3d
(ھىكايە)9 ?1 |( u7 ^7 h! b
لىفىت گويا زۇۋان ئۇقىدىغاندەك، ئەقلى-ھوشى بار مەخلۇقتەك بىر خىل ئەنسىز چىرقىراپ ، جايىدىن زادى قوزغالغىلى ئۇنمىدى. ئۇ بىر چوڭ دوختۇرخانىنڭ بالنىست بىناسى بولۇپ،لىفىت ئىچىنى ۋە كاردورنى گۇلدەستە ، مىۋە-چىۋە كۆتۈرشىۋالغان ئادەملەر قاپلىغانىدى. ئىشكى داغدام ئوچۇق ، تارغىنە لىفىت ئىچى يىگىرمىچە ئادەم تىققان ھىسىپتەك تۇرشاتتى.2 ?2 c( S w0 z0 K9 o
_ ئادەم ئىشىپ كەتتى، بىر نەچچىڭلار چۈشۈپ كىتىڭلار،_دىدى سىرتتا تۇرغانلاردىن بىرى . ھىچكىم مىدىرلىمىدى.) i2 E4 k* Q+ G# {3 k1 O
_ ۋاقىتنى ئالماڭلار، بىر نەچچىڭلار چۈشۈپ كىتىڭلار، ئەستا..._ سىرتتىكلەر غۇدراشتى. لىفىت بولسا توختىماي چىرقىرىماقتا ئىدى. لىفىت ئشكىگە قىسلىپ قالغان ئىككەيلەن سۈيلەشلەردىن نومۇس قىلدىمۇ، يا ئۆزلىرىنىڭ لىفىت ئىچىگە بەرىبىر سىغمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىمۇ ، ئامالسىز كارىدورغا يىنىپ چىقتى . لىفىت يەنىلا چىرقىراق سادا بىرىپ ، ئادەملەرنى ئەدەپكە چاقىرماقتا ئىدى.
# d' s. q" m6 |! r: `_ئاڭلىقراق بولۇڭلار يولداشلار ، يەنىلا ئادەم ئارتۇق _سىرتتىكىلەر يەنىلا چۇرقىراشماقتا ئىدى. بايا چۈشۈپ كەتكەن ئىككەيلەننىڭ ئاۋازى بۆلەكچە قاتتىق چىقاتتى. لىفىت ئېچىدىكىلىرى لايدىن ياسالغان ھەيكەللەردەك ھەركەتسىز ، زۇۋانسىز تۇرشاتتى. بىرلىرى يەرگە ، بىرلىرى چەكچەرەپ تورۇسقا قارۋالغانىدى. ھەممىسىلا ئۆزى ئەمەس، يىندىكىلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتشىنى تىلەيتتى،كۈتەتتى...لىفىتنىڭ ئەڭ ئىگىز قەۋەتكە چىقىپ چۈشۈپ بولدىغان ۋاقتى شۇ تەرىقىدە جايىدىن قوزغالمايلا ئۆتۇپ كەتتى. لىفىت بولسا داۋاملىق ئەنسىز چىرقىرماقتا ئىدى.
7 r6 A1 o X: U9 F, F, b: [2 t_ نېمانداق غەرەز ئۇقمايسىلەر ، سېلەر گاچمۇ ياكى پاڭمۇ؟ ئەستا ! _ سىرتتا يەنە چۇقان كۆتۈرۈلدى، نىھايەت بۇ (ھەيكەل)لەردىن بىرى، سەلدىن كېيىن يەنە بىرى ئەتراپتىكىلەرگە تازا بىر ئاليىۋىتىپ سىرتقا چىقتى. بىراق ، لىفىت ئىشىكى يېپىلاي دېمەيتتى.$ d% Y- T) V# n. ?/ m& l) a! F
_ يەنە بىر ئادەم ئارتۇق ،_ كىمدۇر بىرى لىفىت ئىچىگە بويۇنداپ ، يان تەرەپتىكى ئارتۇق - كەملىكىنى كۆرسىتىدىغان توچكىلارغا قاراپ ،_ قېنى قايسىڭلار يىنىپ چىقىسىلەر ؟ كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى ئالماڭلار....+ Q' s8 i: a2 D9 L
يەنە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە.....
8 b$ V' }; n% y" wتوساتتىن لىفىتنىڭ ئىچكىرسىدىن ئىنچىكە زەئىپ بىر ئاۋاز ئاڭلاندى:
5 S* F {; a% J/ D_ ماڭا يول بىرىڭلارچۇ ، مەن چۈشۋالاي! E) U$ x/ \: U1 c2 q6 N) ^
لىفىت ئىچدىكىلەر كوماندا بەرگەندەك دەررۇ ئىككى تەرەپكە سىغدىلىپ بېرىشتى . لىفىتتىن ئىككى تال قولتۇق ھاسسىغا تاينىۋالغان چىرايلىق بىر قىز سۇغۇرلۇپ چىقتى . ئەتراپنى ئادەم ئەيمەنگۈدەك جىمجىتلىق قاپلىدى. ھەتتا لىفىتمۇ چېرقىراشتىن توختاپ قالدى. قىز قولتۇق تايقىنى ئاران -ئاران يۆتكەپ سەل نىردىكى پەلەمپەيگە قاراپ ماڭدى.
! W. [: q7 ~1 h# b/ D7 R( rلىفىت ئىشكى رازىمەنلىك بىلەن شىرىلداپ يىپىلدى . 11 قەۋەتلىك كېسەللەر ياتاق بىناسىنىڭ بۇ زامانىۋى توك پەلەمپىيى لىفىتتىكىلەرنى سىلىق ئەللەيلىتىپ يۇقرى قەۋەتلەرگە چىقىپ كەتتى .
) O# U8 q! H) oپەلەمپەيدە ئۇزاققىچە ھالسىز تاقىلدىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |