ئۇيغۇر
* H- R$ \4 \ v4 ^ شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىسى دىلنار ئابدۇللا 1966 – يىلى 4 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1973 – يىلى 9 – ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. سەنئەتكار ئائىلىسىدە چوڭ بولغان دىلنار ئابدۇللا ، كىچىكىدىنلا سەنئەتكە تولىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ ، شۇ ۋاقىتتىلا سەنئەتكە چوڭقۇر مۇھەببەت ئورناتقان. شۇڭا ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئۆزىدىكى تەبىئى سەنئەت تالانتىبىلەن 1978 – يىلى 9 – ئايدا مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ سەنئەت فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. بۇ چاغدا دىلنار ئەمدىلا 12 ياشتا ئىدى.
) W G: k$ t5 D X
# K* Q$ A+ }7 X& v, s% n; J+ z6 _ دىلنار ئابدۇللا 1982 – يىلى 7 – ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەقسم قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كەسىپكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ، چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئۇلۇغۋار غايىلەربىلەن تىنىمسىز ئىزدىنىپ ، شىنجاڭنىڭ مىللىي سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقاباشلىغان ھەم ھەقىقىي سەنئەتكارغا خاس ئەقىل – پاراسىتى ۋە ئەخلاق – پەزىلىتى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ ، خەلقنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. شۇنداقلائۇ ئۆزىنىڭ شوخ ئۇسۇللىرى ئارقىلىق رەڭدار بەدئىي ئوبرازلانى يارىتىپ ، كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەت ئىچى – سىرتىدا تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ‹‹ ئۇستازغا ›› ، ‹‹ ئاتا ›› قاتارلىق نادىر ناخشىلىرى ئارقىلىق خەلق قەلبىگە زوق بېغىشلىغان .) O7 @8 d8 e/ C+ Y
3 e& s- F f$ @ g- g9 P3 ~: D- X" o- p دىلنار ئابدۇللا ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەمىلىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشىگە تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشقان. 1985 – يىلى ئۇ شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ يالغۇز كىشلىك ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن . شۇ يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ئۇ ئورۇنلىغانيالغۇز كىشلىك ئۇسسۇل ‹‹ مۇز تاغدىكى ئوت ›› 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ 1995 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ ئەمگەك نەمۇنچىسى ›› بولۇپ مۇكاپاتلاندى ھەمدەمەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئەڭ ئالى مۇكاپات ‹‹ مەدەنىيەت جەۋھىرى مۇكاپاتى ›› غا ئېرىشتى . 1997 – يىلى ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارالىق سەنئەتبايرىمىغا قاتنىشىپ، ‹‹ ئەڭ ئالى ئورۇنداش ›› مۇكاپاتىغا ، شۇ يىلى شاڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلگەنچوڭ تىپتىكى ئەدىبىيات – سەنئەت كىچىلىكىگە قاتنىشىپ ، ‹‹ ئالتۇن ›› مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1998 – يىلى ئاۋمېندا ئۆتكۈزۈلگەن 6 – نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ياشناخشىچىلار مۇسابىقىسىدە ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ناخشىچى›› مۇكاپاتىغا نائىل بولغان . يەنەشۇ يىلى 3 – ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ 8 – مارت قىزىل بايراقدارى ›› بولۇپ باھالانغان . 1999 – يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ‹‹ نەمۇنىچى شەخىس ›› بولۇپ مۇكاپاتلانغان. 2001 – يىلى جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ‹‹ تۆھپىكار سەنئەتكار مۇكاپاتى›› غا ئېرىشكەن. 2001 – يىلى 4 – ئايدا چاۋشيەندە ئۆتكۈزۈلگەنچاۋشيەن خەلقئارا سەنئەت بايرىمىدا ئۇ ئورۇنلىغان‹‹ داۋانچىڭ قىزى ›› ناملىق يالغۇزكىشلىك ئۇسسۇل ‹‹ ئالتۇن ›› مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2003 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹شىنجاڭنى ئېچىش ۋە قۇرۇش مۇكاپاتى ››غا ، ‹‹ جۇڭگودىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياشنىڭ بىرى ›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 2004 – يىلى ‹‹ مەملىكەتلىك 1 – ماي ئەمگەك مېدالى ›› غا ئېرىشكەن .
' g) h- H0 N1 Q) D7 k3 w5 _0 U7 |4 B% h
ئۇ ، ئۆزگىچە سەنئەت سېھرىي كۈچى ۋە ئۇسسۇل تەسىرچانلىقى ، شۇنداقلا سەھنىدىكى ئاجايىپ گۈزەل ئورۇنلاش ماھارىتى بىلەن مەركەز تاماشىبىنلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى تىيېيىڭ ، بۇ خې ، ئىسمائىل ئەھمەد ، ئافېي ئاۋاڭجىنمېي ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار ئۇسسۇل كېچىلىكىنى كۆرۈپ ، قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭراتتى ۋە يۇقىرى باھا بەردى." W3 _+ D% H4 r" k
4 H9 u6 E+ ] s# O- L
دىلنار ئابدۇللاھازىر شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتاقلىق ئۇسسۇل سەنئەتكارى ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىنبەھرىمان بولىدىغان خادىمى ، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي مىللەتلەرئۇنىۋېرستېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى ، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئيىتىنىڭ رەئىسى . ئۇ 2002 – يىلى ‹‹ جۈڭگودىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 10 چوڭ ياش ›› نىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلانغان." b2 {2 u$ `" q* M( w ]; g
: F2 ]' N0 R8 R2 d! m
دىلنار ئابدۇللا كەسىپنى قەدىرلەش روھى ۋە ئىگىلمەس ئىرادىسى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان سەھنە ئوبرازىنى، قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، يېڭىچە ، سالاپەتلىك سەنئەت ئۇسلۇبىنى ياراتتى.5 t7 t- e2 `/ R" a. n; H: v
: h" w* g2 O% @مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلىدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |