- تۆھپە
- 2100
- تىللا
- 542
- قىزغىنلىق
- 3364
- توردا
- 492 سائەت
- 性别
- مەخپىي
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-11
- تىزىملاتقان
- 2012-1-1
- ئالبوم
- 4
- بلوگ
- 1
- خاتىرە
- 76
- دوست
- 21
- يازما
- 787
- تېما
- 499
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 10242
- نادىر
- 17
- ھەمبەھر
- 2
- UID
- 229
  
- تۆھپە
- 2100
- تىللا
- 542
- قىزغىنلىق
- 3364
- تېما
- 499
- يازما
- 787
|
دوكتۇر ئاشتى ئەسقەر ھەمدۇللا" I( Y; C! X- k8 K2 _ g. e
دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى ۋە كۈچلۈك بولغان قوراللار ئىچىدە تەرەققىي قىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، ئەڭ كۆپ ساھەلەرگە چېتىلىدىغان شۇنداقلا نۇرغۇن ساھەلەر بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان كومپىيوتېر تېخنىكىسى ھازىر ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنىنى جارى قىلدۇرۇماقتا. مەيلى پەن-تېخنىكا بولسۇن مەيلى ئادەتتىكى تۇرمۇش ئالاقىسى بولسۇن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ نۇرغۇن ئىشلارنى ھەل قىلىش قىيىن بولماقتا.3 }, _/ }; \% d& e7 H# ?4 ~! G
كومپىيوتېردا تورغا چىققىنىمىزدا، دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن پاراڭلىشىش قورالى ئارقىلىق ئالاقىلەشكەندە، ھەرخىل كۆزنى چاقنىتىپ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان كىنو-فىلىملەرنى كۆرگىنىمىزدە، ئاجايىپ-غارايىپ ئويۇنلارنى ئوينىغىنىمىزدا ئەلۋەتتە شۇنداق كارامەت تېخنىكىلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان پېشىۋالارغا قايىل بولماي، ئۇلارنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلىمەي تۇرۇلمايمىز.6 j b- T; I7 t
شۇلارنىڭ قاتارىدا شىنجاڭنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز، ھاردىم-تالدىم دېمەي كومپيۇتېر ئالدىدا ئىشلەۋاتقان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتقان ئەزىز تۆھپىكارلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر، ئىشلىرىغا ئۇتۇق، ئائىلىسىگە ئىناقلىق، تۇرمۇشىغا بەخىت شۇنداقلا خەلققە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە تېخىمۇ كۆپ ھىدايەت تىلەيمىز!, n Q6 x, L( F6 x- W
شۇ تۆھپىكارلارنىڭ ئىچىدە ئۆزى ياش بولسىمۇ لېكىن بىلىمى ۋە قابىلىيىتى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان بىر ياش دوكتۇر بار. بۇ قابىلىيەتلىك ياش دوكتۇر دەل شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى ئۇچۇر قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ ياردەمچى ئىنىستىتۇت باشلىقى.* a$ V; e& J: T" K7 t6 T
; M3 g+ k. D$ h* k
ئەسقەر ھەمدۇللا 1972-يىلى 2-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئەسقەر پىروفىسور كىچىكىدىنلا ئىنتايىن تىرىشچان بولغاچقا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، يۇقىرى نومۇر بىلەن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان. ئالىي مەكتەپتىمۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپكە تەۋسىيە بىلەن يۆتكىلىپ ئوقۇغان. 2003-يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن ئانا يۇرتى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، پۈتۈن زېھنىنى سەرىپ قىلىپ تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. خىزمەت ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغىللىنىش جەريانىدا ئۇدا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ھەر يىلى دېگۈدەك خىزمەتتە ئەلا بولۇپ باھالىنىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى تەرىپىدىن بىر قېتىم بىرىنچى دەرىجىلىك «نۇرلۇق جۇڭخۇا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى»غا ئېرىشكەن. «ئېلكتىرون ئىلمىي ژورنىلى» قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئابرويلۇق ژورناللاردا 14 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. دۆلەتنىڭ تەبئىي پەنلەر تۈرىدىن ئىككىگە، دۆلەت مائارىپ «چۈنخۈي پىلانى» تۈرىدىن بىرىگە، ئاپتونوم رايۇننىڭ پەن-تېخنىكا نازارىتى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات پىلانى ھەمكارلاشما تۈرىدىن بىرىگە، ئاپتونوم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تەتقىقات پىلانىدىكى ھالقىلىق پەن-تەتقىقات تۈرىدىن بىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئېرىشكەن تەتقىقات تۈرىنىڭ ئومومىي تەتقىقات مەبلىغى 4 مىليون 35 مىڭ يۈئەنگە يەتكەن.
7 d: [" {& m6 B2 ^3 zدوكتۇر ئاشتى ئەسقەر ھەمدۇللا ئۆزنىڭ يۇقارقىدەك نەتىجىلىرىگە قانائەتلىنىپ قالماي، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ دوكتۇر يېتەكچىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يەتتىنچى نۆۋەتلىك «ئون مۇنەۋۋەر ياش» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشىپ شەرەپ قۇچتى. ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى ئۇچۇر قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنڭ ئىنىستىتۇت باشلىق ياردەمچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ قالماستىن يەنە ئۆزىدەك ياراملىق، ئىختىساسلىق ياشلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ۋاقتىنىڭ ئىنتايىن ئاز بولۇشىغا قارىماي دەرس ئۆتەشتەك مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلماقتا.) c% ~( O. t# s$ o6 P
ئاساسلىق تەتقىقات يۆنىلىشى سۈرەت ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ بېرىكىشى ۋە تونۇتۇش تېخنىكىسى ۋە كۆپ خىل تىل-يېزىقتىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدەش قاتارلىقلار. 2003-يىلى 4-ئايدىن ھازىرغىچە، دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تۈرلەردىن بولۇپ جەمئىي ئالتە تۈرگە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە قاتناشتى. 2006-يىلى 4-ئايدا ئۈچىنچى دەرىجىلىك «ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2007-يىلى 1-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالىغاندا دوكتۇر ئاشتى ئەسقەر ھەمدۇللانىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇقتىلىق ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسى 30 پارچىدىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە بەش پارچىسى EI تەرىپىدىن، بىر پارچىسى ISTP تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىلدى.
& p& h- |8 X* dئەسقەر مۇئەللىم شىنجاڭنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ قالماستىن يەنە ئېلىكتىرون، قاتتىق دېتال ۋە ماشىنا ئادەم تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇنۋېرىسىتىتىدا يېڭىدىن بىر تەتقىقات ئورنى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بۇ ساھەدىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.
. ~0 f& Z0 r/ k! fئەسقەر مۇئەللىم بىر قابىلىيەتلىك دوكتۇر، ئىستىداتلىق تەتقىقاتچى، ياراملىق باشلىق بولۇپ قالماستىن يەنە بىر تەلەپچان ئۇستاز. ئوقوغۇچىلارغا قويغان تەلىپىنىڭ قاتتىقلىقى، كەسپتە ۋە ئوقوتۇشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان بىر ماھىر ئوقۇتقۇچى. ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ قولىدا تەربىيىلىنىۋاتقان شۇنداقلا تەربىيىلىنىپ چىققان ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇستازىنىڭ تەلەپچان ۋە قاتتىق قوللۇقىنى ماختايدۇ. «ئەسقەر مۇئەللىم بىزگە قاتتىق تەلەپ قويغاچقا بىز مۇشۇنداق نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىدۇق» دەپ ئۇستازىنى پەخىرلىنىش ئىلىكىدە تىلغا ئالىدۇ.) l7 ]: G* K1 F
ئاخرىدا بىر ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن جاسارەت بىلەن تىرىشىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. |
 مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[ 教程]
|