مائارىپ
; K- W2 @' j I1 @( V
0 s/ R: [ j# R( z, R& L0 ]) P$ ^7 ]! y" i! e
قەلبىمدىكى ئۇيغۇر يىگىتى قەلبىمدىكى ئۇيغۇر يىگىتى- ۋەتەنپەرۋەر،مىللىي خاسلىقى گەۋدىلەنگەن؛ئەرلىك بۇرچىنى،ئائىلىدىكى مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالايدىغان،ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنىدىغان مەسئۇلىيەتچان يىگىت.
+ e1 S0 J" `6 [. K C$ t& p4 V' l2 e
قەلبىمدىكى ئۇيغۇر يىگىتى- بۆرىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە ساداقەتنى،تۆگىدىكى سەۋرچانلىق ۋە چىدام-غەيرەتنى،شىردىكى رىقابەت ۋە كەسكىنلىكنى،بوۋاقتىكى سەمىمىيەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن باھادىر يىگىت،ئۇ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى قەددىي-قامىتىگە ،ئاتائانىسىنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلمايدۇ،قىزلارنى پۇل خەجلەشتىكى مەردلىكى بىلەن ئەمەس بەلكى يىگىتلىك غورورى،بىلىمى ،ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن مەمنۇن قىلىدۇ.
# o7 o$ s" x+ q" V3 t
: |) l: J) A* w; U" x2 M1 qقەلبىمدىكى ئۇيغۇر يىگىتى- باشقىلار دەسسىگەن سەنەمگە دەسسەپ،مۇھىتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەيدۇ،بەلكى ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە ياخشى ئىش ھەركەتلىرى بىلەن مۇھىتنى ئۆزگەرتىدۇ. دانكودەك باشقىلارنىڭ يولىنى يورۇتۇپ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە يېتەكلەيدىغان سەردار بولالايدۇ( s3 t) {; J# G% ?
+ R+ L4 ]. Q- p! z w0 J0 p
قەلبىمدىكى ئۇيغۇر يىگىتى- شامالنىڭ يۆلىنىشىگە قاراپ ئۆزگىرىدىغان خامىلىئونغا ئوخشىمايدۇ،بەلكى مەيدانى ئېنىق،ئادالەت،ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ4 m$ }6 d- \% @ j6 U
( G! P+ ]: Z9 c6 D* t6 w( K+ b6 P
قەلبىمدىكى ئۇيغۇر يىگىتى- كىچىككىنە قىيىنچىلىق ئالدىدا بەل قويۇۋېتىپ چۈشكۈنلەشمەيدۇ،ئەكسىچە رىقابەت ئېقىمىدا غۇلاچ تاشلاپ ئۈزىدۇ ۋە ئەجىردىن يارالغان نەتىجىلەردىن تەسەللىي تاپىدۇ.
0 ~2 D0 v: G+ S- w" N8 f1 |7 |) q* r& u0 R
قەلبىمدىكى ئۇيغۇر يىگىتى- شەخسىي ھېسياتىنى دەپ ئۇلۇغ ئىشلاردىن ۋاز كەچمەيدۇ،ئەل مۇھەببىتىنى كۆزلەيدۇ،گۈزەللىكنى چىرايىدىن ئەمەس بەلكى يۈرەكتىن ئىزدەيدۇ!
! ^# k3 f6 g; u( ], {, m. Q- Q9 t" D2 _0 e3 L! w( g
) H# N5 H, v3 @" i8 O3 gيۇقارقىلار بىز قىزلارنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقىي ئۇيغۇر يىگىتلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىغانلىرىمىز
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |