5 q/ C5 T' L; f! b2 H. Q; Bسىرلىق كەپە6 Z6 K2 i7 U% m$ z
8 g6 R! C; g; |" K7 a
(چۆچەك)5 t) ]4 ^1 F% ^& H
ياسىنجان توخنىياز توغراق
" |1 _! g7 V3 k6 e8 U بۇرۇنقى زاماندا ئاياق كېچىكنىڭ ئەتىراپىدىكى سايلىقتا بىر بوۋاي، ئون ياشقا كىرگەن ئوغىلى بىلەن بىرگە ياشايدىكەن. بوۋاينىڭ ئوغىلىنىڭ ئىسىمى نۇرمەھەممەت بولۇپ، ئۇ ھەم قاۋۇل، ھەم ئەقىللىق بالا ئىكەن. ئۇلار ئىشىكىنىڭ ئالدىدىكى ئازغىنە تېرىلغۇ يەر بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.5 p1 ?- U3 o) V
5 S2 P/ q) e3 K* O9 ~( Tبىر كۈنىسى قاتتىق يامغۇر يېغىپ، جىرالاردىن ئاققان سۇلار، ئاياق كېچىكتىن تېشىپ، سەل بولۇپ شەكىللىنىپ ئۇلارنىڭ ئۆي ماكانلىرىنى بېسىپ كېتىپتۇ. نۇرمەھەممەت دادىسىنى يېتىلەپ مىڭ تەسلىكتە ئۆينىڭ يېنىدىكى دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان بولسىمۇ، سۇدا ئاققان قورام تاش دادىسىنىڭ مەيدىسىگە تېگىپ كەتكەنلىكتىن، قان تۈكۈرۈپ كېسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ. ئۇلا ۋاقىتلىق يارنىڭ كامىرىنى ئۆي قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ.% d1 C/ h1 v2 d; D" a4 b
& d7 [+ ~( A5 A6 Z) T4 \9 x" k2 Zساقىيىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتمىگەن بوۋاي بىر كۈنىسى ئوغىلى نۇرمەھەممەتنى يېنىغا چاقىرتىپ، ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم سىقىپ تۇرۇپ :8 a* A. a& J: X" |
! ^7 ? I% G! @' ^) t( H- ئوغۇلۇم، مەن ساقىيالماي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن، سېنى مۇشۇنداق يەردە تاشلاپ قويغۇنۇمغا قاتتىق ئۆكۈنىمەن. ئاياق كېچىكنى بويلاپ ئىچكىرلەپ ماڭساڭ، شەرقى شىمال يۆنىلىشتە خامان تالا دەيدىغان يەردە بىر كەپە بار. كەپىنىڭ ئىچىدە بىر ياقۇت بار، ئۇنى بىخەتەر ئالالىساڭ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيسەن، مەن ياشىنىپ قالغان بولغاچقا سېنى شۇ ياقۇتنى ئالالىغىدەك دەرجىدە ئەقىل ۋە كۈچ قۇۋەت بىلەن تەمىنلىدىم،-دەپتۇ.
& Z) `6 j2 z. N+ S! D3 j" x
" _$ N$ |$ Z! E0 K' P2 Lئۇزاق ئۆتمەي، بوۋاي ئوغىلى نۇرمەھەممەتنى ئېغىر مۇسىبەتتە قالدۇرۇپ، بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپتۇ. دادىسىنىڭ ئۆلىمىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان نۇرمەھەممەت چوڭقۇر ئازاپقا پېتىپ، گېلىدىن بىر نەرسە ئۆتمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇ دادىسىنىڭ تۇپراق توپىسىغا يۆلىنىپ، ئەتىدىن كەچكىچە دادىسى بىلەن بىرگە يۈرگەن خوشاللىق كۈنلىرىنى ئەسلەيدىكەن." D# ]# ]7 k! `: W
9 Q; {+ r3 R( V" wبىر كۈنىسى نۇرمەھەممەت دادىسىنىڭ قەۋرىسى بىلەن خوشلىشىپ، دادىسىنىڭ ۋەسىيەت سۆزىگە ئاساسەن ياقۇتنى تېپىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. ئۇ ئاياق كېچىكتىن ئىچكىرلەپ شەرقى شىمال يۆنىلىشتە نۇرغۇن يول مېڭىپ، بىر شىۋاغلىققا يېتىپ كەپتۇ. ئاچلىق، ئۇسسۇزلىقتىن تارتمىغان ئازابى قالماپتۇ. كۆزلىرى تورلىشىپ پۇت-قوللىرى گىلدىڭشىپ قاپتۇ. ئۇ پاناھلانغىدەك بىر جاينى تېپىش ئۈچۈن، بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە مىڭ تەسلىكتە چىقىپ، مۇرىسىدىن تۈتۈن چىقىۋاتقان بىر ئەسكى كەپىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ مىڭ بىر مۇشاقەتتە ئەسكى كەپىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. نۇرمەھەممەت كەپىنىڭ ئىشىكىنى بىر ھازاغىچە ئۇرغاندىن كېيىن، قۇرۇق ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قالغان سۆرۈن تەلەت بىر بوۋاي ئىشىكنى ئېچىپ، نۇرمەھەممەتتىن نېمە ئىش بارلىقىنى سوراپتۇ.
{& J8 g* l7 e ~
, V' [: e* \! \/ w9 w- بوۋا، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، مالال كۆرمەي بۇ كەپىڭىزدە بىر كېچە قوندۇرۋالسىڭىز! دادام تۈگەپ كېتىپ تىرىكچىلىك قىلىش مەقسىتىدە كېتىپ باراتتىم،-دەپتۇ نۇرمەھەممەت بوۋاينىڭ سۆزىگە جاۋابەن. f, ?( ^! {4 v# K
1 E6 P% Z* F/ c! e- d: h/ dبوۋاي جاۋاپ بېرىپ:: A; e- j2 Q# A" _2 v% y4 Q
# t e1 ~' H: d# Z# n
- ھەي بىچارە ئوغلۇم! بۇ يەرگە كەلگىنىڭنى قۇيۇن دېۋە كۆرۈپ قالسا تۈگەشكىنىڭ شۇ، -دەپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ھەتتا نۇرمەھەممەتنىڭ دادىسى بىلەن يېقىن دوستلاردىن ئىكەنلىگىنىمۇ سۆزلەپ بېرىپتۇ. بوۋاينىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە قۇيۇن دېۋە ئەسلى بوۋاينىڭ ئوغىلى بولۇپ، ئوغىلىنى بىر قېتىم قۇيۇن ئېلىپ كەتكەن سەۋەپ بىلەن مۇشۇنداق دېۋىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىكەن.
; D0 ?7 K( ]: P
' o" R( t* M( l9 n; z ]بوۋاي نۇرمەھەممەتنى ئۆيگە كىرگۈزۈپ، ئورۇن يىغىدىغان كاتنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇپ قويۇپتۇ.
9 H1 V Z7 c5 L
0 P( U8 o0 L/ j5 K. N4 `بىر چاغلاردا، دەھشەتلىك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ قۇيۇن دېۋە سۈر كۆرسۈتۈپ كېلىشكە باشلاپتۇ. ئۇ ئۇدۇل كەلگەن نەرسىلەرنى ۋەيران قىلىپ ئۆرۈپ تاشلاپتۇ. ئارقىدىنلا چاقماق چېقىپ، ھاۋا گۈلدۈرلەپ چېلەكتە سۇ قۇيغاندەك يامغۇر يېغىشقا باشلاپتۇ. شامال دېۋە ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىپ كەپتۇ. ئۇ، ئۇيان-بۇيان قاراپ قورۇققىنىدىن غال-غال تىتىرەپ تۇرغان بوۋاينى كۆرۈپ :2 I* r- y7 g! p2 ^4 }
# p& F$ m0 @: A
- بوۋاي، ئۆيدە غەيرى پۇراق بارغۇ!6 w) a1 `% p: q$ |% r" x' \9 F
* n' u+ f# f, x1 m0 _- c: r$ {- زۇكامداپ قالغان ئوخشايلا، ئالدىلىرىدا كۆز بويامچىلىق قىلىشقا بېشىم ئونمىدى.
9 r' V2 _- _% g |: E x- h2 q* l4 [7 s% w( [
- كەچلىك تاماققا نېمە تەييارلاپ قويدۇڭ؟" j4 F! B2 l8 B% o, j
( `( ]; v0 Z9 V' S- A- J
- ھەئە قويۇن دېۋە، كەچلىك تاماقلىرىغا بىر قوينى كاۋاپ قىلىپ پۇشۇرۇپ قويدۇم،-دەپتۇ بوۋاي.& |( @% [0 H. J: { r& P& H3 S
5 @0 v- F$ d; ?4 T% \9 k
- ئالدىمغا چاپسان ئېلىپ چىق!-دەپتۇ قويۇن دېۋە.' n5 F f6 H0 ~ V
5 E( I9 i5 h! b; v# hبوۋاي قوينىڭ كاۋىپىنى دەرھال قۇيۇن دېۋىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپتۇ. قۇيۇن دېۋە تۈزۈت قىلمايلا ئالدىراپ-سالدىراپ قوينىڭ كاۋىپىنى يېيىشكە باشلاپتۇ.2 P8 |* B V& \% {& l: _
# q6 |" T% d6 I! @+ g2 `/ H
قۇيۇن دېۋە قوينىڭ كاۋىپىنى سۆڭىكى بىلەن قۇشۇپ پاك-پاكىزە يەۋەتكەندىن كېيىن ئۇيقىغا كېتىپتۇ. ئۇنىڭ تارتقان خورىكىدىن ئۆينىڭ ئەتىراپىدا بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەشكە باشلاپتۇ. بوۋاي قۇيۇن دېۋە ئېلىپ كەلگەن توشقاننى سويۇپ، شورپا قايناتقاندىن كېيىن نۇرمەھەممەت بىلەن قورسىقىنى توقلاپتۇ. ; [" ]: f( q2 p m% ]+ w) x' T, q
. t; u* U; m- ]5 k
ئەتىگىنى تاڭ سۈزىلىشى بىلەن قۇيۇن دېۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، ناشتىلىققا بىر موزاينى تىرىك پېتى يەۋەتكەندىن كېيىن جاھان كەزگىلى چىقىپ كېتىپتۇ. بوۋاي نۇرمەھەممەتنىڭ قورسىقىنى توقلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا سىرلىق كەپە توغىرىسىدا ئازىراق چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن، يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ۋە قەلەم سىياسى، ئاچقۇچ، ئارغامچا، ئۆلۈك چاشقان، تارغاق بېرىپ ئۇزۇتۇپ قويۇپتۇ. نۇرمەھەممەت ئەگىرى توقاي كەلگەن ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئاخىرى خامان تالادىكى قەدىمىي كەپىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. بۇ كەپىنىڭ دائىرىسى بەك كەڭرى بولۇپ، تۇللۇق بىر ئايلانغاندىن كېيىن كەپىنىڭ ئىشىكىنى تېپىپتۇ. ئۇنىڭ بىرلا ئىشىكى بار بولۇپ، قۇلۇپ داتلىشىپ كەتكەنلىكتىن بوۋاي بەرگەن ئاچقۇچتا ھەر قانچە قىلىپمۇ ئىشىكنى ئاچالماپتۇ. ئاخىرى بوۋاينىڭ ئېيتىپ بەرگەن سۆزىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ، قەلەمنىڭ سىياسىنى پىچىقى بىلەن قىرىپ قۇلۇپنىڭ تۆشىكىگە كىرگۈزۈپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئىشىك ئاسانلا ئېچىلىپتۇ.9 u1 P1 O' p3 i$ {1 ?7 @
8 Y* i9 f/ u& vنۇرمەھەممەت كەپىنىڭ ئىچىگە كىرىشى بىلەنلا ئىشەكتەك يوغىناپ كەتكەن بىر توپ ئىت، ئۇنى چايناپ پۈركىۋەتمەكچى بولۇپ ئېتىلىپ كەپتۇ. نۇرمەھەممەت دەرھال بوقچىسىنى يېشىپ يېيىش ئۈچۈن ئېلىۋالغان زاغرا ناننى ئۇششاق پارچىلاپ تاشلاپ بېرىپتۇ. ئىتلار ناننى چىشلىگىنىچە كۆزدىن غايىپ بولۇشۇپتۇ.
2 F: C& `& d( V
! _1 C; Z5 ^6 eنۇرمەھەممەت يەنە ئالدىغا مېڭىپ قويدەك يوغىناپ كەتكەن، كۆزلىرىدىن ئوت ئۇچقۇنلىرى چاچىراپ تۇرىدىغان بىر تاغىل مۈشۈككە دۇچ كەپتۇ. مۈشۈك نۇرمەھەممەتنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەپتۇ. ئۇ دەرھال ئۈلۈك چاشقاننى ئېلىپ مۈشۈككە تاشلاپ بېرىپتۇ. مۈشۈك ئۇدۇل كەلگەن پېتى چاشقاننى كۆتەرگىنىچە كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ./ p6 b0 N, n/ e5 Q# \; \6 r4 [
' u# t' R2 Q& O+ b$ rنۇرمەھەممەت ئىچكىرلەپ مېڭىپ بىر يەرگە، كەلگەندە چېچىنى ئارغامچا قىلىپ سۇ تارتىۋاتقان بىر ئايالغا يۇلۇقۇپتۇ. ئۇ ئايال قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ يەرنى ئوسا قىلىۋاتقان ئىكەن. نۇرمەھەممەت ئارغامچىنى ئۇ ئايالغا بەرگەن ئىكەن، ئايال چېچىنى چېلەكنىڭ بېغىدىن ئاجىرىتىپ، نۇرمەھەممەتكە كۆپ رەخمەت ئېتيقاندىن كېيىن، يېڭى باشتىن سۇ تارتىشقا كىرىشىپتۇ.
* i9 a) v; [3 |5 W2 T7 V) t
. v( J6 K' N3 T- y) e7 Yنۇرمەمەت ئازىراق ماڭغاندىن كېيىن، بىر شىرەنىڭ ئۈستىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىر ياقۇت ئۇچىراپتۇ. ئۇنىڭ ئەتىراپىدا شۇنداق قورقۇنۇچلۇق بىر موماي بىلەن بىر بوۋاي ئۇخلاۋاتقان ئىكەن. نۇرمەھەممەت قولىنى ياقۇتقا شۇنداق ئۇزارتىشىغا موماي كۆزىنى ۋىللىدە ئېچىپتۇ. ئۇنىڭ چاچلىرى شۇنداق سەت چۇۋۇق بولۇپ، ئىرماش-چىرماش چىگىلەش بولۇپ كەتكەن ئىدى. نۇرمەھەممەت ئۇنىڭغا تاغاقنى بېرىپتۇ. موماي تارغاقنى ئېلىپ چوڭقۇر تەشەككۈر بىلەن بېشىنى تاراش ئۈچۈن كېتىپ قاپتۇ. نۇرمەھەممەت ياقۇتنى ئېلىپ ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرىشىغىلا بوۋاي جېنىنىڭ بارىچە :
3 i. t# t& k# r) l. h
9 U. [7 G$ r1 U; O2 U# d- موماي، ئۇ بالىنى تۇتىۋال!-دەپ توۋلاپتۇ.8 N9 b" ~+ X" u8 t3 X
3 L @- [ _" G6 i1 F/ Hلېكىن، موماي ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ:
* C9 d; ~' V! A2 [( w: G
- _! T6 I1 n. n% j, N- سەن ئەزەلدىن ماڭا بېشىمنى تارايدىغان تاغاق ئېلىپ بەرمىگەن، ئۇ بالا ماڭا ئىچ ئاغىرتىپ بېشىمنى تارايدىغانغا تارغاق بەردى. ئۆز يولىغا كېتىۋەرسۇن،-دەپتۇ.
8 L0 l' i: e( j. F r, m
; X& E# @+ N# h; r3 D* O& v& ~بوۋاي كۆزلىرى ئالاچەكمەن بولغان ھالدا يەنە توۋلاپتۇ :
; w2 i |$ L& r& @& |; G$ f
; t j x# w9 o- J$ s7 Z2 |% S9 \- قۇدۇقتا سۇ تارتىۋاتقان ئايال، ئۇ بالىنى تۇتۇپ قۇدۇققا تاشلىۋەت!
% \# Q5 w/ h: S) C8 G
6 [5 A, `* U- i0 t9 J- سەن مېنى چېچىم بىلەن قۇدۇقتىن سۇ تارتقۇزدۇڭ، بىر تال ئارغامچا ئېلىپ بەرمىدىڭ، لېكىن ئۇ بالا ماڭا بىر دانە ئارغامچا بېرىپ چېچىمنى ئازات قىلدى، ئۆتۈپ كەتسۇن.
% _6 A2 r7 n- X: {# D" Z0 N; T" {( n7 F
- يالماۋۇز مۈشۈك، ئۇ بالىنىڭ قولىدىكى ياقۇتنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئۇششاق قىلىپ چاينىۋەت!) N {" K+ i U' ]. {- y: g
7 t; g- p% O2 x8 p- بىر ھەپتىدىن ئاشتى، سەن مېنى ئاچلىق ئازابىدىن قاتتىق قىيناپ ئاچ قويدۇڭ، لېكىن ئۇ بالا ماڭا بىر چاشقان ئەكىلىپ بېرىپ جېنىمنى ساقلاپ قالدى. ئۇ مېنىڭ ھاياتلىق نىجاتچىم، ئۆز يولىغا مېڭىپ بەختىنى تاپسۇن.
h3 ]) v6 ^5 T8 I; D! G4 K, I0 i6 j) n& T3 R% ]( U* U0 F( J7 h
- ئىتلار، ياقۇت كۆتۈرۈپ ماڭغان ئۇ بالىنى دەرھال تالاپ ئۆلتۈرۋىتىڭلار!: X* \; X% P7 i4 n9 |) ~
! y; ^/ Y* q; x6 s/ L
- سەن بىزنى بىر بۇردا تاماققا زار قىلغىلى خېلى ئۇزۇن كۈنلەر بولدى. لېكىن ئۇ بالا بىزنى ئاچلىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۋالدى. ئۆز يولىدا كېتىپ بەختىنى تاپسۇن!
# ^* T( |8 U$ {* J1 _. C* Y1 V- w8 _# n! |
- ئىشىك، دەرھال تاقال!; p1 U2 h7 K; s: O" l, F9 Q/ Q. `% w
, ?+ \, u( B0 E8 E% M: C
- سەن ئۇزۇن مەزگىل بىزنى سىرىتتا تاشلاپ قويۇپ داتلاشتۇرۋەتتىڭ، ئۇ بالا قەلەمنىڭ سىياسى بىلەن مېنى نورمال خىزمەت قىلىدىغان ھالغا كەلتۈردى. مېنىڭ بۈگۈنۈم ئۇنىڭدىن كەلگەن.
$ `- \" O6 k" U* A0 m' z. k8 \+ X7 a( s( v
نۇرمەھەممەت ئىشىكتىن خاتىرجەم چىقىپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. كەپىدىكى ئاچكۆز بوۋاينىڭ ئاچچىقتىن ئۆتى تېشىپ ئۆلۈپتۇ. ئىتلار نۇرمەھەممەتنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ مېڭىپتۇ.
; e/ e/ C3 q$ C3 K U
$ d1 f7 y. X8 Nنۇرمەھەممەت كېتىۋېتىپ ئۈچ ئاچىماق بىر يولغا كەلگەندە ئىلگىرى كەلگەن يولىنى ئەسكە ئالالماي، ئىتلارنىڭ كۆرسەتكەن يولى بويىچە ئىتلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. كۈن ئولتۇرۇپ ئۇپۇق گۈمبىزى ئوتقاشتەك قىزارغان ۋاقىتتا بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. نۇرمەھەممەت ئۆمۈرىدە بۇنداق شەھەرنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا، بەكلا ھەيران قاپتۇ. شەھەرنىڭ پاكىزلىقى ۋە ئادەملىرىنىڭ مەدەنىيلىكى نۇرمەھەممەتنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپتۇ. بىر چاغلاردا نۇرمەھەممەت ئادەم توپلىشىپ قالغان بىر يەرگە بېرىپ توختاپ قاپتۇ. ئادەملەرنىڭ ھەممىسى تامغا چاپلاپ قويغان ئېلاننى بەس-بەس بىلەن كۆرىۋاتقان ئىكەن. نۇرمەھەممەت، دادىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگۈتۈپ قويىشى بىلەن ساۋادىنى چىقىرۋالغانلىقتىن، ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن ئارلاپ ئالدىغا ئۆتۈپ ئېلاننى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇشقا باشلاپتۇ. ئېلاندا خان ئوردىسىدىن بىر ياقۇتنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىگە خېلى ئۇزۇن يىللار بولغانلىقى، كىم ياقۇتنى تېپىۋېلىپ ئوردىغا تاپشۇرۇپ بەرسە، ئۇنىڭغا ئوردىدىن مۇئاپىق ئەمەل بىلەن رازى بولغىدەك دەرجىدە مال-دۇنيا بېرىلدىغانلىقى يېزىلغان ئىكەن.
" K7 E# ^. t! G/ t$ {2 s' _) C
2 F4 {9 @% a+ c1 ?' N# P1 R q ^نۇرمەھەممەت ئېلاننى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ كۆرسۈتۈپ قويىشى بىلەن خان ئوردىسىنى تېپىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىشىك باقارغا ئەھۋال مەلۇم قىلىپتۇ. نۇرمەھەممەتنىڭ ياقۇت تېپىۋالغانلىقىدىن خوشال بولغان خان، نۇرمەھەممەتكە ئوردىغا كېرىشكە ئىجازەت بېرىپتۇ. نۇرمەھەممەت خان بىلەن ئەدەپ-يۇسۇنلۇق سالام-ساھەت قىلىشقاندىن كېيىن، قوينىدىكى بوقچىنى چىقىرىپ ياقۇتنى خانغا كۆرسىتىپتۇ ۋە بولغان ئىشلارنىڭ بىرسىنىمۇ قويماي خانغا ئېيتىپ بېرىپتۇ. كەپىدىكى چېچى بىلەن قۇدۇقتىن سۇ تارتقان ئايال خاننىڭ بىر قۇرساق سىڭلىسى بولۇپ چىقىپتۇ. خان نۇرمەھەممەتنىڭ يول باشلىشى بىلەن سىڭلىسىنى ئامان ئېسەن قايتۇرۇپ كەپتۇ.( ?% ?- ]( b3 ?% @# t( Y6 c
) \0 N3 U9 M q- Mخان تامغا چاپلاپ قويغان ئېلاندىكى شەرتكە ئاساسەن نۇرمەھەممەتنى ئوردا دېۋان مەھكىمىسىنىڭ باش مەسلەھەتچىسىگە تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن :4 P0 R# Y: P. d; y4 e( L
) i$ R3 q* u' ?5 z/ @- شاكىچىك، سېنىڭ بۇ ياخشىلىقىڭنى مەڭگو ئۇنتۇپ قالمايمەن، ئوردىدىن نېمە لازىم؟ قانداق تەلىپىڭ بولسا بىرنىمۇ قويماي ئورۇنلايمەن،-دەپتۇ.+ ]8 p1 U9 d" s! N
% r3 S' o, _3 ]: n
- باشقا تەلىپىم يوق، مال دۇنيانى ئۆزەمگە دوست تۇتمىغانمەن. مۇكىن بولسا دادامنىڭ قەۋرىسىنى بۇ شەھەرگە يۆتكەپ بەرگەن بولسىلا سىلىدىن ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا خوش بولغان بولاتتىم،-دەپتۇ نۇرمەھەممەت.
# Z+ n2 a2 I- s
& }+ `! O7 a. l& v, _/ Xخان ئوردىدىن ئادەم ماڭدۇرۇپ، نۇرمەھەممەتنىڭ دادىسىنىڭ قەبرىسىنى يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، ئوردا قەبرىستانلىقىغا جايلاشتۇرۇپ گۈمبەز ياسىتىپ بېرىپتۇ. نۇرمەھەممەت ئىتلىرىنىمۇ مۇئاپىق بىريەرگە جايلاشتۇرۇپ، ناھايتى ياخشى خىزمەت قىلىپ بىر يىلغا بارمىغان ۋاقىتتا پۈتۈن ئەل-جامائەتكە تۇنۇلۇپتۇ.
" T! u! A6 N2 g% u
! F& |+ j6 N. ^( o) g# k5 hمەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
8 e1 q; N1 U+ h- [; G9 F E
4 D. m8 c$ R# H/ p8 K/ Y7 Q) F f: {% e4 K: h# F. l4 Q
" T5 a \' e9 y
|