ئۇيغۇر
ئېسىل پەزىلەت- ئىناق قوشىنىدارچىلىق " _. x) c3 Z3 `; C* z ]8 d) s
$ c, A+ l) h* p2 t$ M( ?' o P4 T
/ g. ~1 D) Y4 C6 ~
& x( E) f9 l+ c V- f; V, m# Cتۇرسۇنئاي يۇنۇس ! }; q( t' m% o0 n0 y+ n6 @) n& l6 w
/ E% g1 E4 p8 ]" L0 f
% M+ D, a" }# }' s- m- X بىز ئەزەلدىنلا قوشىندارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئىناق، ئىجىل، قېرىنداشلاردەك ياشاپ، نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ھاسىل قىلغان ھەم قوشىندارچىلىق توغرىسىدا ئەھمىيەتلىك تەۋسىيىلەرنى، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى، كىتابلارنى يېزىپ ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرغان، ئەنئەنىۋى ئەخلاقنى مىزان قىلغان مىللەت.: S( N3 ?# U p/ Y5 M2 l
«ئەدەپ بوستانى ۋە ئەخلاق گۈلىستانى» دېگەن مەشھۇر كىتابتا مۇنداق قىممەتلىك بىلىملەر بار: قوشنىلارنىڭ كىم ۋە قايسى مىللەت كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ھۆرمەتلىمەك ۋە قوشنا ھەق- ھوقۇقىنى ئادا قىلماق ئادىمىيلىك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر!
$ F& x) g; M8 A' W2 F: }8 v - ھەي ئەزىزىم، سەن قوشناڭغا ياخشىلىق قىلىشتىن ھېچقاچان غاپىل بولما، ئۇلاردىن رەھىم- شەپقىتىڭنى ئايىما، سەن ----- تائاملارنى يەپ، راھەتتە ياشىغاندا قوشناڭ ئاچ ۋە غەم- ئازابتا ياشىسا، بىلگىنكى، بۇ ئادىمىيلىك ئەمەس.
/ L! m% G" [! Y- [# q; U, j% ] - قوشناڭ يىغلىغاندا سەن كۈلمە!
* o: ?+ G6 C2 @- u" o يۇقىرىقى ھېكمەتلەردىن مەلۇمكى، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش ھەقىقىي بىر ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئېسىل ئىشلىرىنىڭ بىرى. بىزدە يەنە مۇنداق بىر تەمسىل بار: ئۆي سېتىۋالما، قوشنا سېتىۋال. يىراقتىكى تۇغقاندىن قوشناڭ ئەلا.: B0 @4 {+ z4 ^2 [% p
دېمەك، بىر ئائىلە ئۈچۈن بىر قوشنىسىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ھەممىگە ئايان، تۇرمۇشتا ياخشى بىر قوشنىغا ئېرىشمەك ھەقىقەتەن تەس. دەۋرىمىزنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېز بولۇشى، ئېگىز بىنالارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ جىددىيلىشىشىدەك ئالاھىدىلىكى كىشىلەرنى بۇرۇنقىدەك ئارىلىشىپ ئۆتمەيدىغان قىلىۋەتتى." r5 L% H' C" u& [
بۇرۇن بىر قورۇدا بىر نەچچىلا ئائىلە بولغاچقا، بىر قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى ئوچۇق، ھەممەيلەن بىر- بىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى. غىزا سۇنۇشاتتى، مۇڭدىشاتتى، ھەتتا نەغمە- ناۋا قىلىپ كۆڭۈل ئاچاتتى. ھازىر قوشنىلار ئارا كىرىپ- چىقىش ئازلاپ كەتتى، بۇنداق بولۇشمۇ مۇقەررەر. چۈنكى ھازىر بىنادا ئولتۇرىدىغانلار ئاساسەن ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشلار بولۇپ، خىزمەت قىلىدىغانلار ئەتىگەن كېتىپ كەچ كېلىدۇ، خىزمەت، تۇرمۇش، ئائىلە بېسىمى ئېغىر، ھەممە ئادەمگە ۋاقىت يېتىشمەيۋاتقاندەك ئالدىراش بولغاچقا، مۇھىم ئىش بولمىسا كىشىلەرنى ئاۋارە قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايدۇ. ھەتتا پەرزەنتلەرمۇ ئاتا- ئانىلىرى بىلەن بىر ھەپتىدە بىرەر قېتىم، ئايدا نەچچە قېتىم كۆرۈشىدىغان تۇرسا بۇنى چۈشەنمىسەك بولامدۇ؟ ھازىر بىر ئۆيگە كىرىش ئۈچۈن بىناغا كىرىدىغان تۆمۈر ئىشىكنىڭ قوڭغۇرىقىنى بېسىپ، ئۆزىمىزنى مەلۇم قىلمىساق بولمايدۇ؛ كىرگەندىن كېيىن گېپىمىزنى ئېيتىپلا چىقىپ كېتىمىز، چۈنكى قۇرۇق پاراڭ سالىدىغان ۋاقىت نەدە؟
