مائارىپ
ئۈمىدسىز كۈتۈش + ] L3 |1 [, a) T/ |2 r% D
. f( m! C% [$ k' Y
' z% f: [$ r3 Z w
. P6 E% c6 k9 I7 [/ ` ئىككى ئادەم قۇملۇقتىن ئۆتۈۋېتىپ سۈيىمۇ تۈگەپ، ئارىدىن بىر ھەمراھى ھالسىزلىنىپ ماڭالماي قاپتۇ. ساق قالغان ھەم ئېچىرقاپ كەتكەن ھەمراھى ئۇنىڭغا:
: o: U& ^; ~1 _' c1 z+ |0 e! e7 d6 j) P( c
ـــ بولىدۇ، سەن بۇ يەردە ساقلاپ تۇر، مەن سۇ ئىزدەپ باقاي،ــ- دەپتۇ ۋە تاپانچىسىنى ھەمراھىغا تۇتقۇزۇپ جېكىلەپتۇ، ـــ تاپانچىدا بەش پايلا ئوق بار. ئېسىڭدە بولسۇن، ئۈچ سائەتتىن كېيىن ھەر سائەتتە بىر پايدىن ئاسمانغا قارىتىپ ئوق چىقارغىن، مەن ئوق ئاۋازىغا ئاساسەن تەرەپنى توغرا پەرق ئېتىپ سېنى تاپالايمەن.; Z2 V% x& S* Z( A
( ]! M5 s6 p3 @; h
ئىككىيلەن ئايرىلغاندىن كېيىن بىرى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سۇ ئىزدەپ كېتىپتۇ، يەنە بىرى شۈبھىلەنگەن ھالدا قۇملۇقتا ساقلاپ قاپتۇ. ئۇ سائىتىگە قاراپ تۇرۇپ دەل ۋاقتىدا ئوق ئېتىپتۇ. ئەمما، ئۆزىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ تاپانچا ئاۋازىنى ئاڭلىيالىشىغا ئىشەنچ قىلالماپتۇ. ئۇنى بارغانسېرى قورقۇنچ بېسىپ ھېلىقى ھەمراھىنىڭ سۇ تاپالىشىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆلگۈدەك بوپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ھەمراھىنىڭ سۇ تاپسىمۇ ئۆز يولىغا كېتىۋېرىپ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ ھاسىل قىپتۇ. بەشىنچى پاي ئوقنى ئاتىدىغان چاغدا ئۇ ناھايىتى ئىككىلىنىپتۇ: ‹‹بۇ دېگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي ئوق، ھەمراھىم ئاللىقاچان بۇ ئوقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدۇ. بۇ ئوقنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىن مەن يەنە نېمىدىن ئۈمىد كۈتەتتىم؟ مەن پەقەت ئۆلۈمنىلا كۈتۈۋاتىمەن. ھايات قالغان تەقدىردىمۇ قاغا-قوزغۇنلار كۆزلىرىمنى ئويۇپ يېسە بۇ نېمىدېگەن ئازاب...يەنە...›› ئۇ شۇ خىياللار بىلەن تاپانچىنىڭ ئېغىزىنى ئۆزىنىڭ پىشانىسىگە توغرىلاپ تەپكىنى بېسىپتۇ.- g" Z N5 u% H/ e2 K$ j
* |3 Y6 N& t" L2 q0 M) m' T ئۇزاق ئۆتمەيلا لىققىدە بىر كومزەك سۇ كۆتۈرۈۋالغان ھەمراھى بىر تۆگە كارۋىنىنى باشلاپ يېتىپ كەپتۇ، ئۇلار پەقەت قان ئىچىدە ياتقان بىر جەسەتنىلا كۆرۈپتۇ.1 a5 g" A4 S) i( P8 Z0 k% t* P H
5 k( F' M0 o5 U) k& I( B
ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەرجىمىسى
: c+ |2 y6 q* r& d3 `4 ^9 J& E6 k) X |: l, a( o' o
مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |