ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 102|ئىنكاس: 0

دەرىس غايە تىكلەشتىكى سەۋەنلىكىمىز (ئەفغانىي)يانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

7

يازما

105

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
25 سەر
تۆھپە
32 سەر
تىللا
16 دانە
جەۋھەر
0 دانە
3d
غايە تىكلەشتىكى سەۋەنلىكىمىز5 U3 g) @- V8 j' u6 F6 c
: g+ \0 E' e' F& {. i$ G
ئابدۇرەھمان ئەفغانىي
( B7 i5 |* \8 [( p0 H! z
, U. G. g7 d. B! g, X% n; J
# E5 M- B4 ^6 t; I0 z% D  L) ~% g. H
5 t: }7 [1 O; ~+ X: q! C' r- Q
     ___ دادا، مەن چوڭ بولغاندا ئالىم بولىمەن.
6 Q8 D5 Q% P" v. F! V8 ]1 E     ___ خام - خىيالىڭىز بەك «ئۇلۇغكەن»، بالام.
# a  F3 {( Y2 o2 [% o4 v( C     ___ ئەمىسە قەھرىمان بولۇپ، ئەسكى ئادەملەرنى بىرمۇبىر بوغۇپ تاشلايمەن.
; E# Z; O, d) d5 C2 E     ___ ئاۋۇ قومچاقنىڭ گېلىنى بىر سىقىپ بېقىپ، ئان يوغان گەپ قىلغىنە، تاز!
7 i% t5 n  h- E" J# b( d0 s     ___ ئەمىسە نېمە بولىمەن؟
0 @8 g2 K# u7 Q5 W  u1 q: e     ___ دوختۇر بولىسەن، ئاڭلىدىڭمۇ، دوختۇر. ئۇ چاغدا داڭقىڭمۇ چىقىدۇ، ساۋابمۇ تاپىسەن.
: v8 S3 Y! A' e     بۇ دادا نېمە سەۋەبتىن بالىسىنىڭ پىسخىكىسىغا كىچىكىدىن تارتىپلا «يېڭىلىش ئۇكۇلى» ئۇرىدۇ. بولالايسەن دېگەن بولسا جەزمەن بولالايتتى. ھازىر ئاتا - ئانىلار بالىلارغا بەرقارار بىر ئەركلىك ۋە مەيدان بەرمىگەچكە، ئۇلار ھەممىسى تىترەپ تۇرۇپ دوختۇر بولۇۋاتىدۇ. ئوقۇتقۇچى، كادىر بولىدىغانلارمۇ نۇرغۇن. ئەمما ئۇلۇغلاردىن، ئۇلۇغلىنىدىغانلاردىن بولۇپ بېقىشقا ئىنتىلىدىغانلار بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا. كىشىلەر ئۆزىنىڭ قەلبى ئىختىيار قىلغان بۈيۈك ئارزۇ ئۈچۈن ئەمەس، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئەينى چاغدا يېتەلمىگەن ئېشىنچا ئارمانىنى كۆزلەپ تېرىشىۋاتىدۇ. ئۇلارمۇ ئۆز بالىسىغا رىغبەت بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئادەتتىكى جانباقتى كەسىپلەرنىلا ئۆگەن دەۋاتىدۇ.
8 L- ^  i" e/ c8 K8 Q: [     ياراتقۇچى ھەربىر بەندىسىگە چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن بىر ياكى بىرقانچە تالانت ئۇرۇقى ئاتا قىلغان. شۇ ۋەجىدىن ھەر ئىنسان ئۆز قابىلىيىتىنى بايقاشقا ۋە ئۇنى يۈكسەكلىككە قاراپ يۈكسەلدۈرۈشكە ئاتلىنىشى كېرەك. مۇبادا ئۇلار بۇ گۆھەردەك ئىستېداد يىلتىزىنى يەر تېگىدىن قېزىپ چىقماي ۋە يا ئۇنى پەرۋىش ئەتمەي، ئۇنى زەي تۇپراققا كەپلەپ سېسىتىۋېتىدىگەن، تەڭرىمۇ ئۇ شۇمبۇيالارنىڭ ئۇشبۇ ئورۇنسىز ئىسراپچىلىقىنى راۋا كۆرمەس. پىشانىسىدە ئۇلۇغلۇقنىڭ ئالامىتى بار بىر بوۋاق دۇنيادا ئىشلەپ - چىشلەپلا بوۋاي بولۇپ كەتسە، بۇ تراگېدىيەگە كىممۇ چىدىيالىسۇن؟!: \' |: h- X; _; k7 k0 I  \+ `
     پۇتى ھەقىقەتەن كۈچلۈك بىر يىگىت بارئىدى. ئۆزىمۇ پۇتبولغا ئاجايىپ ھەۋەس قىلاتتى. ئەسلىدە پۇتبولچى بولۇشقا تېگىشلىك ئۇ ماھىر يىگىتنى ئاتا - ئانىسى: «قارا كۈچۈڭنى ئېتىزلىققا چىقار!» دېدى. ئۇنىڭدىكى پۇتى قاتتىق بولۇشتەك بۇ بىباھا ئاساس شۇ چاغدىلا ئۆلدى." [& j& D2 a5 A) u4 ]( H" p. |
     مەن بۇ يەردە نېمە دېمەكچى؟ مەن نىشاننى دادىلانىلىك بىلەن كۆزىڭىز يەتكەن يەرگە قويۇۋىرىڭ، دېمەكچى. ھەر بىرىڭىز غايىڭىزنى ئاۋايلاپ پەگاھتا ياتقۇزۇپ قويماي، ئۇنى پەلەكسىمان ئېگىزلىككە تىكلەڭ! چۈنكى «مەن دوختۇرلۇق ئىلمىدە ئۇتۇق قازانغان ئالىم بولىمەن.» دېگەن بىر كىشى تېرىشىپلا بەرسە ئالىم بولالايدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولالمىغان تەقدىردىمۇ ئۇ ھېلىقى باشتىلا بېلىنى «مەن دوختۇر بولىمەن.» دەپ باغلىغان كىشىگە باققاندا، ئالتۇندەك بىر دوختۇر بولۇپ چىقالايدۇ. دوختۇر بولىمەن دېگەن ئادەم يوغان بولسا دوختۇرلا بولىدۇ شۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق بىرنېمە ھەرگىز بولالمايدۇ.
  j' i% q: P% `" F2 Z5 b6 _     خاتا ئەمەسكى، بىزگە دوختۇرمۇ كېرەك. بۇنداق دەپ كەلسەك، بىر ئەل دېگەندە موزدۇز، سەيپۇڭ، خارەتلەرمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، بۇ راست. ئەمما ئۇنداقلار بىزدە يولدىكى شېغىلدىن تولا بولۇپ كەتتى. بىز ئانىلىرىمىزنىڭ ئەمدى يەنە شۇ بىر نەچچە خىل مەھەللىۋى كەسىپلەرنىڭ ئەھلىلىرىنىلا تۇغۇۋەرمەي، ئەل زارىققان، ئەل ئېچىرقىغان ئالەمشۇمۇل باھادىرلارنى تۇغۇشىغىمۇ دۇئا قىلايلى! دۇئانىغۇ قىلىمىز، ئەلۋەتتە. بىراق ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ دۇئاغا قول كۆتۈرۈش ئۈچۈن شۇنىڭغا لايىق سالاھىيەت، ئۇ سالاھىيەتكە تۇشلۇق ھەم بىر ئەمەل بازىسى ھازىرلىشىمىز كېرەك - تە!
1 B, @4 s/ f  m     چەتئەلدە بىر ئادەم نۇرغۇن كەسىپكە خوجا بولۇۋاتىدۇ. بىز بولساق بېرىمىز بىرلا كەسىپنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئاتالمىش «ئۇستا» ئاتىلىپ كەلدۇق. خۇددى بىز دۇنياغا شۇ كەسىپنى قىلىش ئۈچۈنلا تۆرەلگەندەك؛ بىجىرىدىغان باشقا ئىشلىرىمىز يوقتەك. بۈگۈن ھەممە شۇنىڭغا ھەيران: بىزدىن نېمىشقا ئالىي قوماندانلار، سىياسىي دىپلوماتلار، ئىلىم - پەن مۇتەخىسسىسلىرى، دىن ئەللامىلىرى چىقمايدۇ. چىقسىمۇ... & q) @9 q' Z4 _2 }
     بىز شۇنىڭ ئۈچۈن كايىۋاتىمىزكى، كۆزىدىن ئاتىلارنىڭ يالقۇنلۇق قاراشلىرى چاقناپ تۇرىدىغان بىرمۇنچە ياش يىگىتلىرىمىزنىڭ ئۆز - ئۆزىنى خۇمداندىن ئاددىي بىر خىش قىلىپ پىشۇرۇپ چىقىشىۋاتقىنىدۇر. غايە كرىزىسى تۈپەيلى، ئۇلار جەڭ باشلانماستىلا زەپەردىن، تاجدىن ۋاز كېچىۋەتتى. بىزنىڭ تومۇرىمىزدا ئېقىۋاتقىنى پۈتۈن دۇنياغا خوجا بولغانلارنىڭ قېنى ئىدى. مەن شۇنىڭغا ھەر كۈنى «ئىسىت!» دەپ ئاھ ئۇرىمەن. ناۋادا ھازىردىن باشلاپ، ياشلىرىمىز ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىپلا ئەقىلسىزلىق بىلەن ئۆيىگە سولىنىۋالماي، يەنە بەش - ئون يىلنى ئىلغارلىق كوچىلىرىدا سەير قىلىشقا سەرپ ئەتسە ۋە شۇ كوچىدىن بىر نەچچە كوزىرغا ئېرىشىۋالسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ پات يېقىندا يەنە خانلىق تەختنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىشىمىزغا يۈرىكىمىزنىڭ تامامەن ئېتىمادىمى كامىل.
+ Y3 S4 j$ r& U3 P     ئەگەر بىز ھازىرقى بىر نەچچە تۇتىيا ئاقىللىرىمىز بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالساق، يەنە مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ، باشقىلار «نېمەڭ بار؟» دەپ سوراپ قالسا، يەنىلا «يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقىرىمىز بارغۇ» دەپ جاۋابلانماستىن ئۆزگە ئىلاجىمىز بولمايدۇ. بىزگە راستتىنلا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد قەشقىرى ئىككىسى يېتىپ ئاشامدۇ؟ ياق. يەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈنلا مەن ھازىر بۇ كەلىمىلەرنى تىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.  
  ~( t% j5 _! N7 V2 _: w! t7 H8 Y* g

' Z/ D0 h4 P& E$ f          2015 - يىلى يانۋارنىڭ 28 - كۈنى، يۇرۇڭقاش
& }" B2 @& \3 I/ q) K   رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