يانفۇن
خىزمەتچى خادىم ئىشقا كېچىكىپ كەپتىكەن ، باشلىق ئۇنىڭدىن سوراپتۇ :
نېمىشقا كېچىكىپ قالدىڭىز ؟
خۇتۇنۇم ئون يۈەننى يوقۇتۇپ قويغان .
شۇنىڭ ئۈچۈنما ؟
راسا ئىزدىدى دەڭە .
خۇتۇنىڭز ئىزدىگەن بولسا ، سىز نېمە قىلدىڭىز ؟
پۇلنى مەن ئاستىمغا بېسپ ئولتۇرۋالغانىدىم .
بالام ، ماڭا خوش دېگىن
بىر يىگىت تاللا بازىردا مال ئېلىۋاتسا ، بىر موماي ئۇنىڭغا راسا تىكىلىپ قارىۋېتىپ دەپتۇ :
ۋىيەي ، سەن ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلۇمغا ھەجەپ ئوخشايدىكەنسەن بالام ، ئېغىر كۆرمىسەڭ ، مەن ماڭغاندا < خەيرى - خوش ئانا > دەپ قول پۇلاڭلىتىپ قويساڭكەن .
يىگىت مومايغا ئىچ ئاغرىتىپ قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ دەپتۇ :
خەيرى - خوش ، ئانا !
مومايمۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋېتىپ ئۈنلۈك توۋلاپتۇ :
خوش ، بالام !
يىگىت سودىسىنى پۈتتۈرۈپ ئىشىكتىن چىقىشىغا مۇلازىم ئالدىنى توسۇپ دەپتۇ :
ئەپەندى ، ئاپىڭىز ئالغان نەرسىلەرنىڭ پۇلىنى تۆلىۋېتىڭ .
ئۇزۇن چاچ قۇيۇشنىڭ سەۋەبى
بىر قىز يەنە بىر قىزدىن سوراپتۇ :
ھېچ چۈشىنەلمىدىم ، مۇشۇ كۈنلەردە نېمىشقا ئەرلەر ئاياللارنىڭكىدەك ئۇزۇن چاچ قۇيىۋالىدىغاندۇ ؟
بۇنىڭ چۈشىنەلمىگۈدەك نەرى بار ؟ ئەگەر سۆيگىنى ياكى ئايالى ئۇلارنىڭ كىيمىدىن ئۇزۇن چاچنى تېپىۋالسا ، ئۇلار كۈلۈپ تۇرۇپ : < بۇ مېنىڭ چېچىم > دېيەلەيدۇ - دە .
بالىنىڭ جاۋابى
كېچىسى سېيىپ قۇيدىغان بىر بالىنى دادىسى نا ئۇستا تېۋىپقا كۆرسىتىپتىكەن ، تىۋىپنىڭ دورىسىنى يىگەن بالىنىڭ ئاشقازىنى بۇزۇلۇپ ، دائىم ياندۇردىغان بوپقاپتۇ .
قانداقراق بالام ؟ - دەپ سوراپتۇ دادىسى ، دورا مەنپەت قىلغاندەكمۇ ؟
قالتىس مەنپەت قىلدى - دەپتۇ بالىسى ، سېيىپ ياتىدىغان ئادەمنى قۇسۇپ ياتىدىغان قىلىپ قويدىڭىز .
تېخنىكا
ئۈچ دوختۇر ئۆز تېخنىكىلىرى ھەققىدە ئۆزئارا تالاش- تارتىش قىلىشىپ قاپتۇ :
مەن بىر كىشىنىڭ بىلىكىنى ئۇلاپ قويغان ئىدىم ، ئۇ ھازىر ئاتاقلىق كالتەك توپ ماھىرى دەپتۇ بىرىنچىسى .
مەن بىر كىشىنىڭ پۇتىنى ئۇلاپ قويغان ئىدىم ، ئۇ ھازىر داڭلىق ئۇزۇنغا يۈگرەش تەنھەركەتچىسى دەپتۇ ئىككىنچىسى .
سىلەرنىڭ ھېچقانچە ئىش ئەمەسكەن ،- دەپتۇ ئۈچۈنچىسى :
مەن بىر دەلدۈشنىڭ چىرايىنى كۈلۈمسىرەپ تۇردىغان قىلىپ تۈزەپ قويغان ئىدىم ، ئۇ ھازىر پارلامېت ئەزاسى .
رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |