ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1168|ئىنكاس: 1

دەرىس مەھمۇد مۇھىتىنىڭ چەتئەلگە ھىجرەت قىلىش جەر ...يانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

41

يازما

604

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
157 سەر
تۆھپە
147 سەر
تىللا
117 دانە
جەۋھەر
0 دانە
3d
مەھمۇد مۇھىتىنىڭ چەتئەلگە ھىجرەت قىلىش جەريانى
% ~$ i) a; L) i( M( K1 u# C) d9 T) n$ X& c

# V( r1 I0 r- E: b2 Gتارىخقا يېزىلمىغان ئىشلار1 O( r/ J" ?& M; [' ?/ S

0 _; J4 }0 h" H- q" i4 W
* [+ F. W( I7 y5 U, w9 {1937 –يىلى قەشقەر ، باش ئەتىياز . شېڭ شىسەينىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق – 6 دېۋىزىيىسنىڭ قوماندانى مەھمۇت مۇھىتى ئىشخانىسىدا چىرايلىق بۇرۇتقويغان ئاق يۈزلۈك بىر ئادەم بىلەن سۆ ھبەتلىشىپ ئولتۇراتتى . بۇ ئادەم مەھمۇت مۇﻫىتىنىڭ سۆھبەت ئۈلپىتى ،دېۋىزىيە سىياسىي – قانۇن باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ، تىۋىپ بايئاخۇن ئەزىزى ئىدى . سۆﻫبەت ئۈستىگە ئىشخانا كاتىپى كىرىپ ، قەشقەر گارنىزوندىن بىر ئادەمنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى .
8 p$ K! c4 |. E. [" h; w8 d- نېمە ئىش بىلەن كەپتۇ ، دەپ سورىدى مەھمۇت مۇﻫىتى ." B! k; \) d& j5 _
- نېمە ئىشلىقىنى ماڭا دېمىدى ، سىجاڭنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۇشىمەن ، مۇﻫىم ئىشىم بار دەيدۇ . سىرتتا ساقلاپ تۇرىدۇ .# _* ~7 y# h- `# E  ~
- مېنى ئالدىراش دېمىدىڭمۇ ؟& `* G* X/ e$ u7 d; L
- شۇنداق دېدىم سىجاڭ ، گېپىڭ بولسا ماڭا دە ، مەن يەتكۈزۈپ قوياي دېسەم ، ئۇ مۇﻫىم بىر ھۆججەت بار ، سىجاڭنىڭ ئۆزىگە تاپشۇرىمەن ، دەپ تۇرۇۋالدى .( y5 q4 @5 c7 ~1 `1 v- z' S
- كىرگۈزىۋەت .. E3 a6 `8 b5 c6 t2 q
كاتىپ چىقىپ كەتتى ، ﻫايال بولماي ، مەﻫمۇت مۇھىتىنىڭ بىر قوغدىغۇچىسى پۇقراچە كىيىنگەن پاكار بويلۇق بىر كىشىنى باشلاپ كىردى . مېھمان گارنىزون سىياسىي باشقارمىسىنىڭ خىزمەت گۇۋاﻫنامىسىنى چىقىرىپ مەﻫمۇت مۇﻫىتىغائۇزاتتى . قوغدىغۇچى ئۇنى سىجاڭغا يەتكۈزۈپ بەردى ./ d4 C# s9 S5 Z  r  m% o
- نېمە ئىش ؟ دېدى سىجاڭ قىسقىلا قىلىپ .
: o# T/ D* j0 K, ^/ C7 S4 A/ {3 U$ h5 ]8 W6 V$ F* u
- مەن مەلۇماتنى ئاغزاكى يەتكۈزمەكچى ، بۇ يەردە ئادەملەر تۇرسا بولمايدۇ – دېدى پاكار ئادەم ئەتراپتىكىلەرگە قاراپ .+ W( |1 x/ h5 g, r
* m3 A# B, P' h& p& x8 M: K" e
سىجاڭ ئىشارەت قىلدى ، مۇﻫاپىزەتچى چىقىپ كەتتى .
; K7 n( V+ c1 u3 ~5 G
2 V5 h' E: o. b1 B* H- بۇ كىشى .... – دەپ بايئاخۇنغا قارىدى گارنىزون خادىمى .
+ \7 Y% @# O' m7 \5 V- ﻫېچقىسى يوق ، بۇ كىشى مېنىڭ ئۆز ئادىمىم ، گەپنى مەن بىلەن بىللە ئاڭلىسا بولىدۇ . گارنىزون خادىمى سەل ئىككىلەنگەندەك قىلىپ سۆزىنى باشلىدى .
0 A& I7 i8 }& Z# X3 O; B2 z. E% G- b6 p1 h) j% a- c9 ~, |
- بىزنىڭ چۇجاڭ جاناپلىرى سىلىگە سالام ئېيتتى ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكىسى بار ئىكەن ، مەن چۇجاڭ جانابلىرىنىڭ مۇش ئۈمىدىنى سىلىگە يەتكۈزگىلى كەلگەن .
; Q' t, \$ S! |# I5 f- e
* H. |- Z+ ?) r3 |/ z: h- گەپ ئوچۇقراق بولسۇن ، چۇجاڭ جانابلىرى نېمە ۋەجىدىن مەن بىلەن كۆرۈشىدىكەن ، نېمىشقا ئۆزى كەلمىدى ؟5 G) y8 V- Z" }
. C# `7 q  K$ A
- چۇجاڭ جانابلىرى سىجاڭنىڭ ئىشلىرىغا بەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن ، مۇﻫىم بىر ئىشنى سىلىگە مەلۇم قىلماقچى ئىكەن ، چۇجاڭنىڭ سىلىڭبۇغا كېلىشى بىئەپ ئىكەن ، كۆرۈشۈش ئورنى ۋە ۋاقتىنى بېكىتىپ بەرگەن بولسىلا ، چۇجاڭ جانابلىرى شۇ جايدا سىلى بىلەن دىدارلاشسام دەيدۇ ." `, r' y: `# Q- Q& S" I0 O% v$ m

: u! g. p- }0 K8 K* [7 R  S3 i$ lمەھمۇت مۇﻫىتى جاۋاپ قىلمىدى ، ئۇ ئورنىدىن قوزغالماي جىمجىت ئولتۇراتتى .: o" }) R, V& s# @

, V( s1 D5 Z! o8 |6 Q1 E- شۇنداق مۇﻫىم ئىشمىكەن ، بەك ئالدىراشمۇ ؟ دېدى مەﻫمۇت مۇﻫىتى ., ~% J: q$ p/ V/ M
2 `. l- E% y; ?+ ~" b
- شۇنداق تەقسىر . بەك مۇھىم ئىش ئىكەن . چۇجاڭ جانابلىرىنىڭ دېيىشىچە ، بۇ ، سىجاڭ جانابلىرىنىڭ ﻫايات – ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ئىكەن ، ئۇ كىشى سىلىگە خەيرلىك تىلەيدۇ .
0 x3 q; X( S  ^& N6 O" _
* I0 D' l$ K2 q- g3 p- ئوبدان ، ئەمىسە گەپ مۇنداق بولسۇن : مانا بۇ كىشى ، دېدى مۇﻫمۇت مۇﻫىتى بايئاخۇننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، ئەتە نامازدىگەر بىلەن نامازشام ئارىلىقىدا چۇجاڭنىڭ يېڭىشەﻫەردىكى ئۆيىگە سالامغا بارىدۇ . بارغىچە ﻫېچقانداق ئالاقە گۇۋاﻫنامە بېرىلمەيدۇ . سىجاڭنىڭ نېمەن گېپى بولسا ، مۇشۇ كىشىگە خاتىرجەم دەۋەرسۇن ، بۇ كىشىگە دېيىلگەن گەپ مېنىڭ ئۆزەمگە دېگەنگە ئوخشاش ، يەنە نېمە ئىش بار ؟
3 Q" f2 z3 t( O; m2 l. J% i& `: l$ g$ P4 b; S5 U7 x% v, X
- باشقا ئىش يوق تەقسىر ، دېدى گارنىزون شتابىنىڭ خادىمى ، ئاندىن بايئاخۇنغا ئوبدان سىنچىلاپ قارىۋالغاندىن كېيىن ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى . ﻫويلىدا مۇنداقلا بىر مەپە يولغا چىقىشقا تەييار تۇراتتى . بايئاخۇن دىگەرنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن ، بىسمىللا دەپ ئوڭ پۇتى بىلەن بوسۇغا ئاتلاپ ئۆيدىن چىقتى . سىرتتا پۇقراچە كىيىنگەن ئېگىز بويلۇق بىر مۇھاپىزەتچى بىلەن يەنە ھارۋىكەش ئۇنى مەپە يېنىدا ساقلاپ تۇراتتى . ئۇلار سالاملاشقاندىن كېيىن مۇھاپىزەتچى بايئاخۇننى مەپىگە چىقىرىپ قويۇپ ، ئۆزى مەپىنىڭ ئالدى تەرەپ ئوڭ شوتىسىغا سەكرەپ چىقىپ جايلاشتى ، مەپە يېڭىشەھەر تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى . بۇ كۈنلەردە مەھمۇت مۇھىتى بەكمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندى . ئۆلكە دۈبەنى شېڭ شىسەي قەشقەردە تۇرۇۋاتقان قوراللىق كۈچلەرنىڭ باشلىقلىرىدىن خوجانىياز ﻫاجى بىلەن مەﻫمۇت مۇﻫىتىنى يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشكەن بولۇپ ، بىرىنچى قەدەمدە خوجانىياز ﻫاجىنى ئۆلكە مۇئاۋىن رەئىسى نامى بىلەن يۆتكەپ ئېلىپ كەتكەن ، مەﻫمۇت مۇﻫىتى تىزگىنلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ليۇ بىڭ دېگەن ئادەمنى قەشقەر گارنىزون قوماندانى قىلىپ تەيىنلەپ ، شۇنىڭغىمۇ خاتىرجەم بولالماي ، مەﻫمۇت سىجاڭنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تايانچ كادىرلىرى ، تۈەنجاڭ ،ليەنجاڭلىرىدىن بولۇپ 10 نەچچە كىشىنى مەﻫمۇت سىجاڭنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ، ئۇگىنىشكە دەپ ئۇرۈمچىگە چاقىرتىۋالغاندى . ئۇنىڭدىن باشقا شېڭ شىسەي يەنە قەشقەر شەﻫىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ساقچى ئورۇنلىرىنىئىگىلەپ ، كەڭ ئىشپىيونلۇق تورى ئارقىلىق مەﻫمۇت سىجاڭ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قاتتىق نازارەت ئاستىغائالغاندى . مەﻫمۇت مۇﻫىتى شېڭ شىسەينىڭ ئۆزىنى يوقىتىش سۇيقەستىنى بىلگەن بولسىمۇ ، لېكىن شېڭ شىسەيگە ئوچۇق قارشى چىقالمايتتى ، چۈنكى سوۋېت ﻫۆكۈمىتى شېڭ شىسەينى قوللايتتى . ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۇچۈن ،مەﻫمۇت مۇﻫىتى ئەڭ ئىشەنچلىك كىشىلىرى بىلەن مەخپىي مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەندە بىرسى يىغىن مەزمۇنىنى قەشقەردىكى گارنىزون قوماندانى ليۇ بىڭغا ۋە سوۋېت كونسۇلىغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ . بۇنداق ئىش يەنە ئىككىنچى قېتىم تەكرارلىنىدۇ ، ئىشلار ئۇدۇللۇق شېڭ شىسەيگە مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ ، شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي مەﻫمۇت مۇﻫىتىنىڭ ئاساسلىق كادىرلىرىدىن يەنە يىگىرمە نەچچە كىشىنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىۋالىدۇ . مۇشۇلارنى ئويلاپ بايئاخۇن ئۆزىنىڭ يېڭىشەﻫەر گارنىزون سياسىي باشقارما باشلىقىنىڭ ئۆيىگە قانداق بېرىپ قالغانلىقىنى تۇيماي قالىدۇ . بايئاخۇن مۇﻫابىزەتچىسىنى سىرتتا قالدۇرۇپ قوبۇلخانىغا مەپىكەش بىلەن بىللە كىردى . مېﻬمانلارنى باشقارما باشلىقىنىڭ كاتىپى – تۈنۈگۈن مەﻫمۇت مۇﻫىتىنىڭ ئىشخانىسىغا بارغان ﻫېلىقى پاكار كىشى ئوچۇق چىراي قارشىئېلىپ بۇ يەرگە باشلاپ كىرگەنىدى.. t+ I! N) \" [, T  t8 `
- مانا بۇ كىشى چۇجاڭ جانابلىرى بولىدۇ ، دەپ تۇنۇشتۇردى ئۇ يېنىدىكى تۈگمىلىرى ياندىن ئېتىلىدىغان ئۇزۇن چاپان كىيگەن ئېگىز بويلۇق تاقىرباش ، قاشلىرى ئۆسكىلەڭ كەلگەن ئورۇق خەنزۇ كىشىنى كۆرسىتىپ . باشقارما باشلىقى ئۇلارنى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلدى ۋە سىجاڭنىڭ ئامانلىقىنى سورىدى . كاتىپ ئارىدىكى گەپلەرنى تەرجىمە قىلىپ تۇردى .
4 m+ ]& k# F- }+ i" \) G- ﻫەرقايسىلىرى بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن بەك خۇرسەنمەن ، دېدى باشقارما باشلىقى ۋە مەپىكەشنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، بۇ كىشى كىم بولىدۇ ، دەپ سورىدى ." K+ B4 f2 S3 ~$ D, \1 `
- بۇ كىشى تۇڭچى بولىدۇ ، دېدى بايئاخۇن .* t* `0 w7 B, `" d% G
بۇ «تۇڭچى» ئەسلىدە ئۆلۈم جازاسىغا ﻫۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىدە ياتقان جىنايەتچى بولۇپ ، ئۇستا تىلماچ ئىدى . مەﻫمۇت مۇﻫىتى بۈگۈن ئۇنى بايئاخۇنغا «مەپىكەش» قىلىپ قوشۇپ بەرگەندى .
5 g6 l# j3 A  j- بۇ كىشى چىقىپ كەتسۇن ، بىز ئىككىمىز يالغۇز سۆزلىشىمىز ، بۇ كىشىمۇ چىقىپ كېتىدۇ ، دەپ ئۆزىنىڭ تەرجىمانىنى كۆرسەتتى .
3 ?8 W0 d  a3 U6 T1 t8 Q* {/ r) v4 {. P0 j
- مەن سېنىڭ سۆزۈڭنى بىلمەيمەن ، دېدى بايئاخۇن .# q; O& }, H9 z% y, W; i
7 V$ \' I' {5 h6 ]4 d6 d0 ~
- مەن سېنىڭ سۆزۈڭنى بىلىمەن ، دېدى باشقارما باشلىقى ئۇيغۇرچە ئوبدانلا تەلەپپۇز بىلەن ، ئۇ ئۆزىنىڭ تەرجىمانىغا ئىما قىلغاندى ، كاتىپ بايئاخۇننىڭ تۇڭچىسىنى باشلاپ چىقىپ كەتتى . ئىككەيلەن يالغۇز قالغاندىن كېيىن ئۆي ئىچى سىرلىق جىمجىتلىققا چۆكتى . ئەمدى ئۇلار تەرجىمانسىز سۆزلەشتى ، باشقارما باشلىقىنىڭ سۆزى ئانچە راۋان بولمىسىمۇ ، مەزمۇنى ئېنىق ئىدى .
6 Z; ?- g8 Z2 }# V1 \7 i) G
: g, B& _1 t  F0 X' t: ?1 ~- ﻫازىر مەﻫمۇت سىجاڭغا يامان بولدى ، دەپ سۆز باشلىدى باشقارما باشلىقى تاقىر بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ .! I$ `2 F$ O  V+ J
% X/ t0 I% B& C$ @
- بۇ قانداق گەپ ؟ !
! m% s4 V" E' B' S# E& P  Q
* A" ~2 P; ]1 p8 e8 v& Vسىجاڭنىڭ يېنىدا ئىشپىيون بەك كۆپ ، شېڭ دۇبەن بوش ئادەم ئەمەس ، ئۇ سىلەرنىڭ سىلىڭبۇغا نۇرغۇن - ئىشپيون قويدى . سەن بۇنى بىلەمسەن ؟
8 i* d2 M1 Y0 K% H$ \3 F% M. B( r. Y5 ~; {$ ]
- بۇنى بىز بىلىمىز .
( K9 B; g( x# k& J- I" }, y3 p! J/ A" S7 p# b
- ﻫەي ... شۇنداق ، سەن بىلىسەن ، لېكىن كىم ئىشپىيون بۇنى بىلەمسەن ؟
, z' r/ u5 v- N& t- ]( Q+ p/ q- بۇنى سەن بىلەمسەن؟/ D4 L+ R: R- D1 S/ w
9 N/ l1 y; s% X$ }% Z! Z  T% J
مەن ئوبدان بىلىمەن . گەپ مانا مۇشۇ يەردە . ئۇ يەردىكى ئىشپيونلارنى مەن سىجاڭغا ئېيتىپ بەرسەم - بولامدۇ ؟) t6 M% U, |& j
1 ]( Y% z$ n6 T3 g) ~
بايئاخۇن سەل تۇرۇپ قالدى – يۇ ، ئۆزىدىكى ئەجەپلىنىشنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ :
# s: C3 b7 j9 Z# I) \
0 H% Y( R* A# }; o- سەن نېمىشقا ئىشپيونلارنى سىجاڭغا دەپ بېرىسەن ؟ سەن توغرا دېمەيسەن ، بىز ئىشەنمەيمىز، دېدى ئاخىر .
; O, c9 w  e* j& s
  _4 U8 n0 l# W  n- Yراست دېمەيسەن ، ئەگەر مەن ئىشپىيونلارنى ئېيتىپ بەرسەم سىجاڭ گېپىمگە ئىشەنمەيدۇ . ﻫازىر مەندە - دۇبەن ئەۋەتكەن بىر مەخپىي ئالاقە بار ، بۇ دۇبەن ئۆزى قول قويغان ئىشپيونلار تىزىملىكى ، مەن شۇنى سىجاڭغا بەرمەكچى ،قانداق بولامدا ؟ چۇجاڭ سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن : ئەﻫۋال سىلەر ئويلىغاندىن كۆپ ئېغىر ، دەپ قوشۇپ قويدى .+ m- ]1 _, O! @3 D3 t6 U
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بايئاخۇن سەل ئويلىنىپ قالدى .
; p0 A' d( ^  L" E
; U# I" _& _1 S5 n# W' o6 ~; }- سەن كىمنىڭ ئادىمى ؟ بايئاخۇن .- ]( b# a, J8 b4 A8 p' C

7 O, b5 k9 s- P) A3 X& L* n. ~% s- مەن شېڭ دۇبەننىڭ ئادىمى ، ﻫۇشۇم جايىمدا ، سىلەر ئۈچۈن ئىشلىمەيمەن ، لېكىن تىزىملىكنى بېرىشتە مېنىڭ ئالاﻫىدە بىر شەرتىم بار ، سىجاڭ بۇنى چوقۇم ئورۇنداپ بېرىشى كېرەك ., m6 K* x3 V) K, B" v) x. @
; z- M, D* f- s  O" F
- ئۇ قانداق شەرت؟
4 T7 z  }; B! T) T' p6 R7 a# ~- N! @3 U1 Z& x
- سىجاڭ شەﻫەرلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ جۈيجاڭىنى ئۆلۈمگە ﻫۆكۈم قىلىپ بېرىدۇ . بايئاخۇن كەينى – كەينىدىن چىقىۋاتقان بۇ يوچۇن گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تېخىمۇ تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشتى .
) I% O, l* E9 x" B$ b: @9 F
" J1 B" G, o' O" a+ `; e- ئۇ قانداق ئادەم ، نېمىشقا ئۆلۈمگە ﻫۆكۈم قىلىنىدۇ ؟1 j0 i( i8 }3 I

) m* k; A& H/ R9 M- جۈيجاڭ ياخشى ئادەم، لېكىن ئۇ ئۆلسە ئۇنىڭ خوتۇنىنى مەن ئالىمەن .! D) ]% _; ^. y+ _3 r! Z- E* c# v
# g% X! I( p% v4 m" k6 Q; x( T6 s% b) X
- ياخشى ئادەمگە ئۇۋال بولغۇدەك ، بولمايدۇ ، باشقا شەرتىڭ بولسا دە ، بىز ئورۇندايلى .+ T$ l+ F% ~6 i5 @
5 x. f# S/ e* f) Y
باشقا شەرتىم يوق ، سەن بىر ياخشى نىيەتلىك مۇسۇلمان ، چىرايىڭدىن نۇر يېغىپ تۇرۇپتۇ ، مەن بىلىمەن - ،باشقىلارغا ئۇۋال بولىدىغان ئىشنى سەن قىلمايسەن ، لېكىن ئەﻫۋال مۇشۇ يەرگە يەتكەندىمۇ ئارىسالدى بولىدىغان ئىش بولسا ، بولۇنغان گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن ، مەن ساڭا يەنە شۇنى دەي :
8 \1 K$ B* W& u) j, b$ y9 T$ o5 C$ c+ }% A
جۈيجاڭنىڭ راستىنلا ئۆلۈمگە لايىق جىنايىتى بار، مەن ئۇنى ئۆزەم توغرىلاپ قويدۇم ، سىجاڭ پەقەت ﻫۆكۈمنى ئىجرا قىلىپ بەرسىلا بولدى . سىلەرگە ﻫېچقانداق ئاۋارىچىلىق يوق .8 k, ~& G9 w& K

& C% f5 U) |$ p# H- قولۇڭدىكى ﻫۆججەتنى قاچان بېرىسەن ؟ دېدى بايئاخۇن ، سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن .
4 `. ^7 Q6 c6 T8 B; \$ h
4 P* J" v) Y) O( V: l- ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغاندا .
, z0 `7 Z( [9 ~) f; C
2 q$ n1 E0 P( P0 Q- سېنىڭ گېپىڭگە قانداق ئىشىنىمىز ؟9 W. }% I8 E, x3 t/ S

1 g* w% u1 ~+ R' \$ X- ئەگەر سىجاڭ مەسلىﻬەتىمگە كۆنسە قالغان ئىشنى شۇ چاغدا دېيشەيلى ، گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ، دەپ چۇجاڭ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . بايئاخۇن ئەزىزى مېڭىشقا تەمشەلدى .
+ N6 w. s' s  a3 [& t+ j" G1 t+ }6 Y, f4 H& m; P  G' i
كېيىنكى قېتىملىق سۆﻫبەت ئەتىسى – 6 دېۋىزىيە شتابىغا يېقىن بىر جايدىكى بىر يەرلىك كىشىنىڭ مېﻬمانخانىسىدا بولدى . بۇ قېتىمقى سۆﻫبەتكە بايئاخۇن ئەزىزى يالغۇز ئۆزى باردى . سۆﻫبەتتە چۇجاڭنىڭ تەلىپى ئورۇندىلىدىغان بولدى .
! o- {1 ]  p4 }+ g# M2 w; l- پوچتا ئىدارىسىنىڭ جۈيجاڭى دۆلەت مەخپىيەتلىكى جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدۇ ، دېدى چۇجاڭ بايئاخۇنغا  چۈشەندۈرۇپ ، مەن سىلەرگە بەرمەكچى بولغان ﻫۆججەت مۇشۇ ئاينىڭ – 7 كۈنى پوچتا ئىدارىسىغا يېتىپ كەلگەن ، ئۇنى پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۆزى قول قويۇپ ئالغان . ئەتىسى – 8 چىسلا مەن ئۇنى پوچتا ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ئۆز قولىدىن ئالدىم . لېكىن خەت – ئالاقە تىزىملىك دەپتىرىگە قول قويمىدىم . جۇيجاڭ ئەمدى ﻫۆججەتنى ماڭا بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ . ئۇ دۇبەننىڭ قەتئىي مەخپىي ﻫۆججىتىنى يوقاتقان بولىدۇ ، بۇ جىنايەت ئۆلۈم جازاسىغا تولۇق توشىدۇ . مېنىڭ ﻫۆججەتنى سىلەرگە تاپشۇرۇش ئىشىغا كەلسەك ، سوراق كۈنى مېنى گۇۋاﻫلىققا چاقىرتىسىلەر ، سوراقتىن كېيىن مېنى گۆرۈ ئورنىدا تۇتۇپ قالسىلەر . كاتىپ ﻫۆججەتنى ئېلىپ كېلىپ مېنى قايتۇرۇپ كېتىدۇ ." K- ^  Z. ?+ P/ ?" r
– 2 قېتىملىق سۆﻫبەت تۈگىدى . سۆﻫبەت ئاخىرلىشىپ جىددىي تەييارلىقتىن كېيىن شۇ كۈنى كېچىسى دېۋىزىيە ﻫەربىي سوتى سوت يىغىنى ئاچتى . سوتتا پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خەت – ئالاقە ئىشلىرىنىڭ راۋانلىقىنى ئېيتىپ ، – 7 چىسلادىكى ﻫۆججەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىدە چىڭ تۇردى . گۇۋاﻫلىققا چۇجاڭ چاقىرتىلدى3 I: A$ w2 Y- b' T
1 s1 Z9 @7 J" I( D8 G- }$ h) [' z
، مەخپىي ﻫۆججەتلەر تىزىملىك كەلتۈرۈلدى ، پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى – 8 چىسلا كۈنىدىكى چىقىش خاتىرىسىگە قول قويۇلمىغانلىقىنى كۆرگەندە بىردىن تاتىرىپ ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ كەتتى ./ U. g8 }0 f- [
سوت ئاخىرلاشتى ، سوتتا پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساتقان جىنايىتى ئۇچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ﻫۆكۈم قىلىندى . ئەتىسى ئەتىگەندە سوتنىڭ ﻫۆكۈمى يېزىلغان ئېلان كوچىغا چاپلىنىپ سائەت 10 لاردا ئىجرا قىلىندى . ئۇزۇن ئۆتمەي سىياسىي باشقارما كاتىبى مەخپىي ﻫۆججەتنى ئېلىپ كېلىپ ، چۇجاڭنى ئېلىپ كەتتى . پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان شۇ چاغدا ئۈچ كىشى قەشقەردىن تۇرپانغا قاراپ يولغا چىققاندى ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئۇيغۇرچە ياساندۇرۇلغان خەنزۇ كىشى بولۇپ ، بېشىغا تاشلانمىغان ئۆرە تېرە تۇماق ، ئۈستىگە ئۇزۇن چەكمەن چاپان كىيدۈرۇلۇپ ، بېلىگە پوتا باغلاپ قويۇلغان ، گازىر كۆز ، ساقاللىق بۇ كىشى جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كېتىشكە رازى بولغان پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىدى . سىلىڭبۇ ئۇنىڭغا يېتەرلىك يول خىراجەت بېرىپ ، ئۇنىڭ توقسۇنغا بىخەتەر بېرىۋېلىشى ئىككى ئادەمنى قوشۇپ بەرگەندى . جازا مەيدانىدا ئېتىۋېتىلگەن كىشى بايئاخۇن بىلەن چۇجاڭنىڭ ئۆيىگە مەپە ﻫەيدەپ بارغان ، ئەمدىلىكتە پوچتا ئىدارىسى باشلىقىنىڭ كىيىمىنى كىيگەن ﻫېلىقى تىلماچ ئىدى .
/ F& x- x) L/ c0 R. p  `  Q4 zمەﻫمۇت سىجاڭ ﻫۆججەتنى ئېچىپ ئوقۇپ ، ﻫۆججەتتە يېزىلغانلارغا ئىشىنەلمەي قالدى . ﻫۆججەتكە شېڭ شىسەينىڭ ئۆز ئىمزاسى قويۇلغان بولۇپ ، مەﻫمۇت مۇﻫىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئۈگىنىشكە بارغان بىر قىسىم مۇﻫىم ئادەملىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغان ﻫەمدە ئۇلارنىڭ ئۆلكىلىك ﻫۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ، قەشقەر گارنىزون سىياسىي باشقارمىسىنىڭ ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشى ئۇقتۇرۇلغاندى .
0 }& L% c$ F3 o5 Oمۇشۇ ئىشتىن كېيىن مەﻫمۇت مۇﻫىتى دېۋىزىيە شتابىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يۈرگۈزۈشكە ئىمكانىيەت قالمىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ يەتكەندى . قانداق قىلىش كېرەك ! ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككى يول تۇراتتى ، بىرى ، جاننى تىكىپ قويۇپ ئىشەنچ بولمىغان جەڭگە ئاتلىنىپ قان تۆكۈش ؛ يەنە بىرى پەشنى قېقىپ چەتكە چىقىپ كېتىش . ئۇنىڭ كۆڭلى كېيىنكى تەدبىرنى تارتىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن ئۆزىنى كېچە – كۈندۈز پايلاپ تۇرغان گارنىزون قوماندانى ليۇ بىڭنى قانداق ئازغاشتۇرۇپ قەشقەردىن چىقىپ كېتىش بىر مەسىلە ئىدى .( e$ n, E' ?% [+ e% L
قەشقەر گارنىزون قوماندانى ليۇ بىڭ قەشقەر يېڭىشەﻫەر سېپىلى ئىچىدىكى گارنىزون شتابىنىڭ ﻫويلىسىدا ئۆزى يالغۇز ئەتىگەنلىك ﻫەربىي مەشىق چامباشچىلىق ﻫەركەتلىرىنى قىلىۋاتاتتى . سېپىل ئىچىدىكى قاراۋۇللارنىڭ شۇ كۈنلۈك نۆۋەتچى باشلىقى ليۇ بىڭنىڭ ئالدىغا ئالدىراپ يېتىپ كەلدى .
( O" y0 ], s0 E8 D  s- دوكلات قوماندان ، دېدى نۆۋەتچى پۇتلىرىنى جۈپلەپ ﻫەربىيچە سالام بېرىپ ، سېپىل ئۈستىدىكى قاراۋۇللار  دۇربۇندا 40 – 30 ئادەمنىڭ كونىشەﻫەر تەرەپتىن بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ ، مەن قاراپ باقسام ئۇلار – 6 دېۋىزىيىنىڭ ئەسكەرلىرىدەك تۇرىدۇ .
; N) F( {# ], k( N* G8 e! u/ Q3 T
- ئۇلار قانچىلىك يىراقلىقتا ؟ دېدى قوماندان .
$ W  C& q8 W+ d7 {  M+ q3 U! {1 ?
- مۆلچەرىمچە ئۇلار ﻫازىر بەش يول يىراقلىقتا بولسا كېرەك .. A( v/ p  O$ x" T; d0 D
7 S1 ~0 |* @' m0 t. W" g  j% x
ئۇنىڭغىچە يەنە بىر ئوفىتسېر يۈگۈرۈپ كەلدى .
- M/ W3 S1 ~6 o$ N5 }0 ]; J, R! s' u2 b
دوكلات ، دېدى ئۇ ، ﻫاسىراپ ﻫۆمۈدەپ تۇرۇپ ، كوناشەﻫەردىن كېلىۋاتقان ئاتلىقلارنىڭ ئالدىدىكى - مەﻫمۇت سىجاڭ ئىكەن ، ئۇنى تونۇۋالدۇق .
' G0 A3 z; O" _4 n3 ~! s2 |7 D* e
4 V' A1 ~8 T" C4 O, Y- ئېنىق كۆردۈڭمۇ ؟6 q, w* U5 x  e5 v0 s

/ A' D5 Y9 K8 ^" c4 ^9 ~- شۇنداق ، قوماندان مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ مىنگەن ئېتىنى ئوبدان تونۇيمەن .
- ~$ x1 y9 x6 k9 w6 J% `. Y& ~/ t0 F& Q& N: Y5 ^+ x3 O* a, ~, ^
ليۇ بىڭ سەل جىددىيلەشكەندەك بولۇپ دەرﻫال ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى .
6 N. ~* O9 z3 o7 L/ p: M- ^/ m8 D
. U7 y4 Z- J# R  p: \بۇيرۇق ! – ليۇ بىڭ ئالدىدىكى ئىككى ئوفىتسېرغا قاراپ : سېپىل ئۈستىدىكى قاراۋۇللار ﻫەسسىلەپ - كۆپەيتىلسۇن، سېپىل ئىچى جىددىي ﻫالەتكە ئۆتسۇن !
) M' c, V+ Y5 B- r" Vئاتلىقلار سېپىلغا يېقىنلاشقاندا ليۇ بىڭ رەسمىي ﻫەربىي كىيىم بىلەن بىرنەچچە ئادەمنى ئۆزىگە ﻫەمراﻫ قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى . ليۇ بىڭ بىلەن ئاتلىقلار يۈزمۇ – يۈز ئۇدۇللاشتى .% B$ Y. J* N% ^1 f# |& c5 D, L; J, N
$ r# I0 c! b6 O- o$ [5 y$ \( ^
سىجاڭ جانابلىرى ئامان بولغاي ، دېدى ليۇ بىڭ ئوچۇق چىراي بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ ، مۇبارەك - قەدەملىرىنىڭ بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشىدىن خەۋەرسىز قاپتىمىز ، ئالدىلىرىغا چىقالمىدۇق ، كەچۈرگەيلا .
- u' G) \0 V* P/ c4 m& |" \8 A' u  m& T, ]+ r
ئۇنداق بولامدىغان ، ئەتىگەندە قومانداننىڭ ئارامىنى بۇزۇپ ، جانابلىرىنى مالال قىلىپتىمىز ، ئالدىلىرىدا - خىجىلمەن ، دېدى – مەﻫمۇت مۇﻫىتى ئاتتىن چۈشۈپ تەكەللۇپ بىلەن : ئۇزۇندىن بۇيان يەپ يېتىپ ﻫورۇنلىشىپ قالدۇق ، ﻫاۋا يېگەچ ئەتىگەنلىك چىنىقىشقا چىققان ، جاناپلىرى بەﻫوزۇر ئارام ئالغاي ، دەپ مەﻫمۇت مۇﻫىتى. قولىنى كۆكسىگە قويدى ؛ ئاندىن ئاتقا يەڭگىل مىنىپ ﻫەمراﻫلىرى بىلەن سېپىل ياقىلاپ سەﻫرا تەرەپكە يۈرۈپكەتتى .( y! u" R2 O) h( @% k
گارنىزون قوماندانى ليۇ بىڭ ئاتلىقلارنىڭ كەينىدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرۇپ قالدى ، ئۇلارنىڭ ﻫەرىكىتىنى كۈزىتىش ئۈچۈن كەينىگە ئادەم قويدى . ئاتلىقلار يېزا يوللىرى بىلەن ئاتلىرىنى تەكشى يورغىلىتىپ خېچىرچىغىچە بارغاندىن كېيىن ، ئۆستەڭ بويىدا ئاتتىن چۈشۈپ يۈز – كۆزلىرىنى يۇيۇپ ئازراق دەم ئېلىشتى ، ئاندىن يەنە ئاتلىق كەينىگە قايتىپ سېپىل تۈۋىدىن ئۆتتى ، ئۇلار كەلگەن يولى بىلەن ئۇدۇل شەﻫەرگە كىرىپ كەتتى .
  {+ y0 L' q3 u: J, s! N5 Nشۇ كۈندىن باشلاپ ئەتىگەنلىك چىنىقىش ﻫەر كۈنى ئۆز قەرەلىدە بولۇپ تۇردى ، چىنىقىش بەزى كۈنلىرى پىيادە ،بەزى كۈنلىرى بولسا ئاتلىق ئېلىپ بېرىلاتتى . پىيادە بولغان كۈنلىرى مەﻫمۇت مۇﻫىتى ئادەملىرى بىلەن ﻫەزىرەتكىچە ياكى مىراخۋاشتامغىچە پىيادە بېرىپ كېلەتتى . ئاتلىق بولغان كۈنلىرى ئوخشاش بىر يول بىلەن سېپىل تۈۋىدىن ئۆتۈپ ، خېچىرچىغىچە بېرىپ ياناتتى . ئاتلىقلار بېرىپ قايتىشتا ﻫەر قېتىم سېپىل تۈۋىدىن ئۆتكەندە قاراۋۇللار بىر قېتىم جىددىيلەشتى . كۈنلەر ئۆتكەنچە بۇنداق جىددىيلىشىشمۇ پەسلەپ باردى .+ M- h) s" K! U4 m
بىر كۈنى مەﻫمۇت مۇﻫىتى شېڭ شىسەينىڭ تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى . تېلېگراممىدا مەﻫمۇت سىجاڭنىڭ ئۆلكە بويىچە ئېچىلىدىغان يىغىننىڭ تەييارلىق كېڭەش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىشى ئۇقتۇرۇلغاندى . مەﻫمۇت مۇﻫىتى بۇنىڭ ئۆزىگە قويۇلغان قىلتاق ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى .
, T6 p: j/ n: d" iمەﻫمۇت مۇﻫىتى شېڭ دۇبەنگە جاۋاپ تېلېگرامما يازدى ، تېلېگراممىدا مۇنداق دېيىلدى : « مۆﻫتىرەم شېڭ دۇبەن جانابلىرى ، كەمىنە مەن ئۆزەمنىڭ يىغىن تەييارلىق ئىشى ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بېرىش ﻫەققىدىكى تېلېگراممىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم . ﻫازىر قەشقەردىكى ﻫەربىي قىسىمنىڭ ئىچى ئانچىلا تىنچ ئەمەس . بىر قىسىم جاﻫىل ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەر بويۇنتاۋلىق نەسىﻬەتنى قۇلاققا ئالماي ، جاﻫاننى مالىمان قىلىش كويىدا بولۇۋاتىدۇ ، ئۇلارنى نىيىتىدىن ياندۇرۇش ، ﻫەربىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش بىلەن كەمىنەنىڭ قولى بوشىمايۋاتىدۇ . مەن يوق مەزگىلدە نادانلارنىڭ ئىش تېرىپ ئاۋامنى پاراكەندە قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ تۇرۇۋاتىمەن ، شۇڭا مەسلىﻬەت ئىشى ئۈچۈن ﻫازىرچە ئاغام موسۇل ﻫاجى ﻫوزۇرلىرىغا بارىدۇ . بۇ يەردىكى ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن ئۆزۈم قوبۇللىرىغا بارىمەن . » دېمىسىمۇ شۇ مەزگىللەردە  6- دېۋىزىيە ئىچىدىكى بىر قىسىملارنىڭ قوزغىلىپ جەڭ بىلەن ئىشنى ﻫەل قىلىش نىيىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى شېڭ شىسەي بىلەتتى . ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقا تېرەك بولمىسا بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىشكە شېڭ شىسەينىڭ كۆزى يەتمەيتتى . شۇڭا شېڭ شىسەي مەﻫمۇت سىجاڭنىڭ تېلېگراممىسىغا باشقىچە پىكىردە بولدى .
$ D2 ~3 r  ]) l1 @0 J) u' d# mئېيتىشلارغا قارىغاندا ، موسۇل ﻫاجى ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغاندا شېڭ شىسەي ﻫاجىمنى ئىززەت – ئېكرام بىلەن قارشى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۈچ كېچە – كۈندۈز سۆﻫبەت قىلغانىكەن . سۆﻫبەت جەريانىدا موسۇل ﻫاجى باشتىن – ئاخىر بېشىنى تۆۋەن سېلىپ بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلماي جىمجىت ئولتۇرۇپتۇ ، ئۇ پەقەت تايىنىپ ئولتۇرغان ﻫاسىسىنىڭ ئۇچىنى تاختايلىق پولغا توك – توك ئۇرۇپ قويىدىكەن . 3–كۈنى شېڭ شىسەي تەكەللەپنى قويۇپ :% b% e$ W3 |# R! E* q' y  p
- ﻫاجىم، ئۈچ كۈن بولدى ، بولۇنغان گەپلەرگە بىر ئېغىزمۇ جاۋاپ قىلمىدى . مېنىڭ گېپىمنى چۈشەنگەنمىدۇ ؟ دەپتۇ . موسۇل ﻫاجى : يىغىپ كەلگەندە ، دەپ ﻫاسىسىنى يەنە بىر قېتىم توك – توك ئۇرۇپ قويۇپ : مۇشۇ زىمىننىڭ ئىشى ئىكەن ، دەپتۇ .$ U# s0 x& n3 x2 Z' Y  O( O' ~! r; V
شۇنىڭدىن كېيىن دۇبەن ﻫېچقانداق سۆز قىلماپتۇ ، سۆﻫبەتمۇ ئاياقلىشىپتۇ موسۇل ﻫاجىنى شېڭ شىسەي تەمىرات ( قۇرۇلۇش ) نازارىتىنىڭ نازىرى مەنسىپى بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇتۇپ قاپتۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي مەﻫمۇت مۇﻫىتى شېڭ شىسەيگە مۇنداق مەزمۇندا يەنە بىر تېلېگرامما يازدى : « ﻫازىر قەشقەردىكى ﻫەربىي قىسىملارنىڭ ئىچى بىر قەدەر تىنچلاندى . كەمىنە مەن دۇبەن جانابلىرى بىلەن دىدارلىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بېرىشقا تەرەددۈتلەندىم ، شۇندىمۇ ئەمدىلا تەرتىپكە چۈشكەن ﻫەربىي ئىچىنىڭ تىنچلىقىغا ئوبدان كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، مەن يوق مەزگىللەردە ﻫەربىي ئىچىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كىشى ئاغام موسۇل ﻫاجىمنىڭ قەشقەردە تۇرۇپ بەرمىكى زۆزۈردەك تۇرىدۇ . موسۇل ﻫاجىم قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن ﻫامان پېقىر يولغا چىقىدىغانلىقىمنى جانابلىرىغا مەلۇم قىلىمەن .» مەﻫمۇت مۇﻫىتىنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىش ئۈچۈن شېڭ شىسەي ئۇزۇندىن بېرى كۆزلەپ كېلىۋاتقان ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ مۇﻫىم ئىش ئىدى . شېڭ شىسەي ئىشنى ئاسانراق ﻫەل قىلىشنى ئويلايتتى ، ئۇ سەل گۇمانلانغان بولسىمۇ ،موسۇل ﻫاجىنى دەرﻫال قەشقەرگە يولغا سېلىۋەتتى .
* x. L) R0 q+ Y- Q2 ]5 Z1937–يىل 4–ئاينىڭ 8–كۈنىدىكى ئەتىگەنلىك چىنىقىشتا مەﻫمۇت مۇﻫىتىغا يېڭىدىن موسۇل ﻫاجى ﻫەمراﻫ بولدى . ئۇلار سېپىل تۈۋىدىن ئۆتكەندە سېپىل ئۈستىدىكى ئەسكەرلەر ئۆز جايلىرىدا مىلتىقلىرىنى قولتۇقلىشىپ ئەسنەپ ئولتۇرۇشاتتى . ئاتلىقلارنىڭ مەشىقتىن قايتقان – قايتمىغانلىقى بىلەنمۇ ﻫېچكىمنىڭ كارى بولمىدى . ئاتلىقلار شۇ ماڭغانچە يېڭىسارغا يېتىپ بارغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ مەشىقتىن قايتمىغانلىقى مەلۇم بولدى . مەﻫمۇت مۇﻫىتى يېڭىساردا ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئىشەنچلىك ئادىمى غوپۇر تۈەنجاڭ بىلەن كۆرۈشكەندىلا ، ئاندىن ئۆز ئىشلىرىدىن خاتىرجەم بولغان ﻫەمدە ئۇ يەردىن يەكەنگە بېرىپ ﻫىندىستانغا ئۆتۈپ كەتكەن .
' p3 ^4 S5 M7 a- ]. Sمەن كۆرگەن ماتىرىياللاردا مەﻫمۇت مۇﻫىتىنىڭ قەشقەردىن چىقىپ كەتكەن كۈنى – 4 ئاينىڭ –4 -كۈنى دېيىلگەن ،ماڭا سۆزلەپ بەرگۈچىلەر بۇ كۈننى قەشقەرنىڭ بازار كۈنى ئىدى دەيدۇ . ئاتلىقلار يولدا قەشقەر شەﻫىرىگە كىرىۋاتقان نۇرغۇن بازارچىلارنىڭ مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن . ئېنىقلىنىشىچە ، قەشقەر شەﻫىرىدە پەيشەنبە كۈنى بازار بولىدىغان بولۇپ ، مەﻫمۇت مۇﻫىتى12 –ئاپرېل ( بايرام ) ﻫارپىسىدا چىقىپ كەتكەنلىكتىن ، شۇ كۈنلەردىكى پەيشەنبە كۈنى كالىندار بويىچە4 –ئاينىڭ – 8 كۈنى( ياكى1 –كۈنى ) بولىدۇ . مەن بۇ ئىشلارنىڭ ﻫېچقايسىسىنىڭ شاﻫىدى ئەمەس ، ئۇ چاغلاردا مەن تېخى دۇنياغا تۆرەلمىگەندىم . ئۈچ ئاغا –ئىنى – موسۇل مۇﻫىتى ، مەخسۇت مۇﻫىتى ، مەﻫمۇت مۇﻫىتىلارنىڭ تۇرپان ئاستانىدىكى قورۇ جايلىرى بىزنىڭ مەﻫەللىدە بولۇپ، بوۋام نىياز ﻫاجى مۇﻫىتىلارنىڭ ۋەﻫپە ئىشلىرىغا ئارىلاشقان . كېيىن بۇ ئىش دادام ئىلياس قارىغا مىراس بولۇپ قالغانكەن ، دادامنىڭ تاغىسى ئابدۇراﻫمان پاقاباش – 1932 يىلىدىكى تۇرپان – قۇمۇل دېﻬقانلار قوزغىلىڭىدا مۇﻫىتىلار بىلەن قەشقەرگە بارغان ﻫەمدە مايور دەرىجىسى بىلەن ئۇلارنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغان . دادامنىڭ ئىنىسى ئەيسا نىياز تۇرپان ۋە قەشقەرلەردە ئىزچىل ﻫالدا مەﻫمۇت مۇﻫىتىنىڭ مۇﻫاپىزەتچىلەر قوشۇنىدا ئەسكەر بولۇپ تاكى – 1935 يىلى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ماڭغىچە دېۋىزىيە شتابىدا خىزمەت قىلغان . ئۆزۈم مۇﻫىتىلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئۈچ كىشى بىلەن ( گەرچە تەڭ دېمەتلىك بولمىساممۇ ) بىۋاستە تونۇشىمەن . مۇشۇنداق مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلى ، يىگىت چاغلىرىمدىمۇ يۇقۇرىدا دېيلگەن كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن قۇمۇل – تۇرپان دېﻬقانلار قوزغىلىڭى ﻫەققىدە ﻫەر خىل سورۇنلاردا پارچە – پۇرات ﻫەر خىل ئىشلارنى ئاڭلىغان بولساممۇ ، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئانچە سەڭگەرمەپتىمەن . يېشىم چوڭىيىپ بىر قىسىم تارىخى كىتاپلارنى ئوقۇپ باقسام ، ئۇلاردا خوجانىيازﻫاجى ، مەﻫمۇت مۇﻫىتىلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ۋەقەلەر سۆزلىنىپتۇ . كېينرەك تەزكىرە ماتىرىيللىرىنى ئوقۇشقا كىرىشىپ قالدىم . گەرچە بۇ ماتىرىياللاردا نۇرغۇن مەلۇماتلار يېزىلغان بولسىمۇ ، مەﻫمۇت مۇﻫىتىنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىز يۇقۇرىدا بايان قىلغان ئىشلار ﻫەققىدە ﻫېچقانداق ماتىرىيال ئۇچراتمىدىم . بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ، بۇ ئشلارنى باشقا بىلىدىغان ئادەم يوقمۇ ياكى بۇ ئىشلار يېزى قالدۇرۇش قىممىتىگە ئىگە ئەمەس دەپ قارالغانمۇ ، بۇنىسى ماڭا مەلۇم ئەمەس . مەن بۇ يازمامنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى چوڭ ئاكام يۈسۈپ ئىلياسقا ئوقۇپ بەرسەم ، ئۇ ، بۇلارنى ئۆزىنىڭ چوڭلاردىن بىرنەچچە قېتىم ئەينەن ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىپ ، يازغانلىرىمنى تەستىقلىدى ، بىر قىسىم مۇﻫىم تۈزىتىش ۋە تولۇقلاش پىكىرلىرىنى بەردى .
: w; u. Y* [& l: ]' _+ e4 f4 a7 A% |& v+ s
مەھمۇد ئىلياس ئىدىقۇتلۇق
9 v5 Q! U8 {5 e4 `7 }: ?8 O3 U/ b5 O" _& _& q/ L* E
( شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىن )
# w& u1 C7 X( X4 i3 N9 t. ?; \* f0 ^0 Y% X  E5 ?; P( E
شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژورنىلى – 2004 يىللىق – سانىدىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

0

تېما

3

يازما

68

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
60 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-8-5 14:57:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا...توغرا.,..مەن ياقتۇردۇم  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