ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 692 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1384|ئىنكاس: 1

چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

64

تېما

7

ئەگەشكۈچى

4090

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
481
تىللا
726
قىزغىنلىق
1316
تېما
64
يازما
231

最佳新人 活跃会员 热心会员 推广达人 宣传达人

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 01:51:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر - ئەڭ يېڭى قىسىمى
  f# a* C! R1 x0 x5 W6 @+ U4 C2 b: i" U  a* \. ^+ z* G
! x" w9 x$ \, E5 J

8 \5 L/ a# |4 s- Q7 Eنەبىجان تۇرسۇن --- تارىخ پەنلىرى دوكتورى
3 a" k5 a8 _$ C: |
" U2 a( r0 o3 U' i* |6 f" B1. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاپتونومىيە سىياسىي تاكتىكىسى+ a& r, G% k5 v6 I2 q6 m4 E8 E5 G7 U
- C1 j/ F# D$ Z8 Z6 \/ l. d
6 g; O  S3 v3 D3 w- F! ?; v

$ _/ C; U# s  p7 A8 U- u(1 سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونومىيىسى ۋە كۆزلىگەن مەقسىتى4 D+ b. V& r9 h* I
: U1 f5 S( O$ b7 v1 m0 A2 c; K3 L
) b# W9 k0 m9 v  n& Y7 b
يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنت ئارخىپىدا ساقلىنىۋاتقان قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇشقا ئائىت موسكۋاغا يوللانغان بىر پارچە لايىھە دوكلاتى ئاشكارىلاندى. 1 \9 o: ~% p/ U+ q/ h- J, e/ ?
, }) l0 _% N( n
بۇ دوكلات 1947-يىلى 2-ئايدا تەييارلانغان بولۇپ، قايسى كۈن ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس، مەزكۇر دوكلات قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كوم پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى شايەخمەتوۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىدىكى مەسئۇل خادىم ن.س. پاتولىچېۋقا ئويلانغان. (1)
/ }4 z8 h, U! g2 t3 P
  v' U% R; N$ _1 l, kدوكلاتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا قازاقىستان تەۋەسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇشنى ئالدى بىلەن قازاقىستان كومپارتىيىسى قارار قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ لايىھىسىنى تۈزگەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىدىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
0 F" \+ e) j; R5 K4 r8 dدوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قۇرۇلماقچى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم ئوبلاستىغا قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ تالدى قورغان ئوبلاستىنىڭ پانفىلوۋ، ئۆكتەبىر رايونلىرى، ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ چىلەك، ئەمگەكچى قازاق، ئۇيغۇر، نارىنقول، كېگەن رايونلىرى كىرگۈزۈلۇشى ، پانفىلوۋ شەھىرىنى ( يەركەت شەھىرىنى) ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مەركىزى قىلىش بېكىتىلگەن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن جايلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ 23مىڭ ئەتراپىدا ھەمدە شۇ جايدىكى پۈتۈن ئاھالىنىڭ 20 %نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن . (2)# E- p! u. F1 A! ]2 o& M
" y" s% T5 X! D: }* k
مانا بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق بېرىش مەسىلىسى ھەققىدىكى ھازىرغىچە ئاشكارا بولغان تۇنجى رەسمىي ھۆججىتى بولۇپ، مەزكۇر لايىھە دوكلاتىغا قازاقىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارىنىڭ ئىمزا قويۇشى، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە مەسىلىسىنىڭ ئالدى بىلەن موسكۋادىكى كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، كېيىن ئۇنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستانغا چۈشۈرۈپ بېرىلگەنلىكى، يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن قازاقىستان كومپارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە مەزكۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىققانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. / ^; N& c5 U/ k6 ~: C- |
قازاقىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇيغۇر ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى مەسىلىسىدە توختىلىپ، ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى بىلەن باغلاپ شەرھلەيدۇ.$ ~. [2 w- O( r1 ^; L
بىرىنچى نۇقتا سۈپىتىدە قازاقىستان جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھەم ئۇنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئوبرازىنى تىكلەش ئارقىلىق سوۋېت تېررىتورىيىسىنىڭ ئىچكى-تاشقى قىسمىدىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ھەمدە سوۋېتكە قارشى كەيپىياتلارغا زەربە بېرىشتىن چىقىش قىلىنغان بولۇپ، بۇ نۇقتا مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن :
4 i3 O1 j8 K8 w1 `  F" l% c% t: D0 ^8 i9 U( t
" قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىللىي بىرلىك ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولغان ئىنتىلىش ناھايىتى كۈچلۈك تەرەققى قىلغان. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئەشۇ ئىسمى ئاتالغان جايلاردا ئۆز مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلىغان ھالدا نىسبەتەن توپلىشىپ ياشايدۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش، شەكلى مىللىي، مەزمۇنى سوتسىيالىستىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاكتىپ گۈللىنىشىنى قوزغايدۇ. ئۇيغۇر مىللىي كادىرلىرىنىڭ پارتىيە ۋە سوۋېت ئورگانلىرىغا كىرىشىنى، ئۇيغۇر كادىرلىرى ئارىسىدىكى سىياسىي خىزمەتلەرنى ياخشىلايدۇ ھەمدە بىزدە ۋە چەت ئەلدىكى سوۋېتكە قارشى تەشۋىقاتلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەڭ باراۋەرلىك ھوقۇقلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەنلىكىگە تايىنىلغان ۋە ئۇيغۇرچە گېزىتلارنىڭ چىقىشتىن توختىتىلىشى ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ يېپىلىشى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن، ئۇيغۇر مىللەتچىلىك ئېلېمېنتلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ." (4)
' @( H. h% h$ ]( Z; z! e7 F& q: O: B* e) s; z7 r( f. p
دوكلاتتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاپتونوم ئوبلاست قۇرۇپ بېرىشنىڭ 1944-يىلى باشلانغان ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرى ھەم باشقا رايونلاردىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، جۈملىدىن قۇرۇلماقچى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ مەركىزى ئىلى بىلەن بىۋاسىتە چېگرىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، مەزكۇر قۇرۇلماقچى بولغان ئوبلاستىنىڭ موكسۋانىڭ "شىنجاڭ سىياسىتى" ھەم جۇڭگو سىياسىتىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. 9 y2 e* z, B4 Q$ c9 c$ @! E
قازاقىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى شايەخمەتوۋ ئىمزا قويغان مەزكۇر لايىھە دوكلاتىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى نۇقتىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاسىيا سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنى روشەن كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر نۇقتا مۇنداق ئىپادە قىلىنغان: 6 E; j% `* @/ U" i- J1 l
"مەزكۇر ئوبلاست قۇرۇلماقچى بولغان رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك بولىدۇ ۋە ئۇنى تېزلىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنىڭ مۇھىملىقى شۇ يەردىكى، ئۇيغۇر ئوبلاستى جۇڭگودىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ.
( u) v# i# c  f4 I! H+ \ئۈچىنچىدىن ، ئۇيغۇر ئوبلاستىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۈچ مىليون ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ياخشى ئىنكاسىنى قوزغىشى شۈبھىسىز ھەم ئۇلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تېخىمۇ زور دەرىجىدە مايىل بولغان ھالدا ئاكتىپلاشتۇرىدۇ ".- C$ ?4 N& P- N3 H' B/ ?
ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى نۇقتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىلى ئىنقىلابىغا ياردەم بېرىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، موسكۋانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى تۈپ جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىدىن ئەمەس بەلكى، موسكۋانىڭ ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي دۆلەت مەنپەئەتىدىن چىقىش قىلىنغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي چېگرالىرىدا يۈز بېرىۋاتقان خەلق ئىنقىلابلىرى قانداق خاراكتېرنى ئېلىشتىن قەتئىي نەزەر ئەگەردە سوۋېت ئىتتىپاقىغا دۈشمەنلىك ئىدىيىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى مايىللىق ئىدىيىسى بىلەن پەيدا بولسا ۋە راۋاجلانسا ئۇنى قوللايدىغانلىقى ھەتتا ئۇنى موسكۋانىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 30-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىنقىلابى جەريانىدا ئېزىلگەن خەلق ئۇيغۇرلارنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىياتتىكى شەخسلەردىن تەركىپ تاپقان قەشقەردىكى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى ئەمەس، بەلكى ئەزگۈچى مىلىتارىست شېڭ شىسەينى قوللىشى، مەنچىڭ سۇلالىسىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىغان،ئەمما كېيىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن يارىشىشنى خالىغان، سوۋېتكە قارشى موڭغۇل روھانىي،كىنەزلىرىنى ئەمەس ، ئەكسىچە، سوۋېت رۇسىيىسىگە ئۆزىنىڭ سادىقلىقىنى جاكارلىغان كوممۇنىستىك ئىدىيىدىكى سۇخباتورنى قوللىغانلىقى ۋە باشقا كۆپلىگەن مىساللار پىكرىمىزنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
: S0 t6 [; `# F  y. S
! S$ i9 n" ~8 R. H% K6 g( iھەقىقەتەن، ئىلى ئىنقىلابى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى جۇڭگوغا قاراتقان تاشقى سىياسىي سىياسىي ئىستراتېگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، موسكۋا ئىنقىلابنىڭ قوزغىلىشىدىن تارتىپ تاكى ئاخىرلىشىپ، ئۆلكىدە جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشىگە قەدەر ئالتە يىل جەريانىدا مۇھىم رول ئويناش بىلەن مەزكۇر جەرياندا مەۋجۇت بولغان سىياسىي كۈچلەر يەنى ئىلى ھۆكۈمىتى ۋە گومىنداڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ئۆلكىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ،ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي-مائارىپ تەرەققىيات جەريانلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىر دائىرىسىدە بولۇشتىن ئايرىپ چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
3 r/ ?  a; n8 V& C/ |9 m# O/ q! I; A, v$ X; W) p# G. m9 w' i
, @: X' P, E( P9 Y9 M
نەبىجان تۇرسۇن--- تارىخ پەنلىرى دوكتورى
0 x' ]( T+ l( p( }5 N4 x) P8 S* }; w3 ]) n* o

2 t3 C5 r& G( y* H(2 .سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى قامال قىلغان
6 y. O. |& o1 n$ T
+ w" _2 W5 v6 f
( B+ p/ f6 ^+ c. r; L& E9 Z1 eتارىخىي پاكىتلار بولۇپمۇ، يېقىنقى يىللاردا ئاشكارىلانغان نەق ئارخىپ ماتېرىياللىرى كۆرسەتتىكى ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئىلى ئىنقىلابى باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا ئىنقىلابقا ھەمدە قۇرۇلغان ھۆكۈمەتكە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى سىڭدۈرۈش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رايوندىكى ئوبرازىنى تىكلەپ، خەلقتە سوۋېتكە بولغان مايىللىقنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. موسكۋا قازاقىستان ،قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان تېررىتورىيىلىرىدە ھەربىي-سىياسىي تەشكىللەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغانىدى سىرت يەنە تاشكەنت ۋە ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئىشقا سېلىپ، "شەرق ھەقىقىتى" ۋە " قازاق ئېلى" قاتارلىق جۇرناللارنى نەشىر قىلىپ، ئۇنىڭ ئىلى، تارباغاتاي ۋە باشقا رايونلارغا كىرگۈزگەن (5). بۇ جۇرناللاردا ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىللىققە ئۈندەيدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت ھالىتى ھەمدە تارىخىي ئۆتمۈشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن قەرىنداش ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىغا جۇمھۇرىيەتلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئوز ئىشلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇۋاتقان تەرەققىيات مەنزىرىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان ماقالىلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 1943-1944-يىللىرىدا مەزكۇر جۇرناللار ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىغا تارقالغان. مەزكۇر جۇرناللارنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلىرى ۋە تەھرىرلىرى ھەم ئاپتورلىرى ئاتاقلىق سوۋېت ئۇيغۇر رەھبىرى ئابدۇللا رۇزىباقىيېفنىڭ ئىنىسى ئابدۇمېجىت رۇزىباقىيېف، سىياسىي ئەرباب تۇرسۇن رەھىموف، ۋە ئاتاقلىق شائىر قادىر ھەسەنوپ ھەمدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى ئەرشىدىن ھىدايەتوف ۋە باشقىلار ئىدى(6). سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مەخپىي كىرگەن مەزكۇر جۇرناللاردىكى ماقالىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرىدىن مەسۈمجان زۇلپىقاروف ۋە تۇرسۇن قاھارى قاتارلىق ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ بۇ جۇرناللارنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن بىلىم ئالغانلىقى ۋە گومىنداڭغا قارشى ھېسسىياتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
+ b+ N# y* k" Z, Q" m3 D
/ e* X* N* k; n7 I8 I# M0 yسوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالمۇتا ئەتراپىدا ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل بويىدا ۋە باشقا جايلاردا ئىلگىرى كېيىن فاتىخ باتۇر، سەيفۇللايېۋ ھەمدە ئىسساقبەگ مۇنونوپ قاتارلىقلارنىڭ باشلامچىلىقى ھەم قاتنىشىشى ئاستىدا مەخپىي قوراللىق ئەترەتلەر قۇرۇلۇپ، ھەربىي-تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مەزكۇر قوراللىق گۇرۇپپىلارنى ئىنقىلابنىڭ تايانچ قوراللىق كۈچلىرى قىلىشنى بەلگىلىگەن.(7)7 J0 h- c7 L; B- C+ I0 N" l
" a' W! a% u# k2 W! C/ b
سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە 1943-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ستالىن، بېرىيا ، مولوتوۋ قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان مەخسۇس شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئائىت يىغىنىنىڭ قارارى بويىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجا، چۆچەك قاتارلىق جايلىرىدىكى كونسۇللىرىغا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭغا قارشى كەيپىياتلارنى كۆزىتىش ھەم تەشكىللەش ۋەزىپىسى بېرىلگەن ئىدى.
+ c$ V  [+ k2 @: `/ M4 z' `/ P3 t+ k" ئازادلىق " تەشكىلاتىنى قۇرۇش تەكلىپى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلى داباشىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن مەيدانغا چىققان بولۇپ، ئەلىخان تۆرە، ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ، سالىھجان باي، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، رەھىمجان سابىر ھاجى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئازادلىق تەشكىلاتىنى ئۇيۇشتۇرىشىدا غۇلجىدىكى سوۋېت دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى، ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى رازۋېتكا خادىمى ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوۋ ۋە يەنە بىر نەپەر پولات ئىسىملىك ئۆزبېك كىشى ۋاسىتىچىلىك رول ئوينىغان.(9) 5 }  |$ |1 k  |6 c* q9 U4 r  W/ r3 c" N' T
ئىلى ۋە تارباغاتايدا باشلىنىش ئالدىدىكى ئىنقىلابنى كونترول قىلىش ھەمدە ئۇنى تەشكىللەش ۋە ئۇلغايتىش ئۈچۈن نىلقا ۋە غۇلجا قوزغىلاڭلىرىدىن ئىلگىرىلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى( ن ك ۋ د، كېيىنكى ك گ ب) تەرىپىدىن ئالمۇتا شەھىرى ۋە قورغاستا ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان. ن ك ۋ د نىڭ مەزكۇر گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىرى شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، لېكىن مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىگە تارقالغان ئىدى(10). ئۇيغۇر دىيارىدىكى سوۋېت ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايور ئېگناروۋ بولۇپ(11)، بۇ ئادەم كېيىن ئەلىخان تۆرىگە مەسلىھەتچىلىك قىلىپلا قالماستىن بەلكى بىر تەرەپتىن غۇلجىدىكى 1-ۋە 2-نومۇرلۇق ئۆينىڭ باش رەھبىرى بولغان. ئىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن مەسلىھەتچىلىك قىلىدىغان 1- 2-نومۇرلۇق ئۆيلەرنىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى جۇمھۇرىيەتنى رازۋېتكا قىلىش بولۇپ، گېنېرال ئېگناروۋ ئۇچ ۋىلايەت جۇمھۇرىيىتىگە قارىتىلغان پۈتۈن رازۋېتكا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىغا ئۆزلىرىنى تاتار دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن زىچ ئارىلىشىپ كەتكەن پودپولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى سوۋېت رازۋىتچىكلىرى (جاسۇسلىرى) باشقۇرت مىللىتىدىن بولغان ئەلى مەمەدوف ( ئەسلى ئىسمى گابىت مۇزىپوۋ)، قىرغىزىستاندا تۇغۇلۇپ يەرلىك ئۇيغۇر، قىرغىز تىللىرىنى پۇختا ئۆگەنگەن رۇسلاردىن ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ ( ئۇيغۇرچە ئىسمى ئىسكەندەر) ۋە پېتر ئىۋانوۋىچ ساۋىن ( ئۇيغۇرچە ئىسمى زاكىر تۆرە) قاتارلىق ئۈچ كىشى ئەڭ داڭلىق رازۋەتچىكلار 1933 -1937-يىللاردا جەنۇبىي ۋىلايەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىدى.(12) . _' J1 v' C  |5 U* N
ئومۇمەن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىر تەرەپتىن مىللىي ئىنقىلابنى قوللىغان بىلەن ئۇنى تولۇق قامال قىلىش ئۈچۈن بارلىق چارىلەرنى قوللانغان بولۇپ، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا سوۋېت ئىتتىپاقى رازۋېتكىسى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلغان. ( ]4 }7 j7 H# [$ \/ e& k
ئەنە شۇ سوۋېت رازۋېتكىسىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە 1945-يىلى 9-ئايدا گومىنداڭ گەنسۇدىكى تۇڭگان گېنېرال ما بۇفاڭنىڭ قول ئاستىدىكى تۇڭگان، سالا قاتارلىق مۇسۇلمانلاردىن تەشكىللەنگەن 5-ئاتلىق كورپۇسنى مىللىي ئارمىيىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭغا يۆتكەپ كەلگەندە، جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە گېنېرال مابۇفاڭغا "مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزارا ئۇرۇش قىلماسلىقى، ئەكسىچە بىرلىشىشى كېرەكلىكى ھەمدە ما بۇفاڭنى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇزرۇكۋارى قىلىش" تەكلىپى ھەققىدە يېزىلغان خېتى سوۋېت رازۋېتكىسىنىڭ قولىغا چۈشكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەلىخان تۆرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈركچىلىك پىكىر ئېقىمىغا مەنسۇپ، در. مەسۇد سەبىرى بايقوزى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىق "ئۈچ ئەپەندى"گە يازغان "بىرلىشىش " ھەققىدىكى خېتىمۇ (13) شۇنىڭدەك يەنە ئەلىخان تۆرىنىڭ ئاقسۇغا ئەۋەتىلگەن قوشۇنلارنىڭ باشلىقى سوپاخۇنغا ئاقسۇدىن قايتماي، جەنۇبقا كېڭىيىش ھەققىدىكى مەخپىي خېتىمۇ "2- دوم" دەپ ئاتالغان سوۋېت رازۋېتكا ئورگىنىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، موسكۋاغا يوللاپ بېرىلگەن ئىدى. (14) 3 Q# X8 B( R" A1 Q( _

. i! J8 Q" L6 b" U- `1 jتارىخىي پاكىتلار بولۇپمۇ، يېقىنقى يىللاردا ئاشكارىلان' غان نەق ئارخىپ ماتېرىياللىرى كۆرسەتتىكى ، موسكۋا ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا ھەر قانداق دۆلەت بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ھەمدە جۇمھۇرىيەت دائىرىسىگە باشقا دۆلەت كۈچلىرىنىڭ كىرىشىنى قاتتىق چەكلىگەن بولۇپ، ھەتتا جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەر ھەمدە كۈچلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئارزۇسىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇنى قامال قىلىش ئۈچۈ ن مەخسۇس رازۋېتكا خادىملىرىنى ئىشقا سالغان. + t6 ~1 p& c0 b7 q4 I
غۇلجىدا تەسىس قىلىنغان 1- ۋە 2- نومۇرلۇق ئۆيلەر ئۇچ ۋىلايەت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ھەربىي-سىياسىي جەھەتتىن مەسلىھەتچىلىك قىلىپلا قالماستىن بەلكى، مەزكۇر ھاكىمىيەتنىڭ ئىچكى -تاشقى ئەھۋالىنى، سوۋېتكە قارشى كەيپىياتلارنى ھەمدە جۇڭگو گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرمىچىلىقلىرى شۇنىڭدەك ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئازاد ئۈچ ۋىلايەتكە سىڭىپ كىرىپ، ئۇچۇر توپلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇنىڭغا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىسى ،سىياسىي باشقارما باشلىقى ئەلى مەمەدوۋ مەسئۇل بولغان بولۇپ، سوۋېتكە ۋە ئىلى ئىنقىلابىغا قارشى ۋە نارازىلىق كەيپىياتتىكى يەرلىك كىشىلەرلا تەكشۈرۈلۈپ جازالانغان بولماستى ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەۋەتىلگەن ھەربىي-سىياسىي ئەربابلارنىڭ ئەھۋالىمۇ رازۋېتكا قىلىنىپ، ئۇلار ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلغان ھەمدە موسكۋا يوللانغان. مەسىلەن 2-دوم باشلىقى گېنېرال ئېگناروۋ، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى 2-دومنىڭ يەنە بىر مەسئۇلى، گېنېرال لاڭفاننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ھەققىدە موسكۋاغا دوكلات يوللىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ھەربىي ئوفىتسېرلەردىن مىرزىگۈل ناسىروۋ، سەيدەخمەت ئۆمەروۋ قاتارلىقلارنىڭ ئۆز مىللىتىگە سادىق بولغانلىقى مەخپىي تەكشۈرۈلگەن. (15)
2 @( @8 y% T: C2 a
3 y5 p% {+ ?+ K$ u4 D4 Mئومۇمەن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى ۋە ياكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا سوۋېت ئىتتىپاقى خالىمىغان ھەر قانداق بىر كۇچنىڭ ئارىلىشىشىنى ھەرگىز خالىمايتتى" ھەمدە ئۆزى بىلەن چېگرا شىنجاڭ ئۆلكىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىياتلار ۋە ئېلېمېنتلارنىڭ ئەۋجى ئېلىشى ھەم مەۋجۇت بولۇشىنى خالىمايتتى.
6 M2 }, M, Z6 W- r' n7 D
# h4 f. r3 W! `# kجاڭ كەيشى ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئەڭلىيە بىلەن بىرلىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بوسۇغۇسى يېنىدا ئامېرىكا-ئەنگىلىيە تەسىرىنى پەيدا قىلىشىنى موسكۋا ئۆزىگە نىسبەتەن تەھدىت دەپ چۈشەنگەن ئىدى. شۇڭا ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىنى قوزغاش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشىمۇ بىر تەرەپتىن شەڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئورۇپ، ئۆلكىنى بىۋاسىتە جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بويسۇندۇرۇشى ھەمدە ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەن گومىنداڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1943-يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە كونسۇلخانىلىرى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىشى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ سوۋېتكە قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ رايوندا ھەربىي -سىياسىي تەسىرىنى تىكلەشكە يول قويۇشى مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەينىڭ سوۋېتتىن يۈز ئۆرىشىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ رايونغا يەنە سىڭىپ كىرىپ، ئوز تەسىرىنى قايتىدىن تىكلىۋەلىشىنى توسۇش مەقسىتىدە " ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىنى رايونغا باشلاپ كىرگۈزۈش تاكتىكىسى قوللانغان ، جۇڭگوھۆكۈمىتى "ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ پوزىتىسىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى توسۇشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايتتى"دەپ قارىغان بولغاچقا 1944-يىلى 3-ئايدا ئالتاي رايونىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئايروپىلانلىرى قازاق قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇشقا كەلگەن جۇڭگو قوشۇنلىرىنى بومباردىمان قىلغاندا جاڭ كەيشى ستالىن ئۈستىدىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى رۇزۋەلىتقا ئەرز قىلغان ھەمدە "بۇنىڭ يەرلىك كىچىك ۋەقە بولماستىن بەلكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى يىراق شەرققە قاراتقان سىياسىتىنىڭ مۇھىم قىسىمى ئىكەنلىكى"نى چۈشەندۈرۈرگەن(16) ھەتتا، 1945-يىلى 9-ئايدا جىڭ ۋە شىخو جەڭ مەيدانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئايروپىلانلىرى ئىلى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ماسلىشىپ، گومىنداڭ مۇداپىئە لىنىيىلىرىنى بومباردىمان قىلىپ، مىللىي ئارمىيە پۈتۈن سەپلەر بويىچە جۇڭگو قوشۇنلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلىگەندىمۇ، جاڭ كەيشى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خەرلى ۋە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش قوماندانى ۋەدمەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن مەخسۇس ۋەكىل ئەۋەتىپ، جىڭ ۋە شىخو قاتارلىق جايلاردىكى ئۇرۇشقا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاتناشقانلىقىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ( 17). ھەتتا، 1947-يىلى بەيتىك تېغىدا تاشقى موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگو ئارمىيىسى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندە جۇڭگو تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلغانلىق ھەققىدە ئامېرىكىغا مەلۇمات بېرىپ، بەيتىك ۋەقەسىگە ئائىت ماتېرىياللارنى ئامېرىكىغا يوللىغان شۇنىڭدەك ئامېرىكا مۇخبىرلىرى ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرىنى بەيتىك تېغىغا بېرىپ تەكشۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن.( 18) گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئارقىلىق خەلقئارادا سوۋېت ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن بەسىم پەيدا قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلى پاكىستون 1946-يىلى ئىلىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردىكى ئەمەلىي ئەھۋال بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىغا كۆرسەتكەن تەسىرى جۈملىدىن پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ زادى قانچىلىك رول ئوينىغانلىقىنى كۆزەتكەن ئىدى. "گومىنداڭ بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىش بىرلىكى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقا سەپىغا بىر قېتىملىق خەنجەر سېلىشىدىن ئىبارەت ئىدى" .(19)
! X( a/ }$ ^' v- h( P! B3 {# X% u
$ g* M6 I9 m) c5 _+ q3 j' mجاڭ كەيشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ فاشىسىزمغا قارشى ئۇرۇشىدىكى ئىتتىپاقدىشى ھەم رەقىبى ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىنى ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ كىرىش تاكتىكىسى ھەقىقەتەن نەتىجىدە قازانغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى خەلقارا جەمئىيەتتىن يوشۇرغان ستالىن مىللىي ئارمىيىنى ئۇرۇمچى بوسۇغىسىدا توختىتىپ قويدى. بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ستالىن جۇڭگونى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇر قىلىپ، يالتا يىغىنىدا بەلگىلەنگەن مەقسىتىگە يىتىش بىلەن ئىلى ئارمىيىسىنى ئۈرۈمچىگە كىرگۇزمەسلىك بىلەن ئۇ يەردىكى ئامېرىكا ۋە ئىنگىلىز كونسۇللىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئارمىيىگە كۆرسەتكەن ھەربىي ياردەملىرىنى بىلىۋېلىپ، نەق پاكىتقا ئىگە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. قىسقىسى ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ رايوندا دىپلوماتىك جەھەتتىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە چوڭ توسالغۇ بولۇش رولىنى ئوينىدى.
& t, S1 I3 q" g* N) z20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئۇلۇغ بېرىتانىيە ھەم جۇڭگودىن ئىبارەت چوڭ دۆلەتلەرنىڭ "چوڭ ئويۇن" ئوينايدىغان شاخمات تاختىسىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ يەردە مەزكۇر تۆت چوڭ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۇچراشتى ۋە توقۇنۇشۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى باشتىن ئاخىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلدى. 8 ~/ V) o6 K/ T4 D
ئەمەلىيەتتە، ئىلى ئىنقىلابىمۇ ئەشۇ " چوڭ ئويۇن"نىڭ بىر مەيدان كۆرۈنىشى بولۇپ، بۇ بىۋاسىتە ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن بەلكى بۇ ئامېرىكا، ئۇلۇغ بىرىتانىيىنىڭ ئاسىيا ئىستراتئېگىيىسىگە تاقابىل تۇرۇش ھەم مەزكۇر غەرب كۈچلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاجىز ئارقا سەپى ھېسابلىنىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا، سىبىرىيە رايونلىرى ھەمدە موڭغۇلىيىگە سىڭىپ كىرىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنى قوغلاپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلاتتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇپ ، جۇڭگونىڭ سوۋېتكە قارشى پوزىتىسىيىسى ئامېرىكىنىڭ مەيدانى بىلەن باغلىنىشلىق ئىدى . شۇڭا، ئۇ شىنجاڭ ئۆلكىسىنى باشتىن ئاخىرى ئۆز تەسىر دائىرىسى ئاستىدا تۇتۇپ ، بۇ رايونغا ئۇچىنچى دۆلەتنىڭ كىرىشىنى توستى ھەمدە رۇسىيە مەيلى چار پادىشاھ دەۋرى بولسۇن ۋە ياكى 20- ئەسىرنىڭ 20-30-يىللاردىكى ياڭ -جىن - شەڭ قاتارلىق جۇڭگو مىللىتارستلىرى دەۋرى بولسۇن ، باشتىن ئاخىرى بۇ رايوندىكى ئەڭ ئۇستۇن تەسىر ك ئۈچكە ئىگە دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى ساقلاپ كەلدى . 40-يىللار دەۋرىگە كەلگەندىمۇ ، موسكۋا ئىلى ئىنقىلابىنىڭ قوزغىلىشىدىن تارتىپ تاكى ئاخىرلىشىپ ، ئۆلكىدە جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشىگە قەدەر ئالتە يىل جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىدى.(20)9 x! }4 s6 _2 @" V* C  ^; a
% J% s9 e4 D6 S7 D( S
قسىقىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ غەربنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىشىنى خالىمىغان بولۇپ، مەسۇد سەبىرى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىق ئۇچ ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ سوۋېتكە قارشى تەشۋىقاتلىرى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ يەنە دىپلوماتىيىلىك جەھەتتە ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا كونسۇللىرىنىڭ ئوسمان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنى قاتتىق بىئارام قىلدى. مەسئۇد سەبىرىنىڭ ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىشىمۇ ئەمەلىيەتتە جاڭ كەيشىنىڭ بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىياتتىكى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى قوللاش ئارقىلىق، ئىلى تەرەپدارلىرىغا زەربە بېرىش بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا زەربە بېرىش تاكتىكىسىدىن ئىبارەت ئىدى.(21) بۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ بۇزۇلۇپ، قايتىدىن ماناس دەرياسى بويىدا ئۇچ ۋىلايەت قوراللىق كۈچلىرى بىلەن گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. & E! }/ z/ A$ b* B  ?
شۇڭا ، قازاقىستان كومپارتىيىسى مەزكۇر جۇمھۇرىيەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇشنى پىلانلىشى ئەنە شۇ رايون خاراكتېرلىق دىپلوماتىك كۈرەش بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەت دائىرىسى بويىچە ئەمەس، بەلكى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىل ھەمدە ئۇنىڭ ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە پايدىلىق ھالدا راۋاجلاندۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتەك ئىستراتېگىيىلىك مەقسەتتىن چىقىش قىلىنغان ئىدى. دوكلاتتا ئېيتىلغان سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەيىبلىگەن " مىللەتچىلىك ئېلېمېنتلىرى" ئۈرۈمچىنى ئاساس قىلغان مەسۇد ئەپەندى باشلىق "ئۈچ ئەپەندى" ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىنى باشتا قوللاپ، كېيىن توختىتىپ قويغانلىقىدەك قىلمىشلىرىنى تونۇپ يېتىش بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىياتقا ئىگە بولغان ئۈچ ۋىلايەت ھەم باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى كۆزدە تۇتۇلغان بولسا كېرەك.5 |" F3 \% a% d4 S
موسكۋا قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئاپتونومىيىسىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈپ ماھىيىتىگە قارشى كەيپىياتلارنى پەسەيتىش ھەمدە سوۋېتكە قارشى كۈچلەر بىلەن قوللىغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئۇلغايتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن...1 _$ W) C+ J' r: v9 d. e6 T

8 O- X# Q6 t* f9 X 2 U* ]* R3 w* }+ _2 x7 X
( A  s) c4 ^. \0 ~; b
نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
; v% x1 |" p8 }+ R7 F: M
9 q2 S: q1 t' o# [3 g  eئۇيغۇر قىسمەتلىرى بىلەن ئويناشقان سوۋېت جاسۇسلىرى   ^! r6 ~. C( K4 ^. Z

8 y- ^0 s. U! I0 B( داۋامى)
6 J- U" [6 C5 c, i& c3 x/ P: m: o  R1 Y  @  {1 a
1. سوۋېت كونسۇلخانىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى
# U9 C: U0 @8 K$ g0 Xئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20- 30- يىللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە جىددىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى . ياڭ زېڭشىڭ ۋە جىن شۇرېن قاتارلىق مىلىتارىستلارىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان " نادان قالدۇرۇش " " تاشقى دۇنيادىن قامال قىلىش " سىياسىي تاكتىكىلىرى ئاخىرى بازار تاپالماي قالدى.# E& q) h5 g6 i* }* g% \9 ^
يەتتە مىڭغا يەتمەيدىغان ئەپيۈنكەش ، مايماق - سويماق ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى 17 يىل مىدىراتماي ئىدارە قىلغان ياڭ زېڭشىڭ رۇسچە سىياسىي قانۇن مەكتىپىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا پەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن مەيداندا ئۇرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلى ۋە ئۇنىڭ ئايالىمۇ بار بولۇپ، بۇ قانلىق ۋەقەدە ﻫېچقانداق خەيىم - خەتەرگە يولۇقمىغان سوۋېت كونسۇلى خاتىرجەم ﻫالدا ئۇرۇمچى ﻫاكىمىيىتىنىڭ پەن ياۋنەن ئەمەس بەلكى، جىڭ شۇرېننىڭ قولىغا ئۆتۈشىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدى . سوۋېت كونسۇلى مىلىتارىست جىڭ ﻫاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن دەرﻫال ئۇنى قوللاپ، موسكۋانىڭ جىڭ شۇرېن بىلەن بىر قاتار ﻫەربىي قورال - ياراق ۋە سودا - ئىقتىسادىي كېلىشىملارنى ئىمزالىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 17 يىلدىن بېرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا سىڭىپ كىرىشىنى، بۇ يەردە كوممۇنىستىك ئىدىيىلەرنىڭ تارقىلىشىنى ئەپچىللىك بىلەن توسۇپ كەلگەن ياڭ زېڭشىڭنىڭ ﻫۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى . سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ﻫەمكارلاشماي، مەزكۇر ئۆلكىنى قولىدا مۇستەﻫكەم تۇتۇپ تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن جىڭ شۇرېن دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆپ سودا - ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بارا - بارا نەنجىڭ ﻫۆكۈمىتى تەرەپكە مايىل بولۇش بىلەن ئۆلكىدىكى سوۋېت تەسىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشكە شۇنىڭدەك تار مىللەتچىلىكنى ئەۋجى ئالدۇرۇپ، رۇسلارنىڭ مەنپەئەتىگە تەتۈر تاناسىپ پەيدا قىلىشقا باشلىدى.
- N- d9 e2 P0 i/ K0 c( Mسوۋېت رۇسىيىسى 20- يىللارنىڭ بېشىدىلا ئۇيغۇر ئېلىدا مۇستەقىل بىر ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويماسلىق ،ئۇنىڭ ئەكسىچە مىللىتارست خىتايلارنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ﻫاكىمىيىتىنى قوللاش ئارقىلىق بۇ رايوننى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سودا - ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئالاﻫىدە جايغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۈزلۈكسىز تۈردە مەخسۇس ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، رايوننىڭ سىياسىي - ئىقتىسادىي ۋە ﻫەربىي ۋەزىيىتىنى بولۇپمۇ ئۇنىڭ تاشقى كۈچلەر يەنى ئەنگىلىيە، ياپونىيە ﻫەم ئىچكىرىدىكى جۇڭگوﻫۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى، موسكۋانى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىنىڭ ئەنگىلىيە تەۋەسىدىكى ﻫىندىستان بىلەن چەگرىلىنىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، موسكۋا بۇ رايوندا ئېنگلىز تەسىرىنىڭ تىكلىنىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا تەﻫدىد پەيدا بولۇشىنى خالىمايتتى.0 I* h& X% T+ `7 P
20-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مىللىتارستلارنىڭ بىرلىكتە قۇرغان سوۋېت - شىنجاڭ سودا شىركىتى يەنى " سوۋ - سىن تورگ " شىركىتى پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاساسلىق ﻫەرىكەتلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە رايوندىكى چەت ئەل تەسىرىنى رازۋېتكا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر . " سوۋ - سىن تورگ " شىركىتىنىڭ سودىگەر قىياپىتىگە كىرىۋالغان جاسۇسلىرى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىۋاسىتە موسكۋاغا دوكلات يوللايتتى . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شىنجاڭدا ئىنقىلاب قوزغاپ، مۇستەقىل سوتسىيالىستىك ئۇيغۇر جۇمﻬۇرىيىتى قۇرۇش موسكۋا ئۈچۈن پايدىلىق دېگەن تەكلىپنى بەرسە، بەزىلىرى بۇنىڭغا قارشى تەكلىپلەرنى بەرگەن . نەتىجىدە موسكۋا دائىرىلىرى دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرماي، ئەكسىچە خەنزۇ مىللىتارستلىرىنى قوللاش تەرەپدارلىرى ﻫامان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيتتى . ئەينى ۋاقىتتا، ئۇيغۇر دىيارىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەش كونسۇلخانىسى مەۋجۇت بولۇپ، رازۋېتكا كەسپى بۇ كونسۇلخانىلارنىڭ مۇﻫىم پائالىيەتلىرىدىن ﻫېسابلىناتتى.
: k( p. K" R8 c8 N1 oتارىخىي سىرلار پاش قىلدىكى، 30-40- يىللاردىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي بوران - چاپقۇنلارغا قەشقەر، غۇلجا، چۆچەك، ئالتاي ۋە ئۇرۈمچىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىلىرى ئاكتىپ ئارىلاشقان بولۇپ، 1933- يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستيان ئىسلام جۇمﻬۇرىيىتى بىلەن 1944- يىلى غۇلجىدا تەسىس قىلىنغان جۇمﻬۇرىيەتنىڭ تەقدىرىنى مەزكۇر كونسۇلخانىنىڭ ﻫەرىكەتلىرىدىن ئايرىپ قاراش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
; a4 t! |  w+ {. ~: \; xدېمەك، سوۋېت رازۋېتچىكلىرى جىڭ شۇرېننىڭ موسكۋا ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنى يوقىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقاندا 1931- يىلى قۇمۇل تاغلىرىدا خوجا نىياز ﻫاجىم باشچىلىقىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى . قۇمۇل تاغلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ زوراۋانلىققا قارشى قوزغىلاڭلىرى باشلاش بىلەن مەزكۇر قوزغىلاڭنىڭ تەسىرى ئاستىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ﻫەرىكەتلىرى ئەۋجى ئېلىپ، پەقەت ئۇرۈمچىدىن باشقا جايلارنىڭ ﻫەممىسى دېگۈدەك قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتتى . مانا مۇشۇنداق زور ئۆزگىرىش ئۇيغۇر دىيارىغا قوشنا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمايتتى . بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەن موسكۋا دائىرىلىرى قايتىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چارە - تەدبىرلەرنى ئېلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن رازۋېتكا ئورگانلىرىنى ئىشقا سالدى.; s$ o7 P- C; ^; j( U! ^+ v& X
2. قەشقەردە قۇرۇلغان ئىسلام جۇمﻬۇرىيىتى موسكۋانى ئەندىشىگە سالدى
* l0 r- k2 f) Y% d# ]20-ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا كۆتۈرۈلگەن كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە ئۇرۈمچىدىكى مىلىتارىستلارىنىڭ ﻫۆكۈمرانلىقىدىكى جايلاردىن باشقا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتتى. 30-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ﻫەربىي سىياسىي ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق ئۈچ خىل كۈچ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار خوجا نىياز ﻫاجىمنى بايراق ۋە قوماندان دەپ تونۇغان قۇمۇل - تۇرپان ﻫەم تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىنى كونترول قىلغان ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى، ما جۇڭيىڭنىڭ باشلامچىلىقىدىكى تۇڭگان قوراللىق كۈچلىرى ۋە جياڭ پېييۈەن باشچىلىقىدىكى ئىلى ۋىلايىتى دائىرىسىدىكى شېڭ شىسەيگە قارشى ﻫەربىي كۈچلەر بولۇپ، بۇ ئۈچ خىل كۈچ جىن شۇرېننى ئاغدۇرۇپ ئۆلكە ﻫاكىمىيىتىنى ئىگىلىۋالغان شېڭ شىسەيگە قاتتىق تەﻫدىت سالغان ئىدى.
7 s% r6 k! `+ @4 v& j  }1 mمەزكۇر ئۈچ كۈچنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرى ئايرىم بولۇپ، جياڭ پېييۈ | ئەن باشچىلىقىدىكى جۇڭگوﻫەربىيلىرى پەقەت ئۆلكە ﻫاكىمىيىتىنى ئىگىلەپ، ئۆلكىنى جۇڭگو مەركىزى ﻫۆكۈمىتىگە بويسۇندۇرۇشنى ئارزۇ قىلسا، تۇڭگان ما جۇڭيىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ ئىسلام دۆلىتى قۇرىمەن دەپ جار سالسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆز قوشۇنلىرى جۇڭگوگومىنداڭ مەركىزىي ﻫۆكۈمىتىگە تەۋە 36-دىۋىزىيە دەپ ئاتىغان ﻫەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل جۇمﻬۇرىيەت قۇرۇشىغا قارشى تۇرغان ئىدى.
; J5 l  j! _% i4 ^, Q, b0 J) @* {ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى قىسمەن قىرغىز قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بىرلىشىشى ئاستىدا 1933- يىلى 12- نويابىر كۈنى قەشقەردە سابىت داموللا رەﻫبەرلىكىدە ئىسلام جۇمﻬۇرىيىتى رەسمى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، ئىنقىلابقا ئىشتىراك قىلغان ئابدۇقادىر ﻫاجىمنىڭ ئەسلىمىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبتىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ئۇيغۇر ئېلى جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ بايرىقى چىقىرىلدى.
5 ^. d* l, v0 E3. ئۇيغۇر سىياسىي تەقدىرىنى ۋوروشىلوپ پىچقان / G/ w1 z% V* w, P# e4 O7 u' K7 f
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قوشنا بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپ تۇرغان كرېمىل رەﻫبەرلىرى 1933- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى سوۋېت رۇسىيىسى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋورشىلوۋنىڭ رەﻫبەرلىكىدە " مەخسۇس سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش كومىسسىيەسى " قۇردى . شۇ يىلى 7-ئايدا سوۋېت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ مەزكۇر كومىسسىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ﻫەققىدىكى تەكلىپلىرى مۇزاكىرە قىلىندى . 1933- يىلى، 8-ئاينىڭ 3- كۈنى سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تەقدىرى ﻫەققىدە رەسمىي قارار ماقۇللاپ، خىزمەت يۆلۈنۈشىنى بەلگىلەپ بەردى. بۇ قاراردا موسكۋانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ﻫەرىكىتىنى يوقىتىپ، ئۆلكىدە جۇڭگوﻫۆكۈمرانلىقىنى تىكلەشنى ئاساسىي قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ﻫەرقانداق مۇستەقىللىق ﻫەرىكىتىگە قەتىي يول قويماسلىق، ئۇنىڭ ئەكسىچە شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىش بەلگىلەنگەن ئىدى.
4 Q+ W2 y% I6 B' p7 Z& D9 jيېقىندا ئېلان قىلىنغان رۇسىيە مۇتەخەسسىسى ۋ . ف . نېكىسنىڭ " سوۋېت ن ك ۋ د سىنىڭ شىنجاڭدىكى ﻫەرىكەتلىرى " ناملىق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1931-1934- يىللىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى رەﻫبەرلىرى مىللىي ئازادلىق ﻫەرىكەتلىرىنى قوللاش بىلەن خىتاينىڭ بۇ ئۆلكىدىكى ﻫۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىنى بالانس قىلدى . نەتىجىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋورشىلوۋ باشچىلىقىدىكى ئالاﻫىدە كومىسسىيەسى ئۇرۈمچى ﻫۆكۈمىتىنى قوللاپ، ئۆلكىنى جۇڭگوتەركىبىدە قالدۇرۇشنى قارار قىلدى . 1933- يىلى نويابىردا ئۆلكىگە سوۋېت قوشۇنلىرى كىرگۈزۈلدى، سوۋېت قوشۇنلىرى ئۆلكە ئارمىيىسى تەرىپىدە تۇرۇپ، قوزغىلاڭچىلارنى مەغلۇپ قىلدى . ئەنە شۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتى تۈپەيلىدىن قوزغىلاڭچىلار مەغلۇپ بولدى . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتىسىيىسى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ يېڭى سىياسىتى قوزغىلاڭچىلارنى پارچىلاپ، خوجا نىياز ﻫاجىم قاتارلىق بىر قىسىم رەﻫبەرلەر ﻫۆكۈمەت تەرىپىگە ئۆتتى.8 x9 ?) d6 o1 y: [6 r
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، 1933- يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگۈزۈلگەن " تارباگاتايسكىي " ۋە "ئالتايسكىي " نامىدىكى ﻫەمدە 1937- يىلى كىرگۈزۈلگەن سوۋېت قوشۇنلىرى مۇنتىزىم قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىدىن باشقا يەنە سوۋېت بىخەتەرلىك كومىتېتىغا بىۋاسىتە قارايدىغان چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرى ﻫەم ن ك ۋ د ئەترەتلىرىدىن ئىبارەت ئىدى . بۇ مەزگىللەردە سوۋېت رازۋېتكىسىغا مۇناسىۋەتلىك ﻫەربىي ۋە ئاخبارات خادىملىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ﻫەر قايسى جايلىرىدا ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
3 Z! Y8 a- ?0 N- D3 ^4. موسكۋانىڭ قارارىدا سوۋېت جاسۇسلىرىنىڭ تەكلىپى ئاساس بولغان
9 k/ ]1 I# F6 S6 R) jرۇسىيە تارىخچىسى بورىس ئانوتولىيېۋىچ بارمىننىڭ "1918 - 1941- يىلىدى سوۋېت - جۇڭگومۇناسىۋىتىدە شىنجاڭ" ناملىق كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا تايانغاندا، 1931- يىلى قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن ئىلگىرى ۋە كېيىن سوۋېت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۆز خادىملىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ﻫەر قايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، شۇ جايدىكى ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلغان . ﻫەتتا، 1921- يىلى 4- ئىيۇن كۈنى، قەشقەرىيە قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈلگەن ماتېرىياللار ئاساسىدا ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال تەرىپىدىن تەييارلانغان " قەشقەرىيە - جۇڭغارىيە جۇمﻬۇرىيىتى " نى قۇرۇش لايىﻬىسى سوۋېت رۇسىيىسى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنغان . رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسىنىڭ باشلىقى ﻫەم ئۇچىنچى ئىنتەرناتسىيونالنىڭ رەﻫبەرلىرىدىن رۇدزۇكتاك ئىنقىلاب قوزغاپ، قەشقەرىيە - جۇڭغارىيە جۇمﻬۇرىيىتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما لېنىن، چىچېرىن قاتارلىق سوۋېت كومپارتىيە رەﻫبەرلىرى بۇنىڭغا قەتىي قارشى چىققاندىن كېيىن بۇ مەسىلە يېپىلغان.
3 }1 ^. Z0 [* x+ b' h( Y2 Q- tلېكىن، 1931-يىلى قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن بىر قىسىم سوۋېت رەﻫبەرلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنقىلاب قوزغاشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى دەپ ﻫېسابلاپ قايتىدىن موسكۋاغا تەكلىپ بەرگەن . مەسىلەن، رۇس ئالىمى بارمىننىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بىيورىسىنىڭ باشلىقى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئومۇمىي يۈزلۈك مىللىي ئازادلىق ﻫەرىكەت قوزغاشنى تەشەببۇس قىلغان . ئەمما، ئۇيغۇر دىيارىغا رازۋېتكىغا ئەۋەتىلگەن بىر قىسىم ئاخباراتچىلار بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ كەلگەن سوۋېت كە قارشى ئادەملەرنىڭ قەشقەرگە توپلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ قەشقەرنى بازا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ﻫۇجۇم قىلىشى خەۋپى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئەڭىلىيىنىڭ جەنۇبتىكى ئىشلارغا ئارىلىشىپ، ئۇلاردىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى پايدىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان . سوۋېت رازۋېتكا خادىملىرى يەنە قەشقەرىيىدە ئىسلام دىنى ئېتىقادىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى، گەرچە ﻫازىر ئىنقىلابنى قوللىغان بىلەن كېيىن بەلكى ئومۇمىي يۈزلۈك سوۋېت كە قارشى كەيپىياتلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا پايدىسىز ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، ئۇنى كونترول قىلىشنىڭ تەسكە چۈشىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
$ F. J+ Q: R' d& O4 R. `ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي ئازادلىق ﻫەرىكەت ئارقىلىق مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلۇشىنى قوللاش تەرەپدارلىرى ئاساسلىقى ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ مەخپىي ئادەملىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ بولغان ئىكەن . بۇ ئۇيغۇرلار موسكۋاغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلابىنى قوللاش تەكلىپلىرىنى بەرگەن . ئەمما، ستالىن ئاخىرقى ﻫېسابتا ئۆز جاسۇسلىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىنى قوللىماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلى ئىسلام جۇمﻬۇرىيىتىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى 1937- يىلىدىكى ئابدۇنىياز بەگ ﻫەم ما خۇسەن باشچىلىقىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭنى باشتۇرۇشنى قارار قىلدى.* h# p" q) m1 R- P; d
بۇ ۋەقەلەردە سوۋېت رازۋېتكا ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرىدىن رۇسلاردىن رېبالكىن، ئوبۇخوپ، پالىنوپ، ئۇيغۇر ۋە قىرغىزلاردىن قادىر ﻫاجى، مەنسۇر ئەپەندى، مەۋلانوپ ۋە باشقا ئونلىغان ئادەملەر مۇﻫىم رول ئوينىدى . شېڭ شىسەينىڭ چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسى دېگەنلەرنىڭ ﻫەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشى ئاساسىدا قۇرۇلغان ﻫەم ئىش ئېلىپ بارغاندىن سىرت يەنە موسكۋا ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان مەخپىي رازۋېتكا خادىملىرىنىڭ ﻫەر خىل سالاﻫىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ﻫەر قايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان.
+ @! a: w7 [* t  y8 d' q! y( p  i
  n9 a# w' d$ U% r+ n! o" J ( l) y5 \/ Q1 v; R$ X: M( o7 d

5 ]' M& r* J1 n4 K 
) `- c( ?) x/ O) e( H0 t
$ h7 }5 v  ]# q- V$ g: g9 @; ~چوڭ شاﻫمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر
! [) y8 |& C5 B$ T) Y- ?0 A4 K(داۋامى)
3 _8 q" \8 H/ M3 g% z
7 \1 V' A% `# x- K( K. Y2 p7 Iنەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)( ~' d0 q5 O! h, J! k- L
ئۇيغۇر قىسمەتلىرى بىلەن ئويناشقان سوۋېت جاسۇسلىرى
) ~" ~* ~, B7 H2 p
8 l) g6 Q: Y# F* t6 C! i. ]0 t9 G4 p" R
ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ۋە 20-ئەسىرلەردىكى سىياسىي تارىخى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئۇزۇن چېگرىغا ئىگە سابىق چار رۇسىيە ۋە كېيىنكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرق سىياسىتى جۈملىدىن جۇڭگو سىياسىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىقتۇر.
3 g3 u- |$ a5 h- P8 Q: `سابىق چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى 19-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق قوزغىلاڭلىرى ۋە بۇ قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلى سۇلتانلىقى، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ يوقىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 20-ئەسىردىكى ئىككى جۇمﻬۇرىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشىغا بىۋاسىتە ﻫەم ۋاسىتىلىق ﻫالدا باغلىنىشلىقتۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن رازۋېتكا ئورگانلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ئىدى. موسكۋانىڭ ئاتىشى بويىچە ئالغاندا "رازۋېتچىكلار"، ئۇيغۇرلار ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەقىپلىرىنىڭ ئاتىشى بويىچە "سوۋېت جاسۇسلىرى " ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىر سىياسىي تەقدىرى بىلەن بىۋاسىتە ئويناشقان بولۇپ، كرېمىل رەﻫبەرلىرى باشتىن ئاخىرى ئەشۇ ئۆزلىرىنىڭ سادىق ئالاﻫىدە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ﻫەققىدە توپلىغان تۈرلۈك ﻫەم قىممەتلىك ماتېرىياللىرى شۇنىڭدەك تەكلىپ-پىكىرلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر سىياسىي تەقدىرىنى يەشكەن ئىدى.
( c5 O7 Y) A7 m$ Y$ _
/ W# J* X# ]! T' d' l7 W& r# k% W, zقولۇمدا موسكۋانىڭ يېنىدىكى مەلۇم بىر كىچىك يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق باشقۇرۇت مىللىتىدىن بولغان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ قىزىل تاشلىق رۇسچە كىتاب تۇرۇپتۇ. مەزكۇر كىتابنىڭ ئەسلى ئاپتورى 30-يىللاردا ئالدى بىلەن قەشقەرگە، كېيىنرەك بولسا ئاقسۇغا تاشلىنىپ، "ئىستامبۇللۇق تىجارەتچى ئەلى ئەپەندى" دېگەن نام بىلەن سودا ماگازىنى قۇرۇپ، مەخسۇس جاسۇسلۇق قىلغان باشقۇرۇت مىللىتىدىن كېلىپ چىققان غابىت مۇزىپوفتۇر . ئۇ ،1937-40-يىللىرىدا ئاقسۇ شەﻫىرىدىكى يەرلىك ئۇيغۇر سودىگەرلىرى، دىنىي زاتلار ۋە زىيالىيلار ﻫەم باشقىلار ئارىسىدا يۇقىرى ﻫۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئىدى. ئىسلام دىنىدىن تولۇق خەۋىرى بار، كىچىكىدىن دىنىي تەربىيە كۆرگەن ئەلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ﻫەر تەرەپلىمە قابىلىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ﻫۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، ئاقسۇنىڭ ئەﻫۋالى، بولۇپمۇ ، گېنېرال ماﻫمۇت مۇﻫىتى ﻫىندىستانغا كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، كۇچارغىچە بولغان جايلارنى ئازاد قىلغان ئابدۇنىياز بەگنىڭ ئاقسۇ ئەتراپىدىكى پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە باشقا تۈرلۈك ئەﻫۋاللارنى ئىگىلەشتە خىزمەت كۆرسەتكەن ئىدى.
4 }2 r7 C" I; T: h& V7 nئەسلىدە، باشقۇرتىستاندا باي دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابى مەزگىلىدە دادىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، كومسوموللار تەركىبىگە قېتىلىپ، سوۋېت قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى سۈپىتىدە قىرغىزىستاندا "باسمىچىلار" دەپ ئاتالغان مۇستەقىلچىلەرنى "تازىلاشقا قاتناشقان ﻫەمدە تاكى 1937-يىلىغىچە قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىلىنىدىغان قاراقول شەﻫىرىدىكى چېگرا قوغداش پونكىتىدا خىزمەت قىلىپ، مەخسۇس ئىچكى رازۋېتكا ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان غابىت مۇزىپوف 1937-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ، ئىسمىنى ئەلى ئەپەندىگە ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلەر تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنى "ئەلى ئەپەندى" دەپ چاقىرىشقا ئادەتلەڭەن .
2 r' O: U4 m7 T; P3 n. z: h; oئەلى ئەپەندى 1944-يىلى ئىلى ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، غۇلجىغا ئەۋەتىلىپ، تېكەس ئاتلىق پولكىنى قۇرغان ، ئارقىدىنلا ئىلى ﻫۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە مەسلىﻬەتچى بولۇپ، جۇمﻬۇرىيەتنىڭ پۈتۈن رازۋېتكا ئىشلىرىغا مەسۇل بولغان. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە جۇمﻬۇر رەئىس ئەلىخان تۆرىگە مەسلىﻬەتچىلىككە تەيىنلەنگەن ﻫەم ئۇنى ئوغۇرلاپ كېتىش ئوپېراتسىيىسىگە ئىشتىراك قىلغان . ئۇ، 1946-يىلىدىن تاكى 1949-يىلىغىچە ئالتايدا رازۋېتكا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن 1949-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇپ كېتىلىپ ، ئۆمرىنى ئوش شەﻫىرىدە ئۆتكۈزگەن شۇنىڭدەك 80-يىللاردا تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن. قىزىق يېرى شۇكى، جۇمﻬۇرىيەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ﻫەم ئەلىخان تۆرىنىڭ مەسلىﻬەتچىسى بولغان ئەلى مەمەتوپ دېگەن نام بىلەن تونۇلغان مەزكۇر ئەرباب 1946-يىلى ئەلىخان تۆرەنىڭ ئىمزاسى بىلەن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قوشقان زور تۆﻫپىسى ئۈچۈن تەقدىرنامە ﻫەم بىر ئالتۇن يالىتىلغان ماۋزېر بىلەن مۇكاپاتلانغان بولۇپ، ئەلى مەمەتوپ پۈتۈن ئۆمۈر بويى ئەلىخان تۆرە بەرگەن مەزكۇر جۇمﻬۇرىيەتنىڭ ئالىي ئوردېنلىرىنى مەيدىسىگە تاقاپ يۈرگەن ئىكەن. ﻫېچكىم بىلەن پاراڭلاشمايدىغان، كەم سۆز، ئويچان بۇ كىشى كېيىنكى 30 يىللىق ﻫاياتىنى ئوش شەﻫىرىدىكى كىچىك ئۆيىدە يىگانە ﻫالدا، كىتابلار دۆۋىسى ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 30-40-يىللاردىكى تارىخى، سىرلىق ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ماتېرىياللارنى توپلاپ، بۇ ﻫەقتە مەخسۇس خاتىرىلەرنى تۇرغۇزغان ﻫەم كىتابلار يازغان. لېكىن، ئۇ كگب نىڭ قاتتىق قاماللىقىدا بولۇپ، كگب دائىرىلىرى ئۇنىڭ كگب نىڭ پولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن پېنسىيىگە چىققانلىقىغا قارىماي، ئۇنىڭ مەخپىي سىرلارنى پاش قىلىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، بىر كۈنمۇ نازارەت قىلماي قالمىغان ئىكەن. ئەلى ئەپەندىنىڭ ئوش شەﻫىرىدىكى ئەڭ يېقىن دوستى 1937-يىلى قەشقەر تۈرمىسىگە ئوت قويۇپ، مەمتىلى تەۋپىق قاتارلىق ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، جاللاتلىقتا داڭ چىقارغان ، 1944-يىلى ئىلىغا كېلىپ، ﻫەرەمباغ ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان شۇنىڭدەك تېكەس ئاتلىق پولكىنىڭ كوماندىرى بولغان راززاق ماۋلانوپ ئىدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بەش ۋاق ناماز ئوقۇپ، قىلغان ئىشلىرىغا توۋا قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن شۇنىڭدەك ئوش شەﻫىرىدىكى مەسچىتتە ئىماملىق قىلغان ماۋلانوپ، تېخىمۇ كەم سۆز بولۇپ، ئۇ كونا سەپدېشى ئەلى ئەپەندى بىلەنلا پاراڭلىشىدىكەن. سابىق سوۋېت جاسۇسى ماۋلانوپ ئەلى ئەپەندىنىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا خەتمۇ-قۇرئان قىلغان شۇنىڭدەك ئارىلىقتا بىر يىل ئۆتمەي تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان. & O& z% I  b+ M% ~( f
دېمەكچى بولغۇنۇم شۇكى، قولۇمدىكى قىزىل تاشلىق كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ 30-40-يىللار پاجىئەسىنىڭ شاﻫىدى بولغان كەسپىي" رازۋېتچىك" ئەلى ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى پۈتۈن ماتېرىياللارغا ئىگە بولۇپ، دادىسىنىڭ كىتابىنى يېزىشنى داۋاملاشتۇرغان ﻫەمدە ئاخىرى ئۇنى بەش توم قىلىپ چىقىرىشنى باشلىغان. كونا جاسۇسنىڭ توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يېزىلغان مەزكۇر كىتاب موسكۋانىڭ 30-40-يىللاردىكى سىياسىي ئويۇنلىرىنى ، بولۇپمۇ سوۋېت ن ك ۋ د ( كېيىنكى نامى ك گ ب) ئورگىنىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك كىملەرنىڭ سوۋېت رازۋەتكىسىغا تەۋە ۋە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشتە مۇﻫىم ۋە ئىشەنچىلىك يىپ-ئۇچى تەمىنلەيدۇ.
" f; z; v3 X" i
, I3 K4 B: E; n0 k6 B. ?ﻫۆكۈمەت ئارخىپلىرىمۇ جاۋاب بەرمەكتە
2 a: }1 b! c0 z- P, j5 W# n4 \+ a! Z& n7 D, }
) M# R# {* j; e  l7 n6 e8 m. }
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بىر قىسىم رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى 70 يىللىق ئىدېئولوگىيىلىك بويۇنتۇرۇقتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز تارىخىغىلا ئەمەس بەلكى ، باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىغىمۇ قايتىدىن باﻫا بېرىشكە، سوۋېت تۈزۈمىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي مەنپەئەتلىرى ۋە غەرەزلىرى ئۈچۈن ئۆز ئەتراپىدىكى ۋە ئىچىدىكى مىللەتلەرگە ﻫەم دۆلەتلەرگە نىسبەتەن قانداق رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئاساس بولغان ماتېرىيال مەنبەلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرى تولۇق مەخپىي دەپ بېكىتىۋېتىلگەن ئارخىپلىرى بولۇپ، 1992-يىلىدىن ئېتىبارەن موسكۋا ﻫۆكۈمىتى كۆپلىگەن ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى سىرتقا ئاچقان ئىدى. بىر قىسىم رۇسىيە ئالىملىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئېلىغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ﻫەرىكەتلىرىگە قاراتقان سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ئارخىپلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بەزى يېڭى ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەسىلىلەرگە باشقىدىن باﻫا بېرىشىنى ﻫەم چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. رۇسىيە ئالىملىرى دىققەت قىلغان بىر نۇقتا 20-ئەسىردە سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ ب دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ئالاﻫىدە ﻫەرىكەتلىرىدىن ئىبارەت.
9 V6 T* G+ l, X; N- O! D8 J9 `/ j& r8 o6 C0 Z1 H$ l% _. l
ئارخىپلارنىڭ سىرى- موسكۋا مۇستەقىل دۆلەتكە يول قويمىغان! l. a. W+ ?5 x% S. o: m7 f
: n. {, c3 ~" k
پېشقەدەم رازۋېتكا خادىملىرىنىڭ يازمىلىرىدىن باشقا يەنە رۇس مۇتەخەسسىسى ۋ .ف. نېكىس يېقىندا " ن ك ۋ د نىڭ شىنجاڭدىكى ئالاﻫىدە ﻫەرىكەتلىرى " دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆز ماقالىسىدە 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن تاكى 1949-يىلىغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سوۋېت -جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۆزگىچە ئالاﻫىدىلىككە ئىگە ئورۇن بولغانلىقى، ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى توساق رايونىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاپتورنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇنداق ئالاﻫىدە توساق رايونلۇق ئالاﻫىدىلىكىگە ئايلىنىشىدا بىر قانچە سەۋەبلەر مەۋجۇت.% F/ R8 E" d/ Y* H; R' X
"بىرىنچىدىن" دەپ يازىدۇ -رۇس مۇتەخەسسىسى ۋ .ف. نېكىس - "بۇ جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئەﻫۋالى بولۇپ، بۇ جاي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە ، شىنجاڭ ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان، غەربىي سىبىرىيە ۋە ئۇرال بويلىرىغىچە بولغان ئەڭ ئىچكى رايونلىرىغا قىسقا يول بىلەن بارغىلى بولىدۇ. ئەگەردە غەربىي جۇڭگودا دۈشمەن ئارمىيىسى ئورۇنلاشسا، ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىخەتەر نۇقتىلارنى قويماسلىقى مۇمكىن".
4 E5 |$ Z3 ~, tئىككىنچىدىن، شىنجاڭنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى 60% تىن يۇقىرى ئىدى. بۇ جايدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە قازاق، قىرغىز، جۇڭگو قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بولۇشى.
0 {" d' t! d0 ?% B2 @$ ]ئاپتور بۇ سەۋەبلەرنىڭ مۇﻫىملىرىنىڭ بىرىنىڭ بۇ ئۆلكىنىڭ ئىشلىرىغا ياپونىيە ۋە ئەنگىلىيىنىڭ ئاكتىپ ئارىلاشقانلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ."ئەنە شۇنداق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئالغان سوۋېت ئىتتىپاقى ﻫۆكۈمىتى 20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدا بۇ جايدا ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئوتتۇرىدىكى بىر دۆلەتنى قۇرۇشىغا ۋە سوۋېت ﻫاكىمىيىتىگە قارشى ئاقلارنىڭ ﻫەم باسمىچىلارنىڭ ﻫۇجۇم قوزغاپ، چېگرىنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەﻫدىد ئېلىپ كېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا سىياسىي جەﻫەتتىن تەسىر كۆرسىتىشىگە يول قويماسلىقنى قارار قىلدى".
/ v( ~) q5 @: O* k3 D7 v% E; N% Hرۇس ئالىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى رەﻫبەرلىك قاتلىمىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك كۆز قاراشلار ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىل مۇنازىرە بولغان. بۇ مۇنازىرىلەر نەتىجىسىدە ئاخىرى، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىلىرىنى، ﻫەتتا ئۇلار كوممۇنىزم بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن قەتئىي نەزەر قوللىماسلىق، ئۇنىڭ ئەكسىچە جۇڭگو ﻫاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئۆلكىدە ئۆز ﻫۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشىغا قىزىل ئارمىيە ۋە چېگرا قوغىدىغۇچى قوشۇنلارنى ئەۋەتىپ بولسىمۇ ياردەم قىلىش قارار قىلىندى.
% i  [( J$ n* F; e, ^9 D0 i# Z) u. k
سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيە ۋە رازۋېتكا خادىملىرىنى ئىشقا سالدى: m; Y& E, ^3 R) X$ O7 [, K

( U, ]; }" _" C) n4 o/ `( iئاپتورنىڭ يېزىشىچە، ئۆزلىرىنى ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ نىجات يۇلتۇزى دەپ جار سېلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ﻫەم كوممۇنىزمنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى بۇ ئىدىيە ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا دەۋەت قىلغان لېنىن رەﻫبەرلىكىدىكى سوۋېت رۇسىيىسى تۇنجى قېتىم 1921-يىلى مەزكۇر قارار بويىچە ئۇيغۇر ئېلى’غا ﻫەربىي قوشۇن ئەۋەتتى. بۇ چاغدا ئۇيغۇر دىيارىغا 50 مىڭدىن ئارتۇق چار پادىشاﻫ جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى، قاچاقلار قېچىپ كېلىۋالغان ئىدى. قوزغىلاڭ كۆتەرگەن ئاقلارنىڭ دۇتوپ، ئاننېنكوپ، باكىچ، نوۋىكوپ ۋە شىشكىنا قاتارلىقلارنىڭ قوشۇنلىرى گېنېرال باكىچنىڭ قوماندانلىقىدا جۇڭگو ﻫاكىمىيىتىگە بوي سۇنمىدى.
$ G/ A% a0 z: X7 ?2 uئاقلارنىڭ بۇ قوشۇنى ئۇيغۇر ئېلىنى بازا قىلىپ سوۋېت رۇسىيىسىگە قايتۇرما زەربە بەرمەكچى بولدى. ئۆز ﻫاكىمىيىتىدىن ئەنسىرىگەن ئۆلكىدىكى جۇڭگو ﻫۆكۈمىتىنىڭ بېشى ﻫېسابلىنىدىغان ياڭ زېڭشىڭ سوۋېت ﻫۆكۈمىتىدىن ياردەم سورىدى. نەتىجىدە، 1921-يىلى 17-مايدا " تۈركىستان فرونتى قوماندانلىق شىتابى بىلەن شىنجاڭ ﻫۆكۈمىتى ئارىسىدا باكىچ ۋە نوۋىكوپ قوماندانلىقىدىكى ئاقلارنىڭ قاچاق ئارمىيىسىنى بىرلىكتە يوقىتىش ئۈچۈن جۇڭگو تېررىتورىيىسىگە قىزىل ئارمىيىنى كىرگۈزۈش ﻫەققىدىكى كېلىشىم" دەپ ئاتالغان بىر توختام تۈزۈلدى. ئەنە شۇ كېلىشىمگە ئاساسەن 1921-يىلى 5-6-ئايلار ۋە كۈز مەزگىلىدە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى قېتىم ﻫەربىي ﻫەرىكەت ئېلىپ باردى ﻫەمدە گېنېرال باكىچنى يوقاتتى
8 }6 D3 ]' ]! }) n/ i- p$ `+ H- A' L. N5 N3 ?* Y0 x
تۇنجى سوۋېت ئۇيغۇر رازۋېتچىكىنىڭ پاجىئەسى
' m- `3 {" @. I; M
0 q6 ?& A- e. `8 g# e/ v2 J% S) Oرۇس مۇتەخەسسىسلىرىدىن بارمىن ۋە باشقىلارنىڭ قارىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىغا قېچىپ كەلگەن سوۋېت رۇسىيىسىگە ، كوممۇنىزغا قارشى تۇرغان ئاقلار سوۋېت رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يەتتە سۇدىكى ﻫەمدە غەربىي سىبىرىيىدىكى ﻫۆكۈمرانلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەﻫدىد سالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانى ۋاقتى كەلسە، ئۇيغۇر دىيارىدا كۈچ توپلاپ ۋە ﻫەربىي تەييارلىق ئېلىپ بېرىپ، قايتىدىن يەتتە سۇ ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ۋە غەربىي سىبىرىيىگە بېسىپ كىرىپ، مۇستەقىللىق جاكارلاش ئىدى . ئۇلار بۇ پىلانى ئۈچۈن يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئوزبېك قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە كۆپ ﻫەرىكەت قىلغان. بۇ ئەﻫۋال ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ رازۋېتكا ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تۇرغان بولۇپ، سوۋېت رۇسىيىسى رازۋېتكا ئورگانلىرى ئاق ئارمىيە قوماندانلىرىدىن دۇتوپنى يوقىتىش ئۈچۈن يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق، تاتارلاردىن پايدىلانغان.
) g7 @! Y; ^* dيەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان ماخمۇت غوجامياروپ سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ رازۋېتكا ئورگانلىرى تەرىپىدىن مەخپىي غۇلجىغا ئەۋەتىلىپ، كوممۇنىستلارغا قارشى ئارمىيىنىڭ قوماندانى دۇتوپنىڭ يېنىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئادەم ئاتامان دۇتوپنى ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا داڭ چىقارغان ﻫەتتا سوۋېت رۇسىيىسى "ك گ ب سىنىڭ ئاتىسى" دەپ ﻫېسابلانغان درجىنسكىينىڭ سائەت ۋە تاپانچا بىلەن مۇكاپاتلىشىغا ئېرىشكەن.
& ~8 v0 b% n% a* R" rماخمۇت غوجامياروپ، سوۋېت ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن چىققان تۇنجى رازۋېتكا خادىملىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ سوۋېت بولشېۋىكلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تىكلىنىشى ۋە مۇستەﻫكەملىنىشىگە قوشقان تۆﻫپىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، گراجدانلار ئۇرۇشى دەۋرىنىڭ قەﻫرىمانلىرى قاتارىدا سانالغان ئىدى. ئەگەردە، دۇتوپ ئۇيغۇر جاسۇسىنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلمىگەن بولسا، ئۇ ئىلى، ئالتاي ۋە موڭغۇلىيە ئەتراپىغا قېچىپ كەلگەن كوممۇنىستلارغا قارشى قوشۇنلارنى بىرلەشتۈرۈپ، يەتتە سۇغا ﻫەم ئورتا ئاسىياغا قايتۇرما ﻫۇجۇم قىلىپ، قىزىللارنى قوغلاپ چىقىرىش ۋە ياكى بولمىسا، سىبىرىيە رايونىدىن قىزىللارنى تازىلاپ، قايتىدىن رۇسىيىنىڭ ﻫاكىمىيىتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ﻫەرىكەت قىلغان بولار ئىدى. ئاتامان دۇتوپ قاتارلىق "ئاقلار" سوۋېت ﻫاكىمىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق ﻫەرىكەتچىلىرى، قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ﻫەمكارلىشىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولۇپ، ﻫەتتا ئۇ يەتتە سۇدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قوللىشىغا سازاۋەر بولغان . ماخمۇت غوجامياروپنىڭ دۇتوپنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولۇۋېلىشى ئۇنىڭ ئۆزىنى سوۋېت تۈزمىگە قارشى ئۇيغۇر دەپ كۆرسەتكەنلىكى شۇنىڭدەك يەنە دۇتوپ بىلەن ماسلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىش قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان تاتار بايلىرىدىن چانىشېپنىڭ مەخسۇس ئالاقىچىسى دەپ كۆرسەتكەنلىكىدۇر. ماخمۇت غوجامياروپ، ئاتامان دۇتوپغا چانىشېپنىڭ " بىز تەييارلىنىپ بولدۇق، ئەمدى سىزنىڭ ﻫەرىكەت قىلىشىڭىزنى كۈتىۋاتىمىز" دېگەن يالغان مەزمۇنلار يېزىلغان خېتىنى تاپشۇرۇپ، ئۇ خەتنى ئوقۇۋاتقاندا ئۇنى تىرىك تۇتۇپ كەتمەكچى بولغان. بىراق، دەل شۇ پەيتتە دۇتوپنىڭ قوغدىغۇچىسى ئۆيگە كىرىپ قالغان، ئامالسىز قالغان ماخمۇت دۇتوپنى ۋە قوغىدغۇچىنى ئېتىپ تاشلىغان. 9 p5 P- S" q0 f1 U. o3 z$ j
( m  E: N9 l$ \
30-يىللاردا ئاتامان دۇتوپنىڭ ئادەملىرى ماخمۇت غوجامياروپتىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ، بىر كېچىدە ئۇنىڭ ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى. ئەڭ پاجىئەلىك يېرى شۇكى، سوۋېت رۇسىيىسى ئۈچۈن بارلىقىنى ۋە ئائىلىسىنى قۇربان قىلغان بۇ ئۇيغۇر رازۋېتچىكى 1937-يىلى ئۆزى خىزمەت قىلغان سوۋېت ﻫۆكۈمىتى تەرىپىدىن "خەلق دۈشمىنى" دەپ قولغا ئېلىنىپ، يەنە شۇ سوۋېت ن ك ۋ د دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ﻫۆكۈم قىلىنىپ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن . ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سوۋېت –گېرمان ئۇرۇش مەيدانى ئۆلگەن. شۇنداق قىلىپ، لېنىن ۋە درجىنېسكىيلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان تۇنجى سوۋېت ئۇيغۇر جاسۇسى ماخمۇت غوجامياروپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىشى ﻫەم پەرزەنتلىرى ئىنسانىيەتنى ئىككى لاگېرغا ئايرىپ، ئۆزارا قىرغىن قىلىشقا باشلاپ كەلگەن ئەشۇ 70 يىللىق سوۋېت تۈزۈمىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيە ﻫۆكۈمىتى ئاتامان دۇتوپنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇنى رۇسىيىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىنتىلگەن مىللەتپەرۋەرلەر تەرىقىسىدە مەدﻫىيلىگىنىدە، ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇر ماخمۇت غوجامياروپقا نەپرەتلىنىشى تەبىئىي ئەﻫۋالدۇر. مانا بۇ تارىخنىڭ ئاچچىق قىسمىتى، چوڭ شاﻫمات تاختىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنىڭ ئاددىي بىر پارچىسى خالاس( u! W% _& }( W, J9 s

. R) k5 D1 [. ]& z- @+ i$ Tمەنبە:ئەركەم تورى
* A' l1 D  [8 t% U6 I* S( P$ J- I7 s  v: Z# @
你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

169

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
34
تىللا
47
قىزغىنلىق
39
تېما
5
يازما
11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 11:16:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما,رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تىزئىنكاس يوللاش:



تەۋىسسىيە تاقاش


سىناشقا قاتنىشىڭ

ئىللىق تورى ئاندىرويىد ئەپ دىتالى سىناق تەرەقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ئاندىروىد سىستىمىلق ھەرقانداق(ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان) تېلىفۇنلار دانورمال زىيارەت قىلىشقا تىما ئىنكاس يوللاشقا بۇلۇدۇ .يانفۇن كامىراسىنى ئىككىلىك كودقا توغىرلاپ چۈشۈرۋېلىڭ ،


كۆرۈش