سەزگۈرلۈك−كەم بولسابولمايدىغان «قورال» $ }% z6 Z9 E T, z
4 R+ @$ V- Y/ Q! ]$ C
/ T" ?+ ^+ J' j6 z1 }شىر ئاغرىپ قېلىپ ئۆڭكۈردە نالە قىلىپتۇ. ئەتراپتىكى ھايۋانلار ئۇنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ، ئارقا - ئارقىدىن ئۆڭكۈرگە كېلىپ ئۇنى يوقلاپتۇ. تۈلكە ئۆڭكۈر ئاغزىغا كېلىپ شىرنىڭ نالىسىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئىچ ئاغرىتىپتۇ. ئۇ ئۆڭكۈرگە كىرمەكچى بولۇپتۇ-يۇ تۇيۇقسىز قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپتۇ ھەم ئۆڭكۈرگە كىرىپ بولغان ئالدى پۇتىنى تارتىۋېلىپ ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن شىر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي:
7 B' P" d0 K8 a7 d− ھەي تۈلكە، كەلگەنكەنسەن نېمىشقا كىرمەيسەن؟ − دەپ سوراپتۇ.
) x3 \/ R7 a6 [$ K6 s/ z! Q− مەن ئۆڭكۈرگە كىرگەن ھايۋانلارنىڭ ئىزىنىلا كۆردۈم، ئەمما، چىققان ئىزىنى كۆرمىدىم. شۇڭا كىرىشكە پېتىنالمايۋاتىمەن، − دەپتۇ تۈلكە.# o/ j2 n7 t0 L8 C
تۈلكىدىكى سەزگۈرلۈكنى ئۆزىمىزگە تەتبىقلىساق تاسادىپىي زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنالايمىز. سەزگۈرلۈك - كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئېھتىياتچانلىقنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىدە نامايان بولۇشى. سەزگۈرلۈك مەنىۋىيەتتىكى كۆرۈنمەس قورال سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، كىشىلەرنى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، خىزمەتتىكى ئوڭۇشسىزلىق، خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان قىلىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەت تولىمۇ مۇرەككەپلىشىپ، ئىشەنچ سۇسلىشىپ، پۇرسەتپەرەسلىك ئەۋج ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە مەيلى سىز قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىڭ، سەزگۈرلۈكنى ھامان ئۆزىڭىزگە ھەمراھ ھەم قورال قىلىڭ. ئۇ كىشىدىكى ئىنچىكىلىك ۋە ئېھتىياتچانلىقنىڭ يارقىن بەلگىسى. لېكىن، سەزگۈرلۈك ئۆزىدە تەييارلاپ، خالىغاندا ئېلىۋالىدىغان، خالىغاندا ئىشلىتىدىغان ماددىي نەرسە ياكى ھەممە كىشىدە ئوخشاش بولۇۋېرىدىغان ئۇنىۋېرسال مىجەز - خاراكتېر ئەمەس. ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆزىڭىزدە يېتىلدۈرۈشىڭىز، ۋۇجۇدىڭىزدا يىلتىز تارتقۇزۇشىڭىز لازىم. ئالدىراقسانلىق، تەنتەكلىكتىن خالىي بولۇشقا تىرىشىپ، ئېغىر-بېسىق بولۇشىڭىز، ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى تولۇق ئۇقماي تۇرۇپ ياكى باشقىلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى، ھۆل خىشقا دەسسىتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلمەي تۇرۇپلا چالۋاقاشتىن ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك.
5 o3 g. p+ b: C/ I$ j/ M7 B/ x' Mشۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سەزگۈرلۈك كۈندىلىك تۇرمۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە خىزمەتتە كەم بولسا بولمايدىغان «قورال»دۇر.
4 p7 y1 z7 [' jمەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |