يانفۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەكتەپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-20 00:00 9 {# K$ b8 j4 {* [
5 E4 y# H* U& a2 qئەۋلادلىرىمىز ئوقۇشسىز قالمىسۇن5 s1 y4 z6 \3 j
(جەنۇبى شىنجاڭدىكى قىسمەن ئاتا-ئانىلارغا مۇراجىئەت)$ b: k+ H. V; G( g) ?' s
رۇزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ 4 C1 |) \- V0 \8 G! E# H
/ e+ |% g5 J2 `; |" y3 n' y
* o1 N2 b/ E! f/ A- b
ئەسىسلامۇ ئەلەيكۇم ،جاپاكەش دىھقان ئاتا-ئانىلار ھال-كۈنىڭلار قانداقراق كېتىۋاتىدۇ؟سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ قانداق بولۇشى ھەممەيلەننىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋتلىك بولغاچقا بالدۇرراق ئۆزۈڭلار كۈتكەن تۇرمۇشقا يېتىشىڭلار مېنى ھەرۋاقىت ئويلاندۇرىدۇ.ئەمما شىنجاڭنىڭ ھەممە يىزىلىرىدا ئەمەس بەلكى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قىسمەن يىزىلىرىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىكى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بولمەسلىكى،ئائىلىلەرگە بىرىپ بالا قىچقىرىپ كىلىش ھەردەم بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ئازاپلايدۇ.بىز بۇنداق نادانلىققا ياتىدىغان قىلمىشىنىڭ پاتىراق زاۋال تىپىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.شۇڭا پېقىر تۆۋەندىكىدەك كۈچلۈك بىر ئىلتىجا بىلەن ئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا بۇ مۇراجىئەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.يۈرەك سۆزلىرىمنى يېقىندا بىر دىھقان قىرىنىدىشىمىزنىڭ ئۆيىدە بولغان ئەھۋاللاردىن باشلاي:
4 n( q9 {1 P" A" d+ P/ U3 _ بىز ئوندەك ئوقۇتقۇچى مەكتەپكە كەلمىگىنىگە خېلى بولغان بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگە ئائىلە سۆھبىتىگە باردۇق.ئۇنىڭ ئاتىسى بىزگە ئانچە خۇش چىراي ئېچىپ كەتمىدى.بىز ئۇنىڭغا بالىنىڭ ھازىرقى يېشىدا ئوقۇمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئائىلە قىىيىنچىلىقىنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى، ئەمما بىلىمسىزلىك ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۇق.بىراق ئۇ تۇلۇمدىن توقماق چىقىرىپ«مېنى ئاتام ئوقۇتمىغان، ئاتامنىمۇ ئاتىسى ئوقۇتماپتىكەن، شۇڭا مەنمۇ بالامنى ئوقۇتمايمەن!» دەۋاتىدۇ.بىز يەنە بىر تالاي كاپىشىدۇق،بىراق ئۇ گەپلىرىمىزدىن ھىچ تەسىرلىنىدىغاندەك ئەمەس. قايسى بىر تىلىۋىزىيە ئىلانىدا «ئوقىغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ» دىيىلىدۇ.ئىدىيىسى قاتمال مۇشۇنداق دادىلار قاچانمۇ مۇنۇ يىراقىنى كۆرەر دادىدەك دىيەلەيدىغان بولار؟! دىگەنلەرنى ئويلاپ پوق يىگەندەك بولۇپ ئۆيدىن چىقىتۇق.
9 F! }3 c* `/ g7 | يىزىلاردىكى ئەشۇ قەدىردان ئاتا-ئانىلار،ھازىر قىسمەن يىزا مائارىپىمىزدا ئەڭ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىكى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كەلمەسلىكى بولىۋاتىدۇ.بۇنىڭغا كەڭ يىزا ئوقۇتقۇچىلىرى زور كۈچتە خىزمەت ئىشلەپ تىرىشىۋاتىدۇ.يەرلىك ھۆكىمەتلەرمۇ قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ مەكتەپكە جەلىپ قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ چارە-تەدبىر كۆرۇپ ھەل قىلىۋاتىدۇ.ئەمما دىھقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى، بىلىمگە،ئوقۇتۇشقا بولغان تۇنۇشى يىتەرلىك بولمىغاچقا كىيىنكى ئۆپكىدىن ھازىرقى كاناينى ئەۋزەل كۆرۇپ باللىرىنى ئائىلە ئىشلىرىغا ،ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەپ ھۈنەرلەرگە بىرىۋاتىدۇ.مەنمۇ بىر ئاساسى قاتلام خەلق ئوقۇتقۇچىسى، ھەرۋاقىت ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ كۆپلەپ بىلىم ئىلىشىنى،ئاخىرغىچە ئوقۇشىنى ئويلايمەن. مەن ئىشلەۋاتقان بۇ يەردە مۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت:بىرى،شۇنداق ئوقۇغۇسى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ئەمەس شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇيالمايدۇ.يەنە بىرى، ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشى ياخشى ئەمەس،بۇلارمۇ ئاقىۋەت يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقىيالمايدۇ.قانداقلا بولمىسۇن ئاخىرى ھىساپتا ئاتا-ئانىلارنىڭ دېگىنى دېگەن بولۇپ بالىنى ئوقۇ دىسە ئوقۇيدۇ بولمىسا ئوقۇمايدۇ.قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئوقۇش ئوقۇماسلىقى سىلەرگە باغلىق بولغاچقا سىلەرگە ئىلتىجا قىلاي باللىرىڭلار ئوقۇسۇن،ئائىلە قىيىنچىلىقى پەقەت بىر مەزگىللىكلا.سىلەر تا ھازىرغىچە قىلىپ تۇگىتەلمەيۋاتقان ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى بالىلار تىخىمۇ تۈگىتەلمەيدۇ.ئەمما ئۇلار بىلىم ئىگەللەپ ئاندىن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەشسە ئىشنىڭ ئۈنىمى ۋە سۈپىتى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى تاماملىنىدۇ.7 A' J# l) M( Q" `' Z: y
ھازىر پارتىيە-ھۆكىمەت بارلىق مەبلەغنىڭ كۆپ قىسمىنى مائارىپقا بولۇپمۇ يىزا مائارىپىغا ئىشلىتىۋاتىدۇ.بەلكىم دىھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ مەكتەپلەرگە كىلىپ باقمىغان بولىشىڭلار مۇمكىن، مەكتەپلەرنىڭ قىياپىتى ئىلگىركىدىن ئاسمان-زىمىن پەرق قىلىدۇ. رەت-رەت،ئىگىز بىنالارمۇ يىزا مەكتەپلىرىدە قەد كۆتۇرۇپ ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى،مىھرىبان ئوقۇتقۇچىلار، پارتىيە-ھۆكىمەتنىڭ چەكسىز غەمخورلىقى كەڭ يىزا ئوقۇغۇچىللىرىنى ھەرۋاقىت خاتىرجەم ئوقۇش پۇرسىتىگە نائىل قىلدى.بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇ ئىسىل مۇھىتتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى ئەشۇ مۇھىتقا ماسلاشمايۋاتىدۇ.شۇنداق بولسىمۇ بىز ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولار يىرى شۇ بۇلغاندىن كىيىن دەپ ئىككىلىنىپ قالماي،ھەرزامان ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئىدىيىسىنى يۇقۇرلىتىشقا ، ئاڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. چۈنكى بىز مىللىتىمىز پۇشتللىرىنىڭ بىلىمسىز،قاراقورساق بولۇپ قىلىشىنى خالىمايمىز.چۈنكى ھازىرقى شارائىت تۇلىمۇ ئەۋزەل،ئۇلار ئەشۇ مۇھىتتا، مۇشۇنداق شارائىتتا ئوقۇۋالمىسا قاچان ئوقۇيدۇ.شۇڭا سۆيۇملۇك ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئوقۇتۇشتىن ھەرگىز يالتىيىپ قالماڭلار! سىلەر كىچە-كۈندۇز پەرزەنتىڭلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى،بەختىيار تۇرمۇش كەچۇرىشىنى ئويلايسىلەرغۇ؟ئۇلاردىن كۈتكەن گۈزەل ئىستىقبال دەل ئەشۇ بىلىم نۇرىنى تارقىتىدىغان مەكتەپلەردە.شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمىشقا ئۇلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمەيسىلەر؟«بالىمىز ئوقۇپ ئالىم بولامتى» دەيسىلەر،بىز ئالىم قىلىشقا تىرىشىمىز،ئەمما ئۆز نىنىنى ئۆزى تىپىپ يىيىەلەيدىغان ياراملىق،ھەقىقى بىر ۋىجدان ئىگىسى بولۇشمۇ ئەۋزەل ئىشقۇ.ئادەم سىياقى بولغان بىلەن ئادىميلىكى يوق ياشاپ كىلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەسقۇ؟ سىلەر باللىرىڭلارنىڭ پاك دىيانەتلىك،دۇرۇس نىيەتلىك، كۈيۈمچان،راۋۇرۇس بىر ئادەم بولىشىنى تىلەيسىلەرغۇ؟ھازىر قىسمەن ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ ،يامان يولدىن قايتماي،ئاتا-ئانىلىرىنى زار-زار يىغلىتىپ جەمىئىيەتكە يۈك بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىسىلەر،بۇ ئەسكىلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى كۆپرەك ئوقىمىغان،مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەنلەردىن كىلىپ چىقىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟!
