ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

Steve Jobs نىڭ 2005-يىللىق سىتەنفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان نوتۇقى

Steve Jobs نىڭ 2005-يىللىق سىتەنفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان نوتۇقى

ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 8601 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامېرىكا پەن تېخنىكا ساھەسىنىڭ باشچىلىرىدىن بىرى، Apple ۋە Pixar نىڭ CEO لىق خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقان Steve Jobs ئەپەندىنىڭ 2005-يىللىق سىتەنفورد( Stanford) ئونۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان نوتۇقى

ئېنگلىزچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلغۇچى ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن: ئايتۇلۇن

.

ئىلقۇتتىن ئىلاۋە ئورنىدا: مەزكۇر ماقالە بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن كەمىنىنىڭ بىر دوستى (ئالىي مەكتەپتىكى) غا ھاۋالە قىلىشى بىلەن ئېنگىلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا بىۋاستە تەرجىمە قىلىنىپ چىقىلغان ئىدى. شۇ تەرجىمە قىلىپ چىققاندىن باشلاپ، مەزكۇر ماقالە تا ھازىرغىچە ئاساسەن ئېلان قىلىنماپتۇ. (بۇ مېنىڭ بۇ ماتېرىيالنى ئېلان قىلىشنى خالىمىغانلىقىم ئەمەس، بەلكى ماتېرىيالنى توردا ئېلان قىلىش ئېسىمدىن چىقىپ كېتىپتۇ.)

ئالدىنقى كۈنلەردە ئالما شىركىتىنىڭ ئىزچىل ھالدا دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ كەلگەن باش ئىجرائىيە رەئىسى ستېۋ جوبس (Steve Jobs) ھايات ۋاقتىدا دۇنيانى قانداق زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بولسا، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك زىلزىلە قوزغاپ بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى.

خۇددى ستېۋ جوبس (Steve Jobs) ھايات ۋاقتىدا، مەزكۇر نوتۇقىدا «ھىچكىمنىڭ ئۆلۈپ كەتكۈسى يوق، ھەتتاكى جەننەتنى خىيال قىلغان كىشىلەرمۇ ئۇ يەرگە ئۆلۈپ كىرگۈسى يوق. بىراق ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بارار جايى، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس. چۈنكى ئۆلۈم ھاياتلىق ياراتقان ئەڭ ياخشى كەشپىيات. قېرىلارنى ئۇزىتىپ قۇيۇپ، يېڭىلارنى كۈتىۋالىدۇ. ھازىر سىلەر تېخى ياش، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي يىللار سىلەرنىمۇ قېرىتىپ، ئۇزىتىپ قويىدۇ. كەچۈرۈڭلار، دىراممىلاردىكى سەھنە سۆزىدەك سۆزلەپ قويدۇم، بىراق بۇ ئەمىلىيەت.» دېگىنىدەك، كۈنلەرنىڭ بېرىدە بىزمۇ ئۆلۈپ كېتىمىز، ئەمما بىز ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن، ئۆزىمىزنىڭ بۇ ئاللاھ ئاتا قىلغان بۇ قىسقىغىنە ھاياتىمىزنى زادى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ھاياتىمىزنى قانداق قەدىرلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەر بىرىمىز ئۈچۈن قويۇلغان ھايات سورىقىدۇر. شۇڭا تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سونىدىغىنىمىز، ستېۋ جوبس (Steve Jobs) ھايات ۋاقتىدا ياشلارغا قالدۇرغان بۇ بېر قېتىملىق نوتۇقىنىڭ تولۇق نۇسخىسىدىن ئىبارەت. ئېسىڭىزدە بولسۇن، خۇددى ستېۋ جوبس (Steve Jobs) ھايات ۋاقتىدا ئېيتقىنىدەك: «ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا پەقەت ھەقىقى نەرسىلا ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ قالايدۇ. تاشقى دۇنيادىن كۈتكەن تەلەپ، نام ئاتاق، ئوڭايسىزلىنىشتىن ياكى مەغلۇپ بۇلۇشتىن قورقۇش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوق بولىدۇ. دائىم ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرۇش بىرەر نەرسىنى يۈتتۈرۈپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەشتىن خالى بۇلۇشنىڭ مەن بىلىدىغان ياخشى چارىسى. بىز بۇ دۇنياغا يالغۇز كەلگەن، ھەم ھىچنىمېنى بىرگە ئېلىپ كېتەلمەيمىز. يۈرىكىڭىزنىڭ خىتابىغا قۇلاق سالماسلىققا ھېچقانداق سەۋەبىڭىز يوق.».

ئامېرىكا پەن تېخنىكا ساھەسىنىڭ باشچىلىرىدىن بىرى، Apple ۋە Pixar نىڭ CEO لىق خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقان Steve Jobs ئەپەندىنىڭ 2005-يىللىق سىتەنفورد( Stanford) ئونۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان نوتۇقى.

.

بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئونىۋېرسىتېتنىڭ بىرىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ھەرقايسىڭلار بىلەن بىرگە بولغىنىمدىن ئىنتايىن شەرەپلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. راستىنى ئېيتقاندا مەن ئالى مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرمىگەن. بۇ ماڭا نىسبەتەن ئالى مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئەڭ يېقىنلاشقان بىر دەقىقە. مەن بۈگۈن ھايات سەپىرىمدىكى ئۈچ ھېكايىنى سۆزلىمەكچى. جىق ئەمەس ئۈچلا.
بىرىنچى ھېكايە : كىچىك ئىشلارنى بىر-بىرىگە باغلاشتۇرۇش
مەن رىد (Reed college) ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالتە ئاي ئوقۇشتىن توختىدىم. تاكى مەن ئوقۇشتىن چېكىنگۈچە بولغان ئارىلىقتا 18 ئاي ئۆتتى. ئۇنداقتا مەن نېمىشقا ئوقۇشتىن چېكىندىم ؟ بۇنى مېنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشىمدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. مېنىڭ ئۆز ئاپام ئەينى ۋاقىتتا تېخى توي قىلمىغان ئاسپىرانت ئىكەن. مېنى تۇغۇلۇشىمغىلا ئالى مەكتەپ سەۋىيسى بار بىرەرسىگە بېرىۋەتمەكچى بوپتۇ. بىر ئادۋۇكات ئەر ئايال بېقىۋېلىشنى ماقۇل كۆرۈپتۇ، بىراق مەن تۇغۇلغاندا بولسا ئەسلى بىر قىز بوۋاق بېقىۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ يېنىۋاپتۇ. بالا بېقىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ھازىرقى ئاتا-ئانام يېرىم كېچىدە بىر تېلېفون قوبۇل قىپتۇ :«ئويلىمىغان يەردىن بىر ئوغۇل بالا چىقىپ قالدى، سىلەر بېقىۋېلىشنى خالامسىلەر؟». ئۇلار قوشۇلۇپتۇ. كېيىن ئۆز ئاپام مېنىڭ ھازىرقى ئاپامنىڭ ئالى مەكتەپ سەۋىيەسى يوقلىقىنى، ھازىرقى دادامنىڭ بولسا ھەتتا تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ پۈتتۈرمىگەنلىكىنى بايقاپ رەسمىيەتلەرگە قول قۇيۇشنى رەت قىپتۇ. نەچچە ئايدىن كېيىن مېنىڭ ھازىرقى ئاتا-ئانام مېنى ئالى مەكتەپكىچە ئوقۇتىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئاندىن قوشۇلۇپتۇ. مېنىڭ ھاياتىم مانا مۇشۇنداق باشلانغان.
17 يىلدىن كېيىن مەن ئالى مەكتەپكە كىردىم. ئەينى ۋاقىتتا بىلمەي قېلىپ ئوقۇش پۇلى Stanford ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئوخشاش قىممەت بىر ئالى مەكتەپنى تاللاپتىمەن. ئاتا-ئانامنىڭ يىغقان پۇلىنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۇلۇمغا كەتتى. 6 ئاي ئۆتۈپ كەتتى. مەن بۇنداق ئوقۇشنىڭ زادى قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلمىدىم. ئۇ چاغلاردا بۇ ئۆمۈرۈمدە نېمىشلارنى قىلىشنى، ئالى مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ بۇ سوئالىمغا قانچىلىك ياردىمى بارلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە مەن ئاتا-ئانامنىڭ بىر ئۆمۈر يىغقان پۇللىرىنى خەجلەۋاتاتتىم. شۇڭا مەن ئوقۇشتىن توختاشنى قارار قىلدىم. چۈنكى مەن «باشقا كەلگەندە باتۇر» بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ئەينى ۋاقىتتا كىشىنى چۆچىتىدىغان بۇ قارار كېيىن قارىسام مەن چىقارغان توغرا قارارنىڭ بىرى بولۇپ چىقتى. ئوقۇش توختاتقاندىن كېيىن مېنى قىزىقتۇرالمايدىغان دەرسلەردىن توختاپ، ۋاقتىمنى ئۆزۈم قىزىقىدىغان دەرسلەرنى ئاڭلاشقا سەرپ قىلدىم.
كۈنلىرىم ئۇنچىلىك رومانتىك ئەمەس ئىدى. مېنىڭ ياتىقىم يوق بولغاچقا دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە پولدىلا ئۇخلايتتىم. كولا قۇتىسىنى يىغىپ تاپقان بەش شىللىڭ پۇلغا يەيدىغان نەرسە ئېلىپ يەيتتىم. بىر ۋاق ياخشى تاماق يېيىش ئۈچۈن ھەر يەكشەنبە كەچ 7 ئىنگلىز مىللى (تەخمىنەن 11 كىلومېتىر ) يىراقلىقتىكى ھىندىستاننىڭ Hare Krishna ئىبادەتخانىسىغا باراتتىم. ئۇ يەردىكى تاماقلارنى بەكمۇ ياقتۇراتتىم. ئۆزەمنىڭ قىزىقىشى ۋە بىۋاستە سېزىمىغا ئاساسەن ئىگىلىگەن نۇرغۇن نەرسىلىرىم كېيىنكى كۈنلەردە قىممەتلىك بايلىقىم بولۇپ قالدى. مىسالغا ئالسام :
ئەينى چاغدا Reed ئۈنۋېرسىتېتى دۆلەت ئىچىدە ئەڭ ياخشى دېگۈدەك ئوقۇتۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيتتى. مەكتەپنىڭ ھەربىر پارچە تام گېزىتى، تارتمىلارنىڭ ئىزاھنامىسىدىمۇ چىرايلىق قول يازمىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. مەن ئوقۇشتىن چىكىنگەنلىكتىن نورمال تەرتىپ بويىچە دەرس ئوقۇمىساممۇ بولىدىغان بولغاچقا،خەتتاتلىقنى ئۆگۈنۈشكە كىرىشتىم. مەن serif ۋە san serif خەت نۇسخىسىنى، باسمىچىلىق سەنئىتىنى سەرخىللاشتۇرغان ئوخشىمىغان ھەرپ بىرىكمىسىنىڭ ئارىلىقىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگەندىم. مەن ئۇنىڭدىن پەن ئارقىلىق ھېس قىلغىلى بولمايدىغان تارىخى، بەدىئىي گۈزەللىكنىڭ كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم.
بۇ ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ تۇرمۇشۇمدا قانداق ئەمىلىي ئىشلىتىلىشچانلىقى بارلىقىنى بىلمەيتتىم. بىراق 10 يىلدىن كېيىن،مەن تۇنجى Macintosh كومپيۇتېرنى لايىھەلەۋاتقاندا ئۆگەنگەنلىرىمنى ئېسىمگە ئېلىپ ئىشلەتتىم. شۇڭا Macintosh چىرايلىق نەرسىلەرنى بېسىپ چىقىرالايدىغان تۇنجى كومپىيوتېر بولۇپ قالدى. ئەگەر مەن خەتتاتلىق دەرسىگە كىرىشىپ قالمىغان بولسام، Mac مۇ ھەرخىل خەت نۇسخىسى ۋە نىسبەت بويىچە ئۆزگەرتىلگەن خەت شەكلىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان بولاتتى. ئەگەر Windows بۇنى Mac دىن كۆچۈرۈپ ئىشلەتمىگەن بولسا، مەن مەكتەپتىن چىكىنىپ خەتتاتلىق دەرىسىنى ئۆگەنمىگەن بولسام ئېھتىمال شەخسى كومپيوتېرنىڭ ھېچقايسىسىدا ھازىرقىدەك ھەرخىل چىرايلىق خەت نۇسخىسى بولمىغان بولاتتى. ئەلۋەتتە مەن ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا بۇلارنى بىر بىرىگە باغلاشتۇرۇپ ئالدىن مۆلچەرلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 10 يىلدىن كېيىنكى ئەمەلىيەت بۇنى ئېنىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
دېمەك، سىز ھاياتىڭىزدىكى ھەربىر كىچىك نوقتىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلىيەلمەيسىز. پەقەت ئۆتمۈشىڭىزگە قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ بىر بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىنى بايقايسىز. شۇڭا ئىشىنىڭكى سىز ئۆگەنگەن ئۇششاق–چۈششەك ئىشلار ھاياتىڭىزدا بىر بىرىگە باغلانغان بولىدۇ. ئازدۇر كۆپتۇر بىرەر نەرسىگە ئىشىنىڭ، مەيلى بىۋاستە سېزىم، تەقدىر ياكى ھاياتلىق دېگەندەك. بۇ گەرچە سىزنى داغدام يولدىن مەھرۇم قىلغان تەقدىردىمۇ ھىچ بولمىسا ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ، يولىڭىز ماڭغانسېرى ئېچىلىدۇ. بۇنداق قىلىش مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگىچە مەناغا ئىگە قىلىپ كەلدى.
مېنىڭ ئىككىنچى ھېكايەم : ياخشى كۆرۈش ۋە يۈتتۈرۈش
ئۆزەمنىڭ نېمېنى ياخشى كۆرۈپ قىلىدىغانلىقىمنى بالدۇر بايقىغىنىمدىن ئامەتلىك دەپ چاغلايمەن. 20 ياش ۋاقتىمدا ماشىنا ئىسكىلاتىدا Woz بىلەن بىرلىكتە Apple كومپىيوتېرىنىڭ ئىشلىرىنى باشلىغان ئىدۇق. جاپالىق ئەمگىكىمىز بەدىلىگە Apple شىركىتى 10 يىلنىڭ ئىچىدە ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئىش باشلىغان ئىككى ئادەمدىن چوڭىيىپ 2 مىليون دوللار ئىقتىسادى قىممىتى ۋە 4000 خىزمەتچىسى بار بىر چوڭ شىركەتكە ئايلاندى.
ئۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن بىزنىڭ ئەڭ ئېسىل مەھسۇلاتىمىز Macintosh نى بازارغا سالدۇق. مېنىڭ يېشىممۇ 30 غا بېرىپ قالغانىدى. ئاندىن مەن ئىشتىن بوشىتىلدىم. ئۆزى قۇرغان شىركەتتىن ئىشتىن بوشىتىلغان نەدە بار؟ ئەسلى، Apple چوڭايغاندىن كېيىن مەن ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان بىرىنى بىز بىلەن بىرگە شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئىشلەتتۇق. باشتىكى بىر نەچچە يىلدا ئۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىدى. كېيىن كەلگۈسى تەرەققىيات ھەققىدە پىكرىمىز بىر يەردىن چىقماي قېلىپ، ئۆز يولىمىزغا ماڭماقچى بولدۇق. ئويلىمىغان يەردىن باشقۇرۇش ھەيئىتىدىكىلەر ئۇنىڭ پىكىرىنى قوللىغاچقا مەن ئىلاجسىز چىكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم. 30 ياش ۋاقتىم ئىدى. ياشلىقىمنى سەرپ قىلىپ تىكلىگەن ئىگىلىكىم مۇشۇنداقلا يوق بولدى. نېمە قىلىشنى بىلمەيلا قالدىم.
مۇشۇ تەرىقىدە بىر نەچچە ئايمۇ ئۆتۈپ سودا ساھەسىدىكى ئۇستازلىرىمنىڭ مەندىن كۈتكەن يېرىدىن چىقالماي، ئۇلارنى ئۈمىتسىزلەندۈردۈم. HP نىڭ قۇرغۇچىسى David Packard بىلەن Intel نىڭ قۇرغۇچىسى Bob Noyce نى ئىزدەپ، ئىشلارنى بۇزۇپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلاردىن ئەپۇ سورىدىم. مەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى مەغلۇبىيەتچىنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ قالغانىدىم. بېشىمنى ئېلىپ چىقىپ كېتەي دەپمۇ ئويلىدىم. بىراق مەن يەنىلا بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. Apple دىكى مەغلۇبىيىتىممۇ بۇ ياقتۇرىشىمنى قىلچە ئۆزگەرتەلمىگەن ئىدى. گەرچە مەن ئىنكار قىلىنغان بولساممۇ يەنىلا شۇ ئىشلارنى ياخشى كۆرەتتىم. شۇڭا ھەممىنى باشتىن باشلاشنى قارار قىلدىم.
