ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2366|ئىنكاس: 1

سېرىق قەشقەر يېڭى شېنجېن بولۇپ قالارمۇ ؟mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

36

تېما

64

يازما

1723

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
517 سەر
تۆھپە
458 سەر
تىللا
168 دانە
جەۋھەر
0 دانە
يانفۇن
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىسىدە جۇڭگو قەشقەرنى يېڭى شېنجېن قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى ، دېيىلدى

0 P0 |0 g$ p2 @: z; C7 {9 _/ n0 k! j& M$ W
جۇڭگونىڭ چېگرا رايونىدىكى قەشقەر يېپەك يولىدىكى بوستانلىقلارنىڭ بىرى. قەشقەر جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدىكى شەھەر بولۇپ، ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ. بېيجىڭدىن قەشقەرگە ئايروپىلاندا ئالتە سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا بارغىلى بولىدۇ. 2008 – يىلى قەشقەر ئاھالىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى تەخمىنەن 1000 دوللار بولغان، بۇ، جۇڭگودىكى نامراتراق رايونلارنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن. شياڭگاڭ جۇڭگو تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو مەسىلىلىرى تەھلىلچىسى ۋىللى رام: جۇغراپىيەلىك ئورۇندىن ئېيتقاندا، مۇھىتى ناچار تەكلىماكان قۇملۇقى قەشقەرنى جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدىن ئايرىۋەتكەن، ‹‹ئېنىقكى، قەشقەر مەركەز ئەمەس››، دېدى
. t7 @& J$ T( ~2 q) v; `3 L    لېكىن، جۇڭگونىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئېيتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قەشقەردىن ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا بېرىش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىن شەرقىي دېڭىز قىرغىغا بېرىش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت بىلەن ئوخشاش. شۇڭا، بېيجىڭنىڭ پىلانى ئەمەلىيلەشسە، قەشقەر كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ ‹‹لوس – ئانژېلىس››ىغا ئايلىنىپ، غەربىي قىسىم چېگرا رايوندىكى كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون ئىقتىسادىي مەركىزى بولۇپ قالىدۇ. ھازىر بېيجىڭ قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ رايونغا پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلدى ۋە زور بايلىق ئاجراتتى.
. c& r6 {: g3 ?" ~1 S9 s    بېيجىڭ قەشقەرنى باشقىچە تۈسكە كىرگۈزۈشكە ئىنتىلىۋاتىدۇ. ئەڭ روشەن ئالامەت شۇكى، ھۆكۈمەت بۇ يىل 5 – ئايدا بۇ رايوننى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قىلدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي رايوننى راۋاجلاندۇرۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور چېن ياۋ: بېيجىڭ قەشقەرنى ‹‹جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئېكسپورت بازىرى، شۇنداقلا چەت ئەل بازارلىرىنى كېڭەيتىدىغان كۆزنەك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ››،دېدى. قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ سۈن يېقىندا: ‹‹ بىز قەشقەرنى دۇنياۋى خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەر قىلىپ قۇرىمىز››،دېدى.   / p7 s, e* |3 N$ {. ?1 Y. y
    جۇڭگونىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى شېنجېن قەشقەر تەقلىد قىلىدىغان ئۈلگە. مەركىزىي ھۆكۈمەت شېنجېننىڭ قەشقەرگە ئۈلگە بولۇپلا قالماستىن، يېتەكچى بولۇشىنىمۇ ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. پىروفېسسور چېن ياۋ:‹‹ شېنجېن سېلىنما ۋە ماددىي ياردەم بېرىپلا قالماستىن، ئالاھىدە رايوننى باشقۇرۇش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، شۇنداقلا ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش تەجرىبىسىنىمۇ ئۆگىتىشى كېرەك››، دېدى. بۇ شەھەردىكى ئىشلارنى خەۋەر قىلىدىغان گېزىتلەردىكى ماقالىلەردە ‹‹شەرقتە شېنجېن، غەربتە قەشقەر بار›› دېگەن ھۆكۈمەت شوئارى تىلغا ئېلىندى. فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتى رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى جاۋ خۇاشېڭ:‹‹ ئۆتكەن ئون يىلدا قەشقەرنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى. مېنىڭچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلدا تېخىمۇ تېز بولىدۇ››، دېدى.
( a1 c4 T9 o7 D1 ]- c, d5 u. E# I    قەشقەر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ زور ئېتىبارى ۋە مالىيە كۈچى مەدىتىگە ئېرىشتى. بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت يېتەكچىلىكىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىمسىز رايونغا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىلگىرىكىدەكلا ئىشىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنىڭ 30 نەچچە يىل يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىنمۇ، يەنىلا چوڭ شەھەر بەرپا قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. ھازىرغىچە، بارلىق ئىشلار جايىدا كېتىۋاتىدۇ. ھېچبولمىغاندا، قەشقەرنى ئىقتىساد جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، دېيىشكە بولىدۇ.  6 d! @9 G) e1 C$ K% ^  n
    لېكىن، قەشقەرنى شېنجېندەك تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ، دەپ كەسكىن ئېيتىشقا بولمايدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەت قەشقەرگە زور مەبلەغ ئاجراتقان بولسىمۇ، غەربىي قىسىم چېگرا رايوندىكى بۇ شەھەرنىڭ مۇھىملىقى 30 يىل ئىلگىرىكى شېنجېننىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى شېنجېن جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم چېگرا سىرتى سېلىنمىسىغا، بولۇپمۇ شياڭگاڭنىڭ سېلىنمىسىغا ئېرىشتى. ۋەھالەنكى، قەشقەرگە سېلىنىدىغان تاشقى مەبلەغ بەكلا ئاز. بۇنىڭدىن باشقا، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقىمۇ قەشقەرنىڭ تاشقى سودىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا بەك نامرات بولغاچقا، جۇڭگو تاۋارلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ مۇھىم بازىرى بولالمايدۇ./ j# y) b: f* D0 Q' W3 Z
    كىشىگە بېرىدىغان تەسىر شۇكى، قەشقەر شېنجېندىن نەچچە ئون يىل ئارقىدا قالدى. لېكىن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىكى شېنجېن ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭدىن نەچچە ئون يىل ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، تېزدىن يېتىشىۋالغانىدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت يېتەكچىلىكىدىكى تەرەققىيات ئەندىزىسى يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، قەشقەر ناھايىتى تېزلا گۈللەپ راۋاجلانغان سودا مەركىزىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. $ b3 _$ t, b6 s
/ T7 x- O/ s0 |& ^; z, W9 T
مەنبە:بايلىق مۇنبىرى

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

4

يازما

46

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
10 سەر
تۆھپە
4 سەر
تىللا
18 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-12-4 12:30:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخمۇ تىرىشىڭ!  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