- تۆھپە
- 1604
- تىللا
- 1201
- قىزغىنلىق
- 2609
- توردا
- 114 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-23
- تىزىملاتقان
- 2011-9-24
- ئالبوم
- 2
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- دوست
- 9
- يازما
- 475
- تېما
- 446
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 8513
- نادىر
- 3
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 5
 
- تۆھپە
- 1604
- تىللا
- 1201
- قىزغىنلىق
- 2609
- تېما
- 446
- يازما
- 475
|
8 m) t& S6 g/ Q% \' B# w7 Sقەغىش تەگكەن بالا! d( w; t% W5 \8 k9 f
7 b F9 I+ ^$ n3 t" }! E(ھېكايە)
+ F }: D7 M$ g. y: _) {' f
" O1 X7 g' ~: a. P, J# _! N0 Sقۇدرەت ئېلى
) G2 U2 Z+ e7 Z; j' b, r% Aكېچە سائەت ئون ئىككى بولغاندىمۇ،بالا تېخىچە يىغلاۋاتاتتى. بىچارە ئانىنىڭ قىلمىغان قىلىقى قالمىدى؛دورا ئىچكۈزدى، قورسىقىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ باقتى،كىپەكنى پاختا رەخىتكە ئوراپ ئىسسىتىپ بېشىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ باقتى،بالا يەنىلا توختىماي يىغلاۋەردى.ئانا ئۆزىنىڭ ئۇخلىيالمىغانلىقىدىن ئەمەس، بالىسىنىڭ ئازابى ئۈچۈن قىيىلىنىپ، بالىسىنىڭ بىئارامچىلىقىدىن يۈرىكى ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى. ئانا شۇ دەقىقىدە بالىسىنىڭ دەردىنى ئەنە شۇنداق تارتىۋاتاتتى.بالا قەتئى يوسۇندا بىر ئىشنى تەلەپ قىلىۋاتقاندەك قىرقىراپ يىغلايتتى.يۇمران يۈز تىرىللىرى كۆز ياشلىرىدا يۇيۇلۇپ، چىراقنىڭ غۇۋا يورۇقىدا پارقىراپ كۆرىنەتتى.ئۇ كۈچەپ يىغلىغانلىقتىن يۈزلىرى ئېسىلىپ كەتكەندى.ئۇنىڭ قايسى يېرىنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى بىلگۈسى كېلەتتى.ئەگەر بىلەلىگەن بولسا،داۋانى جېنىغا تىگىشىپ ئەكىلىپ بەرگەن،بالىسىنى ئارام ئالدۇرغان بولار ئىدى.ئۇ ئازاپلىق قىرقىراۋاتقان ئاجىز ھوجۇدقا ھەر بىر قارىغىنىدا،نائىلاج ھالىتىدىن خۇرسىناتتى.بالىسىنىڭ دەردى ئۈچۈن ئىچى ئېچىشىپ كېتىۋاتاتتى.«بالا بېقىش»دىسە،ئۇ بۇرۇن ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتى.مانا ئەمدى چۈشەنگەندى. ئېرى ئۇنىڭ سىزىكى تۈگىگەن كۈنلەردە ئۈن-تىنسىزلا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندى.شۇ چىقىپ كەتكەچكە شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ھېچبىر خەۋىرى بولمىدى.ئايالى نەدىن،كىمدىن سۈرۈشتۈرۈشنى بىلمەيتتى.ئېرىنىڭ بىرەر يېقىن دوستىمۇ يوق ئىدى.باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئېرىنى ئىزدەپ بېقىشنى خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى.خىيالىغا كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ موشۇ «ئەسكى» بىلەن بىر يەرگە بارغىلى بولسۇنمۇ؟ياش ئانا ئېتىز –ئېرىق ئىشلىرى بىلەن بالىغا ئارانلا يېتىشەتتى.قوي باققۇسى بولسىمۇ يتىشىمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ باقمىدى.بالىسى بىلەن ئىككى جانلىق بىر ئائىلە مىڭ تەسلىكتە كۈن كەچۈرمەكتە ئىدى.ئۇ ئۆزى يالغۇز ھايات بىلەن ئېلىشىۋاتاتتى.گەرچە بىر قانىتى يارلانغان قۇش بولسىمۇ،ئەمما ئۇچۇشقا غەيرىتى يىتىپ ئاشاتتى.ئۇ بىر ئىشلاردا ئىلاجىسىز قالغاندا، يوق ئېرىگە بەكرەك ھاجەتمەن بولۇپ كېتەتتى. ئېرىنىڭ بۇ دۇنيادا بىرەر تۇققىنى بولسا كاشكى…6 K: ?. S2 D7 Z
1 G6 l) T, }1 r) e