ئەينى ۋاقىتتا بايقىماپتىكەنمەن، بىراق كېيىن بىلدىمكى Apple دىن چىكىنىپ چىققىنىم مەن بېشىمدىن كەچۈرگەن ئەڭ ياخشى ئىش ئىكەن. ھېچقانداق ئىشنى جەزىملەشتۈرمەي تۇرۇپ ھەممە ئىشنى يېڭىدىن باشلاش جاپا مۇشەققەتتە قالغان غەلبە قازانغۇچى بۇلۇشقا قارىغاندا ئاسان تۇيۇلدى، ئەركىن ھالدا ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئىجادى مەزگىللىگە قەدەم قويدۇم. كېيىنكى5 يىلدا مەن ئارقا-ئارقىدىن NeXT ۋە Pixar شىركىتىنى ئاچتىم، ھازىرقى ئايالىم Laurene بىلەن تونۇشتۇم. دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم كومپيوتېردىلا ئىشلەنگەن كارتون فىلىمى Toy Story نى ئىشلەپ چىقتى. ئۇ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كارتون فىلىمى ئىشلەش مەركىزى بولۇپ قالدى. كېيىن Apple شىركىتى NeXT نى سېتىۋالدى، مەنمۇ Apple غا قايتتىم. بى‍ز NeXT تا تەرەققى قىلدۇرغان تېخنىكا Apple نىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىدىكى يادروسى بولۇپ قالدى. كېيىن ھازىرقى ئايالىم بىلەن بىزنىڭ بەختلىك ئائىلىمىزنى قۇردۇق.
جەزىملەشتۈرىمەنكى، ئەگەر Apple دىن چىقىرىۋېتىلمىگەن بولسام بۇ ياخشى ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسى يۈز بەرمىگەن بولاتتى. خۇددى كېسەلگە پايدا قىلىدىغان ئاچچىق دورىغا ئوخشاش. تۇرمۇشتا بەزىدە كۈتۈلمىگەن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. ئىشەنچىڭىزنى يوقاتماڭ. قىلىۋاتقان ئىشىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىم مېنىڭ ئالغا بېسىشىمغا تۈرتكە بولىۋاتقان بىردىن بىر نەرسە. سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى تېپىپ چىقىشىڭىز كېرەك، خۇددى سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىرىنى تاپقاندەك چىن بولسۇن. سىز قىلىدىغان خىزمەت ھاياتىڭىزنىڭ بىر چوڭ بۆلىكى بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىڭىز مەمنۇن بولغۇدەك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى سىز ئۇلۇغ دەپ بىلگەن ئىشنى قىلىش. شۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى سىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش. ئەگەر ئۇنداق ئىشلارنى تېخى بايقىمىغان بولسىڭىز داۋاملىق ئىزدەڭ، بوشىشىپ قالماڭ. ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كىرىشىپ ئىزدىسىڭىز چوقۇم تاپالايسىز. ئاندىن خۇددى باشقا مۇناسىۋەتلەرگە ئوخشاش، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بارا-بارا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا بوشاشماي ئىزدەڭ،توختاپ قالماڭ.

