ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 688 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1568|ئىنكاس: 1

جۇدۇندىكى مۇھەببەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

40

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

تۆھپە
9
تىللا
2
قىزغىنلىق
14
تېما
1
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 19:24:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇدۇندىكى مۇھەببەت
  Z; ^, f7 S% o" n5 S0 C7 z. S* [: U5 l
+ l4 S# _- u2 R$ `' v(ھېكايە)4 K0 q) f: N+ K) S

: K; x3 L- W# c$ E. Rئابدۇلھەمىد ياسىن
% h  c( e" P0 C: J5 r1 M
+ J4 L0 ?' B2 t. r  Wقۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى كىچىككىنە بىر بوستانلىق، خەرىتىدە چىكىتتەكمۇ ئورنى يوق بۇ كەنتتە نى- نى ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. زاماننىڭ شاۋقۇن- سۈرەنلىرى بۇ خىلۋەت كەنت كىشىلىرىنىڭمۇ ئېڭىغا زورلاپ دېگۈدەك ئۆزىنىڭ ھەيۋىتىنى تاڭماقتا. ھەممە جايدا روي بېرىۋاتقان كەسكىن رىقابەت، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش- بىر قارىماققا بۇ كەنتتىمۇ رەھىمسىز ھەم شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ يەردىن نۇرغۇن كىشىلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى. چىققانلا كىشى تۇتاملاپ پۇل ھەم كەنتتىكىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئاللىقانداق يات قىلىق، ئادەتلەرنى سۆرەپ كىرىشكە باشلىدى. ئەزەلدىن بارىغا قانائەت قىلىپ كەلگەن بۇ كىشىلەر ھەممىگە چىدايتتى، ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ھېڭدىن سېسىق گەپلىرى بىلەن يۈرەكلىرى زەرداب بولسىمۇ ئۈندىمەيتتى. مەسچىتكە كىرىپ بىرلا ناماز ئوقۇپ چىقسا روھى كۆتۈرۈلۈپ، باشقىچە رايىش ئادەەمگە ئايلىنىپ قالىدىغان بۇلار ھەممىگە كۆنەلەيتتى. ئەمما ئوزۇندىن بىرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئادەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ ئۇلارنىڭ ئۈگۈتلىرى بىلەن ئىش تۇتۇشنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغان كەنتلىكلەر سىرتقا چىقىپ كىرگەنلەرنىڭ ئۆز بېشىمچى، پۇل دېسە پۇتى كۆيگەن توخۇدەك بولۇپ كېتىۋاتقىنىنى پەقەت كۆزىگە سىغدۇرالمايۋاتاتتى. ئۇلار نە چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، نە ئۇلارنىڭ ئۈگۈتلىرىگە قۇلاق سېلىش دېگەنلەر بىلەن كارى بولمايتتى. پەقەت پۇل تاپىدىغانلا ئىش بولسا ھەممىنى قىلاتتى. قىمارنى كەسپ قىلىۋالغانلارغا «بالام، ھالاللىق بىلەن پۇل تېپىڭ» دەپ نەسىھەت قىلىدىغان ئاقساقاللارنى قوپال سىلكىۋېتىدىغان بەد قىلىق ياشلار ئاۋۇپ قېلىۋاتاتتى. ئاقساقاللار بىر يەرگە يىغىلغاندا دەيدىغان گەپلىرى يۇرتنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقىنى، ئەرلەرنىڭ دەيۈز، ئاياللارنىڭ نايناقشىپ كېتىۋاتقىنى، ئەخلاق، ئۆرپ- ئادەت دېگەنلەرنىڭ ئېغىزدىكى گەپ بولۇپ قېلىۋاتقىنىنى سۆزلىشەتتى. ئۇلار نېمىگىدۇر ئىزتىراپ چېكىشەتتى. تىپىرلايتتى. قېرىلىقتىن قورۇلغان ئېغىزى نارازى ئاھاڭدا توختىماي مىدىرلايتتى...' s: i1 C" P, g( B3 v2 W- g
مانا، قاھارمۇ مۇشۇ مەھەللىدە توغۇلۇپ چوڭ بولغان. باغرى سۇنۇق چوڭ بولغان. ئاتا- ئانىسى ھايات بولسىمۇ يىتىملىكتە چوڭ بولغان. ئاتا- ئانا ھەرقانچە كۈيۈملۈك بولسىمۇ، ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ پەرزەنتىگە بېرىدىغان تەسىرى پەرزەنتلەرنىڭ باغرىنى ئۆرتەپ تۇرىدىغان ئۆچمەس يىتىملىك دېغى بولىدىكەن- خالاس!) m  @  g3 R5 B, B" B2 R9 d
قاھارنىڭمۇ ئاتا- ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن. قاھار ئانىسىغا قالغاندىن كېيىن ئانىسىمۇ ئەرگە تېگىپ كېتىپ، مومىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولدى. چوڭ بولغۇچە يىتىملىك، ئاچ- زارلىق، مەسخىرە، مەڭسىتمەسلىكلەر- ھەمىشە ئۇنىڭ كۆزىدىنلا ئەمەس يۈرىكىدىن قان ئالدى. يىگىتلىك يېشىغا يەتكەندە خۇيمۇ بەستلىك، قاراقاش، بۇغداي ئۆڭ، قاڭشارلىق، كېلىشكەن يىگىتكە ئايلاندىيۇ، نېمىدىندۇر قورقۇپلا تۇرىدىغان، ھەمىشە ئەنسىرەش تۇيغۇسىدا چۆچۈپ يۈرىدىغان يۈرەكسىز ئادەم بولۇپ قالدى. قاياقتا مەسخىرە قىلىدىغان ئادەم باركىن دېگەندەك، كۆزى تۆت ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قارايدىغان، «يىتىم ئوغلاق» دەپ بىرسى تىللاپ سالامدىكىن دەپ، غەم قىلىپلا يۈرىدىغان بولۇپ، كۈنلىرى ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتى.
7 \2 V- s: P- S' O) q( U, ]: sئەمەلىيەتتە ئۇنىڭمۇ خېلى جىق دوستلىرى بار. ھەممىسى دېگۈدەك كۆك تاماكىنى ئوراپ چېكىدىغان ياش بالىلار. ئۇلار قاھارغىمۇ زورلاپ يۈرۈپ تاماكا چېكىشنى ئۆگىتىۋالدى. تاماكا چېكىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئۇمۇ بۇ ئوبدان ھۆنەرگە كىرىشىپلا قالدى. تاماكىنى توغرا چىشلەپ تۇرۇپ ھوزۇر بىلەن شورىغاندا ئۆزىنى خېلى يۈرەكلىك ھېس قىلىپ، ئاغىنىلىرى بىلەن چاقچاقلىشىدىغان، ھەتتا قىزلارغىمۇ ئىسقىرتىپ قويىدىغان بولدى. كېچىدە قوغۇن- تاۋۇز ئوغرىلاشقا چىققاندا بورۇن ھەممىسى قاھارنىلا ئوغۇرلۇققا سالاتتى. ئەمدى ئۇمۇ ئۆزىدىن كىچىكلەرنى بۇيرۇيدىغان، تەڭتۈشلىرىغا ھۆركىرەپ قويىدىغان بولدى. ئانچە- مۇنچە توخۇ ئوغرىلاپ، پارچە ھاراق ئىچىشىپ كېچىدە ئالا- تاغىل توۋلاپ يۈرىدىغان قىلىقنىمۇ پات پۇرسەتتە ئۆگىنىپ كەتتى. كەنتتىكى كۆپچىلىك كىشىلەر ئۇنىڭ يىتىملىكىگە ئىچ ئاغرىتاتتى. ئۆشرە- زاكاتلىرىنى، ئارتۇق كىيىملىرىنى ئۇنىڭغا بېرىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قاڭشارلىق ئات يۈز چىرايى دەممۇ- دەم قىزىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ سەمىمىيلىكىنى ھەممە ئادەم ياقتۇراتتى. ئەمدىلىكتە بىر قارىسا يوۋاش، مۆڭ، بىر قارىسا لۈكچەك سىياق بولىۋالىدىغان قاھارغا قاراپ مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. بىر كەمدە، قاھارمۇ «ئىشەك سۈيدۈكى» ئىچىدىكەن، دېگەن گەپ تارقىلىپ، ئۆشرە- زاكات بېرىدىغانلار مۇتلەق قالمىدى. يېنىچە قىرىچە تېگىدىغانلارمۇ ئاۋۇپ قالدى. ئۇ بۇنداقلارغا ئوبدانلا ھۆرپىيىپ قوياتتى. بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ قىزىرىپ تاتىرىپ تۇرىدىغان سەبىي چىرايىنىڭ ئورنىغا ئەسەبىي بىر چىراي ئالمىشاتتى-دە، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغان بولىۋالدى. ھەتتا بىر كۈنى قاھارنىڭ ئاشۇ ئاغىنىلىرى ئەتىگەندىلا سورۇن تۈزۈپ قالدى. چۈشكىچە تازا بېسىپ ئىچكەن قاھارغا كىمدۇر بىرى «بۆگۈن جۈمە كۈنى بولغاندىن كېيىن ئازراق ئىچەيلى» دېۋىدى قاھار ۋارقىراپ يۈرۈپ ئۇنى شۇنداق دېگىنىگە تويغۇزدى ھەم بىلەرمەنلىك قىلىپ، «جۈمە ۋاقتىغىچە ئىچىپ، ئاندىن تاھارەت ئېلىپ جۈمەگە بارساق گۇناھىمىز يۇيۇلۇپ كېتىدۇ» دېدى. ئۇنىڭچە ئۆزىنىڭ بۇ گېپى بەك توغرا ئىدى. ئەمما شۇ كۈنى بەك شەرمەندە ئىش بولدى. مەسچىتتە جامائەت سەجدىگە بارغاندا ئېغىر ئىچىۋالغان قاھار ئورنىدىن قوپالماي سەنتۈرۈلۈپ سەپنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. غەزىپىنى باسالمىغان بىر نەچچە ياش ئۇنى كۆتۈرۈپلا كونا چاپاننى ئىرغىتقاندەك مەسچىت سىرتىغا ئاچىقىپ تاشلىۋەتتى. ئۇ مەسچىت سىرتىدا تۇرۇپ ئىچىدىكىلەرنى راسا تىللىدى.
2 ^' a" G7 ?8 r_ ناماز ئوقۇغىنىڭ بىلەن ھەممىڭ كاپىر، مەندەك بىر يىتىمنى بوزەك قىلىشتىڭ، مېنىڭمۇ خۇداغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقۇم بار، ھۆكۈمەتمۇ مېنىڭ يېشىمدىكى كىشىلەرنى ناماز ئوقۇشتىن توسىمايدۇ. سەنلەر ھەممىڭ دۇزىخى، مېنى يېتىم كۆرۈپ بوزەك قىلىشتىڭ، خەپ...
) E4 M& b4 g7 o8 ]4 }* u: lئۇنىڭ خەپلىرى ئېغىزىدا قالدى. ئاڭغىچە نامىزىنى ئوقۇپ بولغان بىر نەچچە ياش ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئاغزى- بۇرنىنى قۇشخانىدىن چىققاندەك قىلىۋەتتى-دە، مەسچىت ئالدىدىن قوغلىۋېتىشتى. ئېغىر تاياق ئالدىدا ئۇنىڭ مەستلىكى ئاللىقاياقلارغا كېتىپ، شۇنداق قورقۇپ كەتتىكى، ئۆزىنىڭ تۆت پۇتلۇق بولۇپ يارىلىپ قالمىغىنىغا پۇشايمان قىلىپ، قېچىپ كەتتى. مەھەللە ياشلىرى بىر يەرلەرگىچە قوغلاپمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلمىدى. شۇندىن كېيىن ئۇ نەچچە كۈنگىچە ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ قويۇپ ئۆيىدە جىممىدە يېتىۋالدى. مومىسىنىمۇ سىرتقا چىقارمىدى. ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ كەلگەن مومىسى مەھەللىدىكىلەرنىڭ بۇ يىتىم بالىنى شۇنداق ئۇرىۋەتكىنىگە خاپا بولۇپ ئۇلارنى قارغاپ كەتتى. قاھارنىڭ قورقۇنچىسى قىش كىرگەندىلا بىر ئاز بېسىقتى. ئۇ ئەمدى ئۆزىگە ئاشۇ ئاغىنىلىرىدىن ۋاپا كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندەك، ھالال بىر ھۆنەر قىلماقچى بولدى. ئەمما قىش كۈنىدە ھۈنەرمۇ كۇلۇڭ بېشىغا بېرىۋالىدىغان بولغاچقا، خوشنىسىدىن تاڭگازا ئېلىپ ساتماقچى بولدى. ئەپچىل بىر ھارۋا ياساپ تاڭگازىنى بېسىپ ھارۋىنى سۆرەپ يۈرۈپ مەھەللە دوقمۇشىدا پەيدا بولدى. دەسلەپكى نەچچە كۈندە كىشىلەر ئۇنىڭ مەسچىتتىكى ئەدەبسىزلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغاندەك ئانچە سودا قىلالمىدى. ئەمما مەھەللىدىكىلەرنىڭ يەنىلا باغرى يۇمشاق، «يىتىم ئەمەسمۇ، مونۇنىڭ تاڭگازىسىدىن ئېلىپ قويايلى» دەپ ئۇنىڭ تاڭگازىسىنى ئالىدىغان بولدى. ئۇمۇ ئىلگىرىكى سەمىمىيلىكى بىلەن مەھەللىدىكىلەرنى ياخشى رازى قىلىشقا تىرىشتى. ئاغىنىلىرى ئىزدەپ كەلگەندە ئۇلارغىمۇ ياخشى مۇئامىلىدە بولدى. ئەمما ئۇلار بىلەن بۇرۇنقىدەك ئارىلىشىپ كەتمىدى. شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ بېشىغا بىر چوڭ سەۋدا چۈشتى. ئۇ بولسىمۇ بارچە ئىنساننى بىر قىسما قىلىپ قويىدىغان ئىشىق سەۋداسى ئىدى. ئۇ مەھەللىدىكى ئىمامنىڭ قىزى رەيھانەمنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. رەيھانەم بەك چىرايلىق قىز بولۇپ، ئىمام نېمىشقىدۇر ئۇنى خېلى- خېلى يەرلەرگە ياتلىق قىلمىغان، ئوقۇتىمەن دەپ ئەخمەت قارىمنىڭ ئايالىدىن ساۋاق ئېلىپ قۇرئان يادلاپ يۈرگەن قىز ئىدى. باشقىلار بۇ قىزنى قۇرئاننى يادلاپ بولۇشقا ئازلا قاپتۇمىش، ئالتۇندەك قىز بولدى، دېيىشەتتى. ئۇنىڭ مىجەزى ياخشى بولۇپلا قالماستىن يەنە چىرايلىقلىقتا مەھەللىنىڭ كۆزى ئىدى. قاپقارا كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، ياغلىقنى ئېڭىكىدىن چېگىۋالىدىغان، ئاق ياغلىق ئۈرۈكتەك سۈزۈك، سوزۇنچاقراق ئاق چىرايى پارقىراپ تۇرىدىغان ئاجايىپ چىرايلىق قىز ئىدى. كىشىگە تىك قارىمايدىغان، يىگىتلەر ئۇچراپ قالسا ھالرەڭدە نۇرلىنىپ قىزىرىپ تۇرىدىغان ئۇياتچانلىقى ئۇنىڭ چىرايلىقلىقىغا ئاجايىپ ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى. ئۆزىنىڭ ئالدىدىن كۈندە نەچچە رەت ئۆتۈپ تۇرىدىغان بۇ قىزغا قاھار دەسلەپتە ئانچە ئېرەن قىلمىدى. كېيىن مەھەللە دوقمۇشى ئادەمسىز قالغان پەيتتە ئۆزىگە چۆچۈپ قاراپ قويۇپ، ئىتتىك ئۆتۈپ كېتىۋاتقان رەيھانەمنى كۆرۈپ قاھار ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى. گۇيا ئۇنى بۇرۇن پەقەت كۆرۈپ باقمىغاندەك، ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ، يۈزىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغاندەك كەينىدىن بىر ھازا قاراپ قالدى. ئۆزىگە چۆچۈپ قاراپ قويۇپ كېتىپ قالغان چوڭ قوي كۆزلەر كەچكىچە ئۇنىڭ خىيالىدىن نېرى بولالمىدى. شۇندىلا ئۇنىڭ ئىمامنىڭ قىزى رەيھانەم ئىكەنلىكى، ئاغىنىلىرىنىڭ «رەيھانەم بىلەن بىر كۈن بىللە بولۇپ، ئۆلۈپ كەتسەم تىرناقتەك ئارمىنىم يوق» دەپ ئۇھسىنغانلىرى ئېسىگە كەلدى. نەقەدەر نوقسانسىز چىراي، نەقەدەر ئوتلۇق كۆزلەر- ھە؟ 3 c" S6 t1 w8 u2 i, X' B, E2 S
ئەمدى ئۇنىڭ كۈنلىرى ھەمىشە رەيھانەمنىڭ يولىغا قاراش بىلەن ئۆتىدىغان بولدى. رەيھانەم ھەمىشە قەددىنى تىك تۇتۇپ، كىشىلەرگە قارىماي، ئۆز يولىغا كېتىپ قالاتتى. مەھەللە دوقمۇشى كۆپىنچە ئادەمسىز قالمايتتى. كىچىككىنە ياغاچ دوكان ھەمىشە ئوچۇق تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاھارنىڭ ھارۋىسى كۈنبويى ئۇنىڭ دۈگدەرەپ تۇرغان گەۋدىسى بىلەن ئەتىگەندىلا بۇ دوقمۇشقا ئۈنۈپ بولاتتى. قىش كۈنىدە ئىش بولمىغاچقا مەھەللىنىڭ بىكارچىلىرىلا ئەمەس چوڭ ياشلىق كىشىلەرمۇ بۇ يەرگە توپلىناتتى. ھەمىشە ئۇنداقمۇ ئەمەس. بەزى كۈنلىرى سوغۇق ھۇۋلاپ كىشىلەرنى ئۆيىدىن چىقارمايتتى. شۇنداق كۈنلەردىمۇ قاھار ئۆزىنىڭ چاقى بىلەن قوشۇپ سانىغاندا ئۈچ پۇتلۇق ھارۋىسى بىلەن بۇ دوقمۇشتا پەيدا بولاتتى. ئۇنىڭ شۇنداق سۇغۇقتىمۇ ئۆيگە ئوتنى قالاپ قويۇپ يېتىپ ئۇخلىغۇسى كەلمەيتتى. ھەئە، ئۇنىڭ كۆڭۈل ئۆيىدە گۈرۈلدەپ بىر پارچە ئوت، بىر پارچە گۈلخان كۆيۈپ تۇراتتى. ئۇ بولسىمۇ رەيھانەمنىڭ ئوتى ئىدى. رەيھانەم ئەمدىلىكتە ئۇنى كۆرسە بەكمۇ چۆچىمەي ئۆتۈپ كېتىدىغان، ھەتتە كوچا ئادەمسىز كۈنلىرى ئۇنىڭغا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ يىنىك سالام قىلىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. مۇشۇنىڭ بەدىلى ئۈچۈن قاھار ھېلىغۇ سوغۇق ئەدىگەن كۈن ئىكەن، قار- شىۋىرغانلىق كۈندىمۇ بۇ دوقمۇشقا چىقماسلىققا كۆڭلى ئۇنىمايتتى. ھەتتا بىر كۈنى رەيھانەم بۇ كوچىدىن پەقەت ئۆتمىۋىدى قاھارغا پۈتۈن بىر كېچە ئۇيقۇ ھارام بولدى. رەيھانەم نېمىشقا ئۆتمىگەندۇ دەپ ئۆزىچە خەۋىپسىرىدى. كېسەل بولۇپ قالغانمىدۇ، ياكى باشقا سەۋەب بارمىدۇ دەپ غەم يېدى. باشقا سەۋەب بولمىغىيدى، دەپ ئۆزىگە تەسەللى بەردى. چۈنكى كېسەل بولسا ساقىيىدۇ، باشقا سەۋەب بولسا...
# ^1 M3 G- Q( Z6 T2 Z8 {; dمانا بۆگۈنمۇ كوچا ئادەمسىز قاھار قۇلاقچىسىنى چۆكۈرۈپ قويۇپ، توڭلاپ كەتكەن پۇتلىرىنى يۆتكەپ رەيھانەمنىڭ كېلىشىنى ساقلىماقتا. چۈنكى ئۇ بۆگۈن قەتئى ئىرادىگە كەلدى. ئۇ بۆگۈن رەيھانەمگە گەپ قىلماقچى. باشقا گەپنى ئەمەس، پەقەت «تاڭگازا يەپ بېقىڭ» دېگەننىلا دېمەكچى. چۈنكى دوقمۇش ھازىرمۇ ئادەمسىز، دۇكاننىڭ ياغاچ ئىشىكىمۇ ئېچىلىدىغاندەك ئەمەس. ئۇنىڭ ماڭە بىزنىڭ ئۆيدە بىردەم ئىسسىنىپ چىق دەيدىغان ئاغىنىلىرىمۇ يوق. ئۇ ئاشۇ ئىسسىنىپ چىق دېگەنلەرنىڭ ئۆيىگە قەتئى ئاياغ باسمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ نېمە دەيدىغىنى ئۆزىگە ئايان، ئاۋال تاماكا تۇتىدۇ، ئاندىن ھارىقىنى چىقىرىدۇ. بولدى، ئاۋۇ رەيھانەم ئالدىدا سەت بولىدۇ. ئۇ شۇنداق ئوي بىلەن شۇلار بىلەن بولغان باردى كەلدىسىنى چورتلا تاشلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ «بۇ بالا ناماز ئوقۇمىغان بىلەن تەقۋادار بوپ كەتتى ھازىر» دەپ زاڭلىق قىلىشلىرىمۇ قولىقىغا كىرمەيدۇ. ھەتتا رەيھانەمنى كۆرۈپ قالامدىكىن دەپ كەچ كىرگىچە تاماكىنىڭ مېھرىدىنمۇ كېچىپ كەتتى. كەچتە خۇمارى تۇتۇپ ئاران ئوراپ، رەيھانەمنىڭ تىنىق كۆزلىرىنى ئويلىغان ھالدا چېكىشكە باشلايدۇ.
) ~) C' ~, i1 r# R-ئەنە كەلدى!- ئۇ ۋارقىرىۋېتىشكە ئازلا قالدى. چۈنكى رەيھانەم دەل ۋاقتىدا يەنى كۈندە كېلىدىغان ۋاقىتتا ئۆيى تەرەپتىن دوقمۇشقا قاراپ كەلمەكتە ئىدى. قاھارنىڭ يۈرىكى سېلىشقا باشلىدى. خۇددى يۈرىكى كۆكرەك قەپىسىنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقۇشقا باشلىدى. ئاھ خۇدا، رەيھانەم ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ يەنە يېقىملىق نىگاھلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى ۋە يىنىك سالام قىلدى. قاھارمۇ ئىتتىك سالام قىلدى ئاندىن:
* {; B6 b, h& N+ ]_ رەيھانەم، تاڭگازا يەپ...-، دىيەلىدى. رەيھانەم ئۇنىڭ گەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ ئورنىدا چىپپىدە توختىدى ۋە:
) H9 F) t$ i1 G* g8 \; H% P. o5 l_ نېمە دېدىلە؟،- دەپ سورىدى.
" n2 X' G6 L9 z) X  ]& `ئۇنىڭ سورىغىنىنى ئاڭلاپ قاھار دۇدۇقلاپ تۇرۇپلا قالدى ۋە: , {0 e- S" ~( n, Q1 j  F9 ]
_ تاڭگازا يەپ ماڭاملا؟- دىيەلىدى ئارانلا. رەيھانەم:
9 \1 z2 M  W  k6 H9 m_ ھە، بولدى، بولدى، كېيىن يەرمىز،- دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى. 7 W: \+ R% r+ k
رەيھانەم قانداق مەقسەت بىلەن شۇنداق دېدى، ئەمما «كېيىن يەرمىز» دېگەن بۇ گەپ قاھاردا ئۆزگىچە ھېس- تۇيغۇ ئويغاتتى. ئۇ بۇ سۆز ئۈستىدە قايتا- قايتا ئويلىناتتى. ھەتتا خىيالىدا «رەيھانەم مېنىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن» دەپ قالاتتى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ شېرىن خىيالىدىن ھوزۇرلىنىپ كېتەتتى.
1 Y$ m: B. O4 P3 v8 E1 A. y+ pئەتىسى دوقمۇش يەنە شۇنداق ئادەمسىز قالغان پەيتتە قاھار يەنە رەيھانەمنى يەنە تاڭگازا يېيىشكە تەكلىپ قىلاي دەپ تۇرغىنىدا رەيھانەم ئۆزلىكىدىن ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. بۇ چاغدا قاھارنىڭ يۈرىكى پارتلاپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى. " e0 W6 R* Q3 Y5 v2 t! v, Y# o4 ]  B( x" {
_ بىر كويلۇق تاڭگازا بەرسىلە.
* m: J# a% t' Y; W9 v2 L7 eرەيھانەمنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ قاھار بىردەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. ئاندىن تويۇقسىز ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ ئىتتىكلا بىر چاڭگال تاڭگازىنى ئېلىپ سولياۋ خالتىغا سالدى ۋە رەيھانەمگە سۇندى، رەيھانەم ئۇنىڭ تارازىغا سالمايلا بەرگىنىگە خاپا بولۇپ:  E7 S' w. [3 T
_ تارتمايلا بەردىلىغۇ؟ - دېدى ۋە تاڭگازىنى تاڭگازا دۆۋىسىگە تۆكۈۋەتتى ئاندىن:
) @. j5 M7 q. S9 p: l_ تارتىپ بەرمىسىلە ئالمايمەن،- دېدى. قاھار ئۇنىڭ خاپا بولۇشىنىڭمۇ شۇ قەدەر ئوماق ئىكەنلىكىدىن يۈرىكى كۆيۈپ چۇچۇلىغا ئايلىنىپ كەتكىلى ئاز قالدى. ئۇ قىزىرىپ تۇرۇپ:0 \7 h$ F  b: l+ d. @
_ سالاي، سالاي،- دېدى ۋە بايامقىدەك تاڭگازىنى سولياۋغا قايتا سېلىپ تارازىغا سالدى رەيھانەمگە ئۇزاتتى. رەيھانەم شۇندىلا تاڭگازىنى ئېلىپ، پۇلنى سۇندى. پۇلنى كۆرۈپ قاھار تېزلا:0 |0 V1 `% |2 D+ m% C. ]/ P
_ ياق، بولدى، سىلىدىن پۇل ئالمايمەن. چوڭ گەپ قىلغىنىمىز بىلەن ھېچبىر ساۋابلىق ئىش قىلالمىدۇق، سىلىدىن پۇل ئالمايمەن،- دېدى. رەيھانەم كۈلگىنىچە:, t1 L7 V8 q) z! U3 @
_ مەندىن پۇل ئالمىسىلا ساۋابلىق ئىش بولمايدۇ، ئېلىۋەرسىلە،- دېدى ۋە پۇلنى تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالدى. قاھار يەنە تۇرۇپلا قالدى. دەسلىپىدە خېلى تۈزۈك گەپ قىلغاندەك قىلىۋىدى قىزنىڭ دەل جاۋابى بىلەن ئۇ ئۇجۇقۇپلا كەتتى.  ئۇنىڭ يەنە ئۇيقۇسى قاچىدىغان بولۇپ قالدى. كېچە ئۇھ تارتىپ ئۇخلىمايتتى. مومىسى ئۇنىڭ ئۇخلىمايۋاتقىنىنى سېزىپ ئەھۋال سورىغان ئىدى، قاھار ھېچنېمە دېمىدى. ئەمدى رەيھانەم ئۇنىڭدىن كۈن ئارىلاپ تاڭگازا سېتىۋالىدىغان بولدى. شۇ كۈنلەردە قاھارنىڭ يۈرىكى ئوت بولۇپ يېنىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئويلىناتتى. نېمە قىلارىنى بىلمەي تولغىناتتى. ئۆزىنىڭ تېخى مۇشۇ يىل يازدىلا مەسچىتتە رەسۋايى- ئەلەم بولغانلىقى باغرىنى ئۆرتەيتتى. ئەگەر شۇقەدەر ئوسال بولمىغان بولسام بىر ئاز ئۈمىد بار ئىدى، ئەمدىلىكتە مەسچىتنىڭ ئىمامى تۇرۇپ، مەندەك بىر بىئەدەپكە قىز بېرەرمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزنىڭ ماڭا كۆڭلى بارمۇ يوق، بۇنى يا سورىغىلى بولمىسا! ناۋادا مومام مويسىپىتلارغا دەپ ئەلچى ئەۋەتىپ باقساق قانداق بولار؟.... بىردىن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا مەھەللىسىدىكى ئاپئاق ساقاللىق مويسىپىتلار زاھىر بولدى.
& a3 ]5 D+ `" |1 ?  G+ U" Hبۇ مەھەللە ئەزەلدىن چوڭ ياشلىق، پىشقەدەم كىشىلەرنىڭ گېپىنى گەپ قىلىپ كەلگەن، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، ئاسراش، ئۈگۈتلىرىنى ئاڭلاش، ھەتتا ئىزدەپ سوراپ بېرىپ ئىشلىرىدىن مەسلىھەت سوراشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ كەلگەن مەھەللە ئىدى. كىم قىز چىقىرىپ، ئوغۇل ئۆيلىمەكچى بولسا، كىملەر ئوتتۇرىسىغا نىزا چۈشۈپ قالغۇدەك بولسا، ئاپئاق ساقاللىق مويسىپىتلەر پاكىزە تونلىرىنى كىيىشىپ، مىسۋاكلىرىنى تونىنىڭ مەيدە يانچۇقىغا قىستۇرغان پېتى ساقاللىرىنى تىترىتىپ سورۇنغا ھازىر بولاتتى. بۇنداق مويسپىتلەر ئاشۇنداق سورۇننىڭ زەپ بەلەن يارىشىغى ئىدى. قىسقىسى بۇ كەنتتە ساقالنىڭ بولۇپمۇ ئاق ساقالنىڭ بەكلا چوڭ ھۆرمىتى بار ئىدى. ئاق ساقاللىق بىر كىشى قىز سوراپ كەلسە قىز ئېگىسى بويۇن تولغاشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. ئاق ساقاللىق بىر مويسىپىت ئارىغا كىرسە راسا قايناپ كەتكەن جىدەل سۇ قۇيۇلغان قازاندەكلا جىممىدە بېسىقىپ قالاتتى. ھېچكىم ئاق ساقالنىڭ ئىناۋىتىنى قىلماسلىققا جۈرئەت قىلالمايتتى. ھەئە، ئاقساقال دېمەك، يۇرتنىڭ بەرىكىتى، بەختى ھېسابلىناتتى. ئاشۇنداق ئاقساقاللاردىن بىر نەچچىنى ئىمامنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزۈپ باقساق قانداق بولار؟ قاھارنىڭ كۆز ئالدى نۇرلىنىپ كەتتى. ئەگەر ئىمام ماقۇل كېلىپ، رەيھانەمنى ماڭا بەرسە، بىر ئۆمۈر ئىمامنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، رەيھانەمگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ، رەيھانەمنى ئاسراپ ئۆتسەم...
& g6 x: a" O/ W0 E# @6 Z5 Yئۇنىڭ تاتلىق خىياللىرىنىڭ ئاخىرى چىقمايلا يەنە يىراقتىن رەيھانەم كۆرۈندى. بۇ نۆۋەت ئۇ يەنىلا بىر پارچە ئوت بولۇپ قاھارغا قاراپ يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. قاھارنىڭ ئۇنى تاڭگازا يېسىلە دەپ چاقىرىشىنىڭ ئورنى قالمىدى. چۈنكى رەيھانەم قاھارنىڭ يۈرىكىدىكىنى بىلگەندەك ئۇدۇل قاھارنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئالىدىغان تاڭگازىنى ئېلىپ بولۇپ:; k9 S+ b4 H7 [4 A0 b6 D" }7 C- L' X, D- ?
_ئۆگۈنلۈككە خەتمە تويۇم بولىدۇ، سىلىمۇ بارسىلا_ دەپ قويۇپلا كېتىپ قالدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان قاھار دەسلىپىدە ئۇنىڭ سۆزىنى ئانچە ئاڭقىرالمىدىمۇ كەينىدىن قاراپ ئېغىزىنى ئېچىپلا قالدى. ئەمما بىردىن «توي!» دېگەن ئۇقۇم قۇلاق سەزگۈلىرىدىن مېڭىسىگە يېتىپ بېرىشى بىلەنلا ئۇنىڭ چىرايى بىر قىسمىلا بولۇپ دەسلەپ ھاڭۋېقىپ ئېغىزىنى ئېچىپ تۇرغىنىچە تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ قولىقىغا رەيھانەمنىڭ «توي» دېگەن سۆزىنىڭ ئالدىدىكى خەتمە دېگەن سۆز كىرمىگەن، ئۇنىڭ مېڭىسىدە پەقەت رەيھانەمنىڭ ئەرگە تېگىپ كېتىدىغانلىقىلا ئەكىس سادا پەيدا قىلىپ تۇراتتى. ئەمما بىردىن يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بولۇپ لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەقىدىسى خانىۋەيران بولغان، شۇنداق چىرايلىق چېچەك ئاچقان مۇھەببەت گۈلى توزىغان ئىدى. ئۇ شۇ كۈندىكى شىۋىرغانلىق قىش كۈنىدە بىر ھازا ئولتۇردى، ئاندىن ئەمدى بۇ دوقمۇشتا تۇرۇشنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى قالمىغاندەك ھېس قىلىپ، تاڭگازا ساتىدىغان ھارۋېسىنى ئىتتىرىپ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپ كەتتى. تۇرۇپ ئۇنىڭ ئەسەبىيلىرى قوزغىلىپ قالاتتى. ئىتتىرىپ كېتىۋاتقان ھارۋىسىنى ئاللىقاياقلارغا ئىرغىتىۋەتكۈسى كېلەتتى. ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ مومىسىنىڭ «نېمە بولدى بالام، تېخى ئەتىگەندىلا يېنىپ كەپسەنغۇ؟» دەپ سوراقلاشلىرىغا ئۈندىمەي يوتقانغا كىرىپ پۈركىنىپ يېتىۋالدى. مومىسى ئۇنىڭدىن گەپ ئالالمىغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى. شۇندىلا ئۇ ئاچچىق پىغان بىلەن يىغلاپ تاشلىدى. نالە قىلدى. «نېمىشقا مېنىڭ بەختىم كاج، ھەممە ئادەمنىڭ ئاتا- ئانىسى ئاجرىشىپ كەتمەي نېمىشقا مېنىڭ ئاجرىشىپ كېتىپ مېنى يېتىملىك كوچىسىغا تاشلاپ قويغان، نېمىشقا مېنى ھەممە بوزەك قىلىدۇ. رەيھانەم نېمىشقا باشقىلار بىلەن توي قىلىۋالىدۇ؟ بۇ يەنىلا مېنىڭ يىتىم، خار بىر بەندە ئىكەنلىكىمدىن ئەمەسمۇ؟» ئۇ نالە قىلغانسىرى شۇنچىلىك ئۆپكىسى ئۆرۈلدىكى ئۆزىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ تۇتىۋالالمىدى. ئۇ ھەرقانداق ئېغىر كۈنگە قالسىمۇ رەيھانەمدىن ئايرىلىپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭ نۇرغۇن پىلانلىرى بار ئىدى. رەيھانەمگە، توي قىلايلى، دېگەن گەپنىمۇ يۈرەكلىك دەپ باقماقچى بولغان ئىدى. رەيھانەمنىڭ ھالرەڭ چىراينىڭ قىزىرىپ تۇرۇپ بېقىشلىرىدىن، مېنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، دەپ ئويلايتتى. تۈگىدى. ئەمدى ھەممىسى تۆگىدى. ئۇ «تۆگىدى» دېگەننى ئويلىغان ھامان بۇ يۇرتتىن باش ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى قارار قىلىپ قالدى. ئۆتكەندە بىر ئاغىنىسى چىقىپ كېتەيلى، ئىچكىرىگە بارسا ماتاڭ سېتىپ باي بولغىلى بولىدىكەن، سەن بىر كويغا ساتقان تاڭگازاڭنى ئىچكىرىدە يۈز كويغا ئالارمىش. دېۋىدى ئۇ ئېرەن قىلمىغان ئىدى. ئۇ شۇندىلا ئورنىدىن دەست تۇردى. ئەسكى قۇلاقچىسىنى تۈزەپ، كونىراپ كەتكەن چاپاننى كىيدى ۋە مومىسىنىڭ نەگە بارىسەن؟ دەپ سوراشلىرىغا ئۈندىمەستىن ھېلىقى ئاغىنىسىنى ئىزدەپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئاغىنىسىمۇ تەييار بولۇپ تۇرغانمىكىن ئىككىسىنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقىپ، شۇ كۈنىلا مەھەللىدىن باش ئېلىپ چىقىپ كەتتى...5 {+ `8 Z3 B/ j* a) `, V

# @" D; Q. \) O& h- N※   ※   ※   ※   ※   ※   ※7 u* P) J6 ~, ~9 F- l
' O3 O7 R; _. z/ N- s1 b
ئارىدىن ساپساق بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ بەش يىلدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى. بەلكىم بۇ چەت مەھەللە خەرىتىگىمۇ ئېلىندى بولغاي، بۇ يەرنىڭ يوللىرىمۇ ئاسفالىتلاشتى. يول ياقىسىدىكى سىمۇنت سىتولبا تۈۋرۈكلىرى، رەت- رەت سالا ئورمانلار، يول بويىدىكى يېڭىدىن ئاپئاق ئاقارتىپ سېلىنغان ئۆيلەر بۇ مەھەللىنىڭ قىياپىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى. ھەئە، مەھەللە ئۆزگەردى. مەھەللىدىكى كىشىلەرمۇ ئۆزگەردى. بۇرۇن بۇ مەھەللىدە نېمە ئەڭ كۆپ دېسە، پاراڭ ئەڭ كۆپ ئىدى. كۆڭۈللۈك پاراڭلار قوياشنى كۈتىۋېلىپ، ئۇزىتىپ قويۇشنىڭ ياخشى چارىسى ئىدى. بۇ پاراڭلار ئارىسىدا دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتلەر بار ئىدى. گېزىت كۆرىۋالىدىغان بىر نەچچەيلەن بۇ پاراڭلارنىڭ سەركەردىلىرى ئىدى. بۇ پاراڭلاردا چۆچەكلەرمۇ، تېپىشماقلارمۇ بار ئىدى. شۇڭا كىچىكلەرمۇ بۇ پاراڭلار ئىچىدە چوڭ بولىشاتتى. ئەمدى ئاشۇ پاراڭلار قىزىيدىغان مەھەللە دوقمۇشى ئادەمسىز. شۇنچە بەلەن سېلىنغان دۇكانلار خېرىدارسىز، ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى، ئۆز مەشغۇلاتلىرى بىلەن. بىر كۈن بىكار پاراڭ بىلەن ئۆتسىڭىز، بىرمۇنچە ئىشتىن، بىرمۇنچە پۇلدىن قۇرۇق قالىسىز، شۇڭا ھېچكىمنىڭ قۇرۇق پاراڭ بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە چولىسى يوق. مەھەللىدىكى كۆپىنچە ئەركەكلەر سىرتقا پۇلغا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەن. ھەممە ئىش ئاياللارنىڭ زىممىسىگە قالغان بولغاچقا دوقمۇش تەبىئى چۆلدەرەپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش يېقىنلاپ قالغاچقا، قىشنىڭ غېمى ھەممىنىڭ غېمى ئىدى. ئوزۇن ئۆتمەي سىرتقا پۇلغا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەن ئەرلەرمۇ يېنىپ كىرگىلى تۇردى. ھەممىسى دېگۈدەك يېنىنى خېلى ئوبدان توملاپ يېنىپ كىرىشكەن بولۇپ، ئۇلار ئەمدى يەكشەنبە كۈنلىرى خوتۇن بالىلىرىنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ كىرىپ بىرىنچى بولۇپ سېتىۋالىدىغىنى سىن قويغۇ ئاپاراتى ئىدى. ھازىر مەھەللىدە مۇشۇ مودا. ھەممە كىشى بەس- بەس بىلەن، ماركىلىرىنى تاللاپ تۇرۇپ شۇنى سېتىۋېلىشاتتى. ئاشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەھەللىدە بىر يېڭى خەۋەر تارقالدى. قاھار يېنىپ كەپتۇمىش. ھەممىسى «قايسى قاھار؟» دەپ سوراشتىيۇ، بىردىن ئېسىگە ئېلىشتى. مۇشۇ مەھەللىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئەسكى بولسىمۇ ئۇنتۇلماس ئەستلىكلىرى بار تۇرسا مەھەللىدىكىلەرنىڭ قانداق ئېسىگە كەلمىسۇن؟ ئەمدىلىكتە ھەممىسى سوراشتۇرۇشقا باشلىدى.
; \# z7 k$ [7 j: s* U, C_ قانداق تۇرۇپتۇ، پىتلىنىپ كەپتۇمۇ يا ھېلىمۇ يالاڭتۆشمىكەن؟
6 t3 R7 K7 Y: Q6 ]" h% S4 {_ يالغۇز كەپتۇمۇ؟' i0 d* v' o. ?' {0 P( A( L' I
_ ئەمدى ھېلىقى موماينىڭ كۆز يېشى قۇرۇيدىغان بوپتۇ-دە.- P& T5 R. F5 a$ [8 A) P
بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى بېرىلدى. قاھار يالغۇز كەلمەپتۇ، سېرىق چىراي بىر چوكاننى بىللە يېتىلەپ كەپتۇ. يەنە يېنى خېلى چىڭمىش. يالاڭتۆش ئەمەسمىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئېسىل بىر ھۆنىرى بارمىش. مومىسىغا ئەمدى ياخشى كۈن كۆرسىتەرمىش." @6 C7 B5 t* ]; u4 M! n7 _- t
ھەئە، ئۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى راست ئىدى. قاھار كېلىپلا مومىسىغا ئېسىلىپ راسا يىغلىدى. مومىسىمۇ قاھارغا ئېسىلىپ بىر ھازاغىچە قۇيۇپ بەرمەي «خۇدايىم يا بىر جېنىمنى ئالمىدى. ئەسلىدە سەن قوزامنى ئەكىلىپ بەرمەكچىكەن ئەمەسمۇ، ئەمدى ئۆلسەممۇ كۆزۈم يۇمۇلىدۇ» دەپ ھازا ئاچتى. نەچچە بوپا كۆتۈرىۋالغان سېرىق چىراي چوكان بىر ھازا ئۇلارغا قاراپ تۇردى. ھېچ ئۇلارنىڭ مۇڭى تۈگەيدىغانغا كۆزى ئىلمىغاندىن كېيىن قولىدىكى نەرسىلەرنى سوپىغا قويدى. ئاندىن بېرىپ ئۇمۇ ئاشۇ مۇماينى قۇچاقلىدى. موماي بۇ ھالدىن بىردەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. قاھار تاتىرىپ تۇرۇپ:2 v$ g" F6 n! K1 ]3 P' W- e6 l
_خۇتۇنۇم بولىدۇ-، دېگەندىن كېيىنلا موماي ئەمدى بۇ چوكاننى قۇچاقلاپ سۆيۈپ تۇرۇپ ئەھۋال سوراشقا باشلىدى. چوكانمۇ ئەھۋال سورىدى. ئەمما چوكاننىڭ سۆزلىرى بۆلەكچە، بۇ يەرنىڭ تەلەپپۇزىغا ئوخشىمايدىغان تەلەپپۇزدا گەپ قىلىۋاتاتتى. يوۋاش مۇماي بۇنىڭغىمۇ ئۈندىمەي بالىلىرىغا داستىخان سالدى. مەھەللە تەۋەسىدە شۇ موماينىڭلا ئۆيى كونا پېتى قالغان بولغاچقا قاھار كېلىپلا مەھەللە مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆي سالىدىغاننىڭ كويىغا كىردى. سوغۇق بەك چۈشۈپ كەتكۈچە ئۆينى ئۆرە قىلىۋېلىشنى ئويلىغانىدى. مەھەللە مەسئۇللىرىمۇ قوللاپ، نۆۋەتتە سېلىنىدىغان ئۆيلەر قاتارىدا ئۇنىڭمۇ ئۆي سېلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداق قىلىپ ئىشلار ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈپ، ئۆي سېلىش ئىشى ئوڭۇشلۇق باشلاندى. ھازىر ئىشنىڭ ئالدىراش پەيتى بولمىغاچقا ئۇستىلارمۇ قىزغىن ياردەملەشتى. قاھار ھازىر بۇرۇنقىغا قارىغاندا سالماق، قولى ئوچۇق ئادەم بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇستىلارنىڭ گېلىنى ياخشى بېقىپ تېزلا خىش قۇرۇلمىلىق خېلى چوڭ ئۆيدىن بىرنى ئۆرە قىلىۋالدى. ئۆينىڭ ئىنچىكە ئىشلىرىمۇ تېزلا قولدىن چىقىپ، كۆچۈپ كىرگۈدەك بولغاندا سوغۇقمۇ خېلى ئوبدان چۈشۈپ قالدى. 5 \8 q5 V. @3 g* _0 i5 d& t
_ ئۆينى بۇ يەرگە سالماي، بىزنىڭ يۇرتقا سالىلى دېسەم ھېچ قۇلاق سالماي، يوغان داچىدىن بىرنى سېلىپ قويدۇڭ، پۇلمۇ تۈگىدى، ئەمدى قانداق قىلىسەن؟
+ C2 o9 k& e0 l/ a% w3 @+ yبىر كۈنى كەچتە سېرىق چىراي خۇتۇنىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قاھار تۇرۇپ قالدى. نېمىشقىدۇر بۇ خۇتۇننىڭ گېپى بەك چوڭ، ھەتتا قاھارمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا يىپ ئېشەلمەيدىغاندەك قىلاتتى. شۇ تاپتىمۇ قاھار ھېچنىمە دېمىدى. ھېلىقى چوكان يەنە سۆزلەۋېرىپ بېشىنى ئاغرىتىۋەتكەندىن كېيىن:! m1 Z( E/ [' ^( h' C, z
_ ھۆنەر قىلايلى،- دېدى. شۇندىلا چوكان:6 v8 B. L, P* D/ |: j3 V/ W
_ ما گېپىڭ بولىدۇ. بىزنىڭ يۇرتتا بۇ ھۈنەرنى قىلىدىغانلار يوق. شۇ يەردە قىلساق بەك ئېقىپ كېتىدۇ، دەۋاتاتتىڭ قېنى قىلىپ كۆرەيلى،-دېدى.  ئەتىسىدىن باشلاپ قاھار ھۆنەرگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى تەييارلاش بىلەن يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بىرەر ھەپتىلەردىن كېيىن ھەممە نەرسە پۈتۈپ، ئۇلار ياساتقان تەنزىلىرىنى سۆرىشىپ مەھەللە دوقمۇشىدا پەيدا بولۇشتى. بوش يەردىن بىر يەرنى تېپىپ نەرسىلەرنى تىزىشقا باشلىدى. ئالاھەزەل ئون مىتىرچە يەرگە تىزىلغان بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ مەھەللىدىكى چوڭدىن كىچىككىچە ھەممە كىشى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن يىغىلىشتى. قاھارنىڭ تەييارلىغىنى دۇفۇ كاۋاب، مالاچۈەر، تۇخۇم، موگو، راڭپىزا، دېگەندەك بىر قاتار نەرسىلەر بولۇپ، مەھەللىدىكلەرگە بۇ نەرسىلەر يېڭى تۇيۇلماقتا ئىدى. ئەمما سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلار شۇنچىلىك خۇش بولۇپ كېتىشتىكى، بۇ نەرسىلەرنى مەھەللىدىكىلەرگە ماختاپ، بىز ئاقسۇغا چىققاندا ھەمىشە مۇشۇنداق نەرسىلەرنى يەيتتۇق، ئەمدى بۇ يەردىمۇ يېيەلەيدىغان بوپتىمىز، دەپ لازىغا مىلەيدىغان ئاشۇ يېمەكلىكلەرنى ماختاپ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئېغىزىغا سۇ كەلتۈرىۋەتتى. ( x  f; }0 O& o
شۇنداق قىلىپ ھە دېگەندىلا قاھارنىڭ ھۆنىرى بۇ يەردە بەك ئېقىش تېپىپ كەتتى. ئەتىگەندىن كەچكىچە خېرىدارلار ئۈزۈلمىدى. بۇ نەرسىلەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان خوشنا كەنتتىكىلەرمۇ ئاتايىن موتسىكلىتلىرىغا مىنىشىپ كېلىدىغان بولدى. ئەمما قاھارنىڭ كۆڭلى ئۆيۈپلا تۇراتتى. ئۇنىڭ مۇشۇ مەھەللىگە چوڭقۇر مېھرى بار بولسىمۇ، مۇشۇ دوقمۇشتىن قورقاتتى. چۈنكى مۇشۇ دوقمۇشتا ئۇنىڭ بارلىق ئەقىدىسى، مۇھەببىتى ۋەيران بولغان، روھى تېنىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ سودىسى شۇنداق يۈرۈشۈپ تۇرسىمۇ قاھارنىڭ كۆزلىرى تولىراق كىشىلەردە ئىدى. كىشىلەر ئارىسىدىن بىر سىيمانى ئىزدەيتتى. ئۇنى كېلىپ قالارمىكىن دەپ بۇيۇندايتتى. ئەمما ئۇنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى. بىر كۈنى سېرىق چىراي چوكان ئاغرىپ يېتىپ قالدى. قاھار ئۆزى يالغۇز دۇكاننى ئاچتى. بۈگۈنمۇ كىشىلەر كۆپ ئىدى. بولۇپمۇ ئاياللار بىلەن بالىلار ئۆچرەت بولۇپ كېتەتتى. چۈشكە يېقىن قاھارغا سەل ئارام ئېلىش پۇرسىتى بولدى. ئەمدى ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ماينىڭ ئوتىنى پەسلەپ قويۇپ، خىيالغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ كىشىلەردىن ئاڭلاپ قالدى. رەيھانەم مۇشۇ مەھەللىدە باركەن. بىر بالىسى بولغاندا ئېرى ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قاپتۇ. رەيھانەم ھازىر ئىمامنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋېتىپتۇ. قاھار بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يەنە سىلكىنىپ كەتتى. سېرىق چىراي خۇتۇنىنىڭ كوتۇلداشلىرى قۇلاق مېڭىسىنى يەپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ خىيالىدا بۇ سېرىق ئاسلاندىن بىر ئاجراشسام، رەيھانەمنى ھازىر بولسىمۇ نىكاھىمغا ئالسام...% b+ F4 i; s. j0 g: r
ئۇ ھەمىشە مۇشۇ خىيالنى قىلاتتى. بۈگۈنمۇ شۇنى خىيال قىلىپ قالدى. ياشلىقتا تۇتاشقان ئوت بۆلەكچە گۈرۈلدەيدىغان چېغى، قاھار رەيھانەمنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيۋاتاتتى. ھەئە، رەيھانەمنىڭ قىزىل گۈل رەڭگىدە قىزىرىپ تۇرىدىغان سەبىي چىرايى، خۇش ئاۋازىنى ئۇ مەڭگۈ ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىغاندەك ئىدى.
$ q" t) T3 V2 q/ a/ m9 d_ئۇستام ماڭا، راڭپىزىدىن بىر قاچا،- يەرگە قاراپ خىيال بىلەن ئولتۇرغان قاھار بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتى. توغرا بۇ ئاۋاز دەل رەيھانەمنىڭ ئىدى. قاھار سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە:
1 }0 d- n! j  C4 ]+ U# |1 A_ سېلىمىدىلە، مەن سېلىنى كۆرەلمەي...قاھار ئۆزىنىڭ گەپتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ھېس قىلىپ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قالدى.
) K) [; P0 X6 g" s0 m; H: z) Nرەيھانەم ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى. قۇچىقىدا بىرەر ياشتىن ئاشقان بالىسى بار بولسىمۇ چىرايى ھېلىھەم بەك چىرايلىق، ئېقى ئاق، قىزىلى قىزىل، تېخىمۇ تولۇپ، شۇنداق چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى. قاھار ئۇنىڭغا قاراپ بىردەم تۇرۇپلا قالدى. كونا ئوتلار شۇنداق گۈرۈلدەپ يېلىنجىغىلى تۇردىكى، رەيھانەمنىڭ كۆزىدىن بىر ئۇچقۇن چىقىپ قاھارنىڭ يۈرىكىنى تېشىپ ئۆتكۈدەك بولۇپ كەتتى.
  |6 T, j9 W1 D% y& l_ مېنى كۆرۈپ نېمە قىلاتىلە، ئىلگىرى خەتمە تويۇمغىمۇ كەلمەي قېچىپ كەتكەن ئادەم!،- دېدى رەيھانەم قاھارغا. قاھار بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەنە تۇرۇپ قالدى. ئېغىزىدىن قانداقلارچە:# C2 n% D* W- n+ O& e( L1 C
_ خەتمە توي؟،- دېگەن سۆز چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قالدى. - D) u9 F4 L- n6 ]
_ بىلمەيدىغان ئوخشىماملا، قۇرئان يادلاپ بولغاندا ئۆتكۈزىلىدىغان قۇرئان خەتمە قىلىشنى خەتمە توي دەپ ئاتايمىز. سىلى مۇشۇ يەرلىك تۇرۇپ بىلمىسىلە، يەنە تېخى مەن سىلىنى شۇ كۈنى كېلىپ قالىدۇ، دەپ ساقلىغان.../ n' V$ B0 E% @& l
قاھارغا ئەمدى رەسمى ئالەم پىرقىرىغاندەك بىلىندى. «ئاھ، ئەسلى ئۇ مېنى ساقلاپتىكەن، ئەسلى ئۇ رەسمىي توي قىلماپتىكەن، بۇنى مەن نېمىشقا بىلمىدىم، نېمىشقا باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرمىدىم، ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىكەن. بولدى، ئاھ خۇدا، مۇشۇمۇ يېتەرلىك بولدى. مەن بىلدىم. مەن ياخشى كۆرگەن جانان مېنىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن» ئۇنىڭ يۈرىكى كۆكرەك قەپىسىگە پاتماي سوقماقتا ئىدى. ئۇ يەنە بىردىن يۈرەكلىك بولۇپ قالدى. دوقمۇشتا ئۇلاردىن بۆلەك ئادەم يوق ئىدى.
+ r* T  `% z: Y6 K_ مەن سىلىنى رەسمىي توي قىلىدىغان چېغى، ئەمدى بۇ يۇرت ماڭا ھارام بولدى، دەپ ئويلاپ چىقىپ كەتكەن خېنىم، ئەسلى مۇنداقكەندە، ئۇھ ۋاي يۈرىكىم. ۋاي ھەسرىتىم.% e4 _5 X- d# l) q
قاھارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ رەيھانەممۇ تۇرۇپ قالدى. قاھار شۇنداقلا قارىۋىدى، رەيھانەمنىڭ بولاقتەك تىنىق كۆزلىرىدىكى ئىككى تامچە ياشنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ يەنىمۇ يۈرەكلىك ھالدا:: @& ~( _% c% S" _
_ بولدى رەيھانەم، مەن ئەمدى تولۇقلىۋالىمەن. ئۆيۈمدىكى ئۇ سېرىق ئاسلاننى قويىۋېتىمەن. ئۇ ناماز ئوقۇمايدۇ،- دېدى. % g# y- }# T) J+ C
_ ئۇ سەۋەب ئەمەس، ئۇنداق قىلسىلا بولمايدۇ. سىلى ناماز ئوقۇملا؟9 _& Z2 ~6 l; u4 m0 w3 C
_ مەنمۇ؟...مەن... سىلى بىلەن ئۆي تۇتقاندىن كېيىن ئاندىن...6 U3 K0 \5 O1 t- ^0 m8 v3 Z8 L
قاھار رەيھانەمنىڭ سۆزلىرىدىن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قالدى. رەيھانەم بولسا چىرايى سەل قىزارغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا يەنە تەمكىن ئىدى. ئۇ:
& K( R6 C3 e2 r; m$ y9 j+ Q_ ئاۋال سىلى ناماز ئوقۇشنى ئۆگەنمىسىلە بولمايدۇ،- دېدى. ئاندىن سالماق قەدەملەر بىلەن راڭپىزىنى بىر قولىدا يەنە بىر قولىدا بالىسىنى كۆتۈرگەن ھالدا كېتىپ قالدى. ' j0 P* d+ H4 @
قاھار تۇرۇپ قالدى. شۇ تاپ رەيھانەم ئۇنىڭ يۈرىكىنىمۇ سۇغۇرۇپ بىللە ئېلىپ كېتىۋاتقاندەك ئىدى. ئاھ خۇدا، قىسمەتلىرىڭدىن ئۆرگىلەي، مەن ياخشى كۆرگەن جانانىمنىڭ يۈرىكىدە مېنىڭمۇ ئورنۇم بار ئىكەن ئەمەسمۇ، بۇ نەقەدەر زور بەخت- ھە؟ بۇلارنى ئويلىغىنىدا قاھارنىڭ يۈرىكى پارتلاپ كەتكۈدەك بولۇپ كېتەتتى. پۈتۈن تېنىگە بىر ئىسسىق سېزىم تارقاپ، بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇ قانداق قىلىپ خۇتۇنىنى يولغا سېلىپ قويۇشنىڭ كويىغا چۈشكەن ئىدى. ئەمما قېرىشقاندەك بۇ خۇتۇن كېسەلدىن ساقىيىپ، ھۈنەرگە بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن، راڭپىزىنىڭ لازا، ئاچچىقسۇلىرىنى ياخشىلاپ تەڭشەپ، دۇفۇ كاۋابلارنىڭ تېتىتقۇلىرىنى ياخشى تەييارلاپ، ھۈنەردىن گۈل كەلتۈرمەكتە ئىدى. ئەسلىدىمۇ بۇ ھۈنەرنىڭ ئۇستىسى مۇشۇ چوكان ئىدى. قاھار قېقىلىپ سوقۇلۇپ يۈرگەندە ئىسسىق باغرىغا تارتقانمۇ مۇشۇ چوكان ئىدى. شۇ مۇئامىلىسى سەل قوپال بولغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا قاھارغا خېلى ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. ئەمما قاھارنىڭ پۈتۈن ئەس يادى رەيھانەمدە بولغاچقا ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى قاھارنىڭ كۆزىگە سىغمىغىلى تۇردى. بىر كۈنى قاھار بىلەن ئايالى بىللە دۇكاننى ئېچىپ خېرىدارلار سەل سېلىككەندە قاھار ئۇنىڭغا ئاجرىشىپ كېتىشنى ئېيتماقچى بولدى. رەيھانەم بىلەن ھېلىقى گەپلەرنى دىيىشكەندىن بېرى، ئۇ ئەتىگەن تۇرۇپ ناماز ئوقۇدى. ھەتتا بەش ۋاق ناماز ئوقۇدى. ئاندىن دۇئالىرىدىمۇ رەيھانەمگە يەتكۈزگەيسەن دەپ تىلىدى. خىياللىرىنىڭ ئوڭىدىمۇ تەتۈرىسىدىمۇ پەقەت رەيھانەملا ئېقىپ يۈردى. ئۆيدە ئېيتاي دېسە، سەت سېرىق ئاسلان چالۋاقاپ، موماينى پاراكەندە قىلىشى ئېنىق. مۇشۇ يەردە، ئادەم قالمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سىيلىق سۆزلەر بىلەن ئېيتىپ باقسا قانداق بولار؟ شۇڭا بۈگۈن خۇتۇنىغا ئاجرىشىپ كېتىشنى ئىنىقلا قىلىپ ئېيىتماقچى بولۇپ تۇراتتى. دەل شۇ چاغدا مەھەللىدىكى ئەڭ مويسىپىت كىشى بولغان قادىراجىم ئۇلارنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى ۋە:
5 T; i+ m* X+ X- _* D_ ئاۋۇ تۇخۇمىڭدىن لازىغا مىلىمەي بىر زىخ بەرگىنە بالام،- دېدى. سېرىق چىراي چوكان تۇخۇمنى قولىغا ئالدى ۋە كۆنۈپ قالغان ئادىتى بويىچە زىخنى تۇتۇپلا تۇخۇمغا لازا سۈركەشكە باشلىدى. قادىراجىم ئالدىغا كەلگەن تۇخۇمغا لازا سۈركەلگەنلىكىنى كۆرۈپ:
! l+ v+ e: C+ I: D1 T_ ئاھاي بالىلىرىم، ماڭا لازا خىل كەلمەيدۇ. نېمە قىلىق بۇ؟- دېدى. بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان سېرىق چىراي چوكاننىڭ چىرايى قىزىرىپ كەتتى ۋە:0 F5 u4 c4 m& y$ H# Z, x
_ كىم سېنىڭ بالاڭكەن، قاراپ تۇرسا، بالام، بالام دەپ، بۇنى شۇنداق لازىغا مىلەپ يەيدۇ، بولمىسا تەمى بولمايدۇ،- دەپ ۋارقىرىدى. قادىراجىم دەسلىپىدە سەل ئۆڭدى، ئاندىن قاھارغا قاراپ:8 J) G- ?3 t* y+ S( ?
-        ھاي بالاماي، نەدىن ئەكەلدىڭ بۇ مىكىجىننى، نېمىنداق گېپى سېسىق بۇنىڭ؟- دېدى. خۇتۇنىنىڭ قىلىقىدىن سەپرايى ئۆرلىگەن قاھار بىر نېمە دەپ بولغىچە ئايالى بېرىپلا قادىراجىمنىڭ ياقىسىغىلا ئېسىلدى.
2 S* c: A$ j. D5 R3 e# Z$ U-        ھە، كىم مىكىجىنكەن، ئېيتە قېرى، نېمىشقا مېنى تىللايسەن، ھەي بەزلەش لاتا خۇتۇنۇڭنى تىللىسىمۇ بېزىرىپ تۇرامسەن% P/ }- r* P0 L
خۇتۇنىنىڭ گېپىدىن قاھارنىڭ سەپرايى مىڭ گەز ئۆرلەپ ئاچچىقىدا ئۆزىنى پەقەت تۇتالمىدى ۋە  بارغان پېتى ئايالىغا قارىتىپ قاتتىق بىر مۇشت ئاتتى. ئەمما چايان خۇتۇن بېشىنى شۇنداق بۇرىغان ئىدى كۆزى يوق ھېلىقى مۇشت ئۇدۇل بېرىپ قادىراجىمنىڭ بۇرنىغىلا تەگدى ۋە ئوقتەك قان ئېلىۋەتتى. قادىراجىممۇ، قاھارمۇ، ھېلىقى خۇتۇنمۇ بۇ ھالدىن تۇرۇپلا قېلىشتى. بولۇپمۇ قاھار قاتتىق قورقۇپ كەتتى. قېرىلار، مويسىپىتلار ئالتۇندەك قەدىرلىنىدىغان بۇ مەھەللىدە ھەممىنىڭ ھۆرمەت تەختىدىكى بىر مويسىپىتنىڭ بۇرنىدىن قان ئېلىش كەچۈرگىلى بولمايدىغان جىنايەت ئىدى. جىدەل باشلىنىشىدىلا يىغىلىشىقا باشلىغان مەھەللىدىكىلەر قادىراجىمنىڭ بۇرنىغا مۇشت يەپ قانغا بۇيالغىنىنى كۆرۈپ تىزلا قاھارنى ئارىغا ئېلىۋالدى ۋە ئۇنى كومشىتىپ سېلىشقا باشلىدى. قاھارنى ھەتتا بالىلار، ئاياللارمۇ ئۇرۇپ كەتتى. قاھار قاچماقچى بولدىيۇ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدىن چىقالمىدى. بىر چاغدا تاياققا چىدىمىغان قاھار ئارىنى بۆسۈپلا قېچىپ چىقىپ كەتتى. ئەمما ئۆيىگە سولۇنۇپ قالدى. ھېلىقى سېرىق چىراي چوكانمۇ يېتەرلىك تايىقىنى يەپ ئۆيگە قېچىپ كېلىۋالدى. قاھارنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك ھالغا يەتكەن ئىدى. ئايالىغا قارىغۇسىمۇ كەلمەيتتى. ئۇنىڭغا ئەڭ قورقۇنچلۇق بولۇپ تۇيۇلغىنى ئەمدى ئۇنىڭ بۇ مەھەللىدىكى تىرىكچىلىكى ئۈزۈل- كېسىل تۆگىگەن ئىدى. مويسىپىت ئاقساقالدىن بىرنىڭ يۈزىنى قانغا بۇياپتۇ، دېسە ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن ئېلىم- بېرىم قىلمايتتى. ھەتتا سالاممۇ قىلماسلىقى ئىنىق ئىدى. ئاھ، رەيھانەم، سېنىڭدىن يەنە شۇنداقلا ئايرىلىپ قالارمەنمۇ؟ مەن نېمە دېگەن شور پىشانە، ئاتا- ئانام نېمىشقىمۇ ئاجرىشىپ كەتكەن، مېنى يىتىملىك، خارلىق كوچىسىغا تاشلاپ قويغان بولغىيتى؟ ئۇ ئىچىدە ئاشۇنداق پىغان چېكىشكە باشلىدى. يۈرىكى ئىختىيارسىز قاناپ، دەرد ئىچىدە خۇن بولۇشقا باشلىدى. شۇ چاغدا دەرۋازا قاتتىق ئۇرۇلدى.
1 O5 R! e7 {8 \: i. N, U. ]/ Q) n* `_ ئىشىكنى ئاچ، قاھار دېگەننىڭ قارنىنى چۇۋىۋەتمىسەم، قادىراجىمنىڭ ئوغلى بولماي كېتەي!...
5 D- e1 u+ x# E" X- \, ~/ _دەرۋازا توختىماي ئۇرۇلدى. ھەيۋە قىلغان ئاۋازلار بارغانسىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. بىچارە موماي، مەن چىقىپ ئۇلارغا يالۋۇراي، دېۋىدى، قاھار ئۇنى چىققىلى قويمىدى. ئۈچ كۈنگىچە قاھار سىرتقا چىقالمىدى. چۈنكى دەرۋازا سىرتىدىكى ھەيۋە قىلغان ئاۋازلار پەسىيەي دېمەيتتى. بىر كۈنى كېچىدە قاھار سىرتقا چىقتى. ئۇ ئىنىق ھېس قىلغان ئىدىكى، ئەمدى ئۇ مەڭگۈلۈككە ھەممىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ھەممىدىن، دېگىنى، ئاۋال رەيھانەمدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ئاندىن سۈيۈملۈك مەھەللىسىدىن، مەھەللىسىدىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. مەھەللىداشلارنىڭ نەزىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئۆلۈم بىلەن باراۋەر ئىش ئىدى. ھاراق ئىچىپ مەسچىتتە مەست توپاقتەك ئىغاڭلاپ يۈرىشىنى كەچۈرىۋەتكەن مەھەللىداشلىرى، مەھەللىدىكى گۈھەرلەرنىڭ بىرى بولغان ئابرويلۇق بىر مويسىپىتنىڭ بۇرنىدىن قان ئېلىشىنى ئەبەدىي كەچۈرەلمەيتتى. قان ئاققىنى راست تۇرسا، مەن ئۇنداق قىلماقچى ئەمەستىم، دەپمۇ چۈشەندۈرۈپ بولالمايتتى. ئۇنىڭغا ئايانكى مەھەللىداشلىرىلا ئەمەس، رەيھانەممۇ كەچۈرەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئەمدى ئۆيگە كىرگۈسى كەلمىدى. ئاستا بېرىپ دەرۋازىنى تىڭشىدى. ھېچقانداق شەپە ئاڭلانمىغاندىن كېيىن ئاستا كىچىك ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا چىقتى ۋە كېچە قاراڭغۇلۇقىدا غايىپ بولدى...+ q- q4 n  Y( z
2 E& n' a1 ]8 W

% O4 \4 X/ A* u7 R- _# h, dئادرىس: قاراقاش ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ9 K2 x( V/ H/ N. ?5 `
你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]

556

تېما

9

ئەگەشكۈچى

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1864
تىللا
5257
قىزغىنلىق
7112
تېما
556
يازما
843
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 17:02:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ناھايىتى ياخشى ئىكەن.ئەتراپىمىزدا ئاشۇنداق ساپاسى  تۈۋەن كىشىلەرمۇ ئاز  ئەمەس.
ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تىزئىنكاس يوللاش:



تەۋىسسىيە تاقاش


سىناشقا قاتنىشىڭ

ئىللىق تورى ئاندىرويىد ئەپ دىتالى سىناق تەرەقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ئاندىروىد سىستىمىلق ھەرقانداق(ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان) تېلىفۇنلار دانورمال زىيارەت قىلىشقا تىما ئىنكاس يوللاشقا بۇلۇدۇ .يانفۇن كامىراسىنى ئىككىلىك كودقا توغىرلاپ چۈشۈرۋېلىڭ ،


كۆرۈش