ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 928|ئىنكاس: 0

سۆزلىرىدىن نۇر تاراتقان نۇرئەلى(فىلىم) ئۇيغ ...mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

73

يازما

985

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
279 سەر
تۆھپە
209 سەر
تىللا
145 دانە
جەۋھەر
0 دانە
3d 6 A$ X; d/ A  z% C) `3 w0 e
, s4 j; v# x6 B0 ?; d# c7 f
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، بۈگۈن ئۈندىداردا ئەڭ كۆپ تارقىتىلغان فىلىم يەنە شۇ نۇرئەلىنىڭ نۇتۇقى بولدى، شۇنداق ئۇ بىزنىڭ، پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوندىكىلەرنىڭ يۈرەك سۆزىنى دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق تېلۋىزىيسىدە دېدى. نۇرئەلىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان تورداشلار خۇددى ئۆزى شۇ سۆزنى دېگەندەك ھاياجان بىلەن تارقاتتى. بەزىلەر مەنىسىنى چالا - پۇلا چۈشەندى، بەزىلەر چۈشىنىپ يوللىدى. شۇنداقتىمۇ پېقىر ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئاتىكاچىلىق قىلىپ سىن فىلىمىنىڭ يېزىقىنى تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم ...# [! s/ P8 t1 [2 K3 ^
20140705111822178.jpg
# l. ?. @5 E8 E1 \7 k* o4 C8 V" X/ V2 ^; y1 u2 D6 p. N
بېيجىڭدا دەرس ئۆتىدىغان شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن دائىم ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ مۇنداق بەزىبىر قىزىقارلىق سوئاللىرىغا يولۇقىمەن. مەسىلەن، شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىمنى بىلگەن ئوقۇغۇچۇمدىن بىرى شۇنداق ھاياجانلانغان ھالدا قوللىرىمنى سىقىپ تۇرۇپ :
4 ^$ W7 C- h/ ~8 G, J% I+ o‏-مۇئەللىم، مەن شىنجاڭنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ھەر دائىم شىنجاڭغا بېرىپ بىپايان يايلاقتا ئولتۇرۇپ تويغىچە گۆش يەپ، ئاتقا مىنىپ نەيزە ئوينىتىدىغان شۇنداق بىر خىل ھېسسىياتنى ھېس قىلىپ باقسام دەيمەن، مۇئەللىم سىز ئادەتتە قايسى خىلدىكى ئاتقا مىنىپ مەكتەپكە بارىسىز ؟ 1 d: ^( u. y+ m( U( s  n
بۇ چاغدا ئوقۇغۇچۇمدىن يەنە بىرەيلەن:' t2 \; W$ ~2 D3 y) S7 r
‏-بەك دۆتكەنسەن، مۇئەللىم قانداقسىگە ئاتقا مىنىپ بارىدۇ، مۇئەللىم چوقۇم مەكتەپكە ئېشەككە مىنىپ بارىدۇ .( v" @% E/ F) R8 x% Z
‏-مۇئەللىم، سىز دائىم ئۇسسۇل ئوينامسىز ؟ شىنجاڭلىقلار ئۇسسۇلنى ئىنتايىن چىرايلىق ئوينايدىكەنغۇ، ھېلىقى «چۈمپەردەڭنى قايرىۋەت » دېگەن ناخشىغا بىر ئۇسسۇل ئويناپ بېرىڭە، تېخى ئۇسسۇل ئوينىغاندا بوينىنى تولغايدىكەنغۇ، سىزمۇ تولغاپ بېرىڭە مۇئەللىم.
) j) l# ~; z- i& h6 e5 Y8 V2 |‏    بۇنداق سۇئاللارغا ھەر دائىم يولۇقىمەن. ئۇلار مېنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپلا، مېنى ئاتقا مىنىپ ئۇسسۇل ئويناپ، كاۋاپ پىشۇرالايدۇ دېيىشىدۇ. يەنى «چۈمپەردەڭنى ئېچىۋەت »بىلەن قارىمۇ-قارشى، مېنىڭ چۈمپەردەمنى ئاچماستىن بەلكى ماڭا چۈمپەردە ئارتىپ «ماركا» چاپلاپ قويىدۇ، ماركىنىڭ ئۈستىدە شىنجاڭلىق دېگەن خەت بار، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ چاپلىغان بۇ «ماركا»سىنى ئېلىۋەتكەندىكى مەن زادى كىم قانداق ئادەم ئۇ مۇھىم ئەمەس بولۇپ بولغان. راستىنى ئېلىپ ئېيتقاندا ماڭا ئارتىلغان بۇ چۈمپەردىمۇ مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. بۇ «چۈمپەردە» ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئېسىدە قالىمەن، باشقىلار كۆڭلىنى خۇش قىلىشىدۇ، خالاس.
1 E( {8 r9 w3 o  E" F: n$ G3 eئىلگىرى بىر قېتىملىق «ماتاڭ» ۋەقەسىدە مەن ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ، بۇ ۋەقەدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقىلار تەرىپىدىن «كېلىشكەن باي» دەپ ئاتالدىم، دېدىم. ئەمما مەن ئىچىمدىن ئېتىراپ قىلىمەنكى، بۇ ئىشنىڭ ياخشى تەسىرىدىن يامان تەسىرى كۆپ ئەلۋەتتە. چۈنكى بۇنداق قارىغۇلارچە باھا بېرىپ «ماركا» چاپلاش، تەرەققىي قىلىپ ئاخىرىغا بارغاندا باشقىلارنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقىغا قاراپ يۈزلىنىدۇ. نېمە ئۈچۈن دائىم مۇشۇنداق قارىغۇلارچە باھا بېرىشلەرگە ئۇچرايمىز ؟ھەر بىر جاي، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئادەملىرى ئىچىدە ياخشىلارمۇ، يامانلارمۇ بولىدىغۇ ؟! بىز ھەمىشە قارىغۇلارچە بەرگەن باھالىرىمىز ئارقىلىق پۈتكۈل مىللەتكە «بەلگە»چاپلاپ قويىمىز، يەنى ئاز ساندىكى ناچار ئادەملەر تۈپەيلىدىن پۈتكۈل شىنجاڭلىقلارنى چەتكە قاقىمىز، بۇ ئارقىلىق كۆپ قىسىم ياخشى ئادەملىرىمىزنى ئازابلايمىز، سانسىزلىغان ئادەملىرىمىز پەقەت يۈرەكلىرىدىلا يىغلىيالايدۇ. مەن ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دەيمەنكى، شىنجاڭغا ۋاكالىتەن سۆزلەش مېنىڭ بۇرچۇم ! مۇسبەت ئېنىرگىيە تارقىتىش ۋە نۇرغۇن ئادەملەرنى شىنجاڭنى تونۇشقا چاقىرىش، چۈشىنىشكە چاقىرىش، شىنجاڭنى سۆيۈشكە چاقىرىش مېنىڭ بۇرچۇم !. a" M, y5 Q5 i2 `
مەن شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى بۇنداق «بەلگە»چاپلىنىپ ئېنىقلىما بېرىش شىنجاڭلىقلارغىلا ئەمەس ھەر قانداق كىشىلەرگە قىلىنىپ باققانىكەن، مەسىلەن، شەرقىي شىماللىق كىشىلەرنى قوپال، توڭ دېيىشىدۇ. يەنە مەسىلەن، «90-يىلىدىن كېيىن»كىلەرنى شەخسىيەتچى، مەسئۇلىيەتسىز دېيىشىدۇ. يەنى ھەممىمىز مۇشۇنداق ئورۇنسىز باھالارنىڭ قۇربانى بولدۇق. بۇ قىلمىش جەمئىيەتتە بىر-بىرىمىزنىڭ ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىشتى. مەن بىر تەلىم-تەربىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەممىمىزنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ « چۈمپەردەڭنى قايرىۋەت »دېگەن ناخشىغا ئوخشاش چۈمپەردىمىزنى قايرىپ بىر-بىرىمىزگە يۈزىمىزنى كۆرسىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن، پەقەت يۈزىمىزلا ئەمەس، ئادىمىيلىكىمىزنى، ئەخلاقىمىزنى كۆرسىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا بىز مەلۇم بىر توپقا تەۋە بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئورۇنسىز ھاقارەتلەنمەيمىز، تەنقىدلەنمەيمىز. ئۇ چاغدا بىر ئادەمگە شۇ ئادەمنىڭ قىلمىشىغا قاراپ باھا بېرىمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، ئايرىم بىر قىسىم ناچار ئادەملەر تۈپەيلىدىن شۇ قاتاردا بىر تاياقتا ھەيدىلىپ «بەلگە» چاپلانغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ ۋە مېنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق كۆز ياشلىرىمىز بار، ئورتاق كۈلكىلىرىمىز بار. ئورتاق ھېسسىيات ۋە ھەسرەتلىرىمىز بار. ئورتاق بىز سۆيگەن ۋە بىزنى سۆيگەن ئادەملىرىمىز بار، شۇڭا بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچقانداق پەرق يوق. رەھمەت !
; P6 M3 B4 T3 l; @% Y8 b- ]$ n# o! u: u  @
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى (جېن جىيەنبىڭ ): سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنى ئۆزۈم بىۋاستە ھېس قىلغاندەك بولدۇم، چۈنكى مەنمۇ شىنجاڭلىق ! ئالدىنقى قېتىم لې جىيا سىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەڭ تالانتلىق ئادەم ئىكەنلىكى ئېيتقان. شۇنداق ئىكەنلىكىگە قول قويدۇم. سىزدەك بىر يۇرتلۇقۇم بولغانلىقىدىن  پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن .
/ G7 C) P/ l& m4 c) i* `1 m! l‏ئەلى : رەھمەت !
/ y' s- W; R2 h- g" K# f: f6 f" H2 b
رررىياسەتچى (لى يوڭ ): شىنجاڭ بولسا 1 مىليون 600 مىڭ كۋادىرات يەر كۆلىمىگە ئىگە جاي  دېمەك 1 مىليون 600 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىرچىلىك ھېسسىيات قايناپ تۇرىدۇ. گەرچە سىز ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى ئىپادىلىگەن بولسىڭىزمۇ ئەمما بىز سىزنىڭ سەھنىدىكى بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە ئىپادىلىگەن ھىسسىياتىڭىزنى ھېس قىلىپ يېتەلىدۇق. ئىنتايىن قالتىس ئىكەنسىز ئەلى، بىز بەك ياقتۇردۇق .
2 n$ Y7 e3 F# b# v. f/ S0 X* T, q& N. K9 M7 @
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى (لۇيۈ): سەھنىگە چىققاندا ئاۋۋال دوپپا كىيىپ كېيىن دوپپىنى ئېلىۋىتىش ئارقىلىق ھەم شىنجاڭلىقلارغا ھەم شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن سۆزلىدىڭىز، گەرچە بۇ ھېسسىيات ئارلاشقان كىچىك بىر كۆرۈنۈش بولسىمۇ، بىز ئىنتايىن تەسىرلەندۇق، بۈگۈنكى ئىپادىڭىز بەكمۇ قالتىس بولدى، رەھمەت سىزگە ئەلى !
# ]8 d. u5 c% r* \
% S& A) r, a% qمەنبەسى: مىسرانىم مۇنبىرىئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