ئەقلىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتىكى رېتسېپلار 7 `# I% a) I' M1 q: z, A
; e/ u U/ r Z3 S0 P0 g" W: E
ئەتىگەنلىك ناشتىنى ياخشى قىلىش چوڭمېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ئەتىگەنلىك ناشتىنى ياخشى قىلىش كېرەك. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە بالىلار ئەتىگەنلىك ناشتىلىقتا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ۋە دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى 70 ياشلىق كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارى بىلەن باراۋەر بولۇپ قالىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئەتىگەنلىك ناشتىدا، ياخشىسى، بەرەنگى ئىستېمال قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. چۈنكى بەرەنگى تەركىبىدىكى ئاقسىل چوڭ مېڭەئېھتىياجلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىكەن.7 d i6 C! a0 J2 \) i2 R( y8 k2 P
مۇزىكا ئاڭلاش مۇزىكا ئاڭلاپ بېرىش ئارقىلىق ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ./ m4 K2 c# [% L# v8 U b
ھاۋالىق مۇھىتتا ھەرىكەت قىلىش ھەرىكەت بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپلا قالماي يەنە مېڭىنىمۇ ساغلاملاشتۇرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم، بىر قېتىمدا يېرىم سائەتتىن يول يۈرۈپ بەرسە كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش، زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئابىستراكت يەكۈن چىقىرىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇنداق مۇھىتتا ھەرىكەت قىلىشنىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان پايدىسى تېخىمۇ زور بولۇپ، مېڭىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىش پۇرسىتى كۆپ بولىدىكەن.3 H6 c' _" V Q r9 _ D
زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىش چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن زېھنى چېچىلمايدىغان مۇھىتتا خىزمەت قىلىش كېرەك. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىزمەت جەريانىدا زېھىن چېچىلىپ كەتسە چوڭ مېڭە 15 مىنۇتقىچە ئەسلىگە كېلەلمەيدىكەن." R3 I8 j2 ^4 g/ d$ `
ئۇنىڭدىن باشقا، يېتەرلىك ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە مېڭىنىڭ سەگەكلىكىنى ساقلايدىغان دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بېرىش ئارقىلىقمۇ ئەقلىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن.. M& d5 R% |& Z$ ? n6 b
( Q% g( f8 k/ Yمۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان (شىنجاڭ گىزىتدىن ئېلىندى)# ^# n- o3 E" g2 y
4 x; j/ A8 d9 s$ @! q" u$ j$ ~' ^
|