ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 688 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 599|ئىنكاس: 1

بوستانلىق مەدەنىيتىدىكى مۆجىزە-كارىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

446

تېما

6

ئەگەشكۈچى

8513

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1604
تىللا
1201
قىزغىنلىق
2609
تېما
446
يازما
475
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 14:39:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوستانلىق مەدەنىيتىدىكى مۆجىزە-كارىز
6 f5 f: Y  K+ f/ L% l. b4 \) s
/ ^) \+ q6 ]$ K' B8 Z! A

! |( Q& Y  y  {+ K, d+ gكارىز-بوستانلىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتىكى مۆجىزە، خەلقىمىز ئۇزاق زامانلار داۋامىدا ئىككى قولى، ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ ئىجاد قىلغان ئەمگەك مېۋىسى. تۇرپاندا «ئەر ئۆلسە چىراغ ئۆچىدۇ، كارىز ئۆلسە، ئەل كۆچىدۇ» دەيدىغان ماقال بار. بۇ، خەلقىمىزنىڭ كارىزغا بولغان ئەقىدە، مۇھەببىتىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى دەلىللەيدۇ.. f8 r2 @. L4 j9 C$ F% z$ U
W020100930595517889208.jpg
& f9 T$ F5 p, f3 |5 R8 q
تۇرپان قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىلا ئىنسانلار بۇ يەردە ياشاشقا باشلىغان. ياز پەسلى ئىسسىق ھەم ئۇزاق بولغان بۇ قەدىمىي زېمىننىڭ پەسىللىك دەريالىرى كۆپ بولسىمۇ، نوپۇس، تېرىلغۇ يەرنىڭ كۆپىيىشى، سۇ ئىشلىتىشنىڭ ئېشىشى نەتىجىسىدە ئېقىنلارنىڭ سەرپىيات ۋە پارغا ئايلىنىشى زورىيىپ، ئېقىنلار تارتىلىشقا، قۇرۇشقا باشلىغان. نەتىجىدە كىشىلەر بۇلاق سۈيىگىلا تايىنىشقا توغرا كەلگەن. بۇ ھال سۇغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا، پاراسەتلىك ئاتىلار كارىزدىن ئىبارەت مۆجىزىنى ياراتقان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر تارىخشۇناس ۋاڭ گوۋى «غەربىي رايونلاردىكى كارىزلارنى تەكشۈرۈش» دېگەن ئەسىرىدە «شىنجاڭدىكى كارىزلار بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنقى خەن دەۋرىدىلا بار ئىدى» دەپ يازغان. دېمەك، بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرىلا ئەجدادلىرىمىز كارىز مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
* o6 `$ x! \! ]  [# V1 b+ a7 ^4 }# }4 } W020100930595517626964.jpg
( |8 o$ o1 I& V* f3 e
كارىز خەلقىمىزنىڭ زامانلاردىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىدىكى بىر ئەۋزەل سۇ ئىنشائاتى بولۇپ، تەبىئەت بىلەن ئادىل، ماسلىشىپ ياشاش شارائىتىغا ئۇيغۇنلاشقان ئاجايىپ مۇھىم ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا ئىگە. كارىزلارنىڭ مەنبەسى تەڭرىتاغدىن ئېرىگەن قار-مۇز سۈيىنى ئاساس قىلغان، بۇلاق ئېقىن سۇلىرى بولۇپ، ئىلگىرى يازدا دېھقانچىلىقتا پايدىلىنىلسا، قىشتا تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلەتتى. ياز پەسلىدە سوغۇقراق، قىش پەسلىدە ئىلمان بۇ تاتلىق سۇ بايلىقى بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتمەيتتى، ھەتتا سۇ چىقىرىشتا زامانىۋى سۇ قۇدۇقلىرىدەك توك–ئېنىرگىيەمۇ كەتمەيدۇ، مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ، ئەكسىچە، مۇھىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، نورمال ياشاش مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ. مانا بۇ كارىزنىڭ ئاجايىپ تەبىئىي ئەۋزەللىكى.
; f) _- O  \, p4 `' M- p- T  j' C  U2 J' V  _$ O' k5 b" m% I- C: {
مۇشۇنداق بىر خاس «مەدەنىيەت» بۈگۈنكى كۈندە چېكىنىۋاتىدۇ. بۇ سۇدىن زامانىۋى پايدىلىنىشنىڭ تەسىرىدىن كۆپرەك، كارىزغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بولۇۋاتىدۇ. قىسقىچە بىر مىسال شۇكى، بىزدە ھازىر يەر يۈزى بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن سۇ ئامبارلىرى، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساش ۋە باشقىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرىنىڭ «ئۇلى» نى تولۇقلاشقا سەل قارىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بوستانلىق مەدەنىيىتىدىكى مۆجىزە كارىزلارنىڭ مەنبەسى خوراۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، تەرەققىياتنىڭ تەلىپىچە ئىش كۆرۈش دەۋرنىڭ تەلىپى. لېكىن، كارىزدەك قىممەتلىك ماددىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى قىممىتىنى ھەقىقىي نەزەرگە ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش، قوغداشقا يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.

. o( b- g" T+ ~; ~& n W020101213694066767949.jpg

. z" ~  H7 w' w4 x; z5 L2 [$ tكارىزنى بەرپا قىلغان ئاتا-بوۋىلار ئۇنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنىپ ياراتقان تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك يېشىل مۇھىت خەلقىمىزنىڭ باراۋەت-مەشرەپلىرىنىڭ سورۇنى بولۇپ، كارىز مەشرىپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇ، ئانا تەبىئەت كۆكەرگەن باھار پەسلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قايناق پائالىيەتلەر، يەنى ئوغلاق تارتىشىش، خوراز سوقۇشتۇرۇش، ئات بەيگىسى، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش، چېلىشىش، ئەلنەغمە، ئېيتىشىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كارىز بىلەن بارلىققا كەلگەن خاس مەدەنىيەت ھېسابلىنىدۇ. كارىز توغرىسىدا بۇنداق مەرىكىلەردە ئوقۇلىدىغان قوشاقلارمۇ بار:
3 B4 B. J# x- q8 R$ @& `8 e+ f1 z& C5 T6 ]  b+ [
بىزنىڭ كارىز كۆلىدە،. y, J7 u1 E+ f" f. G- M  X/ f; i

9 ]3 G4 q1 S0 I- w1 ]# Tئەسلى ھورۇن يوق.
) k$ V' I2 v1 R; G" n& |, D9 p! Q4 R% N* |5 m
ھورۇنلار كېلىپ قالسا،
& D+ j4 p8 c' i0 U9 `' d
1 Y( I) O( H) p5 q قىلچە ئورۇن يوق.
! e6 ?, T0 \' f6 K& m6 F# W
بۇنداق قوشاقلاردا خەلقىمىزنىڭ كارىز ئەمگىكىگە بولغان قىزغىنلىقى، ئوتتەك مېھىر-مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن. تۇرپان خەلقىدە كارىز چېپىش ئەمگىكىگە قاتناشقانلارنى چوڭ كۆرىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان ئادەت بار. شۇڭا، ئەل ئارىسىدا «قۇدۇق چاپقاندەك چوڭ گەپ قىلما»، «يۇقىرى-تۆۋەن چېپىپ بەگ ئاتالغىچە، كارىز چېپىپ ئەر ئاتال» دېگەندەك ماقاللار بار.# o2 t6 T. {% x6 S/ t
% [" d7 s: h. z- d+ \2 X! ~6 a
كارىز بوستانلىقى-مىللىي مەدەنىيەتنى بەرپا قىلغان مەدەنىيەت مىراسى. «دەقيانۇس رىۋايىتى»، «يالغۇز ئوغۇل رىۋايىتى» قاتارلىقلاردا كارىزنىڭ بىر خىل مىللىي مەنىۋى كۈچ بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن ئەقىل-پاراسەت، مېھىر-مۇھەببەت، قويۇق ئۆرپ-ئادەتنىڭ مۇقەددەس سېماسىنى كۆرۈۋالالايمىز.
7 j- U. D) O: w2 _, d- @% N. M
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]

42

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1681

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
458
تىللا
128
قىزغىنلىق
517
تېما
42
يازما
62
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 19:32:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەدنىيىتىمىز نى يەنە بىر ئەسلەتە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تىزئىنكاس يوللاش:



تەۋىسسىيە تاقاش


سىناشقا قاتنىشىڭ

ئىللىق تورى ئاندىرويىد ئەپ دىتالى سىناق تەرەقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ئاندىروىد سىستىمىلق ھەرقانداق(ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان) تېلىفۇنلار دانورمال زىيارەت قىلىشقا تىما ئىنكاس يوللاشقا بۇلۇدۇ .يانفۇن كامىراسىنى ئىككىلىك كودقا توغىرلاپ چۈشۈرۋېلىڭ ،


كۆرۈش