يانفۇن
ياپونىيىلىكلەرنىڭ فامىلىسى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى # B2 }4 t8 G- w% V
# W4 K3 w2 q2 m" i- U) G) D6 l
- J5 g. j' p) J/ X 2 B" z1 Q! O* Y& M0 \0 d
; V# I/ F0 E; ?
مەريەم ساقىم * a8 H3 k% L O! t
5 h' U$ F/ Y. r0 L* e: Mشىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە كافېدراسىدىن " S; R) E) F6 \ s
7 S4 W# ~/ N5 l/ x
2 r4 g1 ]. b$ X: {9 H7 p/ K9 X' s, l M5 `# a p/ k
بۈگۈنكى دۇنيادا پەن - تېخنىكا مىسلىسىز تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، ئەقىلنى لال قىلغۇدەك مۆجىزىلەر يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق تىلىكى بولغان بەختلىك ياشاش پەقەت پەن - تېخنىكىنىڭ قۇدرىتى بىلەنلا كاپالەتلىنىپ كەتمىسە كېرەك.ئىنسانلار ھاياتلق مۇساپىسىدە تەبىئەتتىن ئۆز ئەجرىگە لايىق مەنىۋى ئوزۇقلارغا ئېرىشىپ كەلگەن. بىراق، ھازىرقى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ئىنسانلارغا تەبىئەت ئاتا قىلغان ئاشۇ مەنىۋى ئوزۇقنى ئاتا قىلالىشى مۇمكىنمۇ؟ئنسانلار قەدىمدىن تارتىپ بەخت چۈشەنچىسىنى ساقلىق، سۆيگۈ، بايلىقتىن ئىبارەت ئۈچ مەزمۇنغا يىغىنچاقلاپ كەلگەن.ھەرقانداق ئىنسان دۇنياغا تۆرەلگەن ئىكەن بەختلىك ياشاشقا ئىنتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ، ھەتتا خىيالىي ئارزۇلاردىمۇ بولىدۇ. ئەنە شۇ خىيالىي ئارزۇلار ئىچىدە دۇنياغا يېڭىدىن كۆز ئاچقان بوۋاققا تاللانغان ئىسىمنىڭ شۇ بالىغا بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشىگە ئىشىنىشتەك ئەنئەنە - ئۇدۇملار بار.ئادەم دۇنياغا تۆرىلىش بىلەنلا ئىسىم قويۇلىدۇ. ئادەم تۇغۇلۇپ رويخەتكە ئېلىنغاندىن باشلاپ، مەكتەپكە كىرىش، خىزمەتكە چىقىش، توي قىلىش، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش، ئولتۇراق زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش، شەخسنىڭ ئىززەت - ئابرويى، گراژدانلىق مەجبۇرىيىتى، ئىجتىمائىي ئورنى قاتارلىقلار شۇ ئادەمنىڭ ئائىلە نەسەبى، ئىسىم - فامىلىسى ئارقىلىق قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. مەن تۆۋەندە ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئىسىم - فامىلە تاللاشتىكى ئەقىدە، كۆز قاراشلىرى ۋە فامىلە قوللىنىش ئەھۋالىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى فامىلە قوللىنىش ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن ئاز - تولا پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دېگەن ئۈمىدتە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.. O/ C7 E3 {, z: j, G
ياپونىيىلىكلەردە بالىلارغا ئىسىم ۋە فامىلە تاللاشتا تاللانغان ئىسىمنىڭ شۇ بالىغا بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشتەك ئىلاھىي قۇدرىتىگە ئىشىنىش ۋە ئىسىم بىلەن بالىنىڭ بەخت - سائادىتىنى تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ قانۇنىيىتىگە باغلاپ چۈشىنىشتەك ئەقىدىچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.ئۇلار ئىسىم - فامىلە تاللاشتا تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن ئورگانىزىمنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ماددىلارنىڭ بىر بىرىنى ئاپىرىدە قىلىش ۋە يەكلەشتەك ئىككى ئاساسىي قانۇنىيەتنى ئىزاھلايدىغان مەنپى (-)لىك ، مۇسپى (+)لىق نەزەرىيىسىگە، تەبىئەتتىكى زىددىيەت ۋە بىرلىكنىڭ ئاساسى بولغان بەش ئاناسىر(ئوت، ھاۋا، تۇپراق، ياغاچ، مېتال)نىڭ ئۆزئارا زىددىيىتى ۋە بىرلىك گارمونىيىسى پرىنسىپلىرىغا ھەمدە 12 بۇرچلۇق يۇلتۇزلار تۈركۈمى يەنى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى، پەسىل ئۆزگىرىشى قاتارلىق تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ھەققىدىكى بىلىملىرىگە ئاساسلىنىدۇ.ھەرقانداق ئىسىم - فامىلە ئېغىزدىن چىققان تاۋۇشلارغا ئاساسلانغان بىر نەچچە ھەرپتىن تۈزۈلىدۇ. ياپونىيىلىكلەر ئاشۇ ئىسىم ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھەرپلەر تاۋۇش بولۇپ ئېغىزدىن چىققاندا تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان بىر سېھرىي كۈچنى، ئىلاھىي ھىكمەتنى ئىپادە قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ ۋە بۇنى كوتوتاما ( 言 灵) دەپ ئاتايدۇ. يېزىققا ئىگە ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئېلىببەسىدىكى ھەرپلەر(ياكى سۆزلەر)ھاياتىي كۈچكە ۋە تارىخىيلىققا ئىگە، شۇڭا فامىلىگە ماس ئىسىم تاللاشتا، قۇراشتۇرۇلغۇسى سۆز ۋە ھەرپلەرنىڭ بىر بىرىگە ماسلىشىشى ۋە جىپسىلىشىشى تولىمۇ مۇھىم دەپ قارىلىدۇ.ياپونىيىلىكلەرنى يېزىقى ئەڭ دەسلەپتە 50 ھەرپتىن تۈزۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى A,I, U, E, O دىن ئىبارەت بەش سوزۇق تاۋۇش ھەرپلەرنىڭ يادروسى دەپ قارىلىدۇ. قالغان ھەرپلەر بەش سوزۇق تاۋۇشقا ماسلاشقان ھالەتتە 10 قۇرغا تىزىلىپ 50 ھەرپنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن:1 Y7 R1 a6 Q- M7 _$ c( ^
"ئا"قۇرى: A I U E O "كا"قۇرى: KA KI KU KE KO"سا" قۇرى: SA SHI SU SE SO"تا"قۇرى: TA CHI TSU TE TO "نا" قۇرى: NA NI NU NE NO "خا" قۇرى: HA HI HU HE HO "ما" قۇرى: MA MI MU ME MO "يا" قۇرى: YA (I) YU (E) YO "را" قۇرى: RA RI RU RE RO "ۋا" قۇرى: WA (I) (U) (E) O ھازىر YA ۋە WA قۇرىدىكى بەزى ھەرپلەر A قۇرىدىدىكى ھەرپلەر بىلەن تەكرار بولغاچقا 05 ھەرپ بولمىسىمۇ دەسلەپكى ئۇقۇم بويىچە 05 ھەرپ دەپ ئاتاش ئادەت بولۇپ قالغان.ھەرپلەر تىزىلمىسىدىكى 01 قۇرنىڭ ھەر بىرى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تۈۋرۈكى بولمىش بەش ئاناسىرنىڭ خۇسۇسىيىتى بويىچە تۈرلىنىدۇ.A, YA , WA قۇرلىرىدىكى ھەرپلەر بەش ئاناسىرنىڭ مەركىزى بولمىش تۇپراققا؛ KA قۇرىدىكى ھەرپلەر باھار خاراكتېرىگە ئىگە دەپ قارالغاچقا دەرەخ )ياغاچ(كە؛ TA, NA, RA قۇرلىرىدىكى ھەرپلەر ئوتتەك ياز تەپتىنى نامايەن قىلىدۇ دەپ قارالغاچقا ئوتقا؛ SA قۇردىكى ھەرپلەر كۈزدىكى مول ھوسۇللۇق كەيپىياتنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارالغاچقا ئالتۇنغا؛ HA, MA قۇرلىرىدىكى ھەرپلەر "تاما- تاما كۆل بولۇر"، "تامچىدىن دېڭىز"دېگەن تەسەۋۋۇرغا ئاساسەن سۇغا مەنسۇب دەپ قارىلىدۇ.بەش ئاناسىرنىڭ بىر بىرىنى ئاپىرىدە قىلىش ۋە يەكلەش قانۇنىيىتىدە دەرەخ ئوتنى، ئوت تۇپراقنى، تۇپراق ئالتۇننى، ئالتۇن سۇنى ئاپىرىدە قىلىدۇ، شۇڭا فامىلىنىڭ باش ھەرپى بىلەن ئىسىمنىڭ باش ھەرپى بىر بىرىنى ئاپىرىدە قىلىدىغان ئاناسىرغا مەنسۇپ بولغاچقا بۇ خىل تاللانغان ئىسىم ياخشىلىق ۋە بەخت - تەلەيدىن بىشارەت بېرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن:田 中 幸 雄 ( تاناكا يۇكىئو) دىكى تاناكا(田 中)فامىلە، يۇكىئو( 幸 雄)ئىسىم. فامىلنىڭ باش ھەرپى "تا" ئوتقا مەنسۇب، ئىسىمنىڭ باش ھەرپى "يۇ" تۇپراققا مەنسۇب، ئوت تۇپراقنى ئاپىرىدە قىلغاچقا، مۇنداق ئىسىم - فامىلە ئىنسانغا بەخت - سائادەت، ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.% ?) U& v9 P$ H7 h
0 G# z( X7 K; g" V
توم سىزىق ئاپىرىدە قىلىش، ئىنچىكە سىزىق يەكلەشنى بىلدۈرىدۇ.ياپونيىلىكلەر يەنە ئىسىم - فامىلىلەردىكى خەتلەرنىڭ سىزىق سانى ۋە ئۇنىڭدىكى باش ھەرپ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە، مەسىلەن: فامىلىنىڭ باش ھەرپى تەڭرى(ئاسمان)گە، ئىسىمنىڭ باش ھەرپى زېمىن (يەر)گە مەنسۇپ دەپ قارىغاچقا، فامىلە بىلەن ئىسىم ئاسمان - زېمىن بىرلىكىنىڭ تەقسىملىنىشى بويىچە تاللىنىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ.ياپونىيىلىكلەر يەنە ئىسىم - فامىلىلەر خەت سىزىق سانىنىڭ جۈپ - تاقلىقى مەنپى (-) ۋە مۇسپى (+)لىك نەزەرىيىسىگە ئاساسلىنىلسا، بۇ ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىدۇ، دەپ قارىشىدۇ.قەدىمكى زاماندا كائىناتتىكى ھادىسىلەر تەرتىپسىز، قانۇنىيەتسىز ھالەتتە بولغانمىش، شۇڭا كېيىنكى كىشىلەر كائىناتتا لەيلەپ يۈرىدىغان يېنىك نەرسىلەرنى ئاسمانغا، ئېغىر چۆكۈندە نەرسىلەرنى يەرگە ئوخشاتقانمىش، مانا مۇشۇ قاراشلاردىن ئاسماننى مۇسپى(+)، يەرنى مەنپى (-)دەپ ئايرىش شەكىللەنگەنىكەن. ھازىرقى زامان ئاسترونومىيە ۋە فىزىكا ئىلمىدا مۇسپى - مەنپى ئېنېرگىيىلەرنىڭ ئۆز ئارا تەسىرلىنىشىدىن ئالەم بىنا بولغان دەپ قارىلىدۇ. e4 `' l7 G. g8 b. G
ياپونىيىلىكلەردە فامىلىنىڭ خەت سىزىق سانى تاق سان بولسا مۇسپى، ئىسىمنىڭ خەت سىزىق سانى جۈپ سان بولسا مەنپى بولغان بولىدۇ. مۇشۇنداق قۇراشتۇرۇلغان فامىلە - ئىسىم قۇتنىڭ نىشانى دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە فامىلىنىڭ خەت سىزىق سانى جۈپ سان بولسا مەنپى، ئىسىمنىڭ خەت سىزىق سانى تاق سان بولسا مۇسپى بولۇپ، بۇمۇ قۇتنىڭ نىشانى دەپ قارىلىدۇ.يۇقىرىقىلاردىن باشقا ياپونىيىلىكلەر تۇغۇلغان بالىنىڭ يۇلتۇزىغا قاراپ، يۇلتۇزلر تۈركۈمىنىڭ خاراكتېرى بويىچە فامىلىگە ماس كېلىدىغان ئىسىم تاللىنىدۇ.يۇقىرىقىلاردىن ياپونىيىلىكلەرنىڭ تەبىئەتنىڭ سېھرىي كۈچىگە چوقۇنۇش ۋە ئۆز ئىسىم - فامىلىلىرىنى ئۇنىڭغا باغلاش ئارقىلىق سېھىرلىك تەبىئەتتىن بەخت - سائادەت تىلەش ئىستىكىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى قىياس قىلىش تەس بولمىسا كېرەك.ياپونىيىدە ئومۇميۈزلۈك فامىلە قوللىنىش مېيجى (明治)يېڭىلىققا كۆچۈش دەۋرىدىن يەنى 1870 - يىللاردىن كېيىن ئومۇملاشقان. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئېدو(江户) دەۋرىدە فامىلە شەمشىرى ئېسىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. بۇ پەقەت يۇقىرى قاتلامدىكى ھەربىيلەر، ئاقسۆڭەكلەر ۋە دۆلەتكە خىزمەت كۆرسەتكەنلەر بىلەنلا چەكلەنگەن. ياپونىيىلىكلەر رەسمى فامىلە قوللىنىشتىن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ نەسىل - نەسەب ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ھەر خىل شەكىللەردە ئىپادىلەپ كەلگەن. قاتناشنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن مۇقىم بىر جايدا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ياپونىيىلىكلەر ئۆزلىرىنى تۇرۇشلۇق مەھەللە، يېزا، كوچا ناملىرى ئارقىلىق باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ئۆزلىرى شۇغۇللانغان كەسىپ نامىنى ئىسىم فامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۆز قەۋمىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئۆتكەن. مەسىلەن: تۆمۈرچى، ساتراچ، گەزلىمىچى ... دېگەندەك.) h" V8 g4 K% e7 K1 D5 {- h) j
ياپونىيىدە 6 - 7 - ئەسىرلەردە ياپونىيە تارىخىدىكى مەشھۇر فۇجىۋارا ( 藤 原氏) جەمەتىنى چۆرىدىگەن ھالدا فامىلە قوللىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. بىراق بۇ فامىلە شۇ جەمەت كىشىلىرى ۋە شۇ جەمەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان بىر يۈركۈم كىشىلەر بىلەنلا چەكلەنگەن. مەسىلەن: كيوتو شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان فۇجىۋارا جەمەتىدىكىلەر ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان كوچا ناملىرى بويىچە 1 - كوچىدىكىلەرنىڭ فامىلىسى ئىچىجو( 一条 (، 2 - كوچىدىكىلەرنىڭ نىجو(二条 (، 3 - كوچىدىكىلەرنىڭ سانجو ( 三条)بولغان.
+ n) r+ ?7 S6 ~5 T; Hفۇجىۋارا جەمەتىنىڭ كيوتودىكى دەرياغا يېقىن يەردە ئولتۇراقلاشقان ئەزالىرى كوندو(近 藤) دېگەن فامىلىنى قوللانغان./ h% `- H2 u! X; p: A
فۇجىۋارا جەمەتى فامىلە ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆز جەمەتىنىڭ شان - شۆھرىتىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ساقلاپ، ئۆز يىلتىزى ۋە نەسەبىنى ئۇنتۇماسلىقنى مەقسەت قىلغان.; R9 A- u4 \8 c& J: D
ياپونىيىدە ئومۇميۈزلۈك فامىلە قوللىنىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پۇقرالار كۆپىنچە يەر(ئېتىز)، دالا ۋە ئۆسۈملۈك ناملىرىغا ئوخشاش قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ناملارنى فامىلە قىلىپ ئىشلەتكەن. مەسىلەن:تاناكا(田 中)، كۇرانو( 藏 野)، ئۇئې گاكى ( 上 柿)، ئۇمې مۇرا( 梅 村) قاتارلىقلار. بىر جەمەت كىشىلىرىنىڭ شاخلاپ كۆپىيىشى ھەمدە ئوخشاش فامىلىلەر بەك كۆپىيىپ كەتكەچكە، فامىلە كەينىگە شۇغۇللانغان كەسپ نامىنى قوشۇش ئارقىلىق بىر بىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئەھۋالى مەيدانغا كەلگەن. مەسىلەن: شال تېرىپ گۈرۈچچىلىك بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىدىغان ناكامۇرا جەمەتى (中 村) ئۆزلىرىنى باشقا ناكامۇرا(中 村) جەمەتىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ناكامۇرا (中 村)نىڭ كەينىگە كومېيا (米 屋 گۈرۈچچى)دېگەن كەسپ نامىنى قوشقان.& T3 c# p% V- {, \$ M5 _- M
ياپونىيىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان فامىلىلەرنىڭ بىرى سۇزۇكى (玲 木 ) بولۇپ، بۇ جەمەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بوۋىلىرىنىڭ بىرى ۋاكا ياما ۋىلايىتىدىكى بىر مەشھۇر قەدىمىي بۇتخانىنىڭ قوڭغۇراقچىسى بولغاچقا، "قوڭغۇراقچى"مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۇزۇكى ( 玲 木 ) دېگەن بۇ نام كېيىنكىلەرگە فامىلە بولۇپ قالغانىكەن. ياپونىيىدە بۇتخانا، ئىبادەتخانىلار بەكمۇ كۆپ بولغاچقا، بۇ خىلدىكى فامىلىمۇ كۆپىيىۋەرگەن.0 ]) J W) M- {: m+ `( }
ياپونىيىدە ئەڭ ھەيران قالارلىق بىر ئىش شۇكى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پەقەت بىرلا جەمەتنىڭ يەنى پادىشاھ جەمەتىنىڭ فامىلىسى يوق ئىكەن. ياپونىيە خەلقى ناۋادا ئۇلرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسەئىسىم - شەرىپىنىڭ كەينىگە پادىشاھ ئالىيلىرى، خانىش ئالىيلىرى، مەلىكە ئالىيلىرى، شاھزادە ئالىيلىرى دېگەندەك سۈپەت سۆزلىرىنى قوشۇپ ئاتىشىدۇ. مەسىلەن: ھازىرقى پادىشاھنىڭ ئىسمى ئاكىخىتو (明 仁 ) بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتىغاندا چوقۇم تېننو ئاكىخىتو(پادىشاھ ئاكىخىتو ئالىيلىرى)دەپ ئاتايدۇ. خانىش، شاھزادە ۋە مەلىكىلەرمۇ ئوخشىمىغان سۈپەت سۆزلىرى بىلەن ھۈرمەتلىنىپ تىلغا ئېلىنىدۇ.پادىشاھ شوۋانىڭمۇ ئۈچ ئىنىسى بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئالدىغا ئۆي ئايرىپ چىققاندىن كېيىن، ئۆز ئىسىملىرىنىڭ ئالدىغا پادىشاھ جەمەتىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان چىچىبۇنو ميا ( 秩 父 宫)، مىكاسانو مىيا (三立 宫 )، تاكاماتسۇنو مىيا ( 高 松 宫 ) دېگەندەك سۈپەت سۆزلىرىنى قوشۇپ ئىشلەتكەن.
0 D7 E" l4 d$ K$ f! |/ g7 l& u' Q$ j: z& B( V/ v! H- `
تەھرىرلىگۈچى: ئابلىز ئورخۇن 6 ?' G! U+ f- T# T- w' y
, e5 Z. D# u# v. D
, G w1 b$ V1 A+ _$ Pرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |