ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 251|ئىنكاس: 0

ناخشا پاراخوتتىكى ھېكايەيانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

21

يازما

214

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
54 سەر
تۆھپە
58 سەر
تىللا
27 دانە
جەۋھەر
0 دانە
خەۋەربىر پاراخوت چۆكۈشكە باشلاپتۇ. بۇ چاغدا پاراخوتتىكى بىر نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن سودىگەرلەر يىغىن ئېچىۋاتقانىكەن.
( E8 L5 F# Q0 \  `-بېرىپ ئۇلارغا ئېيت، دەرھال قۇتقۇزۇش كىيىملىرىنى كىيىپ سۇغا سەكىرسۇن،-دەپتۇ كاپىتان ياردەمچىسىگە.
9 \2 `* `3 C& a; [! kبىرنەچچە مىنۇتتىن كىيىن  ياردەمچى ئۇلارنىڭ سەكرەشكە ئۇنىمىغانلىقىنى دوكلات قىلىپ كەپتۇ.4 D9 s* o+ ?/ ?3 d0 S
-سەن ئورنۇمدا تۇرۇپ تۇر، ئۆزۈم باراي،-دەپ كاپىتان ئۆزى مېڭىپتۇ ۋە بىردەمدىن كىيىنلا ھەممىسى سەكىردى،- دەپ كەپتۇ. " u& z- @7 T- Z  T& q+ [' N; ^
ياردەمچى ھەيران بولۇپ:6 D; i9 f8 E  {. V
-سىز قانداق قىلىپ سەكرەتتىڭىز؟-دەپ سوراپتۇ.
1 x; M+ K9 A3 m3 y2 W! C1 X+ S-مەن پىسخولوگىيەدىن پايدىلاندىم. ئەنگىلىيىلىككە بۇنىڭ بىر تۈرلۈك تەنھەركەت مەشىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋىدىم، ئۇ شۇ زامان سەكىردى. فىرانسىيىلىككە بۇنىڭ تولىمۇ ھوزۇرلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدىم ئۇ خۇشال بولۇپ سەكىردى. گىرمانىيىلىككە بۇنىڭ بۇيرۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋىدىم ئۇ ئۆرۈلۈپلا ئۆزىنى سۇغا ئاتتى. ئىتالىيىلىككە بۇنىڭ خىرىستىئان دىنىداا چەكلەنمىگەنلىكىنى، سوۋىتلىككە بۇنىڭ ئىنقىلابى ھەركەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋىدىم ھەممىسى رازىمەنلىك بىلەن سەكىرەشتى. 3 \8 c6 Y3 I$ y, p, b
-ئۇنداقتا ئامېرىكىلىققا نېمە دىدىڭىز؟( e; D) z1 _( F% Z' G9 C
-ئۇنىڭ ئاللىقاچان سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى  ئېيتتىم شۇ!
5 U5 x3 `0 l9 p2 v* h4 M9 }2 Kقاراڭ، شۇنچىلىكلا گەپ، خۇدانى باھانە قىلىۋالمايلى. ئۆز ئاجىزلىقىمىز تۈپەيلى ئەقىل-پاراسىتىمىزنى ئىنكار قىلمايلى. ئورنىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى تۈپەيلى غايىمىزدىن ۋاز كەچمەيلى. خۇدا بىزگە مەلۇم قىممەتلىك نەرسىلەردىن ئاز-ئازدىن بېرىپ، بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە سەۋىرچانلىقىمىزنى سىناۋاتىدۇ. بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز ئاشۇ قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرلەرنى تېپىش ۋە ئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەش. - p" w% ?5 N8 O) T
نۇرغۇن كىشىگە نىسپەتەن، مىكرو سوفىتتەك مۇنداق بىر گىگانىت شىركەتنىڭ قەد كۆتۈرۈپ چىقىشى بىر تېپىشماق. لىكىن ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىدىغان بولساق، گېيتىستىكى قەيسەرلىك ۋە يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان جاھىل خاراكتىرنىڭ مىكروسوفىتنىڭ كارخانا مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغانلىقىنى خۇلاسىلەپ چىقالايمىز. 7 N/ C4 q1 I; ^4 K; \
باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغان يىلى، گېيتىس بىر قېتىملىق يازلىق يىراققا يۈگىرەش لاگىرىغا قاتنىشىدۇ. ئون نەچچە چاقىرىملىق پىيادە يۈرۈش، ئۇنىڭ ھەرئىككى پۇتىدىن قان چىقىرىۋەتسىمۇ، ئۇ جاھىللىق بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋىرىدۇ، دەم ئېلىشقىمۇ ئۇنىمايدۇ. ئاخىرقى نوقتىغا بارمىغۇچە بولدى قىلمايمەن، دەپ چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. باشقىلار ئامالسىز ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسغا تېلفۇن قىلىپ ئەكەلدۈرۈپ، ئاندىن نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ.
& p$ H: X! G- X3 k5 D0 F6 vقەيسەر خاراكتىر ئۇنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئېيتقان مۇنۇ سۆزدىن ئوچۇق ئىپادىلەنگەنىدى:<< مەن يېڭىمەن! تىرىشساملا دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق>>. بۇخىل قەيسەر خاراكتىر كىيىنچە مىكروسوفىتقا كىردى ۋە ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان كارخانا ئىستىلىنى تىكلەپ چىقتى. <<بېلنىڭ خاراكتىرى مىكرو سوفىتنى ياراتقان>>دەيدۇ شىركەتنىڭ بىر خىزمەتچىسى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ پۈتكۈل كارخانا كەسىپلەرنىڭ ئىكولوگىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تاشلىدى.
5 F: _- l4 ~# N' Q4 r& r. x0 J% O7 F1 kتۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن قاقشاپ، خۇدادىن زارلاپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۇچىرتىمىز. ئۇلار ئۆز مەغلۇبىيىىتى، ئاجىزلىقىنى تەقدىرگە، خۇداغا دۆڭگەپ قويۇپ، ئۆزىدىكى ۋەج-سەۋەب ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، خۇدا ئىنتايىن ئادىل، ئۇ ئەزەلدىن ئاجىزلارنى پەس كۆرگەن ئەمەس.
6 R0 S7 z  N- J- I. Sباھانە مومكىن ئىشنى يوققا چىقىرىدۇ. قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق. قىلالمايديىغان ئادەم بار، ئەگەر سىز<<مومكىن ئەمەس>>دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچىرىغاندا، ئەستايىدىل، سوغاققانلىق بىلەن ئوبىيكتىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ باقىدىغان بولسىڭىز بۇلارنىڭ كەيپىيات مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئەقىدىگە تايىنىپ<<مومكىن ئەمەس>> دىگەن بۇ مەرەز توسقۇننى چۆرۈپ تاشلاشنىڭ تامامەن مومكىنلىكىنى بايقايسىز.
" ~, O; i, @  @% |مەكناك بوغۇز كۆۋرۈكىنىڭ ياسىلىشى بۇنىڭ ياخشى مىسالى. 5 i  ~" I# R/ V! p/ c5 l3 R
خۇۋارد شېسىل مەكناك بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان چوڭ كۆۋرۈك ھەققىدە بىر پارچە ئەسەر يارغانىدى،19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا، مىچىگان شىتاتىدىكى بىر قىسىم يىراقنى كۆرەر سودىگەرلەر بۇ بوغۇزغا كۆۋرۈك ياساش تەكلىپىنىمۇ بېرىشكەنىدى. گەرچە مىچىگان شىتاتىنىڭ ئۈستى يېرىم ئارىلىنى شەرىققە توغىرسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، بوغۇزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى سان ئېگىرىسقا تۇتىشىدىغان تاق لىنيىلىك تۆمۈر يوللار ئۈزۈپ تاشلانغاچقاا، ساياھەتچىلەر ۋە يۈك تاقلارنى پاراخوت بىلەن توشۇشقا توغىرا كېلەتتى. قىش ۋاقتلىرى سۇ توڭلاپ پاراخوت قاتنىيالمايتتى. بۇ ھال يېرىم ئارال ئاھالىسىنىڭ ئىقتىسادى تەرەقىياتىغا ئېغىر توسالغۇ بولۇپ ھېساپلىناتتى. گەرچە ئىنتايىن كۆپ ئامما كۆۋرۈك ياساش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىدىن باشقىغا ئىشەنمەيدىغان ساختا ئاقىللارنىڭ<<مومكىن ئەمەس>> دەپ كۆز قورقىتىشى تۈپەيلى بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشماي كەلگەنىدى. بىرى، شۇ قەدەر يۇقرى شامال كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كۆۋرۈكنى قۇرۇپ چىقىش مومكىن ئەمەس دىسە، يەنە بىرى قىشتا پەيدا بولىدىغان قېلىن مۇز قاتلىمىنىڭ بىسىمىغا كۆۋرۈكنىڭ تەگىلىك، تۈۋرۈكلىرى بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ دەيتتى. يەنە بىرى بوغۇزنىڭ تەكتى بوش، قۇم، شېغىل، كۆۋرۈكنى كۆتۈرەلمەيدۇ دەيتتى.
) i0 r8 W% k. c& Y. ^مانا مۇشۇنداق پۇت باسماس باھانە-سەۋەب قارشىلىقلار تۈپەيلى كۆۋرۈك قۇرۇش پىلانى نەچچە ئون يىل تاشلىنىپ قالدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئالى پالاتتا ئەزاسى پرۇدىس بىرىئان بۇ ئاتالمىش توسالغۇلارغا قارتا ئىلمى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق خاتىرلەنگەن ئەڭ يۇقرى شامال سۈرئىتىنىڭ 1940-يىلى 10-ئايدا كۆرۈلگەن بورانلىق يامغۇرنىڭ سائىتىگە 78چاقىرىملىق سۈرئەت ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى. ئېنژىنېرلار يەنە كۆۋرۈكنىڭ  ۋە ئۇنىڭ تەگ قۇرۇلمىسىنى يەرشارىدىكى ئەڭ يۇقرى مۇز بېسىمىنىڭ بەش ھەسسىسىگە بەرداشلىق بېرەلىگۈدەك قىلىپ بېكىتتى. بوغۇزنىڭ تەگ-قاتلىمىدىكى ھەر كىۋدىرات چى(بىرمېتىر ئۈچ چى) شېغىلنىڭ 60توننا بىسىمنى كۆتۈرەلەيدىغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى ۋە كۆۋرۈك تېگى پەيدا قىلىدىغان بىسىمنى ھەر كىۋادىرات چى يەرگە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 15توننىدىن تۆۋەن دائىردە چەكلەشكە بولىدىغانلىقىنى ھېساپلاپ چىقتى.
* |9 `6 Y6 Q, @- Pبۇ بايقاش چۈشكۈن ۋەزىپىلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ۋە ئۇزۇندىن بىرى<<مومكىن ئەمەس>> دىيىلىپ كەلگەن كۆۋرۈكنىڭ قۇرۇلۇش پىلانى بارلىققا كەلدى. ئەمما قۇرۇلۇش باشلىناي دەپ تۇرغانداق ۋاشىنگىتون شىتاتىنىڭ تاكوما دىگەن يېرىدىكى بىر  كۆۋرۈك بوغۇزنىڭ قىسىلچىقىلىدىكى (تارچۇقىدىكى)شامال كۈچىنىڭ كۆۋرۈكنى ئۈستىگە تەۋرىتىشى تۈپەيلى توساتتىن گۆمۈرۈلۈپ چۈشتى. ئەگەر مەكناك بوغۇزىدىمۇ شۇنداق ئىش بولۇپ قالسىچۇ؟ تېخنىك ئۇستىلار تاكومادىكى ئاپەتتىن ساۋاق ئېلىپ ئاستىدىن شامال ئۇرسىمۇ توسۇلۇپ قالماي، ئەركىن ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشى ئۈچۈن كۆۋرۈكنىڭ يۈز قىسىمىغا ئارلىق، بوشلۇق لاھىلەپ چىقتى-دە، بۇ قىيىن مەسلىنىمۇ ھەل قىلدى.
8 W5 H! G5 }! I3 K6 U: [" bشۇنداق قىلىپ ئۇزۇندىن بىرى كىشىلەر ئارزۇ قىلغان، ئەمما مومكىن ئەمەس دەپ قارىلىپ كېلىنگەن مەكناك بوغۇز كۆۋرۈكى ئاخىرى ياسالدى. كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل ئېنژىنېر شۇنداق دىدى:«يېتەرلىك  ئىرادىلا، ئەقىل، ئىشچەنچلا بولدىكەن ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ»، بۇ ئىنتايىن توغرا گەپ، خۇددى خارى فاسخوك دەپ ئۆتكەندەك:«دۇنيانىڭ تەرەققىياتى شۇنچە تىز بولماقتا، مەلۇم بىرى مومكىن ئەمەس دىگەن ئىش بىردەمدىلا يەنە بىرى تەرىپىدىن ئورۇندىلىپ رىئاللىققا ئايلىنىشى مومكىن».
4 w  R2 {7 `: `: d' ]- Xبۇ ھېكايە شۇنى كۆرسىتىدۇكى، پەقەت بىز قىلالايمىز دەيدىكەنمىز، ھەرقانداق چۈشكۈن سەپسەتىلەر نى ئىلمى ئۇسۇلدا ئاغدۇرۇپ تاشلاپ قىلغۇمىز بار ئىشنى قىلالىشىمىز مومكىن. ئەڭ زور ھەقىقەت دەل توغىرا قاراشتۇر. ئىشەنىچ، ئىرادىگە تايىنىپ مومكىن ئەمەس دىگەن ئىشلارنى تامامەن مومكىن،رىئاللىقا ئايلاندۇرالايمىز. مۇشۇنى قىلغۇچىلار غالىبلاردۇر. ئۇلار چوقۇم تىرىشىپ كۆرەش قىلىدۇ. مۇھىمى تۇرمۇشقا ئۆزىگە ئىشىنىدۇ.
, m9 ^: P( N% U5 b# V$ hنۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ «بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇن»ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.   a2 Z5 h1 g6 J, i
رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