ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 692 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 738|ئىنكاس: 0

يولۋاسقا ئايلانغان بالا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

446

تېما

6

ئەگەشكۈچى

8513

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1604
تىللا
1201
قىزغىنلىق
2609
تېما
446
يازما
475
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 20:36:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=center]يولۋاسقا ئايلانغان بالا+ t) r- ]7 z) L" Q$ X. ]! L& k8 s
(چۆچەك)
9 s! p. \8 K! g2 K- L  }9 ^ئابدۇلھەمىد ياسىن
0 a& ]) G2 Y% Y8 f; ]- \
( x: p9 ^5 C' L2 x    بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ھايۋانلار بىلەن ئادەملەر ئۆچەكىشىپ قالغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، يىراق چەت بىر يېزىدا تاغقا يانداشقان بىر كەنت بولغان ئىكەن. كەنتنىڭ ئالدى تەرىپى ناھايىتى چوڭ بىر دەرياغا تۇتىشىدىكەن. كەينى تەرىپى بولسا ئورمانلار بۈككىدە ئۆسۈپ كەتكەن ئېگىز تاغ ئىكەن. تاغدا ھەرخىل ئوت- چۆپ، چىرايلىق ياۋا گۈللەر بولغاندىن سىرت، يوۋاش ھايۋانلاردىن بۈكەن، ئارقار، بۇغا، كىيىكتىن باشلاپ، يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن شىر- يولۋاس، بۆرە- قاپلانلارغىچە ھەممىسى بار ئىكەن. تاغقا يانداش ھېلىقى كەنتتە ئوۋچىلىق بىلەن جان باقىدىغان ئون نەچچە ئائىلە بار بولۇپ، بۇ كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى باقى ئاقساقال دەپ بىر ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن. باقى ئاقساقال تەدبىرلىك، ئوۋغا ماھىر ئادەم بولۇپ، كەنتتىكى ئوۋچىلارنى باشلاپ تاغقا چىققۇدەك بولسا شىر- قاۋانلار ئۇۋىلىرىغا مۆكۈۋالىدىكەن، يولۋاس- يىلپىزلار يىراقلارغا قېچىپ كېتىدىكەن. بۇغا- ماراللار، كىيىك- ئارقارلار پىترىشىپ ئۆزىنى ھەريان ئاتىدىكەن. ھايۋانلار قانچە سەزگۈر بولسىمۇ ، تەدبىركار باقى ئاقساقال ھەمراھلىرى بىلەن بىر كۈنلۈك ئوۋدىن نەچچە ھايۋاننىڭ بېشىنى كەسمەي قويمايدىكەن. ئاقساقالنىڭ ياقۇپ ئىسىملىك بىر ئوغلى بار بولۇپ، ئۇ كەنتتىكى باشقا بالىلارغا ئەقىل ھەم قورقۇمسىزلىقتا ئۈلگە ئىكەن. ھەممەيلەن ياقۇپنى كېچىدە تاغقا يالغۇز چىقىپ چۈشەلەيدۇ، ھېچنىمىدىن قورقمايدۇ، چوڭ بولسا يولۋاسقا نوقتا سالالايدىغان باتۇر ئادەم بولىدۇ، دەپ تەرىپلىشىدىكەن.
3 ]2 \! F2 G5 K& _- X8 v
; h( `6 Z! ?8 K# P+ w$ m/ o' p     ياقۇپ ھەمىشە دادىسىدىن ئۆزىنىمۇ ئوۋغا بىللە ئېلىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ تۇرىۋالسا دادىسى، سەن تېخى كىچىك، سەل چوڭ بولساڭ بىللە ئېلىپ بارىمەن، دەيدىكەن. ئەمما ياقۇپ دادىسىنىڭ بۇ گېپىگە قايىل ئەمەسكەن. چۈنكى ئۇ قورقۇمسىزدە، كىچىك بولسا نېمە بوپتۇ، ھەرقانداق ۋەھشى ھايۋانمۇ قورقمايدىغان بالىلارنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ، دەپ ئويلايدىكەن. " f& P2 W! W1 ?& \" |
  a1 R9 q7 X( O- Y- x- u) C
كەنتتىكى بالىلارمۇ ياقۇپقا ئامراق بولۇپ، ئۇلارمۇ ياقۇپنىڭ باشچىلىقىدا ھەرخىل قۇرام تاشلارنى يولۋاس، بۆرە دەپ، ئۇلارنى ئوۋلىغان بولۇپ ئوينايدىكەن. دەريانىڭ تېز ئاقمايدىغان يەرلىرىگە چۆمۈلىدىكەن. بىر كۈنى ياقۇپ دادىسىغا:
' d* P5 D) W* I9 a3 u( D
) k( T; ^9 ~7 ?# p1 d: g- بىز نېمىشقا يولۋاس، بۆرىلەرنى ئۆلتۈرىمىز؟-دەپ سوراپتۇ. دادىسى ئوغلىنىڭ سوئالىدىن سۆيۈنۈپ كېتىپتۇ ۋە:
9 W. ]! t' C% T7 J: D$ l) x  F4 \# g" i6 }* R
- چۈنكى يولۋاس، بۆرىلەر بۇغا كىيىكتەك يوۋاش ھايۋانلارنى ئوۋلايدۇ، بىزنىڭ بىچارە قويلىرىمىزنى يەپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ئوۋلايمىز، ئۇلارنى يوقاتمىغاندا قويلىرىمىز ئامان قالمايدۇ، يوۋاش ھايۋانلارغا كۈن بولمايدۇ، ئۇقتۇڭمۇ بالام،- دەپتۇ باقى ئاقساقال بالىسىنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ. ياقۇپ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يولۋاس، بۆرىلەرگە تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتىپتۇ. يوۋاش ھايۋانلار نېمە دېگەن بىچارە ھە، دەپ ئويلاپ، ئۆزىنىڭمۇ تېزراق چوڭ بولۇپ، يىرتقۇچلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىشنى ئارزۇ قىپتۇ. بالىلار بىلەن ئوينىغاندا يىرتقۇچلارنىڭ ئەسكىلىكلىرىنى، يوۋاش ھايۋانلارنى قانداق ئۆلتۈرۈپ يەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنى يوقىتىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى سۆزلەپ بېرىدىغان بوپتۇ.) d" v/ S/ c- J+ Z  y8 {' t% D
" q( u2 T) u2 O0 r+ l# ~
      بىر كۈنى دادىسى ھەمراھلىرى بىلەن ئوۋ ئوۋلاپ، تۈلكە، كىيىكلەرنى ھەمدە بىر يولۋاس بالىسىنى ئوۋلاپ ئۇنىڭ تۇلۇمچىلاپ سويغان تېرىسىنى ئېلىپ كەپتۇ. ياقۇپ يولۋاس تېرىسىنى كۆرۈپ كۆڭلىگە بىر ئوينى پۈكۈپتۇ ۋە ئۆينىڭ ئارقىسىغا چىقىپ ھېلىقى يولۋاس تېرىسىنىڭ قۇرسىقىنى ئەپچىللىك بىلەن يېرىپ تېرە ئىچىگە كىرىپ، ئاستاغىنا ئۆيگە كىرىپ كەپتۇ. ئۆي ئىچىدىكى سوپىدا ياقۇپنىڭ سىڭلىسى باقى ئاقساقالنىڭ ئۈستىگە مىنىۋېلىپ چۇرقىراپ ئويناۋاتقان، ئانىسى تاماق ئېتىۋاتقان ئىكەن. ياقۇپنىڭ ئانىسى ئاستا ئالچاڭلاپ كىرىپ كەلگەن يولۋاسنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ۋارقىراپ كېتىپتۇ. قولىدىكى تەلەڭگىمۇ تاراڭڭىدە قىلىپ يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. سوپىدىكى سىڭلىسىمۇ بۇ «يولۋاس»نى كۆرۈپ قورقۇپ چىرقىراپ كېتىپتۇ. باقى ئاقساقال بولسا ئورنىدىن چاچراپ قوپۇپ، تامغا ئېسىپ قويۇلغان بەردەڭگە مىلتىقىنى قولىغا ئېلىپ يولۋاسنى قارىغا ئاپتۇ. شۇ چاغدا ھېلىقى يولۋاس خۇددى ئادەمدەكلا  كۈلۈپ كېتىپتۇ. ھەمدە ئورنىدىن تىككىدە بولۇپ تۇرۇپتۇ. ھەممىسى داڭ قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ياقۇپ يولۋاس تېرىسىدىن چىقىپ كەپتۇ. ئۇنىڭغا ھېلىقى يولۋاس تىرىسى شۇنداق خوپ كەلگەن ئىكەنكى، ناھايىتى سەزگۈر دەپ قارىلىدىغان باقى ئاقساقالمۇ ھەقىقىي يولۋاس ئەمەسلىكىنى تونۇيالمىغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ سىڭلىسى ئۆزىنى قورقىتىۋەتكىنى ئۈچۈن ياقۇپنى مۇشتلاپ كېتىپتۇ. ئانىسى تىللاپ كېتىپتۇ. باقى ئاقساقال بولسا ياقۇپنى قۇچىقىغا ئېلىۋېلىپ:
+ W+ P& e5 a/ C3 W, ?6 f) S4 A8 g
7 ~9 }$ {$ o3 p$ t- ئەقىللىق قوزام، قانداقچە يولۋاس تېرىسىنى كىيىۋېلىشنى ئويلاپ قالدىڭ؟- دەپ سوراپتۇ.: d7 \, ^  l, _* y/ R
! z# c- W$ |# U
- دادا،-دەپتۇ ياقۇپ، مەن ئەمدى سەن بىلەن بىرگە ئوۋغا بارىمەن. مونۇ تېرىنى كىيىۋالسام يولۋاسلارمۇ مېنى تونۇيالمىغۇدەك، بۆرە- قاۋانلارمۇ مېنى كۆرسە يىراق قېچىپ كەتكۈدەك-، دەپتۇ. ئوغلىنىڭ ئەقلىدىن سۆيۈنگەن باقى ئاقساقال ياقۇپقا كېيىنكى قېتىمقى ئوۋغا ئۇنىمۇ ئېلىۋېلىشقا ماقۇل بوپتۇ. : [$ I0 D4 u, {8 E" d3 d

& N: f- Q9 j4 y- Z     ياقۇپ كېيىنكى قېتىملىق ئوۋنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپتۇ. ئاشۇ قېتىملىق ئوۋ دەپ خىيال قىلىپ، دەرەخلەرنى بۆرە- يولۋاسلار دەپ ، ئۆزى ياسىۋالغان نەيزە- قېلىچلار بىلەن ئۆزىچە قويلارنىڭ قارنىنى بۆسۈپ تاشلايدىغان ئاشۇ يىرتقۇچلارنى ئۆلتۈرۈشنى مەشىق قىپتۇ.8 ?% r5 r+ C2 [6 g; o

$ x! C# @, V' ?" |- C1 L9 {ئاخىرى كۈتكەن كۈنمۇ يېتىپ كەپتۇ. ياقۇپ ھېلىقى يولۋاسنىڭ تېرىسىنىمۇ ئېلىۋاپتۇ. باقى ئاقساقال ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن ھەر تەرەپكە توزاق قۇرۇپ، ئاندىن ھەمراھلىرىغا ھايۋانلارنى ئۈركۈتۈپ، توزاق تەرەپكە ھەيدەشنى ئېيتىپتۇ. ياقۇپمۇ دادىسىنىڭ كەينىگە مىنگىشىپ يىراقلاردا ئوتلاۋاتقان ئارقارلارنى ئۈركۈتۈپ، توزاق تەرەپكە ھەيدەپتۇ. چۈشتىن كېيىن تۇزاق بار تەرەپكە ناھايىتى كۆپ ھايۋانلارنى ھەيدەپ كەلگەن ئوۋچىلار كۆرۈپتۇكى بىرەر يۈزدەك تۇزاققا چوڭ- كىچىك ھايۋانلاردىن بولۇپ ئەللىك- ئاتمىشتەك ھايۋان چۈشكەن ئىكەن. ئوۋچىلار بۇ ھايۋانلارنى كۆرۈپ بەك خوشال بولۇشۇپ كېتىپتۇ. ياقۇپ ئانچە خوشال بولالماپتۇ. چۈنكى توزاققا چۈشكەنلەر ساپلا بۇغا- مارال، كىيىك- ئارقارلاردىن بولۇپ، بىرمۇ يىرتقۇچ ھايۋانلار يوق ئىكەن. ياقۇپنىڭ خىيالىدا بۇ قېتىملىق ئوۋدا خاسلا يىرتقۇچ ھايۋانلار ئوۋلانسا ياخشى بولاتتى. شۇڭا ياقۇپنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئوۋچىلاردىن يىراق كېتىپتۇ ۋە ھېلىقى يولۋاس تېرىسىنى ئېلىپ پەم بىلەن ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ. ئۇنىڭ كۆزى دەل ھېلىقى يولۋاسنىڭ كۆزى كېلىدىغان يەرگە، ئېغىز- بۇرۇنلىرىمۇ دەل كېلىدىغان بولغاچقا، قارىغان كىشىگە راست يولۋاستەك تەسىر بېرىدىكەن. ئۇ ئوۋچىلار بار يەرگە بېرىپ ئۇلارنىمۇ بىر قورقۇتۇپ قوياي، دېگەننى خىيال قىلىپ، ئاستا ئالچاڭلاپ، ئوۋچىلار تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئوۋچىلار ئورماندىكى تۇزاقلاردىن ھايۋانلارنى ئاجرىتىپ، بوغۇزلاشقا تەييار بولۇپ تۇرغانىكەن. ياقۇپ ئوۋچىلار يېنىغا يېقىن كېلىپ تازا بىر ھۇۋلاپ ئۇلارنى قورقۇتاي دەپ تۇرغىنىدا توساتتىن پۈتۈن ئەتراپنى ياۋايى ھايۋانلار قاپلاپ كېتىپتۇ. يولۋاس- شىرلار بىر گۇرۇپپا، قاپلان، بۆرىلەر بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئوۋچىلارنى تۆت ئەتراپتىن قورشىۋاپتۇ. ئەھۋال ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەن. ئوۋچىلار ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ھايۋانلارنىڭ بۇ توپلىشىپ قىلغان ھوجۇمىدىن ھەيران بولۇشۇپ، تۇرۇپلا قېلىشىپتۇ. بەزىلەرنىڭ قورققىنىدىن يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىشكە تاسلا قاپتۇ. شۇ چاغدا باقى ئاقساقال:
2 S- E* T) W/ n! F$ a7 Q* T" r: x
$ c! V9 s+ g; g* C/ [- ھەممىڭلار ئوۋلارنى قۇيىۋېتىڭلار، بۇ ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن ئەھۋال، بۆرىلەردىن باشقا، يولۋاس، شىر، يىلپىزلار دائىم يالغۇز ھەركەت قىلاتتى. بۆگۈن بىر ئىش بوپتۇ بۇلارغا، ھەممىڭلار ئاتلىرىڭلارغا مىنىپ مېنىڭ ئارقامدىن مېڭىڭلار، قورشاۋنى بۇزۇپ چىقىپ كېتەيلى- دەپ بۇيرۇپتۇ ئاندىن  ئېتىغا مىنىپلا:
