- تۆھپە
- 1604
- تىللا
- 1201
- قىزغىنلىق
- 2609
- توردا
- 114 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-23
- تىزىملاتقان
- 2011-9-24
- ئالبوم
- 2
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- دوست
- 9
- يازما
- 475
- تېما
- 446
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 8513
- نادىر
- 3
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 5
 
- تۆھپە
- 1604
- تىللا
- 1201
- قىزغىنلىق
- 2609
- تېما
- 446
- يازما
- 475
|
ئۇيغۇر ئۇسسۇلى
+ r# C: R: K6 n0 U: t
# P+ [, {. l; ` x, e
0 P. ^/ g9 d" \( |. T1 q; P3 wخەلق ئۇسسۇلى – ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتى، ئۇزۇن تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە، قەدىمىي ئۇيغۇر خەلقى، كۆپ ھاللاردا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق مەنزىرىسى ۋە مول- ھوسۇل شاتلىقىدىكى ھېسسىياتنى ئىپادىلەيتتى. بىز «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى قەدىمىي «ئوۋ ناخشىسى» دىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ، گۈلخان يېقىپ، ناخشا توۋلاپ، ئۇسسۇل ئوينىغانلىق مەنزىرىسىنى كۆرىمىز.
: I9 d- z. _% |1 i9 I2 I2 Z2 f ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئۇسسۇلى – ئۆزلىرىنىڭ خەلق ئۇسسۇلىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش بىلەنلا قالماي، يەنە تېخى شەرق-غەربتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇسسۇل جەۋھەرلىرىنى كەڭ تۈردە قوبۇل قىلدى. بولۇپمۇ قەدىمىي كۈسەن ۋە سۇلى (قەشقەر)، ئىدىقۇت ئۇسسۇللىرىغا مەخسۇس ۋارىسلىق قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا كەڭ تارقالغان «غۇزقويۇن ئۇسسۇلى»، «غۇز (ئۇيغۇر) سەكرىمە ئۇسسۇلى»، «شاش ئۇسسۇلى» «تىلەك ئۇسسۇلى»، «رەيھان ئۇسسۇلى» قاتارلىقلار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىنى بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. ! T+ @; [) D0 d& c" }0 p9 b1 v
خەلق ئۇسسۇللىرىدا باش ۋە قولنىڭ بېغىش ھەرىكىتى كۆپ بولىدۇ. بويۇن، باش ھەرىكەتلىرى ۋە قول بېغىشلىرىنىڭ ئۆزگىرىشچان ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرەڭگۈ – مەردانە، تىك ھالىتى ھەمدە ئەپلىك كۆز ھەرىكىتىنىڭ ماسلىشىشى ئۇسۇلىنىڭ تۈسىنى ئۆزگىچە قىلىدۇ. بويۇننى ھەرىكەتلەندۈرۈش، پىقىراش – ئۇيغۇر خەلق ئۇسسۇلىدىكى ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى. $ K: o) E3 P0 c6 A$ Z( I
- q2 I2 J- J& c
ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتىن، ناخشا ئۇسسۇل ۋە مۇزىكىلىق ئۇسسۇلىغا ئايرىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى خەلق ئۇسسۇللىرى ئىچىدە «سەنەم» ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان ئەل ئىچى ئۇسسۇللىرىنىڭ بىرى. ئۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى شەھەر، بازار، يېزا، كەنتلەرگىچە تارقىلىپ، كەڭ ئۇيغۇرلار ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە. بۇ ئۇسسۇل ئىنتايىن ئەركىن، جانلىق، مۇقىم بېكىتىلگەن تەلەپ بولمايدۇ، ئۇسۇلچى شاتلىق ئىچىدە ئوينىيالايدۇ. بىر ئادەم تەنھا ئوينىسىمۇ، ئىككى ئادەم ئوينىسىمۇ، ئۈچ، تۆت، بەش ئادەم ئوينىسىمۇ ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشى بىللە ئوينىسا بولىۋېرىدۇ. ئۇسسۇل ھەرىكىتى لىرىكىلىق، گۈزەل، جىلۋىلىك ھەرىكىتى كۆپ بولىدۇ. ھېيت، بايرام، توي-تۆكۈن كۈنلىرى ۋە ئەل-ئاغىنىلىرى جەم بولغاندا، ئۇيغۇرلار «شادىيانە» (ئۇيغۇرچە مەنىسى «شاتلىق») ئۇسسۇلىنى ئوينايدۇ، بۇمۇ ئۇيغۇرلار ئاممىسى ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئەل ئىچى كوللېكتىپ ئۇسسۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇسسۇلچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ، ئاساسىي قەدەمدە يېنىك تاقلاش ئاساس قىلىنىپ، ئىككى قول كۆتۈرۈلۈپ، قول ئالقىنى ئىچكىرى-تاشقىرى تىز سۈرئەتتە ھەرىكەتلىنىدۇ. كىشىگە بىر تۈرلۈك شاتلىق، كۆڭۈللۈك ھېسسىيات بېغىشلايدۇ. بۇ، ئۇسسۇل ئەل ئىچىدە ناھايىتىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان. ھەرقانداق ھېيت، ئايەم، داغدۇغىلىق يېغىلىشلاردا ئۇيغۇلار سۇناي، ناغرىنىڭ رېتىملىق ئاۋازى ئىچىدە بۇ شاتلىق ئىچىدىكى سىلىق ئۇسسۇلى بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزلىىنىڭ خوشاللىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. يەكەن دەرياسى بويىدىكى مەكىت، مارالبېشى (بارچۇق)، يەكەن، ئاۋات قاتارلىق جايلاردا يەنە تېخى يەرلىك تۈسكە ئىگە «دولان ئۇسسۇلى» نى ئۇيۇشتۇرىدۇ، بۇنىڭغا مۇزىكا ماسلىشىپ، «دولان سەنىمى»، «دولان مۇقامى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسسۇل ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى يايلاقلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلغان تۇرمۇشىنىڭ قويۇق ھىددىنى، ئوۋچىلىق قىلغاندىكى ۋە ئۇرۇشتىكى ئىزنالىرىنى ئەسلەتكەچ، ئۇيغۇر ئەمگەكچى خەلقنىڭ باتۇر ئۇرۇشقا ماھىر خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۇسسۇل ھەرىكىتى جۇشقۇن، ناخشا ئاھاڭى سەمىمىي، ئۇسسۇل يىغىلىشى كۆپ ھاللاردا تاڭغا يېقىن داۋاملىشىپ، كىشىلەر ئېچىلىپ-يېيىلىپ تارقايدۇ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا يەنە تېخى ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە. «نازىركۇم» ئۇسسۇلىمۇ بار. بۇ ئۇسسۇل ئەمگەك، تۇرمۇش ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە تەقلىد قىلىنىپ شەكىل جەھەتتە جانلىق، ئەركىن، ئىپادىلىنىشى يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق كۆپ ھاللاردا ئەرلەرلا ئورۇنلايدۇ، ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئوينىلىدۇ.
0 v4 t6 ?9 V' B9 A& Lئۇندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەل ئىچى ئۇسسۇللىرى ئىچىدە يەنە جابدۇقلۇق ئوينىلىدىغان ئەل ئىچى ئۇسسۇللىرىمۇ بار. مەسىلەن: تەخسە ئۇسسۇلى، ساپاي ئۇسسۇلى، داپ ئۇسسۇلى، ساماۋۋەر ئۇسسۇلى، تاش ئېتىش ئۇسسۇلى، ئوق ئۇسسۇلى، توخۇ ئۇسسۇلى قاتارلىقلار، ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى جابدۇقلارنى گۈزەل ئۇسسۇل ھەرىكىتىگە جېپسىلاشتۇرۇپ، ئۇلاردىن قۇلاققا ياقىدىغان سادا چىقىرىپ، سەنئەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇش. ( B* g/ O; N' r
1949-يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتى تولۇق تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشىگە ئېرىشىپ، مەخسۇس كەسپىي ئۇسسۇل ئۆمىكى قۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە تېخى ئۇسسۇل خادىملىرىنى تەربىيىلەش مەكتەپلىرىمۇ قۇرۇلدى./ y; c; [; ?+ z+ c
مەنبەسى:جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ تارماق تورى |
 مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[ 教程]
|