك ساداقەتمەن بولۇش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇش شۇنداقلا بىر -بىرىگە يار - يۆلەكتە بولۇشتىن ئىبارەت!

    مەنبە:«پەن ۋە تۇرمۇش» ژورنىلى