' K( T# u4 `& y4 l1 t2 {8 ~6 n3 b3 M8 U+ ^/ U2 K
- مېڭىڭلار، بۆلۈنمەڭلار، ئارقامدىن تىزلىكتە ئات سېلىڭلار،- دەپ ۋارقىراپتۇ. شۇ چاغدا بىردىن ئوغلى ياقۇپنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ، – ياقۇپ، مېنىڭ ئوغلۇم ياقۇپ!،- دەپ ۋارقىراپتۇ-يۇ، بۇنداق جىددىي ئەھۋالدا ئوۋچىلارنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئويلاپ، يەنىلا ئات سېلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ قورشاۋىدىن قۇيۇندەك چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن باشقا ئوۋچىلارمۇ ياۋايى ھايۋانلاردىن قورقۇپ تىرەجەپ تۇرىۋالغان ئاتلىرىغا قامچا سېلىپ قېچىپ كېتىشىپتۇ. ھەيران قالارلىق يىرى ھېلىقى يىرتقۇچلار ئۇلارنى قوغلىماپتۇ، قاپقانلاردىن قۇتۇلغان ئەللىك – ئاتمىشتەك يوۋاش ھايۋانلارغىمۇ ئېتىلماپتۇ. باياتىن   بېرى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان ياقۇپنى ئەمدىلىكتە قورقۇنچ بېسىشقا باشلاپتۇ. قارىغاندا بۇ ياۋايى ھايۋانلار ئادەملەرنى قاچۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشكەن زور قوشۇندەك كۆرۈنىدىكەن. ھېلىقى ئەسىرگە چۈشكەن يوۋاش ھايۋانلارمۇ بۇ يىرتقۇچلاردىن ئۆزىنى قاچۇرماي، قاپقانلاردىن ئاغرىغان پۇتلىرىنى سۆرىگەن ھالدا ئالدىرىماي كېتىشىپ بارماقتا ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ تۇرغان ياقۇپ بۇرۇن دادىسىدىن ئاڭلىغان، يوۋاش ھايۋانلارنى يىرتقۇچ ھايۋانلار بوزەك قىلىدۇ، ئۇلارغا كۈن بەرمەي، كۆرگەنلا يەردە قارنىنى يېرىپ يەيدۇ، دېگەن گېپىنىڭ ئەكسىچە بولىۋاتقانىكەن. ياۋايى ھايۋانلار شۇ تاپتا بايىقى ئوۋچىلارنى قورشىغان دائىرىنى بۇزماي يوۋاش ھايۋانلارنىڭ ئۆز ئۇۋىلىرىغا كېتىشىگە قاراپ تۇرماقتا ئىكەن. شۇ تاپتا يىرىتقۇچ ھايۋانلار خۇددى ئوتخور ھايۋانلارنى قۇتۇلدۇرىۋاتقان نىجادكارلارغا ئوخشاپ قالغانىكەن. ياقۇپ بۇ ئەھۋالدىن سۈيۈنۈپ قاپتۇ. بىراق ئۆزى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ قاتارىدا، جىممىدە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ يۈرىكى ئىختىيارسىز قاتتىق سوقۇپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئۇ يولۋاس تىرىسىنى كىيىۋالغىنى بىلەن يولۋاس ئەمەستە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ پۇراش سىزىمى ئالاھىدە، ئۇنى تىزلا بايقىۋېلىشى، ئۆتكۈر تىرناقلىرى، قېلىچتەك ئىتتىك چىشلىرى بىلەن ئۆزىنى يەۋىتىشى مۈمكىن ئىكەن. باياتىن ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزىنى چاقىرغىنىنى ئېنىق ئاڭلاپتۇ. دادىسىنىڭ شۇ تاپتا قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقىنىنىمۇ بىلىپ تۇرىدىكەن. شۇ چاغدا دادىسىنىڭ چاقىرغىنىغا ھە، دېگەن بولسا ئاللىقاچان ئۆزى بىلەن بىر سەپ بولۇپ، ئادەملەرگە ئېتىلىشقا تەييار تۇرغان يىرتقۇچ ھايۋانلار ئىنىقكى ئۇنى بوش قويمايدىكەن. ھەتتا ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ ئادەملەرمۇ ئامان قالماسلىقى مۈمكىن ئىكەن. شۇڭا ئۇ دادىسىنىڭ چاقىرىشىغا ئۈندىمەي چىشىنى چىشلەپ جىممىدە قاراپ تۇرۇپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئادەملەرنىڭ قۇتۇلىشىنى مۇھىم دەپ قارىغان ئىكەن. ئەمدىلىكتە ئۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي قاپتۇ. ھايۋانلار تېخىچە دائىرىنى، جىملىقنى بۇزماي تۇرغانىكەن. شۇ چاغدا يوغان بىر چىشى يولۋاس ئاستا ئالچاڭلاپ ياقۇپنىڭ يېنىغا كەپتۇ. ئەزەلدىن قورقۇش دېگەننى خىيالىغا ئەكەلمەيدىغان ياقۇپنىڭ شۇ تاپتا قورققىنىدىن جېنى چىقىپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىكەن. ھېلىقى ئانا يولۋاس ئاستا كەلگىنىچە ياقۇپنىڭ مەڭزىلىرىنى، قۇلاقلىرىنى، تۇمشۇقلىرىنى مېھرى بىلەن پۇراپتۇ. ئاندىن ئاستا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ مېڭىپتۇ. شۇ چاغدا ياقۇپ ئىختىيارسىز ئانا يولۋاسنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپتۇ. خىيالىدا ، باياتىن ئانا يولۋاسنىڭ پۇرىغىنىدا شۇقەدەر مېھرىبانلىق بار، ئەمدى ئۇنىڭغا ئەگەشمىسەم باشقا يىرتقۇچلار مېنى يەۋېتىدۇ، دېگەن ئوي بىلەن ئۇنىڭغا ئەگەشكەنىكەن. ئانا يولۋاسنىڭ ماڭغىنىنى كۆرۈپ باشقا ھايۋانلارمۇ تارقاشقا باشلاپتۇ. بىر ئاز يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىن ھېلىقى ئانا يولۋاس يەردە يېتىپتۇ. ئاندىن يېنىدا تۇرغان ياقۇپنى تۇمشۇقى بىلەن ئىتتىرىپ ئۈستىگە مىندۈرۈپتۇ. ياقۇپ چىڭ ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ياقۇپنى ئېلىپ چېپىپ كېتىپتۇ. ياقۇپ ئامالسىز يولۋاسنىڭ ئۈستىگە مىنىپ مېڭىۋېرىپتۇ. نەچچە تاغدىن ھالقىپ كەتكەندىن كېيىن ئانا يولۋاس بىر غار ئالدىدا توختاپتۇ. ياقۇپ قارىسا غار ئالدى كەڭ سەينا، بۇ سەينادا ھەرخىل گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن، دەرەخلەر كۆپ- كۆك ياشىرىپ تۇرغان، شۇ قەدەر چىرايلىق جاي ئىكەن. ئانا يولۋاسنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ غار ئىچىدىن يەنە ئۈچ يولۋاس بالىسى چىقىپ كەپتۇ. ياقۇپ قارىغۇدەك بولسا بۇ يولۋاس بالىلىرىنىڭ جۇغى ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. يولۋاس بالىلىرى ياقۇپنى كۆرۈپ يۈگرەپ كەلگەن پېتى ياقۇپنى ئاستىغا بېسىۋاپتۇ. ئەمما قاتتىق چىشلىمەي ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشىشقا باشلاپتۇ. ياقۇپمۇ ئۇلار بىلەن بىردەم ئويناشقاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن غارغا كىرىپتۇ. غار ئىچى تېخىمۇ ئىللىق بولۇپ، ھەممىسى كىرىپلا يانپاشلاپ ياتقان ئانا يولۋاسنى ئېمىشكە باشلاپتۇ. ياقۇپ بىر چەتتە قاراپ تۇرۇپتۇ. ھەممىسى ئىمىپ بولغاندا ئانا يولۋاس ئاستاغىنا ياقۇپنىڭ يېنىغا كېلىپ يېتىپتۇ ۋە ياقۇپنى تۇمشۇقى بىلەن ئىتتىرىپ ئەمچىكى يېنىغا ئەكىلىپ ئېمىشكە ئىشارە قىپتۇ. ياقۇپنىڭمۇ شۇ تاپتا تازا قۇرسىغى ئېچىپ تۇرغانىكەن. ئەمما، قانداق بولار؟، دەپ ئېمەلمىگەن ئىكەن. ئانا يولۋاسنىڭ بۇ شاپائىتى بىلەن ئۇمۇ ئانا يولۋاسنى ئېمىپتۇ. سۈت خۇددى ئانىسى ئەتكەن چاي ئېتىپ بەرگەندەك تاتلىق تېتىپتۇ. ئۇ سۈتنى ئېمىپ باشقا ئۈنۈكلەر بىلەن تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئەتىسى ئويغىنىپ قارىسا ئانا يولۋاس بىر پارچە گۆشنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ. ھەممە ئۈنۈكلەر گۆشنى تالىشىپ يېيىشكە باشلاپتۇ.3 [$ |, {# w$ T

: s4 Q1 G3 o; l. }9 q7 p* e & ^% D& R3 N1 ^: Q
! d) E$ K5 I1 ?7 R( N+ Z
      ياقۇپمۇ ئەزەلدىن يەپ باقمىغان خام گۆشتىن بىر ئاز يەپتۇ. شۇندىن كېيىن ياقۇپنىڭ كۈنلىرى مۇشۇ ئۈنۈكلەر بىلەن غاردا ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. ئۆينى سېغىنسا ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىپتۇ- يۇ، كېتەلمىگەچكە ئامالسىز بۇ يەرگە كۆنۈشكە مەجبۇر بوپتۇ. بىر – ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ بويىمۇ چوڭىيىپ يولۋاس تىرىسى كىچىك كېلىشكە باشلاپتۇ. شۇڭا ياقۇپ پات- پات باشقا ئۈنۈكلەرگە كۆرسەتمەي يولۋاس تېرىسىنى سېلىۋېتىدىكەن. بۇ جەرياندا ئۇ يولۋاسلارنىڭ تىلىنى ئۈگىنىۋاپتۇ. ھەمدە يولۋاس ئانىسى ۋە باشقا يولۋاس بالىلىرى بىلەن پاراڭلىشالىغۇدەك بوپتۇ. بىر كۈنى كەچتە ھەممىسى گۆش يېيىشىپ ئولتۇرغاندا يولۋاس ئانا:- k1 J- g* Q* t, h( F1 G( g$ C, S
3 O& I$ E8 s9 n: B( U
- ئۈستۈڭدىكى كىيىمىڭنى سېلىۋەتسەڭ بولىدۇ، بالام-، دەپتۇ مېھرىبانلىق بىلەن. ياقۇپ يولۋاس ئانىسىنىڭ بېشىنى ئىرغاڭشىتىپ تۇرۇپ تويۇقسىز ئېيتقان بۇ گېپىدىن چۆچۈپ كېتىپتۇ. ئەمما باشقا ھەمراھلىرىمۇ:
5 O+ z& z; d# f- o) d2 O, `7 L- n8 a& j# `; @  t
- بىز سېنىڭ بۇ كېيىمنى يالغاندىن كېيىۋالغىنىڭنى بىلىمىز، ئانام دېگەندىن كېيىن قىينىلىپ يۈرمەي تېز سېلىۋەت، بولمىسا مەڭگۈ چوڭ بولمىغۇدەكسەن- دەپ كۈلۈشۈپتۇ. ياقۇپ يولۋاسلانىڭ كەڭ قۇرساقلىقىدىن ھەيران قاپتۇ. ئەسلى بۇ ئانا يولۋاسنىڭ بالىسىنى باقى ئاقساقال ئۆلتۈرىۋەتكەن. ئەمما يولۋاسلار بۇنىڭغا ئاداۋەت تۇتۇپ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلماقتا يوق ئۆزىگە ياخشى كۆڭۈل بۆلگەن ئىكەن. شۇڭا ئۇ بەكمۇ ئوڭايسىز ئەھۋالدا قاپتۇ. ئۇ تېخى بۇلار ئۆزىنىڭ بۇ تېرىنى كىيىۋالغىنىنى بىلەلمىدى دەپ ئويلايدىكەن. ئۇ ئىختىيارسىز يولۋاس تىرىسىدىن چىقىپتۇ ۋە:
' n/ E; b  I) T& V2 G$ |8 J- R( o) X4 \
-مېنى ئەپۇ قىلىڭلار،- دەپتۇ. يولۋاس ئانا يەنە مېھرىبانلىق بىلەن:
7 {' R4 b5 ~: ~3 B5 }3 r- [
* t3 m0 C$ h1 ?# q- ھېچقىسى يوق ئوغلۇم، سەن ئەمدى خېلى چوڭ بولدۇڭ. بۇ جاھاندا كىمنىڭ ئەڭ ئەسكىلىكىنى بىلىپ يەتكۈدەك ھالغا كەلدىڭ. بىزدەك ياۋايى ھايۋانلار ياخشىمۇ ياكى ئادەم ياخشىمۇ ئۆزەڭ قاراپ باق. ئەگەر ئادەملەرنى ياخشى دەپ قارىساڭ، كەتسەڭ بولىدۇ،- دەپتۇ. ياقۇپ يولۋاس ئانىسىنىڭ بۇ سۆزىدىن نېمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قاپتۇ. كېتەي دېيىشكە قەتئى پېتىنالماپتۇ. چۈنكى يولۋاس ئانا ئۇنى ئېمىتىپ، گۆشلەرنى يىگۈزۈپ باقتى ئەمەسمۇ، ئەمما ئۇ يولۋاس ئانىنىڭ ئادەملەرنى ئەسكى دېگىنىگىمۇ ئانچە قايىل بولماپتۇ. چۈنكى يىرتقۇچ ھايۋانلار يوۋاش ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ ئەمەسمۇ؟ 9 y0 N) [7 l0 W3 [  a! S0 P0 T
( H$ f# X& Q& D
     ئەسلى كىچىك يولۋاسلار ئۇۋىنىڭ ئەتراپىدىلا ئوينايدىكەن. ئەمدى يولۋاس ئانا خېلىلا چوڭ بولغان بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوۋغا بىللە ئېلىپ چىقىدىغان بوپتۇ. ياقۇپمۇ بىللە چىقىپتۇ. ياقۇپ ئۆزىنىڭ يولۋاس تۇغقانلىرى بىلەن خوشال ئوينىشىپ دالالاردا يۈگرەپتۇ. يولۋاسچاقلار گاھى ياقۇپنى بېسىۋالسا گاھى ياقۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مىنىۋېلىپ ئوينىشىپ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئوۋ قىپتۇ. ياقۇپ كۆرۈپتۈكى، يولۋاسلار قېچىپ كېتەلەيدىغان، كېسەل بولمىغان ھايۋانلارنى قەتئى ئوۋلىمايدىكەن. پەقەت يوۋاش ھايۋانلار توپىدىكى ئاجىزلىرىنى، كېسەللىرىنىلا يەيدىكەن. ياقۇپ ئاخىرى ھېلىقى چاغدا يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ بىرلىشىپ يوۋاش ھايۋانلارنى قۇتقۇزىۋالغانلىقىنىڭ سىرىنى بىلىۋاپتۇ. ئادەملەر «يىرتقۇچ» دەپ ئاتايدىغان بۇ ھايۋانلار ئەسلىدە يوۋاش ھايۋانلارنىڭ قاتىلى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ نىجادكارى، دوختۇرى، زىيادە كۆپىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قازىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىپتۇ. ھەم يولۋاس ئانىسىنىڭ كىم ئەسكى دېگەن گېپىنىمۇ چۈشىنىپتۇ. توغرا، ئادەملەر يوۋاش ھايۋان بولامدۇ، يىرتقۇچ بولامدۇ تۇتسىلا بولدى. تۇزاق قۇرۇپ، بەردەڭگىدە ئېتىپ، چوماقلاپ تۇتۇۋېلىشنى، ھايۋانلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىشنىلا بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىككى قولى ئاشۇ بىچارە ھايۋانلارنىڭ قېنى بىلەن بۇيالغان. ئۇنىڭغا قارىغاندا مونۇ يولۋاسلار مىڭ ياخشىكەن. تەبىئەتتە بۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس خىزمىتى بار ئىكەن!.
3 ?' K% l3 H* {- r9 k( k6 O
9 r& r# \/ }2 ^$ D- [2 i! e& z6 ?+ lخېلى ئوزۇن ئويلىنىشلاردىن كېيىن بۇلارنى بىلگەندىن كېيىن ياقۇپ ئەمدى ئادەملەرنى ئوۋ- ئوۋلاشتىن توسىمىسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ. شۇڭا ئۇ بىر كۈنى يولۋاس ئانىسىغا:
' L! q2 U2 e1 Z% R% [; _
6 t" Z( c8 ~; [& d" p- ئانا، مەن ئەمدى كىمنىڭ ئەسكى، كىمنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدىم. ماڭا دۇئا بەرسىڭىز مەن بېرىپ ئادەملەرنى ھايۋانلارنى بىھۇدە ئۆلتۈرۈشتىن توسىسام،- دەپتۇ. يولۋاس ئانا مېھرىبانلىق بىلەن:
% y, Q+ u$ I3 ^! R4 ], m! K
  ]/ I' A% D) V; E  - ئۇلار سېنىڭ گېپىڭگە ئىشىنەرمۇ؟ بىزنى ئوۋلاشتىن توختارمۇ؟-،دەپتۇ. : D' s+ r) d* y1 w4 Z, E% S- g
# E6 _  n) q! a4 M
- توختايدۇ. توختىمىسا مەنمۇ ئۇلارنى بوش قويمايمەن،-دەپتۇ ياقۇپ قەتئىيلىك بىلەن. باشقا يولۋاسچاقلار ياقۇپنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ خۇشاللىقتىن ھۇۋلاپ كېتىپتۇ. ) B" l0 a# l5 H6 m/ k+ R3 s& a( c, g
! z9 j& {  [6 L! d8 f: C
شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى يولۋاس ئانا ياقۇپنى باشلاپ نەچچە تاغدىن ئېشىپ كەنتكە يېقىن ئەكىلىپتۇ ۋە ياقۇپتىن ئايرىلىشقا قىيمىغان ھالدا:$ r+ P0 \; b2 V3 Z

5 B% `& L! _) I4 ~# O, p-  ئەمىسە خوش ئوغلۇم، ماڭا ئەمدى سەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى كۈنلەر بەك تەس بولىدىغان بولدى،- دەپتۇ. ياقۇپمۇ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا:. y; r9 Z6 e; D  Z! s8 _* @. K; x
, Z; z# l' J$ d) o
- قايغۇرماڭ ئانا، مەن سىزنى يوقلاپ تۇرىمەن،- دەپتۇ . شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىر - بىرىگە قىيمىغان ھالدا خوشلىشىپتۇ. ياقۇپ ئۆيىگە كېچىدە يېتىپ كەپتۇ ۋە ھويلىدا يېيىپ قويۇلغان دادىسىنىڭ كىيىمىنى ئېلىپ ئۈستىگە كىيىپتۇ. ئۇ يولۋاس غارىدا كىيىم كېيمەي نەچچە يىل تۇرغان بولغاچقا بەدىنىگە قۇيۇق تۈكلەر چىقىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ دادىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، ئاستا ئۆيگە كىرىپتۇ ۋە ئۇخلاپ ياتقان دادىسىنىڭ يېنىدا يېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
9 G6 r3 F! ?& m1 L/ B7 J% M
' G1 x. I+ H9 Y4 r/ L$ p, F     ئەمدى گەپنى باقى ئاقساقالدىن ئاڭلايلى، شۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەتلىك ئوۋدىن كېيىن باقى ئاقساقال ئوغلى ياقۇپنىڭ دەردىدە ئوڭ- ساراڭدەك بولۇپ قاپتۇ. شۇنچە كۆپ ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدا يىگانە قالغان ئوغلىنى ئەسلىسىلا خۇددى ئوغلىنى ياۋايى ھايۋانلار تىتما- تالاڭ قىلىۋەتكەندەك تۇيغۇدا بولۇپ يۈرىكى ئېچىشىپ كېتىدىكەن. شۇ چاغدا ھېچقانداق ئامال قىلالماي ئوغلىنى يىرىتقۇچلارغا تاشلاپ كېتىپ قالغىنىدىن ئۆكۈنىدىكەن. ياۋايى ھايۋانلارنىڭ شۇ قەدەر ھەيۋەتلىك قوشۇن بولۇپ تەشكىللەنگىنىنى ئويلىسا سۈر باسىدىكەن. كېچە- كۈندۈز ئوغلىنىڭ دەردىدە يۈرىدىكەن. ياقۇپنىڭ ئاداشلىرىنى كۆرۈپ قالسا ياقۇپمىكىن دەپ كەينىدىن يۈگرەپ باقىدىكەنيۇ، ئەمەسلىكىنى بىلىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي ئازابلىنىدىكەن. ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ياقۇپنىڭ ھېلىقى يولۋاس تېرىسىنى ئېلىۋالغىنى بىلىپ ئوغلىنىڭ ھاياتلىقىدىن ئۈمىدلىنىپ قاپتۇ. بىراق ئارىدىن شۇنچە ۋاقىت ئۆتسىمۇ ھېچ خەۋىرىنى ئالالماي تىت- تىت بولۇپ كەتكەنىكەن. ياقۇپنىڭ ئانىسىمۇ ئۆز ئوغلىنىڭ ئوۋغا كېتىپ كەلمىگىنىدىن يۈرىكى لەختە- لەختە بولۇپ يۈرگەن ئىكەن. ھەتتا سىڭلىسى خېلى چوڭۇپ قالغاندىمۇ، ئاكام قېنى؟ دەپ جىدەل قىلىپ باقى ئاقساقال بىلەن ياقۇپنىڭ ئانىسىنى ئازاپلاپ كەلگەنىكەن.
. S" B9 {: N2 W3 M" F' i8 D$ d8 o1 I; Y
      ئەتىگەندە باقى ئاقساقال ئورنىدىن تۇرۇپلا ماللارغا ئوت بەرگىلى چىقىپ كېتىپتۇ. باقى ئاقساقال مالغا ئوت بېرىپ، يۇرتنى بىر ئارىلاپ، ئوغلى ياقۇپ قالغان تاغقا قاراپ ئۇزۇن تۇرغاندىن كېيىن ئويگە قايتىپتۇ. ئۆيدىكىلەر ئەتىگەنلىك ناشتىنى قىلىپ بولۇپ تۇرىشىغا ئىچكىرىدىكى ئۆيدىن:& q4 V$ m5 J/ w
. U0 g) ?$ h# ~5 r1 }2 T
- ماڭىمۇ يېگىلى بىرنېمە قويۇپ قويۇڭلار،- دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. بۇ ئاۋاز  ياقۇپنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپ تۇرغىدەك ، باقى ئاقساقال يۈگرەپ كىرگىنىچە ئوغلىنى كۆرۈپ باغرىغا بېسىپتۇ. ئانىسى بىلەن سىڭلىسىمۇ كىرىپ كۆرۈشۈپ خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈپتۇ. شۇندىن كېيىن ئائىلىدىكىلەر جەم بوپتۇ. كەنتتىكىلەرمۇ خوشال بولۇشۇپ بۇ ئائىلىدىكىلەرنى تەبرىكلەپتۇ. $ L/ ^9 f6 c5 r6 {  H" a# _& D- w
1 P- J+ O# G+ {3 A  }& J
ئوزۇن ئۆتمەي كەنتتە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بوپتۇ. ئەزەلدىن ئوۋچىلىق بىلەن كۈن ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ تاغلىق كەنتتىكىلەر يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىشنى باشلاپتۇ. ئوۋچىلىقنى ئۈزۈل- كېسىل تاشلاپتۇ. ئەلۋەتتە باقى ئاقساقال بىرىنچى بولۇپ بۇندىن كېيىن قەتئى ئوۋ- ئوۋلىمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، كەنت ئەھلىگە ۋەدە بېرىپتۇ.
2 ^& P" ]7 I& b' ^6 B
  K8 G8 ?' f6 oباقى ئاقساقالنىڭ نېمىشقا باش بولۇپ ئوۋچىلىقنى تاشلايدىغان بولغانلىقىنى بىلەمسىز، چۈنكى ياقۇپ ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىشى كېرەكلىكىنى، ھايۋانلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتىۋېتىدىغان جاللات بولماسلىقىنى ئېيتقان ھەمدە يولۋاس ئانىسى ھەم يولۋاس ئاكا- ئىنىلىرىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن ئىكەن.
) T- E- F) v, R  d/ y+ j
: v  J$ P2 y6 z1 [5 Z2 l. c     شۇندىن كېيىن ياقۇپنىڭ بۇ ئىككى ئائىلىسى يېقىن بېرىش- كېلىش قىلىپ ئۆتۈپتۇ. باقى ئاقساقال ھېچكىمنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىشىغا رۇخسەت يوقلىقىنى ئېيتىپ، تېرىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن يەر ئېچىش تەشەببۇسىنى چىقىرىپتۇ  ھەمدە ئۆزى باش بولۇپ يەر  ئېچىپ ئاشلىق تېرىپتۇ. ھەئە، ئەينى دەۋردە بىر مەھەل ئاق كۆڭۈل بالا ياقۇپ ئارقىلىق باشلانغان ئىنسانلار بىلەن ياۋايى ھايۋانلارنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋېتى بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن...! k' V$ [4 u. Q$ o4 m5 R
ئاپتور:قاراقاش ناھىيىلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپتەبۇ چۆچەك تەمكىن تەرىپىدىن تەستىقلاندى.
" n2 l$ S$ u2 S4 Z5 O$ K5 o5 I
你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تىزئىنكاس يوللاش:



تەۋىسسىيە تاقاش


سىناشقا قاتنىشىڭ

ئىللىق تورى ئاندىرويىد ئەپ دىتالى سىناق تەرەقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ئاندىروىد سىستىمىلق ھەرقانداق(ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان) تېلىفۇنلار دانورمال زىيارەت قىلىشقا تىما ئىنكاس يوللاشقا بۇلۇدۇ .يانفۇن كامىراسىنى ئىككىلىك كودقا توغىرلاپ چۈشۈرۋېلىڭ ،


كۆرۈش