ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 344 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 129|ئىنكاس: 1

سلىكتىكى يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات ئىنتىھا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

ئەگەشكۈچى

45

جۇغلانما

يېڭى كەلگەن

Rank: 4

تۆھپە
12
تىللا
5
قىزغىنلىق
13
تېما
1
يازما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 09:42:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سلىكتىكى يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات  ئىنتىھا ـــ ناھايىتى ، بەكمۇ ، تولىمۇ  
تەئەررۇز ـــ قارشىلىق كۆرسىتىش .
خۇنبار ـــ قانلىق ياش تۆككۈچى ، ئاچچىق يىغلىغۇچى .
ئەرساد ـــ مەيدان ، سەھنە  ، غوۋغا ، ئالا-توپىلاڭ ، قىيامەت .
شىرى غىرران ـــ قۇرامىغا يەتكەن شىر .
مويتۇڭزا ـــ ئەينى دەۋردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ، بوينى كېسىلمەكچى بولغان ئادەمنىڭ  بېشىنى قويىدىغان يەر .
ئالتە سۇلالە ـــ ۋۇ ، شەرقىي جىن ، سۇڭ ، چى لىياڭ ، چىن سۇلالىلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ، جىيەنكاڭ (ھازىرقى نەنجىڭ )نى پايتەخت قىلغان ، تارىختا ئۇلار ئوموملاشتۇرلۇپ «ئالتە سۇلالە» دەپ ئاتىلىدۇ .
تۇڭچى ـــ  تەرجىمان  
شىنجاڭ سىڭ ـــ شىنجاڭ ئۆلكىسىنى كۆرسىتىدۇ .
دازۇڭتۇڭ ـــ يۈەنشىكەينى كۆرسىتىدۇ .
پوچتا ـــ يۆلىنىپ ئولتۇرۇدىغان تۆت چاقلىق ھارۋا ، بۇنداق ھارۋىنىڭ يۆلۈنىدىغان يېرىنىڭ ئۈستىدە كۈنلۈكى بولۇپ ، ئۇنى لازىم بولغاندا ئېچىپ ، لازىم بولمىغاندا يىغىپ قويۇشقا بولىدۇ .
داپو ــــ زەمبىرەك  
غەليان ـــ قارشىلىق ، نارازىلىق قىلىش تۈپەيلىدىن كۆتۈرۈلگەن ئېسيان ، توپىلاڭ ، قوزغىلاڭ ، غەلۋە ، ماجرا .
پاششاپ ـــ ۋاڭ ئوردىسىنىڭ كېچىلىرى كۈزەت قىلىدىغان ، جاڭ قاقىدىغان ساقچى ئەمەلدارى ؛ ئۆتمۈشتە مەھەللە ياكى كوچىلارنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل يەرلىك ئەمەلدار  
پالگان ـــ قۇمۇل شىۋىسى ، مەرگەن دېگەن مەنىدە .
جۇڭجاڭ ـــ ھەربىي قورال .
دىنتۇسۇ ـــ ئىسپانچە «چىشى ئۆتكۈر» دېگەن مەنىدە ، يەرلىك كىشىلەر ۋەھشى لەھەڭلەرنى شۇنداق ئاتايدۇ .
مانازوـــ لەھەڭلەرنىڭ بىر تۈرى .
شىكۋە ـــ شىكايەت .
ئارىف ـــ ئەرەپچە سۆز بولۇپ  ، بىلگۈچى ،           تونۇغۇچى ، مەرىپەتلىك ، دانا ، بىلىمدان        دېگەن مەنىلەردە .
تەلقىن ــــ تەلىم ؛ بىر مەسىلىنى باشقىلارغا ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش .
بۇكەل ـــ يىگىتۋېشى .
تۇران تۈزلەڭلىكى ـــ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈزلەڭلىك ، تارىخى مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە ، قەدىمقى زامانلاردا مۇستەقىل دۆلەت بولغان .
قاراقۇرۇم چۆللىرى ـــ تۈرۈكمەنىستاندىكى چۆللۈكلەر .
