ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 688 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1538|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى گىرىم بۇيۇملىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

499

تېما

13

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2100
تىللا
542
قىزغىنلىق
3364
تېما
499
يازما
787

最佳新人 活跃会员 热心会员 推广达人 宣传达人

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 10:24:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىلىم: قەدىمدە خانىم-قىزلىرىمىز چېچىغا جىگدە يېلىمىنى يۇمشاق سوقۇپ سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ چېپىپ، چاچلىرىنى ئۆرۈپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئادەتتە، جىگدە يېلىمىنىڭ چاچ ئۆستۈرۈش، چاچ قارايتىش، باش قىچىشىش، كېپەكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاغرىق پەسەيتىش، چاچ قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش تەسىرى بولغاچقا، ئۇنى داۋاملىق چاچقا چېپىپ بەرگەندە، چاچ ئۆستۈرۈش، قارايتىش، پارقىرىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى؛ باش قىچىشىش، كېپەكلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈمۈلۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. جىگدە يېلىمىنىڭ تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىق پەسيتىش رولىدىن پادىلىنىپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. قۇۋۋەتلەش رولىدىن پايدىلىنىپ باش قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم رەئىس ئەزا مېڭىنى قۇۋۋەتلەش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش رولىدىن پايدىلىنىپ باش قىسمىدىكى ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكى، جاراھەت، زەخىم قاتارلىقلارنى تېزلا يوقاتقىلى، شۇنداقلا ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، باش قىسىم تەرلەشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. جىگدە يىلىمىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، تەبىئىتى ھۆل سوغۇق بولغان باش قىسمىدىكى مېڭىدىن ئىبارەت رەئىس ئەزانىڭ ئارتۇق ھۆللىكىنى قۇرۇتۇپ، ھۆل سوغۇق ئارتىپ كېتىشتىن بولغان ھەر خىل مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.! C% Y3 v. S$ ^$ X& E
ئوسما: ئوسما قويۇش ئويغۇر خانىم-قىزلىرى قەدىمدىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئادەت بولۇپ، بۇنىڭدا ئوسما يۇپۇرمىقىنى سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى قاشقا سۈركىلىدۇ. ئوسمىنىڭ چاچ پارقىرىتىش، قارايتىش، ئۆستۈرۈش تەسىرى بار. شۇڭا ئۇنى داۋاملىق قاشقا قويۇپ بەرگەندە، قاش ئۆستۈرۈش، قارايتىش، پارقىرىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئوسما يۇپۇرمىقىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ئۇنى قاشقا قويۇپ بەرگەندە قاش ئەتىراپىدىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، ئۈستۈنكى قاپاق بوشىشىش، قاپاق ساڭگىلاش، قاپاق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، شۇنداقلا قاش يىلتىزىنى چىڭىتىپ، قاش چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
) d9 Q; Q5 [) T+ lسۈرمە تارتىش: بۇمۇ بۇرۇندىن تارتىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان بىر خىل گىرىم قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، قەدىمدە ئەرلەرمۇ تۈرلۈك كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆزىگە سۈرمە تارتقان. سۈرمە بىر خىل تاش بولۇپ، ئادەتتە يۇمشاق سوقۇلۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن كۆزنىڭ كىرپىك بار يېرىگە سۈرتىلىدۇ. سۈرمىنىڭ كۆزنى قۇۋۋەتلەش، ئاسراش، روشەنلەشتۈرۈش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قان توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، ھارارەت پەسەيتىش قاتارلىق تەسىرلىرى بار. شۇڭا ئۇنى كۆزگە دائىم تارتىپ بەرگەندە، كىرپىكنى ئۇزۇن، قارا، پارقىراق قىلغاندىن سىرت، يەنە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق، كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆز ئاغرىش، كۆز قىچىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ. قاپاق ئاغرىقى، باش ئاغرىقى قاتارلىقلاردىن خالاس بولغىلى بولىدۇ. ھارارەت پەسەيتىش رولىدىن پايدىلىنىپ كۆزنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىپ، كۆز چىڭقىلىش قاتارلىقلاردىن خالاس بولغىلى بولىدۇ. ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش تەسىرىدىن پايدىلىنىپ كۆز ياشاڭغىراش، ھۆللۈك ئارتىپ كېتىشتىن بولغان قاپاق بوشىشىش، قاپاق ساڭگىلاش قاتارلىق ئالامەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.# U4 K' L1 E6 [, F
تىرناققا خېنە قويۇش: بۇ تىرناق ۋە بارماقلارنى گۈزەللەشتۈرۈشتىكى گىرىم قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، ھازىرمۇ ئاز ساندىكى خانىم-قىزلىرىمىز تىرناقلىرىغا خېنە ياقماقتا. ئادەتتە خېنىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ئاغرىق پەسەيتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ-تىرناقنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش روللىرى بار. شۇڭلاشقا، تىرناققا خېنا ياققاندا، تىرناقنى پارقىتىپ قول-پۇت بارماقلىرىنى گۈزەللەشتۈرگەندىن سىرت، يەنە قول-پۇتتا كۆرۈلگەن بوغۇم ئاغرىقى، بارماقلار غەيرىلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، قان توختىتىش تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، تىرناق يېرىلىش، بارماق تېرىسى سويۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
7 l2 U2 S4 \! y8 |: `مەنبە:ئاسىيا كىندىكى گىزىتى
你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تىزئىنكاس يوللاش:



تەۋىسسىيە تاقاش


سىناشقا قاتنىشىڭ

ئىللىق تورى ئاندىرويىد ئەپ دىتالى سىناق تەرەقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ئاندىروىد سىستىمىلق ھەرقانداق(ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان) تېلىفۇنلار دانورمال زىيارەت قىلىشقا تىما ئىنكاس يوللاشقا بۇلۇدۇ .يانفۇن كامىراسىنى ئىككىلىك كودقا توغىرلاپ چۈشۈرۋېلىڭ ،


كۆرۈش