ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2205|ئىنكاس: 1

سېرىق Windows 8 Beta نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

332

تېما

814

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7618 سەر
تۆھپە
4879 سەر
تىللا
2969 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

QQ
مائارىپ
180929i76dx6zh2z887u22.jpg

2 `7 w( `; x+ k: ?' ^  |! T' C1 h  |- K2 L: B+ k9 M0 t
& A4 ?/ i4 Q1 x' J6 y+ z( k" K5 a
ئىلگىرى بىز خەۋەر قىلغىنىمىزدەك، مىكروسوفت شىركىتى Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى)نى Beta نىڭ يەنە بىر نامى قىلغان بولۇپ، 2-ئاينىڭ 29-كۈنى (ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 8:00 دىن كېيىن) پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئىستېمالچىلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن رەسمىي جاكارلايدۇ. مىكروسوفت يەنە Windows 8 Consumer Preview دىن باشقا يەنە Windows Server 8 Beta، Visual Studio 11، NET framework 4.5 ۋە كوللېكتىپ يۇمشاق دېتال ئېچىشنى باشقۇرۇش مەھسۇلاتى Visual Studio 11 Team Foundation Serverنى ئېلان قىلماقچى، ئۇلار Windows 8 بىلەن زىچ بىرىكەلەيدىغان بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىللىق يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغا، ھەتتا دۇنيا يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۇ قېتىملىق كاتتا تارقىتىش مۇراسىمىنى (يېڭىدىن قۇشۇلغان 14 تىل يەنى ئۇيغۇرچىنىمۇ ئۆز ئالغان) بارلىق ئىستىمالچىلار ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە…
$ `! _" Z% B# v; c, P' tئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلىنىڭ تەرجىمىسى تېخى ئۇيغۇر تىلىدىن كېيىن تەستىقلانغان، نوپۇز جەھەتتە ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە قالدى، ئەنگلىيە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ كەينىدە تىزىلدى دېگەن گەپ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تېز بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. ئەنگلىيە چىقىپ ئوقۇۋاتقانلار ھازىر سەل پۇشايمان قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىپ قويامسىزيە؟ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تەرجىمە سۈرئىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركلەرنىڭ تەرجىمىسىگە قاراپ باقايلى دېمەڭ ئەمدى. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، نەق گەپنى دەيلى.
% b* g6 b2 L  V; f0 Uئۇنداقتا Windows 8 قاچىلاشقا تەييارلىنىپ بولدىڭىزمۇ؟ تەييارلىق خىزمەت مانا:
4 H: @2 N" {8 }& r7 p0 |; W( [8 hبىرىنچى: مىكروسوفت ئورگان تور بېكىتىدىن ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇيغۇرسوفت شىركىتى Windows 8 نى سىنايدىغان شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم شىركەت بولۇپ كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرسوفت سىناش دوكلاتى تەييارلاشقا مەسئۇل بولىدۇ، پات يېقىندا (تەخمىنەن 2-3 ھەپتىدىن كېيىن) يەنە مەخسۇس DVD دىسكىسىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالماقچى، ئۇيغۇرسوفتنىڭ يەنە تەشەببۇسى ۋە تەۋسىيە قىلىشى بىلەن مىكروسوفت شىركىتى دىيارىمىزدىكى باشقا نوپۇزلۇق ئورگانلارغا (ئالىي مەكتەپ، تىل-يېزىق كومىتېتى،…) ۋە بىر قىسىم شەخسلەرگە پوچتا ئارقىلىق DVD دىسكىسىنىمۇ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بۇلار ئاساسەن كومپيۇتېر، تىل-يېزىق، ئاخبارات (رادىيو-تېلېۋىزىيە)، نەشرىيات ساھەسىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى ئېلىنىدۇ. بۇ خاتا كېلىپ قاپتۇ دەپ تاشلىۋېتىپ قالماڭ، ئىچىدە Windows 8 Beta بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، كەلگۈسى 15-20 كۈن ئىچىدە ئىدارىڭىزگە خەت-چەك ياكى پوسولكا كەلسە دىققەت قىلارسىز-ھە؟
, V. b& [3 ]  x' Zئىككىنچى: 8GB لىق بارماق دىسكىدىن ئىككىنى تەييارلاڭ.
& S# B/ D2 s& W3 i" S. _ئۇيغۇرسوفت ماركىلىق بارماق دىسكىڭىز بارمۇ يېنىڭىزدا؟ ھازىرچە Windows 8 Beta نى بارماق دىسكىغا قاچىلىمايسىز، ئەكسىچە UltraISO دېتالىدىن پايدىلىنىپ، ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى بارماق دىسكىغا يېيىپ، بارماق دىسكىدىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا قاچىلايسىز. قارىغاندا بۇ قېتىم ئوپتىك دىسكىنىڭ ئانچە رولى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي ئوپتىك دىسكىلاردىن خۇددىي يۇمشاق دىسكا بىلەن خۇشلاشقاندەك ئايرىلىدىغان ئوخشايمىز. لېكىن بىر نەچچىنى ساقلاپ قويۇڭ، 20-30 يىلدىن كېيىن موزېيخانىلارغا سېتىپ، باي بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، مەن 93-يىلى 2 يۈەنگە سېتىۋالغان بىر يۇمشاق دىسكىنى بىرسى 100 يۈەن بېرەي دىگەن ئىدى، مەن ساتمىدىم.& Y: x$ K" z( }6 w' B- H! W
ئۈچىنچى: ئەڭ ياخشىسى ئىككى كومپيۇتېر ياكى خاتىرە كومپيۇتېر تەييارلاڭ./ K4 Y; G  r; b4 b1 ]
ناۋادا، شارائىتىڭىز يار بەرسە ئىككى كومپيۇتېر تەييارلاڭ، ئۇنداق بولمىسا، مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالىنى قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، نوچىسى مانا (www.virtualbox.org) بۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىرسىدە تورغا چىقىپ، ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى بارماق دىسكىغا ئويىسىز. توردىن ياردەم تەلەپ قىلىسىز، مەسىلەن: ئالىم ئەھەت بىلوگى، بىلىك،…دېگەندەك. يەنە بىر كومپيۇتېرغا Windows 8 Beta نى رەسمىي قاچىلايسىز. بۇ نۇسخىسى ئالدىنقى يىلى 9-ئايدا تارقىتىلغان ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش نەشرىدىن زور پەرقلىنىدۇ. رەسمىي نۇسخىسىدەك ئىشلەيدۇ، پەقەت ۋاقىت چەكلىمىسى بار. ناۋادا، Bug تېپىلمىسا رەسمىي نەشىرىنى سېتىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ جۇمۇ. ناۋادا، ئۇلارمۇ ئۇيغۇر تىلىغا كۆڭۈل بۆلدى دەپ، قوللاپ رەسمىي نۇسخىسىنى سېتىۋالىمەن دېسىڭىز، 3-ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 100 يۈەن يىغىپ قويۇڭ، پەقەت 15 كۈندە بىر قېتىم يەيدىغان چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورمىسىدىن ياكى بىر قېتىملىق رېستۇران ئايرىمخانا زىياپىتىدىن ۋاز كەچسىڭىز، 6 ئايدىن كېيىن 600 يۈەن يىغالايسىز، رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىنسا، بەلكىم يەنە 100-200 يۈەن ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئېشىپ قالسا، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى سېتىۋالسىڭىزمۇ ياق دېمەيمەن، چۈنكى Windows 8 رەسمىي نۇسخىسىنى مەندىن سېتىۋالسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى يېرىم باھادا بېرىمەن، بەلكىم بىر نەچچە كۈن بەزى دېتاللارنى پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. ۋاقتىدا كەلگەندە، ئۇيغۇرسوفتنىڭ قىزىلبايراق يولى 4-قەۋەتتىكى سېتىش ئورنىغا قەدەم تەشرىپ قىلارسىز.7 Y4 I1 G' `* ~6 X4 {9 f& F
تۆتىنچى: يوق، تامام
' x1 Z. }. w# J9 b( s6 yباشقىلار:
' }. ?4 r8 m4 K1 ?' wبۇ قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك جايلاردا خېلە چوڭ ئۆزگىرىش بار، بەزى يەرلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بۇنى ھازىر دېيىشكە بولمايدۇ، كىنونىڭ ئاخىرىنى دەپ بەرسە كۆرگۈسى كەلمىگەندەك، ئۇنى سىناشقا قىزىقماي قالىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا سىستېما خەت نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر تولۇق قوشۇلغان، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرچىنى بىمالال، راۋان كۆرەلەيسىز. لېكىن ئەلكاتىپنىڭ بەزى خەت نۇسخىلىرى سىزگە لازىم بولىدۇ. سىستېما يادروسىغا قوشۇلغان سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر ئەرەبچىگىمۇ بەك مايىل ئەمەس، ئەمما، كۆزىڭىزگە سەل سىغماي قالسا، بىر نەچچە ئاي ئىشلەتسىڭىز، پات-پات قاراپ تۇرسىڭىز كۆنۈپ قالىسىز، بەلكىم بۇنىڭدەك ئوچۇق كۆرۈنىدىغان خەت نۇسخىسىنى بىر نەچچە يىلغىچە تاپالمايسىز، تور بېكەتلىرىڭىزنىڭ سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسىنى تەڭشىگەچ تۇرۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Microsoft Uighur دا چوڭ ئۆزگىرىش يوق، ئۇ يەنىلا كىچىك، گەرچە ALKATIP Tor يەتمىسىمۇ (ئېلان قوشتۇم)، لېكىن بېسىپ كۆرگەندە خېلە بولىدۇ. ئۇنى ئۆزگەرتكىن دەپ مۆمىن ساقالنى تار يەردە قىستىماي، باشقا نامدا، باشقا ئۇستىخاندا ئايرىم خەت نۇسخىسى ياساپ بەرسەڭ نەچچە پۇل ئالىسەن دېسەڭلار بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاي ناملىرىدا سۈكۈتتىكى ھالەتتە يانۋار، فېۋرال،….دەپ چىقىدۇ. كىرگۈزگۈچنىڭ نامى ئۇيغۇرچە بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان. لېكىن، ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىشتا سەل ئەندىشەم بار. باشقىلىرىنى ئۆزەڭلار سىناپ تېپىڭلار، قېنى كىم يامان؟ ئۆز ۋاقتىدا Windows Vista Beta ئابدۇرېشىت ئېلى(raxit1973) ئەلكاتىپ بىلەن ماسلاشمايدىكەن دەپ ماڭا چوڭ خاتالىقنى مەلۇم قىلغان. مەن كەسپىي ئۇسۇلدا كودىنىڭ خاتالىقىنى دەلىللىگەن. ناۋادا، چوڭ خاتالىق تاپالىسىڭلار، ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلامدۇ-تېخى؟ (چاقچاق)7 \# B6 X% i$ i1 E; |
سىناش دوكلاتىنى ئايرىم ئەۋەتىمەن دېسەڭلارمۇ مەيلى، لېكىن ئالدىدىن دەپ قوياي، QQ ئىشلىمەيدىكەن، 360 ۋىرۇسخۇر قاچىلانمىدى، Photoshop قاچىلانمىدى، بەزى ئويۇنلارنى قاچىلىيالمىدىم، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن دەپ يوللاپ يۈرمەڭلار، ساۋاتسىزلىقنى چاندۇرۇپ. ئۇ مىكروسوفتنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى شۇ قوللانما دېتاللارنى ياساۋاتقانلارنىڭ ئىشى، رەسمىي نۇسخىسى چىقىپ بولغۇچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېتاللىرىنى ماسلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ بولىدۇ، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىمۇ ھەم شۇنداق. خاتىرجەم بولۇڭلار.
- X: x$ o% h$ M. J# I2 Eدىيارىمىزدىكى مەلۇم بىر مۇنبەرگە جەم بولۇپ، سىناشقا ئائىت ئىشلارنى شۇ يەردە دېيىشسەكمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە مىكروسوفت ئورگان تور بېكىتىدە يەنە مەخسۇس پىكىر بېرىمىز. ئالىم مۇئەللىم داۋاملىق بېيجىڭغا بېرىپ ئۇلارغا ئۆز قولى بىلەن سىناش دوكلاتى تاپشۇرۇپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ ئەمدى.
1 U* ^' h6 R3 M6 q. \قېنى بىرلىكتە بۇ مەھسۇلاتنى ياخشى سىناپ چىقىپ پىكىر بېرەيلى!
* O/ K9 G6 c2 N4 d) o' g) q
7 ]" |& r6 a* C8 z' M/ Gمەنبە: ئالىم ئەھەت بىلوگى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاشتېشى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-10 15:56  * z$ s2 ?/ b3 `; k- Y' \! K5 _
2 W0 m6 R, f! D* s
ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئۈزىگە ئوخشاش ئىشەك قىلىدۇ

0

تېما

3

يازما

53

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
4 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
41 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-7-22 12:49:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