2 t0 m! q8 W# h# C كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، بىر قورۇدا ئولتۇرىدىغان قوشنىلار بىر نەچچە بىناغا بۆلۈنگەن، ئەمما ئاغرىق- سىلاق، ئۆلۈم- يېتىم بولغان ۋاقىتتا، قوشنىلار دەرھال ھازىر بولىدۇ، شۇڭا ئادەتتە »كىرىش- چىقىش قىلالمىدۇق« دەپ ئويلاپ قايغۇرۇپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ، چۈنكى ھالقىلىق پەيتتە بىر- بىرىمىزگە ھەمدەم بولساق، ياردەم قىلساق شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلىدۇ.' y8 P, @/ T+ i, k
كىچىكىمىزدە ئۆيدە ئاش پىشقاندا ئانىمىز قوشنا ھەققى دەپ بىر چىنە ئاشنى يانغا قوياتتى، ئاش ئۈستىگە كىرىپ قالسا »خۇدايى مېھمان، ياخشى ئادەم ئاش ئۈستىگە كېلىدۇ« دەپ خۇشال بولاتتى. بۇلتۇر بىزنىڭ ئۆيگە يۇرتتىن بىر تۇغقىنىمىز كېلىپ 4- كۈنى تاماق ۋاقتىدا بىر سوئال سوراپ قالدى:
5 r+ p3 Z& ~3 t& k; A - مەن ئۆيگە كەلگىلى تۆت كۈن بولدى، بىرەر ئادەم تاماققا كىرمەيدىغۇ؟
0 G4 M) p W1 k. q0 c - بۇ مېنىڭ ئۆيۈم، ئاشخانا ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتە ئۆيىگە قايتالايدىغانلار تاماق قىلىدۇ،- دېدىم مەن چاقچاق قىلىپ.4 n* Q% E0 j" i9 v( O+ r! x# _6 d
- ئەمما يۇرتتا كۈندە ئىككى، ئۈچ كىشى تاماق ئۈستىگە كىرىدۇ، تېخى گايىلىرى قارىسام مورىنىڭ تۈتۈنى سۇس چىقىۋاتىدۇ، ئاش پىشىپتۇ، دەپ كىردىم دەيدۇ،- دېدى ئۇ كۈلۈپ., d' x8 P% M8 ?; S) P$ l
دېمەك، يېزىلاردا سېنىڭ مېنىڭ دېمەي بىللە يەيدىغان، پىشقان تاماقتىن بىللە ھۇزۇرلىنىدىغان ئىشلار ئادەتتىكى ئىش ئىكەن، بىراق شەھەرلىكلەر ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تاماق يەيدۇ، تاماق سۇنۇشمۇ سەل تەسرەك، ئادەتتىكى تاماقلارنى قوشنىلارغا سۇنسا ئانچە ياخشى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بار، گايىلار تاماقتىن كېيىن دەم ئالىدۇ، ئۇخلايدۇ ياكى تېلېۋىزور كۆرىدۇ، ئىش قىلىپ شەھەرلىكلەر ئۆزىدىن كۆرە باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىقنى بەكرەك ئويلايدۇ، بىرەر ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشىپ چىقىش ئۈچۈنمۇ تېلېفون قىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ۋاقتى بولسا كىرىشكە توغرا كېلىدۇ، مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى كىرىپ- چىقىش سەل ئازلاپ قالدى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، كۆرۈشكەندە سالام- سائەت قىلىش، قىسقىچە ھال- ئەھۋال سوراش، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى باشقا يۇرتتىن كەلسە ياكى شۇ يەردىكى باشقا ئولتۇراق رايوندىن كەلسە ئۇلار بىلەن سالاملىشىپ ئۆيگە تەكلىپ قىلىش، ئاغرىق- سىلاق بولغاندا يوقلاش، ئىناق- ئىجىل ئۆتۈش ئىنتايىن مۇھىم. بىر ئىشىك، بىر كارىدوردا ئولتۇرىدىغانلار شۇ بىنانىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلماسلىق، قوشنىلارنىڭ دەم ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئېتىبار بىلەن قاراش كېرەك.; {3 g* }) M" `2 X3 @0 b9 N, W. R
بىنالاردا ئادەتتە سۇ چىقىپ كېتىدىغان، پار يولى ئېقىپ قالىدىغان، تازىلىق ئۆيىنىڭ تۇرۇبىسى بۇزۇلۇپ قالىدىغان ئىشلار پات- پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاغدا قوشنىلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتمەي قالمايدۇ، شۇڭا چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن ئەپۇ سوراش ۋە مەسىلىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىمىز زۆرۈر. چۈنكى بۇ ئىشلار سىزنىڭ ئادىمىي پەزىلىتىڭىزنىڭ، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل. ئەگەر ئەكسىچە يول ----، قوشنىلار ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولىدۇ، ھەتتا ئۇرۇشۇپ قالىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىدۇ.
* E+ g% ?" z, _" ` بىر كىشى بىر دانىشمەننىڭ ئالدىغا بېرىپ سوراپتۇ:
4 B$ `5 m2 z/ H6 J - ئېيتىپ باقسىلا، مەن ياخشىمۇ ياكى يامانمۇ؟ " ^* C0 I% g1 p/ m8 w3 r; m
- قوشنىڭىزدىن سوراڭ،- دەپتۇ دانىشمەن، ئەگەر ئۇلار سىزنى ياخشى دېسە، دېمەك سىز ياخشى. / Y4 Q$ ]; J6 {2 L
مانا بۇ قوشىندارچىلىق مۇناسىۋەتنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى دەلىللەيدىغان ئەڭ ياخشى پاكىت.
) ^( I+ J$ j! j( `4 J تۇرمۇشتا سىز تونۇماي بىرى سىزدىن قوشنىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى سورايدىغان ئوغلىغا قىز ئېلىپ بەرمەكچى بولغانلار قىزنىڭ مەھەللىسىگە كېلىپ، ئالدى بىلەن قوشنىلاردىن قىزنىڭ ئاتا- ئانىسىنى سورايدىغان ئىشلار كۆپ. ئەگەر قوشنىڭىز ئۇنداق كىشىلەرگە سىزنىڭ يامان گېپىڭىزنى قىلىپ بەرسە، ئىشىڭىزنىڭ سۇغا چىلاشقىنى شۇ، ھېچبولمىسا ئوتتۇرىدا خاتا چۈشىنىش پەيدا بولۇپ، بىر مەزگىللىك سۆز- چۆچەككە سەۋەبچى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قوشنىلار بىلەن ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈش ئىنتايىن مۇھىم.
0 C4 E- s# E* b, D" u9 s, H بىزدە »سەن تىنچ، قوشناڭ تىنچ« دېگەن سۆز بار. بۇ گەپنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن چۈشىنىشلىك ھەم چوڭقۇر. بىر بىنادا ئەر- خوتۇنلار سوقۇشۇپ قالسا، سەل ئاۋازى يوغانراق چىقىپ كەتسىمۇ قوشنىلار ئاڭلايدىغان گەپ. باشقىلار بۇ توغرىسىدا سوراپ قالسا، يېقىن قوشنىلار «ئۇلار ئادەتتە ئۇرۇشمايتتى، سەل رەنجىشىپ قالغان ئوخشايدۇ»دەپ، گەپنى كۆپەيتىۋەتمەسلىككە دىققەت قىلسا ئاقىلانىلىك قىلغان بولىدۇ. پەيتى كەلگەندە ئۆيگە تاماققا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىشمۇ بىر ياخشى پەزىلەت. ]% W. I& }2 O6 |
قوشنىلار ئارىسىدىمۇ چۈشىنىشمەسلىك، بىر- بىرىدىن يامانلىشىش قاتارلىق ئىشلار يۈز بېرىپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا باشقا قوشنىلار تەڭلىكتە قالىدۇ، كۆڭۈل ئاياپ قايسى قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىشنى بىلەلمەي بۇرۇقتۇم بولۇپ يۈرۈدۇ. شۇ سەۋەبتىن قوشنىلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىمۇ تەسكە توختايدۇ.
+ j6 K$ K5 _& h1 C; T) o بىزنىڭ بىر ياخشى ئادىتىمىز بار، بۇ ئىككى قوشنىسىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن قوشنىلاردىن بىر نەچچەيلەن جەم بولۇپ، ئۇلارغا چاي تۇتىدۇ ۋە ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ ئۇلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ بىر خاسىيەتلىك ساۋابلىق ئىش بولۇپلا قالماستىن، ئىنتايىن ئىسىل پەزىلەتنىڭ جۈملىسىدۇر.
$ e- f; }& G6 o ئومۇمەن، ئادەم كۆپ جايدا يا ئۇنداق يا مۇنداق زىددىيەتلەرنىڭ، كۆڭۈل ئاغرىقنىڭ، ھەر خىل پىتنە- پاساتلارنىڭ پەيدا بولۇشى نورمال ئەھۋال. پەقەت بىر نەچچە غەيۋەتچى ياكى جېدەلخورنىڭ سەۋەبىدىن بىر مۇنچە كوڭۈلسىزلىككە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇلار بىزگە دەردىنى تۆكسە، گەپلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ، ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى مەسلىھەت تېرىقىسىدە بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ؛ قوشنىلارنىڭ بېشىغا مۇسىبەت چۈشسە ياردەم قىلىش، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سوراپ، تاماق سۇنۇپ، قولىمىزدىن كېلىدىغانلىكى ياردىمىمىزنى ئايماسلىقىمىز كېرەك. خۇشاللىق، قايغۇلۇق كۈنلىرىدە بىللە بولۇشىمىز، ئۇلاردىن خاتالىق ئۆتۈلسە ئەپۇ قىلىشىمىز، كەڭ قورساق بولۇشىمىز ئىنتايىن پايدىلىق، ھەر قانداق چاغدا بىر- بىرىمىزگە غەمخورلۇق قىلىپ، ياخشى پەزىلىتىمىزنى، ئەخلاقىمىزنى جارى قىلدۇرساق، ئۇنى شۇ ۋاقىتتا بىلمىسىمۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چوقۇم چۈشىنىنىش ھاسىل قىلىپ ،ئۇلارغا يامان كۆزدە قاراپ قىلغان ياخشىلىقىمىزنى تىلغا ئالماسلىقىمىز، مىننەت قىلماسلىقىمىز زۆرۈر.) [! Y. J ~! e8 V
چۈنكى مىننەتنىڭ قوشنىلارنىڭ ئىناق، ئىجىل، ئۆتۈشىگە ئەكس تەسىرى بولۇپلا قالماستىن، زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن، ھەتتا بۇ تۈپەيلىدىن ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقمايدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. بۇ ئىشنىڭ جەمئىيەتكە يامان تەسىرى بولىدۇ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، گۈللەنگەن، تىنچ، ئىتتىپاقلاشقان ئورۇن قۇرۇشقىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا قوشىنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، تىنچ- خاتىرجەم مۇھىت يارىتىش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى.
. z, Y' h0 E$ {6 g. h 3 T% l: r3 \2 m8 c9 z' f6 t
3 e9 ~2 x4 p4 [( o% L* I: A
9 d, _. z' e2 u7 U3 D1 E9 O7 N& d* m) ^
مەنبەسى : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
+ `. k2 _+ o; c9 a6 Q& J- L- n) v/ r4 c8 }3 _' }' ~: k1 x# M
7 ]% Z/ E6 y: i+ m8 [$ ?) hئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |