3d
شادلىق گۈلى پۈتكۈل ھاياتىڭىزنى ، ئىللىق ئائىلىڭىزنى بېزەيدۇ . خۇشخۇيلۇق ھازىرقى پۇرسەتنى چېڭ تۇتۇپ ، تۈنۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىقنى تولۇق ئۇنتۇپ ،ئەقلىي تەجىرىبە _ ساۋاقلارنىلا بۈگۈنكى خۇشاللىقىنىڭ ئاساسى قىلىدۇ ؛ ئەتىكى ئورۇنسىز غەن ئەندىشىگە يول قويماي ، بەخىتلىك ئارزۇ - ئىستەكلەرنىلا كۆڭۈل تۆرىڭىزگە باشلاپ ، كۆز ئالدىڭىزدىكى تۇرمۇشىڭىزدىن قانغۇچە ھۇزۇر ئالدۇرىدۇ.. X P% L8 R! @9 ~/ f6 h
+ H' s1 Z( h# E8 u$ ]
خۇشخۇيلۇق ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولۇپ ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەرخىل ئىش ھەركىتى ، ئوماق گەپ سۆز ، قىلىقلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ خۇشال قىلالايدۇ . خۇشخۇي ئاياللار ھەربىر كۈننى جىمىرلاپ تۇرىغان شەبنەم تامچىلىرىدەك گۈزەل ،كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزەلەيدۇ . ھەربىر كۈننى خۇشپۇراق گۈللەر بىلەن پۈركىيەلەيدۇ؛
& H. E! }: ]+ X8 ?/ F1 V0 U' O7 O9 t8 w7 H* F5 X' Q; s
خۇشخۇيلۇق كاللىڭىزنىڭ سەگەكلىكىگە باغلىق . بەدىنىڭىزنى ، ئائىلىڭىزنى ، كەسىپىڭىزنى بارلىقىڭىزغا ئايلاندۇرۇپ ، مۇشۇلارنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولالىسىڭىزلا بۇلار ھەرقاتلام ، ھەر تەرەپلەردىن سىزنىڭ مول ،رەڭدار ئاياللىق خاندانىڭىزنى بەرپا قىلىدۇ . سىز ئۇلارنى باشقۇرىسىز ،يىتەكلەيسىز ، ئۇلارغا بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە گۈزەل ، نەپىس ، مول مەزمۇنلۇق ھايات سىمفونىيىسى ياڭرىتالايسىز.
& O8 F8 g4 ? ?+ |% o4 @ياسىنىڭ ،خاسلىقىڭىزنى ساقلاشقا ماھىر بولۇڭ ؛ ئېرىڭىزنى ، باللىرىڭىزنى چىن يۈرىكىڭىزدىن سۆيۈڭ . ئەمما ، سىز ئۇلارنىڭ بارلىقى بولالمىغاندەك ، ئۇلارمۇ سىزنىڭ روھىيەت دۇنيايىڭىزنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالالمايدۇ . ؛ ئەستايىدىللىق بىلەن كىتاب ئوقۇڭ . ئەمما ،مەستانە بولۇپ قالىماڭ ؛ ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش مۇھىتىدا خىزمەتنى ھاياتىڭىزدىكى بىر خىل ھوزۇرلىنىش دەپ قارىغىنىڭىزدىلا ، ئاندىن توختاۋسىز جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىغا ئېرىشەلەيسىز.* Q8 W7 z! y+ V9 I" s
ئەمەلىيەتتە خۇشاللىق دەل ئاشۇ ئاددى - ساددا ، ئەمما مول تۇرمۇش ئىچىدە بولىدۇ . ئۇ ئاشخانىڭىزدىكى تېتىتقۇ شېشىلىرىڭىزنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ؛ ئۇ رەخىت پۇرۇچلىرى ۋە يۇڭ يىپلار بىلەن تولىغان تارىتمىلىرىڭىزغا يوشۇرۇنغان ؛ سىز تېخى ئوقوپ بولالمىغان كىتابقا يوشۇرۇنغان ؛ سىز يېزىۋاتقان ماقاللىرىڭىزنىڭ قۇر ئارلىقلىرىغا ؛ئېرىڭىزنىڭ ، باللىرىڭىزنىڭ خۇشال كۈلكىلىرىگە يوشۇرۇنغان . خۇشاللىق __ ئىللىق چىراغ نۇرىدا ، ھەيۋەتلىك دەرىسخانىدا ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ماگزىنلاردا ، ئىللىق ئائىلىڭىزدە ، دەريا بويىدا ، ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا تىمتاسلىق ، مەجنۇنلۇق بىلەن سىزگە باقماقتا.
5 t- ~6 I3 v0 q' \5 Dخۇشاللىق ھەممىمىزنىڭ يېنىدا ، خۇشاللىقىنى قولىدىن بەرمەي ، ئۇنى باخاشلىغىنىڭىزدىلا خۇشال ئايالغا ئايلىنالايسىز . خۇشخۇي ئايال بولۇشقا تىرىشىڭ . خۇشخۇيلۇقتىلا مەڭگۈلۈك ياشلىق ، مۇكەممەل ئۆزلۇك ، مەڭگۈلۈك جەلىپكارلىق بولىدۇ.; P, F. Q/ L) h" @( P: Y
مەنبەسى:شىنجاڭ ياشلار گېزىتى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |