3d
قىشتا بەدەننى ئىسسىق ساقلايدىغان يېمەكلىكلەر 4 D, S6 |9 l8 F2 y
. O: Z) D0 P( }1 E4 n$ r2 v0 _ _قىشتا بەدەننى ئىسسىق ساقلاش بەك مۇھىم، قېلىن كىيىنىشتىن باشقا، يىمەك-ئىچمەكنىڭ جايىدا بولۇشىمۇ بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشقا پايدىلىق. ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېيىشتى:‹بەزى يېمەكلىكلەر بەدەننى قىزىتىدۇ، بولۇپمۇ ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەر خۇددى يېقىلغۇغا ئوخشايدۇ، بىراق ئاقسىل مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەردىن بېلىق، ئۆي قۇشلىرى، لۇق گۆش، شورپا ياكى سۇلۇ يارمىسىغا ئۆسۈملۈك ئاقسىلى قوشۇپ يەپ، ياغنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىشتىن ساقلىنىش زۆرۈر. ئۇنىڭدىن باشقا، لامنارىيە، قىزىل دېڭىز يۈسۈنىغا ئوخشاش تەركىبىدە يود كۆپ يېمەكلىكلەر؛ قارا كۈنجۈت، ئاپتاپپەرەس، سۈت مەھسۇلاتى ۋە يوپۇرماقلىق كۆكتات قاتارلىقلاردا ئامىنو كىسلاتا مول، شۇڭا بەدەننىڭ سوغوققا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ›.8 \1 I# j* v9 q, x
مۇتەخەسسىسلىرى يەنە مۇنداق دېيىشتى:‹سوغۇقتىن قورقۇش يېمەكلىك تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ناۋادا بەدەندە ماگنىي، سىنىك، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار كەم بولسا ئادەم توڭغاق بولۇپ قالىدۇ. سەۋزە، نېلۇپەر يىلتىزى، بەرەڭگە قاتارلىق يىلتىزسىمان كۆكتاتلاردا مىنېرال ماددا كۆپ، شۇڭا قىشتا بۇ يېمەكلىكلەرنى دائىم يەپ بەرسە، بەدەننى ئىسسىق تۇتقىلى بولىدۇ›.
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |