ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 692 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1231|ئىنكاس: 0

شاپاق بۆكلۈك توختامەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

446

تېما

6

ئەگەشكۈچى

8513

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1604
تىللا
1201
قىزغىنلىق
2609
تېما
446
يازما
475
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 20:40:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=center]شاپاق بۆكلۈك توختامەت
' i5 {+ B6 N/ s* t" v4 x(چۆچەك)& t+ {' b  p/ d- ^$ t  M- ~. B) Z
ئابدۇلھەمىد ياسىن

9 F2 G4 Y% I( I: |6 P/ ^5 I     بۇرۇنقى زاماندا، جاڭگالغا يېقىن، شەھەردىن يىراق، ئورمانغا يېقىن، سېپىلدىن يىراق خىلۋەت بىر يېزا بولغان ئىكەن. بۇ يېزىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەقىمى بار ئىكەن. بۇ بالىلارغا قويغىلى ئات تاپالمىغاندەك ھەممىسىنىڭ ئىسىملىرى ئاساسەن توختامەت بولغاچقا ئۇلارنى لەقىمى بىلەن چاقىرمىسا ھېچكىم تونۇمايدىكەن. ئىزدىسە تاپقىلى بولمايدىكەن. بىرسىنى ياغاچ قۇلاق توختامەت، دېسە، بىرسىنى يەلتاپان توختامەت دەيدىكەن. بىرسىنى كەلكۈن كەلدى توختامەت دېسە، يەنە بىرسىنى شاپاق بۆكلۈك توختامەت دېيىشىدىكەن. ئىش قىلىپ بۇ يېزىدىكى توختامەت ئىسىملىك بالىلار شۇ قەدەر كۆپكەنكى، ئەگەر ھەممە بالىلارنى تىزىپ قويۇپ، توختامەت ئىسىملىكلەر ئالدىغا چىقىڭلار، دېسە كەينى سەپتە ھېچكىم قالمامدىكى. بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى يېزىدىكى بىر موللامدا ئوقۇيدىكەن. موللامنىڭ ئىشى تولا بولغاچقا، بۇ بالىلارغا ساۋاق بەرمەي ئەمگەككە سېلىپ قويۇپ، ئۆزى توي- مەرىكىلەردە يۈرىدىكەن. بىز سىلەرگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان شاپاق بۆكلۈك توختامەتمۇ دەل مۇشۇ موللامدا ئوقۇيدىغان ئاجايىپ شوخ بىر بالا ئىكەن. بەلكىم ئۇنى ھەممىڭلار تونۇيسىلەرغۇ دەيمەن. چۈنكى ئۇ دېگەن ساۋاقداشلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ كەپسىز، ئەڭ ئويۇنچى بالا، يۇپ- يۇمىلاق بېشىغا شاپاق بۆكى بەكلا ياراشقان، چىرايىدىن ھەييارلىقى چىقىپ تۇرغان شاپاق بۆكلۈك توختامەت بالىلارنى باشلاپ ئويۇن تېپىپلا تۇرىدىكەن. شۇڭا ئۇنى خەلپەتلەر پات= پات تاياققا بېسىپمۇ تۇرىدىكەن. شاپاق بۆكلۈك توختامەتنىڭ ئانىسىدىن باشقا ھېچقانداق ئۇرۇق- تۇغقىنى يوق بولۇپ،  كۆزى تۇتۇلۇپ قالغان بىرلا ئانىسى بار ئىكەن. توختامەتنىڭ بۇ بىچارە ئانىسى كىشىلەرنىڭ ئىشىكىدە خەقلەرنىڭ ئىشىنى قىلىشىپ بېرىپ جېنىنى جان ئېتىدىكەن. شاپاق بۆكلۈك توختامەتمۇ كىشىلەردىن ئاشقان- تاشقاننى يەپ چوڭ بولىۋاتقان بالا ئىكەن. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈنمۇ شاپاق بۆكلۈك توختامەتنىڭ چىرايى قارىمۇتۇق، بەدىنى بەكلا ئۇرۇقكەن. شاپاق بۆكلۈك توختامەتنىڭ ھەمىشە ئويلايدىغىنى، بىر ئامال تېپىپ ئانىسىنىڭ كۆزىنى ئېچىپ يورۇق ئالەمنى كۆرسىتىشنى، ئۆزىنىڭمۇ ئازادە ئۆيى بولۇپ ئانىسىغا شۇ ئۆيدە راھەت كۆرسىتىشنى، باقىدىغان، ئۆلتۈرۈپ يېيەلەيدىغان ناھايىتى كۆپ قويلىرى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. بىر كۈنى ئۇنىڭ خىيالىغا مۇنداق بىر ئوي كەپتۇ. «مەن بۇ يەردە دەرس بەرمەيدىغان موللامغا قاراپ بىر ئۆمۈر تۇرساممۇ بىرنەرسە ئۆگۈنەلمىگۈدەكمەن. ئۇنىڭغا قارىغاندا باشقا يۇرتلارغا باقسام، يا بىلىم ئېلىپ ئالىم بولارمەن، يا پۇل تېپىپ باي بولارمەن. ھېچ بولمىسا شەھەرنى كۆرۈپ كۆزۈمنى ئېچىپ كېلەرمەن» دېگەننى ئويلاپتۇ. ئويلىغانسىرى ئۆزىنىڭ ئويى توغرا بىلىنىپ، باشقا يەرلەرگە بېرىش ئىشتىياقى قوزغىلىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى كەچتە ئۇ بۇ ئويىنى ئانىسىغا دەپتۇ. ئانىسى ئۇنىڭغا:( ]8 R! T2 y7 M
! z6 s+ z9 N2 {3 c$ }: x
-بوپتۇ بالام، بارغىن، خۇدايىم تىلىكىڭنى بەرسە ئەجەپ ئەمەس،- دەپ رۇخسەت قىپتۇ. ئانىسىنىڭ قوشۇلغانلىقىدىن خوشال بولغان شاپاق بۆكلۈك توختامەت كېچىچە كىرپىك قاقماي تاتلىق خىياللارغا چۆمۈپتۇ.
' v, F% B8 B; G0 u
  Z3 W  M1 A- c) [1 s5 g1 Z5 p3 Jئەتىسى ئۇ يالغۇز بارسا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ مەقسىدىنى دوستلىرىغا دەپتۇ. دوستلىرىدىن ياغاچ قۇلاق توختامەت بىلەن كەلكۈن كەلدى توختامەت بىللە بېرىشقا ماقۇل بوپتۇ. شاپاق بۆكلۈك توختامەت دوستلىرىغا:. R; e, e, i7 a! P

9 a) {( q% C4 f/ e2 B-ئەمىسە بۆگۈن ئۆيدىكىلىرىڭلارغا دەپ رۇخسەت ئېلىڭلار، ئانا رازى خۇدا رازى، ئۇلار رۇخسەت قىلسا ئىشىمىز ئوڭ بولىدۇ،- دەپتۇ. ئەمما ئۇ ئىككىسى تەڭلا:
5 m$ H( n' T# K# Y: ]! w( S+ J- S
6 u" k) X. `9 X: Z' B5 U8 y- ياق!،-دەپ توۋلاپتۇ.
2 i; R! U1 V( |6 G" m" I* j1 k3 }! n+ w0 @' q8 L; U. T
- مەن دېمەي ماڭىمەن، بولمىسا قۇلىقىم يەنە ئۇزىراپ قالىدۇ،-دەپتۇ ياغاچ قۇلاق توختامەت قولىقىنى سوزۇپ تۇرۇپ، دوستلار ئۇنىڭ گېپىدىن كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. دېمىسىمۇ ئۇنى ئاتا- ئانىسى ھەمىشە گەپ ئاڭلىمايدىغان ياغاچ قۇلاق، دەپ قۇلىقىنى سوزىدىكەن. & D$ }4 c5 l+ Z8 F* t
# Y  d( I: c9 l3 _. q$ B( P; g
-مەنمۇ دېمەيمەن،-دەپتۇ كەلكۈن كەلدى توختامەت،- ئۆيدىكىلەر بارغىلى قويمىسا ئاچچىقىمدىن بوغۇلۇپ قالىمەن.
: S* v# W. `4 o5 i
6 P6 \/ o1 a3 b: Sراست، كەلكۈن كەلدى توختامەتنىڭ ئاچچىقى بەكلا يامان بولۇپ، دېتىغا ياقمايدىغان بىر ئىشقا تىزلا ئاچچىقى كېلىدىكەن. كەلگەندىمۇ خۇددى كەلكۈن كەلگەندەك ئاجايىپ قاتتىق ئاچچىقى كېلىدىكەن. ئاچچىقى يانغاندا بولسا يەنە مۇلايىم بولۇپ قالىدىكەن.% @/ ^3 R7 C$ {  j( F4 }
8 L, {0 e% H2 e$ v
شۇنىڭ بىلەن ئۈچ دوست ئازراق نان- پان ئېلىۋېلىپلا يولغا چىقىپتۇ. شاپاق بۆكلۈك توختامەت دوستلىرىنى ئېلىپ مەھەللىدىن باش ئېلىپ باشقا يۇرتلار تامان يۈرۈپ كېتىپتۇ. ئۇلار دەرەخلىك يولنىڭ سايىسىدا ئۆستەڭلەرنىڭ ئىچى بىلەن ئوزۇن يول يۈرۈپ كەچ بولغاندا بىر كەنتكە كىرىپ كەپتۇ. كەنتتە ئۇلار بىر موماينىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەپتۇ. ئەسلى ئۇ موماي خاسىيەتلىك موماي بولۇپ، بۇ بالىلارغا ئىسسىق كۆمەچ سېلىپ بەرگەندىن كېيىن:) s* s5 J4 _* d0 Z( j
0 r/ Z% k4 z+ q/ E! ?
- قېنى يەڭلار بالىلىرىم، ئوزۇن سەپەرگە مېڭىپسىلەر، سىلەردىن سوراپ باقسام، ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇڭلار نېمە؟
. E' l& p. `3 ?/ V) U( l) ?
4 b! t1 \% x) |, Qبالىلار موماينىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر ھازا تۇرۇپ كېتىپتۇ. ئاندىن شاپاق بۆكلۈك توختامەت:
$ O& f6 k2 W! [, I
5 {- I4 T1 w# z5 Q7 s5 {# p- مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم، قارىغۇ ئانامنىڭ كۆزى ئېچىلسا دەيمەن. بىزنىڭ كۈنىمىز بەك تەس، ئوتلاقلاردا پادا- پادا قويلىرىم بولسا- دەپتۇ. ياغاچ قۇلاق توختامەت بولسا:
; l- P2 s/ q: n4 \3 x$ Z5 _# [$ q4 W9 |; Y- {. p  Y
- مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ، بىلىملىك ئادەم بولسام، ئاتا- ئانام، ئوقۇتقۇچىلىرىم مېنىڭ قۇلىقىمنى سوزمىسا،- دەپتۇ قۇلىقىنى سىلاپ تۇرۇپ.9 S5 J* R: F6 L5 o% b

& S! v6 M  p% H9 c0 E- مېنىڭ ئارزۇيۇم ئۇستا موزدوز بولۇش، يەنە بىرسى ئاسان ئاچچىقىم كەلمىسە دەيمەن،- دەپتۇ كەلكۈن كەلدى توختامەت ئويلانغان ھالدا. موماي ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بېشىنى ئىرغاڭشىتىپتۇ. ئاندىن شاپاق بۆكلۈك توختامەتنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:( n8 m: ~: k5 C) c/ R3 o5 h

, d) _. ?4 `) n/ g  j- g, J- ئارزۇيۇڭلار ماڭا ئايان بولدى. بىرسىڭلارنىڭ تىۋىپ بولغۇڭلار، يەنە بىرسىڭلارنىڭ ئالىم بولغۇڭلار، يەنە بىرسىڭلارنىڭ ھۆنەرۋەن بولغۇڭلار باركەن. ئەمما مونۇ يۇمۇلاق كاللا بالام ئانىسىنى رازى قىلىشنى بەكرەك ئويلايدىكەن. ھەممىڭلارنىڭ تىلىكىڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىراق شۇ تېلىكىڭلار ئۈچۈن ئازراق جاپا چېكىشكە توغرا كېلىدۇ،- دەپتۇ. ئۈچ بالا تەڭلا:
4 G+ d7 C+ A" c& F" w! n4 z$ [  ?5 n
- تىلىكىمىز ئەمەلگە ئاشقۇدەكلا بولسا قانچە جاپا چەكسەك مەيلى ئىدى،- دېيىشىپتۇ. موماي ئۇلاردىن رازى بولغان ھالدا كۈلۈمسىرەپ قويۇپتۇ. بالىلار كۆمەچنى ئىشتىھا بىلەن يەپ، ھاردۇق يەتكىنىدىن تىزلا ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئەتىسى ئۇلار قۇشلارنىڭ قىزغىن ناۋاسى ئىچىدە ئويغىنىپ كېتىپتۇ. ئورنىدىن تۇرۇپ قارىسا ئاخشامقى ئۆي ۋە ھېلىقى مېھرىبان مومايدىن ئەسەرمۇ يوق، پەقەت قولىغا قارىسا ئاخشام يىگەن كۆمەچتىن ئېشىپ قالغان ئازراق كۈمەچ قالغان ئىكەن. ئۇلار قوپۇپ  ئالدىغا قارىسا دەرەخ كارىدورى بىلەن ئاخىرى چەكسىز كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۈچ ئاچا يول كۆرۈنۈپتۇ. ئۇلار ھەيرنۇ- ھەس بولۇشۇپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قاپتۇ.
1 _- B% [! j3 _# W" X" {0 ~+ o. [5 _  J6 S! q* h* e% N. h4 G
- ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ماڭايلى،- دەپتۇ شاپاق بۆكلۈك تۇختامەت،- بەلكىم تىلىكىمىز مۇشۇ يوللاردا ھاسىل بولار.8 ]- s$ l- P- }9 M

' @/ i( i$ H: E; z1 K8 x" Y, z% ]شۇنداق قىلىپ ئۈچ دوست ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ مېڭىپتۇ. ئوڭ تەرەپتىكى دەرەخ كارىدورلۇق يولغا شاپاق بۆكلۈك توختامەت مېڭىپتۇ. ئوتتۇرىدىكى دەرەخلىك يولغا ياغاچ قۇلاق توختامەت مېڭىپتۇ. سول تەرەپتىكى دەرەخزارلىق يولغا كەلكۈن كەلدى توختامەت مېڭىپتۇ.
! p& R. b% F/ Y: x7 v+ w/ T
+ D5 v% _% O! i# N4 ?7 z) |شاپاق بۆكلۈك توختامەت يېرىم كۈندەك ماڭغاندا قاقاس بىر چۆللۈككە چىقىپ قاپتۇ. قارىسا بۇ گىياھ ئۈنمىگەن، كۈن چوغدەك يالىلداپ تۇرغان چۆللۈكنىڭ ئاخىرى يوقتەك بېلىنىپتۇ. ئەمما توختامەت ئارقىغا يانماي چوقۇم مۇشۇ چۆللۈكنى بېسىپ ئۆتىمەن دېگەن ئىرادە بىلەن چۆلگە قاراپ مېڭىپ كېتىپتۇ. ئۇ كەچ كىرگۈچە مېڭىپتۇ. چۆللۈكنىڭ ئاخىرى كۆرۈنمەپتۇ. ئاخىرى يىغىلىپ قالغان ئاچچىق سۇدىن ئىچىپ، بېلىگە تۈگىۋالغان كۆمەچتىن ئازراق يەپ ئاشۇ ئادەمسىز چۆلدە قونۇپ قاپتۇ. ئەتىسى يەنە جىدەللەپ مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. كۈن چۈشتىن قايرىلغان مەزگىلدە توختامەت ئالدىدىكى دۆڭلۈكتىن شۇنداق ئاشقان ئىكەن، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىگە ئىشىنەلمەيلا قاپتۇ. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا سۈپ- سۈزۈك ئېقىۋاتقان كىچىككىنە بىر دەريا، دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە ياپ- يېشىل ئوتلاق بار ئىكەن. توختامەت دەريادىن قانغۇچە سۇ ئىچىپ، كۆمەچنىڭ قالغىنىنى يەپ، ھېلىقى ياپ- يېشىل مەخمەلدەك ئوتلاققا كىرىپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا بۇ ئوتلاقنىڭ پايانى كۆرۈنمەپتۇ. ئوتلاقتا خىلمۇ- خىل ئۆسۈملۈكلەر بۇلۇق ئۆسۈپ، رەڭگارەڭ گۈللەر ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن ئىكەن. توختامەت بۇ گۈپۈلدەپ خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان ئوتلاقتا كەچ كىرگۈچە ماڭغان ئىكەن، سانىنى بىلىپ بولمىغۇدەك ناھايىتى كۆپ قوي پادىسىغا دۇچ كەپتۇ. قارىسا قوي پادىسىدىن خەۋەر ئالىدىغان ھېچكىم يوقمىش، قويلارمۇ توختامەتنى كۆرۈپ ئۈركۈپ قاچماي خىرامان ئوتلاپ يۈرەرمىش. شۇنىڭ بىلەن توختامەت قوي پادىلىرى ئارىسىدىن يۈرۈپ كېتىپتۇ. بىر چاغدا ئالدىغا قارا دېگەندەك بولۇپ، شۇنداق قارىسا دەرەخزارلىق بىر كەنت كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ ئوقتەك مېڭىپ كەنتكە كىرىپ كەپتۇ. ئاندىن ئالدىغا ئۇچرىغان بىر بالىدىن:
9 j" B0 c$ c- G) L) |, ^4 Z5 l  F$ u
$ s9 E! e" f( [( O  q. R. _& `-بۇ قايسى كەنت، ئاۋۇ قويلار كىمنىڭ؟- دەپ سوراپتۇ. 1 k! {* }4 g& Z9 K

) S* }; {8 ]. ~! b" b7 e- W- بۇ مەختۇمسۇلا كەنتى، ئۇ قويلار تىۋىپ چىن تۆمۈرنىڭ- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بالا بۇرنىنى تارتىپ تۇرۇپ. توختامەت يەنە:& `2 C' P9 s, {% d+ a. D3 B  L
- d* w; m& R& s# k& I) ~
-سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە؟ تىۋىپ چىن تۆمۈرنىڭ ئۆيى قايەردە؟- دەپ سوراپتۇ. بالا يەنە بۇرنىنى تارتىپ تۇرۇپ:
# E8 v5 c$ _9 f4 B4 b8 j3 n3 o) e  i+ @% x+ C
- ئىسمىم توختامەت، تىۋىپنىڭ پادىچىسىمەن. تىۋىپ ماڭا يىلدا بىر توپ قوي بېرىدۇ. تىۋىپنىڭ ئۆيى ئاۋۇ چوڭ دەرەخلىك قورودا،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. توختامەت ئۇنىڭمۇ ئىسمىنىڭ توختامەت ئىكەنلىكىدىن  ھەيران بولۇپ:3 N  k, R- d) r1 K8 o$ b: x+ ~
; O# \' H4 X6 a& r+ q
- مېنىڭمۇ ئىسمىم توختامەت، سېنىڭ لەقىمىڭ بارمۇ؟- دەپ سوراپتۇ. 5 D7 t1 Q$ H! _+ I5 ]6 W3 b

1 t% x0 o& T# o/ P" p- بار، مېنى كىشىلەر قوي قوزىسى توختامەت،- دېيىشىدۇ.- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىقى بالا. شۇنىڭ بىلەن توختامەت ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئوخشاشلىقىغا ھەيران بولغان ھالدا بۇ قوي قۇزىسى توختامەت بىلەن خوشلىشىپ، تىۋىپنىڭ ئۆيىگە مېڭىپتۇ. ! O. _+ y9 I+ t' O6 `; v- W( J! A
. G5 y' X- s' M) F
ئۇچتەك ئاقارغان ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشكەن، كەڭ گەۋدىلىك، كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان تىۋىپ چىن تۆمۈر توختامەتنىڭ كېلىش مەخسىدىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:4 W' b; M# G. `' _  v
( z% q0 e- w. I& N. D7 Z7 L- Z
- ياخشى كەپسەن شاپاق بۆكلۈك توختامەت. بۇيەردىكى بالىلارنىڭمۇ كۆپىنچىسىنىڭ ئىسمى توختامەت. ئاڭلا ، ساڭا بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي. مەن يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى يوقاتقاندىن كېيىن بۇ جاڭگال ئاۋاتلىشىشقا باشلىدى، سۈيى ياخشى بولغاچقا كىشىلەر ئارقا- ئارقىدىن كۆچۈپ كېلىشتى. ئوتلاقنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرۈپ قوي باقتۇق. قويلار سەن كۆرگەندەك ئاشۇنداق ئاۋۇپ كەتتى. ئەمما ئوزۇن ئۆتمەي يىراق پادىشاھلىقنىڭ شاھزادىسى ئوزمۇخ لەشكەر باشلاپ كېلىپ، مېنى ئالداپ قويۇپ سىڭلىم ماختۇمسۇلانى ئېلىپ قاچتى. مەن سىڭلىمنىڭ دەردىدە تولا يىغلاپ قارىغۇ بولۇپ قالدىم. ئاخىرى ماختۇمسۇلا خاسىيەتلىك بىر ئالمىنى ئېلىپ، ئوزمۇختىن ئادا- جۇدا بولۇپ، ئۆز ئەقىدىسىنى، قېرىنداشلىقنى، پادىشاھلىقتىن، بالىلىرىدىن ئارتۇق بىلىپ مېنىڭ يېنىمغا ئۆز بالىلىرىنى چۆكتۈرىۋېتىپ يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ خاسىيەتلىك ئالمىسى بىلەن كۆزۈم ئېچىلدى. بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ماڭا شۇ قەدەر سادىقكى ھەممە قويلىرىمنى ئامان ئېسەن بېقىپ بېرىدۇ. مەنمۇ ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئېلىۋالمايمەن. ھازىر سىڭلىم مەختۇمسۇلانى مۇشۇ يەرلىك يوۋاش بىرسىگە ياتلىق قىلدىم. ئۆزەم گەرچە قېرىپ قالغان بولساممۇ، تىۋىپلىقنى ئۆگىنىپ، يەردىن ئۈنگەن گىياھنىڭ ھەرقاندىقىنى قانداق خىلىتلىق كىشىگە پايدا قىلىدىغانلىقىنى بىلگۈدەك ھالغا كەلدىم. ئەمدى سەنمۇ مېنىڭ يېنىمدا ئۈچ يىل تۇرۇپ، ھۆنەر ئۈگەن. تىرىشىپ ئۈگەنسەڭ ئۈچ يىلدا يېتىشكەن تېۋىپ بولۇپ چىقىسەن. شۇ چاغدا ھېلىقى خاسىيەتلىك ئالمىنى ساڭا بېرىمەن. يۇرتۇڭغا بېرىپ ئاناڭنىڭ كۆزىنى ئېچىپ دۇئاسىنى ئالىسەن- دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ. توختامەت ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن ھېكايىسىنى ئاڭلاپ كەلگەن چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ يۇرتىغا كېلىپ قالغىنىنى ، چىن تۆمۈر باتۇردىن ھۆنەر ئۈگىنىدىغانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى خوشال بوپتۇ.
; [( \/ J" s1 A2 n
, F# S& s+ t& lئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپتۇ. بۇ جەرياندا شاپاق بۆكلۈك توختامەت تىۋىپ چىن تۆمۈردىن قېتىرقىنىپ ھۆنەر ئۆگىنىپتۇ. چۆللەرگە، تاغلارغا چىقىپ دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى يىغىپتۇ. ھەرخىل ئۈسۈملۈكلەرنىڭ رولى، ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلارنى پىششىق يادلاپتۇ. ئۈچ يىل بولغاندا ئۇمۇ يەرگە قاراپ قانداقلىكى ئۆسۈملۈك بولسا ئۇنىڭ قانداق كېسەلگە شىپاھ بولىدىغانلىقىنى بىلگۈدەك ھالغا كەپتۇ. تىۋىپ چىن تۆمۈر يوق ۋاقىتلاردا تومۇر تۇتۇپ، دورا يېزىپ بېرىدىغان، دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن دورا تەييارلىيالايدىغان سەۋىيەگە يېتىپتۇ. ھەيران قالارلىق بىر يېرى تىۋىپ چىن تۆمۈر داۋالاشقا شۇنچىلىك ئۇستىكەنيۇ، داۋالانغان بىمارلاردىن يېرىم ياماق چاغلىق ھەق ئالمايدىكەن. ئاخىرى توختامەتنىڭ قايتىدىغان ۋاقتى يېقىنلىشىپتۇ. # m2 Y% E+ B( g1 E2 h

" J, _0 i2 U- G8 t' f) u  q- ئەمدى قايتىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى،- دەپتۇ بىر كۈنى تىۋىپ چىن تۆمۈر توختامەتكە،- ئىككى ۋەسىيىتىم بار، بىرى خاسىيەتلىك ئالمىنى ساڭا بېرىمەن. ئەمما سەن ئۇنى يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە ئىشلەتمەيسەن. ئەگەر شۇنداق قىلغۇدەك بولساڭ بۇ ئالما خاسىيىتىنى يوقىتىدۇ. ئىككىنچىسى، كىشىلەرنى داۋالىغىنىڭغا ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايسەن. ھۆنەرنى ياخشى ئۆگەندىڭ. ئەمدى ياخشى نىيەت بىلەن كىشىلەرنى داۋالاپ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئالساڭلا كۇپايە، ھەق ئالساڭ تاماخور بولۇپ قالىسەن . تاماخورلۇق تىۋىپلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى . مەن ساڭا يەتكۈدەك قوي ھەم پۇل- پىچەك بېرىمەن،-دەپتۇ. توختامەت ئۇستازى تىۋىپ چىن تۆمۈرنىڭ ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىپ خوشلىشىپتۇ. ئاندىن ئۆزىگە بۆلۈپ بەرگەن بىرەر مىڭدەك قوينى ھېلىقى يولدا يولۇققان قوي قوزىسى توختامەت بىلەن ھەيدەپ ئۆز يېزىسىنى كۆزلەپ يولغا چىقىپتۇ. ئۈچ يىل جەريانىدا ئامراق ئاداشلاردىن بولۇپ قالغان ئىككىسى ناھايىتى كۆپ يوللارنى بېسىپ شاپاق بۆكلۈك توختامەتنىڭ يېزىسىغا يېتىپ كەپتۇ. شاپاق بۆكلۈك توختامەتنىڭ ئانىسى ئۆز ئوغلىنى ساقلاپ، ئىشىككە يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئىكەن. توختامەت قوينىدىن ئالمىنى چىقىرىپ، ئانىسىنىڭ كۆزىگە سۈرۈپتۇ. توساتتىن ئانىسىنىڭ كۆزى پاللىدە يورۇپ، ئالدىدىكى بالىسىنى كۆرۈپتۇ ۋە:
3 v1 u/ j* W* R
/ d% M) d# f& ?# f3 C% k. n- سەن كىم؟-، دەپ سوراپتۇ. توختامەت ئۆزىنى ئانىسىنىڭ باغرىغا ئاتقان پېتى:
9 b1 W* l5 `9 V. J: `' G+ `# V1 |0 V8 |- i. F& T7 j
- جېنىم ئانا، مەن ئوغلىڭىز، شاپاق بۆكلۈك توختامەت ئەمەسمۇ؟- دەپتۇ. ئوغلىنىڭ چوڭلا يىگىت بولۇپ قايتىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ ئانا ئۇنى باغرىغا بېسىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قوي قوزىسى توختامەت تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتىپتۇ.
' x  |2 b* h0 u' V, W& t/ y& m( X' A5 a3 B
شۇنىڭدىن كېيىن توختامەت قوي قوزىسى توختامەت بىلەن خوشلىشىپتۇ. ئاندىن قويلىرىنى يايلاققا قويۇپ بېرىپ، بىر پادىچىنى قويلارغا قاراشقا ياللىۋېلىپ، ئۆزى كېسەل داۋالاشنى باشلىۋېتىپتۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ تىۋىپلىق ماھارىتىنىڭ قالتىسلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغان، كېسەللىرىنى كۆرسىتىدىغان بوپتۇ. يەنە كىشىلەر ئۇنىڭ بىر پۇڭمۇ ھەق ئالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قاپتۇ، ئاندىن كۆپچىلىك ھە، ھۇ دېيىشىپ، ئۇنىڭغا ھەم چوڭ، ھەم چىرايلىق بىر ئۆي سېلىپ بېرىپتۇ. قويلىرىمۇ ناھايىتى تىزلا سانىنى ئېلىپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە ئاۋۇپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئارزۇسى تولۇق ئىشقا ئېشىپ، ئانىسىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈپتۇ. ياخشى ئۆيى، پادا- پادا قويلىرى بار بوپتۇ. يەنە تېخى ھەممە ئادەم ئۇنى ئەمدى شاپاق بۆكلۈك توختامەت ئەمەس، تىۋىپ توختامەت دەپ چاقىرىشىدىغان بوپتۇ.
" d4 W- _- G: O# D( b
! r: l: S5 V; ~& }9 r$ F2 o* kھېلىقى ياغاچ قولاق توختامەت بىلەن كەلكۈن كەلدى توختامەتمۇ يۇرتىغا يېنىپ كەپتۇ. ياغاچ قۇلاق توختامەت ئىلىمدە توشقان بىر ئادەمگە يولۇقۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلىم- بىلىم ئېلىپ كاتتا ئالىم بولۇپ قايتىپ كەلگەن ئىكەن . شۇڭا ئۇ يۇرتىدىكىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇپ كىشلەرنىڭ يۈكسەك ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بوپتۇ. يۇرتىدىكىلەر ئەمدى ئۇنى ياغاچ قۇلاق توختامەت ئەمەس، ئەللامە توختامەت، دەپ ئاتايدىغان بولۇشۇپتۇ. ئەمما بۇ ئەللامە توختامەت، بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئىشىغا سالمايدىكەن-يۇ، ھەمىشە ياخشى ئۆگەنمىگەنلەرنى «ياغاچ قۇلاق» دەپ تىللايدىكەن.
2 W( R( \7 w" {+ Q" T; D$ @7 _  d& |! {, g! z
ھېلىقى كەلكۈن كەلدى توختامەتمۇ ئۇستا موزدوزغا يولۇقۇپ قېلىپ شۇنىڭدىن ئۆتۈك تىكىشنى ئۆگىنىپ قايتىپ كەپتۇ. ئۇمۇ كىشىلەرگە ئۆتۈك تىكىپ بېرىپ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستا ھۆنەرۋەن بولۇپ قاپتۇ. يەنە بىرسى ئۇنىڭ ئاچچىقى يامان ئەمەسمىدى، ھۆنەر ئۆگەنگەندىن كېيىن شۇنداق سالماق بولۇپ قاپتۇكى، باشقىلار ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن چاغدىمۇ ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.
1 Q. w- [3 a2 n' G/ `
8 @2 y3 C, n& D/ f+ Sشۇنداق قىلىپ بىلىم- ھۆنەر ئىشقىدا يۇرتىدىن ئايرىلغان ئىزگۈ نىيەتلىك دوستلار مۇرات- مەخسىدىگە يېتىپتۇ...
- S3 U6 Z, j5 [  w1 r. l1 e
ئاپتور:قاراقاش ناھىيىلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپتە
你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تىزئىنكاس يوللاش:



تەۋىسسىيە تاقاش


سىناشقا قاتنىشىڭ

ئىللىق تورى ئاندىرويىد ئەپ دىتالى سىناق تەرەقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ئاندىروىد سىستىمىلق ھەرقانداق(ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان) تېلىفۇنلار دانورمال زىيارەت قىلىشقا تىما ئىنكاس يوللاشقا بۇلۇدۇ .يانفۇن كامىراسىنى ئىككىلىك كودقا توغىرلاپ چۈشۈرۋېلىڭ ،


كۆرۈش