خەۋەرئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سىرلىق «X―37B» بەلگىلىك ئالەم ئايروپىلانى يەتتە ئايلىق ئالەم سەپىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، لوس ئانژېلېستىكى ۋاندېنبېرگ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئوڭۇشلۇق قوندى. ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ ئىشنىڭ ھەرقىقىي ماھايىتى ۋە ئىشلىتىش يولىنى قەتئىي تىلغا ئالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى«سىرلىق»دەپ ئاتالدى. ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى «X―37B »نىڭ ئۇچۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلغاندا: ئۇچقۇچىسىز بۇنداق ھەربىي ئالەم ئايروپىلانىنى يەرشارى ئوربىتاسىغا ئورۇنلاشتۇرغاندا خۇددىي دۈشمەنلىشىۋاتقان دۆلەت ئاسمىنىدا بومبا ئىسكىلاتىنى ئېسىپ قويغانغا باراۋەر. ئامېرىكا زۆرۈر دەپ قارىسىلا بۇ بومبىلارنى تاشلىسا بولۇۋېرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، بۇ، رەقىبلىرىمىزنى ئالاقزەدە قىلىۋېتەلەيدۇ، دېگەن. ئەمما شىۋېتسىيە سىتوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى شاننون كېللىي: ئالەم ئايروپىلانىغا سېلىشتۇرغاندا، دۇنيادا ھازىر بار باشقا قوراللار سىستېمىسى خۇددى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتتىكى ئوقيا ۋە قالقانغىلا ئوخشايدۇ، دېدى.
- z0 U4 x: M* Y2 s% F باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھىنى «ئېلىپ كېتىدۇ»
: s1 N6 e }: |5 i+ l9 J«X―37B «نىڭ ئۇزۇنلۇقى 8.8 مېتىر، قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4.6مېتىر بولۇپ، ھەجىمى ئامېرىكىدا ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئالەم ئايروپىلانىنىڭ توتتىن بىرىگە تەڭ. ئۇ، ئاتموسفېرا قاتلىمى ۋە تاشقى ئالەم بوشلۇقىدا ئەركىن ئۇچالىغاچقا «ئالەم ئايروپىلانى» دەپ ئاتالغان. ئۇ ئۇچقاندا كېرەكلىك بولۇدىغان ئېنېرگىيە ئايروپىلانغا سەپلەنگەن قوياش ئېنېرگىيەسى باتارىيەسىدىن كېلىدۇ. بۇ باتارىيە «X―37B « بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ ئالەم بوشلۇقى ئوربېتاسىدا 270 كۈن ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئەڭ ئۇزاق تۇرغان ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ۋاقتى 17 كۈن 15 سائەت 53 مىنۇت بولغان. جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستىراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى گېنىرال مايور جىن يىنەن: «X―37B » بەلگىلىك ئالەم ئايروپىلانى ئالەم ئۇچقۇسى ۋە ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرۈشنى تاماملىغان بولۇپ، ھازىر دۇنيادىكى بىردىن بىر ئالەم ئايروپىلانىدۇر، دېدى. 0 c3 m7 q1 f+ m+ |6 U
«X―37B » قانداق ياسالغان ؟
5 ~/ M) T5 ?) H3 H% B: z0 V a% r ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى(NASA) بىلەن بوئېئىڭ شىركىتى 1999 -يىلى مەلۇم لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەننەرخى ئالەم ئايروپىلانىدىن تېخىمۇ ئەرزان، ئەمما ئوخشاشلا تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئالەم ئۇچقۇرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىماقچى بولغان. 2004-يىلى بۇ تۈر خىراجەت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن توختىتىپ قويۇلغان. ئەمما يەنە ئۇزاق ئۆتمەيلا بەش بۇرجەك بىنانىڭ ئالىي پىلانلاش-تەتقىقات ئىدارىسى ئامېرىكا ئەلەم ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدىن «X―37B » تۈرىنى ئىشلەشكە ئالاقىدار بارلىق خىزمەتنى تاپشۇرۋالغان. ئارقىدىنلا خېلى ئۇزاققىچە جامائەتچىلىككە بۇ تۈرگە ئالاقىدار بىرەر ئۇچۇرنىمۇ ئاشكارلىمىغان بولسىمۇ،خەلقئارا ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكىلەر بىلەن ھەربىي ساھەدىكىلەر بۇ تۈردىن ئىزچىل گۇمانلىنىپ: بۇ تۈر توختىتىپ قويۇلغان ئەمەس، بەلكى ھەربىي تۈر سۈپىتىدە قايتىدىن تەتقىق قىلىنغان، دەپ قاراپ كەلگەن.
) |4 Z* `( J3 s e 2010-يىلى 22-ئاپرېل «X―37B »ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى: بۇنىڭ ھەقىقىي نامى «ئوربېتا سىناش ئۇچقۇرى»بولۇپ، يول باشلاش، ئورۇن بەلگىلەش، ھارارەتتىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى سىناق قىلىدۇ، «ئالەم بوشلۇقىنى قوراللاندۇرمايدۇ»، دېدى. ئەمما بارلىق ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر نەچچە مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان بۇ مەخپىي تۈرنىڭ «بۇنداق ئاددىي»بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بەش بۇرجەك بىنا ئۇنىڭ زور ھەربىي ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بولدى، دېدى.
' {' P/ ? q& y Q* h# W ئۇنداقتا ھەربىي ئىشلاردا«X―37B « قانداق قىممىتى بار؟ مۇتەخەسسىسلەر: بۇنداق ئالەم ئايروپىلانى كەلگۈسىدە رازۋېتكا قىلىش، ھاۋادا زەربە بېرىش، سۈنئىي ھەمراھقا قارشى تۇرۇش، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئالەم بوشلۇقى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىكى ھەربىي ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن، دېدى.9 v) P$ e ^3 L/ m
«X―37B »نىڭ سۈرئىتى ئاۋاز تېزلىكىنىڭ 25 ھەسسىسىگە تەڭ بولغانلىقتىن، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، يەنى سىكونتىغا 8500 مېتىر تېزلىكتە ئۇچىدۇ. ئەمما قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سۈرئىتى ئاۋاز تېزلىكىنىڭ 10 ھەسسىسىچىلىك بولغان بولسا ياخشى بولغان بولاتتى. بۇنداق بولغاندا باشقا دۆلەتلەر ئۇنى توسۇش ئەمەس ھەتتا ئېنىقمۇ كۆرەلمەيتتى. مەسىلەن: ئۇنىڭ سۈرئىتى بەك تېز بولغاچقا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رادارىغا چۈشمەيدۇ. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى: ئەگەر ئالەم ئايروپىلانىنى يۈك ئاپتوموبىلىغا ئوخشاتساق ئۇنداقتا «X―37B » ماتورى تېز سۈرئەتلىك مۇسابىقە ئاپتوموبىلىغا ئوخشايدۇ، دېدى. ئادەمنى تەشۋىشلەندۈرىدىغىنى شۇكى، «X―37B « ئىككى سائەتكە قالمايلا يەر شارىدىكى ھەرقانداق بىر جاينىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا يېتىپ بېرىپ، بومباردىمان قىلالايدۇ ھەم رازۋېتكا قىلالايدۇ. «X―37B »نىڭ پەيدا بولۇشى ئامېرىكىنىڭ «ئىككى سائاتتە يەرشارىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىگە زەربە بېرەلەيدىغان»ئىقتىدارنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما ئىلگىرى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە يېراق مۇساپىلىق بومباردىمان قىلىش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ۋەزىپىنى 12 سائەتتىن 24 سائەتكىچە ئاران ئورۇنداپ بولالايتتى.
; ]* h' D9 w8 t! `3 l سۈنئىي ھەمراھقا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى جەھەتتىن ئالغاندا،«X―37B «نى باشقا قۇرال سىستېمىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ تېخنىكىسى تېخىمۇ يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقىنى جەڭگاھ دەپ بېكىتكەن كۈنى «X―37B »باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ھەھراھى، ئالەم كېمىسى، ھەتتا ئالەم پونكىتىغا ئاۋال قول سالىدۇ. ئەگە ئاددىي بولغان «مېخانىك قول» (ئامېرىكا ئالەم ئايروپىلانىغا مۇشۇنداق ئۈسكۈنى ئورۇنلاشتۇرغان) ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا «X―37B » باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ھەھراھىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتەلەيدۇ. 8 |: K8 {0 v5 `3 `# k
«X―37B » يادرو قورالىدىنمۇ خەتەرلىك
$ l9 f7 T. Z0 s0 c7 ? «X―37B» نىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
- n3 i# \$ T4 L s/ E" p9 g! T بىرىنچىدىن، «X―37B » ئەگەر ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلسە، دۇنيا ئامېرىكىنىڭ «ھەربىي تېررورلۇقى»نىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: «X―37B «نىڭ دۇنياغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى يادرو قورالىدىن قېلىشمايدۇ. يادرو قورالىنىڭ كۈچلۈك بۇزغۇنچىلىق كۈچىنىڭ زەربىسىدە ھەرقايسى دۆلەتلەتلەر ئارىسىدا «تېررورلۇق تەڭپۇڭلىقى»شەكىللىنىپ، ئاسانلىقچە يادرو قورالى ئىشلىتىشكە پېتىنالمايدۇ. ئەمما « X―37B «نىڭ مەيدانغا كېلىشى بۇ تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئامېرىكا ھەربىي جەھەتتە تېخىمۇ غەم قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
; q1 U# ^# K$ Q; c& X% c1 O ئىككىنچىدىن، « X―37B »دۇنيانى ئامالسىز ئالەم بوشلۇقى ھەربىي تەييارلىق مۇسابىقىسىگە باشلايدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاتوم بومبىسىنى ياساپ، «مانخاتتون پىلانى»نى يولغا قويدى ھەم مىسلىسىز دەرىجىدە يادرو كۈچى ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولدى. بۇ، يادرو ھەربىي تەييارلىق مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولدى. شۇڭا قىسقىغىنا ئون نەچچە يىلدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم بومبىسى سان جەھەتتە ئامېرىكىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى. ھازىر «X―37B « نىڭ مەيدانغا كېلىشى شۈھبىسىزكى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقى قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغايدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىر ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەردىن رۇسىيە، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئالەم ئۇچقۇرى پىلانىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرىۋېتىپتۇ. رۇسىيە «ھەقىقەت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم ئايروپىلانى پىلانىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، مەبلەغ كۆپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇزاققا قالمايلا توختىتىپ قويۇلغان. ئامېرىكا ئالەم ئايروپىلانىنىڭ بۇ قېتىمقى ئالەم بوشلۇقىدا ئوڭۇشلۇق ئۇچۇپ-قونۇشى رۇسىيەنى بۇ پىلاننى قايتىدىن يولغا قويۇشقا مەجبۇرلىدى. رۇسىيەنىڭ داڭلىق ئاۋىياتسىيە ئايروپىلان لايىھەلىگۈچىسى سكورودوروۋ: «X―37B » رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار تەتقىقاتىنى تېزلەشتۈرىدۇ. بىزنىڭ ئالەم ئايروپىلانىمىزنىڭ ئىقتىدارى ئامېرىكىنىڭ ئالەم ئايروپىلانىدىن تېخىمۇ ئەۋزەل بولىدۇ، دېدى.
# w/ o' ~- o/ h: Z8 ^! `1 C' F ئۈچىنچىدىن، ھەرقانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىكى بولىدۇ.«X―37B »نىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن بىر تۈركۈم يېڭى «تېررورلۇق قورالى»نىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئاشكارىلىنىشىچە، بەزى دۆلەتلەر «X―37B «كە قارشى قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى ئامېرىكىنىڭ «U_2» بەلگىلىك رازۋېتكا ئايروپىلانى 20 مىڭ مېتىرلىق ئېگىزلىكتە ئۇچۇشتەك ئەۋزەلىكى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلغان بولسىمۇ، ئۇزاققا قالماي، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، «U_2» بەلگىلىك رازۋىتكا ئايرۇپىلانى ئۈزلۈكسىز ئېتىپ چۈشۈرۈلۈپ، تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىشك مەجبۇر بولغان. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ھازىرغىچە «X―37B » غا تەڭ تۇرالىغۇدەك «كۈشەندىسى»بولمىغاچقا، ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سالىدىغان دەسمايىسى بولۇپ قالدى. ئەمما بۇ ۋاقىتلىق ئەھۋال. چۈنكى، دۇنيادا سۈرئىتى ئۇنىدىنمۇ تېز قۇرال، يەنى لازىر نۇرى قورالى بار. لازىر نۇرى قورالى «بومبىسى»نىڭ سۈرئىتى سىكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىدا «X―37B » شۈھبىسىزكى «بىچارە ئوۋ»دىن ئىبارەت خالاس. شۇڭا، بەزى مۇتەخەسسىسلەر: ئامېرىكىنىڭ «X―37B « ئالەم ئايروپىلانىنى سىناق قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈمنى كۆتۈپ ئولتۇرۇشنى خالىمىغان باشقا ھەربىي چوڭ دۆلەتلەر لازىر نۇرىنى تەتقىق قىلىش قەدىمىنى چوقۇم زور دەرىجىدە تېزلىتىدۇ، دېدى. دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |