ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 692 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1386|ئىنكاس: 1

كۆچۈرمىكەشلەردىن بولايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

556

تېما

9

ئەگەشكۈچى

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1856
تىللا
5257
قىزغىنلىق
7117
تېما
556
يازما
847
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 18:34:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
“بىلمىگەننى سوراڭ، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن.بىلگىنىڭىزنى يوللاڭ، بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن”ئىنتىل سەيناسىنىڭ بۇ شۇئارى ماڭا بەك ياقىدۇ. ياخشى بىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تارقىتىش ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى!يېقىندىن بۇيان مۇنبەرلەردە يازغىلى نەرسە تاپالمىغاندەك، كەچكىچە كۆچۈرمىكەشلىك توغرىسىدا ئاغزىدىن كۆپۈك چاچرىتىپ سۆزلەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەر پەيدا بولۇپ قالدى. قاراپ باقسام ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يازمىسىنى باشقىلار ئوغرىلاپ كەتكەنلەر ئەمەس بەلكى بىر قانچە تور بېكەتكە كىرىپ ئوخشاش مەزمۇننى كۆرۈپ قالغان “باھالىغۇچىلار” ئىكەن. ئۆزلىرىنىڭ يازمىلىرىنىڭ كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكىمۇ يارىمغانلىقى، باشقىلار يازغان نادىر مەزمۇنلارنىڭ تور – تورلاردا كۆچۈرۈپ تارقىتىلىپ نامى چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئىچى ئاداپ، چىدىماي قېلىۋاتقانمۇ بىلمىدىم، داڭلىق ئوبزورچىلاردەك كەسكىن باھا بېرىپ، ئاجايىپ ھاياجان بىلەن ئىلىم تارقىتىۋاتقانلارنى تىللىغىلى تۇرۇپتۇ.بۇ قۇرلارنى ئوقىۋېتىپ مېنى تازا بىر كۆچۈرمىكەش بىر نىمىمۇ بۇ دەپ ئويلاۋاتامسىز؟ئەلۋەتتە، مەن كۆچۈرمىكەش. ئالدىنقىلارنىڭ بىلىم – ھېكىمەتلىرىنى كېيىنكىلەرنىڭ قەلبىگە كۆچۈرگۈچى كۆچۈرمىكەشمەن. مەن ئىلىم كۆچۈرىمەن. ھېچكىم مېنى تا ھازىرغىچە كۆچۈرمىكەشلىك بىلەن ۋە ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەپ باققىنى يوق. ئەكسىچە “ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى” دىگەن پەخىرلىك نام بىلەن ئاتاپ كەلمەكتە. ئەمدى توردىكى كۆچۈرمىكەشلىك مەسىلىسىگە كەلسەك، توردىن بىرەر نەرسە تېپىشقا دۇچ كەلسە دەرھال گوگىل ياكى بەيدۇغا ھاۋالە قىلىمىز، ئونمىڭلىغان ئوخشاش نەتىجىلەرنى تېپىپ بېرىدۇ، ھاجىتىمىز راۋا بولىدۇ. تور بېكەتلەرنىڭ ئۆمرى ئوخشاش بولمايدۇ، ياخشى بىلىملەر بىلەن تولغان بىر قىسىم تور بېكەتلەر نامەلۇم سەۋەپلەر بىلەن تاقىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىچىدىكى ياخشى مەزمۇنلارمۇ تەڭلا يوقايدۇ. شۇ ياخشى بىلىملەر پەقەت شۇ كۆچۈرمىكەشلەرنىڭ ئەجرى بىلەن باشقا تور بېكەتلەرگە چاپلىنىپ ساقلىنىپ قالىدۇ. كېيىنكىلەرگە لازىم بولغاندا ئەسقاتىدۇ. ئەسلەپ بېقىڭلار، ئىلگىرىكى نۇرغۇن بېكەتلەر كېيىن بوشلۇق پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرالماي دېگەندەك سەۋەپلەر بىلەن تاقىلىپ قالدى، ئىچىدىكى شۇ مەزمۇنلارچۇ؟ ئەمدى نەدىن تاپىسىز؟ پەقەت باشقا بېكەتلەرگە كۆچۈرۈلگەنلىرىلا ساقلىنىپ قالدى. ئەسىرىڭىزدىن باشقىلارنى پايدىلانمىسۇن دېسىڭىز تورغا يوللىماڭ. ۋەياكى مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىپ قەلەم ھەققى خەجلەڭ. تورغا ئۈن تىنسىز باشقىلار ئۈچۈن خالىس ياردەم قىلىدىغانلار داۋاملىق يازىدۇ. ئۇلارنىڭ يازمىلىرىنى بىز داۋاملىق كۆچۈرىمىز. شۇ نادىر يازمىلاردىن تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بەھىرلەندۈرۈپ شۇ يازغۇچى ئېرىشىدىغان ساۋاپنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز. تورغا چىققان ھەممىلا ئادەمنىڭ بىر نەرسە يازالىشى ناتايىن، ئەمما ھەقسىز ئېرىشكەنلىرىنىڭ بەدىلىگە ئازراق ئەجىر قىلىپ ئېرىشكەنلىرىدىن باشقىلارنىمۇ بەھرلەندۈرسە ئۇنىڭ نىمە يامىنى بار؟توغرا چۈشىنىدىغان تورداشلارغا سەمىمى تەكلىپىم:باشقىلار ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىغان بىلىملەرنى ئاپتورغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا نۇرغۇن بېكەتلەرگە چاپلاڭلار. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پايدىلانسۇن ۋە شۇ بىلىملەر تور دۇنياسىدىن يوقاپ كەتمىسۇن. “كىتاپ ئوغرىسى ئوغرى ئەمەس” دىگەندەك ئىلىم تارقاتقان گۇناھ ئەمەس." @5 _4 ?, y; R9 j

* M+ B5 I8 U) rمەنبە : مۇئەللىم تورخاتىرىسىدىن
你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]
ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

145

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

تۆھپە
14
تىللا
85
قىزغىنلىق
20
تېما
0
يازما
7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 20:24:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تىزئىنكاس يوللاش:



تەۋىسسىيە تاقاش


سىناشقا قاتنىشىڭ

ئىللىق تورى ئاندىرويىد ئەپ دىتالى سىناق تەرەقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ئاندىروىد سىستىمىلق ھەرقانداق(ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان) تېلىفۇنلار دانورمال زىيارەت قىلىشقا تىما ئىنكاس يوللاشقا بۇلۇدۇ .يانفۇن كامىراسىنى ئىككىلىك كودقا توغىرلاپ چۈشۈرۋېلىڭ ،


كۆرۈش