بالا يەنە قىرقىراپ يىغلاشقا باشلىدى،ئاۋازى بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەرنىڭكىدەك بوم چىقاتتى. ئانا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ،بۆشۈكنى تەۋرەتتى.كۈچلۈكرەك تەۋرەتكەندە ،بۆشۈكنىڭ كۆلدۈرمىسى جىرىڭلاپ كېتەتتى.بۇنى ئاڭلىغان بالا يىغىسىنى بىردەملىك توختىتاتىيۇ،يەنە قەرغىشلىك قىلاتتى.ئانا بىردەم ئەللەي ناخشىسى ئېيتاتتى،بىردەم بالىسىنى بەزلەيتتى.لىكىن بالىنىڭ يىغىدىن توختىسىدا ئۈمىد يوقتەك قىلاتتى.ئانا بۆشۈكنىڭ قولتارتقۇللىرنى بوشىتىپ، بالىغا ئازادىلىك بېغىشلاپ باقاتتى،ھېلىدىن-ھېلىغا سۈزمىسى تۈگىگەن خالتىدەك بولۇپ كەتكەن كۆكسىنى بالىنىڭ ئاغزىغا تەڭلەيتتى.لىكىن بالا ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسى بەرىبىر بولىۋاتاتتى.ئاشۇ پەيلىدە ئۇ بۇئاي،بۇ كۈنلەردە يىغىدىن توختايدىغاندەك قىلمايتتى…; a! K$ Y1 b/ p; H+ E2 y3 j0 Y% j
, K/ S4 w1 F+ ~ئايال ئېرىنى خىيال قىلدى،ئۇ بولغان بولسا ‹‹سەن بىردەم ئۇخلىۋال،بۆشۈكنى مەن تەۋرىتەي›› دىگەن بولاتتى.بالىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئىدى.تاماقلارنى ئوبدان يەيتى،ئانىنىڭ كۆكسىنى يۈتىۋەتكۈدەك قاتتىق شورايتتى.سۈزمىسى تۈگىگەن خالتىدىن بىر نىمە چىقمايتتى.بالا ئىلگىرى ئۈنچە كۆپ يىغلىمايتتى، ئەمما يېقىنقى نەچچە ئايدىن بېرى كېچىللىرى ھەمىشە ئەنە شۇنداق قەرغىشلىك قىلىپ،ئانىسىنى ئۇخلاتمايدىغان بولىۋالغاندى، ئۆزىمۇ ئۇخلىمايتتى.ئانا «ئەنە، ئىتلار كەلدى،كىم يىغلىسا ئەكىتىمەن دەيدۇ...چاغە، ھوي بېشىنى يەيدىغان...»دەپ بالىغا قورقاق سېلىپ توختاتماقچى بولاتتى. «قارا ماۋۇ نىمە؟...ئا چىراققا قارىغىنە...»دەپ بالىسىنىڭ دىققىتىنى بۇراپ يىغىدىن توختاتماقچى بولاتتى.ئەمما بالا بۇلارغا قىلچە پەرۋا قىلماستىن يىغلىغىنى يىغلىغان ئىدى.ياش ئانا نىمە قىلارىنى بىلمەي ،ھېلى ئۇ ،ھېلى بۇ سەۋەبنى قىلىپ باقاتتى.( |2 {: q( x ]6 o8 q, B$ i
2 S8 o, _2 d6 _; z/ I8 ?ئېرى بولغان بولسا چوقۇم بىر ئامال قىلىپ،بالىنى يىغىدىن توختاتقان بولاتتى.ھەر بىر ئىشقا ئېپى بار ئەر ئىدى.دۇتتاردىن نەچچە پەدە چېلىپ بەرسە توختاپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىمىسا بالىنى بۆشۈك بىلەنلا كۆتۈرۈپ،دولىغا ئېلىپ، ئۆي ئىچىدە يۈگۈرگەن بولاتتى... ئۇلار بەكمۇ بەخىتلىك ياشاۋاتاتتى.كۆز تەگككەندەكلا بىر ئىش بولدى. سىرىت ئۇنىڭ ئېرىنى ئۆيدىن بىر چاقىرىپ،ئېلىپ چىقىپ كەتكەنچە قايتۇرۇپ بەرمەيۋاتاتتى.ئەسلىدە مەھەللىدىكى ھەممەيلەننىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە مەسىتلىگى كېلەتتى.مانا ئەمدى بەزىلەر «ماختىغان ئېرىڭنى كۆرە!»دەيدىغان بولدى-دە...ئۇلارغۇ ھەر نىمە دىسە مەيلى ئىدى،ئېرى قايتىپ كەلسىلا بولاتتى.ئۇ ئېرىنىڭ ھەقىقى سېغىنغانلىقىنى ھېس قىلدى.بالىسى بولغاچقىلا ئۇ ئۆزىنى ئانچە تەنھا ھېس قىلىپ كەتمەيتتى.ئېرى يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمايتتى.شۇڭا ئۇنى بىخەتەردەك ھېس قىلاتتى.ئېرىنى ئەقىللىق،ھوشيار ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ خاتىرجەم بولغاندەك بولاتتى.ئۇ شۇ تاپتا ئېرىنىڭ مۇھاببىتىگە تولىمۇ تەشنا بولىۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بولاتتى.$ W! z% S j1 S# K1 ]3 O! I% L
/ p1 n+ M& G: z& N7 Kبالا يىغىسىنى يەنە بىردىنلا كۇچەيتتى.پۈتۈن كۈچى بىلەن قىرقىراپ يىغلايتتى.خۇددى ھېچبىر سەۋەب ئۇنىڭ يىغىسىنى توختىتالمايدىغاندەك يىغلايتتى.ئانا ئۆي ئىچىنى يورىتىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى تەن ئالغاندەك غۇۋا يورۇتۇپ تۇرغان ياڭاقچىلىك چوڭلۇقتىكى لامپۇچكىنىڭ ئاجىز نۇرى ئاستىدا ھاياتىنىڭ ھازىرقى دەقىقىللىرىنى بالىسى ئۈچۈنلا ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.ئۇ بۆشۈكنى چىڭ-چىڭ تەۋرىتىپ،ئۈنلۈك ئاھاڭدا بالىسىغا سۆزلەيتتى...
1 j# ?$ z2 V$ r" g1 N N" J) _0 P$ ~# }$ i- z0 O
-ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىمىسىمۇ بالام،ئۆزىڭىزگە ئىچىڭىز ئاغرىسۇن بالام.بەك قىيلىنىپ كەتتىڭىز جېنىم يۈرەك پارەم...
% [ ~9 ?2 B. d, w! g, O) Z, Z9 i1 m* N# T1 y! u/ T8 m
ئانا بۆشۈكنىڭ يېنىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ،بالىسىنى يەشتى.قوللىرىنى قولتۇقىغا سېلىپ ئىسسىتقاندىن كېيىن بالىنى بۆشۈكتىن ئاۋايلاپ ئالدى-دە،يوتقانغا يۆگىدى.ئاندىن مايكىسىنى سېلىۋىتىپ،ئوتتەق قىززىق باغرىغا بالىسىنى بېسىپ ياتتى.بالا سەل پەسكويىغا چۈشكەندەك بولدى.يىغىدىن توختىمىدى،پەقەت ئاۋازى سەل تۆۋەنلىدى.ئېرى بولغان بولسا،بالىسىنى ئوتتۇرغا ئېلىپ ياتار ئىدى.بىرى گوللىغاندا ،يەنە بىرى بىردەم ئۇخلىۋالار ئىدى...! Y( t9 u3 g _/ J
. ~: r0 N w; Z1 `% sئېرى ساراڭلاردەكلا بىر ئىش قىلدى.ھېچبىر بىشارىتى، ھېچبىر ساداسى يوق ھالدا ئۆيدىن ئايرىلدى.ئىككى يىل بولغىلىۋاتسىمۇ، بىرەر خەۋىرىنى بەرمىگىنى ئەڭ چۈشىنىكسىز... باشقا بىرەر ئايال بىلەن كېتىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس...ئۇ «ئاغزىمغا تاشتۇپراق»دەپ قىلغان خياللىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلدى.ئۇنىڭ ئېرى ئۇنداق چاكىنا ئىشنى ھەرگىز قىلمايتتى.ھېچبىر ئەيىبى يوق ئىدى.يامان بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرىدىمۇ يوق ئىدى.شوخ،ئەمگەكچان يىگىت ئىدى. توغرا سۆزلۈكى بىلەن چوڭلارغا،شوخلۇقى بىلەن كىچىك بالىلارغا ئوخشايتتى.دادا بولغانلىقىنى ئاڭلىغان كۈنى كەچتە ئۇ تاڭ ئاتقۇچە كۆز يۇمماي سۆزلەپ،ئايالىنىڭ قورسىقىنى سىيلاپ چىققاندى.«ئاللاھتىن ئۇنىڭ قىز-ئوغوللىقىنى ئەمەس،نى-نى ئىشلارنى قىلالايدىغان ئادەم بولۇشىنى تىلەيمەن...» دىگەندى ئۇ.يىتىمچىلىكتە چوڭ بولغاچقىمۇ ئاتا بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، زىيادە خۇش بولغاندى.نامرات بولغىنى بىلەن رەتلىك كىيىنىشكە ئىتىبار بىرەتتى.دۇتتار چالغانلىرىدا خوتۇنى ئۇنىڭ سول يوتىسىغا بېشىنى قويىۋېلىپ يېتىۋېلىشقا ئامراق ئىدى.
0 u4 f+ ]# Q7 c4 Z2 `6 C- V" q' F, }" N$ G; F
«بىرەر پىشەللىكلەرگە يولۇقۇپ قالمىغىيدى...» دەپ خۇدادىن تىلەيتتى.ئامانچىلىق بولسىلا قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا قەتئى ئىشىنەتتى.قايتىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.چوقۇم بىرەر ئورۇنلۇق سەۋەب بىلەن كەتكەن بولۇش مۇمكىنچىكىلى چوڭ ئىدى.ئۇ مەسئۇلىيەتسىز ئادەم ئەمەس ئىدى...( c1 @9 k" y1 x! h
2 h2 \1 D+ ` Vبالا يەنە كۈچەپ يىغلاشقا باشلىدى.ئانا شۇ ھامان بەزلەشكە باشلىدى.بالىنىڭ يىغىسى ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ قات-قېتىغا ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.بېشى زىڭلداپ ئاغرىيتتى.ئورنىدىن تۇرۇپ مايكىسىنى كەيدى.ھاۋا ئوبدانلا سوۋۇپ قالغاندى.ئۇ بالىنى قايتىدىن بۆشۈككە بۆلەپ،تولا شورۇلۇپ،ھېچنىمە قالمىغان ئەمچىكىنى بالىنىڭ ئاغزىغا تەڭلىدى.بالا ئەمچەكنى ئاغزىغا شۇنداق ئالاتتىيۇ،بىر شوراپ بېقىپلا دەرھال تۈكۈرۈپ چىقىرىۋىتەتتى. ئانا بۆشۈكنى بىر قولىدا تەۋرەتكەچ، يەنە بىر قولىدا بۆشۈك دەستىسىگە ئېسلىغان قوڭغۇراقنى توختىماي جىرىڭلىتاتتى.ئەمما بالا يىغىسىن ھېچ توختىتاي دىمەيتتى...$ p% c0 X4 W6 C" b# P' G
; S% d$ s" |$ q5 G( \5 qئۇ ئېرىنىڭ تامغا ئېسىقلىق تۇرغان دۇتتىرىغا قاراپ، ئېرىنىڭ بالىسى يىغلىغاندا دۇتتار چېلىپ بېرىدىغان ئىشىنى ئىسىگە ئالدى. دەرھال ئورنىدىن تۇردى ۋە دۇتتارنى ئەكىلىپ،بالىغا تىرىڭشىتىپ بەردى.ئاۋۋال تىرىڭشىتتى،ئاندىن رەسمىي تۈزۈپ،ئېرىدىن ئۈگىنىۋالغان «باش پەدە» نى بالىسىغا چېلىپ بەردى. يېقىملىق كۈي تۈن قوينىغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كەتمەكتە ئىدى.7 j: _: w! u3 u, S; j
5 x" f, }2 @) \( r/ \3 i
ئاتام سورىسا،ئانام سورىسا،
2 S" c8 Q* X& {6 q F2 M
' ^8 z- |& @* E+ g8 m& `, v" ^مېنى زىنداندىكىن دەڭلا.
) |1 V4 E; A) k/ m# [* E
* l) Z+ I' l+ h: G( ^بىر كۆزى قان،بىر كۆزى ياش،
; q+ b" O4 i& t6 w0 Z8 y, o2 \/ \; ?
يىغلاپ ياتىدۇ دەڭلا...
# M6 n6 W0 `6 I. t6 e9 n
: v( q" H/ H+ f" c0 N, L8 {بالا كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ،بېشىنى بۇراپ ئانىسىغا قارىدى. يىغىسىمۇ توختىدى.بۇ بالىنىڭ نەچچە سائەتتىن بېرى بىرىنجى قېتىم يىغىدىن توختىشى ئىدى.ئانا بالىنىڭ يىغىدىن توختىغانلىقىنى كۆرۈپ،دۇتتارنىڭ تارىغا رېتىملىق ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى..., E: a! s4 c* ^* ^( ?4 K
( u7 G! e7 `2 _" \مەھەللىدە توي-تۆكۈن بولسا خوشنىلار ئۇنىڭ ئېرىنى دۇتتار چېلىپ بەرسۇن دەپ تەلەپ قىلىشاتتى.ئۇمۇ ئېرىنىڭ دۇتتىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى.ئېرى ئۇلارغا دۇتتار چېلىپ،ناخشا ئېيتىپ بېرەتتى.خەلق ناخشىللىرىغا بەك ئۇستا ئىدى.يۇرتلاردىكى يىگىت تويىلىرىدا باش پەدىگە چالىدىغان بولسا، مەھەللىدىكى چوڭلار تۇرالماستىن ئۇسۇلغا چۈشىشىپ كېتەتتى.ئۇ خوتۇنىغا دۇتتارنى مەخسۇس چېلىپ بەرمىسىمۇ،ئۇنىڭ ئىختىيارى يوسۇندا چالغانلىرىدىن خوتۇنى يىتەرلىك بەدىئى زوق ئالالايتتى.
9 Z2 J# Y" c0 C+ z+ @, j' _# Z9 {, [" D7 x; ^1 S
توي كۈنى كەچتە ئۇ ئۆزىنىڭ تويىغا ئاتاپ دۇتتار چالغان ئىدى. ھوجرىغا كىرگەندىن كېيىنمۇ ئاۋۋال بىر پەدە چېلىۋەتكەندى... بەك ساراڭ ئىدى...% G3 _ @( ?$ A
( v# D3 O' u6 t! b* c6 Oئۇ دۇتتارنى ئۇدۇل تامغا يۆلەپ قويۇپ،بالىنىڭ كۆپ يىغلاشتىن ئىششىپ كەتكەن ياش يۇقى يۈزىگە قاراپ،ئۇنىڭدىن ئېرىنىڭ چىرايىنى كۆرگەندەك بولۇپ كەتتى...9 r! v. G% A. K: X5 A) R
% }9 S# `1 A5 a+ F/ f; w ئېرى ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتى.ئۇلار بالا چاغلىرىدىن باشلاپلا بىر-بىرىنى تونۇيىدىغان مەھەللەداشلاردىن ئىدى.ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېرى كىچىك ۋاقتىدىلا قازا قىلغاندى.ئېرى تاغىسىنىڭ قولىدا چوڭ بولغان بولۇپ، ئون يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى تاغىسىمۇ قازا قىلىپ كەتكەندىن كېيىن،دادىسىن قالغان كونا ئۆيدە تەنھا ياشاپ كەلگەندى.تاغىسىنىڭ يىل نەزىرىسىدىن كېيىن مەھەللىدىكىلەر دەرقەمەتە بولۇپ ئۇنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويدى.شۇندىن كېيىنكى قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا ئۇلار كېۋەزلەرگە تىرىشىپ ئىشلەپ،خارابىگە ئايلىنىپ بولغان دادىسىدىن قالغان كونا ئۆيلەرنى يېڭىلاپ،راۋۇرۇس قىلىپ،يەتتە ئېغىز چوڭ ئۆي ۋە ئەللىك نەچچە مىتىرلىك پىشايۋانلىق قورانى بەرپا قىلدى.ئۇ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا پۇختا ئىدى.بارى-يوق يەتتە مو يېرىدىن يامان ئەمەس كىرىم قىلىپ كۆڭۈللۈك تۇرمۇش كەچۇرۋاتاتتى.ئېرىنىڭ بۇنداق قىلىشىنى خوتۇنى ھېچقاچان ئويلاپ باقمىغان ئىدى.ئۇ ئېرىگە زىيادە ئىشىنەتتى.ھازىرمۇ ئۇنى ئانچە ئەيىبلىگۈسى كەلمەيۋاتاتتى.ئادەتتە خاتا ئىش قىلمايدىغان ئېرىنىڭ ياخشى-ياماننى پەرق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئەمما «مانداق ئىشتى...»دىمىگىنى كاللىسىدىن ئۆتمەي تۇرىۋالاتتى.ھەر ئىش بولسا مەن بىلسەم بولىۋىرەتتىغۇ؟ مەندىن باشقا كىمىسى بار؟دەپ ئويلايتتى...
8 `1 x; W9 \, v( a
7 P) ?. D1 ~2 e5 q# yبالا ئاۋۋال بوش،بارا-بارا كۈچەپ يىغلاشقا باشلىدى.ئاخىردا پۈتۈن كۈچى بىلەن قىرقىراپ يىغلاش ھالىتىگە كىردى.ئانا ئۇنى قايتىدىن بۆشۈككە بۆلىدى.قولتارتقۇلارنى بۆشۈك دەستىسىگە پۇختا چىگىپ رېتىملىق تەۋرىتىشكە باشلىدى.يوتقاننى دولىغا ئارتىپ ئولتۇرۇپ،بىر خىلدا تەۋرىتەتتى.ھازىر ھاۋامۇ ئوبدانلا سوۋۇپ قالغان بولۇپ،ئەتتىگەن –ئاخشاملىرى دولنى قورىۋاتاتتى. تېخى كۆمۈر ئالمىغاندى.پاختىلارنى ساتاي دەيتىيۇ، باھاسى ئۆسۈپ قالارمىكىن دەپ ساقلاپ قېلىۋاتتى. بۇ يىلقى كىرىمدىن ئون مىڭ سومچە پۇل ئاشاتتى. تىجەپ خەجلىمىسە يەتمەيتتى...1 | f0 C/ i. ~, ?' i g
2 O; \+ O. C) Z: m- nقاتتىق يىغا ئاۋازىدا خيياللىرىمۇ چېچىلىپ تۇراتتى.بالا يىغىسىنى ياندۇرالماي،قېقىلىپ يۆتىلىپ كېتەتتى.ئانا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ،بۆشۈكنى ئۆرە قىلاتتى.بالىسىغا ياردەم قىلالماي جىلە بولاتتى.ئۇنىڭ پۇشۇلداپ بىردەم ئۇخلىۋېلىشىنى تىلەيتتى. بالا بوم ئاۋازدا كۈچەپ يىغلايتتى.ئانا قوللىرىغا قۇنچاقلارنى ئېلىپ،ھاۋادا پۇلاڭلىتاتتى، دۇتتار چېلىپ باقاتتى.دۇتتارمۇ كۈچىنى يوقاتقاندى.ئۇ دۇتتارنى تامىكى ئورنىغا ئېسىپ قويۇپ،بالىسىنى قايتىدىن بۆشۈككە بۆلەشكە كىرىشتى.ئاۋۋال ئۆزىنىڭ قوللىرىنى قولتۇقىغا تىقىپ ئىسسىتتى،ئاندىن ئىسسىغان قوللىرى بىلەن بالىنى ئاۋايلاپ بۆشۈككە سالدى.قول تارىتقۇللىرىنى تارتىش بىلەنلا، بالا يىغىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.ئانابىر نەرسىنى غۇۋا ھېس قىلغاندەك بولۇپ،بالىنىڭ قولىنى چىقىرىۋىتىپ،قولتارىتقۇنى چىڭدىدى.بالا بىردىنلا يىغىدىن توختىتدى.ئۇ ئاخىرى بىر قېتىم بولسىمۇ يىغىدىن بىر قېتىم توختىغاندى. «قولۇمنى چىقىرىپ ياتىمەن دەىسەڭ بولماسمىدى، بالام...»دەپ خۇرسەن بولدى ئانا.ئۇ بۆشۈكنى بوش تەۋرەتكەچ ئېرى توغرىسىدا ئويلاشقا باشلىدى.مايكىچان بەدىنى سوغۇقنى سەزمەيتتى.ئۇ ھەر قېتىم ئېرى توغرىسىدا خىيال سۈرگەندە ھېچقانداق نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى...
, I7 v& q6 x: U+ {
( o; m& l4 M6 q3 ~* D2 F1 W* oئېرى ئۇنىڭغا بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.ھەر بىر ئىشىدا ئايالىغا ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغاندى.يېقىندىن بېرى غەمكىن ئۆتىدىغان كۈنلىرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلغاندى. كىچىللىرى نەچچە رەت ئويغۇنۇپ كەتكەنلىكىنى تۇيغاندى.ئەمما ئۇنىڭدىن بۇنداق ئىش چىقىدىغانلىقىنى ھېچ ئويلاپ باقمىغاندى. ئۇنىڭ نىمە سەۋەبتىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنلىكىگە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيتتى.يامان ئىشلار ئۈچۈن كەتكەن بولىشىغا قەتئى ئىشەنمەيتتى.«كۈنلىرى قانداق ئۆتۈۋاتقاندۇ؟...»دەپ ئويلايتتى ئۇ.
& g' K e- P# K
/ h9 B0 h9 E+ {2 O. q2 Y6 \ئۇ بىر ئاز توڭلىغانلىقىنى ئاڭسىز ھالدا تىترەپ كېتىۋاتقان بەدىنىدىن ھېس قىلدى.يوتقانغا پۈركۈنۈپ يېتىۋالدى.بىردەم بولسىمۇ ئارام ئالىدىغان بولدى.9 s5 J3 X/ P% G
% K; u: F1 l- X: {6 i! tھاۋا كۈندىن كۈنگە سوۋۇپ كېتىۋاتاتتى.كۆمۈر ئېلىشى كېرەك ئىدى.بىر توننا كۆمۈر دىگەنمۇ مانچە پۇل ئىدى.ئون خالتا ئۇن ئېلىۋېلىش ئازۇيى ئەمەلگە ئاشامدۇ-يوق،بۇنىڭغا بىر نىمە دىگىلى بولمايتتى.ھازىر پاختا ئەرزان،كىيىم قىممەت بولىۋاتاتتى. مەھەللىدە توي- تۆكۈن بولسا«ئېرىم تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن»دەپ،قاراپ ئولتۇرغىلى بولمىسا يە...ئەر كىشى دىگەن ئۆينىڭ بەركىتى ئىكەن،ئۆزى بولغان بولسا چوقۇم تەل قىلىپ بەرگەن بولاتتى.ئۇ يەنە ئۆزىنىڭمۇ ئاۋۇ تۇرنىسا خانىم كېيىۋالغاندەك بىر پەلتۇسىنىڭ بولىشىنى ئۈمد قىلاتتى.ئېرى بولغان بولسا چوقۇم ئېلىپ بەرگەن بولاتتى.ھېلىمۇ ئېرى كەلسە ئېلىپ بىرەتتى.ئۇنىڭ ئېرى چوقۇمكى؛موھىم بولمىغان بىر ئىشلار ئۈچۈن بۇنداق يوقاپ كەتمەيتتى...
7 C7 L( |& h/ a( v' d d: b [5 s. H
يېزىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئۇنچىلىك باياشات بولمىسىمۇ، كىشىلەر توي –تۆكۈننى چوڭ قىلىدىغان بوپكىتىشكەندى. ئورۇنسىز چېقىملارنى كۆپ قىلاتتى.ئۇلا ئەمەس، يېزىدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر يىل بويى ئىشلەپ تۇرمۇشىنى ئاران ئۆتكۈزۈشەتتى. ئۇلار ئازغىنە يەرگە بىر يىل تەر تۆكسە ھېچقانچە پۇل قىلالمايتتى.توك كەلگىنمۇ تېخى نەچچە يىللا بولغاندى.بۇ يەردىكلەر تۇرمۇشىنىڭ باياشادلىقىدىن ئەمەس،تېنىنىڭ ساقلىقىدىن ياراتقۇچىغا رەھمەت ئېيتىشقا تىگىشلىك ئىدى.
+ |8 q Q3 q/ }) ]. b" `
/ h1 k* U1 M' t6 j تەن ساق بولسىلا نامرەتلىقى چېنىپ كەتمەيتتى. ئۇ ئورۇق بولغىنى بىلەن تېنى ساغلام ئىدى.تۇرمۇشىنى قامداشقا ھەرھالدا قۇربى يىتەتتى.ئېرى قايتىپ كەلسە، تىزدىنلا ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلايتتى. e/ h1 @6 u: h. L2 S K5 d( H
9 r, ^: l- }& d* }بالا يەنە يىغىسىنى باشلىدى.قوللىرى مۇزلاپ كەتكەندى.ئانا بالىغا سوغاق ئۆتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭ قوللىرىنى ئىسسق قوللىرى بىلەن سىيلىغاچ،قولتارتقۇنى يىشىپ،بالىنىڭ قوللىرىنى يۆگەپ تاڭدى.ئەمما بالا يىغىسىنى توختاتمىدى. بىردەملىك جىملىقتىن كېيىن ئۆي ئىچى قەرغىش تەگكەن بالىنىڭ يىغا ئاۋازى بىلەن يەنە لىققىدە بولۇپ قالدى.يىغا ئاۋازى ئىچىدە ياش ئانا مۈكچىيىپ قالغاندى.ئۇنىڭ بېشى زىڭىلداپ،ئىچى ئېچىشقاندەك بولۇپ كەتتى.بالا قوللىرىنى مىدىرلىتىپ،پۇتلىرىنى قىمىرلىتىپ ھەدەپ كۈچەيتتى. قوللىرىنى چىقىرىپ قويغان بىلەن سوغۇق ئۆتۈپ قالاتتى.توڭۇپ كەتسە،بايىقىدەك يەنە يىغلايتتى.مەشنى قويۇپ قويغان بولسىمۇ كاشكى...ئوتۇن بىلەن بولسىمۇ بىر قېتىم ئىسسىتىۋەتسە،قارا قىش بولمىغاندىكىن ئىللىغان بولاتتى.ئەمما مەشنى تېخى قويمىغاندى.ئېرى بولغان بولسا ئاللىبۇرۇن «بالا توڭۇپ قالىدۇ...» دەپ مەشنى قويغان بولار ئىدى.ئوتۇن كەسلىگۈدەك كەكىسىمۇ يوق ئىدى.ئازغىنە پۇللۇق نەرسىگىمۇ يىتىشەلمەي ئېشىنالمايۋاتاتتى.ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى موشۇنداق سوغاق كۈنلەردە ئېرى بولغاچقا،بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن باش قاتۇرمىغاندى. ئېرى ئوتۇنلارنى قول ھەرىسىدە بىر غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ، يەشىكلەرگە قاچىلاپ،مەشنىڭ تۈۋىگە قويۇپ بەرگەندى. ياغاچچىلىقنى ئۈگەنمىگەن بىلەن ئۆي سالغاندا بىر يۈرۈش ياغچچىلىق ئەسۋابلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئىشىك-دەرىزىلەرنى ئۆزى ياسىۋالغاندا مەھەللىدىكلەر ھەيران قېلىشقاندى.قولى بەك ئەپلىك ئىدى.سىرتتا بولغان ئىشلارنى ئۆيدە سۆزلەپ يۈرۈش بىلەن خوشى يوق ئىدى.شۇنچە ئوبدان بىر ئادەمنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ،ئۈن-تۈنسىز غايىب بولىشى قىززىق ئىدى. مەھەللىدىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن ھەيرانۇ-ھەس قېلىشقاندى. چوڭلار «توۋا،ئۇنى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىماپتىكەنمىز...» دىيىشىپ كېتىشتى.مەھەللىدىكى خوتۇنلار ئۇنى «چوقۇم بىرەرى بىلەن توي قىلىۋالغان...» دىگەن گەپلەرنىمۇ تېپىشقان ئىدى.ياش ئانا بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئىشەنمەيتتى.ئۇ پەقەت ئېرىنىڭ بىر كۈنى ئىشىكنى ينىك ئېچىپ كىرىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.مەھەللىدىكى خوتۇنلارنىڭ «ئېرىڭىز چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ،خاتىرجەم بولۇڭ...»دىيىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. مەھەللىدىكى ئىش كۆرگەن ياش بالىلار ئۇنىڭغا ئانچە-مۇنچە خىرىس قىلىپ قويىدىغانمۇ بولىۋالغاندى.ئەمما ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇلار پەقەت بەز ماريدىغان مۆشۈككىلا ئوخشايتتى.ئوبدانراق بىر خۇي بىلەنلا ھەر قاندىقى تىرىپىرەن بوپكىتەتتى. ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىمىغانلىرىغا ئاچ-سىڭلىسىنى شىپى كەلتۈرۈپ دەككىسىنى بەرسىلا بولاتتى.ئىككىنجىلەپ تىكىلىپ قارىيالمايتتى.ئەڭ موھىم جەھەتتە ئۇ مۇكەممەل ئايال ئىدى. «ئېرىدىن باشقىسىنى ئۆزىگە ھارام دەپ بىلەتتى. ئىتقادى مۇستەھكەم ئىدى.ئۇ ئېرىگە تولۇق ئىشىنەتتى. مەھەللىدىكى خوتۇنلارنىڭ بىر نەچچىسىنىڭ ئېرىگە يېقىنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ پەقەتلا ئاچچىقى كەلمەيتتى.ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا يەتمەيتتى.ئەڭ موھىمى ئۇ ئېرىگە چەكسىز ئىشىنەتتى.شۇ سەۋەبتىنلا ئېرىنى باشقىلاردىن كۈنلۈگىسى كەلمەيتتى.ئېرىنىڭ مېھرى ئۇنىڭ ھوجۇدىدا چۇڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەندى...: s4 u# }' K0 k. t/ Z
