ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1694|ئىنكاس: 1

ناخشا مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇم؟ئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

116

يازما

2603

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
735 سەر
تۆھپە
472 سەر
تىللا
545 دانە
جەۋھەر
0 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنى

ۋاقتى: 2011-11-27 17:52:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
خەۋەرمەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇم؟
4 N, c4 i: h2 C2 k% r) y+ X- l9 M* E# W% U! \9 h; J4 f
7 W% y' k! c, B! b& `
مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇم؟ سىرلاۋدېر برونتون ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەنگىلىيىدە مەشھۇر دۆلەت ئەربابى بولغان ۋە ئەدەبىي ماھارىتى بىلەن شۆھرەت قازانغان بىر ئېنگلىز ئالىمىدۇر. تۆۋەندە ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى توغرىلىق قىسسىسى بېرىلىدۇ:   مېنىڭ قانداق قىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىم توغرىسىدا ھېكايە قىلىشىم ئۈچۈن بۇ پۇرسەتنىڭ بېرىلگەنلىكىگە ناھايىتى خوشالمەن. مەن خىرىستىان ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم. كىچىكىمدىن باشلاپلا خىرىستىئان دىنىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئوقۇشقا ۋە ئۈگىنىشكە كىرىشتىم. ئىنگلىز چىركوۋلىرىغا باغلاندىم، خىرىستىئان دىنىغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدىم.   بىرقانچە يىلدىن بېرى ئۆزگەرگەن خىرىستىئان دىنىنىڭ تۈپ ئاساسى بولغان »ئىسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى ۋە ئۇ ئۆزىنى ئىنسانىيەتنىڭ خاتالىقلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن پىدا قىلغان دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلاردىن باشقا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئازاپقا دۇچار بولىدۇ« دەيدىغان ئەقىسىدىگە ھەيرانلىقىم بىلەن قارايتتىم، توغرىسى بۇ ئەقىدىگە شەك قىلاتتىم. شۇنداق تەسەۋۋۇرلارنى قىلاتتىمكى، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن ياراتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئالدىن بۇرۇن بىلىدىغان بىر كاتتا ئىلاھ تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئوغلى ئىسانى قۇربان قىلماستىنمۇ كەچۈرۈم قىلالمامدۇ؟ ئىسانىڭ ئۆلىمى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئىسانى ئاللاھ تائالانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئازاپقا قالىدۇ دېيىلىدۇ؟ بۇ ئاشكارە زىتلىق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئىلاھ خىرىستىئانلار تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئىلاھ بولىدىغان بولسا، ئۇ ئادالەتلىك ئىلاھ ئەمەس، ئۇ بەندىلىرىگە شەپقەتلىك ئىلاھ ئەمەس، ئۇ ئادەتتىكى ئىنسانلاردىنمۇ ئەقىلسىز ئىلاھتۇر. شۇنداق تەسەۋۋۇرلاردا بولساممۇ، لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا بولغان ئەقىدەم چىن ئېدى. ئەمما خىرىستىئان دىنىنىڭ ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش (يەنى ئاللاھ تائالا، ئىسا، مۇقەددەس روھ ئۈچى بىر ئىلاھتۇر دېيىش)ئېتىقادىنى قوبۇل قىلمىدىم. بۇ ھەقتە دىنلار تارىخىدىن ۋە دىنلار تەتقىقاتىدىن كۆپلىگەن ماتېرىئاللارنى ئوقۇدۇم. بۇلاردىنمۇ قانائەت ھاسىل قىلالمىدىم. مەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقى توغرا دىنىنى بىلىش ئۈچۈن قاتتىق بەل باغلاپ، چىن ئىرادە تىكلىدىم. كىشىلەر خىرىستىئان دىنىنىڭ ئېتىقادلىرى ئىنجىلغا يۆلىنىدۇ، دېيىشىدۇ. لېكىن مەن بۇ ئىنجىللارنى قايتا- قايتا ئوقۇدۇم. ئاخىرى بۇ ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرىگە ئىشەنچ قىلالمىدىم. ئىساغا ئاللاھ تائالادىن كەلگەن بىرلا ئىنجىل بار دەپ ئاڭلايمىز، لېكىن ھازىر خىرىستىئانلارنىڭ قولىدا ئىنجىل مەتتا، ئىنجىل لوقا، ئىنجىل ماركۇس ۋە ئىنجىل يۇھەننا دەپ تۆت ئىنجىل بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر- بىرىگە زىت كىتابلار، ئىسانىڭ ئىنجىلى قايسى؟ ئۇنى كىم بىلىدۇ؟ خىرىستىئانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىنجىلنى ئۆزگەرتىپ، بۇزغاندىن كېيىن خىرىستىئان پوپلىرى تەرىپىدىن بۇ تۆت ئىنجىل يېزىلغان. بۇ ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرى ئاللاھ تائالانىڭ ياكى ئىسانىڭ سۆزى ئەمەس. بەلكى بۇلار، بۇ ئىنجىللار مەنسۇپ قىلىنغان مەتتا، لوقا، ماركۇس، يۇھەننا دېگەن ئادەملەرنىڭ كىتابلىرىدۇر. بۇ ئادەملەر ئىسانىڭ ئۆلۈمىدىن بىر قانچە ئەسىر كېيىن دۇنياغا كەلگەن ئادەملەردۇر. شۇڭا بۇ ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرى ئەسلى ئىنجىل بولۇشقا ئەرزىمەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيدۇرما ئىنجىللاردۇر.   مەن ئىنجىللارنى ئوقۇپ، ئۆزەمگە قانائەت ھاسىل قىلالمىغاندىن كېيىن، باشقا دىنلار ھەققىدە تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم. كۆڭلۈمدە ”ھەقىقىي ئىلاھ بار بولىدىغان بولسا، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خالىسا تەۋبىسىز، خالىسا تەۋبىسى بىلەن ئەپۇ قىلىدىغان رەھىم- شەپقەتلىك، ئېسىل ئىلاھ بولىدۇ“، دەپ ھېس قىلدىم. بۇ ھەقتە چوقۇم بىر نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم. پۈتۈن ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ، ئىسلام دىنى توغرىلىق ئىزدىنىشكە باشلىدىم. ئىسلام دىنىدا مەن ئىزدىگەن ۋە ئارزۇ قىلغان ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تاپتىم، كۆڭلۈم راھەتلەندى، ئاللاھ تائالانىڭ ئوغلى يوقلىقىنى، ئاللاھ تائالانىڭ شىرىكسىز يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بۇ دىندا تونۇدۇم. ئۇنىڭ بەندىلىرىگە ناھايتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئىكەنلىكىنى ۋە بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى خالىسا تەۋبىسىز، خالىسا تەۋبىسى بىلەن كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخىنى ئۈگىنىشكە كىرىشتىم، بۇ زاتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادەتلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىدىن ئازراق بىر قىسمىنى ئۈگىنىپلا، شۇنداق قانائەتلەندىمكى، خىرىستىئانلارنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىقىشقا ۋە ئۇنى ئېتراپ قىلماسلىقتا قارغۇلارچە دىنىي تەئەسسۇبلۇقى بىلەن تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنى ئىزدىنىپ ئۈگەندىم. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن بۇ دىننىڭ ھەقلىقىدە ھېچقانداق شەك- شۈبھە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم ۋە دۇنيادا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىنكار قىلىشتىن ئېغىر چوڭ گۇناھ بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇتقا چوقۇنىدىغان، بىر- بىرىنى ئۆلتۈرىشىدىغان، قىز تۇغۇلغان بالىلىرىنى تىرىك كۆمۈدىغان، مەدەنىيەت، ئەخلاق ۋە ئىلىمدىن ھېچنەرسە بىلمەيدىغان، قالاق ۋە جاھىل ئەرەبلەرنىڭ ئارىسىدىن جىقىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى. پۈتۈن دۇنياغا ئادالەت، راستچىللىق، ھەقىقەتپەرۋەرلىك، رەھىم- شەپقەت، ئىلىم- مەرىپەت، ئەدەت- ئەخلاقنىڭ ئۇرۇغىنى چاچتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرىنى ساناپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بىر ياخشى زاتنىڭ شەنىگە خىرىستىئانلارنىڭ داغ قوندۇرماقچى بولۇشلىرى ھەقسىزلىك ئەمەسمۇ؟   مەن شۇنداق ئوي- پىكىر ۋە خىياللاردا بولغان بىر كۈنى مېنى ھىندىستانلىق بىر دوستۇم ميان ئەمرىدىن زىيارەت قىلىشقا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن خىرىستىئان ۋە ئىسلام دىنلىرى توغرىلىق ئوچۇق بىر مۇنازىرە ئېلىپ باردۇق. ئاخىرىدا مەن ھەقىقىي مەنىدە چىن مۇسۇلمان بولۇپ، ئۆزەمنى ئېلان قىلدىم. چۈنكى ئىسلام دىنى ھەقىقەت، راستچىللىق، ئوڭايلىق، مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق دىنى ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنى ئىسلام دىنىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بېغىشلايدىغانلىقمغا قەسەم بېرىمەن. ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

6

تېما

9

يازما

158

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
38 سەر
تۆھپە
36 سەر
تىللا
38 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-11-18 22:29:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تىما  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