سىر ، ئامۇ دەريالىرى ـــ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دەريالار .
خەزىر دېڭىزى ـــ كاسپىي دېڭىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىشى .
ئارال دېڭىزى ـــ سىر ، ئامو دەريالىرى قويۇلىدىغان كۆل .
ئىسپاھان ـــ ھازىرقى ئىران شەھىرى .
شىراز ـــ ھازىرقى ئىراننىڭ شىمالىدىكى شەھەر .
كەبقۇبار ــــ كىيانيان سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى  
داراپ ــــ كىيانيان سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى .
ئانماچىن تاغلىرى ـــ چىڭخەي ، گەنسۇ چىگراسىدىكى تاغلار .
كىروران شەھىرى ـــ لوپنۇر كۆلى بىلەن چەرچەن ناھىيىسى ئوتتۇرىدىكى قەدىمقى شەھەر ، ھازىر خاربىلىققا ئايلانغان .
دۇنخۇئاڭ ــــ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ بىر ۋىلايىتى، بۇرۇنقى ساكلار ياشىغان .
سېلىنگا دەرياسى ــــ موڭغۇلىيەدىكى بىر دەريا .
ئىسسىق كۆل ــــ قىرغىزىستاندىكى كۆل .
ئېلىبورس تاغلىرى ـــ ئىراندىكى تاغلار  
مىراخور بېشى ــــ خان ، پادىشاھ ۋە ئەۋلىيا-ئەزەملەرنىڭ ئات باققۇچىلىرىنىڭ باشلىقى  .
ئاپراسىياپ ـــ قەدىمقى تۇران پادىشاھى زال ، فەرىدۇن بىلەن جەڭ قىلغان ، ئاپراسىياپ قەشقەرنى پايتەخت قىلغان . قاراخانىلار سۇلالىسى ئۆز نەسەبلىرىنى ئاپراسىياپقا باغلايدۇ .
ئۇراتى ــــ ھەسەل تۆكۈدىغان ساندۇق .
كۈل ــــ ئوتنىڭ كۈلى مەنىسىدە بولۇپ، قەدىمقى كىشىلەر ئىسىم مەنىسىدە ئىشلەتكەن .
بويرۇت ـــ مەنسەپ ئەمەل نامى .
سەنگۇن ـــ قەدىمقى تۈرك تىلىدا ، خەنزۇچە جاڭجۈن شۇنداق ئاتىلىدۇ .
يەلمە ــــ جەڭدە كىيىدىغان يېپىنچا ، يوپۇق .
شىاڭچىڭ ـــ قەدىمقى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەل نامى .  
ئوردا ھەھرەم بېگى ـــ ئوردا ھەرەمخانىسىدىكى ئەمەلدار ، (مەھرەملەر) نىڭ باشلىقى .
تومۇغا ـــ بۈركۈت ، قارچىغىنى ئوۋغا سېلىشتىن بۇرۇن كۆزىنى ئېتىپ قويىدىغان كۆز ياپقۇچ .
نېۋخى ـــ ئامو دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى بىلەن سافارىن ئارىلىدا ياشايدىغان بىر مىللەت .  
پۇشتگەردان ـــ نەققاشلارنىڭ نەقىش ئويۇشتا ئىشلىتىدىغان ئەگرى پىچىقى .
سەركار ـــ ئاسراندىلارنى باشقۇرۇدىغان ئىش بېشى .  
ئاميوبا ـــ «ئۆزگۈرۈشچان قۇرۇت» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى  

21

تېما

3

ئەگەشكۈچى

510

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
131
تىللا
80
قىزغىنلىق
131
تېما
21
يازما
32
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 09:47:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سلىكتىكى يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات ئىنتىھا ...       چۇشەنمىدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



تەۋىسسىيە تاقاش


خالىسىڭىز چىكىپ قۇيۇڭ


كۆرۈش