- تۆھپە
- 1107
- تىللا
- 629
- قىزغىنلىق
- 1665
- توردا
- 71 سائەت
- 性别
- مەخپىي
- 手机
- 13899465202
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-5
- تىزىملاتقان
- 2011-9-22
- ئالبوم
- 2
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 39
- دوست
- 12
- يازما
- 405
- تېما
- 280
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 5505
- نادىر
- 7
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 2
  
- تۆھپە
- 1107
- تىللا
- 629
- قىزغىنلىق
- 1665
- تېما
- 280
- يازما
- 405
|
پىلانېتلار «چۈمپەردە» ئىچىدىكى سىرلىق دۇنيادۇر. ئېللىپىس شەكىللىك ئوربىتا ۋە قۇياشنى ئايلىنىدىغان باشقا پىلانېتلاردا خۇددى يەر شارىغا ئوخشاش بوران - چاپقۇن، گۈلدۈرماما ۋە چاقماقلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرغاندىن سىرت، كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان قىزىقارلىق ھاۋارايىمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
1 o0 U+ T: ^3 M% ]4 X% U: q
3 y) c$ ^: N' x0 I+ Q& Sۋېنېرا (زۆھرە، چولپان): ۋېنېرانىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃500 بولۇپ، قەلەي، قوغۇشۇنلارنى ئېرىتىۋېتەلەيدۇ، ئۇنىڭدا رايون ۋە پەسىل پەرقى بولمايدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. ۋېنېرادىكى ئاتموسفېرا بېسىمى يەر شارىدىكى ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ 90 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. شۇڭا، ئىنسانلارنىڭ ۋېنېراغا ئۇچۇپ بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ھاياتى بىلەن ئويناشقانلىق بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئادەمنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ئاتموسفېرا بېسىمى ئادەمنى كۇكۇم - تالقان قىلىۋېتىدۇ. تېخىمۇ قىزىقارلىق تەرىپى شۇكى، ۋېنېرادا بەش مىنۇتتا 100 قېتىم چاقماق چاقىدۇ؛ تۆۋەن قاتلىمىدىكى شامالنىڭ تېزلىكى ئىككى مېتىر/سېكۇنت بولسا، يۇقىرى قاتلىمىدىكى تېزلىكى 100 مېتىر/سېكۇنت بولىدۇ (12 بال تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ). شامال يۆنىلىشى مۇقىم بولۇپ، مەڭگۈ ۋېنېرانىڭ ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. ۋېنېرا شەرقتىن غەربكە قاراپ تەتۈر ئايلانغاچقا، يۆنىلىشى قۇياش سىستېمىسىدىكى باشقا پىلانېتلار بىلەن قارىمۇقارشى بولىدۇ. شۇڭا ۋېنېرادا قۇياش غەربتىن چىقىپ شەرققە پاتىدۇ.: ?+ H( Z" |. F' Q+ t1 L
/ i4 I6 Y6 n; }
يۇپىتېر: يۇپىتېردا مۆلچەرلىگۈسىز يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە چىدىغۇسىز ھاۋا بېسىمى كۆرۈلىدۇ، ھىدروگېن كۆپ. شۇڭا ئۇ ھىدروگېن دېڭىزى، دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭدىكى بۇلۇت - تۇمان ۋە سۇيۇق جىسىمدىن شەكىللەنگەن بېسىم يەر شارىدىكى ئاتموسفېرا بېسىمىدىن تەخمىنەن 300 ھەسسە كۆپ بولىدۇ. يۇپىتېرنىڭ ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا شامال ۋە بوراننىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرغاندىن باشقا، قۇلاقنى پاڭ قىلىۋەتكۈدەك گۈلدۈرماما ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. يۇپىتېر ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا شىددەتلىك شىتورم بار بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 24 مىڭ 100 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەر شارىغا سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن چوڭ سان. كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى، يۇپىتېر مەركىزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 30 مىڭ سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. دېمەك بۇ ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ بېرىشى مەڭگۈ مۇمكىن بولمايدىغان جاي.2 q, p. b1 o2 m7 J, x5 G
مېركۇرىي: مېركۇرىي قۇياشقا ئەڭ يېقىن پىلانېت. ئۇ دائىم كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئىچىگە مۆكۈكلۈك ھالەتتە بولغاچقا، «جامالى» كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ. مېركۇرىيدا ئاساسەن ھاۋا يوق، كۈنگەي تەرىپىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغاندا ℃430قا يېتىدۇ، تەسكەي تەرىپىنىڭ كېچىدىكى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولغاندا نۆلدىن تۆۋەن ℃160قا چۈشىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃600 پەرقلىنىدۇ. ئۇ پىلانېتلار ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا پەرقى ئەڭ چوڭ پىلانېت.1 v% F" I2 V% D* E
3 E, q" Z) S5 }% f _# Z+ d! g
مارس: ئامېرىكىلىق ئالىملار مارسنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ فوتو سۈرىتىگە قاراپ ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىدە 75 كىلومېتىر قارا قۇيۇن ئىزىنىڭ بارلىقىنى دەلىللىگەن. بۇ ئىزلار قارا قۇيۇن ئۇچۇرغان چاڭ - توزان ۋە باشقا ماددىلاردىن شەكىللەنگەن. گېئولوگلار مارسنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئاتموسفېرا شارائىتىنىڭ ئاسانلا قارا قۇيۇن پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. مارسنىڭ ئۈستۈنكى قاتلىمىدا قۇرغاق سوغۇق ھاۋا ئېقىمى، ئاستىنقى قاتلىمىدا نەم ئىللىق ھاۋا ئېقىمى مەۋجۇت ئىكەن. ئىللىق ھاۋا ئېقىمى يۇقىرى ئۆرلىگەندە، ھاۋا ئېقىمىدىكى سۇ پارلىرى سىڭىشىپ سۇغا ئايلىنىدىكەن، بۇ سۇ ئىسسىقلىق تاراتقانلىقتىن، ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن قارا قۇيۇن پەيدا بولىدىكەن. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، مارستىكى قارا قۇيۇننىڭ ئىزى ئۇزاق ۋاقىت ساقلىنىپ تۇرالمايدىكەن. چۈنكى، ئۇنىڭ ئىزىنى دائىم مارسنىڭ سىرتقى يۈزىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرىدىغان دەۋرىيلىك شىتروم يوقىتىۋېتىدىكەن.
# t3 s7 s ?: h P3 K/ _! {& H7 k i) I
ساتۇرىن: ساتۇرىندا گۈلدۈرماما ھادىسىسى بار، ئۇنىڭغا يەنە شىددەتلىك شىتروممۇ «قەدەم تەشرىپ» قىلىپ تۇرىدۇ. شىترومنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 1000 مىلغا يېتىدۇ. ئەمما كىشىلەر شىترومنى پەيدا قىلىدىغان ھەقىقىي سەۋەبنى بىلمەيدۇ. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پىلانېتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاقار جىسىملار زور مىقداردا ئىسسىقلىق يىغىپ، ھاۋا ئېقىمىنى خۇددى قايناۋاتقان سۇغا ئوخشاش بۇلۇت قاتلىمىغا ئۆرلەشكە مەجبۇرلايدىكەن. ئاستىرونوملار بۇ خىل سىرلىق ھاۋا كۆپۈكچىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلىمەي، توساتتىن ياكى ئارىلاپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ: «ئۇ خۇددى بېسىملىق قازانغا ئوخشاش مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن، يۇقىرى ئۆرلەيدۇ» دېگەن. ئەگەر ئۇ قازانغا ئوخشىسا، ئۇنداقتا بۇ قازاننىڭ تۇۋىقى زادى نەدە؟ بۇ بىر سىر.
! V+ A; F( M4 m
5 \0 _/ c' {1 ]( k1 Tنېپتۇن: ئۇزاقتىن بېرى، ئالىملار قۇياشتىن قانچىكى يىراق بولغان پىلانېتتا شامال كۈچى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن. لېكىن، ئامېرىكىنىڭ «ساياھەتچى -2 » ناملىق ھاۋا بوشلۇقىنى تەكشۈرگۈچى سۈنئىي ھەمراھى نېپتۇندا ئۆلچەپ - تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭدا بۇنىڭدىن بۇرۇن ھاۋا ئېقىمى ئېتىلىپ چىققانغا ئوخشاش ئوراگان (شىددەتلىك بوران) پەيدا بولغانلىقىنى، كومپيۇتېردا ھېسابلاش ئارقىلىق شامال سۈرئىتىنىڭ 676 مېتىر/ سېكۇنت (12بال تەيفېڭ بورىنىنىڭ 20 ھەسسىسىگە باراۋەر) بولغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئەھۋال ئالىملارنى گاڭگىرىتىپ قويغان. چۈنكى نېپتۇننىڭ شامال سۈرئىتى ھازىرغىچە بايقالغان بارلىق پىلانېتلارنىڭكىدىنمۇ تېز بولغان. ئالىملار يەنە، يەر شارىدىن 300 ھەسسە چوڭ بولغان نېپتۇننىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، ھاۋا بوشلۇقىدىكى بۇلۇت قاتلىمىنىڭ ئاممىياك ۋە مېتاننىڭ قېتىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
5 H- P3 Q* x4 b) X0 r0 h) E$ ]$ O: ~- B6 M
ئاي شارى: ئاي شارىدا ئاتموسفېرا يوق ھەم ئاي يۈزىدىكى ماددىلارنىڭ ئىسسىقلىق سىغىمى ۋە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولىدۇ. قۇياش تىك چۈشىدىغان جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن يۇقىرى ℃127 قا، تەسكەي جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃183قا چۈشىدۇ.
/ W6 }! w2 G/ j( Y* F& M( o ~* O* R! B# B
پلۇتون: ئۇ قۇياشتىن ئەڭ يىراق، شۇنداقلا ئەڭ كىچىك پىلانېت بولۇپ، قۇياش رادىياتسىيەسىنى قوبۇل قىلىشى ئاز بولغاچقا، كۈن نۇرى چۈشكەن تەرەپنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃220 ئەتراپىدا بولىدۇ. مۇشۇنداق تۆۋەن تېمپېراتۇرا شارائىتىدا، پەقەت ھىدروگېن، گېلىي، نېئونلار گاز ھالەتتە بولۇشى. شۇڭا، پلۇتوندا ئاتموسفېرا بار دېيىلگەندىمۇ، ئىنتايىن شالاڭ ۋە تىنىق بولۇشى مۇمكىن. تېخىچە ئۇنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسى ئېچىلمىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يەنىمۇ ئىزدىنىشىنى كۈتمەكتە. |
 مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[ 教程]
|