ئۈچىنچى ھېكايەم : ئۆلۈم
17 ياش ۋاقتىمدا مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئوقۇغان ئىدىم : «ھەربىر كۈنىڭىزنى خۇددى ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدەك ئۆتكۈزسىڭىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىڭىزنىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقايسىز.» بۇ سۆز ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغانىدى. شۇنىڭدىن 33 يىل مابەينىدە، ھەركۈنى ئەتىگەندە ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمدىن مۇنداق سورايتتىم : «ئەگەر بۈگۈن ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولغان بولسا، يەنە بۈگۈن قىلماقچى بولغان ئىشلارنى قىلارمىدىم؟». ئەگەر ئۇدا بىر نەچچە كۈن ياق دەپ جاۋاب بەرگەن بولسام، ئېنىقكى تۇرمۇشۇمغا چوقۇم ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشىم كېرەك.
ئۆزۈمگە ئۆلۈمنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش چوڭ تاللاشلارنى قارار قىلىشىمدىكى مۇھىم قۇرال بولۇپ كەلدى. ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا پەقەت ھەقىقى نەرسىلا ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ قالايدۇ. تاشقى دۇنيادىن كۈتكەن تەلەپ، نام ئاتاق، ئوڭايسىزلىنىشتىن ياكى مەغلۇپ بۇلۇشتىن قورقۇش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوق بولىدۇ. دائىم ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرۇش بىرەر نەرسىنى يۈتتۈرۈپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەشتىن خالى بۇلۇشنىڭ مەن بىلىدىغان ياخشى چارىسى. بىز بۇ دۇنياغا يالغۇز كەلگەن، ھەم ھىچنىمېنى بىرگە ئېلىپ كېتەلمەيمىز. يۈرىكىڭىزنىڭ خىتابىغا قۇلاق سالماسلىققا ھېچقانداق سەۋەبىڭىز يوق.
بىر يىل ئىلگىرى دوختۇرلار ماڭا راك كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويدى. ئەتىگەن سائەت 30 : 7 دىكى سىكانىرلاش نەتىجىسى ئاشقازان ئاستى بېزىدە ئۆسمە بارلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم. دوختۇر ماڭا بۇنىڭ داۋالىغىلى بولمايدىغان راك ئىكەنلىگىنى، مېنىڭ يەنە 3 ئايدىن 6 ئايغىچە ئۆمرۈمنىڭ قالغانلىقىنى، ئۆيگە قايتىپ ئىشلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئېيتتى. بۇ دوختۇرلارنىڭ مەندەك بىمارغا بېرىدىغان ئۆلچەملىك جاۋابى ئىدى. بۇ دېگەنلىك سىز كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە بالىلىرىڭىزغا ئېيتماقچى بولغانلىرىڭىزنى قالغان مۇشۇ بىرنەچچە ئايدا دەپ بولىشىڭىز، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئىمكانقەدەر ئاسان بولىشى ئۈچۈن ھەممە ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىشىڭىز، ئاندىن ئۇلار بىلەن خوشلىشىشىڭىز كېرەك. ھەر كۈنى بۇ دىئاگنوز كاللامغا كىرىۋالدى. كېيىن بىر كۈنى كەچتە تىرىك تۇقۇلما تەكشۈرتكۈزدۈم. بىر دانە ئىچىدىن كۆزىتىش ئەينىكىنى كانىيىمدىن سېلىپ ئاشقازان ئارقىلىق ئۈچەيگە كىرگۈزدى. بىر دانە يىڭنىنى ئاشقازان ئاستى بېزىگە چۇقۇپ ئۆسمىدىن ئازراق ھۈجەيرە ئالدى. ماڭا تىنىچلاندۇرۇش ئۇكۇلى بېرىپتۇ. كېيىن ئايالىم ماڭا دوختۇرلار ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە خوشاللىقىدىن ۋارقىرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. چۈنكى بۇ بىر ئوپراتىسىيە بىلەنلا ساقىيىدىغان ئادەتتىكى ئۆسمە ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئوپراتسىيە قىلدۇردۇم. مانا ھازىر ساپساق تۇرۇپتىمەن.
ئۇ چاغ ئۆلۈم ماڭا يېقىنلاپ كەلگەنىدى. ئۇ قېتىمقىسىنى كېيىنكى نەچچە ئون يىلنىڭ ئىچىدىكى ئۆلۈمگە ئەڭ يېقىنلاشقان بىر دەقىقە بولۇپ قالسىكەن دەيمەن. بۇ ئىشتىن بۇرۇن ئۆلۈمنى پەقەت بىر مەۋھۇم ئۇقۇم دەپ قارايتتىم. ھازىر جەزىملەشتۈرۈپ ئېيتالايمەنكى : ھىچكىمنىڭ ئۆلۈپ كەتكۈسى يوق، ھەتتاكى جەننەتنى خىيال قىلغان كىشىلەرمۇ ئۇ يەرگە ئۆلۈپ كىرگۈسى يوق. بىراق ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بارار جايى، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس. چۈنكى ئۆلۈم ھاياتلىق ياراتقان ئەڭ ياخشى كەشپىيات. قېرىلارنى ئۇزىتىپ قۇيۇپ، يېڭىلارنى كۈتىۋالىدۇ. ھازىر سىلەر تېخى ياش، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي يىللار سىلەرنىمۇ قېرىتىپ، ئۇزىتىپ قويىدۇ. كەچۈرۈڭلار، دىراممىلاردىكى سەھنە سۆزىدەك سۆزلەپ قويدۇم، بىراق بۇ ئەمىلىيەت.
ۋاقتىڭىز ئىنتايىن چەكلىك، شۇڭا ۋاقتىڭىزنى باشقىلار بەلگىلەپ بەرگەن تۇرمۇشنى كەچۈرىمەن دەپ ئىسراپ قىلماڭ. بەزىبىر بىمەنە كۆز قاراشلاردىن قايمۇقۇپ قېلىش باشقىلارنىڭ تەپەككۇر نەتىجىسىنى ئۆلچەم قىلىپ ياشاشتىن باشقا ئىش ئەمەس. باشقىلارنىڭ پىكىرى ئۆز يۈرىكىڭىزنىڭ خىتابىنى يۈتىۋەتمىسۇن. ھەممىدىن مۇھىمى ئۆزىڭىزنىڭ بىۋاستە سىزىمىڭىزگە، يۈرىكىڭىزنىڭ خىتابىغا قۇلاق سېلىشقا جۈرئىتىڭىز بولىشى كېرەك. پەقەت شۇلارلا سىزنىڭ زادى قانداق ئادەم بولغىڭىز بارلىغىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىسى ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ.
ياش ۋاقتىمدا ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان The Whole Earth Catalog دەيدىغان بىر ژۇرنال بار ئىدى. بۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان Menlo Park دېگەن يەردىكى Stewart Brand ژورنالنى شېئىرى تۈسكە ئىگە قىلىپ چىقىراتتى. 1960– يىللارنىڭ ئاخىرى شەخسىي كومپيۇتېر ياكى خاتىرە كومپيۇتېر بولمىغاچقا، خەت ئۇرۇش ماشىنىسى، قايچا ۋە Polaroid فوتو ئاپپراتى قاتارلىقلارنى ئىشلىتەتتى. ژورنالنىڭ مەزمۇنى قەغەزگە بېسىلغان Google غا ئوخشاش بۇلۇپ، Google بارلىققا كىلىشتىن 35 يىل بۇرۇن غايىۋى، ئىلغار ئاڭ ۋە يېڭىلىق تارقىتىشتىكى ئېسىل قۇرال ئىدى. بۇ ژۇرنالدىن بىر نەچچە سان نەشىر قىلىنىپلا توختاپ قالدى. ئۇ 1970- يىللارنىڭ ئوتتۇرى بولۇپ، مەن سىلەر دىمەتلىك ئىدىم. ئاخىرقى سانىنىڭ كېيىنكى مۇقاۋىسىدا بىر پارچە سەھرا يولىنىڭ ئەتىگەندە تارتىلغان سۆرىتى بار ئىدى. بۇنداق يولنى سىز خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ تاققا ياماشقىنىڭىزدا ئۇچرىتىشىڭىز مۇمكىن. رەسىمنىڭ ئاستىدا مۇنى خەتلەر بار ئىدى : « بىلىمگە ئىنتىل، كەمتەر ياشا » . بۇ ئۇلارنىڭ ئېيتماقچى بولغان ئاخىرقى سۆزلىرى ئىدى. شۇنچە يىللاردىن بۇيان بۇنى ئۆزەمدىن تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ھازىر سىلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يېڭى بىر باشلىنىشتا تۇرىۋاتىسىلەر، ئەمدى بۇنى سىلەرگە قالدۇرماقچى مەن.
« بىلىمگە ئىنتىل، كەمتەر ياشا ».

تۆۋەندە ستېۋ جوبس ھەققىدە ھەزرەت لايىھە بلوگى تەمىنلەپ بەرگەن رەسىملەرنى قىستۇرۇپ قويدۇم:


بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى