- تۆھپە
- 1604
- تىللا
- 1201
- قىزغىنلىق
- 2609
- توردا
- 114 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-23
- تىزىملاتقان
- 2011-9-24
- ئالبوم
- 2
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- دوست
- 9
- يازما
- 475
- تېما
- 446
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 8513
- نادىر
- 3
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 5
 
- تۆھپە
- 1604
- تىللا
- 1201
- قىزغىنلىق
- 2609
- تېما
- 446
- يازما
- 475
|
«پادىچى تاز»نىڭ خىيالى
5 n5 j; g- c* L4 u1 d+ ~6 o6 f
c2 ^# P n' J8 }$ \# v- D) G2 ?ئۈمەرجان سىدىق ئىشخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفۇن جىرىڭلىدى، تۇرۇپكىنى ئالسام، باشلىقىمنىڭ ئايالى ئىكەن.+ D% I2 o j" H5 s9 j, |
: q1 w3 t+ X k, D. _: h - ئۆيگە بىر كېلىپ كەتكەن بولسىڭىز، - دېدى باشلىق خانىم ئىپادىسىز تەرىزدە.
& ]+ e9 y& ~: P0 H: o! l* }' a4 S
, ^. L) H$ I+ X مەن ئىدارىدىكى بىردىنبىر بويتاق بولغاچقا، باشلىقنىڭ ھويلىسىدىكى تەكلەرنى كۆمۈش، ئېچىش قاتارلىق ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارغا ياردەملىشىشكە پات - پات ئۆيىگە بېرىپ تۇراتتىم. بىراق، ھازىر باشلىق پارتىيە مەكتىپىگە ئۈچ ئايلىق ئوقۇشقا كەتكىلى خېلى بولدى، ئىش - كۈش چىقىدىغان مەزگىلمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر خىزمەت ۋاقتى، باشلىقىمنىڭ بالىلىرى مەكتەپكە كەتكەن، ئۇ يالغۇز ئۆيگە مېنى نېمىشقا چاقىرغاندۇ؟ ئويلىغانچە خىياللىرىم چىگىشلىشىپ، قاناتلىنىپ، بىر خىل ۋەھىمە، ھاياجاندىن يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. ۋېلسىپىتىمنى مىنىپ باشلىقنىڭ ئۆيىگە قاراپ كېتىۋاتىمەن، كاللامدىن قانچە قوغلىغانچە غەيرىي خىياللار بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى ئۇلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. «ئېھتىمال باشلىقنىڭ ئايالى يالغۇزلىقتىن زېرىكىپ مېنى چاقىرغان بولسىچۇ؟ بۇنداق ئىشلار كىتابلار، كىنولاردىمۇ كۆپ تەسۋىرلىنىدىغۇ؟ مەن ئىدارىدىكى بويتاق، ئۆزۈممۇ خېلى كېلىشكەن يىگىت، ئۇنىڭغا مېنڭىدىنمۇ مۇۋاپىق ئەرمەك تېپىلمايدۇ - دە؟». شۇئان كۆز ئالدىمدا باشلىقىمنىڭ خانىمىنىڭ بۇغداي ئۆڭ، كېلىشكەن، تولغان سىماسى زاھىر بولدى ۋە بىردىنلا قانلىرىم ئۇرغۇپ، تومۇرلىرىم كۆپۈشۈشكە باشلىدى. «ئەگەر شۇنداق تەلەپ قويسا قانداق قىلاي؟ باشلىقىمغا سادىق بولىمەن دېگەن تەقدىردىمۇ مېنىڭ باشقا تاللاش يولۇم يوق، ئۇ ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن مېنى بويسۇندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە مەنمۇ ئۇنىڭ تەلىپىنى ئىجابەت قىلىپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقمايمەنمۇ؟ بىرىنچىدىن، مەن بويتاقچىلىقتا قاغىجىراپ تۇرغاندا، يېشى بىر ئاز چوڭ بولسىمۇ، تەجرىبىلىك، تولغان ئايالنىڭ باغرىدا جەننەت ھوزۇرىنى سۈرەلەيمەن، ئىككىنچىدىن، ئۇنى قارماق قىلىپ تۇرۇپ، باشلىقىمنى تىزگىنلەپ، ئىدارىدە مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيمەن. توغرا، باشلىقىم ئايالىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ. ئايالىنى ئوتتۇرىغا سېلىپ، يىللاردىن بۇيان تەستىقلانماي كېلىۋاتقان ئۇنۋان ئىشىمنى ھەل قىلىۋالسام، ياۋروپاغا ساياھەتكە چىقىش سانىنى قولغا كەلتۈرۈۋالسام، مائاشىمنى دەرىجە ئاتلاپ ئۆستۈرۈش ئىشىنى بېجىرتىۋالسام... يەنە..يەنە...
* Y$ n% C3 R" b6 t1 M: W" \" N+ x
# h% O) M# w* p" ?4 {2 w5 \ خىيال بولۇپ كېتىپ، باشلىقىمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقىمنى تۇيماي قاپتىمەن. بېشىمنى كۆتۈرۈپلا بېشىمدىن بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ، «لاسسىدە» بولۇپ قالدىم ۋە ۋېلسىپىتتىن يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم. دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تاغدەك بىر دۆۋە كۆمۈر تۇراتتى، باشلىق خانىم تاقەتسىزلىق ئىچىدە مېنى كۈتۈۋاتاتتى.
6 Y. V& Z* E5 k' Y+ T! m3 I/ @6 t% C% J9 ?5 Z% R& L% A; X. g
- تۇيۇقسىز كۆمۈر كېلىپ قالدى، ئۆزىڭىز بىلىسىز ئاكىڭىز يوق، ئىشخانىدىكىلىرىڭىزنى چاقىرسىڭىزمۇ مەيلى، كەچكىچە ئۆيگە توشۇۋېتەرسىز، مەن ئىشقا كەتتىم.( @8 I; A+ z4 K2 r6 Z9 X
9 b' i( S0 T; r3 B- J باشلىق خانىم شۇنداق دېگىنىچە، ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى بېرىپ قويۇپ، تاقىلداپ مېڭىپ كېتىپ قالدى.2 b4 ?. t! h s4 L
! U/ L. j r( I: l6 _
نېگىردەك قاراقۇرا بولۇپ كەتكەن چىرايىمنى، پۇرۇلداپ قۇيۇلۇۋاتقان تەرلىرىمنى سۈرتۈشكىمۇ ھەپسىلەم يوق، ئېغىر كۆمۈر قاچىلانغان سېۋەتنى ئىنجىقلاپ كۆتۈرگىنىمچە دەلدەڭشىپ مېڭىپ، باشلىقىمنىڭ كۆمۈرخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتىمەن، خىيالىمدىن ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى دائىم مەلىكىنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىش خام خىيالىنى سۈرىدىغان پادىشاھنىڭ قويچىسى، «پادىچى تاز» كەچمەكتە ئىدى... A: k8 r. @0 g# ~1 D! H8 b; E, ^
مەنبە:خەلق تورى |
 مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[ 教程]
|