' |* u, z5 M1 y8 d مەن بىلىمەن ،سىلەر ھەرگىزمۇ ئۆز پۇشتۇڭلاردىن تامغان يۈرەك پارەڭلارنىڭ قاپ يۈرەك چوڭ بولۇپ،كۆزۇڭلاردىن نادامەت يىشى ئاقتۇرىشىنى خالىمايسىلەر.تۈۋەندە مەن سىلەرگە ئەمدىلا 7-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچۇم يازغان«بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر» ناملىق شېئرىنى ئوقۇپ بىرەي:* R+ Y! V0 x8 p- |3 J) O
بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر،( `4 A& o& ]* a7 U, b& ~
يۈرىكىنى تۈتۈن قاپلاپ كەتمىسۇن. 0 \6 Q& V1 h" J* o8 _; D) l% c
ئۇلارنىڭمۇ ئىچىلىشقا ھەققى بار،
+ M) P& Y6 Q# {; ^: c( S9 r# Xغۇنچە تۇرۇپ دىلى ئازاپ چەكمىسۇن.
; S8 ~8 k* m& |+ W بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر/ m. J* E( e b; g u
يۇرۇپ كەتسۇن قەبرە تامام نادانلىق.
$ D6 A0 c# Z4 P1 g( G$ |* S- J ئاقىل ئۇۋا سالغان ئەزىز ماكانغا ،0 Y% H, }3 @; R
قانات سۆرەپ كىللەلمەيدۇ زاۋانلىق.
( z; O& K5 k9 ]بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر
. t- ?% n3 }) k& Bغۇرۇر،ۋاپا،ۋىجدان بىلەن ياشىسۇن., ?- g4 w: |* }: u% N
ئۇلارمۇ بىر ئوت چاقنىتىپ ئەقلىدىن،
9 |+ \( y3 Z* w* |+ r: e: ?كۆزۇڭلارنى ئىپتىخاردا ياشلىسۇن.2 @; Y9 F: z4 ~* j+ [# Z
قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بىشڭلارنى قاتۇرىۋاتقان ،بالىلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىككە سەۋەپ بولىۋاتقان ئېتىز-ئېرىق ئىشى باللىرىڭلارنى ئوقۇتقاندىن كىيىن تىخىمۇ ئاسانلىشىدۇ،قولايلىشىدۇ.ئەگەر بالىلار ئوقۇمىسا ئۇلاردا نە غورور،نە ۋىجدان،نە كۆيۇم يىتلمەي سىلەرنى بىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆزىنىمۇ قوغداپ قالالمايدۇ.سىز ئوقۇتسىڭىز،قوشنىڭىز ئوقۇتسا، تۇققانلىرىڭىز ئوقۇتسا ئۇ چاغدا رايۇنىمىزدا ئىقساسلىقىلار كۆپىيىپ يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتمۇ ئالغا سىلجىيدۇ.ھەممىمىزگە جاپا تۇيۇلغان ئىشلار ئاسانلىشىدۇ.ئۇنداق بولمىسا نىمىشقا ھۆكمەت شۇنچە كۆپ مەبلەغنى بالىلارنى ئوقۇتۇشقا ،ياخشى تەربىيلەشكە سەرپ قىلىدۇ؟! خۇشاللىنارلىق يىرى ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىمۇ ھەقسىزلەشتۈرلۈپ مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قۇيۇلدى.شۇڭا قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بىشڭلارنى سلكىۋىتىڭلار، پەرزەنتىڭلارنىڭ ئىستىقبالى بىلەن ئويناشماڭلار ،گەرچە بالىلار سىلەرنىڭ بولسىمۇ ئۇ يەنىلا جەمىئيەتكە تايىنىپ ياشايدۇ.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ،پارتىيە- ھۆكىمەتنىڭ،پۈتكۈل جەمىئيەتنىڭ بالىلارنى ئوقۇتۇشقا قانچىلىك كۈچەۋاتقانلىقىنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭلار.بالىلارنى ئوقۇتۇش سىلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ،بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ،كەڭ جەمىئيەتنىڭ ۋىجدانى بۇرچى.شۇڭا مىللىتىمىز بالىلىرى ئوقۇپ قالسۇن ،ئۇلار ھەرگىز ئوقۇشسىز،ئىلىمۇ-ئىرپان،مەرىپەتسىز قالمىسۇن. ئوبدان ئوقۇپ سىلەردىن كىيىن قالسىمۇ تىنەپ-تەمتىرىمەي ئۆزىنىڭ گۈزەل بەختىنى تاپالايدىغان ھەقىقي ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقسۇن!& D# `# z9 Z: {( H/ m! j1 S( z
(ئاپتۇر يۇپۇرغا ناھيىە 3- ئوتتۇرا مەكتەپتە); W& @# k. K+ m! x
) h* R4 {6 N" G/ s% f
باغداش مۇنبىرىدىن يۆتكەلدىرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |