- تۆھپە
- 2100
- تىللا
- 542
- قىزغىنلىق
- 3364
- توردا
- 492 سائەت
- 性别
- مەخپىي
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-11
- تىزىملاتقان
- 2012-1-1
- ئالبوم
- 4
- بلوگ
- 1
- خاتىرە
- 76
- دوست
- 21
- يازما
- 787
- تېما
- 499
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 10242
- نادىر
- 17
- ھەمبەھر
- 2
- UID
- 229
  
- تۆھپە
- 2100
- تىللا
- 542
- قىزغىنلىق
- 3364
- تېما
- 499
- يازما
- 787
|
گېنېرال جاڭ زولىننى سوۋىت ئىتتىپاقى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنمۇ؟: N& \9 \# B! X9 ^; @
6 N. V' W. S8 q9 ]8 X: F
روسىيە «ھەربىي ئىشلار تارىخى» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1926-يىلى جۇڭگودىكى شىمالىي مىلىتارىستلارغا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى تۇنجى قېتىم ئالتۇن دەۋرىنى كۈتۈۋالغانىدى. جەنۇبتىكى ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە ئورتاق دۈشمەن−شىمالىي مىلىتارىست جاڭ زولىن گۇرۇھىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىغا بىۋاسىتە ئەسكەر چىقىرىپ، جاڭ زولىننىڭ ئاساسلىق قىسىمىنى يوقاتماقچى بولغان.0 q3 s* \: m' C% Z' u$ i: A
سوۋېت ئىتتىپاقى شىمالىي مىلىتارىستلارغا جازا يۈرۈشى قىلىشقا ئەسكەر چىقىرىشنى ئويلاشقان _% ]+ [' C: B% a" x$ V
1924-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ياۋروپادا جاھانگىرلارنىڭ دىپلوماتىيە قامىلىنى بۇزۇپ تاشلاشنىڭ تەسلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن نەزەرىنى يىراق شەرققە ئاغدۇرۇپ جۇڭگوغا بەكلا قىزىقتى. شۇ ۋاقىتتا جۇڭگو جەنۇب ۋە شىمالغا ئايرىلاتتى، سۇن جوڭشەن رەھبەرلىكىدىكى گۇاڭجۇ ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى جەنۇبتىكى ئاز ساندىكى ئۆلكىلەرنى تەستە باشقۇرۇپ تۇرۇۋاتاتتى، ئەمما چاڭجياڭنىڭ شىمالى ھەم شەرقىي شىمال رايونى شىمالدىكى ئۈچ چوڭ گۇرۇھ مىلىتارىستلىرىنىڭ تىزگىنلىشىدە ئىدى، ئۇلاردىن ياپونىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن شەرقىي شىمال مىلىتارىستى جاڭ زولىننىڭ كۈچى ئەڭ زور ئىدى.
3 t- {, o% k% s8 n N سوۋېت ئىتتىپاقى گۇاڭجۇ ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنى پائال قوللىدى. 1926-يىلى 7-ئايدا گۇاڭجۇ مىللىي ھۆكۈمىتى ھەربىي سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، شىمالىي مىلىتارىستلارغا جازا يۈرۈشى قىلغۇچى 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ، جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشىنى قوزغىدى. بۇ قوشۇن پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقى قوراللىرى بىلەن قوراللانغان، كارلون رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى شىمالىي مىلىتارىستلارغا جازا يۈرۈشى قىلىش پىلانىنى تۈزۈشكە قاتناشتى، ئۇلار ئۈنۈملۈك خىزمەت ۋە ئىشەنچلىك ماددىي ئەشيا تەمىناتى بىلەن كاپالەتلەندۈرگەچكە، شىمالىي مىلىتارىستلارغا جازا يۈرۈشى قىلغۇچى قوشۇن قىسقا مۇددەتتىلا چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتە ئۆلكىنى ئازاد قىلدى، شىمالىي مىلىتارىستلارنىڭ ئىككى چوڭ تۈۋرۈكى بولغان ۋۇ پېيفۇ، سۇن چۇەنفاڭلار ئالدى بىلەن تارمار قىلىندى، ياپونىيىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن شەرقىي شىمال مىلىتارىستى جاڭ زولىنلا جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. سوۋىت ئىتتىپاقى كومپارتىيسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتى گۇاڭجۇ ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي مىلىتارىستلارغا جازا يۈرۈشى قىلىشىنى تېزرەك تاماملىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 1927-يىلى 1-ئايدا مەخپىي يىغىن ئېچىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىغا بىۋاسىتە ئەسكەر چىقىرىپ شىمالىي مىلىتارىست جاڭ زولىن گۇرۇھىنى تارمار قىلىشقا ياردەملەشتۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاشۇ مەخپىي يىغىندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 19-پىيادە ئەسكەرلەر كورپۇسىنىڭ باشلىقى فېردمان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىسقا مۇددەتتە جاڭ زولىننى يوقىتىشىدا مەسىلە يوقلۇقىنى، لېكىن بۇ ئىشنىڭ ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا باھانە بولۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىغا ئەسكەر چىقارسا، ۋىلادىۋىستوك، خاباروۋىسكى قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىراق شەرق دېڭىز ياقىسى چېگرا رايونلىرىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ ئادەم شالاڭ بۇ بىپايان مۇنبەت زېمىنغا كۆز تىكىپ كېلىۋاتقانقىنىغا ئۇزاق بولغانىدى.
! d( i9 n5 N. H6 s. ?" f5 K- C
( ^# e4 G8 p E; H5 A C ياپونلارغا باھانە تېپىپ بەرمەسلىك
/ U2 K& W/ N6 E2 l. h, B
2 {5 B5 L) @. ^ئاخىرىدا سوۋىت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى(بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتى ئەسكەر ئەۋەتىش ئويىدىن ۋاز كەچتى، شۇنداقلا فېردماننىڭ يىراق شەرق رايونىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش تەلىپىگىمۇ قوشۇلمىدى. فېردمان يىراق شەرق رايونىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان كازاكلاردىن قىزىل ئارمىيىسىنىڭ زاپاس قىسىمىنى تەشكىللەپ، ئۇزاققا سوزۇلغان جۇڭگو-سوۋېت چېگرا لىنىيىسىنى قوغداشقا ياردەم بېرىش تەكلىپىنى بەردى. لېكىن ستالىن بۇنىڭغا قوشۇلمىدى، چۈنكى روسىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا كازاكلار قەبىلىسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۆكتە قوپقانلىقىدىن ساۋاق ئالغانلىقتىن، ستالىن كازاكلار قىسىمىنىڭ سادىقلىقىدىن ئەنسىرىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقىي شىمال مىلىتارىستى جاڭ زولىننىڭ ئىلكىدە 3000 كىشىلىك ئاق ئورۇس كازاكلار برىگادىسى بار ئىدى، يەنە 6000 قوراللىق ئاق ئورۇس جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ساقچى ئىدارىسى ۋە جۇڭگو شەرقىي چىن سۇلالىسى تۆمۈر يولىنى قوغداش ئەترىتىدە خىزمەت قىلىۋاتاتتى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق چېگرا رايونىدىكى ئاھالىلار بىلەن ئىرماش-چىرماش مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ستالىن يىراق شەرقتىكى كازاكلار ئاھالىلىرىگە قايتا مىلتىق تۇتقۇزۇشقا ھەرگىز قوشۇلمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مىللىي ھۆكۈمەت پات ئارىدا پۈتۈن جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرسە، جۇڭگو-سوۋېت چېگرىسى تەبىئىيلا تىنچلىنىدۇ، دەپ قارايتتى.
' `( ^; v+ R- M8 O3 sتىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جاڭ زولىنمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جەڭ قىلىش تەييارلىقىنى يوشۇرۇن قىلىپ بولغانىدى. 1927-يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇ ئامراق گېنېرالى ياڭ يۈتىڭغا خاربىندا شەرقىي شىمال مۇداپىئەسى قوماندانلىق شتابى قۇرۇپ، شەرقىي شىمالدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئاق ئورۇسلاردىن ئىككى زاپاس تۆمۈريول برىگادىسى تەشكىللەپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق رايونىغا ھەر ۋاقىت قوراللىق ھۇجۇم قىلىشقا تەق بولۇپ تۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، جاڭ زولىن يەنە فېڭتيەن(ھازىرقى شېنياڭ)دە تۇرۇۋاتقان 16-دىۋېزىيىنى جۇڭگو-سوۋېت چېگرىسىغا ئەۋەتكەن.' }' i7 }' |' |0 Z
- \8 h5 Y& o( Z* H3 V9 L: t
جۇڭگو بىلەن ياپونىيىنىڭ «ئىقتىسادىي جەھەتتە بۇيسۇندۇرۇش»ىدىن ئەنسىرەش
1 X- S) D8 s0 n) W1 N+ y5 G& C0 P4 l: ?/ t3 @7 d6 c9 O
سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنى تەمتىرىتىپ قويغىنى شۇكى، 1927-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى جياڭ جيېشى شاڭخەيدە ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى، ئارقىدىنلا گومىنداڭدىكى ئوڭچىللار ھەرقايسى جايلاردا «كوممۇنىستلارنى تازىلاش» ھەرىكىتى قوزغاپ، بىر ئوبدان كېتىۋاتقان شىمالىي مىلىتارىستلارغا جازا يۈرۈشى قىلىش ئۇرۇشىنى بوغۇپ قويدى. جياڭ جيېشى سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى ھەم يېڭى قۇرۇلغان نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. 1928-يىلى 4-ئايدا ماھىيىتى ئۆزگەرگەن مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە «2-قېتىم شىمالىي مىلىتارىستلارغا جازا يۈرۈشى» قىلدى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى جاڭ زولىن ئىدى. جاڭ زولىن بېيجىڭدىن شەرقىي شىمالغا چېكىنىۋاتقاندا ياپونىيە جاسۇسلىرى تەرىپىدىن پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلدى، جاڭ زولىننىڭ ئوغلى جاڭ شۆلياڭ 12-ئايدا نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن نەنجىڭ ھۆكۈمىتى جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى شەكىل جەھەتتىن تاماملىدى. شۇ چاغدا جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىشقا بەل باغلىغانلىقىدا شەك يوق ئىدى.
/ U4 D% c4 l8 S7 M بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال دائىرىلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق رايونىغا تەھدىت سېلىشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلغان. 1927-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى(بولشېۋىكلار) يىراق شەرق چېگرا رايونى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جامالنىك سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى(بولشىۋېكلار) مەركىزىي كومىتېتىغا يازغان سىياسىي دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: جۇڭگو-سوۋېت چېگرىسى ئۇزۇنلۇقى 4000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، «جۇڭگو زېمىنىدا نۇرغۇن ئاق ئورۇس قوراللىق كۈچلىرى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىل ئارمىيىنىڭ مۇداپىئە كۈچى ئىنتايىن ئاجىز، دېڭىز مۇداپىئەسى لىنىيىسىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ... شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ئەينى يىللىرى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى يىراق شەرق چېگرا رايونىغا 10 مىليون رۇبلى قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئاجرىتىش سىياسىتىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق دېيىشكە بولىدۇ، بىزنىڭمۇ چېگرا مۇداپىئە كۈچىمىزنى كۈچەيتىشنى ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر قىلىشىمىز زۆرۈر».* A! p6 p# b" s
1929 -يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جياڭ جيېشى جاڭ شۆلياڭ بىلەن بېيپىڭ(بېيجىڭ)دا سۆھبەتلەشتى، ئىككىسى جۇڭگو شەرقىي چىن سۇلالىسى تۆمۈريولىنى قوراللىق تارتىۋېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو زېمىنىدىكى تەسىرىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشنى قارار قىلدى. بىراق جياڭ جيېشى بىلەن جاڭ شۆلياڭنىڭ ھەربىي تەۋەككۈلچىلىكى ھە دېگەندىلا سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى، بۇ ئۇرۇشقا ئەينى يىللىرى جياڭ جيېشىنىڭ شىمالىي مىلىتارىستلارغا جازا يۈرۈشى قىلىشىغا ياردەملەشكەن گېنېرال گالۇن مەسئۇل بولغانىدى. 12-ئاينىڭ 22-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو خاباروۋىسكىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، «جۇڭگو شەرقىي چىن سۇلالىسى تۆمۈريولى ئەتراپىدا توقۇنۇشتىن ئىلگىرىكى ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك» دەپ بەلگىلىدى. ئەمەلىيەتتە شۇ توقۇنۇشتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا زىيان تارتتى، ياپون جاھانگىرلىكى پايدا ئالدى. 1931-يىلى «18-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن ياپون جاھانگىرلىكى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىۋالدى، سوۋېت ئىتتىپاقى يىراق شەرق چېگرا رايونىدا كرىزىس تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.5 I; \: u1 `, l4 J4 Y
9 [% |- O6 t! A6 u$ N# u z5 u3 o9 a- B% `
(«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دىن)
- M7 y8 C1 y/ { w |
 مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[ 教程]
|