ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 688 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1357|ئىنكاس: 0

بۇزۇلغان پەرداز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

446

تېما

6

ئەگەشكۈچى

8513

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1604
تىللا
1201
قىزغىنلىق
2609
تېما
446
يازما
475
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 13:26:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇزۇلغان پەرداز* r& k3 X7 N5 _  r" @: ]0 r; Y
(ھېكايە)
4 v6 n/ K9 N6 g) g8 s7 D( t  aمەمتىمىن ئابدۇقادىر دىلشىكار
! |8 s* i& R+ j$ ?
  ئۇ قارشى تەرەپكە يا ياق، يا ماقۇل دېمەيلا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى – دە، كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ خىيالغا چۆمدى. ‹‹ماۋۇ قىزلار شۇ تاپتا ئويۇن –تاماشىغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەندۇ؟ ھېلى كېلىشسە سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى كۆز –كۆز قىلىپ، كىملەرگىدۇر تېلېفون بېرىپ ئۇچۇر يوللاپ ياتاقنى بېشىغا كىيىشىدۇ.بەزىلرى ئۆتكەنكىدەك ئاغزىدىن گېپى چۈشۈپ قالغانچە كېلەمدۇ تېخى؟ مەنمۇ باشتىلا ئۇلاردەك ئۆزۈمنى قويۇۋەتكەن، ئۇلار باشلىغان سورۇنلارغا بىللە بارغان بولسام، بۈگۈنكىدەك <موماينىسا> ئاتالماستىم. بوپتۇ، ئۇلار مېنى<موماينىسا>دېسىمۇ، ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلىرىم ۋە كۆپلىگەن ساۋاقدىشىم ئالدىدا ئەخلاقىم ۋە ئۆگىنىش نەتىجەم بىلەن يەنىلا ھۆرمەتكە سازاۋەرمەن.مۇھىمى، يىراق سەھرادىكى جاپاكەش ئاتا –ئانا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمنىڭ ئىشەنچىگە نائىلمەن.لېكىن، مەنمۇ ھېسسىياتلىق قىزغۇ؟ ھاممامنىڭ مەن بىلەن تەڭ قىزىنىڭ بالىسى ھازىر ئىككى ياشقا كىردى.ئەگەر مەنمۇ ئوقۇشقا كەلمىگەن بولسام، بۇ چاغقا... ھەي... شەنبە، يەكشەنبە كۈنىمۇ ياتاققا بېكىنىۋېلىپ، بىر ئوبدان تەكلىپنىمۇ رەت قىلىپ يۈرگىنىمدىن قارىغاندا، مەندىن راستىنلا چاتاق چىقتىمۇ قانداق؟ بايا تېلېفون بەرگەن يىگىتنىڭ گېپىگە قارىغاندا ئوبدانلا تىجارىتى بار، ياۋاش بالىدەك قىلىدۇ.ئاپتوبۇس بېكىتىدە تونۇشۇپ قالغاندىن بېرى ئانچە –مۇنچە ئەھۋال سوراپ، ياخشى كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ، تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ھەر قېتىم تېلېفون بەرگەندە بىرەر باھانە بىلەن رەت قىلىۋاتىمەن.ئۇنىڭ تەكلىپلىرى غەرەزلىك ئەمەستۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن بىرەر ۋاق تاماقنى بىللە يېگەنگە ئەخلاق قامۇسىنىڭ بەتلىرى يىرتىلىپ كەتمەس؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن تەكلىپ قىلغان يېرى ئادەم ئۈزۈلمەي كىرىپ تۇرىدىغان <داڭقان شورپىخانىسى>دا بىر ئىش بولۇپ كەتمەس؟ بولدىلا چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىنمۇ ئېشىپ كېتىپتۇ، خەقنى تولا يالۋۇرتۇۋەرمەي تەكلىپىگە بىر قېتىم قوشۇلاي››.5 e$ U- e7 x2 C' S1 }
  ئۇ ئاخىرى قەتئىي قارارغا كېلىپ، سىرتقا چىقماقچى بولۇپ، ئەينەككە قارىۋېدى، چاچلىرى تاراقسىز، تېخىچىلا ئۇخلاش كىيىمى بىلەن تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئاچچىق كۈلۈپ قويدى.چېچىنى يۇيۇۋېلىش ئۈچۈن چاچ سوپۇنى ئىزدىدى.قېرىشقاندەك ياتاقتىكى ھەممە سوپۇن قۇتىسى قۇرۇق ئىدى. دېرىزىدىن يالتىراق خالتىچاققا قاچىلانغان ئەرزان چاچ سوپۇندىن بىرنى تاپتى ۋە سۇخانىغا كىردى. بۇ سوپۇن ئۇنىڭ ئۇزۇن، قويۇق چاچلىرىنى توختاپ قالاي دەپ قالغان ئىلىمان سۇدا بىر قېتىم يۇيۇشقا ئارانلا يەتتى. يەنە بىر قېتىم يۇيۇۋەتكەن بولسا، بۇ چاچلار تېخىمۇ پارقىراپ كېتەتتى – دە. ئۇ ئامالسىز ياتاققا قايتىپ كىرىپ چېچىنى ئالدىرىماي قۇرۇتۇپ، يۈزىگە ئۆزىنىڭ ئاددىي، ئەرزان مېيىدىن ئازراق سۈرتتى.چېچىنى ئۇزاق تارىغان بولسىمۇ، بۇرۇنقى پارقىراقلىقىدىن ئەسەر يوق، بىر –بىرسىگە چاپلىشىپ توپا چىراي تۇراتتى. لېۋىگە لەۋ سۇرۇخ سۈرتۈپ باقتى، چامادانىدىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئاق پوپايكىسىنى، بىردىنبىر ئېسىل كىيىمى بولغان قىزىل پەلتۇسىنى ئېلىپ كىيىپ ئەينەككە قاراپ باقتى.ئەينەكتە يۈزلىرى يۇمۇلاق، چىرايلىق، بېشىغا كونا كەيمە چاچ كىيىۋالغاندەك بىر قىز كۆرۈندى.ئۇنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ ئەينەكنى كارىۋاتقا تاشلاپ، چاماداننىڭ ئاستىغا تىقىپ قويغان 50يۈەن پۇلىنى ئېلىپ ياتاقنىڭ ئىشكىنى تاقاپ، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقتى.
: k/ v2 ~2 S8 Y6 U# \/ H' Y7 S. G   ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ‹‹ئوت كۆرۈنەر خانىم – قىزلار چاچ ياساش، ھۆسن تۈزەش ئورنى››غا كىردى.. c8 D- i* H! X6 i  E
   — كېلىڭ سىڭلىم، كېلىڭ. چېچىڭىزنى ياسىتامسىز؟ تۇغۇلغان كۈن گىرىمى قىلدۇرامسىز؟ ئادەتتىكى گىرىممۇ يە؟ – چىرايىغا قاراپ نەچچە ياشقا كىرگىنىنى ئانىسى بىلەن ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلەلمىگۈدەك پەردازلىنىپ، چاچلىرىنى تەييار چۆپتەك تەكشى بۈدرە قىلىۋالغان ئايال خوجايىن چۇلدۇرلىغىنىچە ئۇنىڭ پەلتۇسىنى سالدۇرۇپ ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلدى.   V: e0 N1 a  T7 W7 I- R8 K9 Z% @/ H
—چېچىمنى يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ قويسىڭىزلا بولدى، –دېيەلىدى ئۇ تارتىنىپقىنە. 1 x1 W, K9 U6 Y, |- |& }- `
   — بولىدۇ، بولىدۇ. قېنى بۇ ياققا كېلىڭ، ئېسىل سوپۇن بىلەن يۇيۇپ قوياي. نېمىدېگەن قارا، ئۇزۇن، قويۇق چاچلار بۇ؟ قارىغاندا كىچىكىڭىزدە ئانىڭىز يىلىم چېپىپ ئۆگىتىپتىكەن – دە؟ / P) X0 m1 V# m4 g
   قىز ئاغزىمغا يۇندا كىرىپ كەتمىسۇن دەپ جاۋاب قايتۇرماي، چوڭ ئەينەك ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.خوجايىن بىرقانچە لۆڭگىنى بىلىكىگە ئارتىۋېلىپ ئۇنىڭ چېچىنى قۇرۇتۇشقا باشلىدى.ئەمدى ئۇنىڭ دىققىتى قىزنىڭ يۈزىگە چۈشكەنىدى: 0 c  b( A3 W+ p4 a0 Z5 ^6 W) n
   — يۈز تېرىڭىز نېمانداق يۇمران؟ خۇددى بوۋاقنىڭكىدەك. بۇنداق تېرىنى مۇشۇنداق ۋاقىتتىن باشلاپ ئاسراش كېرەك جۇمۇ. ئەرزان مايلاردىن ئانچە – مۇنچە سۈرۈپ قويىمەن دەمسىز؟ ياق – ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ. ھازىرقى مايلارنىڭ ساختىلىرى كۆپ، ئاشۇنداق ماي رېئاكسىيە قىلىپ ئالدىمغا نەچچە قىز – چوكان كەلدى تېرىسىنى ئوڭشاتقىلى. مەندە بىر يۈرۈش ماي بار، بۇنى كۈندە چۈشەندۈرۈشى بويىچە سۈرۈپ بەرسىڭىز يەنە 10 – 20 يىلدىمۇ تېرىڭىز مۇشۇ پېتى تۇرىدۇ.پۇلىمۇ ئانچە قىممەت ئەمەس.چېچىڭىزنى توكلۇق قۇرۇتقۇچتا كۆپتۈرۈپ قويايمۇ؟
. Y, y+ w1 ^8 L# _6 J" Z) u8 ^   — ياق، ياق.مەن توكلۇق قۇرۇتقۇچقا ئادەتلەنمىگەن، ئارقىسىغا تاراپ بوغۇۋالساملا بولدى، نەچچە پۇل؟ – ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سورىدى.   z; g5 ~  J  S* v  M/ A% z
  —نېمە؟ سىز مۇشۇ پېتىلا ماڭماقچىمۇ؟ قاراڭ سىڭلىم، يۈزىڭىزدىكى پەردىزىڭىز بايا چېچىڭىزنى يۇغاندا چىقىپ كەتتى، بىر چىرايلىق قىز ماي سۈرمەي تاتىراڭغۇ يۈرسىڭىز قانداق بولىدۇ؟
! Y2 U% u. \. r& M   خوجايىن ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا مۈرىسىدىن بېسىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئاللىقانداق مايلارنى ئاز –ئازدىن قولىغا تۆكۈپ، قىزنىڭ يۈزىگە بىرنەچچە قەۋەت چېپىپ، يېنىك ئۇۋىلاشقا باشلىدى.كېيىن رەسساملاردەك موي قەلەم بىلەن رەڭ بەردى، لېۋىگە چىرايلىق لەۋسۇرۇخ سۈردى. ئاندىن: ' S9 e7 W. M# r; t
   — كىرپىكىڭىزمۇ تۆكۈلۈپ تۇرىدىكەن، مەن سەل قايرىپ، لاك بىلەن سۈرمە سۈرۈپ قوياي، تازا يارىشىدۇ.ۋىييەي – ۋىييەي! قانداق تەلەيلىك يىگىت ساقلاۋاتقاندۇ سىزنى، شۇنداق ئوماق بولۇپ كەتتىڭىز، قاراڭ!
6 k7 Q! C0 Z$ D) N& _+ _$ V1 R9 c   ئەينەكتە بىر پەرىزات تارتىنىپقىنە جىلمىيىپ تۇراتتى. ئۇ قىزىرىپ، مەڭزىنى تۇتۇۋېدى خوجايىن دەرھاللا:
1 X$ k: H: @2 S2 Y# r — تۇتماڭ، تۇتسىڭىز پەردازنى بۇزۇپ قويىسىز، پەرداز بەكمۇ يارىشىدىكەن سىزگە، ئاخشاملىققا قانداقمۇ يۇيۇۋەتكىڭىز كېلەر!
" a- C/ k. D( d; `: a7 H7 J ئۇ خوجايىننىڭ ئاخىرقى گېپىگە ئۈندىمەي، ھېلىقى 50 يۈەننى ئېلىپ تەڭلىدى. 5 t6 Q1 w1 C; w1 \5 l% d; Q! I
   — ۋىييەي، پۇل ئالارمەنمۇ، بوپتۇ، ئوقۇغۇچىكەنسىز، ئەرزانراق ئالاي. دەسلەپ قىلغان بولسامغۇ ئالمىساممۇ بولاتتى. كېلەر قېتىم بىكارغىلا پەردازلاپ قويارمەن، پات – پات كېلىپ تۇرۇڭ – ھە، – خوجايىن شۇنداق دېگىنىچە ئون يۈەن ۋە بەش يۈەنلىك پۇلنى قۇراشتۇرۇپ قىزغا ئۇزاتتى. ئۇ قايتۇرغان پۇلنى شۇ يەردىلا ساناشنى بىئەپ كۆرۈپ، خوجايىنغا رەھمەت ئېيتىپ سىرتقا چىقتى. سىرتتىكى غۇر – غۇر سوغۇق شامالدا ئۇنىڭ يۈزلىرى خۇددى بىر قەۋەت نىقاپ كىيىۋالغاندەك بىلىندى. سەل مېڭىپ ياندۇرۇلغان پۇلنى سانىۋېدى، ئاغزى يۇمشاق خوجايىننىڭ 35 يۈەنگە ‹‹دەسلەپ›› قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. ‹‹بوپتۇ، ئۆيدىن پۇل كەلگۈچە ئەتىگەن –كەچتە نان –چاي ئىچىپ تۇرارمەن، ئۆزۈمگىمۇ ئاز››. ئۇ ئەلەم بىلەن شۇنداق ئويلىدى – دە، دوقمۇشتىكى تېلېفون بوتكىسىغا كېلىپ يادىلىۋالغان تېلېفون نومۇرىنى باستى.
* v% H$ `# U" g/ u4 }   — بايا بالدۇرراق بىكار بولسام تېلېفون قىلارمەن دېگەنتىمغۇ، بۈگۈن شەنبە ئىكەن، شۇڭا سىزنى يەنە تېلېفون ساقلاپ كەتمىسۇن دەپ تېلېفون قىلىشىم، مەن ھازىر مەكتەپنىڭ غەربىدىكى تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا، ئەگەر ئالدىراش ئىشىڭىز بولسا كېيىن كۆرۈشسەكمۇ مەيلى...( \  t% Z" P' Q, n  g* _; f. x
ماقۇل، ماقۇل، مەن ساقلاپ تۇراي، كۆرۈشكىچە خوش! – دەپ تۇرۇپكىنى قويدى قىز.ئۇ ياندىكى تاللا بازىرىنىڭ ئەينەك ئىشىكىدىن ئۆزىنىڭ قىياپىتىنى يەنە بىر قېتىم غۇۋا بولسىمۇ كۆرۈۋالدى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىدا يىگىت پەيدا بولدى.ئۇلار يولدا ماڭغاچ قىزغىن ئەھۋاللىشىپ، شەھەر بويىچە داڭقى بار داڭقان شورپىخانىسىغا بارىدىغان بولۇشتى.  z9 U6 U+ J4 o- m% n7 ~
   بۇ شورپىخانا قىز –يىگىتلەر بىلەن قايناپ كەتكەنىدى.ئۇلار 30 ياشلاردىكى كۈتكۈچى چوكاننىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئىشىكنىڭ يان بۇلۇڭىدىكى بىر بوش ئورۇنغا جايلاشتى.يىگىت قىزنىڭ تەلىپى بويىچە يېرىمى ئاچچىق، يېرىمى چۈچۈك بىر قازان شورپا بۇيرۇتتى.ئوتنى يېقىۋېتىپ ئىككىسى بىردىن پەتنۇسنى ئېلىپ توڭلاتقۇلارغا قاتار تىزىۋېتىلگەن زىخلىق يېمەكلەرنى تاللاشقا باشلىدى. قىز يېسۋېلەك، كۆكباش، تۇرۇپ دېگەنلەردىن ئازراقلا ئېلىپ بولدى قىلدى. يىگىت توخۇ قانىتى، بۆدۈنە تۇخۇمى، يەرمەدىكى دېگەندەكلەردىن لىقلا بىر پەتنۇس ئېلىپ، قىزغا چاخچاق قىلدى:
$ @1 |8 |  M/ E8 {% T% Q   — قاراڭ سىزنى، كۆپرەك ئالمامسىز؟ قازانغا بىرلا سالسىڭىز ھېچنېمىسى قالمايدۇ بۇلارنىڭ، ئاتايىن تاماققا كەلدۇق دەپ، بىر –ئىككى سائەت ئولتۇرۇپ، ياتىقىڭىزغا ئاچ كېتىپ، مېنى تىللاپ يۈرمەڭ يەنە، ھە ئېلىڭە يەنە، –دەپ زورلىدى. قىز يەنە بىرنەچچە زىخ ئالدى. يىگىت ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى قازانغا سېلىپ، ئىشىككە پات –پات قارىغىنىچە پىشقانلىرىنى بىر باشتىن تەكەللۇپسىز يېيىشكە باشلىدى. يىگىت يەنە قىزنىڭ ئۇنىمىنىغا قويماي فىرانسىيە شامپىنى، زىبىپ دېگەندەك ئىچىملىكلەرنى بۇيرۇتتى.يىگىتنىڭ ئىچىملىكلەرگە زورلاشلىرى بىلەن ئاچچىق يېمەكلىكلەر قىزنىڭ بەدىنىنى قىزىتىپ، ئىچ كىيىملىرىنى بەدىنىگە چاپلاشتۇرۇۋەتتى. بۇنى سەزگەن يىگىت:! ?8 L5 `0 X, r6 d2 D1 U6 m
   — ئىسسىپ كەتتىڭىزغۇ دەيمەن، قېنى پەلتۇيىڭىزنى سېلىۋېتىپ ئازادە ئولتۇرۇڭ. ھازىرغىچە تۈگىمىگەن قانداق تارتىنىش بۇ؟ – دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ چاپىنىنى سېلىشىغا يارىدەملىشىپ، بىكار ئورۇندۇقتىن بىرنى تارتىپ ئارتىپ قويدى. ( `' T( w2 {8 a* x/ n
   قىز چاپاننى سېلىۋەتكەندىن كېيىن راھەتلەنگەندەك بولدى ۋە بايا بىر تال رېزىنكە بىلەنلا بوغۇۋالغان چېچىنىمۇ قويۇۋەتتى. قاپقارا، ئۇزۇن چاچ بىردىنلا ئۇنىڭ مۈرىلىرىگە يېيىلىپ يىگىتنىڭلا ئەمەس، ئەتراپىدا ئولتۇرغان كالتە چاچ قىزلارنىڭمۇ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى.يىگىت ئىشىككە ئىزتىراپلىق تىكىلگىنىچە ئاشىقلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن ئاۋارە ئىدى.ئۇ ئىلاج بار گەپنىڭ تېمىسىنى بۇراشقا تىرىشاتتى.
3 Y  ]3 m5 \. \3 r   ئارىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتتى. يىگىت سىرتتىكى بىر گەۋدىنى كۆرۈپ، قىزنىڭ يانفون ئىشلەتمىگىنىگە قاينىدى.قىز يانفون ئالغۇدەك مادارىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئاۋارىچىلىكىدىن قېچىپ ئىشلەتمىگىنىنى چۈشەندۈرسىمۇ يىگىت كۆنمىدى. + d5 x- m5 L( C5 a
   — مۇنداق قىلايلى، بىزنىڭ ئۆيدە ئۆي تېلېفونى بىلەن بىللە ئاچامغا بېجىرىپ بەرگەن يەنە بىر زېرەكچاق بار، ئاچام توي قىلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن باشقا تېلېفون ئىشلىتىپ، ئۇ ئۆيدە بىكار تۇرىدۇ.ئۈچ يىللىق كۆتۈرە قىلىنغان، ۋاقتى توشىدىغانغا يەنە بىر يىلچە بار، شۇنى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ، مەن ھازىرلا بېرىپ ئەكىلەي.
9 J* I5 L! k+ Y1 S7 E# i* R# T$ B   يىگىت شۇنداق دېگىنىچە چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ سىرتقا ماڭدى. قىز ئۇنى توختىتىۋېلىشقا ئامالسىز قالدى. ھەممە ئۆز پارىڭى ۋە ئىشتىھاسى بىلەن مەشغۇل ئىدى. شۇ ئارىدا ساقىلىنى پاكىز قىردۇرغان، 60 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىرەيلەن قىزنىڭ قارىشىسىدا ئولتۇردى.قىز بۇ ئورۇندا ئادەم بارلىقىنى ئېيتىۋېدى، ھېلىقى كىشى:/ Q' Y3 k2 q' q# L) w* I. @/ D. o3 q
   — بۇ ئورۇننىڭ ئىگىسى مەن، – دەپ ئۇنىڭغا سوغۇق تەگدى. قىز شۇئان ئورنىدىن تۇرۇۋېدى، ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇۋېلىپ:# K$ X+ w' c* q4 V
   — يىگىتىڭىز قەرز ھېسابىغا سىزنى ماڭا ئۇچراشتۇرۇشقا ۋەدە قىلغان، تەكلىپىمگە كۆنمىسىڭىز، سورۇننىڭ ھېسابىنى قىلىۋېتىپ ماڭارسىز، –دەپ تەھدىت سالدى. بۇنى ئاڭلاپ قىزنىڭ بېشى پىررىدە قايدى – دە، جايىدا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى... $ n$ S9 a+ P# x5 r, a4 b. [! \. b
   — يىگىتىڭ قېنى، سىڭلىم؟ ئانام تېلېفون قىلىپ، سېنى بالدۇرراق قايتىپ كەلسۇن دەيدۇ، – دېدى كۈتكۈچى قىز كۆزىنى قىسىپ. # a9 E. p; ]" c, S& G/ M
   قىزنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئوت بولۇپ يېنىپ، ئىككى چېكىسى ۋە پېشانىسىدىن چىپىلداپ تەر ئېقىشقا باشلىدى.ئۇ ‹‹پاڭڭىدە››يىغلىۋېتىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋېلىپ كۈتكۈچىنى بىلىكىدىن تارتىپ يان تەرەپتىكى بىكار بولغان بىر ئايرىمخانىغا ئېلىپ كىردى –دە، ئىشىكنى يېپىپلا بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى. كۈتكۈچى خېلى ئىش كۆرگەن بولسا كېرەك، قىزنىڭ ئېسەدەپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈشىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ:
! }9 f. H9 w# {6 k& o* A   — ئۇ بېدىكنى بۇ يەردە كۆپ كۆرگەنمەن، كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ سىڭلىم، مەن كېپىل بولاي، چىقىمنى مەنلا تۆلىۋېتەي دېسەم، مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە تۇشلۇق تۇرمۇشۇم بار، مۇمكىن بولسا، بىرەر مۇھىم نەرسىڭىزنى گۆرۈگە قويۇپ قويۇڭ، مەن سىزنى يولغا سېلىۋېتەي، – دېدى.8 E; g: f0 Y2 J! X
   قىز بانكا كارتىسىنى چىقىرىپ كۈتكۈچى چوكانغا تەڭلىدى. كۈتكۈچى كارتىغا قاراپ بىرنەرسە دېمەكچى بولدى –يۇ، گېپىنى ئىچىگە يۇتۇۋېتىپ قىزنى يېتىلىگىنىچە سىرتقا ئېلىپ چىقىپ تاكسىغا سېلىپ قويدى.
) _+ u8 L- p- u7 T2 ^7 w, p
   قىز مەكتەپ ئالدىدا تاكسىدىن چۈشۈپ، پۇتلىرىدا ماغدۇر قالمىغان ھالدا ياتاققا يول ئالدى.ئۇ كېتىۋېتىپ قويۇن يانچۇقىدىن ئانىسى بەرگەن يۇمىلاق ئەينەكچاقنى ئېلىپ چىراغ يورۇقىدا ئۆز ئەكسىگە قارىدى.بايا سۈرۈلگەن ماي، ئەڭلىك ۋە سۈرمىلەر ياش ۋە تەر بىلەن ئارىلىشىپ بۇزۇلۇپ، يۈزى ئۆزىمۇ تونۇيالمىغىدەك ھالەتكە كېلىپ قالغانىدى.
( z. a; S; n. Q* i5 D2 L+ nمەنبە:باغداش تورى
你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تىزئىنكاس يوللاش:



تەۋىسسىيە تاقاش


سىناشقا قاتنىشىڭ

ئىللىق تورى ئاندىرويىد ئەپ دىتالى سىناق تەرەقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ئاندىروىد سىستىمىلق ھەرقانداق(ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان) تېلىفۇنلار دانورمال زىيارەت قىلىشقا تىما ئىنكاس يوللاشقا بۇلۇدۇ .يانفۇن كامىراسىنى ئىككىلىك كودقا توغىرلاپ چۈشۈرۋېلىڭ ،


كۆرۈش