يانفۇن
پاي چېكى باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار: _& y" W# v: a* Z8 u& Z( ~& H ]# h
پاي چېكى بازىرى يۇقىرى پايدا بىلەن يۇقىرى خەۋپ- خەتەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن يۇقىرى دەرىجىدىكى بازار بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بازارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بىر قەدەر كۆپ ھەم مۇرەككەپ. دۇنيادىكى تۈرلۈك- تۈمەن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە تەبىئىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ پاي چېكى بازىرىغا بولغان تەسىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغانلار پاي چېكى بازىرىدىكى خەۋپ -خەتەرنى ئاسانلىقچە كۆرۈپ يېتەلمەي، پاي چېكى بازىرىدىكى قۇربانلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. پاي چېكى بازىرىغا كىرمەكچى بولغانلار ئالدى بىلەن بۇ بازارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن خەۋەردار بولمىسا بولمايدۇ. شۇڭا، بىز تۆۋەندە پاي چېكى بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قانچە ئامىللار توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.- u7 o, r9 L7 b8 \. V `& K
پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ تەسىرى. پاي چېكىنىڭ بازاردىكى باھاسىنىڭ قانداق بولۇشى كۆپ ھاللاردا پاي چېكىنى بازارغا سالغان شىركەتنىڭ ياراتقان پايدىسى ۋە كەلگۈسىدىكى پايدا يارىتىش ئىقتىدارىغا باغلىق بولىدۇ. پاي چېكىنى بازارغا سالغان شىركەتنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەھۋالى، شىركەتنىڭ بازارغا سالغان مەھسۇلات ماركىسىنىڭ بازاردىكى ئىناۋەت ئوبرازى، مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى، شىركەتنىڭ ياراتقان پايدىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، پايغا پاي تەقسىملاپ بېرىش ياكى پاي سوۋغا قىلىش ئىقتىدارى، مەھسۇلاتلارنىڭ بازارنى قاپلاش دەرىجىسى قاتارلىقلار پاي چېكى باھاسىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. پاي چېكىنى بازارغا سالغان شىركەتنىڭ ساپ مۈلۈك قىممىتىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ بېرىشى پاي چېكى باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۆزى پاي چەكلىرىنى سېتىۋالغان شىركەتلەرنىڭ مۈلۈك قىممىتىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىلگىرى شەكىللىك مۈلۈك پاي چېكى قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئاساسىي ئامىل بولسا، نۆۋەتتە شەكىلسىز مۈلۈكنىڭ پاي چېكى باھاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا. شۇڭا، پاي چېكىنى بازارغا سالغان شىركەتنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكا قاتارلىقلارغا ئىگە بولغان- بولمىغانلىقى ھەم كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات ئەھۋالى مۇمكىنچىلىكىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەنلەر ئۆزى ئويلاپ باقمىغان پايدىغا ئىگە بولىدۇ. پاي چېكىنى بازارغا سالغان شىركەتنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىققا تارتىلىشى، پاي چېكى تارقاتقان شىركەتنىڭ ۋەيران بولۇشى تۈپەيلىدىن پاي چەكلىرىنىڭ قىممىتى زور دەرجىدە چۈشۈپ كېتىدىغان ئىشلار داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. پاي ھەسسىدارلىق ئىشلىرى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرىدا مۇدىرىيەتكە كىرىش ۋە شىركەتنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئاز ساندىكى چوڭ پايچىلار بازاردىن كۆپ مىقداردىكى تارقاق پاي چەكلىرىنى يىغىشقا كىرىشكەن ۋاقىت دەل مەزكۈر شىركەتنىڭ پاي چەكلىرىنىڭ باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
" Z$ `* Q* w8 d) K( l& cپاي چېكى بازىرىدىكى ھايانكەشلەرنىڭ تەسىرى. پاي چېكى ھايانكەشلىرى ئادەتتە ناھايىتى زور مىقداردىكى كاپىتالنى كونترول قىلىۋالىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى پاي چېكى بازىرىدىكى كۆرسەتكۈچلەرگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار پاي چېكى بازارلىرىغا زور مىقداردىكى ھايان پايدىنى كۆزلەپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن خەلقئارا ۋەزىيەت ھەم شۇ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى ياكى شىركەتنىڭ تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە كۆز تىكىپ تۇرىدۇ. دەرۋەقە دوكالار پاي چەكلىرىنى يىغىۋاتقاندا پاي چېكى باھاسى ئۆرلەيدۇ. بازاردىكى دوكالارنىڭ ھەرىكىتى كۆپىنچە ھاللاردا پاي بازارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زور ئىشلار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، يېڭى پايچىلار بۇنى ھېس قىلىپ كېتەلمەيدۇ. دوكالار قولىدىكى پاي چەكلىرىنى تېز سۈرئەتتە سېتىپ چىقىرىۋاتقان ۋاقىتلاردا بولسا، پاي چېكى باھاسى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەيدۇ.& d; o9 G! Z( ]$ E' J; b* ^
دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەسىرى. پاي چېكى بازىرىمۇ خۇددى باشقا بازارلارغا ئوخشاش ئۆزئارا بىرىكىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، دۇنيانىڭ مەلۇم يېرىدىكى پاي چېكى بازىرىدىكى چوڭ ئۆزگىرىش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زەنجىرسىمان تەسىر پەيدا قىلىدۇ. دۇنيانىڭ پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرىدىن بولغان دۆلەتلەردىكى پۇل مۇئامىلە ئۆزگىرىشلىرى دەرھال پاي چېكى بازارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا، ياپونىيە ياكى ياۋروپادىكى گېرمانىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ بازارلىرىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ھەرقايسى جايلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئېلىمىز بىلەن تاشقى سودا ئالاقىسى قويۇق بولغان ئامېرىكا، ياپونىيە، ياۋروپا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئېلىمىز پاي چېكى بازىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئامېرىكىدىن باشلانغان قەرز پۇل كىرىزىسىنىڭ پارتلىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پاي چەك بازارلىرىدىكى كۆرسەتكۈچلەر شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەنلىكى بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى دۇبەي قەرز پۇل كىرىزىسى ۋە گېرىتسىيە قەرز پۇل كىرىزىسى قاتارلىقلارمۇ پاي چېكى بازىرىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ، كىرىزىستىن كېيىن ئۆسۈشكە يۈزلىنىۋاتقان پاي چەك بازىرىنى 2- قېتىملىق چېكىنىشكە دۇچار قىلدى.
7 c0 `% s S* A' t" ^# _دۆلەت سىياسىتىنىڭ تەسىرى. پاي چېكى باھاسى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى، پۇل سىياسىتى، مال باھاسى ھەم خەلقئارا كىرىم- چىقىمدىكى ئۆزگىرىش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مەلۇم دۆلەت ھەم رايوننىڭ ئىقتىسادى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسۈش ھالىتىدە تۇرسا، كىشىلەرنىڭ كىرىمى ۋە ئىستېمال سەۋىيىسى ئۇدا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ تۇرسا، پاي چېكىنى بازارغا سالغان شىركەتلەرنىڭ پايدىسى ئېشىپ، پاي چېكى باھاسىمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆسۈپ تۇرىدۇ.8 D+ Q9 ^1 \7 M0 d9 X* u
تەبىئىي ھادىسىلەرنىڭ تەسىرى. ئۇرۇش، يۇقۇملۇق كېسەل، كۈتۈلمىگەن تەبىئىي ئاپەت قاتارلىقلارمۇ پاي چېكى بازىرىغا غايەت زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەلۇم بىر رايوندىكى تەبىئىي ئاپەتلەر ئەكسىچە ئاشۇ رايون بىلەن ئوخشاش مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان بەزى رايونلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ رايوندىكى پاي ھەسىسىدارلىق شىركەتلىرى تارقاتقان پاي چەكلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەبىئىي ئاپەتلەر ھەم كىلىماتتىكى ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن ھەر خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە خام ئەشيا باھاسىدا زور مىقداردا ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. نەتىجىدە پاي چېكىنى بازارغا سالغان كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارقاتقان پاي چەكلىرىنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. زور تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ئەسلىدە ئىسكىلاتتا بېسلىپ قالغان مەھسۇلاتلار بازارغا كىرىپ، بازارنىڭ كاساتچىلىقى تۈپەيلىدىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان شىركەتلەرنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بازارغا سالغان پاي چەكلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرىدۇ.
9 V' Z% H/ a F4 iدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |