ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 688 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 661|ئىنكاس: 1

تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

446

تېما

6

ئەگەشكۈچى

8513

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1604
تىللا
1201
قىزغىنلىق
2609
تېما
446
يازما
475
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 21:04:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ، تىجەشلىك تىپتىكى ساغلام تۇرمۇشقا يۈزلىنىشىنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا

- s1 x' B' j* M' S0 l: w7 Z8 X+ D! y; A2 k/ ~; a
غەيرەتجان ئوسمان بىلكىيار
  q. b4 y$ c+ p4 \! g- H7 H8 e7 V% S8 i3 q
يىقىندا(2009-يىلى12-ئاينىڭ7-كۈنىدىن18-كۈنىگىچە) دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى دانىيەنىڭ پايتەختى كوپىنھاگېنغا جەم بولۇپ، مەخسۇس مۇھىىت ۋە كىلىمات مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشتى. بۇ قېتىملىق باشلىقلار ئۇچۇرشىشىدىكى مۇھاكىمىلەرنىڭ ئەڭ يارقىن تىمىلىرى (نۇقتىلىرى) دىن بىرى دەل قانداق قىلىپ كاربون(C) قويۇپ بىرىش مىقدارىنى ئازايتىپ، كۈندىن – كۈنگە ئىغىرلىشىپ كىتىۋاتقان يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كىتىشگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت، بولدى. يىقىندا مۇئەللىپ تۆۋەن كاربونلۇق يېزا ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا توختالغانىدىم. بەزى سەپداشلىرىم مەسخىرە ئارلاش بۇ دىگەن دۆلەتنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشى، بىز بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بۇرادەر دىيىشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەشۇ سەپداشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇش بىلەن بىرگە، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش توغرىسىدا كەڭ ئاممىلارغىمۇ بەزى زۆرۈر ساۋاتلارنى ئوموملاشتۇرۇپ قويۇش مەقسىتىدە ئۇشبۇ ماقالىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشنى لايىق تاپتىم. 1 p' j9 H7 t% k' L9 g- ~. [

" w% f  `9 O/ t- n1 ?" f8 j! @% mتۆۋەن كاربونلۇق دىگىنىمىز: ئاتمۇسفېرادا پارنىك ئىنففېكىتنى پەيدا قىلىدىغان كاربون (IV) ئوكسىدى ۋە مېتان قاتارلىق گازلار چىقىرىشنى ئازايتىش ئاساسدىكى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىساد ــــ تۇرمۇش ھەم ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارنىڭ سەرپىياتى ۋە بۇلغىما قويۇپ بىرىشنى ئازايتىش ئاساسىدىكى ئىگىلىك شەكلنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەن كاربونلۇق يېزا ئىگىلىك دىگىنىمىز: يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدىكى تۈرلۈك تۈمەن شەكىلدىكى بىھۇدە كاربون قويۇپ بىرىش خائىشلىرىنى ئازايتىپ، (مەسىلەن: ئوت – چۆپ، شاخ – شۇمبىلارنى بىۋاستە تۇپراققا قايتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاتاھىتەن كۆيدۈرۈپ، تۇپراققا قايتۇرۇشنى چەكلەش دىگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق) تۇپراق ۋە يىشىل ئۆسۈملۈكلەردە كاربوننىڭ كۆپلەپ زاپاس ساقلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا   ئىكو سېستىمىسىدىكى كاربوننىڭ زاپاس ساقلىنىش ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش دىمەكتۇ.چۈنكى، يېزا ئىكوسېستىمىسىدىكى كاربون مەيلى تۇپراقتا ياكى ئۆسۈملۈك تېنىدە ساقلىنىش جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى يەر شارىدىكى كاربوننىڭ ئايلىنىشىغا قاتنىشىش جەھەتتىن بولسۇن ئوخشاشلا ئىتايىن موھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنداقتا، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش دىگەن نېمە؟ تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش دىگىنىمىز: ئىنسانلارنىڭ ياشاش ـــ تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدىكى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كىتەرلىك ئىنىرگىيە سەرپىياتى ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىپ، تۇرمۇش تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىنىرگىيەنى كۆپلەپ خورىتىشتىن كىلىپ چىقىدىغان زىيادە كاربون ۋە بۇلغىنىشنى ئازايتىپ، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كىتىشى ۋە كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، ساغلام، تىجەشلىك ياشاشقا ئادەتلىنىش دىمەكتۇر. بۇ مەنىدىن قارىغاندا تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ھەر بىر ئىنسان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان  ئىنايىن مۇھىم مەسىلە.  باشقىچە قىلىپ ئىيتقاندا، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ـــ كاربون قاتارلىق پارنىك گازىنىڭ زىيادە قويۇپ بىرىلىش مىقدارىنى تىرىشپ تۆۋەنلىتىش تىپىدىكى يىشىل تۇرمۇش شەكلىدىن ئىبارەت.' x: ^- h3 ^8 l. C' M% |
تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئەمەلىيەتتە ئىنايىن كەڭ مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ كىشىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. ۋاھالەنكى ئۇ كىشىلەر ئىڭىدىكى ئاددى ھەم تار مەنىدىكى بۇلغىما قويۇپ بىرىشنى ئازايتىش ۋە  مۇھىت ئاسىراش مەسىلىسىلا بولۇپ قالماستىن، ھەر بىر ئىنساننىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغىچە بىرىپ تاقىلىدىغان، ئىنسان ياشاش مۇھىتىنىڭ پاكىزە ،تۇرمۇش سەرپىياتى ۋە تەننەرقىنىڭ تۆۋەن ، ساغلام ياشاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق بولغان ئىلمى مەدەنىي تۇرمۇش شەكلى ۋە ياشاش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. يەنى ئۇ، ئادەمنىڭ يىمەك – ئىچمەك، كىيىم – كىچەك، تۇرالغۇ ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە كاربون قويۇپ بىرىش مىقدارىنى ۋە تۇرمۇشنىڭ تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىپ، مۇھىيتنى قوغداپ ،ساغلام تۇرمۇشقا يول ئېچىش پۇرسىتى ۋە ئىمكانىيتى مەۋجۇت دىگەندىن ئىبارەت. ئاددىسى، كومپيۇتېرنى ئىشلەتمىگەندە ئۆچۈرۋىتىش، ئىشلەتكەندىمۇ ئىكراننى بەك يورۇتىۋەتمەسلىك، توك ياكى كۆمۈر (ئوتۇن) بىلەن سۇ ئىستىشىن كۆرە قۇياش نۇرىدا ياكى گازدا سۇ ئىسسىتىش، يۇقىرى ئاقسىللىق تويۇنغان ماي كىسلالىق ۋە تۆۋەن زىچلىقتىكى ئاقسىللىق يىمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن كۆرە، تەركىبىدە ئانچە تويۇنمىغان ماي كىسلاتالىق، ۋىتامىنلىق، يىمەكلىك تالا ۋە مىكرو مىقدارلىق ئىلمىنىتلار مول يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىش ئارقىلىقمۇ، تۇرمۇشنىڭ تەننەرقىنى خىلى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئىنىرگىيەنى تىجەپ، كاربون قويۇپ بىرىش مىقدارىنى ئازايتىپ، مۇھىيتىنى ئاسىراپ، يەر شارىنىڭ ئىلىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، ساغلام ياشاش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 0 ?8 s& {) Q7 i; f# J& u
ب د ت ئاشلىق يېزا ئىگىلىك مەھكىمىسىنىڭ ھېساپلىشىدىن مەلۇم بولىشىچە، بىر كىلوگىرام كالا گۆشى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 10 كىلوگىرام ئاشلىق سەرىپ قىلىشقا، بىر كىلوگىرام غاز – ئۆردەك ياكى توخۇ گۆشى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 30- 21 كىلوگىرام ئاشلىق سەرىپ ئىتىشكە توغرا كىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر كىلوگىرام كالا گۆشى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 36.4 گىرام خىلور ئوكسېدى ۋە 59 كىلوگىرام پوسفات كىسلاتاسى قويۇپ بىرىپ، 169 مىليۇن كالورىيە ئىنىرگىيە قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر بولىدىكەن. بۇ ئىنىرگىيە بىلەن يۈز ۋاتلىق بىر تال لامپۇچكىنى 20 كۈن يورۇتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىش مۇمكىنكى، گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر ئەسلىدىنلا يۇقىرى كاربونلۇق يىمەكلىك بولۇپ قالماستىن، گۆش تۈرىدىكىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىمۇ، يۇقىرى كاربون قويۇپ بىرىش جەريانىدىن ئىبارەت. ئەكىسچە دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىدىن تەشكىللەنگەن. ئۆسۈملۈك تىپىدىكى ئىستىمال بويۇملىرى بولسا تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستىمال جەريانى بولۇپ، بۇ دەل بىز تەكىتلەۋاتقان ئورگانىك يېزا ئىگىلىكى،تۆۋەن كاربونلۇق  يىشىل يېزا ئىگىلىكى، ئىكىلوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يىشىل ئىشلەپچىقىرىش، يىشىل تۇرمۇش جەريانى دىمەكتۇر.
; i) |/ O: X5 X9 cتۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئىپادىسى، كىشىلەرنىڭ كىيىم – كىچەك ۋە زىبۇ – زىننەتلىرىدە. كاربون قويۇپ بىرىش نۇقتىسدىن كىيىم – كىچەكلىرىمىزنى يۇقىرى كاربونلۇق كىيىم – كىچەك ۋە تۆۋەن كاربونلۇق كىيىم – كىچەك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. پاختا، كەندىر(چىگە) تالاسى ۋە باشقا تالالارنى خام ئەشىيا قىلىپ ئىشلەنگەن كىيىم – كىچەكلەر تۆۋىەن كاربونلۇق  كىيىم – كىچەك؛ خىمىيۋى تالالارنى ماتىرىيال قىلىپ ئىشلەنگەن كىيىم – كىچەكلەر يۇقىرى كاربونلۇق كىيىم – كىچەك دەپ ئاتىلىدۇ. كاربون قويۇپ بىرىش مىقتىدارى بويىچە سىلىشتۇرۇپ كۆرگەندە، ساپ پاختا رەخىتتىن ئىشلەنگەن بىر تال كۆينەك بىر ئىشلىتىش دەۋىرىدە 7 كىلوگىرام كاربون تۆت ئوكسېدى(CO2)قويۇپ بەرسە، بىر تال خىمىيە تالادىن ئىشلەنگەن ئوخشاش بىر تال كۆينەك، 47 كىلوگىرام CO2 قويۇپ بىرىپ، ئوخشاش بىر تال پاختا كۆينەكنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ. دىمەك پاختا كىيىملەرنى كەيگەندىمۇ كاربون قويۇپ بىرىش مىقدارىنى ئازايتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ۋە يەر شارىنىڭ ئىللىپ كىتىشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشۇپ ، ئۆزىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈنمۇ،يەرلىك ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن پايدىلىق.
# Y6 ]0 a, a; i5 f5 ^يۇقارقىلاردىن باشقا ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگشىلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، زامانىمىزدىكى ئاياللار گۈزەللىك ۋە باشقا ئالاھىدە ئىھتىياجلار تۈپەيلىدىن بولسا كىرەك. ئەرلەرگە قارىغاندا سۈنئىي (خىمىيۋى) تالادىن ياسالغان ئىچ كىيىم ۋە تاش كىيىملەرنى كۆپرەك كىيىشكە ئادەتلىنىپ كەتتى. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ كالتا ئىشتىنى، باغىرداق (لىپتىك)، ئىچ كۆينەك، كوپتا قاتارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى سۈنئىي تالادىن ئىشلەنگەننى ئاز دىگەندەك، يەنە ئىنتايىن تار – ھىم قىلىپ تىكىلگەن،ئەلۋەتتە ئاياللانىڭ بۇنى ياقتۇرىشىنىڭ بىرەر ئالاھىدە سەۋەپلىمۇ بولىشى مۈمكىن.بىراق بۇنداق خىمىيۋى تالا ئىشلىتىلگەننىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن تار-ھىم قىلىپ  تىكىلگەن،پۈتۈن بەدەننى‹‹قاتتىق ئىسكەنجىگە ئىلىپ تۇرىدىغان›› بۇنداق كىيىملەر خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ قاتتىق زىيانلىق؛ ھەم  كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەپچى بولۇپلا قالماستىن، بۇنداق كىيىملەر ئاياللاردا ناھايىتتى ئاسانلا سۈت كەملىك(ئازلىق)، ھەتتا سۈتسىز بولۇپ قىلىش، قان ئايلىنىش راۋان بولامسلىق ، ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قىلىش، ئەمچەك بىزى راكى، رىئاكسىيە خاراكتىرلىك تىرە ياللۇغى، تىرە قېچىشىش، ئەزالار قىززىرىپ قىلىش، قاپارتما بولۇپ قىلىشتەك كىسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ ۋە باشقا ئەزالار، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ خىمىيە تالادىن ئىشلەنگەن باغىرداق ۋە كالتا ئىشتانلارنى ئىنتايىن چىڭ تاقىشى (كېيىشى) ئاياللار سالامەتلىكىگە ئىغىر تەھدىت بولۇۋاتقان يوشۇرۇن خەۋىپ بولۇپ تۇرماقتا. ۋاھالەنكى، ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىق ئىڭىھەسسىلەپ ئېشىپ، يىشىل تۇرمۇش كۆچۈرۈش، تۇرمۇشتىكى كابون قويۇپ بىرىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش كەچۈرۈش چوقانلىرى ئەۋجىگە چىققان كۈنىمىزدە دەۋرىمىز ئاياللىرى ،جۈملىدىن،ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن زادى سالاپەت( ئەيتاۋۇر تاشقى گۈزەللىك دەپ تۇرايلىك) مۇھىممۇ؟ ياكى سالامەتلىك مۇھىممۇ ؟دىگەندىن ئىبارەت مۇھىم تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە.ئاقىلانىلىك بىلەن ئېيتقاندا، سالامەتلىك بىباھا گۆھەر ۋە ئەڭ زور بايلىق ، ئۇنىڭ ئالدىدا  ئاتالمىش تاشقى گۈزەللىك تىلغا ئىلىىشقا ئەرزىمەيدۇ.سەھىپە چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ كۆپلىگەن تەپسىلاتلارنى قىسقارتىشقا توغرا كەلدى. ئامما شۇنداق بىر مۇھىم قائىدىنى بىلىۋىلىش تولىمۇ زۆرۈركى، ئاددى قىلىپ ئىيتقاندا تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش زاماندار ئۆگلۈك يولىنى تۇتقان مۇنەۋۋەر ئىنسانلارنى سۈنئىي خىمىيۋى تۇرمۇشتىن ئىمكان قەدەر يىراقلىشىپ، ساپ ئانا تەبىئەتكە يىقىنلىشىپ، تەبىئەت بىلەن ئىناق – دوستانە ئۆتىدىغان، بايلىق ۋە ئىنىرگىيە تىجەيدىغان، مۇھىت سۆيەر ،تىجەشلىك بولۇش تىپىدىكى تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ،ئۈگىنىش ئادەتلىرىنى تىزدىن يىتىلدۈرۈپ سۈنئىلىك ۋە ياسالمىلىقلاردىن نېرى بولۇپ، ھاياتنى قەدىرلەشنى، موھىت ۋە كىلىماتقا كۆۈڭۈل بۆلۈشنى جىددى تەلەپ قىلماقتا.  ئەمىلىيەتتە بۇ ، ئالاھىدە بىر خىل ساپ تەبىئىي بولغان يىشىل تۇرمۇش شەكلى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ بىر خىل پوزىتسىيە، ئىستىل، پەزىلەت ۋە ئىقتىدار؛ تېخىمۇ مۇھىمى تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش، ئۆزى ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا، دۇنيا ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇشتىكى بۇرۇچ، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتدىن ئىبارەت. & u1 h% H* E3 ?) u
( V5 e& _; U1 L# ^8 N
مەنبەسى:شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]

1

تېما

1

ئەگەشكۈچى

36

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

تۆھپە
5
تىللا
22
قىزغىنلىق
4
تېما
1
يازما
2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 19:56:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكىدەك تېما ئېلىپ كەپسىز  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تىزئىنكاس يوللاش:



تەۋىسسىيە تاقاش


سىناشقا قاتنىشىڭ

ئىللىق تورى ئاندىرويىد ئەپ دىتالى سىناق تەرەقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ئاندىروىد سىستىمىلق ھەرقانداق(ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان) تېلىفۇنلار دانورمال زىيارەت قىلىشقا تىما ئىنكاس يوللاشقا بۇلۇدۇ .يانفۇن كامىراسىنى ئىككىلىك كودقا توغىرلاپ چۈشۈرۋېلىڭ ،


كۆرۈش