شائىر،تىلشۇناس ئىمىن تۇرسۇن ھاجىم 9 P& ~ V+ U4 T/ m" t. h3 @
' V$ `* {9 L, v2 f
2 y, g$ |0 {3 T# @/ `& pيېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزنىڭ تۆھپىكار باشلامچىلىرىنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىپ، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچگىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھازىرقى سەنشىخاڭزى مەھەللىسىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 6 يېشىدىن باشلاپ ئاتىسىنىڭ دەۋىتى بىلەن مەھەللىدىكى دىنىي مەكتەپكە كىرىپ دىنىي ساۋاتلارنى، ئەرەب تىل-يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى ۋە ناۋائىي قاتارلىق كلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان.
2 b4 f' u* b, \6 r! Q9 G$ U: f5 |! z# m4 j
1938-يىلى كۈزدە ئۈرۈمچى 1-گىمنازىيىسىگە كىرىپ 1941-يىلى 7-ئايدا بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى 6-مەكتەپ، 7-مەكتەپ، 4-مەركىزىي مەكتەپ، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1946-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىگە مۇئاۋىن ھاكىم بولۇپ ئىشلىگەن. 1948-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ 1950-يىلى 1-ئايغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
7 e# n2 p8 ~3 o! d: g* G: Pئىمىن تۇرسۇن 1950-يىلى سابىق ئۆلكىلىك مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەھرىر-تەرجىمە باشقارمىسىغا يۆتكەلدى. بۇ باشقارما 1951-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بولۇپ قۇرۇلدى. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 1983-يىلىغا قەدەر شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى، مۇئاۋىن نەشرىيات باشلىقى، قوشۇمچە لۇغەت تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ، ئومۇمەن يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ ئارىدا 1956-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سابىق تىل-يېزىق تەتقىقات كومىتېتى (ھازىرقى ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى)غا ئالمىشىپ، تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىدى.
2 \5 c8 q: s" D0 m7 gئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1940-يىللاردىن باشلاپ ئېلان قىلغان «ئەدەبىياتىمىزنىڭ 10 يىلى»، «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ھەققىدە»، «ئەدەبىي مىراس ۋە ۋەسىقىلىرىمىز» قاتارلىق دەسلەپكى تەتقىقات ماقالىلىرى بىلەن باشلانغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر تەتقىقات پائالىيىتىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇردى ھەم ئۆزلۈكسىز بوشاشماي ئىزدىنىش نەتىجىسىدە تونۇلغان ئەدىب، تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزنىڭ تۆھپىكارى، پېشقەدەم نەشرىياتچى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى --- ئۇنىۋېرسال ئالىم سۈپىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالدى.
, S( a9 X0 S5 i/ R1 x# [: Pئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى كلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى جەھەتتىمۇ داۋاملىق ئىزدەندى ۋە مول نەتىجىلەرنى ياراتتى. 1957-يىلى كلاسسىك شائىرلىرىمىزدىن زەلىلى ھەققىدە «زەلىلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، زەلىلىنى تۇنجى بولۇپ خەلقىمىزگە تونۇشتۇردى؛ 1980-يىللاردىن كېيىن مەشھۇر ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنى تەييارلاشتىكى تەشكىللەش ۋە تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشتى ھەمدە ئەسەرنىڭ «كىرىش سۆز»ئىنى يېزىپ، بۇ ئەسەرگە ئەتراپلىق باھا بەردى. «دىۋان» نەشر قىلىنغاندىن كېيىن «ئۇلۇغ ئالىمنىڭ نادىر ئەسىرى» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. كلاسسىك ئەسەرلەردىن «زەلىلى دىۋانى»، «تارىخ تەبەرى»، «دىۋانى ھىكمەت» قاتارلىقلارنى نەشرگە تەييارلىدى. 1990-يىلى 6-ئايدا ئالىمنىڭ تىل-ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا دائىر تاللانغان ماقالىلىرى ئاساسىدا تۈزۇلگەن «تارىمدىن تامچە» ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. 80-يىللاردىن كېيىن يەنە «خاقانىيە تىلى ۋە خوتەن شېۋىسى»، «تىل ۋە تەرجىمە»، «ھۇن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تۇغقانچىلىقى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى.
* a, @4 @( K5 Cئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىك، نەشرىياتچىلىق ساھەلىرىدىكى ئەمگەكلىرىمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ: ئۇ «جىڭگاڭشەندىكى كۈرەش»، «ھەۋەسكار يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت»، «جۇڭيۈەندىن چېگرا رايونغا»، «قىزىلبايراق شەجەرىسى» (3 قىسىملىق رومان)، «قىزىل قۇياش»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «غەربكە ساياھەت»، «بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمى»، «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلدى ياكى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشتى. «جامىئۇل ھىكايات»، «كەلىلە ۋە دەمىنە»، «مىڭ بىر كېچە»گە ئوخشاش ئەسەرلەرنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىدى ۋە كۆپلىرىگە كىرىش سۆز يازدى.
8 v; `# R: l7 [) ?' hئالىمنىڭ ھازىرغىچە «ھەۋەس»، «سەپەر سەزگۈلىرى»، «بالدۇرقىغا ئوخشىماس» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى، «نەۋائىي ھەققىدە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيتى»، «بۇلاقتىن ئوتلام»، «نورۇزنامە»، «تىل – دىلنىڭ كىلىتى»، «شېئىر ۋە شائىر» قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدەبىيەتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەرلىرى ۋە «ئون ئىككى مۇقامنىڭ مىللي خاسلىقى»، «شېئىرىيىتىمىزنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرايلى»، «رىقابەت دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرققىياتى مەسىلىسى» قاتارلىق ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي مۇلاھىزە خاراكتېرىكىدىكى ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى خەنزۇ قاتارلىق جۇڭگودىكى مىللەتلەر تىللىرىدىن باشقا ئىنگلىز، گېرمان، رۇس، پارس، تۈرك ۋە ئۆزبەك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، چەت ئەل گېزىت-ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىندى، رادىئولىرىدا ئاڭلىتىلدى./ [, x' I9 `6 C* J! s
تا بۈگۈنگە قەدەر قولىدىن قەلەم، قەلبىدىن ئىلىم ئىشتىياقى كەتمىگەن تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى87 يىشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى . قەلەم ۋە ئىلمنى تۇتقۇچىلار دەۋرنىڭ جىنى ۋە تۈۋرىكى. خەلق ئۆز دەۋرىدىكى بۇنداق تۈۋرۈكلەرنى ھامان ئەسلەيدۇ. ياش ئەۋلادلار بۇنداق ئاتا، ئۇستازلىرىنىڭ ئىلىم سۆيەر روھى ۋە يۈكسەك ئەخلاقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدۇ. |