3 G0 M7 ?/ J1 j0 f4 B+ }
توي كۈنى كېچىسىدىكى ئىشىنى ئۇ مەڭگۈ ئۇنتالمايتتى.ئېرى ئۇ كۈنى ئۇنىڭغا سەل قوپال مۇئامىلە قىلغاندەك تۇيۇلغاندى.بۇ يۇرتنىڭ شۇنداق سەت قائىدىسى بار ئىدى.توي قىلغان يىگىتنىڭ دوستلىرى «ھوجرا ماراش»ئارقىلىق يىگىتنىڭ ئەرلىك ئىقتىدارىغا سىناق قوياتتى.يىگىت ۋاقتىدا ئىشىنى پۇتتۇرۈپ چىقالمىسا،يىگىتنىڭ دوستلىرى ئۆگزىلەردىن سۇ قۇيۇپ، پاراكەندىچىلىك سالاتتى.ئىش پۈتكەندىن كېيىن يىگىت«قىزلىق ئىسپات»نى دوستلىرىغا كۆرسىتەتتى. بۇنداق قائدىلەرنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلگەچكە ئۇ ئېرىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىش ئۈچۈن،تارتىنىشلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ،ئۇنىڭغا ئامالىنىڭ بارىچە ماسلاشقان ئىدى.ئۇلار شۇندىن كېيىن ئامراقچىلىق ئىچىدە ئۆتكەندى...$ B3 Z: r2 L+ R2 G. O
# |- z' l1 o+ p4 s5 r: }بالا توختىماي يىغلايتتى.ئانا ئىلاجىسىز بالىنىڭ قولىنى يەنە يىشىپ باقتى.بۇ قېتىم بالا يىغىدىن توختىمدى.ئەكسىچە قوللىرىنى شىلتىپ كۈچەپ يىغلاشقا باشلىدى.تولا ۋارقىراپ يىغلاپ،ئاۋازى پۈتۈپ؛تولا قېقىلىپ كېتىپ،چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. / K! r5 q% [: P5 u: F; f
, Q( g E% a- Z- }$ n$ Kئانا بالىنى يىشىپ،يەنە قىززىق باغرىغا بېسىپ ياتتى.بالا سەل پەسكويىغا چۈشكەندەك بولدى.ئاۋازى سەل پەسەيدى...% B7 S+ u* _6 K2 w
$ I/ h" n8 p! A$ `7 I
ئۇلارنىڭ ھەقىقى مېغىزىنى چېقىپ ياشاۋاتقان چاغلىرىدا تۇيۇقسىز ئايرىلغاندى.ئۇلارنىڭ نۇرغۇن غايىللىرى بار ئىدى.ئۆزئار مەسلھەتلەشكەنلىرىدەبالىسىنىى چوڭ يەرلەردە ئوقۇپ،دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارلىشالايدىغان ئادەم قىلىپ تەربىيلەشنىڭ پىلانلىرىنى تۈزىشەتتى. ئۆز بەختىنى ئوغلىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىماقچى بولشاتتى.ئۇلار ئۆز كۆڭۈللىرىدە ھاياتىنى بەكمۇ تاتلىق ئۆتكۈزىۋاتاتتى.ئېرىنىڭ ئۆزىدىن بەك رازى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى.ئۇ ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئالالايدىغان ئايال ئىدى.بەزىدە ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھاببىتىنى سەل سۇسلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىيۇ،يەنە تىزلا ئۇنتۇپ كىتەتتى.ئۇ ئېرى بىلەن بىللە بولغاندىكى تاتلىق دەملەرنى بىر قۇر كۆشىدى.ھال كۈنى بىر ئوبدان تۇرسا،يەنە قانداق ئارزۇلىرىڭىز بولغىيدى-ھە!دەپ ئويلايتتى...
; P* m1 c2 l9 x3 Z+ N: x2 Z y
1 M( R# i+ Y- w; V: wئۇ ئېرىنىڭ نىمە سەۋەبتىن ئۆيدىن ئايرىغانلىقى توغرىسىدا بىلىشىنى بەكمۇ خالايتتى.بىراق ھىچقانداق بىر ئىنسان ئېرىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ئۇنىڭغا دەپ بېرەلمەيتتى.ئېرىدە ھېچقانداق بىر غەيرىيلىكنى سەزمىگىنىدىن ئۆكۈنەتتى.& t$ k; c7 k' ~1 R
3 J6 e \7 x5 f' T( d- h7 Q E! Yبالا يىغىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.ئۇ بۇدرۇق قوللىرى بىلەن ئانىنىڭ كۆكسىللىرىنى،بويۇلىرىنى تاتىلاپ يىغلايتتى.بالا ئانىسىنى بەكمۇ تالدۇرۋەتكەندى.ئانا نىمە قىلارىنى بىلمەستىن ئالقانلىرى بىلەن زىڭلداپ ئاغرىشقا باشلىغان بېشىنى چاڭگاللاپ سىقاتتى.زىڭ-زىڭ بارغانسىرى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى.بالىنىڭ ھەربىر قىرقىرىشى مىڭسىگە سانجىلىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنى شۇ دەقىقىدە بەكمۇ يەككە-يىگانە ھېس قىلدى.خۇددى يەر شارىدا يالغۇز قالغاندەك يىتىمسىرىدى. دىمىسىمۇ،بېرىپ بىر قونۇپ كېلەي دىگۈدەك بىرەر يېقىن ئادىمى يوق ئىدى.ئەمدى ئېرىمۇ ئۇنى تاشلاپ كەتكەندى.ئۇ بىر تاشلانغۇچى ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى.ئۇ بۇ دۇنيادا بەكمۇ يىگانە ئىنسان ئىدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ يىغلاڭغۇ بالىسىدىن بۆلەك ھېچنىمىسى يوق ئىدى.ئەگەر بالىسىمۇ بولمىغان بولسا ئۇ قانچىلىك بىچارە بولۇپ قالاتتى -ھە!ئۇ يەنە ئۆزىگە بالا بەرگەن ئىگىسىگە چىن دىلىدىن رەھمەت ئېيىتتى.
% S% W# k; L* W( O
8 B" Z; p2 \, @- i4 c! ?' P8 v يىتىلگەن ئەرنىڭ ئاۋازىدەك بوم يىغا ئاۋازى ئۆينى بىر ئالاتتى. ئانا بالىنى يەنە بۆشۈككە سېلىپ،مەجبۇرىي تاڭدى.بۆشۈكنى كۈچلۈك تەرۋىتىپ ئاللەي ئېيتاتتى.بۆشۈك دەستىسىگە ئېسىلغان كولدۇرمىلار تىنىمسىز جىرىڭلايتتى.ئەمما بالا ئوخشاشلا يىغلايتتى...3 U: a W" m i' a
9 f+ X& q1 }) {5 j( v" T- }1 h
يىراق بىر يەردىن بىر خورازنىڭ چىللىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.ئارقىدىن مەزىننىڭ ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى.تاڭ ئاتقاندى.شۇ دەقىقىدە بالا تۇيۇقسىز يىغىدىن توختىدى. بالا تولۇق بىر كېچە يىغلاپ چىققاندى، دەرىزىدىن ئاي نۇرى ئاجىزلاپ قالغاندەك كۆرىنەتتى.ئانا بىردىنلا شۈكلەپ قالغان بالىسىنىڭ چىرايغا ئىشەنمىگەندەك قاراپ تۇرۇپ كەتتى.بالا بىر نەچچىنى ئىسەدىۋىتىپ، ئۈستىگە قاراپ بىر خىلدا يىنىك تىن ئېلىپ ياتاتتى. ياش يۇقى يوغان كۆزلىرى چىراق يورۇقىدا پارقىراپ كۆرىنەتتى.بالا بىر نەرسىنىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلىماقچى بولغاندەك جىمجىت ياتاتتى. ئانا ينىك بىر تىن ئالدى.مۇشۇنداق بىر ئارام ئېلىشش پۇرسىتىگە تەشنا بولغان ئانا دەرھال كىچىك ئەدىيال بىلەن بۆشۈكنى ياپتى.ئاندىن كىيىملىرىنى تولۇق كېيىپ، ياغاچ سۇپىدىن پەسكە ئاۋايلاپ چۈشتى.سىرىتنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ،ھويلىغا چىقتى ۋە تۇربىدىن چۆگۈنگە سۇ چۈشۈردى. ئەتىگەنلىك ئىبادىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان بالىسىدىن سۆيۈنگەچ يوتقانغا كىردى. يوتقاننى پۈركۈنۈپ راھەتتە يېتىۋالدى.بېشى ياستۇققا تىگىش بىلەنلا شىرىن ئۇيقۇغا غەرىق بولدى...
! v. r) W- _% K) s/ _8 T n+ P! S! X9 m
ئۇ ئۇخلا-ئۇخلىمايلا چۈش كۆردى.چۈشىدە ئېرى ئۇنى باشلاپ بىر كەڭ كەتكەن ئېتىزلارنىڭ بېشىدىكى دۆڭگە باشلاپ چىقىپ:«كۆردۈڭمۇ،بۇ بىزنىڭ يەرلىرىمىز،كەلگۈسىدە مەن جىق يەر ئاچىمەن،قۇدۇق قازىمەن.بۇ يەرنىڭ ھەممىسىگە بۇغداي تېرىيمەن...»دېدى.ئۇ ئېرىدىن«نىمانداق ئىز –دىرەكسز يوقاپ كېتىسىز؟»دەپ سوراشقا پۇرسەت تاپالمىدى.سورايمەن دەپ شۇنچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، سوراشقا پۇرسەت بولمىدى.ئېرى ئۇنىڭغا بىر نىمىلەرنى ئىشارە قىلىغاندەك قىلىپلا يوقاپ كەتتى.ئۇ ئېرىنى چاقىردى: «مەمەت!مەمەت!» ...
: ~# N4 q* u* S. [ m" p. h8 m* Y! Q7 c; l3 N( J
ئۇ چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتى.چۈشى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ «ئۇھ...» دېدى. يۈرىكى دۈكۈلدەك سوقاتتى.ئۇ زىيادە چارچاپ كەتكەندى.ئۇ رېتىملىق پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان بالىسىنىڭ يىغلىمايۋاتقانلقىغا ھازىرغىچە ئىشەنمەيۋاتقاندەك بۆشۈككە گۇمان بىلەن قاراپ قويدى.بالا ئوبدانلا ئۇخلاپ كەتكەندى.
- Y# x( g0 d, `- ~; y7 _0 t! l& g2 [4 O
ئۇ ئېرىنىڭ چوقۇم قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا قەتئى ئىشىنەتتى.ئېرى ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ئەر ئەمەس ئىدى.ئېرى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغان ئىش بولسىمۇ ئۇ يەنىلا كۈتەلەيدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنەتتى.باشقىلارنىڭمۇ ئىشىنىشىنى ئۈمد قىلاتتى. ئەنە،ئەنە...ئېرى ئۆي تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ كەلمەكتە ئىدى...ئايرۇپىلاندىن پەسىرەك،قۇشلاردىن ئېگىزرەك ئۇچاتتى.ئۇ ئۆينىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئېرى شاپپىدە پەسلەپ، دەرۋازىنىڭ ئالدىغا يىنىكلا چۈشتى-دە،ئۇزۇن بىلەكلىرى بىلەن ئانا –بالا ئىككەيلەننى مەھكەم قۇچاقلىدى...
1 s7 w/ s. P2 V1 z/ X" z2 C+ M" l7 k: I o# B8 a; J2 @
ياش ئانا يوتقاننى تېخىمۇ مەھكەم قۇچاقلىغان پېتى شىرىن ئۇيقۇغا غەرىق بولدى...
8 f- N/ g' Q4 ?* O$ ^
; h7 K+ {' ~5 K(تۈگىدى)) I- i" N$ {( Y, E* i
( w2 I- T% \9 g3 m0 y) ]+ ~مەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى |
 مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[ 教程]
|