مائارىپ
دوكتور ئىلياس قاسىم (ئاۋسترالىيە)- P W9 J+ V; E4 q
+ P- _. Z# ~$ I' O ~! ]9 {
7 t& l6 H+ i+ ]8 t2 O0 [7 q* Nئىنىمىز ئىلياس قاسىم 1969-يىلى كۇچا ناھىيە ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1986-يىلى شۇ يېزىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئىمتىھانىدا كۇچا ناھىيەسى بويىچە 2-بولغان. خىمىيەدە 96 نومۇر (ئۇ يىللاردا خىمىيە ئىمتىھانىنىڭ تولۇق نومۇرى 100 ئىدى) ئېلىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. باشقا كەسىپتە ئوقۇش ئارزۇسى بار بولسىمۇ، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا خۇشاللىق بىلەن رازى بولۇپ، دەرسلەرنى ياخشى ئوقۇغان، ۋە ئۇدا ئۈچ قېتىم كوجىما ياسۇنورى (Kojima Yasunori) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
: l1 t0 ^( J) ~+ S" B7 t3 F6 R& D: ^8 x: S! y7 F
9 ^2 N* d* z' c8 @دوكتور ئىلياس قاسىم
* L( c, a7 |, g8 Z- p2 t! O+ `% s; Y* s0 t" [3 a8 y
1991-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە سىنىپ بويىچە بەش يىللىق ئومۇمىي نومۇر بويىچە 1-بولغان، ھەمدە ئۈرۈمچىدە خىزمەت تاللاش ئالاھىدە ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئەمما ئۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلىش يولىنى تاللاپ، كۇچا ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، ھەمدە شۇ مەكتەپتە خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىنچە قوشۇمچە ئىتتىپاق كومىتېتى سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995-يىلى ئىلياس دەرس ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئىمتىھانلىرىدا ئوتتۇرىچە نومۇرلىرى ئاپتونوم رايونى بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان. بۇ نەتىجىنىڭ تۈرتكىسىدە ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئىمتىھانىغا خىمىيە تەكرارلاش ماتېرىيالى «خىمىيەدىن قىزىق نۇقتىلار»، ۋە «خىمىيەدىن 90 نومۇر» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ چىقىپ، نەشر قىلدۇرغان. ئۇ كىتابلار ئاپتونوم رايون بويىچە تارقىتىلىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلغان. ئىنىمىز ئىلياس 1999-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەلگەن. ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىزىكا-خىمىيەسى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. بۇ ئوقۇشتا ئۇنۋان ئېلىشنىڭ بىر مۇھىم تەلىپى بولغان تەجرىبە-تەتقىقات تەلەپلىرىنى ئۈنۈملۈك تاماملاپ، جۇڭگونىڭ نوپۇزلۇق ئىلمى ژۇرناللىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى قاتارلىق ژۇرناللاردا بولۇپ 6 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئىنگلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تىل ئۆتكىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوستلار بىلەن بىرلىكتە ئۆگىنىپ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن «ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئىنگلىز تىلى يېزىقچىلىقى» (2002-يىلى) ۋە «ئىنگلىز تىلى يېزىقچىلىقى» (2004-يىلى) ناملىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇپ، كەڭ كىتابخانلارغا سۇنغان.3 O2 }3 a9 `6 t6 n
1 k: Z) a; i: |1 v) t2006-يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىغا تەكلىپ بىلەن يۆتكەلگەن، ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئون نەچچە پارچە كىتابنىڭ تەرجىمە-تەھرىرلىك خىزمىتىنى تاماملىغان. 2007-يىلى كورېيەگە دوكتورلۇق ئوقۇشقا بارغان. 2009-يىلى ئائىلىسى بىلەن ئاۋسترالىيەگە كۆچۈپ بېرىپ، ئاۋسترالىيە سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېرىيال خىمىيەسى كەسپىدە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋام قىلغان. سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش جەريانىدا «ماتېرىيال خىمىيەسى ژۇرنىلى» (Journal of Materials Chemistry) ۋە «ئانئورگانىك خىمىيە» (Inorganic Chemistry) قاتارلىق نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا 12 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. بۇ ماقالىلەرنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرگىلى، ۋە بەزىلىرىنى ھەقسىز چۈشۈرۈۋالغىلى بولىدۇ (بەزى نەشر قىلغۇچى ژۇرناللارنىڭ بەلگىلىمىسى سەۋەبىدىن ھەممە ماقالىلەرنى بىۋاسىتە تەمىنلەش مۇمكىن بولمىدى):8 m F P0 w) b O% w+ [- [. j
http://www.researchgate.net/profile/Ilyas_Qasim
2 {. p6 d* A4 g1 B' K' t<https://sydney.academia.edu/IlyasQasim>
; w3 y: N% u8 @8 n3 R) ~# ]6 V9 j- l/ B+ g
ئىنىمىز ئىلياس قاسىمنىڭ دوكتورلۇق تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «يېڭى ماتېرىياللارنى لايىھەلەش، سىنتېزلاش، ئۇلارنىڭ ماگنىتلىق ۋە ئۆتكۈزگۈچلۈك خۇسۇسىيەتلىرىنى خاراكتېرلەش، ئېكس-نۇر دىفراكسىيەسى (X-ray diffraction) قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بۇ يېڭى ماتېرىياللاردىكى ئاتوملارنىڭ جايلىشىشىنى ياكى ماددا تۈزۈلۈشىنى تېپىپ چىققاندىن كېيىن، تۈزۈلۈش-خۇسۇسىيەت مۇناسىۋىتىنى شەرھلەپ، تېخنىكىلىق ئىشلىتىش يوللىرىنى ئېچىشقا ئاساس يارىتىش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ; Y$ @ I' s" W3 P( N( v
' n3 g" G& E3 I( z$ q$ Zئىنىمىز ئىلياس دوكتورلۇق ئوقۇشنىڭ 2-يىلىدىن باشلاپ، سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىدا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بويىچە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تەجرىبە دەرسى ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ. 2013-يىلى دوكتورلۇق ئوقۇشىدا ۋە دەرس ئۆتۈش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئىلياسنى بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى تور سەھىپىسىدىن كۆرگىلى بولىدۇ:9 C) z4 S9 b- A& k6 O: `0 I
<http://sydney.edu.au/science/che ... -postgraduate.shtml>
' S) T e3 |. m* Z% g) Y: y" o. T
% k0 I9 ~! O- t, ]/ nئىنىمىز ئىلياس دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېچىلغان خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىدا ئىلمىي دوكلات بەردى، ئالىملار بىلەن پىكىرلەشتى، ۋە دوستلاشتى. ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسسېرتاتسىيەسى «ئەلا» بولۇپ باھالاندى. بۇ ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولىدۇ:
) s M. N; R6 C `<http://ses.library.usyd.edu.au/handle/2123/10029>
; o3 r4 A3 |) d1 r; U8 }
4 h; e/ ]2 Y; c( B6 G* ]4 V9 N, w, W
: e% P( x! j" I, @6 \' l' |- f2-رەسىم: دوكتور ئىلياس قاسىم تەجرىبە ئىشلەۋاتقان بىر كۆرۈنۈش6 b9 F# n$ j) i M/ _
' v9 G6 _9 k0 s4 r2 K) [
ئىنىمىز ئىلياس مۇنداق دەيدۇ: «بالىلىق ئائىلىسى بىلەن چەتئەللەردە ئوقۇش ئاسان بولمىغىنى بىلەن، ئۇ مۇمكىن، ھەتتا ئالاھىدە نەتىجىلەرنى يارىتىش مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى، سىز شۇنداق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىنىڭىزدا سىز ۋە سىزنى قوللاۋاتقانلار تولىمۇ شېرىن بىر خۇشاللىققا ئېرىشىدىكەن. مەن يۇرتتىكى دوستلىرىمنى سېغىنىپ ھەر قېتىم تېلېفون قىلغىنىمدا مېنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ماڭا مەدەت بېرىپ تۇرغان دوستلىرىمغا، ئاددىي تۇرمۇشقا شۈكرى قىلىپ، بالىلىرىمنى ئوبدان بېقىپ، مېنى ھەر ۋاقىت قوللاپ كەلگەن ئايالىمغا، سەبىر بىلەن دۇئا قىلىپ تۇرغان ئانامغا ۋە قېرىنداشلىرىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مەن گەرچە بالىلىرىمغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالاھىدە ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرەلمىسەممۇ، ھاياتتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسەتتىم. مەن تېخى كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتكىنىم يوق، مېھرىبان ئاللاھ ئارمان بىلەن تىرىشقان بەندىسىگە ھامان نەتىجە بېرىدۇ، دېگەن ئىشەنچ بىلەن يولۇمنى داۋام قىلىمەن. بۇ يولدا كۆپلىگەن دوستلىرىم بىلەن بىللە ماڭسام، دەپ ئارزۇ قىلىمەن. مەن ‹ئىنگلىز تىلى يېزىقچىلىقى› دېگەن كىتابىمنىڭ خاتىمىسىدە ئېيتقاندەك، بىز ئىنساننىڭ قۇربى يېتىدىغان نۇرغۇن ساھەدە باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتىمىز. بىز بۈگۈننى قەدىرلەپ، ئىشەنچ بىلەن كەلگۈسىگە قاراپ ماڭايلى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل جاي!»3 w. _$ K: M- M8 S
دۇكتۇر ئەركىن سىدىقنىڭ "چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار" دىگەن يازمىسىدىن يۆتكەلدى
* E0 \, |0 X9 Y4 B- {مەنبە:http://bbs.izdinix.com/thread-62798-1-1.htmlئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |