- تۆھپە
- 2100
- تىللا
- 542
- قىزغىنلىق
- 3364
- توردا
- 492 سائەت
- 性别
- مەخپىي
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-11
- تىزىملاتقان
- 2012-1-1
- ئالبوم
- 4
- بلوگ
- 1
- خاتىرە
- 76
- دوست
- 21
- يازما
- 787
- تېما
- 499
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 10242
- نادىر
- 17
- ھەمبەھر
- 2
- UID
- 229
  
- تۆھپە
- 2100
- تىللا
- 542
- قىزغىنلىق
- 3364
- تېما
- 499
- يازما
- 787
|
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامغا كىرىش تارىخى
# f7 ~. m( R& U% F4 t
6 }: U3 @$ |' i& T8 C) f- N ) W% k- r3 q- B/ _& P
& e- ]' i& v, S' W# sجامال قارشى يازغان "سۇرراھ لۇغىتىگە تولۇقلىما" دېگەن كىتابىدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا ، سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بوۋىسى كۆل بىلگە قىدىرخان "قۇز ئوردۇ" (بالاساغۇن) دا مەركىزىي ھاكىمىيەتنى باشقۇرغان ۋاقىتتا ئەتراپتىكى تۈركىي قەبىلىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان . ئۇنىڭ زامانىسىدا تۈركىي قوۋملەر ئەللەردىن شاش ، "تاشكەنت" رايونى ئىسلامىيەتنى بۇرۇنراق قوبۇل قىلغان . ئۇ مىلادىيە 819 - يىللىرىدىن بۇيان ماۋەرائۈننەھردە بۇرۇن ھۆكۈم سۈرگەن ئۆز ھاكىمىيىتىنى كېڭەيتىپ ، سامانىيلار خاندانلىقى بىلەن سوقۇشۇشقا مەجبۇر بولغان . شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، كۆل بىلگە قىدىرخاننىڭ ھۆكۈم سۈرگەن زامانى ، پائالىيىتى ھەققىدە بىز ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس . قامال قارشىنىڭ پىكرىچە ، كۆل بىلگە قىدىرخاندىن كېيىن ھاكىمىيەتنى ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى قولغا ئالغانىدى . كۆل بىلگە قىدىرخاننىڭ بارىز (ئارسلانخان) ، ئوغۇلچاق (قىدىرخان ياكى بۇغراخان) دېگەن ئىككى ئوغلى بولۇپ ، بۇ توغۇرلۇق پىرىستاك قاتارلىق بەزى ئالىملار ، بارىز (ئارسلانخان) نىڭ بالاساغوندا ئۇلۇغ خاقان سۈپىتى بىلەن ، ئوغۇلچاق قادىرخان بۇغراخان نامى بىلەن تىراز ۋە كېيىن قەشقەردە ھۆكۈم سۈرگەن . مىلادىيە 893 - يىلللىرى ئوغۇلچاق بىلەن سامانىيلار خانلىقى ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم سوقۇشۇشلار بولۇپ ئۆتكەنىدى . مىلادىيە 893 - يىلى ئىسمايىل شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى تىرازنى ئىشغال قىلىپ ، خوتۇن - بالىلىرى بىلەن 15 مىڭ ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالغان . بۇنىڭ بىلەن ئوغۇلچاق ئارسلانخان مەركەزنى قەشقەرگە يۆتكەش بىلەن سامانىيلار خاندانلىقىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۆرگەن . سامانىيلار ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلانغان ئوغۇلچاق ، سامانىيلاردىن بىرىنى ئۆز پاناھىغا ئېلىشقا ھەرىكەتمۇ قىلغانىدى .7 @ g1 {2 W6 H* o. c, Z2 j
" H- C2 z# v0 Q% G( T$ {8 }" A
2 j: C; N; }, B+ z/ C2 ^" Y
ئەبۇل پۇتۇھ ئابدۇغەفۇر بىننى ھۈسەيىن ئەلمايى قەشقەرىنىڭ "قەشقەر تارىخى" دىمۇ ئېنىق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان . 1028 - يىللىرى ئەلجەۋھىرىنىڭ "ئەسسۇراغ فىل لۇغاتىت" ناملىق ئەرەبچە سۆزلۈكنى پارىسچىگە تەرجىمە قىلغان جامال قارشى قەشقەر تارىخىدىن نەقىللەر ئېلىپ ، قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر قىممەتلىك مەنبەلەرنى بەرگەن . مۇشۇنىڭ بەرگەن مەنبەسىگە قارىغاندا ، ساتۇق كۆل بىلگە قىدىرخاننىڭ ئەۋلادى بارىز ئارسلانخاننىڭ ئوغلى بولۇپ ، فىرانسىيە ئالىمى سىرناندى گىرىننارتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ، سۇتۇق مىلادىيە 900 - يىللىرى ياكى 910 - يىللىرى تۇغۇلغان . ئاتىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن ، تەختكە ئۇنىڭ تاغىسى ئوغۇلچاق ۋارىسلىق قىلغان . ئۇنىڭ ئانىسى ئوغۇلچاققا نىكاھلانغان . بۇنىڭ بىلەن ئوغۇلچاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنىدى . ئىلگىرى خاننىڭ سامانىيلار سۇلالىسىدىن قېچىپ چىققان شاھزادە ئەبۇ نەسر بىننى سۇلايماننى 932 - يىلى كۈتۈۋالغان ۋە ئۇنىڭ قەشقەرگە يېقىن ئاتۇشتا بىر مەسچىت سېلىشقا ئىجازەت بەرگەن . ئاتۇشتىكى بۇ مەسچىت بۇ جايدىكى تۇنجى ئىسلام مەسچىتى ئىدى . شۇ چاغدا ، مۇسۇلمان كارۋانلىرى بۇ بۇخارا ۋە سەمەرقەنتتىن ئاتۇشقا كېلىپ سودا قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ ، 12 ياشقا توشقان سۇتۇق بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۆزلىرىنىڭ كارۋانلىرى ئېلىپ كەلگەن ماللارنى كۆزدىن كەچۈرۈش نىقابى بىلەن ئەبۇ نەسىر سامانىي بىلەن ئۇچراشقان ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇش ئەھۋالىنى كۆرگەن . ئۇ ئەبۇ نەسىر سامانىيدىن سۇئال سورىغان . "سامانىي دەرھال ئۇلۇغ ئاللانىڭ 99 نامى يۈكسەك پەزىلەتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن . ئۇ يەنە مۇھەممەت ئەلەيھىسسلامنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىپ ئىسلام قانۇنلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئىسلام ئەقىدىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلىگەن " . ئوغۇلچاقنىڭ جيەنى سۇتۇق ، ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ سۆزىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ ، ئاتۇشنىڭ ئاغۇ كەنتىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ھەم ئۆزىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ، تۇغقانلىرىنى مەخپىي ھالدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرغان . سامانىيلارنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ نەسىر سامانىي سۇتۇقنى ئىسلام دىنىغا كىرىشىنى دالالەت قىلىشى ھەرگىز يەككە - يىگانە تاسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقە ئەمەس . مىلادىيە سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستېلا قىلىشقا باشلىغان . ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىسلاملاشقاندىن كېيىن ئىسلام دىنى ئىككى يۈز نەچچە يىل داۋامىدا مەخپىي ، ئاشكارا ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىغا كىرگەن . ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ماۋەرائۈننەھرنىڭ شىمالىدا سامانىي خانلىقىنىڭ چېەراسىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە سودا ئالاقىلىرى شۇ جايلاردىكى تۈركلەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان . بۇ ئەھۋاللار قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن .* V9 ^/ @5 U/ _& k3 V& d
: a' c0 m; R7 q. V9 I
$ z+ ?6 ^9 |5 U& {4 w6 y* v- }
* y7 a1 U8 Y0 {8 l9 _+ F
: C( O. U/ `3 d5 b! j O" G: u Dسۇتۇقنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى سېزىپ قالغان ئوغۇلچاق ئۇنىڭغا قەتئىي يول قويماسلىقنى بىلدۈرگەن . سۇتۇق ئوغۇلچاقنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ ، ئۆزى بىلەن مۇسۇلمان بولغان 50 نۆكەرنى باشلاپ چىقىپ ، ئوردا - قەلئەنى ئىگىلەش ۋە ئوغۇلچاق ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىش پىلانىنى تۈزگەن . بۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن بىر قىسىم مۇسۇلمان پىدائىيلاردىن 300 دەك ئەسكەرنى ئۆز يېنىغا توپلىغان ۋە پەرغانىلەردىكى مۇسۇلمان پىدائىيلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئومۇمىي ئەسكەر سانىنى مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە كۆپەيتكەن . ئۇلار ئالدى بىلەن ئات بېشى تايانچ پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ ، 3000 دەك قوشۇن بىلەن جىددىي تەييارلىق قىلغان . ئۇ شەرت - شارائىت تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ماسلىشىشىغا تايىنىپ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ، قىدىرخان ئوغۇلچاق بۇغراخاننىڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ، قارشىلىق قىلغان تاغىسى ئوغۇلچاقنى قوغا ئېلىپ تەختىنى تارتىۋالغان .; @2 s) `) M. W' a) ~
7 h- e ^3 ?& M1 M" I, Q) c \3 D
+ q! j5 j2 q7 [6 C- S" Z# ?ئوغۇلچاقنىڭ شاھزادە تېكىنلىرى ۋە ئوردا مەنسەبدارلىرىنى قولغا ئېلىپ بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى بەزىلىرىنى ئىمان ئېيتقۇزۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى . مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قەشقەر ھاكىمىيىتى پۈتۈنلەي سۇتۇقنىڭ قولىغا ئۆتتى . قەشقەر نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا قەدەر مۇسۇلمان بولغان قەشقەر خەلقى ھەر تەرەپتىن سۇتۇقنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەنتەنە قىلىپ ، پۈتۈن قەشقەر خەلقى سۇتۇق تېكىننىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلدى . مىلادىيە 1027 - يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى دەپ ئېلان قىلىپ ، قەھرىمانلىق مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان بۇغرا خانلىق ئۇنۋانىنى قوللاندى . ئىسلامىيەتنى رەسمىي دۆلەت دىنى دەپ ئېلان قىلدى . سۇتۇق بۇغرا قاراخان قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . ئىسلام دىنى تاراتقۇچى نامى بىلەن تارىختا مەشھۇردۇر ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ .& v6 q, k; B0 ~: A5 y: _# P
/ k* N$ ^; m* I" e# L
8 u: V. S, V, U% ?سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانى بولغاندىن باشلاپ ، قاراخانىيلار خاندانلىق تارىخىدا مەدەنىيەت گۈللەنگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان . بۇ دەۋردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك ، مەدەنىيەتلىك باي بىر دۆلەت سۈپىتىدە جاھانغا تولغانىدى . سۇتۇق بۇغرا قاراخان ئىسلاملاشتۇرۇش ئىشىدا ، خەلقلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشتا ئالدى بىلەن قەشقەر ، يەكەن ، ئاقسۇ ، ئىلى ، بالاساغۇن ، بارسغان (ئىسسىقكۆل ئەتراپى) قاتارلىق جايلاردا ، ئىسلام دىنىنى ناھايىتى تېز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تارقىتىپ ، بۇ رايونلاردا يىلتىز تارتتى ۋە ئىسلام دىنىغا ئومۇملاشتى . بۇنىڭ بىلەن سامانىيلار خاندانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ ، تالاس شەھىرىنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى . 10 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى ، سۇتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى . بالاساغۇننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن يەتتە سۇ رايونى ، بالقاش ۋادىلىرىدىكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى . مىلادىيىنىڭ 40 - يىللىرى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق ، ئىككى يۈز مىڭغا يېقىن تۈركلەر ئىسلام دىنىغا كىردى ۋە جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدا ئىسلام دىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتى . بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان ئۆزىنىڭ پايتەختىنى قەشقەر قىلىپ بەلگىلىدى . قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى قەشقەرگە ماۋەئۈننەھر ، خۇراسان ، ئافغانىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدىن نۇرغۇن دىن پېشۋالىرى ، دىن ئالىملىرى كەلدى ." مانا بۇ ئىسلام پېشۋا ئالىملىرى سۇتۇق بۇغراخانغا ئابدۇكېرىم دەپ مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشتى " . ( پىرىتساكنىڭ < قاراخانىيلار> كىتاۋېدىن ) .
1 r: V$ N% n. Y' H* w! u7 s) K$ p/ l! l1 x9 L/ \0 Q/ ?. q
/ [2 P! r5 L0 o$ E2 W
سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە ئۇنىڭ نامىغا قويدۇرغان تىللا پۇل سۇتۇق بۇغراخان نامى بىلەن مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم دېگەن خەت ئويۇلغان تىللا پۇللار ھازىر لېنىنگرادتىكى موزېيدا ساقلانماقتا . سۇتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قەشقەرگە قايتىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارشى زور ئۇرۇشقا تەييارلاندى . سۇتۇق بۇغراخان ئۆزى ئىسلام قوشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ ، خوتەنگە يۈرۈش قىلدى . سۇتۇق بۇغراخان بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە خوتەن بۇددىس ئۇيغۇرلىرىنى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كۇچارغا يۈرۈش قىلدى ۋە قەدىمدىن بېرى بۇددا دىنىنىڭ مەركىزىدىن بىرى بولغان كۇچار قاتتىق قارشىلىق قىلىپ ، ئىسلام دىنىغا كىرىشكە تەرسالىق قىلغان بولسىمۇ ، ئاھالىنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنىلا مۇسۇلمان بولماي بۇرۇنقى بۇددا دىنىي ئېتىقادىدا قالدى .5 Q* r# k# e3 T$ l
8 Z' L' Z. I- o
* a: \/ b6 D6 u0 G0 @" A; w, _$ wسۇتۇق بۇغراخان خوتەن ، كۇچارلارنى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى بويسۇندۇرۇش تاكتىكىسىدا ئاۋۋال مىلادىيىنىڭ 950 - يىللىرى شىمال تەرەپتىن ئىلىغا ، جەنۇب تەرەپتىن قاراشەھەر تەرەپتىكى ئۇرۇش يۆنىلىشى بويىچە قوشۇن تەشكىللەپ ماڭدى . بۇ ئۇرۇشقا ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەبۇ فەتتاھنى قوماندان قىلدى . مىلادىيە 950 - يىللىرى ئەتراپىدا ئەبۇ فەتتاھ قوماندانلىقىدىكى قاراخانىيلار قوشۇنى ھەشەمەتلىك بايراق ، داقا - دۇمباق ئەلەملىرىنى كۆتۈرۈپ ، ھەيۋەتلىك قوشۇن بىلەن شەرققە يۈرۈش قىلدى . قاراخانىيلارنىڭ ئەبۇ فەتتاھ باشچىلىقىدىكى قوشۇنى كۇچار ، كورلا ، قاراشەھەر قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ ، توقسۇن يولى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى بەشبالىق شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بەشبالىق ۋە قارا خوجا شەھىرىدىن نۇرغۇن قوشۇن يۆتكەپ تەڭرىتاغ ئېغىزىدا ئەبۇ فەتتاھ قوشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق قىلدى . بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان قارا خاننىڭ چوڭ ئوغلى مۇسا تېكىن (بايتاش) نىڭ قوماندانلىقىدا قاراشەھەرگە ۋاقتىنچە چېكىنىپ بۇ جايدا قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە سالدى . بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىمۇ ناھايىتى زور چىقىمغا ئۇچرىدى . سۇتۇق بۇغراىان بۇددىس ئۇيغۇرلىرى بىلەن بولغان جەڭدە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەبۇل فەتتاھ زور قەھرىمانلىق بىلەن خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ، سۇتۇق بۇغراخان ئۇنىڭغا " ئالىپ تېكىن " (قەھرىمان شاھزادە ) دېگەن ئۇنۋاننى بەردى . ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بۇددا دىنىدا قېلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . سۇتۇق بۇغراخان ئۆز دۆلىتىنىڭ شەرقىي چېگراسى قىلىپ ، كۇچارنى بېكىتتى . مىلادىيە 954 - يىلى سۇتۇق بۇغراخان ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولغانلىقىدىكى خەۋەر مۇسا تېكىنگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن مۇسا تېكىن دەرھاللا قەشقەرگە قايتتى . ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر ، دىنىي ئالىم ۋە سىياسىيون ، تالانتلىق ھەربىي سەركەردە سۇتۇق بۇغراخان 22 يىل قاراخانىيلار خانى بولۇپ ، مىلادىيىنىڭ 955 - يىلى ئالامدىن ئۆتتى . ئۇنىڭ جەسىتىنى ئاتۇشتىكى مەشھەتتە ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ قەبرىگاھىنىڭ يېنىغا قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئائىلە مازارى بولغان "گۈمبەز تول خاقانىيە" ناملىق ھۆكۈمدارلار گۈمبىزىگە دەپنە قىلىنغان . سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن چوڭ ئوغلى مۇسائىبىن ئابدۇلكەرىم بۇغراخان (تۈركچە ئىسمى بايتاش) ئارسلان بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانىيلار تەختىدە ئولتۇردى ئۇ يەنىلا قەشقەرنى قاراخانىيلارنىڭ پايتەختى قىلدى . ئۇنىڭ ئىنىسى سۇلايمان بالاساغۇندا تۇردى. مۇسا ئارسلان بۇغراخان ئۆتكۈر سىياسەتچىلەردىن بولۇپ ، كۆپ ئىقتىدارلىق ئالىم ئىدى . ئۇ قاراخانىيلار خاندانىنىڭ تەختىگە چىققاندىن كېيىن بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان دۆلەت مەمۇرىي تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ ، كۆپ قاتلاملىق ، كۆپ شەكىللىك ئىجتىمائىي تۈزۈمنى تىكلىگەن . شەرق قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئۇلارغا مەلۇم مەمۇرىي ھوقۇق بەرگەن . قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىدە مەمۇرىي تۈزۈمنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇش ئۈچۈن ، بىر قاتار قانۇن - تۈزۈم ، نىزامنامىلەر تۇرغۇزۇلغان . مۇشۇ تۈزۈملەرنى تۇرغۇزۇپ ، قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنىڭ بالاساغۇن ۋە قەشقەردىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىگەن ھەم دىنىي مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرۇپ ، ئىسلام دىنىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتكەن . خوتەندىكى بۇددىستلارغا ھۇجۇم قىلىپ ، خوتەننى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەن . ئۇ ئالىپ تېكىن باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمان قوشۇنىنى تەشكىللەپ ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىەە يۈرۈش قىلىپ ، ئالدى بىلەن قارا شەھەرنى ئىشغال قىلدى . ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى مىڭلاق قاتارلىق رايونلارغا يۈرۈش قىلدى . قاراخانىيلارنىڭ قوشۇنى ئىلىنى ئىشغال قىلىپ ، بۇ جايدىكى ئىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى . بۇددىست ئۇيغۇرلىرىنى مىڭلاقتىن سۈرۈپ چىقىرىپ ، ئۇ يەرلەرگە مۇسۇلمان تۈركلەرنى ئورۇنلاشتۇردى . دەل مۇشۇ مەزگىلدە قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئىلىغا ھۇجۇم قىلدى .... قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن قاراخانىيلار مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ئوتتۇرسىدا شىددەتلىك جەڭ بولدى ....ئالىپ تېكىن قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىنى مەغلۇب قىلىپ ، قۇجۇنى ئىشغال قىلدى . قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماي ، ئۆزلىرىنىڭ بۇددا دىنىدا قېلىپ ، ئىچكى مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلارغا تەۋە بولدى .
' {' K7 |( [" G, |
8 w% y5 o; [* m, V( G
- N% _6 h! [* Q5 Cئۇيغۇر تارىخىي مەنبەلىرىدە قاراخانىيلار ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ، قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن بەشبالىقتا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق شىددەتلىك جەڭدە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەبۇل فەتتاھ باتۇرلۇق بىلەن خىزمەت كۆرسىتىپ ، قازا قىلدى . ئالىپ تېكىننىڭ مازىرى جەنۇبىي تاغ ئېتىكىدە بولۇپ ، ھازىرمۇ خەلقلەر بۇ مازارنى "ئەل فەتتاھ غوجام" مازىرى دەپ ئاتايدۇ . |
 مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[ 教程]
|